مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 842|ئىنكاس: 8

قۇمۇل ۋاڭلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 03:41:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ  ئەجدادى تۇغلۇق تۆمۈرخانغا چېتىلىدۇ  . تارىخ 17 - ئەسىرگە قەدەم قويغاندا مانجۇ ئاقسۆڭەكلىرى باش كۆتۈرۈپ چىقىپ ، 1644 - يىلى پۈتكۈل جوڭگونى ئۆزلىرىگە قارىتىدۇ . مانجۇ ئىستىبداتلىرى ، ھەر مىللەت خەلقى ئۈستىدىن دەھشەتلىك ئېكىسپالاتاتسىيە ۋە مىللىي زۇلۇم يۈرگۈزىدۇ . بۇ دەل شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى جۇڭغارىيەدە تۈبۈتلەر كونتروللىقىدا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى خانىدانلىقى ، جەنۇبىي شىنجاڭدا سەئىدىيە سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ۋاقىت ئىدى . سەئىدىيە خانلىقى جەنۇبىي شىنجاڭدا ھاكىمىيەت يۈرەۈزىۋاتقان مەزگىلدىن باشلاپ جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كۆپ قېتىملىق ئىسيانلىرىغا تاقابىل تۇرۇپ خەلقنى ئەمىن ئېتىدۇ . 1605 يىلى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ 4 - سۇلتانى مۇھەممەتخان ( خاقانى ئەزىم ) خان نەسەبىدىن بولغان مۇھەممەت شاھبەگنى قۇمۇلغا ۋالىي قىلىپ بەلگىلەيدۇ . بۇ يىللاردا جۇڭغارلار قۇمۇلغا پات - پات ھۇجۇم قىلىپ تۇراتتى . مۇھەممەت شاھبەگ جۇڭغارلارنىڭ بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ ، ئۇرۇشتا نۇسرەت قازىنىدۇ ، لېكىم مۇھەممەت شاھبەگ بۇ ئۇرۇشتا ئۆزىنىڭ سول قولىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ . بۇ ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن تۆھپىسى ئۈچۈن مۇھەممەت شاھبەگ مۇھەممەت غازى تارخانبەگ ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ . مۇھەممەت شاھ غازىبەگ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ تارخانبەگلىك ئورنى ئوغلى ئەبەيدۇللاغا قالىدۇ . دېمەك ئەبەيدۇللا تارخانبەگ ئاتىسى مۇھەممەت شاھ غازىبەگ ئورنىغا تۇنجى بولۇپ قۇمۇلغا تارخانبەگ بولىدۇ .

    ئەبەيدۇللا تارخانبەگ: بىرىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئەبەيدۇللا 1696 - يىلى جۇڭغارلار ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ چىڭ سۇلالىسىگە قارايدۇ . 1897 - يىلى ئەبەيدۇللا چوڭ ئوغلى چوڭ گۇپا (ۋاپا) بەگنى بارىكۆلگە ئەۋەتىپ ، جۇڭغارلارنىڭ قۇمۇلدىكى ۋەكىلى غالداننىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىنى تۇتۇپ بېيجىڭغا يالاپ ئاپېرىدۇ . شۇ يىلى 10 - ئايدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى مۇڭغۇللارنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلۈشى بويىچە قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنى قىزىل تۇغلۇق ئۇيغۇر قوشۇنى قىلىپ ئايرىيدۇ . ئەبەيدۇللانى 1 - دەرىجىلىك جاساق قىلىپ تەيىنلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ تارخانبەگلىك نامىنى ساقلاپ قېلىپ ، جاساق مۆھۈرىنى بېرىدۇ ، جىيەكلىك قىزىل تۇغ تەقدىم قىلىدۇ . ئۇنىڭ ئوغلى گۇپا بەگنى 2- دەرىجىلىك بەگلىككە تەيىنلەيدۇ .  كاڭشى خان 1706 - يىلى ئەبەيدۇللانى بېيجىڭغا چاقىرىتىدۇ . ئەبەيدۇللا سەككىز ئۇيغۇرنى باشلاپ خان ئالدىغا نۇرغۇن سوۋغا - سالاملار بىلەن بارىدۇ . شۇ چاغدا تۇنجى قېتىم قۇمۇل قوغۇنى خانغا سوۋغا قىلىنىدۇ . خان بۇ توققۇز ئۇيغۇرنىڭ جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە قارشى ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى ماختاپ ئۇلارغا نۇرغۇن ئىنئاملار بېرىدۇ . خاننىڭ پەرمانى بىلەن قۇمۇلنىڭ ئۇششاق تال دېگەن يېرىدە بۇ توققۇز ئۇيغۇرنىڭ ھەيكىلىنى ياسايدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ئەمەلدارلارنىڭ بۇ كىشىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆتۈشى تۈزۈم بولۇپ قالىدۇ .

    ئەبەيدۇللا بەگ شۇ قېتىم بېيجىڭدىن قايتقۇچە خەنزۇ ھۈنەرۋەنلەرنى تەكلىپ قىلىپ ، قۇمۇلدىكى جاساق ئوردىسى (كونا شەھەر ئىچىدىكى تۆۋەن ئوردا) نى سالدۇرىدۇ . ئەبەيدۇللا بېيجىڭدىن قايتقاندىن كېيىن ، كاڭشى خان قۇمۇلدا شەھەر ئەتراپىغا سېپىل سوقۇپ ، مۇكەممەل بىر شەھەر بىنا قىلىشقا پەرمان بېرىدۇ . يەنە ئەبەيدۇللانىڭ تەلىپى بويىچە ، ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا ئادەم سانىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىشكە رۇخسەت قىلىدۇ . نەتىجىدە توقسۇن ، پىچاندىن كۆچۈرۈلگەنلەرنى قارا دۆۋە ، لاپچۇققا ، ئاقسۇ ، كۇچادىن كۆچۈرۈلگەنلەرنى توغۇچى ، جىگدە تەرەپلەرگە ؛ قەشقەر ، خوتەن ، يەركەنلەردىن كۆچۈرۈلگەنلەرنى ئاستانە ، سۇمقاغىلارغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ . يەنە خان ئەبەيدۇللا بەگنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قاتناش يول ھەققىدىكى تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ ، ئىچكىرىدىن چاقىلىققا ئۆتىدىغان يىپەك يولىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، قۇمۇل ئارقىلىق ئۆتىدىغان بۇرۇنقى چوڭ يولنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ . قۇمۇل سودىگەرلىرىنىڭ گەنسۇ بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ . ئەبەيدۇللا بەگ كاڭشىنىڭ 48 - يىلى ( 1709 - يىلى ) ئالەمدىن ئۆتىدۇ .

    ئىمىن ۋاڭ . ئىككىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى 1709 - يىلى 4 - ئايدا 1 - دەرىجىلىك جاساق تارخانبەگلىكىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، ئىككى يىل تەختتە ئولتۇرۇپ ، 1711 - يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن 3- ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئىمىن 1711 - يىلى دادىسى گۇپا بەگنىڭ 1 - دەرىجىلىك جاساق تارخانبەگلىكىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ . ئۇ قۇمۇل شەھەر ئىچى ئوردا خانى مەھەللىسى (تۆۋەن ئوردا) دە ئولتۇرۇپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى يۈرگۈزىدۇ . ئىمىن ۋاڭ ھەربىي ماھارەتتە پىشقان بولۇپ ، ئوقيا ئېتىشقا ماھىر ئىدى . ئۇنىڭ ئوقيا ئېتىپ مەشق قىلىش مەيدانى شەھەرنىڭ سىرتىدا ئون موغا يېقىن جاينى ئىگىلىگەنىدى . 1715 - جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىدىن سەۋاڭ ئارابدان قۇمۇلغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىشقا 2000 دىن ئارتۇق ئەسكەر ئەۋەتىدۇ . ئىمىن ۋاڭ ۋاڭ ئوردىسىنىڭ قوشۇنىنى باشلاپ ، چىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ قۇمۇلدىكى مۇداپىئە قوشۇنىدىن 200 كىشىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇرۇشقا ئاتلىنىدۇ . ئۇرۇشتا ئىمىن ۋاڭ ئالاھىدە ماھارەت كۆرسىتىدۇ . نەتىجىدە جۇڭغار قوشۇنى مەغلۇب بولۇپ ، شەھەرنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە 20 چاقىرىم چېكىنىدۇ ۋە كېيىن قېچىپ كېتىدۇ . كاڭشى خان بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن ئىمىن ۋاڭ ۋە باشقىلارنى 15 مىڭ سەرتەڭگە بىلەن مۇكاپاتلايدۇ . پۇقرالارغا ئاشلىق ، قوي ، كالا ، تۈرلۈك  رەخت ئىنئام قىلىدۇ . 1718 - يىلى ئىمىن ۋاڭ قۇمۇلدىكى بىر كىشىنى تۇرپانغا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ ، تېرىقچىلىق قىلىشقا ئەۋەتىدۇ . ئىمىن ۋاڭ چيەنلۇڭنىڭ 4 - يىلى (1740 - يىلى) 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ۋاپات بولىدۇ .

    يۈسۈپ ۋاڭ . تۆتىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى يۈسۈپ، چيەنلۇڭنىڭ 5 - يىلى ( 1740 - يىلى ) دادىسىنىڭ ئىمتىيازىغا ۋارىسلىق قىلىپ ، قۇمۇلنىڭ باسقاق بېگى بولىدۇ .1756 - يىلى تۇرپاندا جۇڭغارلار بىلەن بىرلىشىپ كۆتۈرۈلگەن ئىسياننى باستۇرۇشتا يۈسۈپ ۋاڭ خىزمەت كۆرسىتىپ خان تەرىپىدىن تارتۇقلىنىدۇ . 1758 - يىلى يەنە يۈسۈپ ۋاڭ ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چوڭ - كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان جازا يۈرۈشكە قاتنىشىپ ، جەڭدە نەتىجە كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن گاۋزۇڭ خان تەرىپىدىن ئالاھىدە ئەمەل ئىنئام بىلەن مۇكاپاتلىنىپ ، قەشقەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىنىدۇ .

    1760 - يىلى گاۋزۇڭ خان يۈسۈپ ۋاڭنى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 40 بەگنى باشلاپ پايتەختكە بېرىپ خاننى زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىدۇ . خان ئۇلارنى نۇرانە سارايدا قوبۇل قىلىپ خاس تون ، تەڭگىلەر بىلەن تارتۇقلايدۇ . راھەتباغدا بىرقانچە قېتىم زىياپەت بېرىدۇ . يەنە خان يۈسۈپ ۋاڭنىڭ قۇمۇلغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن بىر يىل دەم ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ . يۈسۈپ ۋاڭنىڭ ئىنىسى ئابدۇللانى ئۈچتۇرپاننىڭ ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلەيدۇ .

    1766 - يىلى 500 ئائىلىك دېھقان قۇمۇلدىن ئىلىغا دېھقانچىلىق قىلىشقا كۆچۈرىلىدۇ . 1767 - يىلى 12 - ئايدا يۈسۈپ ۋاڭ ئوغلى ئىبراھىم بىلەن بېيجىڭغا خاننى زىيارەت قىلىشقا ماڭىدۇ . شەنشىنىڭ لىڭشى ناھىيىسىگە بارغاندا يۈسۈپ ۋاڭ چېچەك چىقىپ ۋاپات بولىدۇ . ئىبراھىم دادىسىنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ كېلىۋېتىپ گەنسۇنىڭ پىڭلياڭ ناھىيىسىگە كەلگەندە چېچەكنى يۇقتۇرۇۋېلىپ ئۇمۇ قازا قىلىدۇ .

    يۈسۈپ ۋاڭ ھايات ۋاقتىدا قۇمۇل شەھەر سېپىلىنىڭ شىمالىغا  توققۇز دەرۋازىلىق چوڭ ئوردىنى سالدۇرىدۇ ، قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى "ئابات باغ" نى ئارىتام ، باغداش باغلىرىنى بىنا قىلدۇرىدۇ . ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى سالدۇرىدۇ .ئىسھاق ۋاڭ . چيەنلۇڭنىڭ 32 - يىلى ( 1767 - يىلى ) يۈسۈپ ۋاڭنىڭ ئىككىنچى ئوغلى بەشىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئىسھاق ئىنانچىخان دەرىجىلىك دوروبېللىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، 1771 - يىلى بېيجىڭگە بېرىپ خاننى زىيارەت قىلىدۇ . خان 1773 - يىلى ئىسھاقنى ھۆكۈمرانلىق قىلىش ماھارىتىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئىلىغا ، ئىلى جاڭجۈنى شۇجۇدېنىڭ يېنىغا ئەۋەتىدۇ . 1776 - يىلى قۇمۇلغا قايتىپ كېلىپ ۋاڭلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ . 1780 - يىلى ئىسھاق ۋاڭغا چېچەك چىقىپ ۋاپات بولىدۇ .

    ئەردىشىر ۋاڭ . ئالتىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئەردىشىر، چيەنلۇڭنىڭ 45 - يىلى ( 1780 - يىلى 11 - ئايدا ) ئىنانچىخان دەرىجىلىك دوروبېللىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ . ئەردىشىر 1790 - يىلىدىن 1809 يىلىغىچە تۆت قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ خاننى زىيارەت قىلىدۇ . ئەردىشىر ۋاڭ قۇمۇل ئالتۇنلۇقتىكى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئاخىرقى قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرىدۇ . چاڭفۇ ۋە چوقايتۇردىكى باغچىلارنى ئۆز نامىغا سالدۇرىدۇ . ئەردىشىر ۋاڭ جياڭ چىڭنىڭ 18 - يىلى ( 1813 - يىلى ) 2 - ئايدا ۋاپات بولىدۇ .

    بېشىر ۋاڭ . 1813 - يىلى ئەردىشىرنىڭ چوڭ ئوغلى بېشىر دادىسى ئەردىشىرنىڭ ئىنانچىخان ، دوروبېللىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ . ئۇنىڭ خانلىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى نىسبەتەن يېقىن بولغاچقا ، خان ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرۈپ چىۋاڭ قىلىدۇ . مۇھەممەد بېشىر ۋاڭ ئەگەر قوللىرىنى يېنىغا سېلىپ ئۆرە تۇرسا ئىككى قولىنىڭ ئۇچى ئىككى تىزىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان ، ساددا كەلگەن كىشى ئىدى . دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىققا ، سودا - سېتىق ئىشلىرىغا ، ئۆي ئىمارەت ، باغ ، مەدرىسە قۇرۇلۇشلىرىغا كۆڭۈل بۆلەتتى . شۇڭا ، بۇ مەزگىلدە قۇمۇل خەلقى دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ۋە سودا -سېتىق ئىشلىرى بىلەن كەڭ شۇغۇللانغانىدى . بېشىر ۋاڭ 1815 - يىلى ، 1819 - يىلى رېخىغا(ھازىرقى خېبىي) بېرىپ خان بىلەن كۆرۈشۈپ قايتىدۇ . 1823 - يىلى ئىككى قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ خاننى زىيارەت قىلىدۇ . خان ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى يەنە ئۆستۈرۈپ ، خان ئالدىدا ئازادە مېڭىپ يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىدۇ . بېشىر ۋاڭ دەۋرىدە قۇمۇلنىڭ تېرىقچىلىق يەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئوردىغا قارايدىغان ، مال - چارۋىلارمۇ ئوردىغا قارايدىغان بولىدۇ . تارىخچى موللا مۇسا سايرامى "تارىخىي ئەمىنىيە" دە : " بېشىر ۋاڭنىڭ يىلقىسىنىڭ سانىنى بىلگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئىكەن . تاغدىكى قويلىرى 270 قوتان بولۇپ ، ھەر قوتاندىكى قوينىڭ سانى 700 دىن كەم ئەمەس ، 1200 دىن زىيادە ئەمەس ئىكەن " دەپ يازىدۇ . بېشىر ۋاڭ قۇمۇلدا مەكتەپ ، مەدرىسىلەرنى ، بىنا قىلىپ ، تالىپلارنى يېتىشتۈرۈپ ، ئىلىم ، تىبابەتچىلىكتە مەرىپەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن . بۇ ھەقتە "تارىخىي ئەمىنىيە" دە : "بېشىر ۋاڭ ئىلىم - بىلىم ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەكتەپ ، مەدرىسلەر بىنا قىلىپ ، ئىلىم ، تىبابەتچىلىككە كۆڭۈل بۆلۈپ ، مىللىي تىبابەتچىلىكنى يولغا قويغان . داۋالاش جەھەتتە ئادەتتىن تاشقىرى كۈچ چىقارغان . قۇمۇل خەلقى ئىچىدە ئالىملار ، موللىلار ، ساۋاتسىزلار كەمدىن كەم ئىكەن " دەپ خاتېرىلەنگەن . بېشىر ۋاڭ دەۋرىدە ئوردىنىڭ مەخسۇس نوپۇس دەپتىرى بار بولۇپ ، تۇغۇلغان بالىلار نوپۇس دەپتىرىگە خاتېرىلىنىپ ، يەتتە ياشقا توشقاندا مەكتەپكە كىرگەن - كىرمىگەنلىكى سۈرۈشتۈرۈلۈپ ، مەكتەپكە بارمىغانلىرىنى بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ تۇراتتى . بېشىر ۋاڭ دەۋرىدە ئالتۇنلۇقتىكى ھېيتگاھنىڭ چىنە گۈمبىزى تۇرغۇزىلىدۇ . شەھەر ئىچىدىكى كونا مەدرىسە بىنا قىلىنىدۇ . راھەتباغ ، ئۈزۈملۈكتە باغلار ياسىلىدۇ .

    1886 - يىلى سۈپۈرگە باشچىلىقىدا بىر قىسىم كىشىلەر ۋاڭغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە ، سۈپۈرگە خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ، بېشىرۋاڭنى تۇتۇپ بېرىدۇ . 1967 - يىلى 1 - ئايدا بېشىر ۋاڭ خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ .

    مېھرىبانۇ ۋاڭ . بېشىر ۋاڭ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەت، تۇڭجىنىڭ 6 - يىلى 7 - ئايدا چىڭۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلىدۇ . ئانىسى مېھرىبانۇ ئوردىنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا تۇتىدۇ . ( مۇھەممەت ۋاڭ تۇغما پالەچ بولۇپ ، ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرالمايىتتى)تۇڭجىخان 1889 - يىلى مېھرىبانۇغا چىڭۋاڭ فۇجۇڭلۇق مەرتىۋىسىنى بېرىدۇ .

    1873 - يىلى شەنشىدىكى خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلارنىڭ باشلىقى بەي يەنخۇ قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىدىكى يۈسۈپ بىلەن مەخپىي ئالاقە باغلاپ ، شەھەر ئىچىنى ئىشغال قىلىدۇ . بەي يەنخۇ مېھرىبانۇنى 2000 دىن ئارتۇق دېھقان بىلەن بىللە چىقتىمغا ئېلىپ كېتىدۇ . 1877 - يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى ئەسكەر چىقىرىپ بەي يەنخۇنى مەغلۇب قىلىدۇ . 1878 - يىلى 1 - ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى دېھقانلار بىلەن مېھرىبانۇنى قۇمۇلغا قايتۇرۇپ كېلىدۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ مېھرىبانۇ قۇمۇلنى ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى ھالىتىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ . ئاق قالغان يەرلەرنى خەلقكە بۆلۈپ بېرىدۇ . ئالۋان - سېلىقنى ئېلىپ تاشلايدۇ . سۇ ئىنشائات ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ . ئوردىدا گادايلار ئامبىرى سالدۇرىدۇ . كۈندە نەچچە مىڭ نان ياقتۇرۇپ نامراتلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ . مۇشۇ تەرتىپ بىلەن بىرقانچە يىللار ئۆتكەندىن كېيىن خەلقنىڭ ھالى ياخشىلىنىدۇ . ئۇياق - بۇياققا قېچىپ ، سەرسان بولۇپ يۈرگەنلەر قايتىپ كېلىدۇ .

    مېھرىبانۇ ۋاڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن سۈپۈرگە ۋە بەي يەنخۇغا سېتىلغان يۈسۈپلەرنى تۇتۇپ كېلىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ قىساس ئالىدۇ .

    1882 - يىلى مۇھەممەت ۋاڭ ۋاپات بولىدۇ . مېھرىبانۇ ۋاڭ ياشىنىپ قالىدۇ . 1882 - يىلى 7 - ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى شامەخسۇتنىڭ جاساق خوشۇت چىڭۋاڭلىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىشىنى تەستىقلايدۇ . مېھرىبانۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ۋاڭلىق ھوقۇقىنى شامەخسۇتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ .

    مېھرىبانۇ ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا سەرسان بولۇپ ، قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەندە ، بويىغا يېتىپ قالغان بىر قىزى بار ئىدى . بۇ قىزىنى ئۇرۇش ۋەھىمىسىدە تاغدا قويچى بولۇپ يۈرگەن تاجىدىن تەيجىنىڭ ئوغلى شامەخسۇتقا ياتلىق قىلىدۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي مېھرىبانۇ ۋاڭ شامەخسۇتنى ئوردا بەگلىكىگە تەيىنلەپ ، ئوردىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قويىدۇ . 1882 - يىلى خانلىقتىن شا مەخسۇتنى جاساق خوشۇت چىڭۋاڭلىققا تەيىنلەش پەرمانى كېلىدۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ قۇمۇلنىڭ ۋاڭى سۈپىتىدە تەختكە چىقىدۇ . ئۇ تەختكە چىقىپلا ھاشا كۈنىنى ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگە ، كېيىنچە يەتتە كۈنگە كۆپەيتىدۇ . شۇنداق قىلىپ ئۇ ئوردىنىڭ بايلىقىنى خېلى كۆپەيتىۋالىدۇ . باج - سېلىق يىغىش ، ئالۋانغا ھەيدەش ، ھاشا قىلىش ، تۆمۈر ھېساب بويىچە چارۋىلارنىڭ ھېسابىنى ئېلىش قاتارلىق ئىشلار قۇمۇل خەلقىنى جېنىدىن جاق تويغۇزىدۇ . نەتىجىدە 1907 - يىلى "تورپاقلار قوزغىلىڭى" ، 1912 - يىلى "تۆمۈر خەلىپە" قوزغىلاڭلىرى كۆتۈرىلىدۇ .

    شامەخسۇت ۋاڭ 1930 - يىلى 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئالەمدىن ئۆتىدۇ .

    شامەخسۇت ۋاڭنىڭ بېيجىڭدىكى "قۇمۇل سارىيى" ‏--- بېيجىڭدىكى بۇ ساراي 1879 - يىلى سېلىنغان بولۇپ ، ئورنى بېيجىڭ شۈنۋومىن ئىچىدىكى تەيپىڭخۇ شىخۇما كوچىسىدا ئىدى . بۇ ساراي ئون مو يەرنى ئىگىلەيتتى . بۇ ئۆيلەر خىشتىن ياسالغان بولۇپ ، جوڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇش تۈسىنى ئالغانىدى . بۇ ساراي ئالدى - كەينى ئىككى ھويلىغا ئايرىلىپ تۇراتتى . ئالدىنقى ھويلىدىكى ئۆيلەر ئىشخانىلار بولۇپ شىمال تەرەپتە ئالتە ئېغىز ، شەرقتە تۆت ئېغىز ئۆي بار ئىدى . ئارقا ھويلىدا ئىككى كورپۇس ئۆي بولۇپ ، ياتاق قىلىناتتى . ھەر بىر كورپۇس ئۈچ ئېغىز ئۆيدىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، شەرق - غەرب بولۇپ بىر - بىرىگە قارىمۇ - قارشى تۇراتتى .

    قۇمۇل ۋاڭىنىڭ يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە شەھىرىنىڭ ھكسۈيۈن بازىرىدا بىرقانچە ئېغىز ئۆيى بولۇپ ، ھەج - تاۋاپ قىلىشىغا شۇ قايغا بارغان ھاجىلار تۇراتتى.

  مەنبە-  <<شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر>> ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .
http://uyghur.xjass.com/uyghur/c ... ontent_197521_2.htm

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
maxal20 + 100 ئىۋىرغول تارىخى!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 04:24:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈرەتلىرى بولغان بولسا قۇشۇپ يوللاپ قويغان بولسىڭىز ھە..
مەن شامەخسۇتنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىگىچە خېلى پىششىق ئاڭلىغان.قالغانلىرىنى ئانچە بىلىپ كەتمىسەممۇ قەتتىي بىلمەيمۇ قالمايمەن،.

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 04:26:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قانچە يەردىكى يىلنامىلەر، خاتا يېزىلىپ قاپتۇ .

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

ئەقلىمىزنى ھىسياتىمىزنىڭ ئۈستى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36742
يازما سانى: 779
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6717
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 1252 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2014-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 04:32:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  كارۋان كە 2011-07-10 04:24 PMئەۋەتىلدى  :
سۈرەتلىرى بولغان بولسا قۇشۇپ يوللاپ قويغان بولسىڭىز ھە..
مەن شامەخسۇتنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىگىچە خېلى پىششىق ئاڭلىغان.قالغانلىرىنى ئانچە بىلىپ كەتمىسەممۇ قەتتىي بىلمەيمۇ قالمايمەن،.
ئۇۋاقىتتا فوتوئاپىرات بولمىسا ئۇلارنىڭ سۈرىتى نىمە قىلىدۇ.

ئەقلىمىزنى ھىسياتىمىزنىڭ ئۈتىگە قويايلى!ياراتقۇچىمىزمۇ ئەقىل قاچىلىنىدىغان بىشىمىزنى ھىسيات قاچىلىنىدىغان يۈرەكنىڭ ئۈستىگە ياراتقان. ئىشەككە ئوڭلاپ مىنەلمەيتۇرۇپ، دۇلدۇلغا ئىسىلما ئۆزەڭنى ئۇرۇپ. ھەرئىشنىڭ يولى بار ئۈگىنىش ئاتلىق، بۇيولسىز زورۇقساڭ تۈگەيس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44889
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3696
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2143 سائەت
تىزىم: 2011-6-19
ئاخىرقى: 2014-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 05:27:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئورغاقنىڭ تۈزلىكى ئۇنىڭ ئەگرىلىكىدە

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بۇلاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 644
يازما سانى: 743
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16334
تۆھپە نۇمۇرى: 1527
توردا: 4043 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 05:29:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شامەخسۇت بەكمۇ رەزىل  ئادەم. ئۇ ئۆلدى بەرىبىر ئۆلدى قىرغىن قىلسىمۇ سېلىق سالسىمۇ مالۇ-دۇنيا توپلىسىمۇ ئۇنىڭ ...............................................

دىن دېمەڭ روھىيەتتۇر.
پەلسەپە دېمەك پاراسەتتۇر،
ئېلىم -پەن دېمەك ئەقىلدۇر.
ئۇلار مەنىۋى تەرەققىياتنىڭ ئۈچ شېخى،مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنىڭ ئۈچ بەلگىسى.
دەقيانو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 06:27:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16159
يازما سانى: 1033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6103
تۆھپە نۇمۇرى: 715
توردا: 7354 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2014-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 08:56:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شامەخسۇت ۋاڭنىڭ نەۋرە چۈرىللىرى ھازىر بامىدۇ ؟

                                                               قىزلار كىرمەڭلار   

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 02:41:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرپان ۋاڭلىرىنىڭ تارىخىنى بىلسىڭىز يوللاپ قويسىڭىز!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش