جاۋاپ يىېزىش مەقسەت ئەمەس
غەيرىتىم چوڭ ،بۇشاڭ ئەمەس.
ئېغىر كورمەي ئۇقۇغايسىز،
چۇنكى مەن ھەييار ئەمەس.
نىل دەرياسىنىڭ قانچىلىك ئۇزۇنلىقىنى مەن بىلمەيمەن .قارىغاندا سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىز شاقىراتمىغا ئوخشاش شاۋقۇنلۇق بولسا بەك شاۋقۇن –سۇرەن بوپ كىتىەمدۇ قانداق ؟بىلەمسىزكى توت چوڭ ئېغىر بولغۇنىشنىڭ بىرى دەل شاۋقۇندىن بۇلغۇنىش،ئاسمان
جىسىملىرى يالغۇز بىرسىگىلا تارتىشمايدۇ،ئاسمان جىسىملىرىغا ئوخشاش تارتىشىمەن دىسىڭىز سەل بىئەپ بوپ قالارمۇ.
ھەتتا سىز مىنى ھەلىتەندە ئوغرى قاتارىغا چىقىرىپسىز .سىز سۇ ھورىغا ئايلىنىپ مىنىڭ يۇزۇمگەچۈشكىچە ماۋۇبىزنىڭ سەھرادىكى كىپەزلىككە چۇشسىڭىز بولمامدۇ،ھازىر دىھقانلىرىمىزشۇتالشىپ خىلى بولدى جەڭ قىلۋاتقىلى . سىز ئۆپكىڭىز بۇلاي دەپسىز ،كەچۈرۇڭ مىنىڭ ئۆپكەم ناھايتى ساغلام .ئەتىگندە ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالغىنىمدا يۇزمىڭ قېتىم شۇكرى ئېتىمەن.سىز مىنىڭ ئۆزگۈرۇپ كەتمەسلكىمنى تەكىتلەپسىز ،سىزگە
كۆپ رەھمەت.مەنمۇ شۇنداق قىلىمەن ..قېنىڭىز قىزىل دېڭىزغا ئوخشاش ئوخشاش ئۆركەشلەپ ئاقسا سىزدە قان بېسىم بارئىكەن.يەنە كىلىپ
قاننىڭ رەڭگىمىۇ سەل چاتاق تۇرىدۇ تەكشۈرتۈپ بېقىڭ ...مادىغاسقاردىكىدىكى ھايۋانلاردەك سادىق بولغۇچە ،بىر ئىنسانى ئادەمدەك سادىق بۇلۇشنى ئۈگۈنۇڭ،كىشى تۇلۇن ئايدەك بۇلۇش ئۇچۈن بەزىدە 15كۈنلۇك قاراڭغۇئايدەك بوپمۇ قالىدۇ..سىز سۇغۇق فىروتنى يامان كۆرمەڭ زىمىن
چاڭقىغاندا ئسسىق سۇغۇق فىروتنىڭ بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ.دەل شۇچاغدا سىز دىگەن كەۋسەر كەبى يامغۇ بۇئىككى فىروتنىڭ ئۇچىرششدىن ھاسىل بۇلىدۇ.
يەنە كىلىىپ 23*26مىنۇتلۇق تەكشىلىكتىن ئىككسى بار بۇنى ئېنىق ئىپادىلىمەپسىز .ساقلايمەن دىگەن سوزىڭىزمۇ يالغاندەك قىلىدۇ ...يەنە كىىلىپ بىرئادەم 25ياش ۋاقتىدا يەنەبىرسىنى ساقلاش قا توغرا كەلسە ئارتىپ كەتسە 40يىل ساقلىيالىشى مۇمكىن لىكىن مەڭگۈبولمايدۇ ..
جاۋابىم چۈشۈنىشلىك بولغاندۇ؟ سىزگە ئامەت ياربولسۇن!!!!!!!!!!