ئايلىق مۇئاش كىرىمىڭىز 4545 يۈئەندى تۆۋەن بولسا شەخس تاپاۋەت بېجى تاپشۇرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.
يېقىندا دۆلىتىمىز « شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى » غا تۈزۈتىش كىرگۈزۈپ، بۇ يىل 9- ئايبىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئەسلىدىكى ئايلىق مۇئاش ساپ كىرىمى 2000 يۇەندىن ئاشسا شەخس تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشنى ئايلىق ساپ كىرىمى 3500 يۇەندىن ئاشقاندا شەخس تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشقا ئۆگەرتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىزدە شەخسلەر تاپاۋەت بېجى تاپشۇرىدىغانلارنىڭ سانى ئەسلىدىكى 84 مىليۇندىن 24 مىليۇنغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ خەۋەرلەر جەمىيەتكە تارالغاندىن كېيىن بەزى تورداشلار : « جوڭگۇدا پەقەت 24 مىليۇن ئادەمنىڭلا مۇئاش ساپ كىرىمى 3500 يۇەندىن يۇقۇرى، مۇئاش ساپ كىرىمى 2000 يۇەندىن يۇقۇرى ئەمما 3500 يۇەنگە يەتمەيدىغانلاردىن 84 مىليۇن كىشى بار، مۇئاش ساپ كىرىمى 2000 يۇەنگە يەتمەيدىغانلارنىڭ سانى بىر مىليارت ئۈچ يۈز مىليۇنغا يىتىدۇ » دەپ قاراشتى. يەنە بەزى تورداشلار : « جوڭگۇدا پۇلى كۆپ ئادەملەر شۇنچە كۆپ تۇرسا ، شەخسى تاپاۋەت بېجى تاپشۇردىغانلار ئارانلا 24 مىليۇنمىكەن ، يەنە خېلى كۆپ ئادەم باجدىن قاچتىمۇ قانداق ؟ » دىگەن گۇمانى قارىشىنى ئوتتۇرغا قويدى.
يېقىندا دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى ئىلىم- پەن تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى، تەتقىقاتچى لىيۇ زۇ شەخس تاپاۋەت بېجى توغرىسىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى بەزى مەسىلىلەرگە تۆۋەندىكىدەك جاۋاپ بەردى.
ئايلىق مۇئاش كىرىمى 3500 يۇەندىن ئاشسا شەخس تاپاۋەت بېجى تاپشۇرامدۇ ؟
جاۋاپ شۇكى : ياق. ئايلىق مۇئاشتىن شەخس تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى 3500 يۇەن دەپ بەلگۈلەنگەن بىلەن بۇ سان شۇ ئايلىق مۇئاش ساپ كىرىمىنىلا كۆرسىتىدۇ، ئۇ ،« ئۈچ سۇغۇرتا ، بىر فوند » چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىنكى قالدۇق سومما دۇر، ئاشۇ ساپ كىرىملا شەخس تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشنىڭ ئاساسىدۇر، ناۋادا يۇقارقى «ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند » چىقىرۋېتىلگەندىن كېيىن ئايلىق مۇئاش كىرىم 3500 يۇەندىن ئاشسا ئاندىن شەخس تاپاۋەت بېجى سوممىسى ھېساپلىنىدۇ، مۇشۇ بويىچە بولغاندا سىزنىڭ ئايلىق مۇئاشىڭىز 4545 يۇەندىن تۆۋەن بولسا سىزنىڭ باج تاپشۇرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. « مۇئاش 3500 يۇەنگە يەتسىلا تاپاۋەت بېجى تاپشۇرىدۇ » دەپ تونىۋالماسلىق كېرەك.
« ئۈچ سۇغۇرتا بىر فوند » دىگەندە ئۇ، ياشانغاندا كۈتۈنىش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ۋە ئۆي جامائەت جۇغلانما فوندى » قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ، مۇشۇ تۈرلەرنىڭ ھەر ئايلىق سوممىسىنى يىغىنچاقلىغاندا ئۇ، شۇ ئايلىق مۇئاش ئومۇم سوممىسىنىڭ 23% تىنى ئىگەللەيدۇ، مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە ھىساپلانغاندا ئايلىق مۇئاش ئومۇم سوممىسى 4545 يۇەندىن ئاشمىسىلا باج تاپشۇرۇش چېكىگە يىتىپ بارمىغان بولىدۇ. ناۋادا سىزنىڭ مۇئاشىڭىز 5000 يۇەن بولسا يۇقارقى تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك ئۈچ سۇغۇرتا بىر فوندنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن 10.50 يۇەنلا باج تاپشۇرىسىز، بۇنى بۇرۇنقى ئۆلچەمگە سېلىشتۇرغاندا ھازىرقى باج يۈكىنىڭ 93.4% تۆۋەنلىگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.
مەنبىئى :
http://www.wlmqwb.com/2880/2883/201107/t20110713_2011946.shtml
مىسرانىم تەرجىمە گۇرۇپىسىدىن موغال تەرجىمە قىلدى.