مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 739|ئىنكاس: 4

چۆچەك پىرى ئاندېرسېن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

اﷲپۇتكۈل مۇسۇلما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4101
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12723
تۆھپە نۇمۇرى: 1581
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2010-7-16
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 10:15:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



ئاندېرسېن


ئەگەر 20- ئەسىردە جۇڭگولۇقلارغا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن چەت ئەل يازغۇچىلىرىنى كۆرسىتىشكە توغرا كەلسە، ئۇنداقتا دانىيە يازغۇچىسى ئاندېرسېن (Andersen,1805-1875) شەك- شۈبھىسىز ئەڭ ياخشى نامزاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ ھايات ھېكمەتلىرىگە تولغان ئۆلمەس بەدىئىي مىراسلىرى ئارقىلىق، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرگە مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلغان بۇ دۇنياۋى چۆچەك پىرىنىڭ ئەسەرلىرى ئېلىمىزگە تارقالغاندىن بۇيان، قايتا- قايتا نەشر قىلىنىپ، تا بۈگۈنگىچە يەنىلا بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئوقۇشلۇقلىرى ئىچىدىكى ئەڭ بازارلىق كىتاب بولۇپ كەلمەكتە. ب د ت مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى 2005- يىلى ئاندېرسېن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، شۇ يىلنى دۇنيا «ئاندېرسېن يىلى» قىلىپ بېكىتىپ، پۈتكۈل ھاياتىنى ئەۋلادلار قەلبىنى نۇرلاندۇرۇش ئۈچۈن بېغىشلىغان بۇ ئۇلۇغ ئەدىبنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئەۋج ئالدۇرغانىدى.
بالىلىقتا تۇتاشقان سەنئەت ئوتى
ھانس كرىستىئان ئاندېرسېن (Hans Christian Andersen) 1805- يىلى 2- ئاپرېل دانىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئودېنسې (Odense) بازىرىدا نامرات موزدوز ھانس ئاندېرسېن (shoemaker Hans Andersen 1782 – 1816) ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئانىسى ئاننى مارىي (Anne Marie 1775 -1833) كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە كىر يۇيۇپ ئائىلە غېمىدە ئۆتكەن جاپاكەش ئايال ئىدى. گەرچە ئائىلىسى نامرات بولسىمۇ، ئەمما دادىسى ئەدەبىياتقا قەۋەتلا قىزىقىدىغان خۇشئاۋاز كىشى بولغاچقا، دائىم كىچىك ئاندېرسېنغا دانىيىنىڭ ئۇلۇغ دراماتورگى ھولبېرگ (Ludvig Holberg 1684-1754) نىڭ درامىلىرىدىن ئارىيە ئوقۇپ بېرەتتى ياكى «مىڭ بىر كېچە» ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى. ئودېنسېدا بىر تىياتىرخانا بولۇپ، دانىيە خان جەمەتى تىياتىرىنىڭ سەنئەتچىلىرى ھەر قېتىم بۇ بازارغا كېلىپ ئويۇن قويغىنىدا، گۆدەك ئاندېرسېنمۇ ھەمىشە بىر ئاماللارنى قىلىپ كۆرۈپ كېلەتتى. كىچىكىدىنلا قولى ئەپچىل بولغان ئاندېرسېن ئۆيدە يالغۇز قالغان چاغلىرىدا، ئۆز تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ پۇرۇچلاردىن ھەر خىل قونچاقلارنى ياسايتتى ۋە ئۇلارنى يەنە ئۆزى تەييارلىغان ئاددىي سەھنىگە چىقىراتتى- دە، قالايمىقان بولسىمۇ ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرى بويىچە ئويۇن قويۇپ ئوينايتتى. شۇڭلاشقىمۇ ئاندېرسېندىكى سەنئەتكە بولغان ئىشتىياق ئوتى، ئۇ تېخى بالا ۋاقىتلىرىدىلا تۇتاشقان ئىدى.
1814- يىلى دانىيە- نورۋېگىيە ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ ئۇزاققا بارمايلا، ئاندېرسېننىڭ دادىسى ئەسكەرلىككە ئېلىنىپ ئالدىنقى سەپكە ئۇرۇشقا كەتكەن دادىسى ئۆيىگە قايتىپ كېلىدۇ ۋە ئاغرىپ قېلىپ ئىككى يىلغىچە ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ، 1816- يىلى 34 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ. تۇرمۇشتا تايانچىسىز قالغان ئانىسى ئودېنسې بازىرىدىكى يەنە بىر موزدوزغا ياتلىق بولۇپ، يەنە داۋاملىق خەقلەرنىڭ كىر- قاتلىرىنى يۇيۇپ بېرىپ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ. مانا مۇشۇنداق جاپالىق شارائىتتا چوڭ بولغان ئاندېرسېن، دەسلەپتە ئانىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن ماشىنچىلىققا شاگىرتلىققا كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھۈنەرنى ئانچە كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەنمەيدۇ.
ئاندېرسېن 14 ياشقا كىرگەن 1819- يىلى ئانىسى دىنىي ئادەت بويىچە ئۇنىڭ چوقۇندۇرۇش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. نامرات ئائىلىنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىك يولىنى تاللايدىغان ۋاقتى بولغانلىقىنى بىلدۈرەتتى. بالا ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا كەلگۈسىدە بىر سەنئەتكار بولۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئاندېرسېن، ئۆزىنىڭ بۇ كۈچلۈك ئارزۇسىنى ئانىسىغا ئېيتىپ ئۇنى قايىل قىلىدۇ ھەمدە شۇ يىلى 4- سېنتەبىر ئۆزى ئۇزاقتىن بۇيان يىغقان 14 كرونا پۇلى ۋە ئودېنسېدىكى بىر نەشر سودىگىرىنىڭ خان جەمەتى تىياتىرىنىڭ داڭلىق ئايال بالېت ئارتىسى كارېر (Career) غا قارىتىپ يېزىپ بەرگەن تەۋسىيە خېتىنى ئېلىپ، پەيتونغا كىرا قىلىپ پايتەخت كوپېنھاگېن (Copenhagen) غا كېلىدۇ.
بىراق، ئاندېرسېن قانداق قىلسا نام چىقىرالايدىغانلىقىنى تېخى بىلمەيتتى. دەسلەپتە ئۇ كىشىلەرگە ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ ئويۇن كۆرسىتىپ باقىدۇ. ئەمما، چىرايى سەل كۆرۈمسىز كەلگەن ئورۇق ھەم ئۇزۇنتۇرا، ھېچقانداق مەدەنىيەت تەربىيىسى كۆرمىگەن بۇ ئۆسمۈر ئۆزى چۈشىدىمۇ ئىنتىلىدىغان خان جەمەتى تىياتىرىغا كىرىشنىڭ يولىنى زادىلا تاپالمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ قايتماس ئىرادىسىگە تايىنىپ كوپېنھاگېندىكى بەزى ئۇقۇمۇشلۇق زاتلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ياردىمىگە ئېرىشىدۇ. 1819- يىلى 9- ئايدىن 1822- يىلى 9- ئايغىچە بولغان ئۈچ يىل جەريانىدا، ئۇ مۇشۇ ياردەملەرگە تايىنىپ ناخشا ئېيتىش، بالېت ئۇسسۇلى ۋە ئاكتيورلۇق سەنئىتىنى ئۆگىنىدۇ. لېكىن، شۇنچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بۇ ساھەلەرنىڭ ھېچقايسىسىدا مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمايدۇ. كېيىنچە ئۇ سەھنە ئەسىرى يېزىپ نام چىقارسام بەلكىم خان جەمەتى تىياتىرىغا كىرەلىشىم مۇمكىن دەپ ئويلايدۇ- دە، ئاكتيورلۇق مەشقىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەينى چاغدا تېخى پىشمىغان قەلىمى بىلەن شېئىر ۋە سەھنە ئەسىرى يېزىشقا كىرىشىدۇ. 1821- يىلى 6- ئايدا، ئاندېرسېن ئۆزىنىڭ تۇنجى تراگېدىيىلىك درامىسى «ئورمانلىقتىكى چېركاۋ» نى يېزىپ پۈتتۈرىدۇ. 1822- يىلى 3- ئايدا، ئۇ يەنە «ۋىسسېنبېرگدىكى قاراقچى» (“Roverne i Vissenberg i Fyen”) ناملىق ئىككىنچى تراگېدىيىلىك درامىسىنى يېزىپ، ئۇنى خان جەمەتى تىياتىرىغا ئاپىرىپ بېرىدۇ. شۇ يىلى 5- ئايدا خان جەمەتى تىياتىرى ئۇنىڭ «ۋىسسېنبېرگدىكى قاراقچى» دېگەن درامىسى توغرىلىق تېخى باھالاشنامىسى چىقارماي تۇرۇپلا، ئاندېرسېن يەنە ئۆزىنىڭ «ئالفسول» (“Alfsol”) ناملىق بەش پەردىلىك تراگېدىيىلىك درامىسىنى خان جەمەتى تىياتىرىغا تاپشۇرىدۇ. بىراق، ئالدىنقى درامىسىغا «ئەقەللىي ئانا تىل بىلىمىگىمۇ ئىگە ئەمەسكەنسىز» دېگەن باھا يېزىلىپ قايتۇرۇۋېتىلىدۇ. 9- ئايغا كەلگەندە كېيىنكىسىگىمۇ «سەھنىلەشتۈرۈشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىكەن» دېگەن باھا يېزىلىپ قايتۇرۇلىدۇ. خان جەمەتى تىياتىرىدىكىلەر ئاندېرسېننىڭ يۇقارقى ئىككى سەھنە ئەسىرىنى قايتۇرۇۋېتىش بىلەن بىرگە، يەنە تىياتىرخانا دائىرىلىرىگە ئاندېرسېننى سلاگېلسې (Slagelse) لاتىن تىلى مەكتىپىگە ئەۋەتىپ تەربىيىلەش تەكلىپى بېرىدۇ ھەمدە بۇ تەكلىپ قوبۇل قىلىنىدۇ. 1822- يىلى 13- سېنتەبىر خان جەمەتى تىياتىرىنىڭ باشلىقى ئاندېرسېننى ئىشخانىسىغا چاقىرىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنى ئوقۇتماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقىنىدا، ئۇ تەسىرلەنگەن ھالدا بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاندېرسېننىڭ ئوقۇش ئىشلىرىغا ئەينى ۋاقىتتا خان جەمەتى تىياتىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان يوناس كوللىن (Jonas Collin) مەسئۇل بولىدۇ. ئۇنىڭ ئوقۇش راسخودى ۋە پارچە خىراجەتلىرىنى پۈتۈنلەي پادىشاھ فرېدېرىك Ⅵ (King Frederick Ⅵ) ئۆز راسخودى ئىچىدىن ئاجرىتىپ بېرىدۇ. ئاندېرسېن سلاگېلسې لاتىن تىلى مەكتىپىدە ئوقىغان مەزگىلدە، يوناس كوللىن باشتىن- ئاخىر ئۇنىڭ ئۆگىنىشىگە نازارەتچىلىك قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ خۇددى ئۆز دادىسىدەك داۋاملىق غەمخورلۇق قىلىپ تۇرىدۇ.
ئاندېرسېن 1826- يىلى 4- ئايدا سلاگېلسې لاتىن تىلى مەكتىپىدىكى تۆت يېرىم يىللىق جاپالىق ئوقۇشىنى تاماملايدۇ ۋە ھىماتچىسى يوناس كوللىننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بۇ مەكتەپتىن ئايرىلىپ، باشقا بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلسىنورې (Elsinore) مەكتىپىگە پراكتىكىغا چۈشىدۇ. 1828- يىلى 23 ياشلىق ئاندېرسېن ئاخىرى لاياقەتلىك دېگەن نەتىجە بىلەن كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتى (Copenhagen University) غا قوبۇل قىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى نام چىقىرىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يورۇق يول ھازىرلايدۇ.
ياشلىقتا جۇلالانغان بەدىئىي تالانت
ئاندېرسېن پايتەخت كوپېنھاگېندا تۇرغان توققۇز يىل ئىچىدە، ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتتىكى تالانتىنى تەدرىجىي نامايان قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ يۇقۇرىدا دەپ ئۆتۈلگەندەك سەھنە ئەسەرلىرى ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن باشقا ، يەنە بىر قىسىم شېئىرلارنىمۇ يازىدۇ. 1827- يىلى 9- ئايدا «كوپېنھاگېن پوچتا گېزىتى» (Copenhagen Post) دە ئۇنىڭ ئاشۇ مەزگىلدىكى ۋەكىللىك ئەسىرى ھەمدە ھاياتىدىكى ئەڭ داڭلىق ئەسەرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان «سەكراتتىكى بالا» ناملىق شېئىرى ئېلان قىلىنىدۇ. 1828- يىلى 11- ئايدا، ئاندېرسېننىڭ كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقىنىغا تېخى بىر ئايمۇ بولمىغان پەيتتە، ئەينى دەۋردە دانىيە ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ ھۆكۈمرانى دەپ ئاتالغان ھېيبېرگ (P.A. Heiberg 1758-1841) باش مۇھەررىرلىكىدىكى «كوپېنھاگېن ئالەم گېزىتى» دە ئۇنىڭ تېخى نەشردىن چىقمىغان ئەسىرى «1828- ۋە 1829- يىلى ئارىلىقىدا ھولمېن قانىلىدىن ئاماگېرنىڭ شەرقىي قىرغىقىغىچە قىلىنغان ساياھەت» (“Fodreise fra Holmens Canal til Ostpynten af Amager i Aarene 1828 og 1829 “) نىڭ بىر قانچە بابى ئالدىن ئېلان قىلىنىپ، ئاندېرسېن بىردىنلا كىشىلەرنىڭ دېققەت نۇقتىسىدىكى داڭلىق شەخسكە ئايلىنىپ قالىدۇ. 1829- يىلى ئاندېرسېن بۇ كىتابىنى ئۆز خىراجىتى بىلەن نەشر قىلدۇرىدۇ.
بۇ توققۇز يىل جەريانىدا ئاندېرسېن پەقەت ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتتە ئۇتۇق قازىنىپلا قالماستىن، يەنە تۈرلۈك يوللا ئارقىلىق كوپېنھاگېندىكى يۇقۇرى قاتلام كىشىلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلايدۇ. مەسىلەن، دانىيە خان جەمەتى تىياتىرى مۇزىكا مەكتىپىنىڭ ئىتالىيىلىك مۇدىرى سىبونى (Siboni)، شائىر گۇلدبېرگ (Frederik Guldberg 1771-1852)، داڭلىق كومپوزىتور ۋېيسې (Christoph Weyse 1774-1842) ۋە باگسېن (Jens Baggesen 1764-1826) قاتارلىقلار شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ۋەكىللىكلىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئاندېرسېن 1831- يىلى تۇنجى قېتىم ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، گېرمانىيە ۋە شۋېيتسارىيىدە بەش ھەپتە ساياھەتتە بولىدۇ ھەمدە دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ ئۇزاققا قالمايلا «1831- يىلى يازدا خارز ، ساكسېن ۋە شۋېيتسارىيىدىكى ساياھەتتە كۆرگەنلىرىم» (1831 Skyggebilleder af en Reise til Harzen og det sachsiske Schweitz) ناملىق ساياھەت خاتىرىسىنى نەشر قىلدۇرىدۇ. 1833- يىلى 3- ئايدا، ئاندېرسېن يەنە پادىشاھ ئالاھىدە تەستىقلاپ بەرگەن ياردەم پۇلىغا ئېرىشىپ، شۇ يىلى 4- ئايدىن باشلاپ فرانسىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە، چېخ قاتارلىق دۆلەتلەردە 15 ئاي ساياھەتتە بولىدۇ. بۇ قېتىمقى ساياھەت جەريانىدا ئۇ «ئاگنېت بىلەن دېڭىز ئىلاھى» (“Agnete og Havmanden “) ناملىق شېئىرىي درامىسىنى يېزىپ پۈتتۈرىدۇ ھەمدە تۇنجى ئاپتوبىئوگرافىك رومانى «ئىلھامكار شائىر» نى يېزىشقا كىرىشىدۇ. 1834- يىلى 8- ئايدا ئاندېرسېن ساياھىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ كوپېنھاگېنغا قايتىپ كېلىدۇ. 1835- يىلى 9- ئاپرېل «ئىلھامكار شائىر» نەشردىن چىقىپ تارقىتىلىدۇ. بۇ روماننىڭ نەشر قىلىنىشى ئاندېرسېننىڭ ھاياتىدىكى نامايەندە خاراكتېرلىق بىر ۋەقە ئىدى. چۈنكى، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا رومان ناھايىتى تېز سۈرئەتتە نېمىس تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ گېرمانىيىنىڭ ھامبۇرگ (Hamburg) شەھىرىدە نەشردىن چىقىدۇ، ئارقىدىن رومان يەنە شۋېيتچە، رۇسچە، ئىنگلىزچە، گوللاندچە، فرانسۇزچە، پولەكچە ۋە چېخچە نەشر قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاندېرسېننىڭ داڭقى دانىيىدىن ھالقىپ پۈتكۈل ياۋروپاغا تارقىلىدۇ.
ئاندېرسېننىڭ چەت ئەللەردىكى ساياھىتى ئۇنى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى كاتتا ئەربابلار بىلەن تونۇشۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئۇ ھەر قېتىم ئۆزى بارغان دۆلەتتىكى مەشھۇر كىشىلەرنى زىيارەت قىلغاندا، بەزىدە دانىيىدىكى داڭدار شەخسلەرنىڭ تەۋسىيە خېتىنى ئېلىپ بارسا، بەزىدە قاراملىق بىلەن ئۆزىنى ئۆزى تونۇشتۇرۇپ كىرىۋېرىدۇ. 1831- يىلى تۇنجى قېتىم ساياھەتكە چىققىنىدىن باشلاپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن 30 قېتىملىق چەت ئەل سەپىرىدە، ئاندېرسېن ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ كامىسسو (Adelbert von Chamisso 1781-1838)، ھېنرىخ ھېينى (Heinrich Heine 1797-1856)، ھيۇگو (Victor Hugo 1802-1885)، كۇخلېر (Albert Kuchler)، مېندېلسون (Felix Mendelssohn 1809-1847)، كلارا شۇمان (Clara Schumann 1819-1896)، ئاتا- بالا دۇما (Alexandre Dumas l802-1870)- (Alexandre Dumas, Fils,1824-1895)، رىچارد ۋاگنېر (Richard Wagner 1813-1883)، مېيېربېر (Giacomo Meyerbeer 1791-1864)، بيورسون (Bjornstjerne Bjornson 1832~1910)، رۇبىنستېين (Anton Rubinstein 1829-1894)، دىككېنس (Charles Dickens 1812-1870) قاتارلىق ئەدەبىيات پېشىۋالىرى ھەمدە نۇرغۇن داڭلىق ئارتىسلار، رەسساملار ۋە ھەيكەلتاراشلار بىلەن تونۇشۇپ چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاندېرسېن ئەسەرلىرىنىڭ ياۋروپادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەر، مەسىلەن فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيە ۋە شۋېتسىيىلەردە تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاندېرسېننىڭ ئۆزىمۇ پۈتكۈل ياۋروپادا «مودا شەخس» كە ئايلىنىپ قالىدۇ.
قىرانلىقتا يۈز ئاچقان گۈزەل چۆچەك
ئاندېرسېن ئىجتىھاتلىق ئەدىب ئىدى. ئۇ 1827- يىلى ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولغان «سەكراتتىكى بالا» نى ئېلان قىلغاندىن تارتىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە مىڭدىن ئارتۇق (1023 پارچە) شېئىر يازغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن ئەسەرلەر تا بۈگۈنگە قەدەر يەنىلا دانىيە خەلقىنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. ئۇ يەنە پۈتكۈل ئىجادىيەت مۇساپىسىدە توختىماي قەلەم تەۋرىتىپ ئالتە رومان، ئەللىك سەھنە ئەسىرى (يېنىك ئوپېرا، شېئىرىي دراما، بالېت تىياتىرى سېنارىيىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، يىگىرمە ئۈچ ساياھەت خاتىرىسى، تۆت ئاپتوبىئوگرافىيە، ئالتە تەرجىمىھال ئەسىرى يازىدۇ. گەرچە ئاندېرسېننىڭ «ئىلھامكار شائىر» قاتارلىق ئۈچ رومانى ئېلان قىلىنغان ھەمدە «ئارغۇن» ناملىق درامىسى ئاخىرى 1840- يىلى دانىيە خان جەمەتى تىياتىرىدا ئوينىلىپ، دانىيە ئەدەبىيات ساھەسىدە ئۇنىڭ خېلىلا داڭقى چىققان بولسىمۇ، بىراق ئاندېرسېن ئۆزىنىڭ شېئىر، رومان ۋە دراما قاتارلىق «كەسكىن» مەنىدىكى ئەنئەنىۋى ژانىرلاردا ياراتقان ئىجادىيەتلىرىدە ھېچقانچە بۆسۈش خاراكتېرلىق ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشەلمەيدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ئاندېرسېننىڭ دىلكەش دوستى- دانىيە فىزىكا ئالىمى ئوستېد (Hans Christian Oersted 1777-1851) ئۇنىڭ ئۆز تالانتىنى زادى قايسى جەھەتتە نامايان قىلسا، ئاندىن ئىجادىيەتتە تېخىمۇ تەرەققىي قىلالايدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرۈپ يېتىپ، ئاندېرسېنغا: «ئەگەر رومان ئىجادىيىتى نامىڭىزنى چىقاردى دېسەك، ئۇنداقتا چۆچەك ئىجادىيىتى نامىڭىزنى ئەبەدىيلىككە ئىگە قىلاتتى» دەپ مەسلىھەت بېرىدۇ.
ئاندېرسېن دوستى ئوستېدنىڭ بۇ سەمىمىي مەسلىھەتىنى ئالغاندىن كېيىن، ئىجادىيەت ژانىرى ۋە ئۇسلۇبى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىدۇ ھەمدە «ئىلھامكار شائىر» ناملىق رومانى نەشردىن چىقىپ ئەمدىلا 29 كۈن ئۆتكەن 1835- يىلى 8- مايدا، «بالىلارغا ئېيتىپ بېرىدىغان چۆچەكلىرىم (1- قىسىم)» دېگەن تۇنجى بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمىنى نەشر قىلدۇرىدۇ. ئارقىدىن يەنە شۇ يىلى 16- دېكابىردا ئۇنىڭ «بالىلارغا ئېيتىپ بېرىدىغان چۆچەكلىرىم (2- قىسىم)» ناملىق ئىككىنچى بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمىمۇ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى نۇرغۇن يىللار داۋامىدا، ئاندېرسېن ئۈزلۈكسىز يېڭى ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ، بارلىقىنى ئەۋلادلارغا مەنىۋى بايلىق قالدۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشقا بېغىشلايدۇ.
1835- يىلىدىن 1872- يىلىغىچە بولغان 37 يىل جەريانىدا، ئاندېرسېن جەمئىي 212 پارچە چۆچەك يازىدۇ. دەسلەپكى يىللاردا ئاندېرسېننىڭ بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمىنىڭ سېتىلىشى خېلى ئوبدان بولغان ھەمدە دوستلىرىمۇ ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە ئاستىرتتىن مەدەت بېرىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن دانىيە جامائەتچىلىكىنىڭ زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشەلمەيدۇ، ھەتتا يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ تۇرۇپلا چۆچەك يېزىشقا ئۆتىۋالغانلىقىنى مەسخىرە قىلىدۇ. تاكى ئاندېرسېن 1843- يىلى «يېڭى چۆچەكلەر (1- قىسىم)» دېگەن كىتابىنى گېرمانىيىدە نەشر قىلدۇرۇپ يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەندىن كېيىنلا، ئۇنىڭ بالىلار چۆچەكلىرى ئاندىن دانىيە ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ دېققەت- ئېتىبارىنى قوزغايدۇ. دانىيىنىڭ ئەينى دەۋردە زور تەسىرگە ئىگە ئەدەبىيات- سەنئەت تەنقىدچىسى مىل (J.S.Mill 1806-1873) دەل ئاشۇ يىلى ئاندېرسېننىڭ بالىلار چۆچەكلىرى ئىجادىيىتىگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىپ، دانىيە ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسىنىڭ ئۇنى رەسمىي يوسۇندا بالىلار چۆچىكى يازغۇچىسى دەپ ئېتىراپ قىلىشىغا ئۇل سالىدۇ.
ئاندېرسېننىڭ بالىلار چۆچىكى يېزىشتىن ئىبارەت «ئەۋلادلار قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش» ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تۆككەن مېھنەت تەرى، ئۇنى ئۆز ۋەتىنى دانىيە ھەمدە دۇنيا ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە بىر كىشىلىك مۇستەھكەم ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ نام- ئاتاق، ئورۇن، مەرتىۋە ۋە شان- شەرەپ دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئاندېرسېنغا قاراپ يوپۇرۇلۇپ كېلىشكە باشلايدۇ. دانىيە پادىشاھى ئۇنىڭغا بولغان ئىززەت- ھۈرمىتىنى بىلدۈرىدۇ، باشقا ياۋروپا ئەللىرىدىكى خان جەمەتىدىكىلەرمۇ ئاندېرسېن بىلەن دوست بولۇشنى شەرەپ دەپ بىلىپ، بارلىق ئوردىلىرىنىڭ ھەيۋەتلىك دەرۋازىلىرىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن داغدام ئېچىۋېتىدۇ. كىشىلەر ئاندېرسېننىڭ شەرىپىگە مەشئەل كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۈنلۈك توۋلىشىدۇ …
تەنھالىقتا ئۆتكەن غېرىبانە ھايات
گەرچە ئاندېرسېن ئۆز ئۆمرىدە نۇرغۇن شەرەپ ئوردېنلىرى ۋە شۆھرەتلىك ئۇنۋان- ئاتاقلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھاياتى يەنىلا مەيۈسلۈككە تولغان غېرىبانە ھايات. پەرۋەردىگارغا سېغىنىش ئۇنىڭ بىردىنبىر تەسەللىيسى ئىدى. ئۇنىڭ جانكۆيەر دوستلىرى، جۈملىدىن قۇرداش دوستلىرى بەكمۇ ئاز بولغان. ئۇ ھەمىشە بۇ ساخاۋەتچىنىڭ ئۆيىدىن ئۇ ساخاۋەتچىنىڭ ئۆيىگە قاتراپلا يۈرىدۇ. بۇلار ئاندېرسېنغا نىسبەتەن ئاتا يوللۇق كىشىلەردىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى ئاندېرسېننىڭ يېقىن دوستلىرى دېگىلى بولمايتتى.
ئاندېرسېن بىر ئۆمۈر تەنھا ئۆتىدۇ. ھالبۇكى بۇ ئۇنىڭ ئۆيلىنىشنى خالىمىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى بىرەر ئايال بىلەن تونۇشۇپ ئاخىرىدا توي قىلىش دەرىجىسىگە يېتىپ بارالمىغانلىقىدىن بولغان. مۇھەببەتتىكى ئوڭۇشسىزلىقنىڭ ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن ھالاكىتى ھەتتا نامراتلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەسىردىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.
ئاندېرسېن ھاياتىدا ئۈچ قېتىم مۇھەببەت قەسرىگە قەدەم قويغان بولۇپ، 1830- يىلى يازدا ئۇ ئەينى يىللاردا كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشى كرىستىئان ۋويگت (Christian Voight) نى يوقلاپ بارغىنىدا، ئۇنىڭ سىڭلىسى رېبور ۋويگت (Rebor Voight) قا مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ. بىراق، شۇ ۋاقىتتا رېبور ۋويگت چاي ئىچكۈزۈپ قويۇلغان قىز بولغاچقا، ئاندېرسېن تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەشھۇر شېئىرى «مېنىڭ قوڭۇر كۆزلۈكۈم» نى يېزىپ، ئۆزىنىڭ رېبورغا بولغان چىن ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ. 1832- يىلى ئاندېرسېن يەنە ئۆزىنىڭ غەمگۇزارى يوناس كوللىن (Jonas Collin) نىڭ كەنجى قىزى لېۋېس كوللىن (Lewes Collin) غا كۆڭلى چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن مۇھەببىتىنى ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلالمىغانلىقتىن مەغلۇپ بولىدۇ.
1837- يىلى 32 ياشقا كىرىپ قالغان ئاندېرسېن دانىيىنىڭ ئۇلۇغ فىزىكا ئالىمى، دىلكەش دوستى ئوستېد (Hans Christian Oersted 1777-1851) نىڭ 16 ياشلىق قىزى سوفىي ئوستېد (Sophie Oersted) قا خۇپىيانە ئاشىق بولىدۇ. ئەمما، ئاندېرسېن ئۆزىنىڭ بەك نامرات ئىكەنلىكىنى، ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە ئۇنىڭ ئۆز ئائىلىسىدە ئادەتلەنگەن ئۇنداق ئەۋزەل تۇرمۇش شارائىتىنى يارىتىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ، سوفىيغا تويلىشىش تەكلىپى قويۇشقا پېتىنالمايدۇ. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، سوفىي ئاندېرسېنغا ئۆزىنىڭ بىرى بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەنلىكىنى ئېيتقىنىدا، ئاندېرسېن بۇنىڭدىن بەكمۇ ھەيران بولۇپ كەتمەيدۇ ھەمدە شۇ كۈنىدىكى خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «پەرۋەردىگار سىزنى پاناھىدا ساقلىغاي، سۆيۈملۈك سوفىي! شۇنى مەڭگۈ بىلمەيسىزكى، ناۋادا پۇل- بىساتىم بولغىنىدا، ئىككىمىز بىرگە ياشىغان بولساق نەقەدەر كۆڭۈللۈك بولار ئىدى- ھە!؟ …»
بۇ ئۈچ قېتىملىق مۇھەببەت مەغلۇبىيىتى (بولۇپمۇ كېيىنكى ئىككى قېتىملىقى) نىڭ ئاندېرسېنغا بولغان روھىي زەربىسى ئىنتايىن زور بولىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاندېرسېن مۇھەببەت يولىدىن قايتىپ، يېقىن دوستى ھېنرىك (Henrik) ۋە مېلچېر (Melcherr) بىلەن بىرگە تۇرۇپ، تاكى 1873- يىلى جىگەر راكىغا گىرىپدار بولۇپ قەلەم تۇتالمايدىغان ھالغا يەتكەنگە قەدەر، داۋاملىق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاساسلىقى قەلەم ھەققىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ. ئاندېرسېن ھەتتا نامراتلىقتا شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنكى، مەيلى ئۆزى ئۇزۇن يىل ياشىغان كوپېنھاگېندا بولسۇن ياكى يۇرتى ئودېنسېدا بولسۇن، ئۇنىڭ ھېچقانداق سەخسىي ئۆي- زېمىنىمۇ بولمىغان. پۈتكۈل ھاياتىنى ھارماي- تالماي ئىجاد قىلىش ۋە ئەۋلادلارغا مەنىۋى بايلىق قالدۇرۇش ئۈچۈن بېغىشلىغان بۇ ئۇلۇغ قەلەم ساھىبى 1875- يىلى 4- ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە دوستى مېلچېرنىڭ كوپېنھاگېندىكى داچىسىدا 70 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.
رۇسىيىنىڭ 19- ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ تەنقىدىي رېئالىستىك يازغۇچىسى لېف تولستوي ئۆزىنىڭ كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىدە مەخسۇس ئاندېرسېن ھەققىدە توختىلىپ: «مەن توپتوغرا ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندېرسېننىڭ ئەسەرلىرىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىپ، پەقەت شۇنىلا ھېس قىلالىدىمكى، ئۇ بولسىمۇ غېرىبانىلىق» دەپ يازغان ئىدى.
چۆچەكتە ئەكس ئەتكەن ئارزۇ، رېئاللىق ۋە تەقدىر
ھانس كرىستىئان ئاندېرسېن ھەقىقەتەنمۇ دۇنيا ئەدەبىياتى خەزىنىسىدىكى «بالىلار چۆچىكى پىرى» دەپ ئاتىلىشقا مۇناسىپ گىگانت ئەدىب. گەرچە بالىلار چۆچىكى ئىجادىيىتىنى پەقەت ئاندېرسېندىنلا باشلانغان دېيىشكە بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئاندېرسېننىڭ قەلىمى ئارقىلىق تېخىمۇ نۇرلىنىپ، يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈلگەن دېيىشكە تولىمۇ ھەقلىقمىز. ئاندېرسېننىڭ بۇ جەھەتتىكى تۆھپىسى مەڭگۈ كۆمۈلمەستۇر. ئۇنىڭ دۇنيادىكى باشقا چۆچەك يازغۇچىلىرى، مەسىلەن ئاكا- ئۇكا گرىملار (Jacob Grimm 1785-1863 , Wilhelm Grimm 1786-1859) دىن پەرقلىنىدىغان يېرى شۇكى، ئاندېرسېن پەقەت خەلق چۆچەك- رىۋايەتلىرىنى توپلاپ ۋە رەتلەپ ئېلان قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆز ئىجادىي تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ يېڭى چۆچەكلەرنى ئىجاد قىلغان. گەرچە ئاندېرسېن چۆچەك ئىجادىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، بۇ خىلدىكى ئىجادىيەتنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئانچە تونۇپ يەتمىگەن، ھەتتا ئۇنى «پارچە- پۇرات ئىش بىلەن شۇغۇللانغانلىق» دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن كىتابخانلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاندېرسېن ئاساسىي زېھنىنى بالىلار چۆچىكى ئىجادىيىتىگە قارىتىپ، ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تالانتىنى نامايان قىلىشقا باشلايدۇ. كېيىنكى چاغلاردا ئاندېرسېن ئۆزىنىڭ «مېنىڭ چۆچەكلەردەك ھاياتىم» دېگەن تەرجىمىھال ئەسىرىدە، شۇ ۋاقىتتىكى ھەقىقىي ھېسسىياتىنى مۇنۇ قۇرلار ئارقىلىق تولۇق ئىپادىلەيدۇ: «چۆچەك- ئۇ خۇددى قەلبىم ئېتىزىغا كۆمۈلگەن بىر تال ئۇرۇق ئىدى، مەن پەقەت شۇنچىكى تۈۋىنى بوشىتىپ، قۇياش نۇرى، ئاب ھاۋا ۋە بىر تامچە يامغۇر سۈيى بىلەن ئۇچراشتۇرغان ئىدىم، ئۇ شۇئان بىخ سۈرۈپ، بوي تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بەردى.»
ئاندېرسېن چۆچەكلىرى ھەم شېئىرىي گۈزەللىككە، ھەم كومېدىيىلىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشتەك ئۆزگىچە بەدىئىي ئۇسلۇبقا ئىگە. بۇنىڭدا ئالدىنقىسى يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئۇسلۇب بولۇپ، ئۇ كۆپرەك مەدھىيىلەش خاراكتېرىنى ئالغان چۆچەكلەردە، كېيىنكىسى كۆپرەك كىنايە خاراكتېرىنى ئالغان چۆچەكلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
ئاندېرسېننىڭ چۆچەك ئىجادىيىتىنى دەسلەپكى مەزگىل (1835-1844- يىللار)، ئوتتۇرا مەزگىل (1845-1852- يىللار) ۋە كېيىنكى مەزگىل (1852-1873- يىللار) دېگەن ئۈچ دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى چۆچەكلىرىدە تولۇپ تاشقان گۈزەل ئارزۇ ۋە ئۈمىدۋارلىق روھ كۆپرەك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئاساسەن رېئالىزم ۋە رومانتىزملىق ئۇسلۇبنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشتەك ئالاھىدىلىك گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. «چاقماق قۇتىسى»، «كىچىك يىدانىڭ گۈللىرى»، «باشمالتاق قىز»، «پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى»، «دېڭىز قىزى»، «ئاققۇ»، «سەت ئۆردەك چۈجىسى» قاتارلىقلار ئاندېرسېننىڭ مۇشۇ مەزگىلدىكى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرا مەزگىلدە ئىجاد قىلغان چۆچەكلىرىدە خىيالىي تەسەۋۋۇر تەركىبلىرى ئاجىزلاشتۇرۇلۇپ، رېئاللىق تەركىبلىرى نىسبىي ھالدا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئەدىب جەمئىيەتتىكى رەزىللىكلەرنى قامچىلاپ، چىنلىق، ياخشىلىق ۋە گۈزەللىككە مەدھىيە ئوقۇش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىشلىرىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، يەنە قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يوشۇرۇنغان ئىشەنچسىزلىك ۋە مەيۈسلۈك كەيپىياتىنىمۇ ئاشكارىلىغان. بۇ مەزگىلدىكى ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق»، «قار خانىش»، «كۆلەڭگە»، «بىر تامچە سۇ»، «ئانا ھەققىدە ھېكايە»، «ياغاچ قونچاق تىياتىرى ئورۇنلايدىغان ئادەم» قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. كېيىنكى مەزگىلدىكى چۆچەكلىرى ئوتتۇرا مەزگىلدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ رېئاللىققا يۈزلەنگەن بولۇپ، ئۇلاردا ئاساسلىقى تۆۋەن تەبىقىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ھەسرەتلىك تەقدىرى تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى سۈرلۈك، قاراڭغۇ تەرەپلەر ۋە پانىي دۇنيادىكى تەڭسىزلىكلەر ئېچىپ بېرىلگەن. ئاساسىي مۇقامىنىڭ تولىمۇ سۇلغۇن بولۇشى، مۇشۇ دەۋردە يېزىلغان چۆچەكلەرنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. «سۆگەت ئاستىدا كۆرگەن چۈش»، «بولۇمسىز ئايال»، «بويتاقنىڭ پوسمىسى»، «تەلەيلىك پيېر» قاتارلىقلارنى دەل ئاندېرسېننىڭ كېيىنكى مەزگىلدىكى ۋەكىللىك چۆچەكلىرى دېيىشكە بولىدۇ.
ئىجادىيەت ئۇسۇلى جەھەتتە، ئاندېرسېن چۆچەكلىرىنىڭ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان نۇرغۇن ئۆزگىچە تەرەپلىرى بار. ئۇ چۆچەك ئىجادىيىتىدە پەقەت بالىلار بىر ئوقۇپلا چۈشىنەلەيدىغان ھېكايەتلەرنى يېزىشقىلا بېرىلىپ كەتمىگەن. ئۇنىڭ چۆچەكلىرىدىكى خېلى نۇرغۇن بايانلار چوڭقۇر پەلسەپىۋىي مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنى پەقەت چوڭلارلا چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ. بىراق، ئاندېرسېن بالىلارنىڭ ئاشۇ چۆچەكلەرنى مۇنداقلا ئوقۇپ چىقسىمۇ، ئۇلاردىكى ھېكايە ۋەقەلىكلىرىنىڭ بالىلارنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئۆزىگە جەلپ قىلالايدىغانلىقىغا، ھالبۇكى ئۇلار بۇ چۆچەكلەردە يوشۇرۇنۇپ ياتقان چوڭقۇر مەنىلەرنى ئەينى ۋاقىتتا بىلىۋالالمىغان بولسىمۇ، ئەمما چوڭ بولغاندىن كېيىن چوقۇم ئۆزلىكىدىنلا بايقاپ يېتەلەيدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنگەن.
تىل ئۇسلۇبى جەھەتتە، ئاندېرسېن ئۆز چۆچەكلىرىدە دانىيىدىكى تۆۋەن تەبىقە كىشىلىرىنىڭ جانلىق تىلى ۋە خەلق چۆچەك- رىۋايەتلىرىنىڭ تىل قۇرۇلمىسىدىن تولۇق پايدىلانغانلىقى ئۈچۈن، ئەسەرلىرىنىڭ تىلى راۋان ھەم تەسىرلىك، ئاددىي- ساددا ھەم تەبىئىي چىققان بولۇپ، ئۇلاردىن قويۇق ئانا يۇرت پۇرىقى كېلىپ تۇرىدۇ. ئاندېرسېن دەل ئەنە شۇنداق ئۆزگىچە ئىجادىيەت ئۇسۇلى ۋە تىل ئۇسلۇبى قوللانغاچقا، سەت ئۆردەك چۈجىسى، كىيىم كەيمىگەن پادىشاھ، كىچىك ساھىبجامال بېلىق، باشمالتاق قىز ۋە قىزىل كەشكە ئوخشاش، كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرۇپ مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدىغان بىر تۈركۈم يىگانە بەدىئىي ئوبرازلارنى يارىتالىغان. بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئوبرازلار دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى تىپلارغا ئايلىنىپ كەتتى ھەمدە دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ تىل قامۇسلىرى ۋە مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلدى.
ئاندېرسېن ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، دوستى ئوستېد ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن كەسكىن قىلىپ: «چۆچەك ئىجادىيىتى نامىڭىزنى ئەبەدىيلىككە ئىگە قىلىدۇ» دەپ توغرا ئېيتقان ئىدى. مانا دەرۋەقە ئاندېرسېننىڭ ئۆلمەس چۆچەكلىرى ھازىرغىچە 140 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇنىڭ نامى، ئىدىيىسى، روھى ۋە پەزىلىتى دۇنيادا يېزىق مەدەنىيىتىگە ئىگە بولغانلىكى ھەرقانداق بىر جايدا تا بۈگۈنگىچە ياشاپ كەلمەكتە. شۇنداق، خەلقىمىز ئاندېرسېنغا، ئاندېرسېن چۆچەكلىرىگە مۇھتاج، ئاندېرسېنمۇ ئۆز چۆچەكلىرى ئارقىلىق ئەۋلادلىرىمىزغا بەخت تىلەيدۇ. ئاندېرسېن چۆچەكلىرى گويا تۈن ئاسمىنىدىكى يارقىن يۇلتۇزلاردەك ئەبەدىل ئەبەد چاراقلاپ، كىشىلەرنى گۈزەل ۋە سىرلىق غايىۋى ئالەمگە باشلاپ كىرىدۇ. ♣
مەنبە :
پايدىلانغان ماتېرىياللار - ‹1› لىن خۇا(林桦): «ئاندېرسېن ھەققىدە بايانلار»، خەنزۇچە «شىنلاڭ تورى» شاڭخەي قانىلى(新浪网上海频道) نىڭ 2004- يىلى 11- نويابىردىكى تور بېتى.
‹2› ۋاڭ چۈەنگېن(王泉根): «ئاندېرسېن 199 ياشقا كىردى»، خەنزۇچە «جۇڭخۇا ئوقۇرمەنلىرى گېزىتى» نىڭ 2004- يىلى 12- ماي سانىنىڭ 2- بېتى.
‹3› ۋېي جۈەنخۇاڭ(危砖璜): «ئاندېرسېن: چۆچەك ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئازاب»، خەنزۇچە «ئوقۇرمەنلەر مەجمۇئەسى ھەپتىلىك گېزىتى» نىڭ 2005- يىلى 18- يانۋار سانىنىڭ 3- بېتى.
‹4› شى چىنئې(石琴娥):«ئاندېرسېن چۆچەكلىرى ئومۇمىي توپلىمى. كىرىش سۆزى»، خەنزۇچە. شاڭخەي تەرجىمە نەشرىياتى، 2005- يىل 1- ئاي 1- نەشرى 1- بېسىلىشى.
‹5› «ئاندېرسېن چۆچەكلىرىدىن جەۋھەرلەر»، ئۇيغۇرچە. شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 1988- يىلى 10- ئاي 1- نەشرى 1- بېسىلىشى.
‹6› دانىيىنىڭ نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورگىنى بولغان «جەنۇبىي دانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئاندېرسېن تەتقىقات مەركىزى» (University of Southern Denmark The HC Andersen Center) تور پونكىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار.
‹7› « Google » ئىزدەش تور بېتىدىكى ئاندېرسېنغا مۇناسىۋەتلىك ئىنگلىزچە ماتېرىياللار (كىشى ئىسىملىرى، يەر- جاي ناملىرى ۋە ئەدەبىي ئەسەر ناملىرى قاتارلىقلار).

ئاپتورى :توختى مەھمۇت ئەلائى

اﷲ باردۇر ، بىردۇر ، اﷲ تىن باشقا ھىچ بەرھەق خالىق يوقتۇر . مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام اﷲنىڭ بىزلەرگە ئېبەرگەن بەرھەق پەيغەمبىرىدۇر . ئامىن .

مىسرانىم تورنىڭ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5899
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8593
تۆھپە نۇمۇرى: 411
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2010-8-8
ئاخىرقى: 2014-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 11:48:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يوللاپسىز دوستۇم ، قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن،C:\\Documents and Settings\\Administrator\\Local Settings\\Temporary Internet Files\\Content.IE5\\GPYR8Z6F\\misranim1%20(15)[1].gif

ئابابەكرى   <<بوياق>>   گۇما مەن ئىنتىلمەيمەن دۇنياغا پەقەت، يەككە يىگانە قالساممۇ يالغۇز. تىز پوكمەستىن دۇشمەن ئالدىدا، ئولسەممۇ مەڭگۈ ئارمىنىم يوقتۇر.

ئاللاھتىن ھەممى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23302
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11882
تۆھپە نۇمۇرى: 320
توردا: 1280 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2012-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-14 12:21:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تاپسىلىي تونۇشتۇرۇپ يېزىپسىز  ،رەھمەت
مەن بۇ ئادەمنىڭ تەرجمھالنى ئوقۇپ باقمىغان ئىكەنمەن ،جىق نەرسىلەرنى بىلۋالدىم داۋاملىق مۇشۇنداق ئەسەرلىرىڭىزنى كورۇپ تۇرساق دەيمەن .......

ئادەمنىڭ روھى چۇشسە ئۇنىڭ ئېتىمۇ چاپالمايدۇ......چىڭگزخان

ياردەم مەزمۇنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16211
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7922
تۆھپە نۇمۇرى: 493
توردا: 5832 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-14 12:41:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەرقنىڭ چۆچەكلىرىنى ئۆزگەرتىپ يازغاندەكلا، جىق ئوخشاشلىقلارنى سەزگەنمەن بۇ ئادەم يازغان چۆچەكلەردىن.

ەاقدقدەىقسشاندشىندىقنشدەبنشۈبندەىنشبن

ھېچنىمە دىگۈم يوق!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6322
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4745
تۆھپە نۇمۇرى: 693
توردا: 1052 سائەت
تىزىم: 2010-8-14
ئاخىرقى: 2013-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-14 10:53:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ياخشى تېمىكەن، ئاندېرسون چۆچەكلىرىنىڭ ئىككى قىسمىنى قىزىمغا ئېلىپ بەرگەنتىم ، قىزىم بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيدۇ. مۇنبەردىكى ياش ئاتا-ئانىلار باللىرىڭلارغا ئېلىپ بېرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن!

ھېچنىمە دىگۈم يوق!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش