ھازىر بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئىنتايىن ئاز ساندا خرىسىتىئان مۆرتلىرى بار بولۇپ، ئۇلار بۇ دىنغا كىرگەندىن كېيىن، جىمجىت ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلماستىن، بەلكى پۈتۈن كۈچى بىلەن باشقا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ
«توغرا يولى»غا باشلاش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماي كېچە-كۈندۈز تىرىشماقتا. ئۇيغۇرچە مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە يىللاردىن بېرى مۇشۇنداق شەخسىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىش جەريانىدا ئۇلارنى خېلى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. بۇلارنىڭ تەشۋىقات مېتودلىرى تەرەققىي
قىلغان بولۇپ، ئادەتتە مۇسۇلمانلارغا تەشۋىق قىلغاندا، ئالدى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان-كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان «ئىنجىل»غا بولغان ھۆرمىتىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن، سىزگە قۇرئاندىن ئىنجىلغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى تىرىپ ئەكىلىپ ئالدىڭىزغا تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز ئۇلارنىڭ «ئىنجىل»نى ئىنكار قىلىش ياكى ئىشىنىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئىشىنەي دېسىڭىز، بۇ ئاتالمىش
«ئىنجىل»دا خۇدانىڭ ئوغلى ئىيسا مەسىھ دېگەن جۈملىلەر قۇرئان-كەرىم ئىخلاس سۈرىسىدىكى «ئاللاھ بىردۇر، ھەممە ئاللاھقا مۇھتاجدۇر،
ئاللاھ توغۇلغانمۇ ئەمەس، ئاللاھنىڭ بالىسى بولغانمۇ ئەمەس، ھېچكىم ئاللاھقا تەڭداش بولالمايدۇ» ئايەتلەرگە ئېنىق زىت كېلىدۇ. ئىشەنمەي دېسىڭىز، ئىسلامنىڭ ئىمان ئاساسلىرىدا ئاللاھنىڭ بارلىق كىتابلىرى، يەنى تەۋرات، زەبۇر، ئىنجىل، قۇرئانغا ئىمان ئېيتىش شەرت قىلىنغان.
ئەمىسە، قانداق قىلىش كېرەك؟
ئاللاھ قۇرئان-كەرىم مائىدە سۈرىسى 5-ئايەتتە: ««ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمىغانلار پاسىقلاردۇر. ساڭا ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنى ئېتىراب قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى (ماۋۇ توغرا، ماۋۇ خاتا دېگۈچى) ھەق كىتاب قۇرئاننى نازىل قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قۇرئان بىلەن ھۆكۈم قىلغىن» (مائىدە، 48) دېگەن. شۇڭا، خرىستىئانلار قولىدىكى ھازىرقى ئاتالمىش «ئىنجىل»دىكى بايانلاردىن قۇرئانغا ماس كەلگىنىنى قوبۇل قىلىپ، زىت كەلگىنىنى رەت قىلىمىز دەيمىز. بۇ جاۋاب مۇسۇلمانلارنى قايىل قىلغان بىلەن، خرىستىئانلار يەنە قايىل بولمايدۇ. «مەن سىنىڭ قۇرئانىڭغا ئىشەنمەيمەن، مېنىڭ كىتاۋىم راست» دەپلا تۇرىدۇ. سىز «ئۇنداق بولسا، سەن قۇرئاندىن ئايەت دەلىل كەلتۈرۈپ نېمە قىلىسەن؟» دەپ غۇدىرىغاچ، باشقا ماتىرىياللارغا قارايسىز...ئۇلارنىڭ خۇپسەنلىكى شۇكى، ئۇلارنىڭ قولىدىكى «كونا ئەھدە» بىلەن «يېڭى ئەھدە»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بايبۇل (bible) ئەمىلىيەتتە بىزنىڭ قورئاندا تىلغا ئېلىنغان «ئىنجىل»نىڭ نەق ئۆزى ئەمەس. (ئۇلار بۇنى سىزدىن يۇشۇرىدۇ)بىز ئىشىنىدىغان ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىر يەھۇدى پەيغەمبەر بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگەن ئىنجىل شۇ پەيغەمبەرنىڭ تىلىدا
ئىبرانىيچە، يەنى شۇ زاماندىكى ئارامىيچە (亚拉姆语) تىلدا ئىدى. ھالبۇكى، ھازىرقى 39 كىتابتىن تۈزۈلگەن ئاتالمىش ئىنجىل»نىڭ ئەڭ قەدىمىي نۇسخىسى مىلادى 397-يىلى نەچچە مىڭ خىل ئىنجىلنىڭ ئىچىدىن تاللىنىپ بىكىتىلگەن
گېرىكچە (يۇنانچە) تىلدىكى تەرجىمە نۇسخا ئىدى.
دىققەت-ھە، ئەسلى ئارامىيچە تىلدىكى ئىنجىل ھازىر يەر شارىدا يوق. سىزگە «يېڭى ئەھدە» دىكى 四大福音书تۆت ئىنجىل: ماتتا، ماركۇس، لۇكا، يۇھەننا دەپ تونۇشتۇرغىنىمۇ، شۇ ماتتا، ماركۇس، لۇكا، يۇھەننا ئىسىملىك ئادەملەر يېزىپ قالدۇرغان خاتىرىلەردىن ئىبارەت
سىز بۇلارنى تەتقىق قىلىپ بىلگەندىن كېيىن سىزنى خرىسىتىئان دىنىغا تەشۋىق قىلىۋاتقان ئۇ ئۇيغۇرلارغا «سېنىڭ قولۇڭدىكى بۇ «يېڭى ئەھدە» بىز ئىشىنىشكە بۇيرۇلغان ئىنجىل ئەمەس، شۇڭا بىز بۇ كىتابقا ئىشەنمەيمىز دېسىڭىز، يەنە قايىل بولماي، «ياق، بۇ دېگەن خۇدايىمنىڭ كىتابى...» دەپ چىڭ تۇرۇۋالىدۇ. ئۇلارغا قۇرئاندىن، مۇسۇلمان يازغۇچىلارنىڭ يازغىنىدىن ياكى ھېچقانداق دىنغا ئىشەنمەيدىغان دىنسىز يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىدىن مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى نەقىل كەلتۈرسىڭىزمۇ كار قىلمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى، ئۇلار قايىل بولمىسىمۇ مەيلى دەپ
«كىتابى مۇقەددەس» («كونا ئەھدە» + «يېڭى ئەھدە» = bible) تەتقىقات ساھەسىدىكى دۇنياۋى مەشھۇر خرىستىئان ئالىملارنىڭ ئىنساپ بىلەن ھەقىقەتنى چىقىش قىلىپ يازغان ئەسەرلىرىنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىپ، خوشلاشسىڭىز بولىدۇ. بۇ كىتابتىكى پاكىتلار ھەر قانداق كىشى ئاغدۇرۇۋېتەلمەيدىغان دەرىجىدە كۈچلۈك بولغاچقا ئۇلار غىڭ قىلالمايدۇ. غىڭ قىلسا، ئەقلى يوق ساراڭكەن دەپ كارىڭىز بولمىسىلا بولىدۇ.
تۆۋەندە مەن كىرىش سۆزىنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرماقچى بولغان ئېنگلىزچە كىتابنى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى جەنۇبى كارولىنا ئۇنىۋېرسىتى دىن تەتقىقات پاكولتېتىنىڭ باشلىقى "كىتابى مۇقەددەس" (Bible) ساھەسىدىكى مەشھۇر مۇتەخەسسىس خرىستىئان ئالىم Bart D.Ehrman يازغان. كىتابنىڭ تۈركچىسى 2007-يىلى ئىستانبۇلدا نەشىر
قىلىنغان.
)
تەرجىمىسى:
"كىتابى مۇقەددەس" ساھەسىدىكى دۇنياۋى مەشھۇر ئالىم بارت ئېھرمان "كىتابى مۇقەددەس" (بايبۇل)نى ئەسلى نۇسخىسىدىن تەتقىق قىلىشنى باشلىغاندا بۇ كىتابقا ئىلگىرىكى تەرجىمانلار تەرىپىدىن كىرگۈزۈلگەن نۇرغۇنلىغان خاتالىقلار ۋە قەستەن ئۆزگەرتىشلەرنى بايقاپ چۆچۈپ كەتكەن. ئېھرمان "ئىيسا مەسىھنى خاتا نەقىل ئېلىش" ناملىق بۇ كىتابىدا قەدىمقى زاماندىكى كاتىپلارنىڭ "يېڭى ئەھدە"نى كۆچۈرۈشى ۋە ئۆزگەرتىشى ھەققىدىكى ۋەقەلەرنى بايان قىلىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ بىز كۈنىمىزدە ئىشلىتىۋاتقان "كىتابى مۇقەددەس"كە نىسبەتەن ئېغىر بىر زەربە بولدى. ئۇ
گېرىكچە قوليازمىلارنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ "يېڭى ئەھدە"نى قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىدىغان ئىلگىرىكى قاراشلىرىدىن قانداقلارچە ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغانلىقى توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلغان. مەتبەئە ئىشلىرى تەرەققىي قىلىپ، تېكىستلەرنى ئۆز پېتى كۆچۈرگىلى بولۇش ئەمەلگە ئاشقاندىن باشلاپ، نۇرغۇن كىشىلەر "يېڭى ئەھدە"نى ئوقىغاندا بىز ئىيسا مەسىھنىڭ سۆزلىرى بىلەن سانت پائۇلنىڭ مەكتۇپلىرىنى ئوقۇۋاتىمىز دەپ پەرەز قىلىشقان ئىدى. ھالبۇكى، 15 ئەسىردىن
بۇيان (يەنى مىلادى 90-يىلدىن 1590-يىلغىچە) بۇ قوليازمىلارنى شۇ دەۋرنىڭ مەدەنىيەت، ئىلاھىيەت ۋە سىياسىي ئىختىلاپلىرىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان كاتىپلار قولىدا كۆچۈرگەن ئىدى. ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان قوليازمىلاردىكى نۇرغۇنلىغان خاتالىقلار بىلەن قەستەن ئۆزگەرتىشلەر ئەسلىدىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئىنتايىن قىيىنلاشتۇرىۋەتكەن. ئېھرمان بۇ كىتابىدا "يېڭى ئەھدە"گە قەيەردە نېمە ئۈچۈن ئۆزگەرتىشلەرنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكى، ئالىملارنىڭ "يېڭى ئەھدە"نىڭ سۆزلىرىنى يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
.......................
ئېھرماننىڭ كىتابىدىن ئارىيە:
"يېڭى ئەھدە" گېرىكچە قوليازمىلارنى ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلغانسىرى ئوتتۇرىغا چىققان بىردىنبىر يەكۈن شۇكى، بۇ كىتابنىڭ ئەسلى نۇسخىسى تەڭرىنىڭ سۆزى، ئەمما بىزنىڭ ئۇ ئەسلى نۇسخىغا ئىگە بولالمىغانلىقىمىزنى بايقاش بولدى. ھەتتا پۈتكۈل خرىستىيان تارىخى بويىچە خرىستىيانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇ ئەسلى نۇسخىنى كۆرەلمىدى... شۇنىڭ بىلەن بۇ كىتاب زادى تەڭرىنىڭ سۆزىمۇ ئەمەسمۇ؟ دېگەندەك تالاش-تارتىشلار ئەدەپ كەتتى. پەقەت ئەسلى نۇسخىغىلا ئەمەس، بەلكى شۇ نۇسخىنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىغىمۇ ئىگە ئەمەسمىز.
بىزنىڭ قولىمىزدىكىلەر كېيىن، ناھايىتى كېيىن يېزىلغان كوپىيەلەر (كۆچۈرۈلمىلەر)دۇر. بۇ كۇپىيەلەرنىڭ ھەر بىرى يەنە بىرسىدىن نەچچە مىڭ
يەردە پەرقلىنىدۇ... "يېڭى ئەھدە"نى تەڭرى سۆزى دېيىشكە تىلىم بارماس بولدى. چۈنكى، بايقىدىمكى، تۇنجى "مۇقەددەس كىتاب"نىڭ سۆزلىرىنى ئىلھام قىلغان تەڭرى ئۈچۈن بۇلارنى قوغداش قىيىن بولماسلىقى كېرەك ئىدى.....ئەپسۇس، بۇ سۆزلەرگە ئىگە بولالمىغانلىقىمىز شۈبھىسىز. قوليازمىلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن چىقارغان خۇلاسەم: تەڭرىنىڭ بۇ سۆزلەرنى بىز ئۈچۈن قوغدىمىغانلىقىنى كۆرسەتتى. قىسقىسى، گېرىكچە "يېڭى ئەھدە"نى تەتقىق قىلىش ۋە قوليازمىلارنى تەكشۈرۈش جەريانى مېنى "يېڭى ئەھدە" ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى يېڭىۋاشتىن ئويلىشىپ بېقىشقا مەجبۇر قىلدى. (22-23-بەتلەر)
ئىلگىرى "يېڭى ئەھدە" تامامەن ۋەھيى، تەڭرىنىڭ ئۆزگەرمەس سۆزى دەپ ئىشەنگەن ئىدىم. تەتقىق قىلغانسىرى "ئىنجىل" (بايبۇل) ماڭا ئىنسان كىتابى بولۇپ كۆرۈنۈشكە باشلىدى. مۇقەددەس تىكىستلەرنى ئىنسان يازغۇچىلار كۆچۈرۈپ ئۆزگەرتكىنىدەك، بۇ يازمىلارمۇ ئەڭ دەسلەپتە ئىنسان ئاپتۇرلار تەرىپىدىن يېزىلغان. بۇ باشتىن ئاخىرغىچە ئىنساننىڭ كىتابىدۇر. بۇ ئاپتۇرلار تەڭرى تەرىپىدىن ئىلھام ئالغاندەك ھېس قىلغان بىلەن، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي قاراشلىرى، ئارزۇ-ئىستەكلىرى بار ئىدى. ئۇلار بۇنى يازغانلىرىغا سىڭدۈرۈپ ماڭغان ئىدى. مەسىلەن: ماركۇس لۇكاغا ئوخشاش گەپ قىلمىدى، ياقۇپ پائۇلدىن پەرقلىق... بۇنداق مىساللار بەك كۆپ.
قىسقىسى، ھازىرقى "ئىنجىل" (بايبۇل) ئىلاھىي كىتاب ئەمەس، ئىنسانىي كىتابتۇر. (24-بەت) بۇنىڭ ئېنىق مىساللىرىنى كىتابىمىزنىڭ كېيىنكى بابلىرىدا تەپسىلىي بايان قىلىمىز. ئاپتۇر ئېرمان ئىككى مىڭ يىللىق تارىخ ئىچىدە كۆچۈرۈلگەن بايبۇللاردا كاتىپلار كۆچۈرگەن قوليازما نۇسخىلىرىدىكى خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ كىتاب Queensكۇەنس ئۇنىۋېرسىتى ئوقۇتقۇچىسى John Millجون مىلنىڭ گېرىكچە "يېڭى ئەھدە" ھەققىدىكى كىتابى. جون مىل بۇ كىتابىغا 30 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ماتىرىيال توپلىغان. بۇ ئوتتۇز يىلدا يۈزگە يېقىن قوليازمىنى تەكشۈرۈپ 1707-يىلى
نەشىر قىلغان كىتابىدا بۇ قوليازمىلاردا 30 مىڭدىن ئارتۇق پەرق بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. (110-بەت)كېيىنكى چاغلاردا تېپىلغان 5700 پارچە قوليازمىدا بايقالغان پەرقلەرنى بەزى ئاكادېمىكلار 300 مىڭدىن ئارتۇق دېسە، يەنە بەزىلەر 400
مىڭدىن ئارتۇق دېيىشىۋاتىدۇ. (117-بەت) كاتىپلار "يېڭى ئەھدە"نى كۆچۈرگەندە پەقەت خاتا كۆچۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە بەزى جۈملىلەرنى قوشۇپ، بەزىسىنى ئۆچۈرۈپ ماڭغانلىقى ئىسپاتلاندى. بۇ ھەقتە 3-ئەسىردىكى خرسىتىيان پاپا ئورىگېن مۇنداق دىگەن: "قوليازمىلار ئارىسىدىكى پەرقلەر پەۋقۇلئاددە كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. بەزىلەر بىخەستىلىكىدىن، بەزىلەر مۇناسىۋەتسىز سۆزلەرنى قىستۇرۇپ قويۇشتىن، بەزىلەر بولسا كۆچۈرۈپ يازغىنىنى قايتا تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇپ ئوقۇپ بېقىشقا سەل قاراش ياكى قايتا قاراش جەريانىدا ئۆزى ياقتۇرىدىغان سۆزلەرنى قوشۇپ، بەزى سۆزلەرنى ئۆچۈرىۋېتىشى تۈپەيلىدىن پەرقلەر ئەدەپ كېتىۋاتىدۇ. (71-بەت) (http://fitna.tr.gg/incil-degistirildi.htm
.............................
ئېنگلىزچە كىتابنى ئامازون كىتابخانىسىدىن سېتىۋالالايسىز.
مەنبە:
http://www.amazon.com/Misquoting-Jesus-Story-Behind-Changed/dp/
0060738170#_
بۇ كىتابنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى تۈركىيەدە كەڭرى.
مەنبە:
http://www.netkitap.com/kitap-incil-nasil-degistirildi-bart-d-ehrman-
truva-yayinlari.htm
(ئەسكەرتىش: بۇ ئىجادىي تېما تۇنجى بولۇپ مىسرانىمغا يوللاندى. بىر كۈن ساقلايمەن، تەستىقلانمىسا، باشقا مۇنبەرگە يوللايمەن)