مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2266|ئىنكاس: 0

شەيتان دىنى ۋە كالفورنىيە مېھمانخانىسى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37556
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 233
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 675 سائەت
تىزىم: 2011-4-14
ئاخىرقى: 2011-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-15 07:34:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       كالفورنىيە مېھمانخانىسى دېگەن ناخشا ئامېرىكىدىكى Eagles مۇزىكا ئەتىرىتى تەرىپىدىن 1969-يىلى لىنتىغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ ناخشا دۇنيادىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ناخشىلارنىڭ بىرى، بۇ ناخشىدىكى گىتتارنىڭ لىرىك كۈيى ئادەمنى ھەقىقەتەن مەپتۇن قىلىدۇ، ئەمما مۇشۇنداق يىقىملىق بىر ناخشىنىڭ بىر بىدئەت دىن، بىزگە، بىزنىڭ دىنىمىزغا، مەدەنىيىتىمىزگە ھەتتا پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاق، تەرەققىياتىغا دۈشمەنلىك قىلغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق ناخشىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋاقتىڭىزدا سىز بۇ ناخشىغا قانداق قارايسىز؟

كالفورنىيە مېھمانخانىسى: [mp3=1]http://lx128.cn/vod/%BC%D3%D6%DD%C2%C3%B9%DD.wma[/mp3]
        بۇ ناخشا بەزى كىشىلەر تەرىپىدىن ئىنسانىيەتنى ھەقنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇپ، غاپىللىققا، ئەخلاقسىزلىققا، بۇزۇقچىلىققا ئاپارماقچى بولغان شەيتان دىنىنىڭ ناخشىسى دەپ قارىلىدۇ. بەلكىم مۇشۇنداق يىقىملىق بىر ناخشىنىڭ ئاشۇنداق بىدئەت كىشىلەرنىڭ باشقىلارنى ئازدۇرۇشتىكى قورالى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ئەمما بۇ خىل قاراش ئاساسسىز ئەمەس، ئۇنى تۆۋەندىكىلەر بىلەن ئىسپاتلاش مۇمكىن.
بۇ ناخشىنى ئېيتقان Eagles (ھىندىستاندىكى بىتئەت دىننىڭ نامىنى مۇزىكا ئەتىرىتىنىڭ نامى قىلىپ قوللانغان) مۇزىكا ئەتىرىتى بۇ ناخشىنى San Francisco’s First Church of Satan( سانفىرانسىسكودىكى تۇنجى شەيتان چىركاۋى)دا ئۈنگە ئالغان بولۇپ، بۇ ناخشىنى ئەسلىدىكى سۈرئىتىنىڭ تۆتتىن بىرى بويىچە تەتۈر قويۇپ ئاڭلىساق، غەلىتە بولغان ئاۋازلار چىقىدۇ، بولۇپمۇ ناخشىنىڭ ئارقىغىراق كەلگەن يىرىدىكى “they stab it with their streey knives,but they just can’t kill the beast” دېگەن جۈملىنى ئاڭلىغاندا سىز ئېنىق بولغان “Satan had started his plan,and he did it…” (شەيتان پىلانىنى باشلىدى، ھەم ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى)، ”Satan had help.He organized his own religion“ (شەيتان دائىم بىزگە ياردەمدە ،ئۇ ئۆزىنىڭ دىنى قوغداپ تۇرىدۇ) دېگەن گەپلەرنى ئاڭلايسىز.

    بۇ كالفورنىيە مېھمانخانىسى دېگەن ناخشىنىڭ تەتۈر قويۇلغان نۇسقىسى، بۇ ئۈندە بەزى ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان غەلىتە ئاۋازلار بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر بىئارام بولسىڭىز دەرھال ئۆچىرىۋېتىڭ!


    بۇ رەسىم Eagles مۇزىكا ئەتىرىتىڭ 1976-يىلى ئىلان قىلغان كالفورنىيە مېھمانخانىسى ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسىنىڭ تاش رەسىمى بولۇپ، سول تەرەپ ئۈستى بۇلۇڭدىكى چەمبەر ئىچىگە ئېلىپ قويۇلغان كىشى بولسا شەيتان دىنىنىڭ قۇرغۇچىسى ئانتون لاۋېي.


       بۇ ناخشىنىڭ نورمال ھالەتتىكى تېكىستى بولسا They just can’t kill the beast, ……… This could be Heaven or this could be Hell, ………We haven’t had that spirit here since 1969. ………..You can check out any time you like, but you can never ئاساسىي مەنىسى سەن(شەيتان دىنىغا كىرگەنلەر) ئۆز روھىڭغا 1969 يىلدىن باشلاپ ئىگە ئەمەس ،ئەمدى سەن بىزنىڭ قېشىمىزدىن مەڭگۈ ئايرىلالمايسەن دېگەن بولۇپ، ناخشىنىڭ ئارقا كۆرىنىشى بولسا مۇنداق 1966 -يىلى ‹LaVey ‹Anton Szandor LaVey تەرىپىدىن كالفورنىيە شىتاتى سەنفەن شەھىرىدە رەسمى قانونلۇق ھالدا <شەيتان دىنى يەنى satanisim> رەسمى ئەنگە ئالدۇرۇپ شەيتان چىركاۋىدا رەسمى ھالدا مۇرت توپلايدۇ .ھەمدە 1969 يىلى كالفورنىيە كوچىسىدا ھېلىقى كالفورنىيە مېھمانخانىسى ئاتالغان قاۋاقخانىنى سېتىۋېلىپ باش شىتاپ قىلىدۇ ھەمدە شەيتانغا نەزىر بىرىدىغان مۇراسىملارنى ئۆتكۈزىدۇ.شۇ يىلى رەسمى ھالدا شەيتان ئىنجىل يەنى نى نەشىر قىلغۇزىدۇ.
ناخشىنى نېمىشقا تەتۈر قويىمىز دېگەنگە كەلسەك، شەيتان ئىنجىلنىڭ سىرتىدا تەتۈر يۇلتۇز بار، يەنە تەتۈر كىرىست بەلگىسى بولسا ئۇ دىندىكىلەر ئىشلىتىشكە ئەڭ ئامراق بەلگە، ئۇلار بەزىدە ئىنجىلغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ ئىنجىلنى تەتۈر ئوقۇيدۇ. مانا بۇلار شەيتان دىنىدىكىلەرنىڭ مەقسىتىنى تەتۈر ھالدا ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
       شۇڭا ئىمانىمىزنىڭ ساپ بولۇشى، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى ۋە ئېزىقتۇرىشىدىن يىراق بولۇش ئۈچۈن كۆرىدىغان، ئاڭلايدىغان نەرسىلىرىمىزگىمۇ دىققەت قىلساق!

    شەيتان دىنىغا ئائىت باشقا يازمىلار:
شەيتان دىنى ۋە دېسكو مۇزىكىسى
https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=8903

لەدىي گا گا شەيتان دىنى مۇرتى (ئىبرەت ئېلىڭ)
https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=55470

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
coral + 1
wolf007 + 100
Davan_Axkuqi + 10 قوبۇل قىلىش تەس ھەقىقەت~

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 111   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش