تورغا ئۇلانغان كومپىيۇتېرلار ئارا ھەقسىز سۆزلىشىش يېڭىلىق ئەمەس، خالىغان بىر سۆزلىشىش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ھەقسىز سۆزلەشكىلى بولىدۇ.
مەن سىلەرگە كومپىيۇتېردىن يانفۇنغا ياكى يانفۇندىن يانفۇنغا ھەقسىز تېلېفون قىلىش ئۇسۇلنى تونۇشتۇرماقچىمەن.
بۇنىڭ ئۈچۈن تورغا چىققىلى بولىدىغان بىرەر ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون بولۇشى كېرەك. Iphone, Windows Mobile, Android, Symbian .... دېگەندەكدەك.
ئاندىن بۇ يانفۇنغا Skype نى قاچىلاش كېرەك. يانفۇندىكى Skype نى قوزغىتىپ قويسىڭىز، قارشى تەرەپمۇ Skype نى كومپىيۇتېردا ياكى يانفۇندا ئېچىپ سىزگە ئاۋازلىق پاراڭلىشىشنى يوللىسلا بولىدىكەن. پۈتۈنلەي ھەقسىز. ئاۋازىمۇ ئىنتايىن سۈزۈك. كۈنلەپ سۆزلەشسىڭىزمۇ تېلېفون ھەققىڭىزدىن ياكى قارشى تەرەپنىڭ تېلېفون ھەققىدىن بىر پۇڭ كېمەيمەيدۇ. پەقەت تور ئېقىمى كېتىدۇ. ئايلىقى 5 يۈەنلىك تورنى ئاچتۇرۇپ قويسىڭىز كەڭتاشا يېتىدۇ. ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇنى بارلارنىڭ ئاللىقاچان تورى ئۇچۇق ھەقىچان.
بۇ ئامال يىراق يەردە، چەتئەللەردە ئۇرۇق-تۇغقان، تونۇشلىرى بارلارغا، تېلېفوندا رومان سۆزلەيدىغان ئاشىق-مەشۇقلارغا بەك ماس كېلىدىكەن. ئۇزۇن يوللۇق تېلېفوننىمۇ ھەقسىز ئۇرىسىز دېگەن گەپ.
ئەمدى، ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا كېلەيلى.
ماۋۇ ئادېرسقا كىرىپ،يانفۇنىڭىزنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىغا ماس Skype نەشىرىنى تاللاپ چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.
تۆۋەندىكىسى كومپىيۇتېردىن يانفۇنغا تېلېفون ئۇرۇش جەريانى
رەسىمىدىكىدەك سۆزلەشمەكچى بولغان ئادەمنى تاللاپ، «چاقىر» دېگەن تېلېفوننىڭ بەلگىسى بار كۇنۇپكنى باسساق بولىدۇ. بۇ چاغدا قارشى تەرەپنىڭ تېلېفونى سايرايدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك
تۆۋەندىكىسى سۆزلىشۋاتقان ۋاقىتتىكى كومپىيۇتېردىكى ھالەت
تۆۋەندىكىسى سۆزلىشىۋاتقان ۋاقىتتىكى يانفوندىكى ھالەت. يانفون: Windows Mobile 6.5 قاچىلانغان HTC Hd2
رەسىمدىكىدەك ئۇيغۇرچە Skype لازىم بولسا بۇ يەردىن چۈشۈرۋېلىڭ
رەسىملەر كۆرۈنمىسە ياكى بۇ ھەقتە جىددى ياردەم لازىم بولسا ئەسلى مەنبەسى بولغان ئالىپ تورىغا مەرھەمەت قىلغايسىز.
مەنبەسى:
ئالىپ تورى