2001-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بېيجىڭنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشى غەلىبە قازانغان. شۇ كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22 دە، ھەممە كۆز تىككەن 2008-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈدىغان شەھەر موسكۋادا ئېلان قىلىندى، سامارانچ «بېيجىڭ» دېگەندە بارلىق جۇڭگو خەلقى ھاياجانلاندى.
1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىزدە تۇنجى كومپيوتىر كاككېر ۋەقەسى يۈز بەرگەن. شاڭخەيدىكى مەلۇم تورنىڭ خادىملىرى تورنى تەكشۈرۈۋاتقاندا، تورغا نامەلۇم بىرسىنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بايقىغان. شۇ كۈنىلا جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلغان. بۇ دەل ئېلىمىزدىكى تۇنجى خاككېر ۋەقەسى. جىنايەت گۇماندارى 22 ياشلىق دۆلەت ئىچىدىكى بىر تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاسپىرانتى بولۇپ، كومپيوتىر تېخنىكىسى تولىمۇ يۇقىرى ئىكەن.
1985-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ فىلادېلفىيە شەھىرى، ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ئافرىقىدىكى يوقسۇللار ئۈچۈن ئىئانە توپلاش مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن. بۇ كېچىلىك دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سىمسىز توك ئارقىلىق تارقالغان. تەخمىنەن بىر مىليارد 200 مىليون كىشى بۇ كېچىلىكنىڭ بىۋاستە تارقىتىشىنى كۆرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىدىكى ئىئانە تارماقلىرىنىڭ تېلىفونلىرى ئالدىراش بولۇپ كەتكەن.
1981-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كامبۇدژا مەسىلىسى خەلقئارا يىغىنى ئېچىلغان. ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە كامبۇدژا مەسىلىسى توغرىسىدا خەلقئارا يىغىنى ئېچىلغان. يىغىندا «كامبۇدژا مەسىلىسى خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنىپ، ئىجابىي نەتىجە قولغا كەلگەن. خىتابنامىدا چەتئەل ئارمىيەلىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كامبۇدژادىن شەرتسىز چىقىپ كېتىشى، كامبۇدژانىڭ مۇستەقىللىقىگە، زېمىن پۈتۈنلىكىگە، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، بارلىق دۆلەتلەر كامبۇدژانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
1947-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا تۇنجى تۈركۈمدىكى دىنوزاۋرنىڭ تاشقا ئايلانغان جەسىتىنى بايقىغان. بۇ دىنوزاۋرلار 200 مىليون يىل ئىلگىرى ياشىغان.
1924-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى قۇرۇلغان. بېيجىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، سوتسىيالىستىك ياشلار ئۇيۇشمىسى، ماركىسىزىم ئىلمىي تەتقىقات ئورنى، جۇڭگو-روسىيە جەمئىيىتى قاتارلىق 50 نەچچە جەمئىيەت بېيجىڭدىكى مەركىزىي باغچىدا جاھانگىرلىككە قارشى تۇرىدىغان ئىتتىپاق قۇرغان.
مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى