مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 417|ئىنكاس: 7

ئادىمىيلىكىنى پۇل ئورنىداخىراجەت قىلىش ئى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بوياق بىلەن بويى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29086
يازما سانى: 360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3441
تۆھپە نۇمۇرى: 266
توردا: 3362 سائەت
تىزىم: 2011-2-4
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-15 05:59:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
         ھەربىرىمىزدەشۇنداق بىر ئىللەت بار،ئۇبولىسىمۇ پۇل خەجىلەپ پۈتۈرىدىغان ئىشقا يولۇققاندا،ئامال بار پۇل چىقىرىشتىن قېچىپ ،«ئادەمگەرچىلىك»يولىنى ئىزدەش. ئەقىلگە سىغمايدۇكى ئومۇمەن ھەممىمىز-ھەرقاندىقىمىز پۇل ئورنىغا ئادىمىيلىك قىممىتىمىزنى خىراجەت قىلساق پۈتىدىغانلىكى ئىش بولسا ،بۇ يولىنى مېڭىشتىن ئېرىنمەيمىز.يانچۇقىمىزدا شۇنىڭغا يەتكۈدەك پۇل بار بولسمۇ ئۆزىمىزنىڭ يۈز-ئابريى،شان-شەرىپىنى «بەش پۇلغا قىممەت ،تۆت پۇلغا ئەرزان» قىلىشقا ئۇرۇنىمىز ...توغرا،پۇل يانچۇقتا بولسا ھامان خەجىلىگىلى بولىدۇ،ھەر ۋاقىت جانغا ئەسقاتىدۇ.ئەمما،ئادەمنىڭ ئائىلىدە ،خوتۇن-بالىلىرى ئالدىدا،يۇرت-مەھەللە ئىچىدە ،ئەل جامائەت ئارىسىدا پۇلدىنمۇ مۇھىم بولغان ئىنسانلىق قەدىرقىممىتى بۇلۇشى كېرەك. يانچۇقتىكى پۇلار ئادىمىيلىك قىمىتىنى ،ئەل -يۇرت ئىچىدىكى يۈز ئابىروينى بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ.مىسال ئالساق ،بىر يۇرتتا بەزى نامرات ئادەملەرنىڭ ئىناۋىتى بەزى بايلارنىڭكىدىن يۇقۇرى بولىدۇ،چۈنكى باي بىر تىيىن ،بىر نان ئۈچۈنمۇ ئادىمىيلىكنى خىراجەت قىلغانلاردىن بولسا،كەمبەغەل كىشى «پۇل كەتسە كەتسۇن،يۈز كەتمىسۇن»دەپ تونۇپ ،ئادىمىيلىك پەزىلىتىگە داغ چۈشۈرمەي پاك ساقىلىغان.دېمەك،پۇلى جىق ،ئادىمىيلىكىنى ئۇنتۇغان باينىڭ ۋاقىتتى كەلگەندە خەق ئالدىدا بىر تىيىنغا گېپى ئۆتمەيدۇ.چۈنكى ،باشقىلارنىڭ قەلبىدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئىشەنچ قالىمىغان ؛گېزى كەلگەندە پۇللۇق باينىڭ گېپى ئۆتىمىگەن جايىداراستىچىل ،سەمىمىيلىكى بىلەن باشقىلارنىڭ مىليون پۇللۇق ئىشەنچىسىگەئېرىشكەن كەمبەغەلنىڭ گېپى قىلىچتەك ئۆتىدۇ...ئىچكىرى ئۆلكە،شەھەرلەردە يانچۇقتا لىق پۇلى تۇرۇپ قونىدىغان ياتاق ئالالماسلىق،تاكسى توسىسا توختماسىلىق،ماگىزىنغا كىرسە دائىم ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان «ئوغرىدىن پەخەس بۇلۇڭلار»دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشلار؛ھەرەمگەبارالىغان بىر قىسىم بايلىرىمىزنىڭ بەدىنىگەتېڭۋالغان پۇلى قوينىدا سېسىتىپ كەتسە رازى بۇلۇپ ،بىكارلىق ياتاق ،تاماق تالىشىپ ئازارلىشىپ سېسىپ كېتىشلەر....ئادىمىيلىكنى پۇل ئورنىدا خىراجەت قىلىشتىن كېلىپ چىققان قەدىر-قىممتى خورلاش ،ئۆزىنى خورلاش پاجىئەلىردۇر.ئەزەلدىن شۇنداق ھەقىقەت،ئۆزگەرمەس تەبىئى قانونىيەت بار :ئادەم ئۆزىنى قەدىرلىمىسە خەق خارلايدۇ،ئادەم ئۆزىنى ھۆرمەتلىمىسە ،خەقىمۇ كۆزگە ئىلمايدۇ.ئىززەت-نەپىسىمىزنى قوغدىماسلىقىمىز ،خەقىنىڭ ئالدىدا ئىت،مۈشۈك ،چاشقانغا ئوخشاش ھەركەتلەردە بۇلۇشىمىز ،شۈبھىسىزكى بىزنى شۇتىنىقتىن باشلاپ خەقىنىڭ كۆزىگە ئادەمدەك كۆرۈنمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ!ئەكسىچە ،باشقىلارنىڭ بىزنى خارلىماقچى -بوزەك قىلماقىچى بولۇۋاتقاندا،ئادەملىك پېتىمىزدىن چۈشمەي ،بۇيۇن ئەگىمىسەك،ئاندىن خەققە ھەقىقىي ئادەمدەك كۆرۈنىمىز.ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا مۇناسىپ بەدەل تۆلەيمىز ،لېكىن ئاچ-يالىڭاچ قالمايمىز.ھالال مىدىرلاشنى تەرەك ئەتىمىسكلا،ئىشىمىز ئاخىرى بىر يەردىن چىقىدۇ،ئەپسۇسلىق ۋە كېيىنىكى پۇشايمانلارغا ئورۇن ھەرگىزمۇ قالمايدۇ.دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ ،بىر ئادەم راھەت كۆرگەنگە بەخىتلىك بولۇۋەرگەنمۇ ئەمەس. يەنە بىر جەھەتتىن تەكىتلىسەك ،جاپانىڭ  ھەممىسى بەختسىزلىكمۇ ئەمەس،راھەتنىڭ ھەممىسىلا ئاتالمىش «بەخىت»مۇ ئەمەس!ئىنسان ئۈچۈن قەدىر-قممەتتىن ئەلا نەرسە يوق، ئۇنى ساقلاش،قوغداش ئېسىمىزدىن كۆتۈرلۈپ كەتمىسۇن.

مەنبە:    « ئەختەم ئۆمەرنىڭ يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام» ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
mosajan0997 + 15 بارىكاللا،يارايسىز،ئەھمىيەتلىك تىم
bilgeyar + 4 ئەھمىيەتلىك ، ئەرزىيدىغان تېما!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 19   باھا خاتىرىسى

ئۇرۇشتتامەغلۇب بولغان مىللەت قايتىدىن ئورنىدىن تۇرالايدۇ ئەمما مائارىپتا يېقىلغان مىللەت مەڭگۈقايتىدىن باش كۆتۈرەلميدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29071
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3009
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 3764 سائەت
تىزىم: 2011-2-4
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-15 06:08:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەش-ئالتە يىل بۇرۇن ئىلى-خەلىق رادىئۇ ئىستانسىدا بەك ئاڭلىتاتتى بۇ روماننى.
بەك ئىسىل !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25741
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2588
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 3121 سائەت
تىزىم: 2011-1-10
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-15 06:29:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ خىل ناچار ئىللەتلەر ھازىر تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىپ بارىدۇ...

ئەسلىم بۆرە،چۈن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2937
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6184
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-15 06:48:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1%   2%   ئۇيغۇرلار   ئىچكىرى-ئۆلكىلەردە    بىزنىڭ نامىمىزنى  مانا-مۇشتاق چىقىرۋاتىدۇ!!!!!!!      بەزەن  جايلاردا    تاكسى   شۇپۇرلىرى  ئۇيغۇر ئىكەنلكىمىزنى بىلىپلا  قالسا  سالمايدىكەن.........خەنزۇچە   مۇنبەرلەردىمۇ   ئاجايىپ تىللاپ  قۇيدىكەن .   بىزلەرنى............%1     %2   كىشلەر سەۋەبىدىن.................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 784
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10545
تۆھپە نۇمۇرى: 383
توردا: 3261 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-15 07:12:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1-قەۋەتكە

سىڭلىم ! ئەختەم ئومەر ئەپەندىنىڭ ‹‹يىراق قىرلاردىن ئانايەرگە سالام›› سالام ناملىق ئەسىرى رومان ئەمەس .

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-16 11:46:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئىشلار كۈندىن-كۈنگە كۈپەيسە كۈپەيدىكى ئازلاپ قالمىدى.

ھاياتنىڭ لەززىت

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 1436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7547
تۆھپە نۇمۇرى: 532
توردا: 3218 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-16 11:58:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارىكاللا،يارايسىز،ئەھمىيەتلىك تىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6820
تۆھپە نۇمۇرى: 516
توردا: 7740 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-16 03:13:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداق ئەرزىمەس ئادەملەر بەك ئازمىكىن دەيمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش