ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ :
بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا، دۇرۇد-سالاملار رەسۇلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتىگە ۋە ساھابە كىراملىرىگە بولسۇن.
ئالىملار ئاياللارنىڭ ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە زاكات كېلەمدۇ ياكى كەلمەمدۇ دەپ بىرقانچە كۆز قاراشلاردا بولغان.
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئاياللارنىڭ ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرى 85 گرامغا يەتسە، بىر يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن زاكات بېرىشى ۋاجىپ دەپ قارايدۇ. بۇ قاراش يەنە ھەزرىتى سەئىيد ئىبنى ئەلمۇسەييەب، سەئىيد ئىبنى جۇبەير، ئەتا، مۇجاھىد، ئەززۇھرى، ئەسسەۋرى، ۋە ئىمام ئەۋزائى قاتارلىق بىر تۈركۈم تابىئي ۋە مۇجتەھىدلەردىن رىۋايەت قىلىنغان.
بۇ ئالىملارنىڭ ئاساسلانغان دەلىللىرى ئالتۇندا زاكاتنىڭ پەرزلىكىگە كەلگەن دەلىللەرنىڭ ئومۇملىقىدۇر، يەنە زىبۇ-زىننەتكە خاس كەلگەن بەزى ھەدىسلەردۇر.
مەسىلەن: ئىككى ئايال كىشى پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا ئىككى قوللىرىدا ئىككى ئالتۇن بىلەزۈك بار ھالەتتە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا كەلگەندە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا: "جانابى ئاللاھ سىلەرگە قىيامەت كۈنى ئوتتىن بىلەيزۈك سېلىشىنى ياقتۇرامسىلەر؟" دەپ سورىغان، ئۇلار: ياق دېگەندىن كېيىن ئۇلارغا: "ئۇنداقتا قولللىرىڭلاردىكى بۇ ئالتۇننىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭلار" دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد ۋە دارقۇتنىلار بىر-بىرىگە يېقىن لەپزلەر بىلەن رىۋايەت قىلغان.
باشقا بىر گورۇپ ئالىملار زاكات كەلمەيدۇ دەپ قارىغان. مەسىلەن:
ئىمام شافىئى ھەزرەتلىرى ئاياللارنىڭ ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرى ئىسراپ دائىرىسىگە كىرمەيدىغان ھالەتتە نورمال بولۇپ، ئۇنى ئايال كىشى ئۆزى سېلىپ ئىشلىتىشكە تەييارلىغان بولسا، ئۇنىڭغا زاكات بېرىش ۋاجىب ئەمەس دەپ قارىغان، يۇقىرىقىدەك ھەدىسلەرنى ئىسراپ قىلغان ئەھۋاللاردا كەلگەن دەپ قارىغان.
ئىمام مالىك ھەزرەتلىرى زىبۇ-زىننەتنى تىجارەتكە ياكى بېشىغا كۈن چۈشكەندە ياكى قىزىمنى چىقارغاندا ئىشلىتەرمەن دەپ ئەمەس، ئۆزى ئىشلىتىشكە تەييارلىغان بولسا نەقەدەر كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ زاكات بېرىش ۋاجىپ ئەمەس، دەپ قارىغان.
بۇنىڭ دەلىلى: ئىمام بەيھەقىي رىۋايەت قىلىشىچە ھەزرىتى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئاياللارنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىگە زاكات بېرىش كېرەكمۇ؟ دەپ سورالغان، ئۇ: "ياق" دېگەن، بەزىلەر ئۇنىڭدىن: مىڭ تىللاغا يەتسىمۇ زاكات كەلمەمدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ھەزرىتى جابىر: "ئۇنىڭدىن كۆپ بولسىمۇ زاكات كەلمەيدۇ" دېگەن.
يەنە ئىمام بەيھەقىينىڭ رىۋايەت قىلىشىچە ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرنىڭ قىزى ئەسما خېنىم قىزلىرىغا ئەللىك مىڭ تىللاغا يېقىن ئالتۇن بىلەن زىبۇ-زىننەت ئېلىپ ئۇلارنى بېزىگەن، ئۇنىڭغا زاكات بەرمىگەن.
يەنە ئىمام مالىك ئەلمۇۋەتتادا رىۋايەت قىلىشىچە ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاكىسىنىڭ يېتىم قىزلىرىدىن خەۋەر ئالاتتى، ئۇلارنىڭ ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرى بار ئىدى، ھەزرىتى ئائىشە ئۇلارنىڭ زىننەتلىرىگە زاكات بەرمىگەن.
ئىمام ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ ئىشلىتىشكە تەييارلانغان زىبۇ-زىننەتكە زاكات كەلمەيدۇ دەپ قارىغان.
بۇ قاراش كۆپلىگەن ساھابە ۋە ئالىملاردىن رىۋايەت قىلىنغان، كۆپچىلىك ئالىملارمۇ مۇشۇ قاراشنى دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈك دەپ تەرجىھ قىلغان.
دېمەك: بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ سەھىھ ياكى سەھىھ ئەمەسلىكىدە، شۇنداقلا سەھىھ بولغان تەقدىردە نېمىگە دالالەت قىلىدىغانلىقىدا ئالىملار بىرلىككە كېلەلمىگەن. ئېنىق ۋە سەھىھ ھەدىس كەلمىگەنلىكتىن ساھابىلارنىڭ قاراشلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقىغا قاراپ ئالىملار ئىككى خىل قاراشتا بولغان.
مېنىڭچە ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ قارىشى تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىن، ئەڭ خاتىرجەم قاراش بولۇپ، بۇنىڭغا ئەمەل قىلغان تەقدىردە ھېچقانداق مالامەتكە دۇچار قالمايدۇ.
ئىمام شافىئىنىڭ قارىشى دەلىللەرنى مۇۋاپىق جەملەشتە ئەڭ ئورتا قاراش دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاياللارنىڭ نورمال زىننەتلىرىگە زاكات كەلمەيدۇ دېيىش بىلەن بىرگە ئىسراپ قىلىشنى، ئالتۇننى بېسىپ يېتىۋېلىشنى چەكلەيدۇ. ھازىرقى ئالىملار ئاساسەن مۇشۇ قاراشنى تاللاپ پەتىۋا بەرمەكتە. پېقىرمۇ ئىلگىرى مۇشۇ قاراش بويىچە پەتىۋا بېرىپ كېلىۋاتقان ئىدىم، كېيىنكى يىللاردا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ قارىشىنى كۆچلۈك دەپ قاراپ زاكات كېلىدۇ دەپ پەتىۋا بېرىدىغان بولدذم.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ .
پەتىۋا سورىماقچى بولسىڭىز مەرھەممەت
http://sajiye.net/