مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2413|ئىنكاس: 22

سىرلىق كۆل-سايرام كۆلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

اﷲپۇتكۈل مۇسۇلما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4101
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12723
تۆھپە نۇمۇرى: 1581
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2010-7-16
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 02:07:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سايرام كۆلى تىيانشاننىڭ غەربى شىمالىغا ، بورتالا شەھىرىنىڭ غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان. كۆلنىڭ تۆت ئەتراپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. كۆلىنىڭ شىمالي قىرغىقى بىر ئاز تىك، قالغان ئۈچ تەرىپىنىڭ يانتۇلۇق بىر قەدەر تەكشى. ئەتراپتىكى 26 تاغ بۇلىقى ۋە پەسل خاراكتىرلىك 20 نەچچە كۆل ئېقىنى كۆلگە قۇيۇلىدۇ. « شىنجاڭ يىلنامىسى» ( 1985– يىلى) بايان قىلىنىشىچە، سايرام كۆلىنىڭ يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 2072 مېتىر ئېگىز ( بەزى ماتېرىياللاردا 2070 مېتىر، يەنە بەزىلىرىدە 2073 مېتىر دېيىلگەن)، كۆلنىڭ سۇ يۈزى كۆلىمى 458 كۋادرات كىلومېتىر، يەنە بەزىلىرىدە 457 كۋادرات كىلومېتىر دېيىلگەن) ، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 90.5 مېتىر. كۆلنىڭ شەكلى تۇخۇمغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 29.5 كىلومېتىر ( بەزى ماتېرىياللاردا 20 كىلومېتىر دېيىلگەن) ، جەنۈبتىن شىمالغا كەڭلىكى 23.4 كىلومېتىر ( بەزى ماتېرىياللاردا 30 كىلومېتىر دېيىلگەن) ، ئومومى ئايلانمىسى 86.5 كىلومېتىر كېلىدۇ ( يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، كۆلنى ئات بىلەن ئايلىنىپ مېڭىشقا توغرا كەلسە، ئىككى كۈن ۋاقىت كېتىدۇ). كۆلنىڭ ئېگىز تاغلىققا جايلاشقان مەشھۇر بۇغدا كۆلىدىنمۇ ئېگىز. بۇ كۆل ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئەڭ يۇقىرى كۆل ھېسابلىنىدۇ.
سايرام كۆلى خەنزۇچە « سەنتەي خەيزى» ( سەنتەي كۆلى) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ نام چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ قويۇلغان بولۇپ، تەلكە ئاغزىدىن داخىيەنزىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى بەش قەدىمكى ئۆتەڭنىڭ ئۈچىنچىسى بولغان سەنتەيگە يېقىن جايلاشقانلىقىغا قاراپ بېرىلگەن. سەنتەي ئۆتىڭى سايرام كۆلىنىڭ جەنۇبى قىرغىقىغا جايلاشقان. سايرام كۆلى موڭغۇلچە « سەرىمنۇر» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ، « تاغ قىرىدىكى كۆل» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. سايرام كۆلىنى قىرغىزلار « سۈت كۆل » دەپ ئاتايدۇ. ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر كىلاسسىك ئەسىرى « غەربكە ساياھەت» تە بۇ كۆل تەڭرى كۆلى دەپ ئاتالغان.
سايرام كۆلىنىڭ بويى قەدىمدىن تارتىپ كارۋانلارنىڭ تىيانشاننىڭ شىمالىدىكى يىپەك يولىدىن ئىلى ۋادىسىغا كىرىپ – چىقىشىدا، شەرقتە چاڭئەن، لوياڭلارغا، غەربتە پېرسىيە، رۇملارغا بېرىشىدا بېسىپ ئۆتىدىغان يولى بولۇپ كەلگەن. نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى بۇ يەردىن ئۆتكەن ئەدىبلەر ، سەركەردىلەر، ساياھەتچىلەر سايرام كۆلى ھەققىدە نۇرغۇن خاتىرىلەرنى قالدۇرغان. چيۇچۇجى 1221– يىلى يازغان « چاڭچۈن جېنرېننىڭ غەربكە ساياھىتى» دېگەن ئەسىرىدە سايرام كۆلىنى ئالاھىدە تەرىپلىگەن؛ چىڭ سۇلالىسىدا ئوتتۇرىلىرىدا ئۆتكەن خۇڭ لىياڭجى سايرام كۆلىنى « سۈزۈك دېڭىز » دەپ مەدھىيلىگەن. مۇشۇ ئەسرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەر شائىر تەۋپىق ( مەمتىلى ئەپەندى توختاجى، 1901– 1936) 1920– يىلى دادىسى بىلەن بىللە تىرىكچىلىك مەقسىتىدە بورتالا، غۇلجا، چۆچەك قاتارلىق جايلارغا بارغىنىدا ، « سايرام كۆلى» ناملىق شېئىرىنى يازغان :
سايرام كۆلى ئۆزۈڭ كىچىك، دەردىڭ تولا،
داۋالغۇيسەن، ساھىللاردىن تاشالمايسەن.
ئەتراپىڭنى قورشىۋالغان ئېگىز تاغلار،
ئۇمتۇلىسەن، داۋانلاردىن ئاشالمايسەن……
ئىلىدا ئۆتكەن ئاتاقلىق ناخشىچى ، سازەندە، داڭلىق قوشاقچى ئېلاخۇن تىلىۋالدى (ئېلاخۇن كۆككۆز) (1866– 1970) بەدنام بىلەن قارىلىنىپ ، 1929– يىلى قەپەزگە سولىنىپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بېرىلغاندا، سايرام كۆلى ھەققىدە قوشاق توقۇغان. بۇ قوشاقلار خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ، ئاھاڭغا سېلىنىپ، خەلق ناخشىسىغا ئايلىنىپ كەتتى.
خەلق ئارىسىدا سايرام كۆلىنىڭ پەيدا بولۇش ھەققىدە مۇنداق ئىككى رىۋايەت بار : 1– رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن ناھايىتى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى بۇ يەر كۆل ئەمەس، ئۆت – چۆپى ، سۈيى مول، گۈل – چىچەككە پۈركەنگەن گۈزەل ئوتلاق ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە شىكارغا چىققان يالماۋۇز بۇ ئوتلاقتا قوي بېقىۋاتقان گۈزەل قويچى قىز چىمەننى كۆرۈپ قېلىپ، نىيىتى بۇزۇلۇپ، نۆكەرلىرىگە قىزنى تۇتۇپ ئورىدىغا ئاپىرىشقا پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. قىز يالماۋۇزغا ئىتائەت قىلماي، قاراۋۇلنىڭ بىخەستەلىكىدىن پايدىلىنىپ ، ئاتقا مىنىپ ئوردىدىن قېچىپ كېتىپتۇ. يالماۋۇزنىڭ ياساۋۇلى قىزنىڭ ئارقسىدىن ئىز بېسىپ قوغلاپ كېلىپتۇ، ياساۋۇل قىزغا يېتىشۋالاي دېگەندە ، قىز تېگى يوق بىر جىرانى كۆرۈپ قاپتۇ– دە، ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان قىزنىڭ يىگىتى – يىلقىچى باتۇر سىدىق دەرھال يېتىپ كېلىپ، ياساۋۇلنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، قىزنىڭ ئىسمىنى توۋلاپ جىراغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ. جىرانىڭ ئىچىدىكى سۇ شۇ زاماتلا غەزەپ بىلەن مەۋج ئۇرۇپ ، ئاسمان – پەلەك دولقۇن چىقىرىپ، يالماۋۇزنى ئوردىسى بىلەن قوشۇپلا يۇتۇۋېتىپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتبارەن بىپايان ئوتلاق ھازىرقىدەك كۆز يەتكۈسىز چوڭ كۆلگە ئايلىنىپتۇ. ھەسرەت – ئەلەم بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن چىمەن بىلەن سىدىق دولقۇنلاپ تۇرغان كۆل ئىچىدە بىر– بىرىدىن ئايرىلمايدىغان ئىككى كىچىك ئارالغا ئايلىنىپتۇ. بۇ ئىككى كىچىك ئارال كۆل ئىچىدە ھېلھەم بىللە قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. 2– رىۋايەتتە ، سايرام كۆلى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين شەرققە يۈرۈش قىلىپ، مۇشۇ ئەتراپقا كەلگەندە، يەرلىك ئاھالە بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن قاتتىق ئېلىشقانلىقى ، ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ قېنىدىن كۆل ھاسىل بولغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ماكىدونىيە پادىشاھى ئالېكساندر ماكىدونسكىي ( ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ) نىڭ ئوتتۇرا ئاسياغا يۈرۈش قىلغان ۋاقتى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 334 – يىلىغا توغرا كېلىدۇ. ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇرۇشقانلىقى ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ « تۈركى تىللار دىۋانى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە تىلغا ئېلىنىدۇ : « زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئېلىغا يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى 4000 ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن. ئوقنى ئالىدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەيىن بۇلارغا ھەيران قاپتۇ.» ( بىرىنچى توم 151– بەت.) زۇلقەرنەيىن قوشۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇرۇش قىلغانلىقى ئېنىق. ئەمما بۇ ئۇرۇشنىڭ سايرام كۆلى ئەتراپىدا بولغان – بولمىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئىسپات يوق. ئەمدى كۆلنىڭ ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ قېنىدىن ھاسىل بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراشقا كەلسەك، بۇ رىۋايەتتىن ئىبارەت.
سايرام كۆلى تاغنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشىدىن ھاسىل بولغان. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 70 مىليون يىل ئىلگىرى يەر شارىدا يەر– جاھاننى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىدىغان زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن. ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل ھىمالايا تېغى ئىنتايىن كۈچلۈك يەر پوستى ھەرىكىتى ئارقىلىق دېڭىز ئاستىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىققان. گېئولوگىيە ئىلمىدە « ھىمالايا تاغ ھاسىل قىلىش ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان بۇ جەرياندا، تىيانشان رايونىنىڭ پوستىدىمۇ كەسكىن ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، بەزى جايلار كۆتۈرۈلۈپ چىققان، بەزى جايلار ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن. سايرام كۆلى ئەنە شۇ مەزگىلدە ئېگىز تاغنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشى بىلەن كۆلگە ئايلانغان.
سايرام كۆلىنىڭ سۈيى خەلق ئارىسىدا « يا تاشمايدۇ، ئاقمايدۇ» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەنىدى. ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلاردا سۇنىڭ كۆپىيىپ بېرىۋاتقانلىقى بايقالدى. بۇنىڭدىن بىر نەچچە ئون يىل ئىلگىرى كۆلنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئۇزۇنلۇقى 250 مېتىر كېلىدىغان كىچىككىنە يېرىم ئارال ، ئارالدا ئىبادەتخانا، ئىبادەتخانىغا بارىدىغان تاشيول بارئىدى. كۆل سۈيى كۆپەيگەنلىكتىن ، تاش يول چۆكۈپ كېتىپ، يېرىم ئارال كۆل ئوتتۇرىسىدىكى پۈتۈن ئارالغا ئايلىنىپ قالدى.

مەنبە-ئەنۋەرسوفت تورى


اﷲ باردۇر ، بىردۇر ، اﷲ تىن باشقا ھىچ بەرھەق خالىق يوقتۇر . مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام اﷲنىڭ بىزلەرگە ئېبەرگەن بەرھەق پەيغەمبىرىدۇر . ئامىن .

ئىمىنجان ھىدايە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15099
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13695
تۆھپە نۇمۇرى: 2034
توردا: 1647 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 02:47:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما  ئىگىسىگە  تەشەككۇر

ئىمىنجان ھىدايەت

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3425
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27273
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8330 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 02:56:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋاملىق گۈزەل يۇرتۇم غۇلجىغا قايتقاچ ماشىنىنى كۆل بويىغا توختىتىپ مۇزدەك سۈيىدىن يۇزۈمنى يۇيۇپ ساپ ھاۋادىن قانغۇچە نەپەس ئىلىۋالىمەن. ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل...

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38379
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6310
تۆھپە نۇمۇرى: 1536
توردا: 2835 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2013-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 03:10:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت  سىزگە ! ئاللاھ ئەجرىڭىزنى  بەرسۇن.

مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولىشىنىڭ سەۋەبى نادانلىق ،نائىتتىپاقلىق ،تەپرىقە ۋە خىلاپتۇر.        ئابدۇقادىر داموللا

ھاياتقا ئۈمۈد بى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27297
يازما سانى: 1190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9441
تۆھپە نۇمۇرى: 446
توردا: 1665 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 03:25:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يازما ئىكەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 2234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31290
تۆھپە نۇمۇرى: 2856
توردا: 4223 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 04:25:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سايرام كۆلى نۇرغۇن تارىخى  ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى..............

پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

ئادەمگە بىلىم كى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 5679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165153
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 04:39:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سايرام ھەقىقىتەن بىر كۈرۈشكە ئەرزىيدۇ،كۆل بۇيدىكى يول ياقسىدىكى ئىگىز يىشىللىقنىڭ  ھاۋاسى ئىنتايىن ساپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4069
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8318
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 1116 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 04:47:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىزدەپ يۈرگەن ماتىريال........رەخمەت!

ھاياتنىڭ ئۆزى بىر سىناق

كىم ، كىمنىڭ نام

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45536
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3246
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2011-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 05:19:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە رەخمەت. بىرنىجى قىتىم تىلغا ئالغان رىۋايەت بەك تەسسىرلىك ئىكەن. ئىككىنجى قىتىم تىلغا ئالغان رىۋايەتنى بىر قىتىم ئاڭلاپتىكەنمەن.

كىم ، كىمنىڭ نامىدىن پەخىرلىنەلەيدۇ؟؟؟

ئاتۇش ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16888
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9272
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 890 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 05:32:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەمتىلى ئەپەندى يۇقارقى بىر كوبلېىت شىئېرنى سايرام بويىدا تۇرۇپ ، ئاتىسىغا جاراڭلىق ئاۋازدا ئوقۇپ بەرگەنىكەن شۇ دەۋرلەردە .

1 - ئىلىملىك بولماي تۇرۇپ ماختانما ...
2 - ئۆزۈڭدە بىر چېلەك سۇ بولغاندا ، ئاندىن كىشىگە بىر چىنە سۇ بېرەلەيسەن ... !
3- ئۆزۈڭدىن ھالقى ، بۈيۈكلۈككە يەت ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش