مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5119|ئىنكاس: 21

شاللاق ئەرلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41062
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3370
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2011-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 03:05:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتراپىمىزدىكى ئەرلەر

ئابابەكرى ئابدۇقادىر تەنھا

<جالاپ > دىگەن بۇ سۆز ئەسلى پارسچىدىن كىرگەن بولۇپ ئۇ بىزنىڭ تىلىمىزدا < جەلپ قىلغۇچى، مەھلىيا قىلغۇچى، شەيدا قىلغۇچى... > دىگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ...
ھازىر بىز بۇ سۆزنى كۆپىنچە ھاللاردا قىز - ئاياللارغا ئىشلىتىۋاتىمىز...
چۈنكى، جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم < يامان > ئەرلەر قىز - ئاياللارغا < يولدىن چىقىپ كەتكەن قىسمەن بۇزۇق قىز - ئاياللار بۇنىڭ سىرتىدا... > قىلىدىغان نوچىلىقىنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ ئۇلارنى جالاپ دەپ تىللايدۇ، نامىنى بىر قوللۇق چىقىرىپ بولۇپ ئاشۇ ئازغان قىز - ئاياللارنىڭ نامىنى سېسىتىدۇ...
بەزى قىز - ئاياللارغىمۇ ئاز، نىمە قىلىدۇ شۇنداق پايدىسىز ئىشلارنى قىلىپ...
ئەمما رىئال تۇرمۇشىمىزدا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئەرلەر ئۆزىنىڭ غۇرۇر - ۋىجدانىنى ئاللىقاچان يوقاتقان بولۇپ ئۇلار ئىنسان قىلمايدىغان ناچار قىلىق، ئىش - ھەرىكەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇپ يۈرۈشمەكتە...
ئۇلارنى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ...
1 - ياشلىق مەزگىلىدىكى ئەرلەر ( يىگىتلەر ):
بۇ خىلدىكى ئاساسەن توي قىلىش يېشىدىكى < 18 ياشتىن 25 ياشقىچە...> بولغان ئەرلەر ( يىگىتلەر ) بولۇپ بۇلار ئۆزىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىقىدىن، قىزغىن ھىسسىياتىدىن ۋە ئۆزىدە بار بولغان تەبىئىي ماھارىتىدىن پايدىلىنىپ تەجرىبىسىز قىزلارنى ئالداپ ئۇلارنىڭ گۈلىنى ئۈزۈپ بولغاندىن كىيىن پىشىنى قېقىپلا باشقا يەرگە يۈرۈش قىلىدۇ - دە، ئاقىۋەتتە نىيىتىگە يارىشا نىسىۋىگە ئۇچراپ بىر ئۆمۈر روھىي ئازاب ئىچىدە ياشايدۇ...
2 - ئائىلىسى بار ئەرلەر:

بۇ خىلدىكى ئەرلەر ئۆيىدە ئۆزىنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ، بارلىقىنى ئىرى، بالىسى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن بارنى تىجەپ ئىشلىتىپ ، يوقنى چاندۇرماي بارلىقىنى قۇربان قىلىپ ياشاپ كىلىۋاتقان مىھرىبان، كۆيۈمچان ۋە ئۇماق ئايالىنى ئۆيىگە قارانچۇق قىلىپ قويۇپ سىرتتا جىمىي ناز - كەرەشمىسىنى ئىشقا سېلىپ، < قوي باقماي گۆش يىيىش > نى كەسپ قىلىۋالغان ئەيدىز ئەلچىلىرىنىڭ تۈمەن مىڭ خىل ھىيلە - نەيرەڭلىرىگە مەستۇ - مۇستەغرەق بولۇپ ئۆزىنىڭ ئايالى، بالىسى ۋە ئائىلىسى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇيدۇ - دە، ئاقىۋەتتە يا ئايالىدىن ئايرىلىپ يالغۇز ياشايدۇ ياكى بولمىسا كوچىدىكى ئۆزى ياقتۇرۇپ قالغان سەتەڭدىن بىرى بىلەن توي قىلىپ پاراكەندىچىلىك ئىچىدە ياشايدۇ...
3 - كەسىپ ئىگىسى ئەرلەر:
بۇ خىلدىكى ئەرلەر ئۆزىنىڭ ئايالى يولدىشى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغانلار بولۇپ بۇلار ئادەتتە ئۆيىنىڭ ئېغىر - يىنىك ئىشلىرىنى قىلماي بارلىقىنى كەسپكە ئاتايدۇ، چۈنكى بۇلارنىڭ كەينىدە يولدىشىنىڭ نەتىجە قازىنىشى ئۈچۈن قۇربان بىرىدىغان ئايالى بار بولۇپ كەسپتە ئازراق نەتىجە قازانغاندىن كىيىن شۇ كەسپكە قىزىققان ئەمما ھېچقانداق نەتىجە قازىنالمىغان قىز - ئاياللارنى ئوۋلاپ ئاتالمىش بەخت پەيزىنى سۈرىدۇ - دە، بىر مەزگىلدىن كىيىن قىلىۋاتقان كەسپىدە ھېچقانداق نەتىجە يارىتالماي بىر كىشىلىك مائاش ئۈچۈنلا ياشايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ...
4 - سودىگەر ئەرلەر:

بۇ خىلدىكى ئەرلەر كۆپىنچىسى ئازغىنە دەسمىي بىلەن تىجارەت باشلىغانلار بولۇپ، بۇلار ئاتا - ئانا، ئورۇق - تۇققان ۋە دوست - بۇرادەرلىرىنىڭ قوللىشى، كۆپىنچە ھاللاردا مىھرىبان ئايالىنىڭ مەدەت بىرىشى بىلەن بېيىغانلار بولۇپ تىجارەتتە ئازراق بېيىغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇپ ئىشتىنىغا پاتماي، تاپقان پۇلىنىڭ مېغىزىنى چاقىدۇ - دە، بىر مەزگىلدىن كىيىن ھالال كىتىۋاتقان سودىسىغا مەينەتچىلىك يۇقتۇرۇپ تىجارەتتە ئۇ - بۇ سەۋەبلەر بىلەن زىيان تارتىپ ۋەيران بولىدۇ...
5 - نامرات ئەرلەر:

بۇ خىلدىكى ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى شۇنچە ئىشلىسىمۇ كۆڭلىدىكىدەك ئىقتىسادقا ئىرىشەلمەي ئاچچىقىدا ئەقلىنى يوقىتىپ ئۇدۇللۇق تاپقان پۇلىنى ئۇدۇللۇق قىز - ئاياللارغا خەجلەپ ياشلىقىنىڭ پەيزىنى سۈرىدىغانلار بولۇپ بۇلار ئاقىۋەتتە ۋەيران بولۇشتىن باشقا تەقدىرگە يولۇقمايدۇ...
6 - باشلىق ئەرلەر:
بۇ خىلدىكى ئادەملەر ئۆزىنىڭ ھوقۇقى بار چاغدا ئۆزىنىڭ ھوقۇقىغا ھاجەتمەن بولغان ھاجەتمەن قىز - ئاياللارنىڭ تەڭقىسلىقىدىن پايدىلىنىپ كۆڭۈل ئاچىدۇ...
بۇلار ھوقۇقىدىن چۈشۈپ كەتكەن ياكى دەم ئېلىشقا چىققاندىن كىيىن باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان نەپرىتىنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن بىر ئۆمۈر نەپرەتلىك كۆزلەرنىڭ نەيزىدەك سانچىلىشىدا خۇدۇكسىرەپ ياشايدۇ...

7 - شاللاق ئەرلەر:
بۇ خىلدىكى ئەرلەرنىڭ ئاساسەن ئايالى يوق بولۇپ بۇلارنىڭ كۈنى ئاساسلىقى ئويۇن - تاماشا بىلەن ئۆتىدۇ...
بۇلارنىڭ دوستلىرى كۆپىنچە ئويۇنخۇمار قىز - ئاياللار بولۇپ ھەر كۈنى ئىچىپ - يىيىش بىلەن بىر كۈنى باغچا - ئارامگاھتا، بىر كۈنى رىستوران - مىھمانخانىدا ئۆتىدۇ...
بۇلار كۆپىنچە بىرەر يەردە تۇرمايدۇ، ھېلى ئۇ يەردە، ھېلى بۇ يەردە خۇددى كىپىنەكتەك ئۇ يەر - بۇ يەردە يۈرۈپ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ ياشايدۇ...
بۇلارنىڭ ئېڭىدا توي قىلىش، بالا تېپىش ۋە ئائىلە قۇرۇشتەك ئىشلار مەۋجۇت بولمىغاچ يېشى بىر يەرگە بارغاندا ھېچ بولمىغاندا كىسەل بولۇپ يېتىپ قالغاندا ئاندىن بەزىبىر ھەقىقەتلەرنىڭ ماھىيىتىگە يىتىپ پۇشايمان قىلىشىدۇ، ئەمما كىيىنكى پۇشايمان قىلچىلىك پايدا بەرمەيدۇ...
چۈنكى، ياش بىر يەرگە بارغان، توي قىلاي دىسە ئۆي، پۇل... دىگەندەك زۆرۈر لازىمەتلىكلەر يوق، توي قىلسىمۇ پەرزەنت قالدۇرۇشتەك ماغدۇرى ئۈزۈلگەن...

8 - مۇھەببەتتە مەغلۇپ بولغان ئەرلەر:
بۇ خىلدىكى ئەرلەر ھاياتىدا < ئاساسەن ياشلىقىدا... > بىرەر قىز - چوكاننى ئەسەبىيلەرچە ياخشى كۆرۈپ قالغانلار بولۇپ قىسمەن سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن توي قىلالماي، قىلچىلىك ياخشى كۆرمەيدىغان بىرەرسى بىلەن مەجبۇرى توي قىلىپ ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندە ياكى بىر - ئىككى بالىلىق بولغاندا تۇرمۇشىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي، يا ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كىتەلمەي، يا ئۆتۈۋاتقان خاتىرجەم تۇرمۇشىنىڭ قەدرىگە يەتمەي، ۋە ياكى رىئاللىققا يۈزلىنەلمەي ھەمىشە ئەمەلگە ئاشمايدىغان چۈش كەبىي ئاتالمىش مۇھەببىتىنىڭ روھىي چەمبىرىكىگە سولىنىپ قالغانلار بولۇپ كۈنلىرىنى سېغىنىش، ئەسلەش ۋە ھەسرەت ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ ھەمدە كىيىن ئۆزىنى كونترول قىلالماي ئىچىملىك چىكىملىك ۋە ئاساسلىقى پاھىشىۋازلىققا بىرىلىپ ئاخىرىدا خار - زەبۇن ھالەتتە ياشايدۇ...
قىسقىسى، بۇ خىلدىكى ئەرلەر بىر ئائىلىنىڭ غول تۆۋرۈكى بولغاچقا ئەقىل بىلەن ئىش كۆرمەيدىكەن، ئۇلارنىڭ كىيىنكى ھاياتى توپىدىن خار، يۇندىدىن مەينەت، ئەخلەتتىن پاسكىنا... ھالدا داۋام قىلىدۇ...
قىز -ئاياللارنىڭ جالىپى ئۆزىنىڭ تىنىنى ساتسا ئەرلەرنىڭ جالىپى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى، بالىلىرىنىڭ تەقدىرىنى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ساتىدۇ...
ئاقىۋەت شۇنداق نەتىجىلىنىدۇكى، ئەرلەر - خار - زەبۇن ، ئاياللار - تۇل - بەختسىز، بالىلار - ئوغرى - يانچۇقچى، ئۆي - يىقىلغان كونا تام... غا ئايلىنىپ بىر چاغلاردا ھەممىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگەن تۇرمۇش ئاخىرەتكە يول ئالىدۇ...
دىمىسىمۇ كىم دەيدۇ، ئەرلەرنىڭ جالىپى يوق دەپ...

ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق قىز - ئاياللارنىڭ جالىپىدىن ئەرلارنىڭ جالىپى كۆپىيىۋاتمامدۇ...؟!
ئىھ اللاھ ، شۇ خىلدىكى ئەرلەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب - دىيانەت، تەۋپىق - ھىدايەت ۋە ئىمان نۇرى ئاتا قىلغايسەن!

ئاپتور: قاراقاش ناھىيە كۇيا يېزا پاۋان كەنتە 4 - مەھەللە 9 - قورودا

    مەن كۆچۈرۈپلا قويدۇم خالاس

(ئارمانغا چۇشلۇق

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3580
يازما سانى: 503
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11011
تۆھپە نۇمۇرى: 548
توردا: 3162 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 04:21:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادا نوخسانسىز ئىنسان بولمايدۇ ،،،

ب

پەقەت ئاپئاق كۆڭۈلنىڭ دوستمەن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 1233
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 63999
تۆھپە نۇمۇرى: 995
توردا: 2937 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 04:34:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈمۈد شامى ئۆچكەن جايلاردىن
ھەر قەدەمدە شەيتان تىپىلار
شەيتانلارنى پىر تۇتۇپ يۈرگەن
دىلى سۇنۇق نادان تېپىلار...
  
يارتىش ئاللاھتىن  بولغان بىلەن يارالمىش ئەقىل ۋە  ئەقىدە ئىتقاتقا باغلىق

ئوۋچىنىڭ ئوقياس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1985
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9131
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 04:41:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللار توغرلۇق تېمىلار ئەمدى ئازلاپ قالغان،ئەمدى ئەرلەر توغرلۇق تېمىلار كۆپۈيۈپ قىلىۋاتىدىغۇ....تەڭشەلمىگەن جاھاندە بۇ......

بىز  كىشىلەرنىڭ دۇرۇس ئىش ھەركەتتە بولمايۋاتقانلىقىنى بايقاپلا قالساق،بۇنى مەلۇم سەۋەپكە باغلاپ تۈزۈتۈشكە تىرىشىدىكەنمىز.لىكىن بۇنىڭ نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدىغىنى ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە بەش قولدەك ئايان......بۇنىڭ سەۋەبى بەك ئاددى بىزدە ھازىر ئىمان ئىغىزىمىزدىلا ،تىلىمىزنىڭ ئۇچىدىلا بولۇپ قىلىۋاتىدۇ.
شۇڭا بۇنى مەلۇم بىر ئىشقا چىتىۋالماي،شۇنداق كىشىلەردىن ئىمان سوراپ باقايلى قىنى بامۇ ياكى يوقمۇ.......ئەڭ ئەۋزىلى ئۆزىمىزدىن ئىمان سوراپ باقايلى بامۇ ياكى يوقمۇ...بولغان تەقدىردىمۇ تىلىمىزنىڭ ئۇچىدىلا....ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە ئايان

پاتقان قۇياشنىڭ تەپتى بولمايدۇ!

ئوۋچىنىڭ ئوقياس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1985
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9131
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 04:44:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2قەۋەتتىكى(زامانى) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قا

خو.... ما گەپنىڭ جېنى با گەپ بولدى

پاتقان قۇياشنىڭ تەپتى بولمايدۇ!

ئاللادىن قورقىم

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35032
يازما سانى: 896
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8660
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 3601 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 04:45:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەممە ئىشنى بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ باشلايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11893
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 05:03:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرلەرمۇ ئۆز مەسئۇليىتىمىزنى تۇنۇپ يىتىپ ئەخلاق جەھەتتە ئائىلىدىكى ئەزالارغا ئۈلگە بۇلالىساق بۇمۇ بىزنىڭ بىر چوڭ غەلبىمىز.

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 1577
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9789
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3283 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 05:42:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ئەرلەردىن بۇلۇپ قېلىشتىن بۇلۇپمۇ غۇرۇرسىز ئەرلەردىن بۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىنايلى،ئايال كىشى زادى بەك جاھىل چىقىپ قالسا ،ھاراقكەش بولغاندىن بالىلىرىمىزنى ھەرگىز  تاشلىۋەتمەسلىك ئاساسىدا ئەخلاقلىق قىز -ئاياللار بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ ،شۇ بالىمىزغا قايتىدىن تىنىچ ئائىلە مۇھىتى يارتىشقا تىرىشىپ،ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنى تاشلىۋەتمەسلىكىز لازىم دەپ قارايمەن.

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 1577
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9789
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3283 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 05:45:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  TOGRAKPADIXASI كە 2011-07-13 05:03 PMئەۋەتىلدى  :
ئەرلەرمۇ ئۆز مەسئۇليىتىمىزنى تۇنۇپ يىتىپ ئەخلاق جەھەتتە ئائىلىدىكى ئەزالارغا ئۈلگە بۇلالىساق بۇمۇ بىزنىڭ بىر چوڭ غەلبىمىز.
ناھايتى ياخشى دەپسىز!...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47561
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3368
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2011-7-12
ئاخىرقى: 2011-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 06:51:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆز-ئۆزىمىزنى سورىساق بىز يەنىلا نەمۇنىلىك ئەرلەردىن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش