مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 760|ئىنكاس: 13

ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالدامچىلىقىدىن ئاگا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 2160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23872
تۆھپە نۇمۇرى: 3095
توردا: 6109 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 08:33:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
          ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالدامچىلىقىدىن ئاگاھ بولۇڭ

                                پاتىمە ئەيسا ، نىجات ئىمىن
    ھەر يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭلا قىسمەن ئوقۇغۇچىلار نومۇرىنىڭ ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىگە يەتكەنلىكى ياكى خېلى يۇقىرى بولغانلىقىدىن خۇشال بولسا، يەنە قىسمەن ئوقۇغۇچىلار غەمگە پاتىدۇ، ئاتا – ئانىلىرىمۇ ھەم شۇنداق. ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن بەزى ئوقۇغۇچىلار تولۇق 3 – يىللىقتا قايتا ئوقۇشنى تاللايدۇ ياكى باشقا چىقىش يولى ئىزدەيدۇ، بەزى ئاتا – ئانىلار بالىسىنىڭ بۇنداق تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. يەنە بەزى ئوقۇغۇچىلار چوقۇم شۇ يىلى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىشنى بەك ئارزۇ قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قىسمەن ئاتا – ئانىلار بالىسىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ياكى بالىسىنى تونۇش – بىلىشلىرىنىڭ بالىسى بىلەن سېلىشتۇرۇش، بەسلەشتۈرۈش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆز ئالدىغا تونۇش ئىزدەپ، بالىسىنى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلدۇرماقچى بولۇپ، تەرەپ – تەرەپكە قاترايدۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئالدامچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئاتا – ئانىلارنىڭ گاڭگىراپ يۈرگەن ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ ھەر خىل ئالدامچىلىق ۋاسىتىسىنى قوللىنىدۇ، پىسخىك جەھەتتىن ئاجىزلاشقان بەزى ئوقۇغۇچىلار، ئاتا – ئانىلار ئالدامچىلارنىڭ ‹‹قارمىقى››غا ئاسانلا ئىلىنىپ قالىدۇ.
    2010 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە مائارىپ تارماقلىرى ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈرۈمچى، قۇمۇل، بايىنغولىن، ئاقسۇ، سانجىلاردا 21 قانۇنسىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نۇقتىسىنى پاش قىلدى. شىئەندىكى بىر خۇسۇسىي مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىزدىن 48 ئوقۇغۇچىنى ئالداپ قوبۇل قىلىپ ئېلىپ ماڭغاندا، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ ئوقۇغۇچىلارنى پويىز ئىستانسىسىدا توسۇپ قېلىپ، ئۇلارنى ۋاقىت ۋە ئىقتىسادىي زىياندىن ساقلاپ قالدى. ئالدانغان بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، 32سى چەت، يىراق يېزىلاردىن ئالداپ ئېلىپ مېڭىلغان، بۇنىڭدىن ئالدامچىلارنىڭ ئالدامچىلىق تىغ ئۇچىنى ئۇچۇر ئالاقىسى تۆۋەن يېزىلارغا، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ بالىلىرىغا قارىتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئادىل مۇھەممەت: ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ئۇ مەكتەپنى ئارزۇسىغا يازغانمۇ يوق؟ قوبۇل قىلىنغان مەكتىپى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى بېسىپ تارقاتقان ‹‹2011 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىمتىھان›› دېگەن قوللانمىدا بارمۇ – يوق؟ قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇچۇرى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئېلان قىلغان سۈرۈشتۈرۈش تورلىرىدا بارمۇ – يوق؟ بۇ نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا، شۇ جايىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرىدىن سۈرۈشتۈرسىمۇ بولىدۇ، دېدى.
    ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى دۆلەت بىر تۇتاش بەلگىلەيدۇ ھەم جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلىدۇ، دۆلەت تەستىقلىمىغان، جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلىنمىغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنىڭ ھەممىسى ساختا، مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىغا، تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ ھەم دۆلەت ئېتىراپ قىلىش دائىرىسىدە يوق مەكتەپلەرگە ئالدىنىپ قوبۇل قىلىنىپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى ئېلېكترونلۇق تىزىملىككە كىرگۈزۈلمەيدۇ، ئېلېكترونلۇق تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى كادىرلار تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمەيدۇ ۋە ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. ھازىر ئېلىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى تۈزۈمىنىڭ قېلىپلىشىش دەرىجىسى، باشقۇرۇش تەرتىپى پىشقان، قېلىپلاشقان باسقۇچقا قەدەم قويدى، شۇڭا ئوقۇغۇچىلار ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئالدامچىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەسلىكى، ئازراقلا گۇمان بولسا، ئۆز جايىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا ياكى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس سۈرۈشتۈرۈش تېلېفونى(8750000 – 0991)غا تېلېفون بېرىپ ئېنىقلىشى كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ بۇ قىزىق لىنىيەلىك تېلېفونى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارغا، ئاتا – ئانىلارغا ھەر ۋاقىت مۇلازىمەت قىلىدۇ.
مەنبە:
2011– يىل7– ئاينىڭ12– كۈنىدىكى‹‹شىنجاڭ گېزىتى ››

ئادەم بولماق تەس

ئۆتنە ئالەم بۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46559
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1332
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 601 سائەت
تىزىم: 2011-7-3
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 08:55:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى مۇھىم خەۋەردىن بىرنى يوللاپسىز دىمىسىمۇ راس ھازىر بىرقىسىم يىراق جايلاردىكى دېھقان -چارۋىچىلار بۇ نوقتىغا ئانچە ئېتىبار بىرىپ كەتمەيدۇ چاقىرىق كەلسىلا مەكتەپ سۈرۈشتۈرمەيلا باللىرىنى ئاپىرىپ بىردىغان ئەھىۋاللار ناھايتى كۆپ

سەمىمىي راستچىل بول.ئالدامچى كاززاپ بولما.

غەيۋەتخورغا لەن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 3421
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5733
تۆھپە نۇمۇرى: 2670
توردا: 2656 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 09:21:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەنمۇ بىلىپ قىلىشقا تىگىشىلىككەن.
ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك!

بىرئاللاھ قىلا مۇھەببەت باغلايمەن!ئاللاھ قا مۇھەببەت باغلىغان ئىنسان ھەرگىزمۇ زىيان تارتمايدۇ.

اﷲپۇتكۈل مۇسۇلما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4101
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9700
تۆھپە نۇمۇرى: 1491
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2010-7-16
ئاخىرقى: 2012-2-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 09:33:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت بىلىۋالدىم چوقۇم ئىھتىيات قىلىمەن .

اﷲ باردۇر ، بىردۇر ، اﷲ تىن باشقا ھىچ بەرھەق خالىق يوقتۇر . مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام اﷲنىڭ بىزلەرگە ئېبەرگەن بەرھەق پەيغەمبىرىدۇر . ئامىن .

http://qintax.33591.cn

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 824
يازما سانى: 471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9798
تۆھپە نۇمۇرى: 1034
توردا: 6195 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 10:16:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش چاقىرىقى بىر بالىغا بىر ئايدا 30دىن ئۇشۇق چاقىرىق كىلىپ بالىلارنىڭ بىششىنى قايماقتۇرۇپ قۇيىۋاتىدۇ ،قاتتىق  دىققەت قىلمىسا ئالدىنىپ قالىدۇ.

http://qintax.33591.cn

ئېھ ئانا دەريا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47047
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 425
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2011-7-7
ئاخىرقى: 2011-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 10:20:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇيىل ئالي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ياخشى بېرەلمىگەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار مەيلى قايسى مەكتەپتىن چاقىرىق كەلسە بارىۋېرىمەن قايتا ئوقۇغۇم يوق دېگەن ئويلارغا كەپتۇ ، بۇنداق بولغاندا مانا مۇشۇنداق شەخسىي مەكتەپلەرگە پايدا بولۇپ ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇشۇ كەيپىياتىدا چوقۇم ئاسانلا ئالدىنىپ قالىدىغان ئىش يۈز بېرىدۇ .

بالىلارنى تېلىۋېزور بۇزىۋاتسا غىڭ قىلمايسەنۇ بالاڭ تېلىۋېزورنى بۇزۇپ قويسا چىچاڭشىپ كەتكىنىڭ قىززىق !

زامان ساڭا باقمى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8692
يازما سانى: 527
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5485
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 3463 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 10:27:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ ئىنىمغىمۇ مەركىزىي شەھەردىن چاقىرىق قەغىزى ئۈچۈن پۇل سېلىش توغرۇلۇق تېلېفۇن كەلدى دىسە

دۇنياغا قارىسام كۈلگۈم كېلىدۇ دەرت ئەلەم ئىچىدە ئۆلگۈم كېلىدۇ بىراۋدىن كەلمىگەچ قىلچىلىك شەپقەت تەنھا جىمجىت يۈرگۈم كېلىدۇ

كۆك بۆرە ئىكەنسە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26217
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4134
تۆھپە نۇمۇرى: 206
توردا: 507 سائەت
تىزىم: 2011-1-14
ئاخىرقى: 2012-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 10:37:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىي مەكتەپكە  ئىمتاھان بەرگەن ھەممە ئوقوغۇچى بىلىشقا تىگىشلىك گەپكەن.........

ھاياتقا ئۈمۈد بى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27297
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6554
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 10:56:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئەپراپىمىزدا ساختا كۈرۈنۈش كۈپۈيۈپ قالدى ... ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىزنىڭ ئارىمىزدىمۇ بۇنىڭغا قارىتا ئەگىشىپ بىرىدىغانلارمۇ بار ...

ئاھ مۇساپىرچىلى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28508
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2821
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1076 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 11:14:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ تىپىكى بىيجىڭ مىللەتلەر ئۇنۋىرسېتىتى بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىنى پەرقلەندۈرەلمىگەنلەر بولسا كېرەك...

پۇتبول تور ناخشا تارىخ مەن ئەڭ قىزىقىدىغان نەرسىلەر .. گەپ يوق

گۈل جەننەت

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 682
يازما سانى: 1076
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9177
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3966 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2011-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-14 09:54:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھميىەتلىك تېما يوللاپسىز، رەخمەت !

بۇ دۇنيادا ئەزەلدىن يول يوق ئىدى ،ئۇپەقەت كىشىلەرنىڭ مېڭىشى بىلەن پەيدا بولغان.   ئاق لالە
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45349
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 399
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 678 سائەت
تىزىم: 2011-6-23
ئاخىرقى: 2011-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-14 11:35:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7093
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5379
تۆھپە نۇمۇرى: 274
توردا: 5835 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-14 11:54:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ بىلىدىغىنىم ئۇرۇمچىدىكى ‹ شىنجاڭ ئىلىم پەن ئۇچۇر ئىنىستىتوتى›(新疆科信学院 )  بولسا كىرەك ، بۇ مەكتەپ ئالدامچىلىقتا ئۇچىغا چىققان ، بۇ مەكتەپتە ئوقىغان بالىلارنىڭ ھەممىسى  ئىشقا ئورۇنلىشالمايدۇ ، مەكتەپ تارقىتىپ بەرگەن دىپلومى بىلەن ھىچقانداق ئىمتاھانغا قاتنىشالمايدۇ ، دۆلەت ئىتراپ قىلمايدۇ.
شۇ مەكتەپتە ئوقىغان ساۋاقداشلىرىمدىن بىر قانچىسى بارتى ، ھازىرغىچە بىكار يۇرۇيدۇ قاقشاپ .
ئاجايىپ ساختا مەكتەپ ئۇ ، ھۆكىمەت شۇ مەكتەپكە بىرەر تەدبىر قوللانسا بولاتتى ، نۇرغۇن ياشلارنى نابۇت قىلىۋاتىدۇ .
بالىلىرى شۇ مەكتەپتە ئوقىۋاتقان ئاتا - ئانىلار دىققەت !  پەرزەنتىڭلارنىڭ كەلگۇسى ئۇچۇن ئۇ مەكتەپتە قەتئى ئوقۇتماڭلار.

ھامان بىر كۇنى گېنرال بولىمەن!!!

غەلبە مەڭگۈ مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 1058
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8049
تۆھپە نۇمۇرى: 2157
توردا: 1801 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-15 07:28:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن جىددىي تۈردە دىققەت قىلىش كىرەك بۇنداق ئىشلارغا!

سەندىن بەخىت ئەمەس ئىمان-ئىتقاد تىلەيمەن،مال دۇنيا ئەمەس غورۇر-ۋىجدان تىلەيمەن!سەن ۋە رەسۇلىڭدىن  باشقىسى مەن ئۈچۈن بىكار مەڭگۈ سەن ئۈچۈن!.......
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش