چاڭقاق ئاۋازىم بەكمۇ پەرىشان،
نامايەن ۋەھىمە كۆز ئالدىمدىلا.
بەكمۇ نىمجان بۇ ھالىم مىنىڭ،
چاقىرار ئەرۋاھلار مىنى يېنىغا.
نەدىسەن پەرىشتە ساخاۋەت قىلغان ،
توۋلايتتىم يىغلايتتىم ھىجران ئوتىدا.
سۇنغىن سەن ۋىسالنىڭ شەربىتىنىمۇ،
ھىجراندا زۇلمەتكە ئايلاندى دۇنيا.
ئىسىمدە ھېلىمۇ ۋىسال كەچمىشىم،
شۇنچىلىك ھۇزۇر ئۇ بالدىمۇ شىرىن.
تاتلىق ھىسلاردا يۇقاتقان خۇدۇم،
شۇڭا ئايرىلغان ئاشۇ ۋىسالدىن.
ھەيرانمەن كەلگەندە ھىجران ئازاۋى،
بىلىندى شۇنچىلىك ۋىسال قىممىتى.
ئاچچىقتا يىغلىدىم زەھەر يۇتقاندەك،
ئەجىرسىز سۆيگۈنىڭ بولماي ئىززىتى.