مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 570|ئىنكاس: 0

تارىختىكى بۈگۈن (11-ئىيۇل) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 04:11:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سەنشا قۇرۇلۇشى تاشقىن پەللىسىنىڭ تەسىرىدىن ئومۇميۈزلۈك توختىغان. بۇ 1997-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن باشلاپ تۇنجى قېتىم ئىشتىن توختىتىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

1998-يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تۇنجى قېتىم سوت ئېچىلىش ئەھۋالىنى بىۋاستە تارقاتقان. بېيجىڭ شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 1-ئاۋغۇست پولات تۆمۈر شىركىتى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئون فىلىم شىركىتىنىڭ بېيجىڭ تيەندۇ فىلىم شىركىتى نەشىر مەركىزى قاتارلىق ئۈچ ئورۇن ئۈستىدىن نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى تەسىر كۆرسەتكەن دەپ ئەرز قىلىش دىلوسى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالتە فوتۇ ئاپاراتى تەرىپىدىن بىۋاستە تارقىتىلغان بولۇپ، بۇ مەملىكىتىمىزدە تېخى تۇنجى قېتىم.

1993-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەنگلىيە دۇنيادىكى تۇنجى گېنى ئۆزگەرتىلگەن خورازنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. بۇ نەتىجە قىممەتلىك ماددى بار بولغان تۇخۇم تۇغالايدىغان توخۇنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىغان.

1992-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلۇغ پرولتارىيات ئىنقىلابچىسى، ماركىسىزىمچى دېڭ يىڭچاۋ بېيجىڭدا 88 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. دېڭ يىڭچاۋ 1904-يىلى گۇاڭشىنىڭ نەننىڭ شەھىرىدە تۇغۇلغان. 4-ماي ھەرىكىتىدە ئۇ يولداش جۇ ئېنلەي بىلەن بىرلىكتە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. ئۇ تيەنجىندىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرى.1925-يىلى 3-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، دېڭ يىڭچاۋ مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باش سېكرىتارى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. دىڭ يىڭچاۋ جۇ ئېنلەي بىلەن 1925-يىلى توي قىلغان.



دېڭ يىڭچاۋ بىلەن جۇ ئېنلەي



1982-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىتالىيە 12-قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى مادرېدتا ئۆتكۈزۈلگەن، ئىتالىيە بىرگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن گېرمانىيە كوماندىسىنى يېڭىپ چېمپىيون بولغان.

1960-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئافرىقىدىكى تۆت دۆلەت مۇستەقىل بولغان. داخومېي، نىگېر، يۇقىرى ۋولتا ۋە پىل چىشى قىرغىقى قاتارلىق جەنۇبىي ئافرىقىدىكى تۆت دۆلەت ئورتاق گەۋدىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان. 1975-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى داخومېينىڭ ئىسمى بېنىنغا، 1984-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى يۇقىرىقى ۋولتىنىڭ ئىسمى بۇركىنا فاسۇغا، 1986-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى پىل چىشى قىرغىقىنىڭ ئىسمى كوتىدىۋاغا ئۆزگەرتىلگەن.

مەنبە-جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش