مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3497|ئىنكاس: 17

نىكاھ سەپىرىمىزدە نېمە كەم ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

اﷲپۇتكۈل مۇسۇلما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4101
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9700
تۆھپە نۇمۇرى: 1491
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2010-7-16
ئاخىرقى: 2012-2-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 02:27:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوسمان زاھىر

بىر-بىرى بىلەن ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان يىگىت بىلەن قىز ھاياتنىڭ قايسى بىر ئاچاللىرىدا تاسادىبىي ھالدا ئۇچرىشىپ قالدى ،كۆزلەر قەلبلەرنىڭ ئورتاقلىغىنى تونۇپ يېتىدۇ ،نىكاھ مۇراسىمىدىن كېيىن ۋاقىتلىق ھىجرانغا خاتىمە بېرىلىپ ،شېرىنلىك ھەم ئازابقا تولغان ،ئۇزاققا سوزۇلغان نىكاھ سەپىرى داۋاملىشىدۇ . بۇ سەپەر تۈرلۈك تىكەنلەرگە ،قىپقىزىل ئەتىرگۈللەرگە تولغان ئىككى كىشىلىك سەپەر بولۇپ ،ئاخىرقى پەللىگە يەتكۈچىلەر يولدا ئۇچرىغان قىزىلگۈللەردىن ھوزۇرلانغاچ سەپىرىگە مەنا تاپقۇچىلاردۇر . يېرىم يولدا سەپەردىن ۋاز كەچكەنلەر يولدا ئۇچرىغان تىكەنلەرنىلا كۆرۈپ ،قىپقىزىل گۈللەرنى نەزەردىن ساقىت قىلغۇچىلاردۇر .ھاياتلىق ئالىمى ئەزەلدىن تېپ-تېنچ بولغان ئەمەس ،ئائىلە ھاياتلىق ئالىمىدىكى مۇھىم بىر ھۆجەيرە ۋە دۇنيادىكى بارلىق پائالىيەت ۋە ھەركەتلەرنىڭ مۇھىم نىشانى بولۇش سۈپىتى بىلەن يادرولۇق رول ئويناپ كەلدى . تالاي ئىختىرالار ،تالاي قەھرىمانلار ئىككى كىشىلىك دۇنيادىن تەركىپ تاپقان ئىللىق ئائىلىلەردە ۋۇجۇتقا كەلدى .
مەلۇم بىر مەملىكەتكە ياۋ تاجاۋۇز قىلىپ ،كۆزلەردىن ياش ،تەنلەردىن قان ئاققۇزۇپتۇ . يۈرەكلەرنى خۇن ،كۈندۈزلەرنى تۈن قىلىپتۇ ، ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر چىقىمدار بولۇپ ھالىدىن كېتىپتۇ . ئاخىرى ئەقىلدار ۋەزىرلەرنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن سۇلھىگە كېلىشىپتۇ . ياۋ قارشى تەرەپتىكى بالىلار ،ئاياللار ، ياشانغانلارنىڭ شەھەردىن ئايرىلىشىغا ئىجازەت بېرىپتۇ . ئايرىلىش ئالدىدا ھەر بىر ئادەمنىڭ پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىرلا نەرسىنى ئېلىۋېلىشىغا بولىدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ .ياشانغانلار ،ئاياللار بىر –بىرىنى يۆلۈشۈپ يۇرتىدىن ؛ئايرىلىپتۇ . ئەجەبلىنەرلىكى ،ھەر بىر ئايال بىردىن يوغان بوپىنى يۈدۈۋالغان بولۇپ ،ئىنتايىن تەسلىكتە كېتىۋاتقان ئىكەن . ياۋ لەشكىرى ئەجەبلىنىپ ،بىر ئايالنىڭ بوپىسىنى يېشىپ قارىسا ئىچىدە ئايالنىڭ ئېرى تۇرغۇدەك . ئەسلىدە بۇ ئاياللار دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھالال جۈپتى ئىكەنلىگىنى تونۇپ يېتىپ ، ئەرلىرىنى بوپا ئىچىگە يوشۇرۇپ ئېلىپ ماڭغان ئىكەن .
دېمەك ، ئەرلەر ئەمەلىيەتتە ئاياللىرىغا نىسپەتەن يۆلىنىدىغان تېغى ،يايرايدىغان بېغىدۇر . شۇڭا خەلقىمىزدە «خوتۇن كىشى ئەردە ياخشى ،ئەردە بولمىسا يەردە ياخشى »دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغان .ئەي لاتاپەتلىك مېھرىبان خانىم ،سىز ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان ،يوللاردا ماڭغاندا قامەتلىك تېنى بىلەن سىزنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ،خىزمەتتىن كەچ قايتىپ سىزنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىڭىزنى كۆرگەن چېغىدا ،پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كىرىپ ئۇخلاپ قالىدىغان ،بىرەر كېلىشمەسلىككە يولۇققاندا تۇنجى بولۇپ ئېسىڭىزگە كېلىدىغان ئادىمىڭىز دەل ئېرىڭىز ئەمەسمۇ ؟ سىز پەخىرلەنگەن ، ياشلىق يالقۇنلىرى يېنىپ تۇرغان چاغلىرىدا تالاي قىزنىڭ ئىچىدىن سىزنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھلىققا تاللاپ ،جامائەتنىڭ ئالدىدا سىزنى قوغداشقا ، سىزنى بەختلىك قىلىشقا ۋەدە قىلغان ، ئاينى چاغدىكى «ئاق ئاتلىق شاھزادە» ڭىز دەل ھازىرقى سىز بىزار بولغان ،كەمچىلىكى ئارتۇقچىلىقىدىن ئارتۇق بولغان ،بەزى ئەرلەردەك قولىدىن ئىش كەلمەس كۆرۈنۈپ قالغان يولدىشىڭىز ئەمەسمۇ ؟

ئەي سالاپەتلىك ئەر ، جاسارەتلىك ئەركەك ،ئائىلىڭىزنى گۈللەندۈرۈش يولىدا بىر قولىنى سۈپۈرگە ،بىر قولىنى نوغۇچ قىلىپ ، سىزنى تەملىك غىزالار بىلەن غىزالاندۇرۇۋاتقان ،ئۈزۈلۈپ چۈشەي دېگەن تۈگمىڭىزنى چىڭىتىپ قويۇۋاتقان ،ئايىغىڭىزنى مايىلاپ قويۇۋاتقان ،ئوماق پەرزەنتلىرىڭىزنى ئانىلىق مېھرى بىلەن ئەركىلىتىپ ،ئائىلە بوستانىڭىزنى يېشىللىققا پۈركىگەن ،ۋاھالەنكى ،ئائىلە ئۈچۈن ئۆزىنى كۈتۈشكە ئەھمىيەت بېرەلمەي چىرايى سۇلغۇن ،چاچلىرى رەتسىز بولۇپ قېلىپ سىزگە باشقىچە كۆرۈنۈپ قالغان كىم ؟ ئۇ دەل ئەينى چاغدا سىز قوغلاشقان ، سىزگە رازىلىق بىلدۈرگەندە شادلىقتىن بېشىڭىز كۆككە يەتكەن ،پۈتكۈل ئەلەمگە «مەن بەختلىك» دەپ جاكارلاشقا تاس قالغان ، تالاي گۈلنىڭ ئىچىدىن تاللاپ ئۈزگەن خۇش پۇراق گۈلىڭىز ،ھازىرقى قەدىردان خانىمىڭىزدۇر .
ئائىلە قۇرۇلغان ئىكەن ، تۇرمۇشتا رومانتىكلىق تەم سۇسلىشىدۇ . قولىغا بىر دەستە گۈل تۇتۇپ مەھبۇبىنى ساقلاپ تۇرىدىغان ھاياجانلىق دەقىقىلەر ئاخىرلىشىپ ھەقىقىي تۇرمۇش باشلىنىدۇ . ئەرنىڭ ،ئايالنىڭ كەمچىلىكلىرى ئاشكارىلىنىشقا باشلايدۇ . ئەرمۇ ،ئايالمۇ ئۆزى چىن دىلىدىن سۆيگەن كىشىنىڭ ئۆزى ئويلىغىنىدەك ئەمەسلىكىنى سېزىپ قالىدۇ . تۇرمۇشتىكى ئۇششاق –چۈششەك ئاۋارىچىلىقلار ئايالنى كوت-كوت ،ئەرنى چېچىلاڭغۇ قىلىپ قويىدۇ . ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىمۇ كۆرۈنمەي قالىدۇ .ئەسلىدە بىر قېتىملىق سۆھبەت بىلەن ھەل بولىدىغان مەسىلە ئايالنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كۆتۈرۈپ بېرىشى بىلەن مۇرەككەپلىشىدۇ . ئەقىللىق ئايال ئائىلىسىدىكى زىددىيەتلەرنى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كۆتۈرۈپ بېرىشنى خالىمايدۇ ،چۈنكى ئۇ ئانىنىڭ دەردىنى يەنىمۇ ئاۋۇتۇشنى خالىمايدۇ . يەنە بەزى ئاياللار بەخت ئىچىدە تۇرۇپ قولىدىكى بەختنى ھېس قىلالماي، نىكاھتىن ئىبارەت ئۇلۇغ نېمەتنى قەدىرسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ .ئۇلاردىن ئاياللىق نازاكەت ئەمەس ،ھازازۇللۇقنىڭ داشقاللىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ .
مېنىڭچە ، نىكاھلىق تۇرمۇشتا مۇۋەپەقىيەت قازانغان ئاياللارنىڭ خىزمەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسپىتى يۇقۇرى بولىدۇ . شۇنىڭدەك نىكاھتا غەلبە قىلغان ئايال ھەقىقىي غەلىبە قىلغان ئايالدۇر .
خاتىرجەم ھالەتتە غىزالىنىۋاتقان بىر ئائىلە كىشىلىرىدىكى بەخت تۇيغۇسىنى تەسۋىرلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ . تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ ،خىزمەت ياكى تىجارەتتە مەغلۇپ بولۇپ ،دەردىڭىزنى دۇنيادىكى ئەڭ سۆيۈملۈك ئادىمڭىزگە تۆكتىڭىز ،سىزنىڭ چوقۇم ياخشى قىلالايدىغىنىڭىز ،ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەسلىكىڭىز ھەققىدە سىزگە تەسەللى بېرىپ ،ئۈمۈدسىزلىك پاتقىقىدىن قايتۇرۇپ ،قەلبىڭىزنى ئىشەنچ ،مۇھەببەتكە تولدۇرغان ئايال بىلەن سىزنى «يارىماس» ئەرگە چىقىرىپ ،غورورىڭىزنى ئاياغ ئاستى قىلغان ،قەلبىڭىزگە زىمىستاننى چىللىغان ، ئاخىرىدا سىزنى قاۋاقخانىغا بېرىشقا مەجبۇر قىلغان ئايالنىڭ ئارىسىدا پەرق ئىنتايىن چوڭ .ئەتراپىمىزدىكى ئېرىگە ھەم بالىلىرىغا چىن مۇھەببىتىنى بېرىپ ئۆتۈۋاتقان ئاياللار ئائىلىسىنىلا ئەمەس ،دۇنيانىمۇ ئىللىقلىققا چۆمدۈرىدۇ .
مەلۇمكى ،تۇرمۇش رېتىمىمىز تېزلەشمەكتە . ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن ئىشەنچ كىرزىسى نىكاھقا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتە ،قىسمەن ياش ئەر-ئاياللارنىڭ نىكاھنىڭ قىممىتى ،مۇقەدەسلىكىگە بولغان تونۇشى سۇسلاشماقتا .
ـــ مەنمۇ ساڭا ئوخشاش ئىشلەۋاتىمەن ، ساڭا ئوخشاش پۇل تېپىۋاتىمەن ، ـــ دەيدۇ ئايال سومكىسىنى كارۋاتقا تاشلاپ .
چارچىغان ئەر تەييار چۆپ يېيىشكە مەجبۇر . ئەسلىدە بىر قېتىملىق سۆھبەت ،تەبەسسۇم بىلەن ھەل بولىدىغان مەسىلىلەر ئىككى تەرەپنىڭ جاھىللارچە تىركىشىشى نەتىجىسىدە ئويلىمىغان نەتىجە بىلەن تۈگۈنلەنمەكتە .
تەنھالىقنىڭ بىپايان دالىلىرىدا ئادەم ئاتىنىڭ غېرىپلىقىنى قەلبىگە سىغدۇرۇپ ئوتۇۋاتقان ئەرلەر كۆپەيمەكتە. قىسمەن ئاياللاردىكى كوت- كوتلۇق ،ناشۈكۈرلۈك ،زىيادە كۈنلەمچىلىك ،ئەرنى مۇنۇپۇل قىلىش ئىستىكى ئوغۇزخاندەك غەيرەتلىك ،ھاتەمدەك قىممەتلىك ئارلەرنى ھاياتتىن بەزدۇرۇپ ، گاھىلىرىنى ھاراقكەش ،گاھىلىرىنى غايىسىز بىكار تەلەپلەرگە ئايلاندۇرماقتا.
بەزى ياش چوكانلار ئەسلىدىنلا پەزىلەتلىك ،ياخشى تەربىيە كۆرگەن تۇرۇقلۇق يولدىشىنىڭ بىر مەزگىللىك خاتا قەدەم بېسىشلىرىنى كەچۈرەلمەي «زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇۋاتىدۇ»،بۇ ئەمەلىيەتتە تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغانلىقتىن ئۆزگە ئىش ئەمەس.
ئاجىرىشى نىسپىتىنىڭ تۈز سىزىق بويىچە ئۆرلىشى ، تىرىك يېتىملەرنىڭ كۆپىيىشى ، ئائىلە ئىللىقلىغىنىڭ كەم بولۇشى زور ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانماقتا .ئىناقسىز ئائىلە مۇھىتى كەلگۈسىدىكى نۇرغۇن بەختسىزلىكلەرنىڭ ،جىنايەتلەرنىڭ ئوت پىلتىسى بولۇشى مۈمكىن .ئىلگىرى بىر ژورنالدا «نىكاھ بىلەن ئويناشماڭ ،ئويلاشماستىن تويلاشماڭ » ناملىق ماقالىنى ئوقۇغان ئىدىم .ئەينى چاغدا ماقالىدىن كۆرە تېمىسى مېنى بەكەرەك جەلب قىلغان ئىدى . نىكاھ بىلەن كەسپ ئىنسان ھاياتىدىكى ئىككى چوڭ تاللاشتۇر . كەسپنى خاتا تاللىسىڭىز ئۆزگەرتىش پۇرسىتى بولۇشى مۈمكىن، لېكىن جۆرىنى خاتا تاللىسىڭىز يېرىم ئۆمرىڭىز زايە كېتىشى مۈمكىن ،پەقەت ۋە پەقەت پەرزەنتلىرى ئۈچۈن نىكاھ قەسىرىنى يۆلەپ تۇرۇۋاتقان ئەر-ئاياللارنىمۇ ئۇچراتقانمەن .
يېقىندا خىزمىتى بار بىر ئەرنىڭ زارىنى ئاڭلىدىم ،ئۇنىڭ دېيىشىچە ئايالى ئۆينىڭ ئىقتىسادىنى كونتۇرول قىلغان بولۇپ ،بۇ ئەر سىرتتا بىر ۋاخ تاماق يېيىشكە لازىملىق ئازغىنە پۇلنىمۇ ئايالىدىن سوراپ ئېلىشقا مەجبۇر ئىكەن . ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق يەتكۈزۈشكە ئامالسىز ئىكەن . ئۇنىڭ ھەسرەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان قىياپىتىدىن غورورى ئاياغ ئاستى قىلىنغان بىر ئەرنىڭ پاجىئەلىك نىكاھ تۇرمۇشىنى كۆرۈپ يەتتىم .

ئىللىق بىر ئائىلىڭىزنىڭ بولغانلىقى سىزنىڭ بەختىڭىزدۇر .گەرچە ئىللىق بولمىسىمۇ بىر ئائىلىڭىزنىڭ بولغانلىقى يەنىلا بەختىڭىزدۇر . پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ بەختىيار كۈلكىلىرى ھە چۈچۈك قىلىقلىرى ،ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سالامەت تۇرغانلىقىنى كۆرۈش كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ زور بەختتۇر .
قانائەت ــ نىكاھلىق تۇرمۇشتىكى بەختنىڭ ئاساسىدۇر .
ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان نىكاھ ماجرالىرىدىن ئايانكى ،زىددىيەتلەرنىڭ زور كۆپچىلىكىنى ئىقتىسادىي مەسىلىلەر تەشكىل قىلىدۇ . ئىقتىساد مۇھىم،لېكىن ئىللىق ئائىلە تېخىمۇ مۇھىم. پۇلىڭىز ئازراق بولسا ئائىلە ئىستىمالىڭىزنى مۇۋاپىق تەڭشىسىڭىزلا بۇ مەسىلىمۇ ھەل بولۇپ كېتىدۇ . ئۆز ئەھۋالىڭىزغا قارىتا مەلۇم ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا جۈرئەت قىلالىسىڭىزلا ئائىلىڭىزدا كۈلىدىغان كۈلكىلەرنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى ،داستىخىنىڭىزنىڭ بەرىكەتلىك بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىسىز .
ئائىلە بىر كىچىك ۋەتەن . سىز نىكاھلىق تۇرمۇشىڭىزنى تىرىشىپ پەرۋىش قىلىۋاتقان بولسىڭىز ، ئەمەلىيەتتە پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ كۈلگۈسىنى پەرۋىش قىلغان بولىسىز .بۈگۈنكى ئەجىر ئەتىكى ھوسۇلنىڭ ئاساسى. ھەر بىرىمىزگە ئائىلە گۈلىستانىمىزنى تىرىشىپ قوغدايدىغان ، گۈللەندۈرىدىغان مەسئۇلىيەتچان روھ نىسىپ بولسۇن .ئائىلە ئۈچۈن كۆيگەن ئەشۇ مۇھەببەتلىك يۈرەكلەر مەڭگۈ ئامان بولسۇن .

مەنبە :«شىنجاڭ ياشلىرى »ژورنىلى


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
yalkun + 100 ھەقىقى ئىسىل تېما يوللاپسىز!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

اﷲ باردۇر ، بىردۇر ، اﷲ تىن باشقا ھىچ بەرھەق خالىق يوقتۇر . مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام اﷲنىڭ بىزلەرگە ئېبەرگەن بەرھەق پەيغەمبىرىدۇر . ئامىن .

شۇنداق بىر كۈننى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1436
يازما سانى: 460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7542
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 1448 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2011-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 04:43:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىنى قۇرنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىلىپ تەڭشىگەن تىمىلار كۆزۈمگە بەكلا غەلىتە كۆرۈنىدۇ، ئەدەبىياتتا بۇنداق قائىدە يوق، ئۇيغۇرچە ئوڭدىن سولغا يىزىلىدۇ، گۈل تىزغاندەك نۇسقا چىقىرىپ بۇنداق يازماي ئەسلى قائىدە بويىچە يېزىش كېرەك.
  زادى نېمە شەكىل بۇ ؟ ھىچقانداق بىر تىلدا يوق بۇنداق يېزىش، ئابزاس بېشى قايسى، جۈملە ئاخىرى قايسى ؟ قانداق بىلگىلى بولىدۇ بۇنى

قـويـاش يـېيىـشكـە بـولـمـايـدىـغـان نـان، ۋەتـەن بـېـرىشـكـە بولـمـايـدىـغـان جــان~~~!!! خەير، مېنىڭ ئەسلىمىلىرىم، خەير مېنىڭ كۈلكىلىرىم، خەير مېنىڭ ئەڭ سەبىي، ئەڭ پاك، ئەڭ تاتلىق، ئۇنتۇلماس ئەستىلىكلىرىم.....!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39711
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 684 سائەت
تىزىم: 2011-5-5
ئاخىرقى: 2011-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 04:59:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە بىز ھازىر شەكىلگە ئەمەس،بەلكى مەزمۇنغا بەكرەك ئەھمىيەت بەرسەك بولاتتى.ماڭا بۇ تىما بەكلا يارىدى.ئاپتۇرنىڭ تۇرمۇشتىكى نازۇك مەسىلىلەرنىمۇ روشەن يورۇتۇپ بەرگەنلىكىگە قايىلىمەن.

هصسسىياتنىث ظةقىل تةرپىدىن كونتىرول قىلىنىشى ظادةمىيلىك،ظةقىلنىث هصسسىيات تةرپىدىن كونتىرول قىلىنىشى هايۋاناتلىقتذر.

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 1952
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15793
تۆھپە نۇمۇرى: 1035
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 06:02:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرلا  ئېغىز  گەپ  ــ  پۇل  كەم .  پۇل  بولسا  يۈز  بېرىشكە  تېگىشلىك بولغان نۇرغۇن 
 كۆڭۈلسىزلىكنىڭ  ئالدىنى  ئالغىلى  بولىدۇ  .  ھەممە  نەرسە  ماددا  بىلەن  ئۆلچىنىدىغان 
 دەۋىرىمىزدە  تېخىمۇ  شۇنداق . پۇل  بولسا  ياخشى كۆرۈش ، مۇھەببەتنىمۇ  سېتىۋالغىلى 
 بولىدۇ  . ئىشقىلىپ پۇلىڭىز  بولمىسا ھېچنىمىڭىز  بولمايدۇ  .  ھېچنىمىڭىز  بولمىسا  پۇلىڭىز  بولمايدۇ .  
تېمىدىكى،ئايالىدىن  ئۆتنە  ئېلىپ  تاماقيەيدىغان  ئەرنىڭ  جېنىغا  ۋاي...لىكىن  نۇرغۇن  كىشىلەر  
ھەممە  نېمىسى  تەل  ،  قۇلىنى نەگە  سۇزسا  يېتىدۇ  ،لىكىن  بىرەر  قېتىم  خۇشال  بولماي  ئۆلۈپ  
تۈگەيدۇ  ،  ھاياتنىڭ  قىممىتى  ،  مەنىسى ، ئەھمىيتىدىن خەۋەرسىز ،  پىخسىق ،  خەسسىلىك بىلەن چاكنىلارچە  ياشايدۇ .ئۇنداقلارنىڭ  بايلىقىغىمۇ  ۋاي...
نۇرغۇن  كىشىلەر  ئۇقۇتقۇچى  ، دېھقان ، تازىلىق  ئىشچىسى  دىگەندەك  ئاددىي  خىزمەتچىلەرنى  كۆزگە  ئىلمايدۇ .
ئەمەلىيەتتە  ئۇلار  ھۆرمەتكە لايىق كىشلەردۇر...

بارلىق  بىساتىڭنى  سېتىپ بولسىمۇ  قىزىڭنى ئۆلىماغا ياتلىق قىل  .  ئۆلىمانىڭ  قىزىنى  ئېلىش ئۈچۈن بارلىق بىساتىڭدىن  ئايرىلساڭمۇ  ئەرزىيدۇ .[

دۇنياغا  سەيلىگە ئەمەس بەيگىگە كەلدىم.

تىرىشتىڭ &

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34318
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1637
تۆھپە نۇمۇرى: 105
توردا: 1396 سائەت
تىزىم: 2011-3-18
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 07:50:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  sawriya كە 2011-07-12 04:59 PMئەۋەتىلدى  :
مېنىڭچە بىز ھازىر شەكىلگە ئەمەس،بەلكى مەزمۇنغا بەكرەك ئەھمىيەت بەرسەك بولاتتى.ماڭا بۇ تىما بەكلا يارىدى.ئاپتۇرنىڭ تۇرمۇشتىكى نازۇك مەسىلىلەرنىمۇ روشەن يورۇتۇپ بەرگەنلىكىگە قايىلىمەن.  
توغرا دەيسىز  ، مەزمۇنى  ھەقىقەتەن  ياخشى ئىكەن ، بىزدە  بەزى  ناچار  ئادەتلەر  بار  ئىكەن ، ئاۋال  تېما  مەزمۇنىغا  ئوبدانراق  باھا  بېرىپ  ئاندىن  تەنقىد  تەكلىپ  بەرسەك  ئوبدان  بولاتتى ،  مەسلەن  خىزمەت تەكشۈرگەندىمۇ  ئاۋال 良点سىنى  دەپ  ئاندىن  缺点سىنى  دەيدىغۇ

ئاتا-ئانا  ئەڭ  ئۇلۇغ  كىشىلەردۇر.

مىسرانىمدىن ئۇي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47284
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 925
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2011-7-9
ئاخىرقى: 2011-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 07:57:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كىچىك ئائىلە بىز ياشاۋاتقان جەمىيەتنىڭ ئۇمۇميۈزلۈك كارتىنىسى........
ئائىلە ئىناق ، ئەر - ئاياللار خاتىرجەم بولسا جەمىيەتمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا تەرەققى قىلىدۇ . پەرزەنىتلەرمۇ خاتىرجەملىك ۋە ياخشى تەربىيەگە ئېرىشەلەيدۇ . شۇڭا مەن بۇ ئەسەرنى ناھايىتى ياقتۇردۇم .
ھەم« ئايال كىشى ئەردە ياخشى ، ئەر بولمىسا يەردە ياخشى » .«ئىللىق بىر ئائىلىڭىزنىڭ بولغانلىقى سىزنىڭ بەختىڭىزدۇر .گەرچە ئىللىق بولمىسىمۇ بىر ئائىلىڭىزنىڭ بولغانلىقى يەنىلا بەختىڭىزدۇر » دىگەن جايلار بىز خانىم - قىزلار ئۈلگە قىلىشقا، مەڭگۈ ئىسىمىزدىن چىقارماسلىققا تىگىشلىك قۇرلار ئىكەن.

بىرىنچى قەۋەتتىكى ئىنكاستەك بەزىلەر تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىدىن  ئەمەس ، سىرىتىقى شەكىلىدىن باھا بېرىشكە ئۇستا ئىكەن ، بۇنداق قۇسۇرچىلارنىڭ بەخىتلىك ئائىلىگە ئېرىشمىگىمۇ بەك تەس.
تىما ئىگىسىنىڭ ئەھمىيەتلىك تىما يوللىغىنىغا رەھمەت .

ئادەمگە بىلىم كى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 3570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 162087
تۆھپە نۇمۇرى: 741
توردا: 7732 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 09:55:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالامەت ئىسىل تىمكەن، ساقلاپ قۇياي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6820
تۆھپە نۇمۇرى: 516
توردا: 7739 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 11:49:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىنىڭ مۇشۇنداق بىر ياخشى تىمىنى جاپا تارتىپ بىزگە يەتكۈزگىنىگە كۆپ رەھمەت . ئىنكاسلىرىمىز نىمە بوپ كەتتى دوستلار ! باشتا بىر دوستىمىز خەتنى ئوتتۇرىغا توغرىلاپ يېزىپ قۇيۇپسىز دەپتۇ . دىمىسىمۇ ئۇيغۇرچە خەتنى سولدىن ئوڭغا يازىمىز ، ئوتتۇرىغا توغرىلايدىغان خەت دىگەن ماۋزو . كەينىدىنلا باشقا بىر توردىشىمىز بۇ توغرىلىق يۇقارقى تورداشنى تىللاپ كىتىپتۇ . تىما ئىگىسى تىما تەستىقلانغاندىن كىيىن ئوتتۇرىغا توغرىلانغىنىنى كۆرۈپ بەلكىم پۇشايمان قىلدىغۇ دەيمەن . ئۆزگەرتەي دىسە ئۆزگەرتكىلى بولمىغان .
   ئەسلى گەپكە كەلسەك ، ھازىر مەيلى مۇنبەر ياكى باشقا جايلاردا بولسۇن ، بىزنىڭ تىمىمىزنىڭ ئەڭ كۆپى ئائىلە مەسىلىسى ، 3 - شەخس مەسىلىسى بۇلۇپ قالدى . بىز قاچانغىچە مۇشۇ ئەڭ ئاددى كاتىگورىيەدىن چىقىپ كىتەلمەيمىز ؟ بۇنىڭسىزمۇ بىز بالا تەربىيىسى ، پەن مائارىپ ........توغرىلىق پاراڭلىشىشىمىز كېرەك ئىدى . بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز بىلەلمەيۋاتقانلىقىمىزدىن مۇشۇنداق تىمىلارغا مۇھتاج بۇلۇۋاتىمىز .

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4806
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 50998
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 1998 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 12:32:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭلۈمگە ياققان ئېسىل تېمىدىن  يەنە بىرنى ئۇچراتقانلىقىمدىن خۇرسەنمەن...
‹‹بەختسىز نىكاھ- ئائىلنىڭ قەبرىسى››بۇ سۆزنى قايەردە ئاڭلىغىنىم ئېسىمدە يوق،بىراق بۇ سۆزنى ئېسىمدىن چىقىرىپ باقمىدىم.
ئەر -ئاياللارنىڭ بىر -بىرىگە كۆيىنىشى،مېھرى -مۇھاببەت يەتكۈزىشى،ئىشىنىشى،بىر -بىرىنى چۈشىنىشى،ئۆزئارا يول قويىشى،ئۆزئارا ھۆرمەتلىشى ئائىلنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىدىكى مۇھىم ئامىللار.....
ماددىي مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان نىكاھ بەختسىز نىكاھتۇر...

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 1952
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15793
تۆھپە نۇمۇرى: 1035
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 05:47:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  ئاھۇ كە 2011-07-12 04:43 PMئەۋەتىلدى  :
   يازمىنى قۇرنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىلىپ تەڭشىگەن تىمىلار كۆزۈمگە بەكلا غەلىتە كۆرۈنىدۇ، ئەدەبىياتتا بۇنداق قائىدە يوق، ئۇيغۇرچە ئوڭدىن سولغا يىزىلىدۇ، گۈل تىزغاندەك نۇسقا چىقىرىپ بۇنداق يازماي ئەسلى قائىدە بويىچە يېزىش كېرەك.
  زادى نېمە شەكىل بۇ ؟ ھىچقانداق بىر تىلدا يوق بۇنداق يېزىش، ئابزاس بېشى قايسى، جۈملە ئاخىرى قايسى ؟ قانداق بىلگىلى بولىدۇ بۇنى  
چېچىلمىسىلا  خېنىم  ، يۈزلىرىگە قورۇق چۈشۈپ  ئاسانلا  قېرىپ  كىتدىلا ... مۇنبەرگە  تىما  يوللىسا  ،  قۇر  ئالمىشىدىغان  
يەردە  خەت  ئاخىرى كۆرۈنمەي  تېما  يوللۇغۇچى  تەھرىرلەش  جەريانىدا  بەزى  قالايىمقانچىلىق  ،  ئاۋارچىلىقتىن  ساقلانغىلى  
بولمايدىكەن  .  يا  بى  ئوڭشىمىدى  ،  ئاندبى  بىژنىمىسىنى...

بارلىق  بىساتىڭنى  سېتىپ بولسىمۇ  قىزىڭنى ئۆلىماغا ياتلىق قىل  .  ئۆلىمانىڭ  قىزىنى  ئېلىش ئۈچۈن بارلىق بىساتىڭدىن  ئايرىلساڭمۇ  ئەرزىيدۇ .[

دۇنياغا  سەيلىگە ئەمەس بەيگىگە كەلدىم.

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 1952
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15793
تۆھپە نۇمۇرى: 1035
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 06:01:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇسىلىمە  :  ئايالىممۇ  دائىم    پۇل  بولمىسىمۇ  خاتىرجەم ئۆتسەك  ،  ئاچ  ـ  يالىڭاچ  قويمىسىڭىز  بۇلدىغۇ  ؟  دەيدۇ  .  تۇرۇپ  ئۇنىڭ  ساددا  گىپىگە  ھەۋىسىم  كەلسە  ،  بەزىدە  نادانمىكىن  دەپ  ئويلاپ  قالمەن .
مىنىڭ  قارىشىمچە  ،  ئادەم  ئېغىلدىكى  قوي ـ  كالا  ئەمەس  ،  ئازغىنە  مەنپەئەتتىن  قانائەتلىنىپ  يۈرسە  بولمايدۇ .  چۇقۇم  پۇلدار  بولۇپ  ياششى  كېرەك  .  كۆپ  چۈشەندۈرشۈم  ھاجەتسىز  .  پۇل  بىلەن  بەخىت  ، تەرەققىيات  ،  ساپا  زەنجىرسىمان  باغلىنىشلىق  .
ئاياللارنىڭ  ئەرلىرىنىڭ  پۇلدار  بۇلۇشنى  خالىماسلىقى  ،  بىرى  بولسسا  گۇمانخورلۇقتىن  ،  ئەرلىرى  پۇلدار  بولسا  ،  باشقا چىرايلىق  ئاياللارغا  قانات  سۆرەپ  يۈرەمدىكىن  دەپ  ئەنسىرەيدۇ  يا  بولمىسا  مىنى  ئالماشتۇرۋېتەمدىكىن  دەپ  خۈدۈكسىرەيدۇ  .  ھى...ھى...ھھى...
ئەرلەرنىڭ  يۈرىكىمۇ  تاش  ئەمەس  ،  ئۇلاردىمۇ  مۇھەببەت  بار  ،  ئائىلنى  باياشات  تۇرمۇشقا  ،  كەلگۈسسى  پەرزەنىتلىرىنى  ياخشى  ئوقۇتۇش ،  ئېلىملىك  ،  ساپالىق  قىلىپ  تەربىيلەش  ئۈچۈن  ھەر  ۋاقىت  باش  قاتۇردۇ.  ما  گەپلىرىمنى  ئايالىم  كۆرسە  تەسىرلىنىپ  كۆز  يېشى  قىلىپ  يۈرمىگىدى...

بارلىق  بىساتىڭنى  سېتىپ بولسىمۇ  قىزىڭنى ئۆلىماغا ياتلىق قىل  .  ئۆلىمانىڭ  قىزىنى  ئېلىش ئۈچۈن بارلىق بىساتىڭدىن  ئايرىلساڭمۇ  ئەرزىيدۇ .[

دۇنياغا  سەيلىگە ئەمەس بەيگىگە كەلدىم.

ھاياتنىڭ لەززىت

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 1436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7545
تۆھپە نۇمۇرى: 532
توردا: 3216 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 09:02:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

5قەۋەتتىكى(gulxarihan) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قال

سىزمۇ ناھايتى ياخشى چۈشىنىپسىز..قارشىمىز ئوخشاشكەن.

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

ئاق لەيلى5913

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37311
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 562
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 04:39:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇلۇق ئۇقۇپ بۇلالمىدىم تېخى ساقلاپ قۇيۇپ ئۇقۇپ بۇلۇپ ئاندىن ئىنكاس يازاي.
مۇشۇنداق مەزمۇنغا باي تىمىڭىز ئۈزۈلمىگەي.

ئوۋچىنىڭ ئوقياس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1985
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6127
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2011-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 05:13:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقى ئىسىل تېما دەپ مانا بۇنى دەيمىز....ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان تېمىكەن.كۆپرەك كىتاپ-ژورنال كۆرۈپ تۇرسام بولغىدەك ياخشى يازمىلا باكەن.

دۇنيادا نىكاھسىز بەخىت ئىزدىگەنلەرنىڭ ئۆزى ساراڭ.نىكاھسىز ،جاھاننى چۈشىنىمەن دىگەنلەرنىڭمۇ ئۆزى ساراڭ.بىر ئائىلە بىر قورغان،بۇ بىر ئائىلە بىر ۋەتەنگە،بىر مىللىتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئەي! گۈزەل،ئانازىمىندەك ئۇلۇغ ئانىلار!  
ئەي! ئەينى چاغدا بىزگە  پەيغەمبەر بولغان،پەرزەنتتى ۋە ئايىلىغا تاغدەك يۆلەنچۈك بولىدىغان ئاتىلار !بىر ئائىلىنى ۋەيران قىلماڭلا...!!!
‹بىر ئەر-خوتۇن ئاجراشسا،پۇتۇن جاھان تىترەيدۇ›دىگەن گەپ بار.بىمەھەل ئاجراشماڭلا،بالىلارنى تىرىك يىتىم قىلماڭلا.

پاتقان قۇياشنىڭ تەپتى بولمايدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45034
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1444
تۆھپە نۇمۇرى: 148
توردا: 3367 سائەت
تىزىم: 2011-6-20
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-14 06:29:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تېما ئىكەن . رەھمەت

روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.(سۈرە شەمىس 9-ئايەت).
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش