مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3521|ئىنكاس: 10

كېرىيە مەشرەپلىرىدىن " تاغ مەشرىپى" [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

زۇۋانىڭنى يېغ!شا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40258
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4031
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 04:38:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كېرىيە مەشرەپلىرىدىن " تاغ مەشرىپى"

[img]




تاغ مەشرىپى --- تاغلىق رايونلاردا كەڭ تارالغان مەشرەپ بولۇپ، ھازىر ئاتچان يېزىسىنىڭ پۇلۇ ۋە لۈش كەنتىدە نىسبەتەن مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان. تاغ مەشرىپىنىڭ تەرتىپى ۋە شەكلى باشقا مەشرەپ تۈرلىرىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدۇ. تاغ مەشرىپىنىڭ جەريانى مۇنداق بولىدى:

   يۇرت چوڭلىرىدىن بىرى مەشرەپكە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. مەشرەپتە ئەر- ئاياللا بىر سورۇندا ئولتۇرىدۇ. تاماقتىن كېيىن سازنىڭ چېلىنىشى مەشرەپ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەھەللىدىكى پۈتۈن سازەندىلەر بىر يەردە ئولتۇرۇپ، نەغمە قىلشنى باشلىسا، نەغمە 2 ،3 سائەتتە ئاندىن توختايدۇ. نەغمە باشلىنىپ، قىز- يىگىت، ئەر- ئاياللار تەشەببۇسكار ھالدا بىر- بىرسىنى ئۇسسۇلغا تارتىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. مەشرەپ ئەھلى ئۇسسۇلدىن ھارغاندا، قىزىقچى مەيدانغا چىقىدۇ. تاغ مەشرىپىدىكى قىزىقچى --- مەشرەپنىڭ پاششاپلىق رولىنى ئۆتەيدۇ. قىزىقچى ئويۇننى "تاز بولدى" ئويۇنىدىن باشلايدۇ. ئۇ بېشىغا سالۋا تەلپەك كىيىپ، جۇۋىسىنى تەتۈر كىيىپ، بېلىنى يىپ بىلەن باغلاپ، ئىشتىنىنى تۈرۈپ قويۇپ، پۇتىغا چورۇق كىيىپ، قولىغا ھاسا تاياق ئېلىپ، تولىمۇ ھەجۋىي قىياپەتتە گىرىم قىلىپ ۋە تاسىنىپ، تازنى دوراپ، بېشىنى قاشلاپ مەيدانغا كىرىدۇ. بىرەيلەن دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھال- ئەھۋال سورايدۇ ۋە بىر قەپەس پاراڭلىشىدۇ. پاراڭ پۈتۈنلەي يۇمۇرىستىك تۈستە بولۇپ، بىر نەچچە سۆز ئويۇنلىرى ئورۇندىلىدۇ. ئاندىن ئۇلار ھەجۋىي ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ئۇسسۇل ئوينىغاچ پۇتىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرغانلار، سۇنۇپ ئولتۇرغانلارنىڭ، ئۆز ئارا پاراڭلاشقانلارنىڭ پۇتىغا ھاسسىسى بىلەن ئۇرۇپ ياكى نوقۇپ، مەشرەپ ئىنتىزامىنى تەرتىپكە سالىدۇ. ئاندىن ھەممە كىشىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، "پۇل تىلەيدۇ". پۇلى بارلار پۇل بېرىدۇ، پۇلى يوقلار قەغەز بېرىدۇ. ئۇ "پۇل تىلەپ" بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم مەشرەپ ئەھلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بەرگەن پۇللىرىنى شۇ كىشىگە قايتۇرىدۇ. پۇل ئىگىسى پۇلنى ئېلىپ، كۆزىگە سۈركۈۋېتىپ بەرگەندىن كېيىن قوينىغا سالىدۇ. بۇ جەريان پۈتۈنلەي ھەجۋىي ئۇسسۇل بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. قىزىقچى مەشرەپ مەيدانىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، مەشرەپ ئەھلى يەنە ئۆز ئارا ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. ئۇسسۇل بىر ھازا قىزىغاندىن كېيىن، قىزىقچى "غاز بولدى" ئويۇنىنى باشلايدۇ. ئۇ تەتۈر ئۆرۈلگەن جۇۋىسىنىڭ بىر يېڭىنىڭ ئۇچىنى غازنىڭ شەكلىدە ياساپ، غازنىڭ تۇمشۇقىغا ئوخشىتىپ بىر تال ياغاچ قاداپ، "غاز" نى ئوڭ قولىغا كىيىپ كىرىدۇ. سازەندىلەر دەرھال پەدىنى "شەرۋازىم" غا يۆتكەيدۇ. قىزىقچى قول ھەرىكىتىدە غازنى دوراپ بىر پەدە ئۇسسۇل ئوينىغاندىن كېيىن، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئالدىغا بېرىپ، "غازنىڭ تۇمشۇقى" بىلەن چوقۇلاپ، ھەر بىر كىشىنى بىر كۇپلېت بېيىت ياكى قوشاق ئوقۇشقا سالىدۇ. بېيىت ياكى قوشاقنى دەرھال باشلىيالمىسا داۋاملىق چوقۇلايدۇ. ئوقۇيالمىسا جازاغا تارتىلىدۇ. "غاز بولدى" ئويۇنى تاماملانغاندىن كېيىن، قىزىقچى مەيدانغا كىرىپ، "يولۋاس كۆندۈرۈش"، "مۇرەببىم"، "بۇدۇشقاق"، "ھايۋانلار مەجلىسى"، "تۆگىگە مىنىش" قاتارلىق ئويۇنلارنى كۆرسىتىدۇ. ئويۇن جەريانىدا نەغمىچىلەر ناخشا- مۇزىكىنى زادى توختاتمايدۇ. قىزىقچى ھەر قېتىملىق ئويۇندا مەشرەپ تەرتىپىنى ئۇدا بۇزغانلارنى جازاغا تارتىپ تۇرىدۇ. جازانى رىياسەتچى بەلگىلەيدۇ. رىياسەتچىگە ئايرىم ئىسىم قويۇلماي، شۇ كىشىنىڭ ئىسمى ئاتىلىدۇ. جازالاش ئويۇنلىرىدا "جۇۋاز قوشۇش"، "توخۇغا مىنىش"، "ئېشەككە مىنىش"، "توپاق كۆندۈرۈش"، "تەخسە چىشلەش"، "چىش تارتىش"، "چاچ چۈشۈرۈش" قاتارلىق ئويۇنلار ئوينىلىدۇ.

تاغ مەشرىپىدە، بىر قىسىم ناخشىلارنىڭ ئايرىم ئۇسسۇلى بولىدۇ. شۇ ناخشا چىققاندا شۇ ئۇسسۇلنى ئوينىيالايدىغانلار ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. بىر ناخشىنىڭ ئۇسسۇلى باشقا ناخشىدا ئوينالمايدۇ.

چارۋىچىلار ياز پەسىلىدە چارۋا ماللىرىنى چېقىل ئارىسىدا باقىدۇ. قىش پەسلىدە كەنتكە يېقىن جايلاردىكى يايلاقلاردا باقىدۇ. بۇ چاغلاردا ئاساسەن ئائىلىسىدە تۇرىدۇ. شۇڭا "تاغ مەشرىپى" قىش پەسلىدە كۆپ ئوينىلىدۇ. تاغلىق رايونلاردا توي- تۆكۈن مەشرەپسىز ۋە ئوغلاق تارتىشسىز ئېلىپ بېرىلمايدۇ

مەنبە : www.keriya.blogbus.com


مىللەتنىڭ ئۇغۇللىرى ۋىجدانسىز،غۇرۇرسىز،ئېتقادسىز بولسا ، قىزلارنىڭ قولى ئىشتان بېغىغا چۈشۈپ قالىدۇ.....

ئىمىنجان ھىدايە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15099
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13695
تۆھپە نۇمۇرى: 2034
توردا: 1647 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 05:27:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم  قىنى  مەشرەپنى  يوللاپ  قويماپسىزغۇ ؟ بىزمۇ  ھوزۇر  ، زوق  ئالار  ئىدۇق

ئىمىنجان ھىدايەت

زۇۋانىڭنى يېغ!شا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40258
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4031
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 05:54:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



ئۇيغۇر مەشىرەپلىرى



  
ئاقتۇ تاغ مەشرىپى


قارا قۇرۇم تاغلىرى باغرىدا تارىختىن بۇيان ساقلىنىپ ۋە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنىڭ يىغىندىسى بولغان تاغ مەشرىپىنىڭ شەكلى خىلمۇ- خىل، مەزمۇنى مول بولۇپ، باشقا رايونلار، تۈزلەڭلىك يېزىلاردىكى مەشرەپ شەكلىگە ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە.
ئاقتۇدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى»،  «توي مەشرىپى» ، «ئوغلاق مەشرىپى» قاتارلىق بارلىق مەشرەپ پائالىيەتلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «تاغ مەشرىپى» دەپ ئاتىلىدۇ.



ئاقسۇ چوغتال مەشرىپى


    ئاقسۇ «چوغتال مەشىرىپى» ئاقسۇ دىيارىنىڭ قاراتال، بەشتۈگۈمەن، ئايكۆل، قۇمباش ئىگەچى قاتارلىق جايلاردىكى ئەلنەغمىلەر مۇقام ۋە ھەرخىل قوشاق-بېيتلەر، چۆچەك، ئويۇنلار ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، ئۇزاق زامانلاردىن بىرى ئاقسۇ دېھقانلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل ئاممىۋىي مەشرەپكە ئايلانغان .
بۇ مەشرەپتە «سۇ ئوغرىسىنى جازالاش» نامىدىكى بىر ئويۇندۇر، مەشرەپتىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ سۈيىنى ئوغۇرلاپ، ئۆزىنىڭ ئېتىزىغا قۇيىۋالغان بىر ئوغرىنى تۇتۇپ، مەشرەپ سورۇنىدىن ئۆستەڭگە ئاپىرىپ تاشلىۋېتىش ئويۇنى بار بولۇپ، ئوغۇرلۇق قىلىشنىڭ جىنايەت ئىكەنلىگىنى كىشىلەرگە ئويۇن ئارقىلىق تونىتىدۇ .
«شاھ بىلەن تاياخون» ناملىق چۆچەكتە ئوۋچى بىلەن پادىشاھنىڭ سۇئال- جاۋاپلىرى ئارقىلىق كىشىلەرگە ئەقىل ئىدىراكنىڭ ئادەملەرنىڭ جاپا- مۇشەقەتلەرنى يىڭىپ،ھايات يولىدا ئۆزىنىڭ بەخىت-سائادېتىنى يارىتالايدىغانلىغى ئىپادە قىلىنغان .



ئالتاي تەبرىك مەشرىپى


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ ئەڭ شىمالىي بۇرجىكىگە، ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبى ئېتىگىگە جايلاشقان ئالتاي دىيارى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمى پارلاق مەدىنيىتى مول كان بايلىقلىرى ۋە گۆزەل تەبىئى مۇھىتى بىلەن دۇنياغا مەشھۇردۇر. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قىران دەرياسى بويىدا بىنا بولغان ئالتاي شەھرى (سار سۈمبە) ئىزچىل ھالدا سودا-سېتىق، ھۆنەر- سەنئەت، مەدەنىيەت-مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ نەۋقىران ياشلىق جاسارىتىنى ۋە جۇشقۇن ھاياتى كۈچىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن. ئالتاي ئۇيغۇرلىرى ھەم ئورتاقلىققا ھەم خاسلىققا ئىگە بولغان ئىگىلىك شەكلى، تۇرمۇش ئەنئەنىسى ۋە ياشاش ئۇسۇلىغا مۇناسىپ ھالدىكى ھەرخىل مەشرەپ، ئەلنەغمە، ناخشا-ئۇسۇل، ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە، ھەرخىل چاقچاقلار قاتارلىق ئەلئارا سەنئەت شەكىللىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيتىپ كەلگەن، بولۇپمۇ 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا ئالتاي دىيارىدا سودا-سېتىق، مىللىي كارخانىچىلىق، پەن، مائارىپ ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت مىسلىسىز راۋاجلاشقان ھەمدە بۇ جەھەتلەردە شىنجاڭدىكى ئۈلگىلىك جايلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان .
20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا ئالتايلىق چوڭ باي غوپۇر شىياڭيۇ ئالتاي شەھرىدە ئالتاي كۆن-خۇرۇم كارخانىسى ئۆتكۈزىۋالغان ھەمدە ئاشۇ كارخانىسنى كېڭەيتىپ، مەشھۇر «ئالتاي كۆن - خۇرۇم زاۋۇتى» نى قۇرغان . بۇ كاتتا ئىشنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، شۇ چاغدىكى ئالتايدىكى بايلارنىڭ سەركىسى مۇنەۋۋەر باي چوڭ مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەشرەپكە ئالتايدىكى چوڭ بايلار، يۇرت مۆتىۋەرلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى ئامما قاتناشقان، مەشرەپتە ئالتاي ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى قارمىقىدىكى ئارتىسلار ۋە جەمئىيەتتىكى خەلق سەنئەتكارلىرى ناخشا-ئۇسۇل-، دراممىدىن ئارىيە، ئوپىرا، لەپەر قاتارلىق تۈرلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەرخىل نومۇرلارنى كۆرسەتكەن، بۇ قېتىم ئىشلەنگەن «ئالتاي تەبرىك مەشرىپى» ئەنە ئاشۇ مەشرەپنى قايتا نامايەن قىلىش ئاساسىدا ئىشلەندى .



ئاتۇش باراۋەت مەشرىپى


     باراۋەت مەشىرىپى ئىجاتجان، ئەمگەكچان، ئەقىل-پاراسەتلىك ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇزاق يىللاردىن داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەل ئىچى مەشرەپ تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە پەقەت ئاتۇشتىلا ساقلىنىپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
«باراۋەت» سۆزى «باراۋەر» ۋە «ئەت» دېگەن ئىككى سۆزدىن تەشكىل تاپقان. «باراۋەر» سۆزى تەڭلىك، باراۋەرلىكنى كۆرسەتسە، «ئەت» بولسا گۆشنى بىلدۈرىدۇ. بۇ (گۆش تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ) دېگەنلىك بولىدۇ.
باراۋەت بىز ھازىر دەپ كېلىۋاتقان كىم ئارتۇق سودىسىنىڭ ئەڭ قەدىمقىسى بولۇپ، قوينىڭ گۆش، بويۇن، بۆرەك، ياغ، تېرە قاتارلىق مۇھىم ئەزالىرى تۆۋرۈككە يەنى كىم ئارتۇق سورۇنىغا قويۇلىدۇ.
باراۋەت مەشرىپى ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور بولغان كاتتا پائالىيەت، ئۇ كىشىلەرنىڭ تەۋەككۈلچىلىكىنى، سېخى مەرتلىكىنى، ساخاۋەتلىكىنى، ئىلىمگە تەشنالىقىنى، ئاۋام ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان، مەرتنى مەيداندا سىنايدىغان كاتتا سورۇندۇر.



ئاۋات جۇگان توي مەشرىپى


ئاۋات ناھىيەسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربى شىمالى چېتىگە جايلاشقان ئۆزىنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيلىك ئورنى ئپتىدائى مەدەنىيەت چۆكتۈرمىسى ئاساسىدا يارىتىلغان ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە دولان مۇقام مەشرەپلىرى بىلەن ئىنسانىيەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاۋاتتا مەشرەپ پائالىيەتلىرى بىر قەدەر مول تۈرلىرى خىلمۇ-خىل قىزىقارلىق تەربىيۋى ئەھمىيتى چوڭقۇر بۇ قېتىم جۇگان توي مەشرىپى قايتا قىزىلىش ۋە رەتلىنىش ئاساسىدا سۈرەتكە ئىلىندى .
جۇگان توي (چاچۋاي توي) قىزلار ياتلىق بولۇپ بىرنى تۇققاندىن كېيىن ياكى ھامىلدار ۋاختىدا قىزنىڭ ئاتىسى تەرپىدىن ئۆتكۈزۈپ بىردىغان مۇراسىم، بۇ (جۇگان توي دەپ ئاتىلدۇ)، بۇ مەشرەپتە قىزنى ياساپ چاچۋاخ سېلىپ قىزنىڭ جۇگان بولغانلىقىنى جاكارلايدۇ ۋە ئۇسۇل، ناخشا، مۇزىكا، بىيت، قوشاقلار ئارقىلىق سورۇننى قىزىتىدۇ. مەشرەپنىڭ يەرلىك مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە مىللىي خاسلىقى دولان خەلق مەشرەپلىرىنىڭ كىشىلەرگە ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىتىدىغان كىشىلەرنى تەربىيلەيدىغان سېھرى كۈچى ۋە جەلىپكارلىقى كىشىلەرگە ئىستىتىك زوق بىغىشلايدىغان خاسىيتنى نامايەن قىلىندۇ .



بۆرتالا بوزقىر مەشرىپى


ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان بۆرتالا دالاسىدا ئەجداتلىرىمىز تاغدىن-تاغلارغا، يايلاقتىن-يايلاققا، بوز قىرلاردىن ئېتىز-باغلارغا كۆچۈپ ئاي-يۇلتۇز ئاق بۇلۇتلارنى يېپىنچا، مەخمەلدەك تۇپراقنى پايانداز زىلچا قىلىپ، ئات چاپتۇرۇپ، يىلقا قوي-پادىلىرىنى ئاۋۇندۇرۇپ يۇرت ئېچىپ كەلگەن ئىدى.
بورتالا دەل ئەنە شۇ يىراق ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە بوز قىر مەشرىپى داۋاملىشىپ كەلگەن، شىمالىي تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدىكى دۇنياغا مەشھۇر بولغان سايرام كۆلى بويىدىكى مۇنبەت يايلاققا جايلاشقان جەنۇب-شىمال مەدەنىيىتى ئۇچىراشقان خاسىيەتلىك زىمىندۇر.
بورتالا مەشرىپى تىپىك بوز قىر دالاسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشرىپى بولۇپ ئۇنىڭ ئەڭ يارقىن ئالاھىدىلىكى بوز يەر ئاچقان، ئىتتىپاقلىشىپ يۇرت قۇرىغان، كۆرەش ئەمگەك ئارقىلىق ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت-سەنئەت بايلىقى ياراتقان خەلقنىڭ تەڭرىتاغنىڭ شىمالى بىلەن جەنۇبى قوشۇلۇپ ئۇچۇرۇشۇپ بىر گەۋدىلەشكەن ئۆزگىچە مەشرىپىدۇر.



گۇما كىلىياڭ مەشرىپى


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ جەنۇبى چېگرىسىغا جايلاشقان قارا قۇم تېغىنىڭ شىمالى يان باغرىدىكى پارچە-پارچە بوستانلىقلاردا ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن قارا قۇرۇم ئۇيغۇرلىرى ئۆزگىچە جۇغراپىيلىك مۇھىت ۋە دىھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشكەن ئارلاشما ئىگىلىك شەكلىگە ماس ھالدىكى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت ئەنئەنىسنى ياراتقان. ئاشۇ بوستانلىقلارنىڭ بىرى بولغان گۇما ناھىيسىنىڭ كىلىياڭ يېزىسى تاكى 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە دۇنياغا مەشھۇر قەدىمىي كارۋان يولى لاداخ يولىدىكى مۇھىم بىر ئۆتكەل بولۇپ، نەچچە ئەسىردىن بۇيان دىيارىمىز بىلەن دۇنيانى تۇتاشتۇرغان ھەرخىل باردى-كەلدىلەرگە گۇۋاچى بولۇپ كەلگەن. بۇ يېزىدىكى خەلق سەنئەتكارلىرى ئۆزىنىڭ خاس مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلغان، بۇ خىل ئەنئەنە ‹‹كىلىياڭ مەشىرىپى›› دەپ ئاتالغان مەھەللىۋىي ئونىۋىرسال سەنئەت پائالىيتىدە بىر قەدەر مەركەزلىك ھالدا ئىزچىللىشىپ ماڭغان .
    20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گۇما ناھىيسىنىڭ قوشتاغ يېزىسىدا ئۆتكەن شائىر ۋە خەتتات ئىسمائىل ھاجىمنىڭ دالالىشى بىلەن ئۇيغۇر كىلاستسىك ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۈيۈك نامايەندىلىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق شائىر ۋە ماھىر تىۋىپ ھۈسەيىنخان تەجەللى قاغىلىقتىن كىلىياڭغا كىلىپ بىر مەزگىل تۇرغان ھەمدە بۇ ئىككى  ئەدىبنىڭ يېقىن مۇناسىۋىتى تاكى تەجەللى ۋاپات بولغىچە داۋاملاشقان.
   بۇ قېتىم رەتلەپ سۈرەتكە ئېلىنغان ‹‹كىلىياڭ مەشرىپى›› ئەنە شۇ ئىسمائىل ھاجىمنىڭ تەجەللىنىڭ شەرىپىگە ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق ئائىلە مەشرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساسىدا ئىشلەندى. بۇ مەشرەپكە ‹‹كىلىياڭ مەشرىپى›› دەپ ئاتىلىدىغان يۈرۈشلەشكەن ئەلنەغمە، ئۇسۇل، مەشرەپ ئويۇنلىرى خەلق ناخشىلىرى قاتارلىقلار رەتلەپ كىرگۈزۈلدى.



خوتەن گۈلچاي مەشرىپى


     ‹‹خوتەن گۈلچاي مەشرىپى›› - خوتەن خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۆزىگە ئەنئەنە قىلىپ كېلىۋاتقان يوسۇن-قائىدىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە يۇرت ئاۋاملىرىنى ئۆز-ئارا ئۇچىراشتۇرۇش ئارقىلىق يۇرتتا بولۇپ ئۆتكەن، يۈز بېرىۋاتقان مەسىللەرنى يۇرت چوڭلىرىغا مەلۇم قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ساۋاپ ئىگىلىرىنى تارتوقلاش، ناشايان قىلمىشلارغا نەسىھەت بېرىش ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان .
   بۇ مەشرەپتە مەشرەپ سورۇنى ئەسىرلەر سورۇنى ۋە ئاياللار سورۇنىدىن ئىبارەت بىر مەيدا ئىككى سورۇن قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جۈملىدىن خوتەن خەلقىنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋىي ئادىتى ئىپادىلىنىدۇ، ئەرلەر سورۇنىدا ئەرلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەمگەك، تۇرمۇش توغرىسىدىكى پەندى-نەسىھەتلەر سۆزلەنسە، ئاياللار سورۇنىدا ئاياللارغا خاس بولغان تەلىملەر سۆزلىنىدۇ .



كەلپىن ئودىكام مەشرىپى


     كەلپىن ناھىيسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربى شىمال چېىتىگە، قىرتاغنىڭ جەنۇبى ئېتىگىگە جايلاشقان بولۇپ، چۆللۈك بىلەن بوستانلىقنىڭ گىرەلىشىشىدىن ھاسىل بولغان تۆت ئەتىراپى تاقىر تاغلار بىلەن قورشالغان قەدىمىي يۇرت.
   ئەزەلدىن قويۇق ئەپسانە-رىۋايەت ئېڭى كۈچلۈك بولغان كەلپىنلىكلەر ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ماددىي ئىستىمالغا بولغان تەلپۈنۈش بىلەن مەنىۋىي تۇرمۇشقا بولغان قانماس ئاشنالىقىنى ئىپادىلەپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇقەددەس بىرلىكىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىش بىلەن بىرگە ئۆزىگە خاس ياشاش ئادىتى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ياراتقان. بۇ خىل ئەنئەنە ئۇلارنىڭ خەلق ئەلنەغمە، سەنئەت، بولۇپمۇ ھەرخىل مەشرەپلەردە تۇلۇق ئىپادىلنىپ كەلگەن.
كەلپىن مەشرەپلىرنىڭ بىرى بولغان ‹‹ئودىكام مەشرىپى›› كەلپىنلىكلەرنىڭ يىراق تارىخى دەۋرلەردىن بۇيان تەبىئەت تەغدىم قىلغان پۈتمەس-تۈگىمەس ئىستېتىك ھېس-تۇيغۇلىرىنىڭ ئاۋام ئارىسىدىكى ئىپادىسى سۈپىتىدە قويۇق ئەلئارا سەنئەتلىك ھەمدە مائارىپلىق رولىنى ئىزچىل جارىي قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇنىۋېرسال يەرلىك ئاممىۋى سەنئەت شەكلىدۇر.
بۇ قېتىم رەتلەپ سۈرەتكە ئېلىنغان كەلپىن ‹‹ئودىكام مەشرىپى››گە كەلپىنلىكلەرنىڭ يەرلىك ئەلئارا سەنئەتنىڭ جەۋھەرلىرى مۇجەسسەملەنگەن.



يەكەن كاچۇڭ مەشرىپى


« كاچۇڭ مەشرىپى » قارا قۇرۇم باغرىدىكى ئۇيغۇرلار ئەسىر- ئەسىرلەردىن بۇيان قانماي ئويناپ كېلىۋاتقان تىرىك، ئەنئەنىۋىي سەنئەت مىراسىدۇ.  بىر يۈز بەش نەغمە، ئىككى مىڭ بىر يۈز مىسرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز يۈرۈش چوڭ ھەجىملىك مۇزىكىلىق بىرىكمە گەۋدىدىن تەركىب تاپقان كاچۇڭ مەشرەپ مۇقاملىرىنىڭ شاش، مەردانە تەلقىنلىرىدىن ھېلىمۇ « ئات ئۈستى مەدەنىيىتى » دەۋرىدىكى يىراق قەدىمقى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ھىدى كېلىدۇ. ئون ئىككى مۇقام دەرۋەقە دۇنيا سەنئەت تارىخىدىكى بىر ئاجايىبات. بۇ ئاجايىبات تاسادىپىي ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ ئۈگە- ئۈگىلىرىگە سىڭىپ كەتكەن مۇقام ھادىسىسىگە مۇنبەت زېمىن ھازىرلىغان ئۇيغۇر مەشرەپلىرىدە ئاينىغان. دولان مۇقامى، قۇمۇل مۇقاملىرى، جۈملىدىن كاچۇڭ مەشرەپ مۇقاملىرى ئانىلىق قۇچاق بولۇپ ئون ئىككى مۇقامنى ئەي قىلغان ئىپتىدائىي مەنبەدۇر.



قەشقەر كىتابخانىلىق مەشرىپى


«كىتابخانىلىق مەشرىپى»-ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرى ئىچىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. «كىتابخانىلىق مەشرىپى» ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «سۇغدۇش» ( كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇش ) دەپ؛  ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئەرەپچە «مەشرەپ» ، «مەجالىسۇن كۇتۇپ» ( كىتاب ئوقۇش مەشرىپى ) دەپ ئاتالغان بولسا، ئۇلۇغ ئۇيغۇر شائىرى ناۋائىي زامانىسىدا «ئىلمىي مۇسابىيە» ( ئىلمىي سۆھبەت ) ، «مەجالىسۇن نەپائىس» ( گۈزەل مەجلىسلەر ) دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ئابدۇرېھىم نىزارىدىن كېيىن ئانا تىلىمىزدا «كىتابخانىلىق مەشرىپى دەپ ئاتىلىپ كەلگەنىدى.
«كىتابخانىلىق مەشرىپى» كىتابلار ھەققىدە ئىلمىي سۆھبەت، بەس- مۇنازىرىلەر، باھالار، قۇتلۇق تىلەكلەر، ئۈمىد- ئارزۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يەرلىك خەلقنىڭ سەنئەت ئويۇنلىرى زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن.
«كىتابخانىلىق مەشرىپى» دە ئىلىم- مەرىپەت، مۇقام، ئەلنەغمە، ناخشا- مۇزىكا، قىزىقچىلىق، ھەجۋىي ئويۇنلار، خۇشخەت، ۋاھىزلىق، مۇشائىرە، تېپىشماق قاتارلىق مول مەزمۇن، رەڭدار، خىلمۇخىل شەكىللەر ئارقىلىق ئىلىم- ھىكمەت، ئەخلاق، ئەقىدە- ئېتىقاد، ئادىمىيلىك پەزىلەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ، كىشىلەرنى تەربىيلەيدىغان سېھرىي كۈچى نامايان قىلىنغان.



قۇمۇل كۆك مەشرىپى


قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ھەم يەرلىك تۈسكە ھەم دۇنياۋى روھقا ئىگە ئۆزگىچە مەدەنىيەت بەرپا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە كۈنساناپ ئىجتىمائىيلاشقان بۈگۈنكى دۇنيادا ھەممىنىڭ دېققەت ئېتىبارىنى ئۆزىگە تارتىدىغان ئۆزگىچىلىككە ئىگە «قۇمۇل كۆك مەشرىپى» دۇر.
«قۇمۇل كۆك مەشرپى» تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ بۈگۈنگىچە ساقلانغان ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ مۇكەممەل ئۈلگىسى. شۇڭا بۇ مەشرەپ قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھاياتىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان، ئەڭ ئومۇملاشقان مەدەنىيەت پائالىيىتىگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇ گۈللەپ ياشناشقا سىمىۋول قىلىنغان. بۇ مەشرەپ مول- ھوسۇل شاتلىقىنى ئىزھار قىلىش، شاتلىققا تولغان ئامەتلىك يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆز- ئارا تىلەك تىلەش مەنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى مەشرەپنىڭ بەلگىسى ھاياتلىقنىڭ سىموۋولى بولغان «كۆك» نى ئالاھىدە، تۈجۈپىلەپ ئۆستۈرۈپ تەييارلايدۇ ۋە ئۇنى تولىمۇ بەك ئەتىۋارلايدۇ. ئۇنى تەرىپىلەپ « كۆك خېنىم، سىچېچەك » دەپمۇ ئاتايدۇ. ئۇنى خۇددى ساھىبجامال ئورنىدا كۆرىدۇ.



قۇمۇل ئوردا مەشرىپى


جۇڭگو ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرى-ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق مەدەنىيەت تارىخىدا مىللىي خاسلىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان، يەرلىك پۇرىقى ئۆزگىچە ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان ئەڭ ئاممىۋى، ئەڭ باي مەزمۇنلۇق، ئەڭ رەڭدار ئىلمىي سەنئەت شەكلىنىڭ بىرى.
قۇمۇل مەشرەپلىرى ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنىڭ يارقىن گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باي، مەزمۇنلۇق، جانلىق ئۇسلۇبقا ئىگە خەلق سەنئىتىدۇر.
قۇمۇل مەشرەپلىرى  قۇمۇل مۇقاملىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا تەرەققىي قىلغان ۋە خەلق ئىچىگە سىڭگەن. قۇمۇل مەشرەپلىرى گەرچە 20 خىلدىن ئاشسىمۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى  ئوردا مەشرىپىدۇر. ئوردا مەشرىپى  قەدىمىيلىككە، نەپىس سەنئەت شەكلىگە ۋە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ۋاقىت جاي خاراكتېرلىك خەلق سەنئىتىدۇر.
بۇ ئوردا مەشرىپى قۇمۇلنىڭ يەتتىنجى ئەۋلاد ۋاڭى مۇھەممەد بېشىر چىڭۋاڭ دەۋرىنى، ئۇنىڭ ئىلى يۇرتىدىن مېھرىبانۇ خېنىمغا ئۆيلەنگەن توي كۈنلىرىنى ئاساس قىلىدۇ.
مۇھەممەد بېشىر چىڭۋاڭ مەرىپەتپەرۋەر، خەلقپەرۋەر، سەنئەتكە ئامراق ۋاڭلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ قۇمۇل يۇرتىنى ئادىللىق بىلەن باشقۇرغان، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن، ئەلنى قوغدىغان، خەلقىنىڭ مەرىپەت، ئىلىم- بىلىم، سەنئەت ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرغان. ئۇ مېھرىبانۇ خېنىمغا ئۆيلىنىشتىن 40 كۈن بۇرۇن قۇمۇلنىڭ 12 تاغ، بەش شەھەر، شەھەر ئەتراپىدىكى داڭلىق ئەلنەغمىچى، سازەندە، ناخشىچى، ئۇسۇلچى، قىزىقچىلارنى يىغىپ ئوردا مەشرىپى ئۈچۈن تەييارلىق قىلدۇرغان ھەم قۇمۇلنىڭ مەشرەپ- مۇقاملىرىنى رەتلەتكۈزگەن. شۇ ئاساستا كېيىنكى ئوردا مەشرەپلىرى ۋە ئىچكى مەشرەپلەر ئۈچۈن ئاساس يارىتىپ بەرگەن.
قۇمۇل ۋاڭلىرى دەۋرىدىكى ئوردا مەشرەپلىرى بەزىدە مېلىش شەكلىنى ئالغان بولۇپ، پەند- نەسىھەت، ئىلىم- تەربىيە، خەلق تۇرمۇشى ھەققىدە مەسلىھەت قاتارلىقلار ئوردا مەشرىپىنىڭ مۇچىم مەزمۇنلىرى بولۇپ قالغان.
ئوردا مەشرىپى ئاساسەن روزا ھېيت، قۇربان ھېيت، نورۇز بايراملىرىدا، توي، بۈشۈك توي، سۈننەت تويلاردا ۋە سىرتتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزىلىدۇ. ئوردا مەشرەپلىرىدە ئاساسەن ناخشا، مۇزىكا، ئۇسسۇل، لەپەر، قىززىقچىلىق، بېيت ئېيتىشىش، دورامچىلىق، تەقلىد ئۇسسۇللىرى ئوينىلىدۇ.



كۇچا باغ سەيلىسى مەشرىپى


ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمكى بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولغان كۇچا ئۆزىنىڭ مول ۋە رەڭگارەڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايلىقلىرى بىلەن ئالامگە مەشھۇر.
« كۇچا باغ سەيلىسى مەشرىپى » - قەدىمكى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولۇپ، مۇتلەق كۇچا ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكىلىرىنى ئاساس قىلغان، يەرلىك پۇرىقى ئۆزگىچە، ئاممىۋىلىقى كەڭ، مەزمۇنغا باي، جانلىق ئۇسلۇپقا ئىگە ئىلمىي سەنئەت شەكلىنىڭ بىرىدۇر. كۇچا مەشرەپلىرى پەقەت كۇچا ناخشا- مۇزىكىلىرىنى ئاساش قىلغان ھالدا تەرەققىي قىلغان، خەلق ئىچىگە سىڭگەن ھەم راۋاجلانغان.
كۇچا مەشرەپلىرى 30 خىلغا يېقىن بولۇپ، بىر- بىرىدىن پەرقلىنىدىغان، نەپىس سەنئەت شەكلىگە ۋە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ۋاقىت، جاي خاراكتىرلىك خەلق سەنئىتىدۇر. باغ سەيلىسى مەشرىپىگە خەلق سەنئەتكەرلىرى قاتنىشىپلا  قالماستىن بەلكى كۇچانىڭ خان ئوردىسىدىكى ئۇسسۇلچىلار، سازەندىلەر، ھەتتا خان ۋە ئوردا بەگلىرىمۇ قاتنىشىدۇ.
بۇ مەشرەپتە يەككە كىشلىك، جۈپ كىشلىك ۋە كۆپ كىشلىك ناخشىلار، ئۇسسۇللار، قىزىقچىلىقلار، لەپەر، بېيىت، قوشاقلار، تەقلىدىي ئۇسسۇل ۋە ھىكمەتلەر ئايان بولىدۇ.


  
لوپنۇر گۈلخان مەشرىپى


لوپنۇر-ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بىرى. لوپنۇر تىلغا ئېلىنسىلا كىشىلەر ئالدى بىلەن دۇنياغا داڭلىق لوپنۇر كۆلى ۋە قەدىمىقى غەربى يۇتقا ھۆكۈم سۈرۈپ ئۆتكەن 36شەھەر دۆلىتىنىڭ بىرى بولغان كىروران خانلىقىنى ئېسىگە ئالىدۇ، لوپنۇرنىڭ ئىجتىمائى تارىخى ۋە جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىمۇ ھازىرقى ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ئۈچۈن زور تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.
      لوپنۇرلۇقلار تارىختىن ئوت-سۇ قوغلىشىپ ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ كەلگەن بولۇپ ئۆزىگە خاس ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق مەدەنىيىتى ياراتقان. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ناخشا-قوشاقلىرىدىمۇ بۇ خىل ھېسسىيات ناھايتى چوڭقۇر گەۋدىلەنگەن. بۇ فىلىم ئوۋدىن زەپەر قۇچۇپ قايتقان ئوۋچىلار دەريا ۋە دەريا-كۆللەردىن كېمە-كېمىلەپ بېلىق تۇتۇپ قايتقان بېلىقچىلار شەرپىگە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىكى مەشرەپنىڭ ئەينەن، جانلىق بولۇشى ئۈچۈن شۇ يۇرتتىى كونا ئوۋچىلار، بېلىقچىلار شۇنداقلا كونا مەشرەپ ئويناپ كەلگەن خەلق ئارتىسلىرى مەشرەپكە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتۇرۇلدى.


مەكىت ناماقۇللۇق مەشرىپى


ناماقۇللۇق مەشرىپى- دولان مەشرىپىدە نۆۋەتتىن تاشقىرى ئۆتكۈزىلىدىغان مەشرەپ بولۇپ، مەشرەپ داۋاملىشىۋاتقان مەشرەپ قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرەرسى مەشرەپنىڭ قائىدە-تۈزۈمىنى ئېغىر ھالدا بۇزسا ياكى مەشرەپنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقىغا خىلاپلىق ئىش قىلسا ياكى بىرەر كىشى مەلۇم كىشىنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپ زىتىغا تىگىپ كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەرسە مەشرەپنىڭ يىگىت بېشى ۋە مەشرەپ بېگى ئاممىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇ كىشىگە جازا ئورنىدا بىر نۆۋەت ناماقۇللۇق مەشرىپى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى بۇيرۇيدۇ. ئاشۇ جازالانغۇچى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مەشرەپ «ناماقۇللۇق مەشرىپى» دەپ ئاتىلىدۇ.
مەشرەپ قىزىقارلىق ئويۇنلار، ناخشا، مۇقام، ئەلنەغمە خەلق ئويۇنلىرى ئوينىلىپ، مەشھۇر دولان مەشرىپىنىڭ سېھرى كۈچى كىشىلەرنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ ۋە كۈچلۈك تەربىيىگە ئىگە قىلىدۇ.


مورى تاغلىقلار توي مەشرىپى


مورى قازاق ئاپتونۇم ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، مورىدىكى ئۇيغۇرلار تەڭرى تېغىنىڭ يانباغرىدىكى ئېقىن بويىغا جايلاشقان بوستانلىقلاردا ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ كەلگەن. مۇشۇنداق ئۆزگىچە ئىگىلىك شەكلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى تۈپەيلىدىن، مورىدىكى تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ياراتقان ۋە ھازىرغا قەدەر ساقلاپ ھەم داۋاملاشتۇرۇپ ماڭغان. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى گەرچە تۇرپان ئويمانلىقى مەدەنىيەت چەمبىرىكى دائىرىسىگە تەۋە بولسىمۇ، لېكىن، ئۇلارنىڭ تاغلىقلارغا خاس ئالاھىدىلىكى ناھايتى گەۋدىلىك بولۇپ، بوستانلىق مەدەنىيىتىگە ئوخشىمايدىغان مەدەنىيەت ئەندىزىسىنى ھاسىل قىلغان. قانتاشنىڭ قولايسىزلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇزۇن مۇددەت تاشقى دۇنيا بىلەن راۋان ئالاقىدە بولالماسلىقتەك ھالەت كەلتۈرۈپ چىقارغان بىكىنمىچىلىك ئەنئەنىۋىي مەدەنىيتىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدا ناھايتى مۇھىم رول ئوينىغان، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ مۇقام-مەشرەپلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىدىمۇ بۇ نۇقتا ناھايتى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.
مورىدىكى تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەشرەپ تۈرلىرى ناھايتى كۆپ بولۇپ، ئۇلاردا قاتار مەشرىپى، مېلىش مەشرىپى، قېيىق مەشرىپى، ئوتلاق مەشرىپى، قارلىق مەشرىپى، كۆك مەشرىپى، تۇپۇق مەشرىپى، نىكاھ مەشرىپى، بەيگە مەشرىپى قاتارلىق مەشرەپلەر ساقلانغان. ۋاھالەنكى، بۇ مەشرەپلەرنىڭ كۆپى ئۇلارنىڭ توي ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن زىچ بېرىكىپ كەتكەن بولۇپ، توي مەشرەپلىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر قانداق تويدا ئادەتتە چاچ چۈشۈرۈش مەشرىپى، چاچ ئۆرۈش مەشرىپى، نىكاھ مەشرىپى، مېلىس مەشرىپى، چۆچۈرە مەشرىپى، قېيىق مەشرىپى، قورۇ مەشرىپى قاتارلىق چوڭ-كىچىك مەشرەپلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىم رەتلەپ سۈرەتكە ئېلىنغان «مورىدىكى تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي مەشرىپى» مورىدىكى ئۇيغۇرلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ھەر خىل يەرلىك نەغمىلەرنى ئۇسسۇل، ئويۇن، مىللىي تەنتەربىيە، قوشاقچىلىق ۋە ئۆرپ-ئادەت قاتارلىقلارنى ئۆز-ئارا يۇغۇرۇپ، بىر قېتىملىق توي مەشرىپىنى ئاساس قىلىش ئاساسىدا ئىشلەندى.


ئىلى ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى


«ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن ئەنئەنىۋى مەشرەپ. ئۇنى جەمئىيەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ كىچىكلىتىلگەن، داراممىلاشقان شەكلى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
ئىلى «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» ھەربىر يۇرت، ھەربىر مەھەللىدىكى ئوتتۇز ئوغۇل نامى بىلەن شەكىللەنگەن، قەرەللىك ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەت سورۇنى بولۇپ، ئۇنىڭغا اتناشقۇچىلار ئوتتۇزدىن كۆپ ياكى ئاز بولسىمۇ بولىدۇ. «ئوتتۇز ئوغۇل» پائالىيىتى يالغۇز مەشرەپ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئۇلار شۇ يۇرت ياكى مەھەللىدىكى جامائەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىمۇ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، جامائەتمۇ ئۇلارنىڭ بۇ خىل رولىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، ەوللايدۇ ۋە ئۇلارغا تايىنىدۇ.
«ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» قارىماققا كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىدەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ياشلارغا ئەدەپ- ئەخلاق، قائىدە-يوسۇن، ياخشى تۇرمۇش ئادىتى ئۆگىتىدىغان ۋە ئومۇملاشتۇرىدىغان، چالغۇچى، ناخشىچى، قوشاقچى، چاقچاقچى قاتارلىق خەلق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان مەكتەپ. شۇڭا، ئۇ تارىقتىن بېرى ئۈزۈلۈپ قالماي ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسى ئالاھىدە گەۋدىلىك.


مەكىت ئوۋچى مەشرىپى


ئوۋچى مەشرىپى - دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مەشرەپ تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئوۋچى مەشرىپىدە دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئوۋچىلىق تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ.
دولانلار قەدىمكى زامانلاردا ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، قەدىمدىن تارتىپ تاكى يېقىنقى زامانلارغىچە توپلىشىپ ئوۋچىلىق قىلىپ، ئوۋچىلىق مەدەنىيىتىنى يارىتىپ تارىختا نام قالدۇرغان ئىدى.
بۈگۈنكى مەشرەپتە دولان ئوۋچىلىرى ئوۋ قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۇرت- مەھەللىدىكى خەلق كاتتا كۈتۈۋېلىش مەشرىپى ئۆتكۈزۈپ، ئوۋچى باتۇرلارنىڭ غەلىبە بىلەن قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىش ئەھۋالى تەسۋىرلىنىدۇ. شۇنداقلا، قىزىقارلىق ھەجۋىي ئويۇنلار، ناخشا- ئۇسسۇل، كومىدىيىلىك ئويۇنلار، بېيىت- قوشاقلار ئارقىلىق ئوۋچى باتۇرلارغا مەدھىيە ئوقۇلىدۇ.


پىچان مېلىس مەشىرىپى


  1848 - يىلى لۈكچۈن ۋاڭى ئەفىردۇن بىر قېتىملىق يۇرت كېزىش سەپىرىدە تاسادىپى پىچان ياشلىرىنىڭ مېلىس مەشىرىپىگە قاتنىشىپ قىلىپ، مەشرەپتىكى ئېسىل خەلق ناخشا-سازلىرى ئورۇندىغان خەلق سەنئەتكارلىرىغا ئاپرىن ئېيتىدۇ ۋە ئۇلارنى تارتۇقلايدۇ، ئاتاقلىق خەلق قىزىقچىسى موللا زەيدۇن بىلەن ئۇچىرشىپ، ئۇنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى ھەيران قالىدۇ ۋە ئۇنى ئوردىغا يۆتكەپ كېتىدۇ .
    مەشرەپتە يوقارقى ۋەقەدىن باشقا يەنە مارجان بىلەن، چېنە چاققان يارلىرىم، شاپتۇلاڭ بىر يارماققا بەس قاتارلىق قەدىمى خەلق ناخشا ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق ئەينى تارىخى دەۋردىكى پىچان خەلقىنىڭ مول مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى نامايەن قىلىندۇ .


چاقىلىق توپۇق مەشرىپى


    چاقىلىق - ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخ ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمىي  ماكانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ،  بۇ يەردە مىلادىدىن بۇرۇن قۇرۇلغان كىروران ئىلى ۋە مىلادىدىن 77 يىل بۇرۇن كىروران ئىلىنىڭ پارچىلىنىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن پىشاشان خانلىقى ئۆزىنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلغان. كىروران دەۋرىدىكى مەدەنىيەت ناھايىتى قەدىمىي ۋە پارلاق بىر مەدەنىيىتىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە غەربى دىيارنىڭ گۈل تاجىسىغا ئايلانغان. بۇ  مەدەنىيەت ئوچاقلىرى بولغان كىروران تۇتۇم (كونا مىرەن شەھىرى)، قاغان شەھىرى (چاقىلىق بازىرى) لوپ شەھىرى (ۋاششەرى كونە شەھىرى)، شەھىرى كىتىك قاتارلىقلار تۈرلۈك تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋەيران بولغان بولسىمۇ، لېكىن كىيىن چاقىلىق، مىرەن، ۋاششەرى بوستانلىقلىرىدا ئۇيغۇرلار قايتىدىن توپلىشىپ بۇ يۇرتلارنى قايتىدىن گۈللەندۈرگەن ھەمدە تارىختىكى شۇ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. 19- ئەسىردىن باشلاپ قايتا گۈللەنگەن چاقىلىق خەلقى باشقا يۇرتلاردىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ناخشا- ئۇسسۇل ۋە سازغا ماھىر خەلق بولۇپ، ئۇلارنىڭ قان قېنىدىكى سەنئەتكە بولغان ھېرىسمانلىك ئۇلارنىڭ ئەلنەغمەچىلىكىگە ئۆزىگە خاس يول ھازىرلىغان. چاقىلىق ئەلنەغمەچىلىرى چاقىلىقنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدە بۇ يەرگە كېلىپ جۇغلانغان خوتەن، تۇرپان، لوپلۇق ئاھالىلەر ئەلنەغمە سەنئىتىنىڭ بېرىكىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. بۇ يۇرتتىكى خەلق ئارسال مەزگىلەردە ئۆزىگە خاس بولغان كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىكى تۈرلۈك مەشرەپلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. بۇ قېتىم رەتلەپ سۈرەتكە ئېلىنغان چاقىلىق ‹‹توپۇق مەشرىپى›› قەدىمي كىروران خانلىقى دەۋرىدىن تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن يەرلىك ئەلنەغمە ۋە يەرلىك پائالىيتىنىڭ بەدىئي شەكلىدە ئىپادىلنىشتىن ئىبارەت . ‹‹توپۇق مەشرىپى›› چاقىلىق خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دۇستلۇقنى كېڭەيتىش ھەم بىكىتىش مەقسىتىدە ئۇيلىنىدىغان مەشرەپ شەكلىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ھازىرغىچە كەڭ تۈردە ئومۇملۇشۇپ كەلمەكتە .


چەرچەن توي مەشرىپى


چەرچەن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي-جەنۇب چېتىغا جايلاشقان قارا قۇرۇم تاغلىرى ۋە شەرقى ئالتۇنتاغ تىزمىلىرىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان ، سۈيى ئەلۋەك چەرچەن دەرياسى ۋادىسىدىكى قەدىمىي بوستانلىق ، مەشرەپ چەرچەنلىكلەر قەدىمدىن داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئونۋېرسال ئاممىۋىي سەنئەت پائالىيىتى بولۇپ، خەلق سەنئىتىنىڭ مۇقام ئېيتىش، نەغمە قىلىش، ئۇسسۇل ئويناش، بىيىت-قوشاق تاشلاش، قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ياساش، دورامچىلىق ۋە گەپدانلىق قاتارلىق ئون نەچچە خىل تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چەرچەن مەشرەپلىرىدە چەرچەن تاغ ناخشىلىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگەللىگەن بولۇپ، تاغ ناخشىلىرى تارىخنىڭ ئۇزۇنلىقى، تىل-شىۋىسىنىڭ ئۆزگۈچىلىكى، رېتىمىنىڭ ئويناقلىقى، شەكلىنىڭ رەڭدار ۋە خىلمۇ-خىللىقى، يەرلىك ئالاھىدىلىكنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ. خۇددى ئەجداتلىرىمىز «مەشرەپسىز توي بولماس، تويسىز مەشرەپ» دېگەندەك، چەرچەن مەشرەپلىرىدە توي مەشرىپى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدا چەرچەنىلىكلەرنىڭ ئۆزگىچە توي ئادەتلىرى بىلەن مەشرەپ شەكلى ئۆز-ئارا بېرىكىپ ئالاھىدە خاسلىق شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، مەزمۇنىنىڭ موللىقى، شەكلىنىڭ سەر خىللىقى بىلەن ئۆزگىچە جۇلالىنىپ، چەرچەن خەلقى بىلەن تەڭ ياشاپ كەلمەكتە. بۇ قېتىم ئاشۇ چەرچەن توي مەشرىپى قايتىدىن قېزىش ۋە رەتلەش ئاساسىدا سۈرەتكە ئېلىندى.


قەشقەر چايخانا مەشرىپى


ئۇيغۇرلار چايخۇمار كېلىدۇ. چاي ئىستىمال قىلىش ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ۋە يېمەكلىك ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن.
يىپەك يولىنىڭ شەرقتىن غەربكە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، قەدىمىي قەشقەر شەھىرىدە چاي سودىسى تازا روناق تاپقان.
ئېلىمىزنىڭ داڭلىق چايلىرى قەشقەر شەھىرىدىكى قايناق سودا بازىرى ئارقىلىق ئەرەب دۇنياسى ۋە ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا، ياۋرۇپاغىچە چىقىرىلىپ، ئېلىمىزنىڭ شان- شۆھرىتىنى ئاشۇرغان.
بۇ قېتىم ئىشلەنگەن «چايخانا مەشرىپى» دە ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيىتى، نان مەدەنىيىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، مەشرەپتە سەلەي چاققان، تاشۋاي قاتارلىق مەشھۇر سەنئەتكارلارنىڭ چايخانىدىكى سەنئەت پائالىيىتى خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ پائالىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن. قىزىقارلىق ھەجۋىي ئويۇنلار، ناخشا- ئۇسۇللار، قىزىقچىلىقلار ، ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت- سەنئەت مىراسلىرى نامايان قىلىنغان.
مەشرەپنىڭ يەرلىك مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە مىللىي خاسلىقى ئاشۇرۇلۇپ، خەلق مەشرەپلىرىنىڭ كىشىلەرگە ئەدەپ- ئەخلاق ئۆگىتىدىغان، كىشىلەرنى تەربىيلەيدىغان سېھرىي كۈچى ۋە جەلپكارلىقى، كىشىلەرگە ئېستېتىك زوق بېغىشلايدىغان خاسىيىتى نامايان قىلىنغان.


چۆچەك ئىمىل ۋادىسى مەشرىپى


   چۆچەك شەھىرى - مەملىكىتىمىزنىڭ غەبىي-شىمالىغا جايلاشقان. قازاقىستان بىلەن بولغان چىگىرا لىنيىسى 160كىلومىتىر، ئەتىراپىنى تارباغاتاي تېخى بىلەن قۇلۇستاي يايلىقى قورشاپ تۇرىدۇ.
     تارىخى ماتىرىياللاردا خاتىرلىنىشىچە چۆچەك 1700يىللىق تارىخقا ئىگە. چۆچەك دېگەن بۇ نام قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى بولۇپ، قاچا دېگەن مەنىدە. بۇ بەلكى شۇ ئورۇننىڭ يەر شەكلىگە قاراپ قويۇلغان بولۇشى مۇمكىن. چۆچەكنىڭ ئەتىراپى ئوت-چۆپلىرى مول يايلاق بولۇپ،مال-چارۋىلارنىڭ جەننەت ماكانى، تۇپرىقى مۇنبەت بولۇپ، ئاشلىق ۋە مايلىق زىرائەتلەرنى تېرىشقا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. چۆچەكنىڭ تەبئىي كان بايلىقى مول بولۇپ ھازرىغىچە ئالتۇن، كۈمۈش، تۆمۈر، كۆمۈر، ياقۇت قاتارلىق 20نەچچە خىل قېزىلما بايلىق ئېنىقلانغان. چۆچەك كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايون. خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبىك، تاتار، مۇڭغۇل، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر بىرلىكتە ياشاپ كەلمەكتە. ئۇزاق مەزگىل بىرگە ياشاش جەريانىدا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىپ چۆچەك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرگەن.
     مەرىپەتپەرۋەر، ئوت يۈرەك ئوغلان مەمتېئىلى تەۋپىق ئەپەندىمۇ 30-يىللاردا چۆچەككە كېلىپ بىر مەزگىل تۇرۇپ، جەڭگىۋار ناخشا-خورلارنى چۆچەك ياشلىرىغا ئۆگەتكەن، ئۇسسۇل پېشىۋاسى قەمبەر خانىممۇ چۆچەك سانايىنەفىسەدە بىر مەزگىل تۇرغان. سەيپىدىن ئەزىزى، ئايىم ئەزىزىلەرمۇ چۆچەك گېزىتخانىسىدا ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇن مەشرەپلەرگە قاتناشقان. ھەتتا بىرلىكتە لەپەرمۇ ئوينىغان. ئاتاقلىق دراماتورگ زۇنۇن قادىرىمۇ ئۆزى غۇلجىدا تۇرسىمۇ يۇرتى دۆربىلجىنگە كېلىپ مەشرەپلەرگە قاتناشقان. دۇتتار پېشىۋالىرىمىز مۇساجان روزى ئاكىمۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا جەڭچى بولغان مەزگىلىدە چۆچەكتە تۇرغان. بىز ئاشۇ تارىخى شەخىسلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، چۆچەك مەشىرىپىنىڭ تارىخى دەۋرىنى 40-يىللارنىڭ كېيىنكى يېرمىغا ئورۇنلاشتۇردۇق.


مەكىت ساغادى مەشرىپى


ساغادى مەشرىپى دولانلار ياشاۋاتقان رايونلاردا ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ياز ۋە كۈزنىڭ دېھقانچىلىق ئارسالدى ۋاقىتلىرىدا دېھقانلار ساغادى باغلاپ مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ ھاردۇقىنى چىقىرىپ مادارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ دېھقانچىلىقتىن مول- ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس يارىتىدۇ. مەشرەپ ھەم مەدىنىي كۆڭۈل ئېچىش ھەم ئەنئەنىۋى مىللىي تەنتەربىيە خوسۇسىيەتلىرىگە ئىگە. ساغادى مەشرىپىدە دولان مەشرەپ مۇقامچىلىرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ۋارىسلىرىنىڭ مۇقام توۋلاپ مەشرەپ ئويناۋاتقان پائالىيەتلىرى، مەشرەپنىڭ قىززىقچىلىق ئويۇنلىرى، ناخشا-ئۇسسۇل، ھەجۋىي ئېيتىشىش قاتارلىقلار زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۈزۈلمەي داۋام قىلىشتەك خاسىيەتلىك كۈچى نامايەن قىلىنغان.


توقسۇن مەرتەم مەشرىپى


تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ غەربې شىمالىغا جايلاشقان توقسۇن بوستانلىقى قەدىمكى دەۋىرلەردىن تارتىپلا يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتكەل سۈپىتىدە ناھايىتى زور رول ئويناپ كەلگەن .
گەرچە ھەرخىل مەدەنىيەتلەر بۇ ئۆتكەلگە تەسىر كۆرسۈتۈپ تۇرغان بولسىمۇ، لىكىن توقسۇنلۇقلار ئۆزىگە خاس مول ھەم قىممەتلىك ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت سەمەرلىرىنى ياراتقان ۋە ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن جۈملىدىن توقسۇن مۇقام-مەشرەپلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋىي بايلىغى سۈپىتىدە قەدىرلىنىشكە ۋە قوغداشقا ئەرزىيدۇ .
توقسۇندا مىلىس مەشرىپى، قەيىت مەشىرپى، مەرتەم مەشرىپى، توي مەشرىپى، كۆك مەشرىپى، قارلىق مەشرىپى، قاتارلىق كۆپلىگەن مەشرەپلەر بار بولۇپ بۇ قېتىم شۇ مەشرەپلەر ئىچىدىكى مەرتەم مەشرىپى قايتىدىن قېزىلىپ ۋە رەتلىنىش ئاساسىدا سۈرەتكە ئىلىندى، بۇ مەشرەپتە توقسۇننىڭ يەرلىك ناخشا، ئويۇن، سۆز ئويۇنى قاتارلىقلار ۋە كىيىم-كېچىكى نامايەن قىلىنىدۇ .


تۇرپان قەيت مەشرىپى


جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مەشرەپلىرى پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيەت گۈلزارىدىكى جۇلالىق گۈلدەستىلەرنىڭ بىرى، مەشرەپلەر ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بۇيان ئەمگەكچان، ئىجادچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەر قايسى تارىخى دەۋرلەردىكى ھايات كەچۈرمىشلىرى، گۈزەل مەنىۋىيىتى، ئىستەك خاھىشلىرى، تۇرمۇش ئۆرپ- ئادەتلىرى بىلەن زىچ باغلانغان ھالدا كىشىلەرگە ساغلام مەنىۋىي ئوزۇق، گۈزەل ئىستېتىك زوق بەخىش ئەتكەن ئونۋېرسال ئاممىۋىي سەنئەت پائالىيىتى، شۇنداقلا خەلقنىڭ سەنئەت مەكتىپى، ئەدەپ-ئەخلاق بۆشۈكى. شۇڭا خەلق ئىچىدە «بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكە» دېگەن ئەقىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.
تۇرپان قەيت مەشرىپى ئۆزىگە خاس يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، ئاممىۋىي سەنئەت شەكلى ئارقىلىق كىشىلەرگە قانون ئېڭىنى سىڭدۈرىدۇ. كىشىلەرنى ھەق-ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش تەربىيىسىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنى ئەدەپ-ئەخلاقلىق، ئالىجاناب ئىنسانىي پەزىلەتلىك، ئىناق، ئادىل، راستچىل، ئىشچان، غەيرەت-جاسارەتلىك بولۇشقا ئۈندەيدۇ.
قەيىت مەشرىپى - قەيت قىلىش (ھۆكۈم قىلىش) نى ئاساس قىلغان ھالدا كۆپ خىل مەزمۇنلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن . ئۇنىڭدا مۇقاملار، ناخشا-ئۇسسۇللار، قىزىقارلىق ئەلنەغمە نومۇرلىرى، لەتىپە، قىززىقچىلىقلار، تېپىشماق تېپىش، ئەقىل سىناش ۋە ھەجىۋىي تۈس ئالغان كۈلكىلىك جازا ئويۇنلىرى بولىدۇ.


يېڭىسار ئىسپال مەشرىپى


    «ئىسپال» مەشرىپى يېڭىسار خەلقى قەدىمدىن تارتىپ ئويناپ كەلگەن مول مەدەنىي مىراسلىرىنىڭ بىرى . يېڭىسار خەلقى قىشنىڭ ئۇزۇن تۈنلىرىنى موشۇنداق مول مەزمۇنلۇق مەشرەپلەر بىلەن قىسقارتقان. مەشرەپنىڭ مەزمۇنى ناخشا-مۇزىكا، ئۇسسۇل ۋە قويۇق تىياتېر تۈسىگە ئىگە ئويۇنلاردىن تەشكىل تاپقان . مەشرەپتە يىگىت بېشى، مەسلىھەتچى، مىرشاپ قاتارلىق باشقۇرغۇچىلار بىلەن مەشرەپ سورۇنى ئىنتىزاملىق ھالدا تەشكىللەنگەن،  مىرشاپنىڭ قولىدا ئوتتۇرسى يېرىق تاراسلاپ ئاۋاز چىقىردىغان لىكىن تەگسە ئاغرىمايدىغان تاياق بولۇپ ئۇ «ئىسپال» تايىقى دەپ ئاتىلىپ يېڭىساردىكى مەشرەپلەرمۇ شۇ نامىدا ئاتالغان. بۇ قېتىم بىز مەزمۇن جەھەتتىن قەدىمىي، شەكىل جەھەتتىن باشقا مەشرەپلەر بىلەن تەكرارلانمايدىغان، ئىدىيە جەھەتتىن تەربىيۋىي ئەھمىيتى بار كومىدىيلىك ئويۇنلارنى تاللاپ كىرگۈزدۇق. ناخشا-مۇزىكا جەھەتتىن يېڭىسارغا خاس بولغان ناخشا-مۇزىكىلار كىرگۈزۈلدى، ئۇسسۇل جەھەتتىن باشقا يۇرتلار بىلەن ئوخشىمايدىغان ھەركەت شەكىلدىكى ئۇسسۇللار قايتىدىن رەتلەندى، بۇ مەشرەپنى كۆرگەن كىشىلەرگە ئوتتەك قىزغىنلىق، ئۆزگىچە كومىدىيلىك ۋە چوڭقۇر پەلسەپىۋىيلىكى بار بىر خىل خەلق سەنئەت شەكلى تۇيغۇلغۇسى .


يوپۇغا ھويلا مەشرىپى


«ھويلا مەشرىپى»-يۇپۇغا ناھىيىسىنىڭ يېزا- قىشلاقلىرىدا ئوينىلىپ كېلىۋاتقان ئەڭ قەدىمىي ئەل ئىچى سەنئەت شەكلىدۇ.  ئەينى ۋاقىتتا، كىشىلەر توي- تۆكۈن، ھېيت-ئايەملەردە يىغىلىپ، ئەنئەنۋى چالغۇلارنى چېلىپ، ناخشا- قوشاقلارنى ئېيتىشىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، قىزىقچىلىق قىلىشىپ كۆڭۈل ئېچىپ كەلگەن. بۇ خىل ئادەت يوپۇغىنىڭ بايئاۋات، ئەمەنلىك، چاقا دېگەن جايلىرىدا بىر قەدەر كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشقان. ھالبۇكى، مىلادىيە 14- ئەسىردە يوپۇغىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئەلنەغمىچى يارگۈل مۇھەممەد باشچىلىقىدىكى خەلق سەنئەتكارلىرى ئەل ئىچى سەنئەت ئويۇنلىرىنى رەتلەپ، خېلى سىستېمىلاشقان ئاممىۋىي سەنئەت ئويۇنى شەكلىگە كىرگۈزگەن. بۇ ئويۇنلار مەھەللە- كويلاردىكى شارائىتى ياخشىراق، كەڭ ھويلىلاردا ئۆتكۈزۈلگەچكە، «ھويلا مەشرىپى» دەپ ئاتالغان.
«ھويلا مەشرىپى» تولاراق ياز ۋە كۈز كۈنلىرىدە؛ قىسمەن قىش ۋە ئەتىيازدا ئايۋان- سارايلاردا، قۇتلۇق ئىشلار، ھېيت- ئايەم، ئەزىز يۇرت مىھمانلىرى شەرىپىگە ئۆتكۈزىلىدۇ. مەشرەپتە ناخشا- ئۇسسۇل ئاساس، چاي تۇتۇش، دەررە ئويناش، بېيىت ئېيتىشىش، قىزىقچىلىق قوشۇمچە قىلىنغان بولۇپ، مۇزىكا، ۋاقىت، ئورۇن، ئادەم سانى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.
«ھويلا مەشرىپى» ئاۋامنىڭ شادلىق سورۇنى، شۇنداقلا ئەدەپ- ئەخلاق، قائىدە- يوسۇن ئۆگىنىش سورۇنىدۇ. ئۇ توختاۋسىز ئوغچۇپ چىقىۋاتقان بۇلاق سۈيىدەك، ئاۋامنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قايسى دەۋرلەردىكى خەلقنىڭ ئۈمىدىنى، ئارزۇ- ئارمانلىرىنى ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد ئۇلايدىغان ئۈزۈلمەس سىمفونىيە كەبى داۋام قىلىپ كەلمەكتە



مىللەتنىڭ ئۇغۇللىرى ۋىجدانسىز،غۇرۇرسىز،ئېتقادسىز بولسا ، قىزلارنىڭ قولى ئىشتان بېغىغا چۈشۈپ قالىدۇ.....

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18875
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2014-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 01:35:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم بۇلاي دىسەڭ مەشرەپكە بار ،
          ئالىم بۇلاي دىسەڭ  مەكتەپكە .
    مەشرەپ تۇغۇرلۇق  ،خېلى ئىزدەنگەندەك قىلسىز ،بەزى مەشرەپلەرنى كۇرۇش تۇگۇل ،ئاڭلاپمۇ باقماپتىكىنمەن  ،رەخمەت ، جاپا چىكىپسىز .

جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 3450
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 46023
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6911 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 02:13:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېرىيەگە كەلمىگەنلەر كېرىيەنىڭ قەدىمى سىرىنى مەڭگۈ بىلمەس ...

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30717
يازما سانى: 532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6692
تۆھپە نۇمۇرى: 202
توردا: 7067 سائەت
تىزىم: 2011-2-17
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 09:01:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھ گۇزەل يۇرتۇم سەندىن ئايرىلغىلى 2 ئاي بوپقاپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47532
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3208
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2011-7-12
ئاخىرقى: 2012-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-18 02:07:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى يوللاپسىز  .   مەن تاغ مەشرىپنى ناھايتى ياخشى كۈرەتتىم ئەمدى ھەممىنى بىلۋالدىم  رەخمەت سىزگە بۇندىن كىين تېخمۇ ياىشى تېملارنى يوللاپ تۇرۇڭ ،  رەخمەت   .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25005
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6768
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 1833 سائەت
تىزىم: 2011-1-4
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-18 01:01:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

4قەۋەتتىكى(kuzum) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇر

توغرا ئېيتىسىز

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 03:16:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن........
تاغ مەشرىپى كۆپ يۇرتلاردا بار ئوخشايدۇ ، مەسىلەن قاغىلىق تاغ مەشرىپى.

تېمىڭىزغا رەھمەت!

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65493
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3009
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2011-11-17
ئاخىرقى: 2013-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-21 03:57:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1قەۋەتتىكى(kilyang) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

كېرىيەگە كەلسىڭىز مەشرەپلىرىمىزگە قاتناشتۇرىمڭز ....

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش