مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6034|ئىنكاس: 33

مەھمۇد قەشقەرى مازىرىغا زىيارەت (رەسىم ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32419
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8052
تۆھپە نۇمۇرى: 664
توردا: 2245 سائەت
تىزىم: 2011-3-3
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 07:35:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



مەھمۇد قەشقەرى مازىرى قەشقەر ۋىلايىتى كونىشەھەر ناھىيىسى ئوپال يېزىسىنىڭ ئازىخ كەنتىگە جايلاشقان .بۇ مازار مىلادى 12-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا  ياسالغان بولۇپ ،ھازىرغىچە 900يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە .مەھمۇد قەشقەرى مىللى مەدىنىيەت تارىخىدا يۇقۇرى ئابرويغا ئىگە بولغانلىقتىن  ،بۇ مازار نەچچە يۇز يىللاردىن    بېرى شۇ جايدىكى كىشىلەر زىيارەت قىلدىغان مۇقەددەس جاي بولۇپ كەلدى .  



  




































































ھاي -ھاي تېرەك رىۋايىتى

مەھمۇد قەشقەرى باغداتتىن قايتاشىدا ئۇستازىدىن ؛‹‹مىنىڭ ياتار جايىم قەيەردە بولىدىكەن ››دەپ  سورىغان ئىكەن ، ئۇستازى ؛
قولىڭىزدىكى ھاسا قەيەردە كۆكلىسە، شۇ جاي  سىزنىڭ ياتا جايىڭىزدۇر دەپتۇ .  ئالىم مەھمۇد قەشقەرى يۇرتىغا قايتىپ كىلىپ
‹‹ مەدرىسە مەھمۇدىيە ›› دىگەن مەدرىسنى بىنا قىلىپ ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلىپتۇ ، يىشى ئۇلغايغانسىرى تىنى ئاجىزلىشىپتۇ
، كۇنلەرنىڭ بىرىدە مەھمۇد قەشقەرى نامازغا تاھارەت ئالغۇچە ھاسىسى سانجىپ قويغان يەردە بىخلىنىپ كۆكلەپتۇ .
ئۇنىڭ تۆۋەن  تەرىپىدە كۆز يىشىدەك بۇلاق سۈيى ئېقىۋاتقىدەك ئالىم بۇنىڭدىن سۆيۈنۈپ ‹‹ھاي-ھاي بۇمۇ كۆكلەپ كىتىپتۇ ،
مىنىڭ ياتار جايىم مۇشۇ يەر بولغىدەك ›› دەپتۇ . شۇنىڭدىن كىيىن مەھمۇد  قەشقەرىنىڭ ھاسسىدىن كۆكلىگەن تېرەك  ‹‹ ھاي -ھاي تېرەك ››
بۇلاق ‹‹چەشمە زىلال ›› (سۇزۈك بۇلاق) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپتۇ . بۇ تېرەك شاخلىرى ئۆسۇپ، كۇنلەرنىڭ بىرىدە مەھمۇد قەشقەرى ئالەمدىن
ئۆتۇپتۇ ئالىمنىڭ شاگىرتلىرى تېرەك شىخى قاراپ ئۆسكەن تەرەپ ئۇستىدىكى دۆڭلۈككە مەھمۇد قەشقەرىينى دەپنە قىلىپتۇ .




ئەجدىرھا غارى ھەققىدە رىۋايەت


ئالىم مەھمۇد قەشقەرى بەغدادتىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ، ‹‹سۈزۈك بۇلاق ›› يېنىدىكى مەدرىسەدە دەرىس ئۆتۇپتۇ . ئۇنىڭ ئاكا -ئۇكا ئىككى
شاگىرتى بولۇپ ،بىرنىڭ ئىسمى ئىمام مالىك ئەكبەر ، بىرسىنىڭ ئسمى ئىمام مالىك ئەسقەر ئىكەن . بىر كۇنى بۇ ئاكا -ئۇكا ئىككەيلەن
كېچىسى سىرتقا چىقىپ قايتىپ  كېلىۋاتسا ، قوش ھەيدەۋاتقان بىر دىھقان يىگىت  ئۇچىراپتۇ .  ئۇنىڭ ئانىسى تاپ بېسىپ ئارقىسىدىن يىغلاپ
كېلۋاتقان ئىكەن .ئاكا -ئۇكا ئىماملار  ؛ ‹‹ ئەسسالامۇ ئەلايكۇم ئانا ۋە يىگىت ، نېمىشقا مۇنداق كېچىدە يەر ھەيدەيسىلەر ۋە يىغلايسىلەر ؟ ››
دەپ سوراپتۇ . ئەھۋال مۇنداق ئىكەن .شۇ ئەتراپتا بىر ئەجدىرھا بولۇپ ، ھەر يىلى دىھقانلارنىڭ  بىردىن  بالىسىنى  يەيدىكەن ، بولمىسا
يۇرتقا ئاپەت ياغدۇردىكەن . شۇ كۇننىڭ ئەتىسى ئەجدىرھاغا مۇشۇ يىگىتنى يىيىش نۈۋىتى كىلىپ قاپتۇ .شۇڭا يىگىت ئۆلۇش ئالدىدا ئانىسىغا
يەر تېرىپ بىرىش ئۇچۇن كېچىلەپ قوش ھەيداۋاتقان ئىكەن . ئىمام مالىك ئەكبەر بۇ مەخلۇقنى ئۆلتۇرۇشكە جەزىم قىپتۇ  ۋە ھەزرىتى  موللامدىن
ئىجازەت  سوراپتۇ . ھەزرىتى موللام ئىمام مالىك ئەكبەرگە بارماسلىقنى دەپتۇ ۋە   ئەجدىرھانى ئۆلتۇرۇشكە ئۆزى بىرىشنى قارار قىلىپ ،
ئىككى قىلىچنى ئېلىپ چىقىپتۇ . ئىمام مالىك ئەكبەر ھەزرىتى موللامنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ ‹‹ سىلى بولمىسىلا بىزنى كىم ئوقوتىدۇ ؟ يالماۋۇزنى يوقۇتىشقا مەن باراي››  دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۋاپتۇ . ھەزرىتى موللام نائىلاج ئۇنىڭغا يالماۋۇزنى يوقىتىشقا ئىجازەت قىپتۇ .  ئىمام مالىك ئاكبەر كۆك
ئىنەكنىڭ سۇتىنى ئىچىۋىلىپ ئوڭ -سول بېقىنىغا ئىككى دانە قىلىچنى چىڭ تېڭىپ ئەجدىرھانىڭ ئالدىغا بىرىپتۇ . ئەجدىرھا دەم تارتىشى بىلەن
ئىمام مالىك ئەكبەر ‹‹ ئاللاھۇ ئەكبەر ›› دەپ ئۇنىڭ ئاغزىدىن كىرىپ ئىككى بېقىنىغا باغلانغان جۈپ قىلىچ بىلەن ئەجدىرھانى ئىككى پارچە
قىلىپ تاشلاپتۇ . لېكىن ئىمام مالىك ئەكبەر  ئىچكەن سۇتكە سۇئارلىشىپ  قالغاچقا ،زەھەر قايتىماي ئۇچ كۇندىن كېيىن ۋاپات بولۇپتۇ .
ھەزرىتى موللام ئستېداتلىق ۋارىسىم بولۇپ قالىدۇ ،دەپ قارىغان شاگىرتى ئىمام مالىك ئەكبەر ئۇچۇن قان يىغلاپتۇ ، بۇنى كۆرگەن ئەل -يۇرت جۇۋا تەلپەكلىرىنى تەتۇر كېيىپ ،كۆك تاياقتىن ھاسا تۇتۇپ ، يەتتە كېچە -كۇندۇز  ھازا تۇتۇپ يىغلاپتۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ ، خالايىق ئىمام مالىك
ئەكبەرنىڭ پىداكارلىق روھىنى ئۇلۇغلاپ دۇئا قىلدىغان ،ياد ئېتىدىغان بولۇپتۇ .



[mp3=1]http://xugkari.com/wp-content/uploads/2011/07/05_mexmut-wetinim.mp3[/mp3]




مەنبەسى: http://xugkari.com/


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
kvlkez + 100
alzaman + 500 نادىر تېما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 600   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15720
يازما سانى: 1163
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14143
تۆھپە نۇمۇرى: 1227
توردا: 7279 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 09:31:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئالىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!
بىرەر قۇر تۈزۈشتۈرۈپ رىمونت قىلغان ئوخشىمامدۇ ؟  مەن بارغان ۋاقتىمدا ھەممە يەرنى توپا بېسىپ كېتىپتىكەن.

ne kadar az bilirsiniz, o kadar siddetlemudafa edersiniz.

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 3217
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9825
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3968 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 10:22:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەتسەڭ ئەگەر دۇنيادىن مىراس قويماي نەۋرەڭگە،
زىيارەتچى كەم بۇلۇر ياتقان سىنىڭ قەبرەڭگە.

ئاڭلىغانلىرىم.

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.

ياردەم مەزمۇنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4175
يازما سانى: 1397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10801
تۆھپە نۇمۇرى: 562
توردا: 6906 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 11:01:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكەن يىلى قىشتا بىرىپتىم  قاراخانىلار دەۋردە ياسالغان  قىلچ بىلەن تۇمۇر كىيىمنىڭ نەپىسلىكىنى كۆرۇپ  ئەجداتلىرىمىزنىڭ  بىرخىل   باتۇر  روھىنى كۆرگەندەك  بولغانتىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41753
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5355
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 1093 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 01:08:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەر پۈتۈن دۇنيانىڭ دېھقىتىنى تارتقان،ئبراھىم مۇتىئى،مىرسۇلتان ئوسمانوف قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ مازارنى بايقاشقا قوشقان تۆھپىسى بەك زور،ئىلگىرى قەشقەر شەرىئەت مەھكىمىسىنىڭ قازىسى ئىمىر ھۈسەيىن قازىھاجىم ‹‹مەسنەۋى شېرىف››دېگەن ۋەخپىنامىنى ساقلىمىغان بولسا،بىز بۇ يەرنى ئۇقماي ئۆتەركەنمىز،ئاللا،ئىمىر ھۈسەيىن قازىھاجىم،ئىبراھىم مۇتئىلارنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن،مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندىنىڭ سالامەت تۇرۇشىغا تىلەكداشمەن،ب دت بۇ يەرنى بالدۇراق دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش لاھىيىسىگە كىرگۈزسە بولاتتى،ئۇ يەر ئادەمنى جەلپ قىلىدۇ،بىر ئىشقا تولىمۇ ئاچچىقىم بار،ئازراق بولسىمۇ قاينىۋىلاي،2008-يىلى مەھمۇت قەشقىرى يىلىدا كىتابنى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000يۈەن قىلىپ چىقاردى،بۇ باھا ئادەمنى ھەقىقەتەن چۆچۈتۈپ قويىدۇ،نەشرىيات 2خىل ئۇسۇلدا چىقارمىدى،بەزەن ئىشلارغا ئادەمنىڭ ئاچچىقى كېپ قالىدۇ،بەزەن دېھقانلىرىمىز 2000يۈەننى بىر يىلدا ئاران تاپىدىغان ئادەملەر بار،نەشرىيات بەك قاملاشمىغان ئشلارنى كۆپ قىلدى،نۇرغۇن ۋاپات بولغان ئادەملەرنىڭ كىتابلىرىنى قىممەت چىقىرۋىلىشى،يا ئۇلار قەلەم ھەققى ئالمايدىغان تۇرسا،قايتا چىقسا بولىتى ئۇ كىتاب500يۈەندىن تۆۋەن چىقسا ،ئالاتتم.ئەپسۇس...............

ئەركەك !

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 3046
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22917
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6867 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 01:20:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تېما !

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

گەپ ئېغىزدىن چىق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3629
يازما سانى: 1874
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 76205
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 01:27:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرھات جىلاننىڭ ‹مەھمۇد قەشقىرى› دىگەن كىتابىنى ئوقۇپ ، بۇ ئالىمىمىزنىڭ ھاياتىنى ھەم شۇ ۋاقىتتىكى تارىخى ئارقا كۆرۈنىشلەرنى بىر قۇر چۈشەنگەن.
تىما ئىگىسىگە رەھمەت . ئاللاھ خالىسا بۇ يەرلەرگە بېرىپ كۆرۈپ كىلمەن.

گەپ ئېغىزدىن چىققۇچە ئادەم باشقۇرىدۇ، ئېغىزدىن چىققان گەپ ئادەمنى باشقۇرىدۇ!

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18880
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 01:43:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن بىر كۇرۇپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ . ھەم ئۇگۇنۇشىمىزگىمۇ  ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن.

ياردەم مەزمۇنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5380
يازما سانى: 668
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1882
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 2250 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 03:57:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككى يىل بۇرۇنقى ئەپسۇسلىنىشمنى بۇ رەسىملەر ئارقىلىق تولۇقلىۋالغاندەك قىلدىم. قەشقەرگە بېرىپ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلالماي قايتىپ كەتكىنىمنى ئويلىسام ئىچىم بەك ئاچچىق بولىدۇ...

ھاياتتىن ئاغرىنىش ئاجىزلارنىڭ ئىشى. ھاياتقا بارلىقى بىلەن يۈزلىنىش بولسا ئاقىللارنىڭ تاللىشى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31074
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7740
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 3847 سائەت
تىزىم: 2011-2-20
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 10:30:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت، مەنمۇ بىر زىيارەت قىلىپ كىلىمەن.  ئەپسۇس، دەرۋازىسى نىمانداق ئاددى، دەرۋازا ئالدىمۇ قاتتىقلاشتۇرۇلماپتۇ. بۇيەرگە دۇنيانىڭ ھەممە يېىرىدىن مىھمان كېلىدىغانتۇرسا.  كۆرگەزمەخانا ئالدىدىكى ئۈزۈم باراڭلىرىنىڭ ياغاچلىرىنى نىمىشقا پىشايۋان قىرغىقىغا قويىۋالغاندۇ، بۇنداق قىلسا ئاسانلا يېقىلىپ كەتمەمدۇ.  چىن يۈرىكىدىن كۆيىنىدىغان كىشىلەر ئىگىدارچىلىق قىلمامدۇ نىمە.

اللە  يىگىرمە تۆت سائەت بەرگەن يىگىرمە ئۈچى بىزگە ھەدىيەدۇر قېلىپ قالغان بىر سائەت بەش ۋاقىتلىق نامازدۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش