|
|
|
|
خېنەن تەيكاڭ ناھيىسى ۋۇلىكۇ يېزىسىدىكى باشلانغۇچ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە 42 ياشلىق دېھقان لى گومىن تىجارەت ئۆيى سېلىشقا بوش يەر ئاجرىتىش ئۈچۈن، بەش ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا قول سېلىپ ئىشلەپ ئۆزىنىڭ جەنۇپ شىمالى 9 مېتىر ، شەرقى جەنۇبى 8 مېتىر، ئېگىزلىكى 7 مېتىر كېلىدىغان بىتون خىش قۇرۇلمىلىق ئىككى قەۋەتلىك كىچىك بىنا ئۆيىگە ئۆزى ياسىۋالغان «چاق»نى ئورنىتىپ، تۆت كۈندە پۈتۈن ئۆينى 8 مېتىر يىراقلىققا يۆتىكىگەن. ئىگىلىنىشىچە، لى گومىننىڭ «بىنا يۆتكەش» قۇرۇلىشىغا پەقەت 5000 يۈەن خەجلەنگەن. ئۆزى ئۇل سېلىۋالغاندىن كېيىن، ناھىيە بازىرىدىن پولات چىۋىق، تاختا ۋە 3000 تال پولات شارەك سېتىۋالغان ھەم كەپشەرلىگۈچ ئارىيەت ئېلىپ، ئۈچ تال تەخمىنەن 10 سانتېمېتىر كەڭلىكتىكى رېلىسسىمان پولات «سىرىلىش يولى »ياسىغان، دامكراتتىن پايدىلىنىپ ئۈچ ئادەم بىرلىكتە ئىتتىرىش ئارقىلىق تۆت كۈندە پۈتۈن ئۆي گەۋدىسىنى 8 مېتىر يۆتكەپ، يۆتكەش پىلانىنى ئورۇنلىغان.
********* *********** ***********
بۇ بىر ئەخمىقانىلىقمۇ ؟! شۇنداق قىلىشقا ئەرزىمدۇ ؟! ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشى نېمىشقا غۇلغۇلا قوزغايدۇ ؟! نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ شۇنداق «كاشىلا» ئۆيلىرى بولىشى مۇمكىن، نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئاز ساندىكى كىشلەرلا شۇنداق ئىشقا تەۋەككۇل قىلىپ، شۇ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالايدۇ ؟! ئۇ كىشىدە قانداق روھ بار ؟! بىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك تەرىپى بارمىدۇ ؟!
مەنبە: تېڭشۈن تورى
مىسرانىم تەرجىمە گۇرۇپىسىدىن ئەلتېكىن تەرجىمىسى
|
|
|
|
|
|