مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1126|ئىنكاس: 18

بوۋاقلار سۆھبىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

گەپ ئېغىزدىن چىق

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3629
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 73203
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 04:55:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئى ئىنسانلار! بىز سىلەرگە (ئاللاھنىڭ قۇدىرتىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسالامنى)تۇپىراقتىن، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى (ئالدى بىلەن )ئابى مەنىدىن ، ئاندىن لەختە قاندىن ، ئاندىن شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن ۋە كىرگۈزۈلمىگەن پارچە گۆشتىن ياراتتۇق. بىز خالىغان ئادەمنى بەچچىداندا مۇئەييەن مۇددەتكىچە قالدۇرمىز، ئاندىن سىلەرنى(ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن)بۇۋاقلىق ھالىتىڭلاردىن چىقىرمىز.(ئاندىن سىلەرنى ئاستا-ئاستا كۈچ قۇۋەتكە تولدۇرمىز)سىلەر كامالەت يېشى، قىران ۋاقتىڭلارغا يىتىسىلەر، بەزىڭلار ياشلىقىڭلاردا ۋاپات بۇلۇپ كتىسىلەر، بەزىڭلار(ئىلگىركى بىلگەندىن كىيىن ھىچ نەرسىنى بىلمەس ھالىتڭلارغا قايتۇرلىشىڭلار ئۈچۈن)ناھايتى قېرىپ كەتكۈچە ھايات قالدۇرسلەر.  ‹ سۈرە ھەج، 5- ئايەت







_ ئاكا بىز بۇ قاراڭغۇلۇقتا قانچىلىك تۇرارمىز؟
_ئالدىرما سىڭلىم، بىزنى ياراتقان ئىگەمىزنىڭ بىزگە بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقتى بار، ۋاقتى سائىتىمىز توشقاندا ، كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچىمىز.
_ قارا ئاكا، بۇ دۇنيا نىمە دىگەن گۈزەل ھە، قارا ئاۋۇ قۇياش، ئاي يۇلتۇزلارنى كەڭ باغرىغا ئېلىپ ، سۇزۇلۇپ ياتقان كۆپكۈك ئاسماننى ؛ قارا كۆپكۈك ئاسماندا خۇشال ، ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشلارنى؛ قارا ئاۋۇ دولقۇنلاپ تۇرغان دەريالارنى، كۆردىڭمۇ؟ ئاۋۇ سۇغا چۇمۇلۇپ ئويناۋاتقان بالىلار نىمە دىگەن خۇشال؛ ئاۋۇ ياپيىشىل ئورمانلارنى، ئاڭلىغىنە قۇشلارنى يېقىملىق سايراشلىرىنى ئاڭلىدىڭمۇ؟ قارا بۇ گۈللەر نىمە دىگەن چىرايلىق، بۇلار قانچىلىك خۇشپۇراقتۇ - ھە؟  قارا، بۇ ئاسمان بىلەن بىر تۇتاش بۇلۇپ كەتكەن كەڭ يايلاقنى ، قارا ئاكا، شوخ قوزىچاق، تايچاقلارنى، ئاڭلىدىڭمۇ؟ ئاۋۇ پادىچىلارنىڭ ناخشىللىرى نىمە دىگەن يېقىملىق؛ ئۇلار نىمە دىگەن بەخىتلىك. ئاكا مىنىڭ ھازىرلا چىقىپ قۇشلار بىلەن پاراڭلاشقۇم، شوخ قوزىچاقلار بىلەن بىرگە سەكىرگۈم، ئاۋۇ گۈللەرنى قانغۇچە پۇرىغۇم، بالىلار بىلەن بىرگە سۇغا چۇمۇلگۈم، بۇ ساپ ھاۋادىن قېنىپ- قېنىپ نەپەس ئالغۇم كىلىۋاتىدۇ.
_ئاپپاق سىڭلىم ، مىنىڭمۇ ھازىرلا چىقىپ كەتكۈم كىلىۋاتىدۇ. بىزنى ياراتقان ئىگىمىزگە شۈكۈرلەر بولسۇن.
_ئاكا تىزىراق چوڭ بۇلايلى.


_ ئاكا ئويغىنە ، قارىغىنە بۇ شەھەر نىمە دىگەن ئاۋات. نىمە دىگەن كۆپ ئادەملەر بۇ. بۇ ئادەملەر نىمانچە روھسىز ۋە ھارغىن كۆرىنىدۇ. قارا ئاكا ، ئاۋۇ بىر توپ بالىلار قاق سەھەردە مۇنچە خۇشال نەگە ماڭغاندۇ؟
_ مەكتەپكە.
_ ئاكا ، كىيىن بىزمۇ مەكتەپكە بارامدۇق؟
_ ئەلۋەتتە. كىيىن ئىككىمىزمۇ قوللىرىمىزنى تۇتىشىپ ، ئاشۇ بالىلاردەك خۇشال-خۇرام ، ھەممە نەرسىلەرگە تويماي قاراپ مەكتەپكە بارىمىز .
_ نىمە دىگەن ياخشى. ئاكا مەكتەپكە ھازىرلا بارايلىچۇ؟!
_ئاپپاق سىڭلىم،ئالدىرما چۇقۇم بارىمىز.
_ ئاكا تىزىراق چوڭ بۇلايلىچۇ...


_ ئاپپاق سىڭلىم ئاڭلىغىنە.
_ نىمىنى؟
_ ئاڭلىدىڭمۇ؟ ئاپام بىزگە گەپ قىلىۋاتىدۇ.
_ شۇنداق ، ئاڭلىدىم ئاكا. قۇلاق سالە، ئاپام بىزدىن ئەھۋال سوراۋاتىدۇ، ئۇ بىزنى ئەركىلىتىۋاتىدۇ، ئاڭلىدىڭمۇ؟ ئاپام بىزدىن چوڭ ئۈمۈدلەرنى كۈتىدىكەن.
_ ئاڭلىدىم سىڭلىم. بىز ئاپامنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويماسلىقىمىز كىرەك.
_ ئاكا ئەمدى ئاڭلىغىنە ، ئاپام يىغلاۋاتىدۇ. ئۇ نىمىشقا يىغىلايدۇ؟
_ ئۇ دادامنى سېغىنىۋاتىدۇ. دادام بۈگۈن ئۆيگە يەنە كەلمىدى. ئاپام ئازاپلىنىپ يىغلاۋاتىدۇ سىڭلىم.
_ ئاكا ، دادامنى مەنمۇ سېغىندىم.  ئۇ نىمىشقا ئۆيگە كەلمەيدۇ؟
_ بەلكىم ، خىزمىتى ئالدىراش بولسا كىرەك.
_ دادام بەكلا ئەسكى ئىكەن. ئۇ بىزنى ، ئاپامنى يالغۇز تاشلاپ قويىدىكەن.
_ ئۇنداق ئەمەس سىڭلىم. دادام ياخشى دادا، پەقەت بۇ ئۆينى باقىمەن دەپ سىرىتلاردا ئالدىراش.
_ ئاكا ، بىز تىزىراق چوڭ بۇلايلى. دادامغا ياردەملىشىپ ئۆينى باقايلى. ئاندىن داداممۇ ئالدىراش بولماي ، ئۆيگە قايتىپ كىلىدۇ. ئاپاممۇ كۈندە يىغلىمايدۇ.
_ تاتلىق سىڭلىم ماقۇل.


_ ئاكا ، ئاپام يەنە ئالدىراپ ناشتا قىلمايلا ئىدارىگە ماڭدى. بىراق مىنىڭ بەكلا قوسقۇم ئېچىپ كەتتى.  
_ ئاپپاق سىڭلىم چىداپ تۇر. بەلكىم ناشتىنى ئىدارىدە يەيدىغاندۇ.
_ ئاكا بۇ ئاپتۇبوستىكى ئادەملەر بەكلا شەخسىيەتچى ئىكەن. ئاپامنىڭ ئېغىر ئاياغ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، بىرسىمۇ ئورۇن بوشتىپ بىرەي دىمەيۋاتدۇ. قارا ئاپام ئۆرە تۇرالماي قېلىۋاتىدۇ.
_ ئۇلار ئالدىراش تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئۆزىدىكى ئادەمىيلىك ئەخلاقنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقانلار سڭلىم.
_ ئاكا مەن بۇ ئادەملەرنى پەقەت ياقتۇرمىدىم.  ئاكا تىزىراق قارىغىنە ئاپامنىڭ پورتمالىنى بىرى ئېلىۋالدى.  قارىغىنە ئۇنىڭغا نۇمۇس قىلىش دىگەننىمۇ بىلمەيدىكەن. ئۇ ھالال ئىشلەپ پۇل تاپسا بولمامدۇ؟ نىمىشقا ئوغۇرلىق قىلىدۇ؟
_ ئۇلار ھالال ئىشلەشنى خالىمايدىغان كىشىلەر. ئۇلار ئۆزىدىكى ۋىجداننى، قولىدىكى ئاشۇ پۇللارغا تىگىشىۋەتكەن. ئۇلار ھارامنىڭ ھىساۋىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئېلىنىدىغانلىقىنى ئويلىمايدىغان ئەخمەق كىشىلەر. ئۇلاردا غورور دىگەن نەرسە قالمىغان سىڭلىم.
_ ئاكا مەن بۇ ئادەملەرنى ياقتۇرمىدىم. سەن تىز چوڭ بۇلۇپ ئاپامنى قوغدىغىن بۇلامدۇ؟
_ جېنىم سىڭلىم چۇقۇم شۇنداق قىلمەن.


_ ئاكا قارا،  ئاپامنىڭ باشلىقى كىلىۋاتىدۇ. ئۇ ئاپامنى يەنە ماشىنىسىغا سېلىۋالىدىغان بولدى.
_ مەن ئۇنى ياقتۇرمايمەن. ئۇنىڭ ئاپامغا قاراشلىرىدىن نىيتىنىڭ يامانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ .
_ ئۇنى مەنمۇ ياقتۇرمايمەن. ئۇنىڭ تاز بېشىدىكى قالغان چاچلىرىنىمۇ يۇڭدىۋەتكۈم كىلىدۇ. ئاپام ئۇ قېرى باشلىققا گەپ قىلمىسا بولمامدۇ؟
_ بەزى ئىشلارنى بىز چۈشەنمەسلىكىمىز مۇمكىن سىڭلىم. ئۇ ھوقۇقىدىن بايدىلىنىپ ، گۇناھ پاتقىقىغا چۆكۈۋاتقان ئىمانسىز توزكور!
_ ئاكا ، ئاپامنىڭ ئىشخانىسىدىكى خوتۇنلار بەكلا غەيۋەتخور ئىكەن. ئۇلار نىمىشقا باشقىلارنى كۆرەلمەيدۇ؟ نىمىشقا بۇ يەردە قۇرۇق گەپ سېتىپ ، باشقىلارنىڭ قىلغىنىنى ياراتمايدۇ؟
_ بىلمەيمەن. بەلكىم ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ خۇشاللىقىنى مۇشۇنىڭ بىلەن ئىزدىسە كىرەك.


_ ئاكا بىز قايسى مىللەت؟
_ بىز ئۇيغۇر سىڭلىم.
_ ئەمسە ئۇلار نىمىشقا ئۇيغۇرچە پاراڭلاشمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى مەن نىمىشقا چۈشۈنەلمەيمەن؟ ياكى مەن ئۇيغۇر ئەمەسمۇ يا؟
_ ئۇنداق ئەمەس سىڭلىم. ئۇلار ئۆز ئانا تىلىنى مۇشۇنداق ئۆزگەرتىپ مودىغا ئايلاندۇرۋالغانلار.
_ ئۇلار بەكلا شەخسىيەتچى ئىكەن. ئۇلار بىزگە جاۋاپكار بۇلىشى كىرەك. بىزگە ئۇنداق تىلنى ئۈگەتمەسلىكى كىرەك.  ئۇنداقتا بىز كىينچە كىملىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالغۇدەكمىزغۇ ئاكا.
_ بەلكىم شۇنداق بۇلار.
_ ياق ئاكا، باشقىلار ئۇنۇتسىمۇ بىز ئۇنۇتمايلى.


_ ئاكا قارا ئاۋۇ ياققا، بۇ كىتاپخانىدا نىمانچە ئادەملەر ئاز.  بۇ ئادەملەر كىتاپ ئوقۇمامدىغاندۇ؟
_ ئۇلارنىڭ كىتاپ ئوقۇغىدەك ۋاقتى يوق.
_ ئۇلار نىمىگە شۇنچە ئالدىراش؟
_ پۇل تاپمىسا بولمايدۇ سىڭلىم.
_ پۇلنى نىمە قىلىدۇ؟
_ پۇل بولسا ئۇلار ھەممە ئىشنى قىلىدۇ. ئوينايدۇ، يەپ ئىچىدۇ.
_ ئاكا قارا بۇ يەر نىمە دىگەن ھەشەمەتلىك . مەن ئەزەلدىن بۇنداق يەرنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. قارا ئاۋۇ سەھنىدىكى چاقناپ تۇرغان چىراقلارغا ، قارغىنە ئاۋۇ ئۈستەللەردىكى تائاملارغا ، ئۇلارنى بۇ ئادەملەر يەپ بۇلالامدۇ ئاكا؟ بۇنىڭ ئىچى نىمانچە قاراڭغۇ، بۇ يەرنى مەن ياقتۇرمىدىم ئاكا. سېسىق تاماكا پۇرقى، بىر - بىرىگە ئۇرلىۋاتقان رومكا ئاۋازلىرى، ھاياسىز قاقاقلاپ كۈلۈشلەر...بۇلار تاپقان پۇلىنى مۇشۇنداق يەرلەردە خەجلەمدۇ ئاكا؟
_ شۇنداق.
_ مەن پۇل دىگەن نەرسىنى ياقتۇرمىدىم . ئاكا، ئاۋۇ بۇلۇڭدىكى ئۈستەلدىكىلەرگە قارا، ئۇلارمۇ قىز بالا بولدىمۇ، قارا ئۇلارغا ھاراق تەڭلەۋاتقان غورورسىز ئەركەكلەرگە . ئىسىت ، لەنەت بولسۇن شۇلارغا! قىز بالا دىگەن ئەسلى بۇنداق بولماسلىقى ، ئوغول بالا دىگەن ئەسلى بۇنداق بولماسلىقى كىرەك ئىدىغۇ ئاكا.
_ قارىما سىڭلىم. ئۇلارنى شەيتان ئازدۇرغانلار.
_ ياق ئاكا، ئۇلاردا ئىمان يوق ئىكەن. قارا ئۇلار نىمە ئىش قلىۋاتىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئويناۋاتقىنى زادى نىمە؟
_ ئۇسۇل ئويناۋاتىدۇ.
_ ئۇ نەدىمۇ ئۇسۇل بولسۇن. ئۇلار نىمانچە بىر بىرىگە چاپلىشىۋالىدۇ. قارا ، بۇ يەردىكى ئادەملەردە ھايا دەيدىغان نەرسە يوق ئىكەن.  ئاكا كىمگە قاراۋاتىسەن؟
_ دادامغا.
_ دادامغا؟ قېنى ؟
_ ئەنە ، ئاۋۇ ياقتىكى ئۈستەلدە دادام ئولتۇردۇ.
_ دادامنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئايال كىم؟
_ بەلكىم خىزمەتدېشىدۇر.
_ خىزمەتداشلار بىلەنمۇ ئاشۇنداق ئولتۇرامدۇ؟ ئۇ ئايال دادامغا نىمانچە چاپلىشىپ ئولتۇردۇ. دادام نىمىشقا ئاپام بىلەن ئولتۇرماي ، ئۇ يەرگە بېرىۋالدى. دادامنى سەن ئالدىراش دەۋاتاتتىڭ بىراق........
_ دادام ئاپامنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئاپاممۇ دادامنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
_ ئاكا مىنىڭ يىغلىغۇم كىلىۋاتىدۇ. قارىغىنە بۇ يەردىكى ئادەملەر ئاللاھتىن قورقمايدىكەن. دادادم ئاۋۇ ياقتا باشقا بىر ئايال بىلەن ئولتۇردۇ. بىراق ئاپامچۇ؟ بۇ يەردە يالغۇز . ئاپا بۇ يەرگە نىمىشقىمۇ كەلگەنسەن؟! مەن بۇ يەرنى ياقتۇرمىدىم . بۇ يەردىك ئادەملەرگە ئۆچ بولدۇم. بۇ لار نىمانچە شەھۋەتكە بىرىلىپ كەتكەن ھە! قارا ئاۋۇ ئەركەكلەرگە ، ئۆز ئاياللىرى باشقا ئەرلەر بىلەن ئۇسۇل ئوينىسا ئۇلار شۇنچە خۇش بۇلۇپ كىتىۋاتىدىغۇ! بۇ ئەركەكلەرگە نىمە بولغاندۇ ئاكا؟ ئاكا مىنىڭ بۇنداق دۇنيادا ياشىغۇم يوق، بۇ جەمىيەتتىكى ئادەملەر چوڭقۇر گۇناھ پاتقىقىغا چۆكۈپ كىتىپتىغۇ . سەن ، مەن تۇغۇلغاندىن كىينمۇ مۇشۇنداق ئادەملەردىن بۇلۇپ كىتەرمىزمۇ؟ مەن قورقىۋاتىمەن. ئاللاھ ئىگەم مىنى نىىشقا ياراتقاندۇ؟ ئاكا مەنمۇ كىيىن مۇشۇ يەردىك مۇشۇ قىزلاردەك بۇلۇپ كىتەرمەنمۇ؟ ياق ئاكا، ئۇنداق بولمايدۇ دىگىن!
_ ئۇنداق بولمايدۇ سىڭلىم. ئاپپواق سىڭلىم يىغلىما، مىنى ئاللاھ ئەركەك قىلىپ ياراتتى. سىنى چۇقۇم قوغدايمەن.
_ بىراق سىنىڭمۇ كىيىنچە بۇلاردەك بۇلۇپ كىتشىڭدىن قورقمەن. قارىغىنە ئاللاھ دادامنىمۇ ، بۇ يەردىكى ھەممە ئەرلەرنى ‹‹ئەركەك›› يارىتىپتىكەنغۇ. بىراق دادام نىمىشقا ئاپامنى قوغدىمايدۇ؟ بۇ ئەرلەر نىمىشقا ئۆز ئاياللىرىنى ، ئۆز قىزلىرىنى قوغىدىمايدۇ؟!
_ بىلمەيمەن سىڭلىم.
_ ئاكا نىمە بولدۇڭ؟ سەنمۇ يىغلاۋاتىسەنغۇ. جېنىم ئاكا ، قارا ئاپام دادامنى كۆرۈپ قالدى. قارىغىنە ئاپاممۇ يىغلاۋاتىدۇ. ئاپامغا دە، بۇ يەردىن كىتەيلى. جېنىم ئاكا بۇ يەر بەكلا ئىپلاسلىققا تولغان يەر ئىكەن. قارا بۇ قېرى ئاياللار نىمىش قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلار بۇنداق ئەۋرەتلىرىنى ئېچىپ ، بۇ يەردە قوڭىنى تولغاپ ئۇسۇل ئويناش بۇلارغا يارىشامدۇ ئاكا؟! بۇ يەر دوزاخ ئىكەن.
_ شۇنداق . ئاپامغا دەيلى، بۇ يەردىن  كىتەيلى ئۇماق سىڭلىم.


_ ئاكا ،مىنىڭ ياغاچ قونچاق بالىنىڭ ھىكايسىنى ئاڭلىغۇم بار ئىدى. بىراق ئاپام بۈگۈن ئۇ ھىكايىنى ئېيتىپ بەرمىدىغۇ؟ ئاپامنىڭ يەنە كۆڭلى يېرىم ئوخشىمامدۇ؟
_ شۇنداق سىڭلىم. دادام بۈگۈن يەنە كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ.
_ بىچارە ئاپام . كۈندە دادامنى ساقلايدۇ. بىراق دادام ئۆيگە بىر بولسا كەلمەيدۇ، بىر بولسا مەس كىرىپ ئاپامنى ئۇرىدۇ. ئاكا ئاپامغا بەكلا ئىچىم ئاغىرىۋاتىدۇ. ئەرلەر بەكلا ئەسكى ئىكەن. ئۇلاردا ۋىجدان يوق ئىكەن. ئۆزىدىن ئاجىز بىر ئىنساننى بوزەك قىلىپ قول تەككۈزىدىكەن.
_ ھەممە ئەرلەر ئۇنداق ئەمەس سڭلىم. مەن ھەرگىزمۇ دادامدەك ئەرلەردىن بولمايمەن. ئاڭلىغىنە دادام كەلگەندەك قىلىدۇ.
_ قارىغىنە ، دادام يەنە مەس كەپتۇ. بۈگۈن ئاپام يەنە تاياق يەيدىغان بولدى. بىزمۇ تاياق يىيىشكە تەييارلىق قىلىپ قويايلى ئاكا.
_ ئاپپاق سىڭلىم ، كىلە بۇياققا كەل. مىنىڭ يېنىمغا كەل. سىنى قۇچاقلىۋالاي. دادام ئاپامنى يەنە ئۇردى.
_ جېنىم ئاكا، ئاپام بىچارە نىمە قىلغانغا ، دادام ئۇنى بۇنچە ئۇرىدۇ.
_ ئۇقمايمەن. بەلكى ئۇ ئۆزىنىڭ ئاپامنى نىمىشقا ئۇرىدىغانلىقىنى ، ئۆزىمۇ بىلمىسە كىرەك.  ئۇنىڭ بىزگە ئىچى ئاغرىمايدىكەن . مەن دادامغا ئۆچ بولدۇم. بىچارە ئاپام بىزنى قوغدايمەن دەۋاتىدۇ. ئۇ دادامغا يالۋۇرىۋاتىدۇ. دادا، سەن ئۆزۈڭگە سادىق بىر ئايالنى ئۇرىۋاتقانلىقىڭنى بىلەمسەن؟ سىرىتتىكى ئاشۇ بۇزۇقلار ، ئاپامدىنمۇ ، بالىلىرىڭنىڭ ئاپىسىدىنمۇ ياخشىمىكەن؟؟؟....سىڭلىم نىمە بولدۇڭ؟
_ ئاكا ، مەن بۇلالمىدىم. جېنىم ئاكا، دادام بەكلا رەھىمسىز ئىكەن. قارىغاندا ئۇ ئۆز قولى بىلەن بىزنى ئۇ دۇنياغا يولغا سېلىپ قويىدىغان ئۇخشايدۇ.ئاكا ئەگەر ماڭا بىرەر ئىش بۇلۇپ قالسا، سەن ھەرگىزمۇ دادامدەك، ھېلىقى ئەركەكلەردەك ياشىما بۇلامدۇ؟ ئاپمنى قوغدا، ئۇنى ھەرگىز يىغلاتما.
_ تاتلىق سىڭلىم . ساڭا نىمە بولدى؟ ھىچ ئىش بولمايدۇ. بىزنىڭ ئازلا كۈنىمىز قالغان ئىدىغۇ. بىز مەكتەپكە بىللە بارىمىز دىيىشكەنغۇ، كەڭ تەبىئەت قوينىدا خۇشال ئوينايمىز دىيىشكەنغۇ. بۇ دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى تېخى كۆرمىدۇققۇ.
_بۇلار ماڭا نىسىپ بولمايدىغان ئوخشايدۇ.  بۇ دۇنيادا كەڭ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن باشقا گۈزەللىكلەر يوق ئىكەن. بۇ بىر يالغانچىلىققا ، بۇزۇقچىلىققا، پاسكىنىچىلىققا تولغان دۇنيا ئىكەن. بەلكىم ئاللاھ ، مىنى بۇ دۇنيادا بۇلغۇنۇپ كەتمىسۇن دەپ  ، مىنى مۇشۇ پاك پېتىم ئەكەتكۈسى كەلگەن ئوخشايدۇ. مەيلى، مىنىڭ مۇشۇ بۇلغانمىغان پاك پېتىم كەتكۈم بار. مەن كەلگۈسىدە ھېلىقى قىزلاردەك بۇلۇپ كىتىشىمدىن ئەنسىرەيمەن. مەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ قۇچىغىدا ، پاڭ پېتىم ، ھالال ياشاپ ئۆتەي. سەن ئەركەك يارالدىڭ. چۇقۇم ئەركەكتەك ياشا. مىنىڭ ئالدىمغا يۈز كىلەلىگۈدەك كەل. ۋىجدانىڭنى ئۇنۇتما. بۇ دۇنيادىكى ھەممە قىزلارنى مىنىڭ ئورنىمدا كۆر. ئۇلارنى مىنى قوغدىغاندەك قوغدا. ۋەتىنىنى قۇم بېسىپ قالاي دىسىمۇ كاللىسىنى سىلكىمەيۋاتقان بىغەم ئەركەكلەرنى ،تەڭرىتېغىدىن چۈشكەن مۇزدەك سۇ بىلەن سەگىىتپ قوي. قىزلارغا ئېيتىپ قوي، مەزمۇت بىر دەرەخنى تۈگەشتۈردىغان قۇرۇتلاردىن بولمىسۇن.
_ ياق سىڭلىم مەندە ئۇنچىلىك جۈرئەت يوق. يۈر بىللە قىلىمىز.
_ قارا ئاكا، مەن بۇ دۇنيادىنمۇ گۈزەل بىر دۇنيانى كۆرىۋاتىمەن. ئۇ يەردە بۇ يەردىكىدەك ئىپلاسلىقلار، بۇزۇقچىلىقلار، مەينەتچىلىكلەر يوق. ئۇ يەر بەكلا گۈزەل ئىكەن. كۆردىڭمۇ سەنمۇ كۆرىۋاتامسەن؟ مەن ناھايتى خۇشال مىنى قويۇپ بەر. مەن مۇشۇ پاك پېتىم كىتەي. بۇ گۇناھ پاتقىقىدىن يىراق تۇراي. سەن چىقىپ كەتكىن، ئاپامغا ياخشى قارىغىن.






مەنبە: بىلىقچى ئىلھاملىرى.


[mp3=1]http://www.kjs666.com/bg.mp3[/mp3]

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
Qindost + 100 قالتىس،ئاپىرىن!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

گەپ ئېغىزدىن چىققۇچە ئادەم باشقۇرىدۇ، ئېغىزدىن چىققان گەپ ئادەمنى باشقۇرىدۇ!

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 09:30:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئىسىل يازمىغا ھىچكىم تېخخ ئىنكاس قالدۇرماپتىغۇ؟ ئۈزۈمنىڭ بىرىنچى قېتىم ئىنكاس قالدۇرالىغانلىقىمدىن ھەمدە مۇشۇنداق ياخشى بىر ئەسەرنى ئۇقۇيالىغانلىقىمدىن ناھايىتى مەمنۇن مەن.
ئىپادىلەش ماھارىتىڭىز ناھايىتى يۇقۇرى بولسا كىرەك. ئانىنىڭ قوسقىدىكى تېخى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچمىغان ئىككى بۇۋاقنىڭ دىيالوگى ئارقىلىق بۇ جەميەبتتىكى ناشايان ئىشلارنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئېچىپ بىرىپسىز . كۆپ رەھمەت سىزگە.

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 09:34:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق بىر ئىسىل ئەسەرگە تۇنجى قېتىم ئىنكاس يازغىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.
ئاپتۇر سىزنىڭ ئىپادىلەش سەنئىتىڭىز ناھايىتى يۇقۇرى بولسا كىرەك. ئانا قۇرسىقىدىكى تېخى يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچمىغان ئىككى بۇۋاقنىڭ دىيالوگى ئارقىلىق جەميىتىمىزدىكى ناشايان ئىشلارنى ناھايىتى ئەتراپلىق، جانلىق سۈرەتلەپ بىرىپسىز. ھەم يازمىڭىز بىلەن مۇزىكىمۇ ناھايىتى ماسلىشىپتۇ.

رەھمەت سىزگە.

بىرسى دىدى تۇخۇم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1550
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3806
تۆھپە نۇمۇرى: 511
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 10:19:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇنبەردە بىر ئايدىن بۇيان كۆرگەن ئەڭ نادىر تېما،ئالدىنقى ئايدا يۇچۇن ئادەم يوللىغان تېمىنى كۆرۈپ شۇنچە ھاياجانلانغانتىم،رەھمەت سىزگە تېما ئىگىسى.

مۇنارلار نەيزە،قۇببىلەر قالقان، مەسجىدلەر گازارما،مۇئمىنلەر ئەسكەر، بۇ ئىلاھى قۇشۇن دىنىمنى قوغدار، ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر!!! بىز ھەممىمىز كۆرۈنمەس قورغاندىكى مەھبۇس.........!!!

گەپ ئېغىزدىن چىق

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3629
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 73203
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 10:19:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمامنى شۇنچە تەھرىرلەپمۇ تەھرىرلىيەلمىدىم. مىسىرانىمنىڭ تىما يېزىش سەھىپىسى بەكلا غەلىتە بۇلۇپ قاپتۇ. يا مەن ئىشلىتەلمىدىممۇ ، ئىشقىلىپ بۈگۈن تاس قالىتىم قان بېسىم بۇلۇپ قالغىلى.
بۇ تىما يەنە كۆزىنى پاقىرتىپ ، يېرىمى چىقماپتۇ. يا  مىنىڭكىدىلا شۇنداق تۇرامدۇ؟ باشقىلارغا نورمال كۆرنىۋاتامدۇ بىلمىدىم. ئىشقىلىپ باشقۇرغۇچىلار بولسا ياخشىراق تەھرىرلەپ قويساڭلار.

گەپ ئېغىزدىن چىققۇچە ئادەم باشقۇرىدۇ، ئېغىزدىن چىققان گەپ ئادەمنى باشقۇرىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45034
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1450
تۆھپە نۇمۇرى: 148
توردا: 3372 سائەت
تىزىم: 2011-6-20
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 11:21:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت   ئىسل يازما  ئىكەن. بەك تەسىرلىك......

روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.(سۈرە شەمىس 9-ئايەت).

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47439
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-7-11
ئاخىرقى: 2011-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 12:13:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bak yahxi yezilip tu .
  bak esil ekan . rahmatsiz ga .koligez ga dat bar misun.

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14061
تۆھپە نۇمۇرى: 1443
توردا: 5642 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 01:05:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

4قەۋەتتىكى(BiLiHchi) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالد

مىنڭ كوپىيۇتىرىمدا نۇرمال چىقىۋاتىدىغۇ ؟ بەلكىم تەڭشىيەلمىگەن ئۇخشايسىز.

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14061
تۆھپە نۇمۇرى: 1443
توردا: 5642 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 01:09:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمىسىمۇ قۇساقتىكى ھامىلە  ،يىغلاشنى كۇلۇشنى بىلگەن يەردە ،سىرتقى ئامىللارغا نىسبەتەن ،خاپىلىقنىمۇ ھىس قىلالىسا كىرەك .ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك يېما يوللاپسىز. ئەجرىڭىزگە رەخمەت .

كۆكلەم باھار

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46306
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 722
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 544 سائەت
تىزىم: 2011-7-1
ئاخىرقى: 2012-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 01:25:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىزگە رەخمەت .ئاللا سىزگە دەت بەرمىسۇن .مۇشۇ تىمىڭىز بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبى يورسىمۇ ئەجەپ ئەمەس.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2849
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5888
تۆھپە نۇمۇرى: 258
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 10:22:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلارچە چۈچۈك تىل بىلەن جەمىتىمىزدە يامراۋاتقان ئىللەتلەرنى ئۇستىلىق بىلەن قامچىلاپسىز . بارىكاللا ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46684
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 228
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2011-7-4
ئاخىرقى: 2011-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 11:08:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى ئىبرەتلىك تېما يوللاپسىز ئاللاھ كۆپلەپ ئەجىرلەرنى بەرسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47214
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 518
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 629 سائەت
تىزىم: 2011-7-9
ئاخىرقى: 2012-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 11:21:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرساقتىكى  بالىلار  تىلىدا  بۇ  جەمئىيەتتىكى ناچار  ،رەزىل  قىلمىشلار  
      ئېچېپ  تاشلانغان.،ئىپادىلەش  ئوسۇلىڭىز  يېڭىچا  ئىكەن.

ئۇلۇغ اللادىن كۆ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40481
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 320
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 316 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2011-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 04:51:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن  ياخشى ئەسەر بوپتۇ . ھازىرقى جەمىئىيتىمىزگە چوڭقۇر چۆكۈپسىز ، ئەتراپلىق كۈزىتىپسىز ، جەمئىتىمىزدىكى كىشىلەرگە ۋابادەك يۇقىۋاتقان ناچار ئىللەتلەرنى ئۆتكۈر تىللىرىڭىز ئارقىلىق قامچىلاپسىز ...ئاشۇ  سەبى بوۋاقلارنىڭ تىلى ئارقىلىق كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزدىن كۈتىدىغان ئۈمۈدلەرنى ئىپادىلەپ بېرىپسىز .
      ئەسىرىڭىزگە « ياخشى » دېگەن باھانىلا بەرسە بەك ئاددىي بوپ قالغۇدەك  ...

بەلكىم تاشلار بىر كۈنى  ،                                     سەن ياقتۇرغان كىشىلەر سېنى .

ئۆزۈڭنى خار قىلغ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43137
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 410
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 622 سائەت
تىزىم: 2011-6-4
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 06:04:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللاھدىن بىلىپ بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈشنى تىلەيلى...!!!

ئەردەك ياشا ئۇيغۇر يىگىتلىرى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش