ئادەمنى ماگنىتتەك تارتىدىغان سېھىرلىك ناخشا
كىشىلەر پەيلاسوپلاردىن ‹‹گۈزەللىك دىگەن نىمە ؟›› دەپ سورىسا ئۇلارنىڭ نىمە دەپ جاۋاپ بېرىدىغانلىقىنى مەن بىلمەيمەن.چۈنكى مەن پەيلاسوپ ئەمەس.بۇ سۇئال ئەگەر مەندىن سورالسا مەن:‹‹ گۈزەللىك-ھەرقانداق بىر قاشاڭ تۇيغۇنىمۇ غىدىقلاپ ئىختىيارسىز ئۆزىگە رام قىلىۋالىدىغان بىر خىل جەلىپ قىلىش كۈچى›› دەپ جاۋاپ بېرىمەن. بۇ خىل يەكۈنگە كىلىشىمگە تۈنۈگۈن مەن شەھەرگە كىسەل يوقلاپ بېرىپ قايتارشىمدا ئاپتوبۇستا يۈز بەرگەن كىچىككىنە بىر ۋەقە سەۋەپچى بولدى. يېرىم يىلچە بولۇپ قالدى.تىلىۋىزورلاردا قويۇلىدىغان ناخشا موزىكىلار مىنى ئانچە ئۆزىگە تارتالمايدىغان بولۇپ قالدى.مەن شوخ، مۇڭلۇق ياكى لېرىك خەلق ناخشىلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن. ئىجادى ناخشىلار پۇراقسىز سۇنئى گۈللەردەك تۇيۇلۇپ مەيلىمنى تارتالمايدۇ.بۇلتۇرلىتىن ئاپتۇبۇسقا چىقىپ قالسام ئالايىتەن تېلىۋىزۇرى ۋە لازىر نۇرلۇق دىسكا قويغۇچىسى بار ئالى دەرىجىلىكلىرىگە چىقىپ، ئالدىنقى رەتتىن ئورۇن ئېلىپ، ئىسىل ناخشىلار ياكى كىنو فىلىملاردىن ھوزۇرلانغاچ 2-3 سائەتلىك سەپەرنىڭ قانداقلارچە تېزلا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى تۇيمايلا قالاتتىم.لىكىن بۇ يىلچۇ؟
نەەگىلا قارىماڭ ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش فىلىملىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئايىقى چىقماس كۆپ قىسىملىق تىلىۋىزىيە فىلىملىرى قاپلاپ كەتكەن بولغاچقا، كۆرگۈممۇ كەلمەيدىغان.ماشىنىغا چىقساممۇ ئارقا رەتكە بېرىپ ئۈگدەپ ئولتۇرۇپ ئۆيدىكى چاغدا چالا قالغان ئۇيقۇلىرىمنى ئۇخلىۋالىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.بۈگۈنمۇ شۇ ئادىتىمگە ئاساسەن ئارقىغا بېرىپ ئولتۇردۇم.لىكىن ئۇخلاشقا مۈمكىنچىلىك بولمىدى.يېنىمىزدىكى بىر ياشانغانراق پاراڭچى ئايال جەمىيەتتىن،ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن ئۇ بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپ بىزنى (يېنىدىكى يولۇچىلارنى) ئۆزىگە قارىتىۋالدى.ئاپتۇبۇسنىڭ تېلىۋىزورىدا يېڭى چىققان ئۇيغۇرچە ۋە ئۆزبىكچە تاللانما ناخشىلار قويۇلماقتا ئىدى.لىكىن باشقىلارمۇ مەندەك تۇيغۇدىمۇ قانداق تېلىۋىزۇر بىلەن ھىچكىمنىڭ چاتىقى يوق.ھەممەيلەن ئۆز پارىڭىغا چۈشۈپ كېتىشىپ ئاپتۇبۇس ئىچى پاراڭ بىلەن تولۇپ كەتتى.سەپىرىمىزنىڭ يېرىمى تۈگىگەن بىر چاغدا قارىسام ئاپتۇبۇسنىڭ ئىچى بىردىنلا ئادەم قالمىغاندەك جىمىپلا كەتتى.مەن ھەيران بولۇپ مۇھىتنى كۈزەتتىم .ھەممىلا يولۇچى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاپتۇبۇسنىڭ تېلىۋىزۇرىدا چىقىۋاتقان يېڭى بىر خەلىق ناخشىسىنى بېرىلىپ ئاڭلىماقتا ئىدى.ھەممە ئادەمنى جەلىب قىلىۋالغان قانداق ناخشىكىنە؟! مەنمۇ بېرىلىپ كۆرۈپ كۈزەتتىم.ناخشىنىڭ ئېمتىۋى كۆرۈنىشىدە بېشىغا قۇمۇللۇقلارنىڭ ئالما گۈللۈك قىزىل دۇخاۋا دوپپىسى بىلەن ئاپپاق كۆڭلەك كىيىشىۋالغان،يېرىمىدىن كۆپرەكى داپ،قالغانلىرى قۇمۇل غىجىكى،ۋە دۇتتار ،تەمبۇر، راۋاپلارنى كۆتۈرۈۋالغان ياش قېرى بولۇپ ئون نەچچە كىشى ئاجايىپ مۇڭلۇق شۇنداقلا شوخ رېتىملىك بىر ناخشىنى ئېيتقاچ كېچە مەنزىرسى ئىچىدە ئۆيمۇ -ئۆي مېڭىپ دەرۋازىسى ئالدىدا ساز چېلىپ كوللىكتىپ ناخشا ئېيتماقتا، ئۆي-ئۆيلەردىن ئۇخلاۋاتقان كىشىلەر ئويغۇنۇپ سىرتقا چىقىپ بەزىلىر گۆش،بەزىلىرى نان،بەزىلىرى قوي،يەنە بەزىلىرى نۇرغۇن پۇل دىگەندەك نەرسىلەرنى ئۇلارغا ئاچىقىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ شوخ سازىغا بىردەم ئۇسۇل ئوينىۋېتىپ ئاندىن كىرىپ كېتىشمەكتە ئىدى.ۋوي بۇ قانداق ناخشىكىنە؟! مەزمۇنىغا قۇلاق سالدىم:
ئىشكىڭنىڭ بېشىدىن ئاي كۆرۈنەر،
ھەممە ئۆيدۈن مۇشۇ ئۆي باي كۆرۈنەر.
رەببىم ئاللا،رەببىم ئاللا رامىزان،
خۇش مۇبارەك مۇبارەك كېلىدۇ بۇ رامىزان،
ئىشىكىڭدىن قارىسام تاينىڭ ئىزى،
خەسە كۆينەك ئاچىقار باينىڭ قىزى.
...
ھە، ئەسلىدە رامىزان قوشىقى كىرىشتۈرۈلگەن خەلىق ناخشىسى ئىكەندە؟! مەن بۇرۇن سۇدىيەئاي مەھمۇد ئېيتقان قۇمۇل خەلق ناخشىلىرىنى ئەڭ ئىسىل كۈي سۈپىتىدە ھوزۇرلىنىپ ئاڭلايتتىم. دۇنيادا بۇ ناخشىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان ئىسىل كۈي يوقتەك تۇيۇلۇپ كېتەتتى ماڭا! بۇ ناخشىنىڭ مېنىلا ئەمەس پۈتۈن ئاپتۇبۇستىكى 30-40 ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ قەلىب تارىنى چېكىپ بۇ قەدەر ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغىنىنى قارىمامدىغان .شۇئان ئىسىمگە كىچىك ۋاقىتلىرىم كەلدى. ھەر يىلى رامىزان ئېيىنىڭ 10كۈنى كېچىسى چوڭلارغا ئەگىشىپ ئۆيمۇ ئۆي مېڭىپ رامىزان ناخشىسى ئېيتاتتۇق،ئكيلەردىن بەرگەن تۇخۇم، گۆش،قوغۇن تاۋۇز،مىۋە چىۋە دىگەندەك نەرسىلەرنى تالىشىپ تۇرۇپ يەيتتۇق.مۇھىم قىممىتى يۇقۇرىئاشلىق،پۇل قوي ئۆشكە دىگەندەك نەرسىلەرنى چوڭلار توپلاپ قىيىنچىلىقىبار نامراتلارغا تۇل ىوتۇن يىتىم ئوغۇللارغا،قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارغا ئاپىرىپ بېرىپ كاتتا ساۋاپ ئېلىشاتتى. نىمە دىگەن كۆڭۈللۈك كۈنلەر ئىدى ھە.خۇددى شۇ كۈنلەر قايتىپ كەلگەندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم.
قارىسام ئەتىدىن كەچكىچە ئۆزبىك بىلەن تۈرىكنىڭ ۋە ياكى شارۇلخاننىڭ ناخشىلىرىنىلا ئاڭلاپ مىللى ناخشىلىرىمىزنى‹‹مەتۇ›› كۆرۈپ ئۆزىچە ياراتمايدىغان ياسانچۇق سىتۇدىنىت قىزلاردىنمۇ ئىككى ئۈچى :‹‹ۋاھ،نىمە دىگەن شوخ،نىمە دىگەن مۇڭلۇق،ناخشا بۇ؟ئادەمنى ئىزىۋىتىش ئورنىغا روھلادۇرۇۋېتىدىكىنا!›، دىيىشىپ تامىقىنى چىكىشىپ جىمجىت ئاڭلاپ ئولتۇرۇشاتتى. قۇمۇل خەلىق ناخشىلىرىنڭ سېھرى كۈچى نىمە دىگەن كۈچلۈك ھە!
مەن بۇ ناخشىغا ئاشىق بولۇپ قالغان ئىدىم.مەن نەسرىلەشتۈرۈپ يېزىۋاتقان ‹‹شاھنامە›› رومانىدا بىرسىنى بىر كۆرۈپلا،ياكى ھۆسنىنىڭ تەڭداشسىز تەرىپىنى بىر ئاڭلاپلا كۆيۈپ قالىدىغان ئاشىقلارمۇ تەسۋىرلىنەتتى.مەنمۇ شۇلارنىڭ ھالىغا قالدىممۇ نېمە؟! ماشىندىن چۈشىدىغان چاغدا شوپۇر ئۇستىغا ھېلىقى پىلاستىنكىنى سېتىپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن بولساممۇ قەتئى ئۇنىمىدى.مەن ئۆيگە كەلگەن چېغىمدا سائەت كەچ سائەت23تىن ئاشقان ئىدى.ھېلىقى ناخشىنىڭ يېقىملىق ساداسى قۇلاق تۈۋىمدىن ھېچ كىتەي دىمەيتتى. بۇ ناخشىنى تور دۇنياسىدىن ئىزدەپ تاپماقچى بولۇپ ئۇيغۇرچە يول لا ئىزدەش ماتورىنى ئىشلىتىپ ئىزدەتكەن بولساممۇ 3mp ھۆججىتىنىلا تېپىپ بېرىپ سۈرەتلىكىنى تاپالمىدى.شۇنىڭ بىلەن 56فىلىم يوللاش تورىنى ئېچىپ ناخشا ئىسمىنى پىنيىنچە كىرگۈزۈپ ئىزدەتسەم تاپالىدى. لوتۇن ئىسىملىك بىرتورداش دوست بۇ تور بەتكە ئاللىقاچان يوللاپ قويغان ئىكەن.قاتتىق چاڭقىغان چاغدا سۇغا ئېرىشكۈچى قانچىلىك ھوزۇرلانغان بولسا مەنمۇ بۇ رامىزان ناخشىسىدىن شۇنچىلىك ھوزۇرلىنىپ ئاخشام 1-2 سائەت،بۈگۈنمۇ 30-40قېتىمچە ئاڭلاپ ۋە كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرۈپ دەردىمگە دەرمان قىلدىم .مىنىڭ ياخشى نەرسە تاپسام ئۆزۈم يالغۇز ئىگەللىۋالماي كوللىكتى بىلەن ئوراقلىشىپ بىرگە ھوزۇرلانسام دەيدىغان بىر ياخشى خاراكتىرىم بولغاچ كەچتە بۇ ناخشىنى مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان مىسرانىم تورى بىلەن دوستۇم تورىغا يوللاپ قويۇپ تورداش دوستلار بىلەن بىرگە ھوزۇرلانغىم كەپ قالدى.لىكىن كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈۋېتىپ كىرىشتۈرگۈچى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى بايقىدىم شۇڭا بۇ يازمامدا بۇ ئىسىل ئەمگەكنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچىلارنىمۇ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالغۇم كەلدى.كۆرۈنۈشلەردە خەت قىستۇرۇلغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا بۇ ناخشىنىڭ ئېمتىۋىسىنى ‹‹قىزىل ياپراق ئۈن سىن مەركىزى›› ئىشلىگەن. فىلىم ئىشلىەۈچى قادىر كىچىك مۇھەممەد . فىلىم كىرىشتۈرگۈچى: ئىمىنجان تۇرسۇن.ئاكورىدلاشتۇرغۇچى قادىر نىياز دىگەن قىممەتلىك ئۇچۇرلار بار ئىكەن.مەن بۇ يازمامدا بارلىق تورداشلار نامىدىن بۇلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇلار مۇشۇنداق بىر گۈزەل كۈينىڭ روياپقا چىقارغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پەخىرلىنىشكە تىگىشلىك.تۆۋەندە تورداشلارنڭ ھوزۇرلىنىشى ئۈچۈن بۇ ناخشىنى يوللاپ قويدۇم. مەن بۇنى تورغا يوللاشتا ھىچقانداق پەقەت بۇ گۈزەل كۈي،يېقىملىق ىەلىق ناىشىسىدىن تورداشلارنى ھوزۇرلاندۇرماقچى بىر ياخشى ئىجادىيەتنى تونۇشتۇرماقچى خالاس،شۇڭا باشقۇرغۇچىلار بۇ ناخشىنى ئېمتىۋىسىنى ئىشلىگۈچىلەر بۇ ياخشى كۆڭۈلنى قوبۇل قىلساڭلار سۈكۈت قىلىڭلار.مەنپەتىمىزگە زىيان يەتتى دەپ قارىساڭلار.مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارغا ئىنكاس قىلساڭلار ماقالىنى ساقلاپ قېلىپ پىلەش ھۆججىتىىنى ئۆچرىۋەتسە بولىدۇ.
مەنبە:
http://player.56.com/v_NTc3NjM2MTE.swf