خەت يېزىش مەخسەت ئەمەس
ئىرادەم كۈچلۈك ،ۋىجىدانسىز ئەمەس
زاڭلىق قىلماي ئوقىغايسىز
چۈنكى مەن شائىر ئەمەس
ئىلى دەرياسىدەك دولقۇنلۇق ،نىياڭگىراما شاقىراتىمسدەك شاۋقۇنلۇق ،مىنىڭ سىزگە بولغان مۇھابىتىم ،جۇمۇلاڭما چوقىسىدىن ئىگىز ،نىل دەرياسىدەك ئوزۇن ،مەن سىزنى راسلا ياخشى كۆرىمەن .
ئاسمان جىسملىرى بىر -بىرنى تارتىشىدۇ ھەم بىر -بىرنى ئايلىندۇ -دە،ئاسمان جىسىملىرى سىستىمسىنى شەكىللەندۇردۇ .
شۇنىڭغا ئوخشاش مەنمۇ سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا ئايلىنىپ يۈرىمەن ،ئەمما مىنىڭچە سىز ،ماڭا قىلچىمۇ تارتىشمايسىز ،ئەجىبا سىز مىنىڭ ئاشۇ كىچكىنە ئوتلۇق يۈركۈمنى ئوغۇرلاپ ئىگىزلىكى 8848m كىلدىغان جۇمۇلاڭما چوقىسدىن تاشلىۋەتمەكچىمۇ ؟
مۇشۇنداق قىلسىڭىز ،مىنىڭ سۆيگۈم ۋولقاندىن يانار تاغ ھاسىل قىلشىدىن قورقمامسىز ؟
ئەگەر سىز يەر يۈزىدە تۇرسىڭىز مەن دەرھال سۇ ھورىغا ئايلىنىپ يۈزىڭىزنى سۈيۈپ ئابى كەۋسەر بولدىغان يامغۇرغا ئايلىنىپ يۈزىڭىزگە چۈشىمەن .
يەر شارىنىڭ ئۆپكىسى ئامازون ئورمانلىقى بولغۇندەك ،مەنمۇ سىزنىڭ چىن يۈرىكىڭىز ئەمەس ،چىن ئۆپكىڭىز بولۇشنى خالايىمەن .
مەن سىزگە كۈيگەن مەزگىلدە ئىقلىمنىڭ شەكىللىنشى ۋە ئۆزگىرشىگە ئوخشاش ،سىزنىڭمۇ ئۆزگۈرۈپ كەتمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلمەن .
دېڭىز -ئوكيان بايللىقلىرىدا بىلىق كۆپ بولغىندەك يەر شارىدىمۇ نۇرغۇن قىزلار ،ئەمما مەن سىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن .
قىزىل دېڭىزغا ئوخشاش مىنىڭ قىزىل قېىنم سىز ئۈچۈن ئورغۇپ تۇرماقتا .
ئۈلۈك دېڭىزغا ئوخشاش سىز ئۈچۈن مەن ئۈلۈپ بېرىشكە رازى .
ماداغاسقار ئارىلدىكى ھايۋانلار بىر -بىرىگە سادىق بولغۇندەك ،مەنمۇ سىزگە ئەبەدىي سادىق .
يەر شارىدا نۇرغۇن سۈنىئىي ئارال بار ،ئەمما مىنىڭ سىزگە بولغان مۇھاببىتىم ھەرگىز سۈنئىي ئەمەس ،سىزنىڭ ھەر كۈنى تۇلۇن ئايغا ئوخشاش نۇرلۇق ھەم چىراي ئېچىپ يۈرشىڭىزنى خالايمەن .
سىزنىڭ سوغوق فىرونتقا ئوخشاش سوغوق مۇئامىلدە ئەمەس ،ئىللىق فىرونتقا ئوخشاش ،داۋاملىق ئىللىق ھارارىتىڭىزنى ماڭا بىرشىڭىزنى ئۈمىد قىلمەن .
ئەگەر سىز مەندىن قېچىپ ئىكۋاتور تەكشىلكىگە بىرىۋالسىڭىز مەن دەرھال ئىكلىپتىكا تەكشىلكى ھاسىل قىلىپ ھەم ئىكۋاتور تەكشىلكى بىلەن كىسشىپ23*26 لۇق بۇلۇڭ ياسايمەن ،ئەگەر سىز مەندىن قېچىپ باشقا بىر «جۇڭگۇلۇقىنى »قوغلۇشۇپ ياۋرۇ-ئاسىيا بۈلكىگە بىرىۋالسىڭىز ،مەن ھىندى ئوكيان بۈلكى بىلەن ياۋرۇ-ئاسىيا بۈلكىنىڭ پاسىل سىزقىنىڭ ئوتتۇرسىدا مەڭگۈ سىزنى ساقلايمەن .
تامام
مەنبە :ئۈزۈم
سابىق مۇنبەرگە يولانغان يازمىلاردىن ئۈزۈندە