مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5437|ئىنكاس: 24

facebook ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18352
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3903
تۆھپە نۇمۇرى: 860
توردا: 227 سائەت
تىزىم: 2010-11-21
ئاخىرقى: 2011-11-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 08:39:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

facebook ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە



نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئابونتى ئەڭ كۆپ سانىلىدىغان Facebook دۆلىتىمىزدە چەكلىۋېتىلگەن. بەلكىم بىر قىسىم دوستلار ھەتتا Facebook نىڭ نېمىلىكىنى بىلمەسلىكىمۇ مۇمكىن. بىراق ئېلىمىزدىكى بىر قەدەر داڭلىق 人人网(بۇرۇنقى 校内网 شۇ) دېگەندەك SNS سۇپىلىرىنى خېلى كۆپ ساندىكىلەر ئوبدان بىلىدۇ، دۆلىتىمىزدىكى بارلىق SNS سۇپىلىرى مۇشۇ FaceBook نى دوراپ تەقلىد قىلىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن.


FaceBook، بازار قىممىتى 85 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان بىر شىركەت، بىر نەپەر مارك زاكېربېرگ(Mark Zuckerberg) ئىسىملىك ياش تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يەرشارىدىكى 270 نەچچە دۆلەتتە 70نەچچە خىلغا تەرجىمە قىلىنغان ، تىزىملاتقان ئابونتى 600 مىليوندىن ئاشىدىغان بىر ئىجتىمائىي ئالاقە تورى.

Mark Zuckerberg ئەڭ دەسلەپتە 2004-يىلى Facebook نى قۇرغان ۋاقتىدا ياتاقتىكىلەرنىڭ ئالاقە قىلىشىغا قولايلىق بولۇشىنى ئويلاپ قۇرغان، كىيىن بىرلا تارقىتىلغاندىن كىيىن يىغىشتۇرۇپ بولالماي قالغان. 2004-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، Facebook باشقا ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېچىۋېتىلگەن، 2005-يىلىدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرامەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېچىۋېتىلگەن، ئۇنىڭغا ئۇلاپ 2006-يىلى چوڭلارغا ئېچىۋېتىلگەن. گەرچە Facebook نىڭ ئاساسلىق ئوبىكتى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسىمۇ، ئامېرىكىدىكى 134 مىليۇن ئىشلەتكۈچىسى ئىچىدە ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئىشلەتكۈچىنىڭ يېشى 26 ياشتىن يوقىرى بولغان، باشقا دۆلەتلەردە ئېشىش نىسىبىتى ئەڭ تىز بولىۋاتقىنى ئوتتۇرا ياش ئاياللار بولماقتا.

FaceBook نىڭ 2007-يىلىدىكى كىرىمى 150 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، 2008-يىلىدىكى كىرىمى 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 2009-يىلىدىكى كىرىمى 600~700 مىليون ئەتراپىدا، 2010-يىلىدىكى كىرىمى بولسا، بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا مۆلچەرلەنگەن. ھازىر ھەر بىر ئايدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 1 مىليون 500 مىڭ دوللار ئەتراپىدا.


2010-يىلى 7-ئايدا، FaceBook نىڭ ئابونتى 500 مىليون ئادەمگە يەتكەن، ئابونتلارنىڭ ھەر كۈنى تورغا چىقىرىدىغان رەسىمى 8 مىليون 500 مىڭ پارچىدىن ئاشقان.ھازىر FaceBook نىڭ بازار قىممىتى ئاللىقاچان 89 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.


20 مىنۇت ئىچىدە facebook دا نىمىشلا يۇز بېرىدۇ ؟

بىر مىليون ئۇلانما.

بىر مىليون 484 مىڭ پائالىيەت تەكلىپنامە.

بىر مىليون 972 مىڭ دوستلۇق قۇبۇل قىلىش.

ئىككى مىليون 716 مىڭ پارچە رەسىم

ئىككى مىليون 716 مىڭ پارچە قىسقا ئۇچۇر

بىر مىليون 587 مىڭ پارچە تامغا جاۋاب خەت (wall posts)

ئون مىليون 208 مىڭ پارچە ئىنكاس يېزىلىدۇ .


facebook نىڭ ئابونتلىرىنى كۆرۈپ باقايلى :


دۇنيا نۇپۇسى : 6,930,055,154
FaceBook ئابونتى : 664,032,460
ئىگەللىگەن پىرسەنت : 9.6 %
دۇنيادىكى 13 ئادەمنىڭ بىرسى FaceBook ئويناۋاتىدۇ .

10 نەچچە دۆلەتتە دۆلەت نۇپىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن ئارتۇق كىشىلەر FaceBook ئويناۋاتىدۇ .

400 مىليون ئابونت ھەر ئايدا كام دېگەندە بىر قېتىم FaceBook نى زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ، %60 ئابونت بولسا ھەركۈنى FaceBook نى زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ، %85 ئابونت بولسا، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم FaceBook نى زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ، %93 ئابونت ھەر ئايدا بىر قېتىم FaceBook نى زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن، ھەر بىر ئابونت ھەر ئايدا FaceBook نى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن 83 سائەت سەرپ قىلىدۇ، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 19 مىنۇت چوقۇم FaceBook نى زىيارەت قىلغان بولىدۇ.


كۈنلۈك زىيارەت سانى : 261,000,000 چىكىلىش : 5,107,770,000


facebook ھەققىدە مىنىڭ ئويلىغانلىرىم :
facebook نىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىكى تەرەققىياتىغا ھەقىقەتەن كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ ، ئۇ باشقا ھەر قانداق مانا مەن دىگەن شىركەت ۋە گوروھلارنى بەك ئوسال ئەھۋالغا كەلتۇرۇپ قويدى . 2004-يىلدىن ھازىرغىچە( 2011 - يىلغىچە )قىسقىغىنە 7 يىل داۋامىدا ئۇ بىر مودا ئېقىمنى ھاسىل قىلدى ، بۇلۇپمۇ ئەزالارنىڭ سادىقلىقى ھەرقانداق بىر بىكەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ .

مىنىڭچە بىز ئەتىگەن قۇپۇپلا تىلۋىزور ياكى باشقا نەرسىلەرنى كۆرىمىز ، 48 پىرسەنت 26-40 ياشلار ئەتراپىدىكى كىشلەر ئەتىگەن قۇپۇپ يۈز كۆزىنى يۇمايلا facebook قا چىقىدۇ . ئۇلار ھەرقانداق خەۋەرنى facebook دىن كۆرىدۇ .


ھېلىمۇ ئىسىمدە قايسى بىر چاغدا دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭى يەنى ئامرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى بىراك ئوبامانىڭ تەسىرى كۈچى كۈچلۈكمۇ ياكى 500 مىليون ئەزاسى بار facebook نىڭ قۇرغۇچىسى مارك زاكىربەگمۇ دىگەن تالاش -تارتىشدا شۇنداق بىر قىزغىن بەس مۇنازىرە بولغان . ئاخىرىدا قاتناشقان ئەزا كىيىنكىسىنى تاللىغان ، يەنى facebook .


facebook نىڭ زادى نىمىسى ياخشى ؟

بۇ سۇئالغا facebook نىڭ نىمىسى ياخشى ئەمەس دىگەن جاۋاب ناھايىتى ئورۇنلۇق . ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇ بىزگە بىر سورۇن ھازىرلاپ بەردى يەنى ئۆز-ئارا دوستلىشىش ئۇچۇر پىكىر ئالماشتۇردىغان بىر سورۇن .


شىركەتلەرگە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ ماركىسىنى ، مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلدىغان ، خېرىدارلار بىلەن ئۆز-ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلالايدىغان سورۇن .

مەيلى سىز ئوقۇغۇچى ياكى ئوقۇتقۇچى ، ساقچى ياكى ئوغرى ، باشلىق ياكى ئىشچى ، ئىشقىلىپ نىمىلا بولماڭ facebook سىزگە ماس كىلىدۇ . سىز بەلكىم گوگىل ياكى بەيدۇ ئىزدەش تورلىرىدىن سىز ئىزدىمەكچى بولغان ئۇچۇر ماتىرياللارنى تاپالىشىڭىز مۇمكىن ، بۇ ماتىرياللار بەلكىم 10 يىل بۇرۇنقى ماتىريال ئۇچۇرلار بۇلىشى مۇمكىن ، ئەمدى سىز facebook غا شۇ سىز ئېرىشكەن ماتىرياللارنى بۇرۇن ئىشلىتىپ باققان ، ياكى سىزگە ئوخشاش ۋەزىيەتتە تۇرغۇن تورداشلارنى تېپىپ ئۆز- ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرالايسز .


قىسقىغىنە چۈشەنچە :
سىز بەلكىم ئىزدەش تورىدىن بىر يېڭىچە تاماق ئىتىش ئۇسۇلى (پولو ئىتىش دەيلى ) تاپالايسىز ، مەيلى رەسىملىك ، خەتلىك ياكى فىلىملىك بولسۇن ئىزدەش تورىدىن تاپالايسىز ،جانسىز خالاس.
ئەمدى سىز facebook دا سىز شۇ يېڭىچە تاماقنى ئىزدەپ باقسىڭىز ، شۇ يېڭىچە تاماقنى ئېتىپ باققانلار ، يەپ باققانلار ، ھەتتا ھەرخىل ئۇسۇلدا سىناپ باققان ھەقىقىي تورداشلارنى تاپالايسىز ، ھەم ئۇلارنى دوستقا قۇشۇۋېلىپ ئۇلار بىلەن شۇ يېڭىچە قورۇما توغرىسدا ئۇچۇر پىكىر ئالماشتۇرالايسىز ، مانا بۇ ھەقىقىي جانلىق ئىزدەش ئۇچۇرىدۇر .

facebook نىڭ ئۇيغۇرچىسى داڭدارنى ئېچىش توغرىسىدا :
facebook نىڭ 270 دۆلەتتە 70 نەچچە خىل تىل ھۆججىتى بار ، بىراق ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتى يوق . ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتىنى تەرجىمە قىلغان بىلەنمۇ بەرىبىر دۆلتىمىزدە ئېچىلمايدۇ. شۇڭا بىز داڭدار دەپ facebook نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ياساپ چىقتۇق .

بەت كۆرۈنۈش ئىقتىدار لاھىلىنىش جەھەتتە facebook نى ئۈلگە قىلىپ ياساپ چىقتۇق ، ئامال بار facebook غا ئوخشاش قىلىشقا تىرىشتۇق ھەم داڭدار نامىدا 7-ئاينىڭ 2-كۈنى تورغا ئېلان قىلدۇق . 10 كۈندەك ھەرقايسى جەھەتلەردىن سىناش ئېلىپ بېرىپ بۈگۈن رەسمىي تورداشلارغا ئېلان قىلىدۇق .

نۇرغۇن قېتىمىلىق مەغلۇبىيەت ئوڭۇشسىزلىقتىن ساۋاق ئېلىپ ھەم بىكەتنىڭ بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ تورداشلارنىڭ ساپالىق تور ئەھلىدىن بۇلىشىنى سورايمىز، تور بىتىمىزنىڭ ئىككى كۈندە تاقىلىپ قالماسلىقى ئۇچۇن دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ئاڭلىق بوي سۇنۇپ ، قالايمىقان ئۇچۇر - ئىنكاس خەتلەرنى يوللىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز .

facebook كىرىپ باققانلار داڭدارغا كىرگەن ھامان ھەممىنى ھىس قىلالايدۇ ، ئەگەر تورداشلار facebook غا كىرىپ باقمىغان بولسا ، تور بىتىمىز ئۇيغۇرچە ھەم يېڭى يېزىقچە كىرىپ زىيارەت قىلىپ باقساڭلار بولىدۇ . ھەرقانداق تەكلىپ - پىكىر بولسا بىزگە خەۋەر قىلساڭلار بىز چوقۇم سەمىيمىلىك بىلەن قۇبۇل قىلىمىز . بىلمىگەن ، چۈشەنمىگەن سۇئالللار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز .

داڭدار تورى http://dangdar.com/












پايدىلانغان مەنبە :
تورخۇمار تورى
ئۇيغۇربەگ تۇرايى
تەدبىركار تورى

شۇنداق بىر كۈننى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1436
يازما سانى: 460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7542
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 1448 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2011-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 09:59:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فېيىس بوك ئويناپ يۈرگەن كۈنلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم دېسە، بولىدىغان ئالاقە تورى ئىدى. ئەپسۇس بىزدە ئېچىلمايدۇ ھازىر، داڭدارنىمۇ سىناپ باقايلى قېنى

قـويـاش يـېيىـشكـە بـولـمـايـدىـغـان نـان، ۋەتـەن بـېـرىشـكـە بولـمـايـدىـغـان جــان~~~!!! خەير، مېنىڭ ئەسلىمىلىرىم، خەير مېنىڭ كۈلكىلىرىم، خەير مېنىڭ ئەڭ سەبىي، ئەڭ پاك، ئەڭ تاتلىق، ئۇنتۇلماس ئەستىلىكلىرىم.....!!!

ئىتقادى غەيرىتى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39761
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-5-5
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 10:30:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رېن رېن غا ئوخشاش تۇرىدىغۇ ؟
بوپتۇلا يەنلا قوللايلى رېن رېن مۇ  ئۆزى ئىجات قىلمىغاندىن كىيىن .
ھەراست مەن يەنە گۇدۇك نىمۇ ئوينايمەن ئۇ راسلا بەك شاش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46064
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1628
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 738 سائەت
تىزىم: 2011-6-29
ئاخىرقى: 2012-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 11:32:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن facebook نى قاچان ئىچىلاىكىن دەپ ساقلاپ ئولتۇرمەن!      ئەمىسە داڭدارىغا بىرىپ كۆرۈپ باقاي!

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31556
تۆھپە نۇمۇرى: 527
توردا: 6570 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 12:15:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىزىملاتسام جىملا تۇردىغۇ؟

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18352
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3903
تۆھپە نۇمۇرى: 860
توردا: 227 سائەت
تىزىم: 2010-11-21
ئاخىرقى: 2011-11-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 12:53:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
ئالدى بىلەن مىسرانىمنىڭ تېمامنى تەستىقلىغىنىغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت .
گەرچە بۇ ئېلان تېمىدەك قىلسىمۇ ، تورداشلارنى ئازراق بولسىمۇ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.
ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ھەققىدە ئازراق بولسىمۇ چۈشەنچە ھاسىل قىلالايدۇ .

kulka0001@hotmail.com

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1888
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7451
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 4016 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 01:53:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ سىناپ باقايچۇ.......................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6049
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5391
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 2862 سائەت
تىزىم: 2010-8-10
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 02:45:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاس بەت ئادىرسى  دېگەن ئورۇنغا نىمە يازىمىز ؟ مېنىڭ خاس بەت ئادىرسىم بولمىسا......

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1593
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10342
تۆھپە نۇمۇرى: 592
توردا: 7738 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 03:11:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۆتكەندە تىزىملاتسام  گاز رۇڭىدەك قالاپلا تۇغان ..ھازىر ئازراق مىدىرلاتىدا ...لىكىن  خەت دىگەن نەسىلە ئۆز جايىدا تۇمايدا

ئىسلامىي رەسىملەر ئامبىرىغا مەھەممەت
بىر كىچىك تاش ئەينەكنى سۇندۇرۇشقا يىتەرلىك،
بىر ئىغىز گەپ يۈرەكنى ئاغرىتىشقا يىتەرلىك،
بىر نەچچە سىكونت ياخشى كۈرۈشكە يىتەرلىك.
بىر خاتا چۇشەنچە دوسلۇقنىڭ بۇزۇلىشىغا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18751
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3406
تۆھپە نۇمۇرى: 225
توردا: 7581 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 08:04:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭكىدە ئېچىلمىدى . بىراق شۇنداق كۆرۈپ باققۇم بار .

چوڭ بولغانسىرى ئاشۇ غەمسىز بالىلىقىمنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم دىسە !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش