نەزىرىمدىكى ياخشى كىلىن
تۇرمۇشىمىزدا كىلىنلەرنىڭ بەزىدە قىيىن ئانىسى، قىيىن ئاتىسى يا قىيىن سىڭلىسى ، قىيىن ئاچىسى بىلەن ئىشقىلىپ شۇ ئائىلىدىكى بەزى ئەزالار بىلەن ئەپ ئۈتەلمەيدىغانلىقىنى ، مىجەزىنىڭ چىقىشالمايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قالىمىز . بەلكىم سىزمۇ شۇنداق بىرلىرى بىلەن چىقىشالمايۋاتقان بۇلىشىڭىز مۇمكىن . مەنمۇ بىر كىلىن گەرچە مىنىڭ قىيىن سىڭلىم يا قىيىن ئاچام بۇلمىسىمۇ لىكىن قىيىن ئاپاملار بىلەن يولدىشىنىڭ بىردىنبىر قېرىندىشى بولغان قىيىن ئاكام بىلەن ناھايتى ياخشى ئۆتىمەن . مۇشۇ نۇقتىدىن مەن ھېس قىلغان كىلىن بۇلغۇچى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نەچچە نۇقتىنى ئوتتۇرغا قويماقچى . بەلكىم ياخشى ئائىلە كەيپىياتى يارىتىشىڭلارغا ئاز- تولا پايدىسى تىگىپ قالار . شۇنداق بولسا مەنمۇ ئالامچە خوش بولغان بولاتتىم .
ياخشى كېلىننىڭ بىرىنچى دىققەت قىلىدىغان ئىشى : ئائىلە ئەزالىرى ئارا گەپ تىڭشىمايدۇ . بەزىدە يولدىشىڭىزنىڭ قېىرىنداشلىرى سىزنى يىقىن كۆرۈپ . دەردلىرىنى ، ئىچىدىكى گەپلىرىنى سىزگە دەپ بەرسە ، سىز ئۆزىڭىزلا بىلىپ قالماي ، قىيىن سىڭلىم ئۇ دەيدۇ ، بۇ دەيدۇ دەپ يۈرسىڭز . بىر قورساقتىن چۈشكەن قىرىنداشلار بولسىمۇ بەزىدە مىجەزلىرى، گەپ- سۆزلىرى، ئىش - ھەرىكەتلىرى بىر - بىرسىگە ياقماي قالىدۇ . سىز ئۇلارنى ئۇ ئۇنداق دەيدۇ سىزنى ، بۇ بۇنداق دەيدۇ سىزنى دەپ گەپ يەتكۈزۇپ قويسىڭىز ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالىسىز . ئۇلار ئۇتتورسىدا سۇغاقچىلىق بۇلۇپ قالسا سىزدىن ، ئەخمەق ، ئىش ئۇقمايدىغان كاللىڭىزدىن ئاغرىندۇ . نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇلار بىر قىرىنداش . قول ھامان ئېچىگە ئېگىلىدۇ . مۇشۇنداق قىلىۋەرسىڭىز سىز ھامان تەنھا قالىسىز .
شۇڭا ياخشى كېلىن بۇلىمەن دېسىڭىز ھەرگىز گەپ تۇشىماڭ . ئاڭلاڭ ،لىكىن دېمەڭ . ياخشى گەپلىرىنى كۆپ قىلىڭ .
ياخشى كېلىننىڭ ئىككىنچى ئىپادىسى : قىيىن ئانىسى ، قىيىن ئاتىسىنى بەك ھۆرمەت قىلىدۇ .
بىلسىڭىز ، قىيىن ئانىسىنى ، قىيىن ئاتىسىنى ھۆرمەت قىلمىغان ، كۆزگە ئىلمىغان كىلىننىڭ كۈنى ھامان زاۋاللىققا يۈزلىندۇ . چۈنكى بىز نىمە تىرىساق شۇنى ئالىمىز دە؟
ياخشى كىلىننىڭ ئۈچىنىچى ئىپادىسى: ئېرىنى ھەرگىز بىر ماڭىلا مەنسۇپ دەپ قارىمايدۇ . شۇڭا يولدىشىنى ئاتا- ئانىسىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۈلۈشكە ، كۆپرەك ھەمراھ بۇلۇشقا دەۋەت قىلىدۇ . قېرىنداشلىرى بىلەن ھەمسال ئۈتۈشكە ئۈندەيدۇ . مۇشۇنداق خۇتۇنغا ئىرىشكەن ئەرنى خىلى تەلەيلىك دىيىشكە بۇلىدۇ . ئېرىنى سىزغان سىزىققىدىن چىقالمايدىغان ، ھەممە ئىشتا ئاغزىغا قارايدىغان قىلىۋالغان خۇتۇنلارنىڭ نە ئىززەت- ھۆرمىتى بولسۇن دەيسىز ؟
ياخشى كىلىننىڭ تۆتىنچى ئىپادىسى : كۆكسى -قارنى كەڭ بۇلىدۇ . يولدىشى قانچە قېرىنداش بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر قىيىن ئاتا- قىيىن ئانىلىرىنىڭ پەرزەنىتلەرگە قىلغان ئىقتىسادى ياكى مەنىۋى ياردەملىرىگە ھېچ بىر قىزغانمايدۇ .
بەزىبىر كىلىنلەر بار ئاڭلاپ قالىمىز : بۇ ئۆيدىكى قىزلارنى بەك يۆلەيدۇ قىيىن ئاتاملار ، ئۇغۇللارنىمۇ شۇنداق . دېيىشلىرىنى . سىزگە نېمە كەپتۇ ئۇنداق دەپ ؟ سىز تېخى تۆنۈگۈن كىرگەن بۇ ئۆيگە . ئاتا- ئانىلىرىنىڭ باللىرىغا مىھرىبانلىق يەتكۈزىشىگە سىز دەخلى بۇلالمايسىز . بەرسە ئۈزىنىڭكىنى بىرىدۇ ، ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىن ئەكىلىپ بەرمەيدۇ . شۇڭا كۆكسى - قارنىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ . كۆزىڭىز كىچىكلىك قىلىپ ئائىلىڭىزنى ۋەيران قىلماڭ . كۆكسى -قارنى كەڭ ئاياللار ھامان بىزگە ئۈلگە.
ياخشى كېلىنلەر پەرزەنىتلىرىنىمۇ ياخشى تەربىيلەيدۇ . ئۇلارنىڭ باللىرى تاخشى كىشىلەردىن بۇلۇپ چىقىدۇ . شۇڭا پەرزەنىت تەربىيسىگىمۇ سەل قارىماڭ.
ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغانلىرىم ياخشى كېلىنلەرنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش نىشانى بۇلىدۇ . ئۇلار شۇ نىشان ئۈچۇن كۈرەش قىلىدۇ . ئىشلارنى تەرتىپلىك ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ . باشقىلارنىڭ تۇرمىشىغا ھەۋەس قىلمايدۇ . تۇرمىشىدىن رازى بۇلىدۇ .
ئىشىنىمەن ،سىز بىر ياخشى كېلىن ياكى ياخشى كېلىن بۇلالايسىز . پاك -ساداقەتمەن خۇتۇن ، مىھرىبان ئانا ، ۋاپادار كېلىن بۇلىشىڭىزغا ئاللا مەدەت قېلسۇن ، قېرىندىشىم !
مەنبە : ئۆزۈم