ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئەجەپمۇ بىر قىسىم بولۇپ قالدى
مىنىڭ ئاكام نەلەردە، نىمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندۇ؟ گەرچە ئۇ تۇغۇلۇپ مۇشۇ ۋاقىتقىچە مىنىڭ كۆرۈشۈمگە نىسىپ بولمىغان بولسىمۇ ئۇنى ئىزدىدىم. ئاخىرى ئاللاھنىڭ ئاسانلىق بىرىشى بىلەن ئىزدەپ تاپتىم.لىكىن ئۇ مىنى شۇنداقلا باشقا ئۈچ قېرىندىشىنى قوبۇل قىلىپ ئارىمىزغا قوشۇلۇشتىن ئۆزىنى يىراق تاتتى. ئۇنىڭ سەۋەبىنىمۇ چۈشۈنۈپ يىتەلەيمەن ھەم سەۋىرمۇ قىلالايمەن........
مەن بۇ ئىشتا غەلبە قازاندىن دىسەممۇ بولىدۇ. گەرچە ئۇ قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلمىگەن بولسىمۇ مىنىڭدەك بىر سىڭلىسى بارلىقىنى شۇنداقلا مەندىن پەخىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.ئۇلۇغ ئاللاھ ماڭا سەۋىر ئاتا قىلسۇن.ئاكاممۇ بەلكىم تور ئالدىدا ئولتۇرۇپ مانا مۇشۇنداق تىمىلارنى كۆرۈپمۇ قالىدىغاندۇ؟ مەيلى ئۇ كۆرسۇن كۆرمىسۇن مۇشۇ سورۇندىمۇ ئۇنىڭغا يۈرەك سۆزۈمنى يەنە قايتا ئىيتقۇم كىلىۋاتىدۇ:
ئاكا،گەرچە ئىككىمىز بىر قورساق قېرىنداشلاردىن بولمىساقمۇ لىكىن تىنىمىزدا ئېقىۋاتقان قان بىر. شۇ جاپاكەش، مىھرىبان دادىمىزنىڭ قېنى ھەر ئىككىمىزنىڭ بەدىنىدە توختاۋسىز ئېقىپ تۇرۋاتىدۇ. سىزنى چۈشىنىمەن.بەلكىم سىزگە كەلگەن ئەھۋال ماڭىمۇ كەلگەن بولسا مەنمۇ سىزنى دەماللىققا قوبۇل قىلىپ بولالماسلىقىم مۇمكىن ئىدى.لىكىن ئاكا مىنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ. بىر قىز بالىغا نىسبەتەن ئادەم ئىزدەپ تېپىش دىڭىزدىن يېڭنە ئىزدىگەنگە باراۋەر بولسا كىرەك؟!سىزنى ئىزدەپ تېپىشنى ئىزچىل ئاللاھتىن تىلىدىم ئىزدەندىم ئاخىرى تاپتىم تونۇشلۇق بەردىم. ئۇ ۋاقىتتىكى ھىسياتىمنى بەلكىم سىز چۈشۈنۈپ يىتەلمىگەنسىز؟! سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاپ دادامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم. سىزگە شۇ ۋاقىتتىلا دىگەن ئىدىم مىنىڭ سىزنى ئىزدەشتىكى مەقسىتىم ھەرگىزمۇ باشقا ئىشلار ئۈچۈن ئەمەس پەقەت ۋە پەقەت سىڭىللىق مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىش. گەرچە دادام سىزگە مىھىر بىرەلمىگەن بولسىمۇ لىكىن بۇ ئۆتكۈنچى ئالەمدە مىنىڭ سىزگە قېرىنداشلىق مىھىر بەرگۈم بار. سىزمۇ بىلىسىز بىزگە تۈۋرۈك شۇ ھامىيلىرىمىز بىزگە مەڭگۈ تۈۋرۈك بولۇپ بولالمايدۇ. شۇنىڭدەك بىر كۈنلەر كەلسە مىنىڭغۇ سىزدىن باشقا يەنە ئۈچ قېرىندىشىم بار ئۇلار بىلەن ئۆز-ئارا مىھىر ئاتا قىلىشىپ كىتەلەيمىز لىكىن سىزچۇ؟ سىز يالغۇز، سىزمۇ تۈرلۈك سناقلارغا ئۇچرايسىز، قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىسىز.(ئۇلۇغ ئاللاھ بەندىگە مۇھتاج بولۇپ قېلىشتىن ساقلىسۇن.)ئەنە شۇنداق ۋاقىتتا گەرچە مەن ۋە باشقا قېرىنداشلىرىڭىز بولۇپمۇ مەن سىزگە ماددى جەھەتتىن ياردەم بىرەلمىسەممۇ سىزگە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بىرىپ ھالىڭىزغا ھالداش بولالايمەن دەپ ئۆزۈمگە ئىشەنچىم بار ئىدى.
ئاكا، مەيلى سىز مىنى قوبۇل قىلىڭ_ قىلماڭ مەن ھامان سىزنى ئاكام دەپ قارايمەن. سىز ئۈچۈن دۇئا قىلىپ ئۇلۇغ رەببىمدىن ئىككى ئالەملىك بەختىڭىزنى تىلەيمەن. قانداق ۋاقىت بولسۇن مىنى ئىزدەپ كەلسىڭىز ئىشىكىم مەڭگۈ سىز ئۈچۈن ئوچۇق. گەرچە مىنىڭ سىزنى دائىم ئىزدەپ ھىچ بولمىغاندا ئالاقە ئۈسكۈنىللىرى بىلەن بولسىمۇ سالام يوللىشىپ تۇرغۇم بولسىمۇ لىكىن سىز ئۇنىمۇ چەكلىدىڭىز. بۇنىمۇ چۈشۈنۈپ كىتىشكە تىرىشمەن. سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا مەن سەۋەپلىك تەسىر يىتىپ قېلىشنى خالىمايمەن شۇ سەۋەپ سىزگە ئۈن-تىنسىز ئىچىمدە سالام يوللاپ ئۆتۈپ كىتىۋاتىمەن. ئىنشائاللاھ ئۇزاققا قالمىغان بىر كۈنلەردە بۇ ئىشلاردا ھامان ئۆزگۈرۈش بولغۇسى. ئەنە شۇنداق ۋاقىتلار كەلسە سىزنىڭ كۆيۈمچان سىڭلىڭىز بولۇشقا، مىھىر ئاتا قىلىشقا تىرىشىمەن.
ئاكا، مەن سىزنى ھىلى ھەم ساقلاۋاتىمەن بۇندىن كىيىنمۇ ساقلايمەن. سىزنىڭ سىپىمىزگە قوشۇلىشىڭىزنى ئاللاھتىن تىلەيمەن. ئۇلۇغ ئاللاھ بىزلەرنى ھەر جايدا ھەر ۋاقىت ئامان ئىسەن قىلسۇن، قېرىنداشلارنىڭ بالدۇراق دىدارلىشىغا نىسىپ قىلسۇن شۇنداقلا سىزنى ھەر ئىككى ئالەمدە ئەزىزلەر قاتارىدىن قىلسۇن ئامىن!!! سىز ئۈچۈن قىلۋاتقان دۇئالىرىمنىڭ تىزراق ئىجابەت بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن ئاكا!!!