مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4544|ئىنكاس: 0

ئوساما بىن لادىننى ئۆلتۈرۈش خاتالىقمۇ؟  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26362
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7856 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 08:00:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوساما بىن لادىننى ئۆلتۈرۈش خاتالىقمۇ؟
ئاپتورى: ئۆمەر ھوشۇر  (ئەنگىلىيە)


Facebook تورىدا «بىز ھەممىمىز ئوساما بىن لادىن» دېگەن تەشكىلات:«بىن لادىن قەھرىماندەك ياشاپ، شېھىتلەردەك ئۆلدى...ئۇلار بىر بىن لادىننى ئۆلتۈرسە، مىڭ ئوساما بىن لادىن تۇغۇلىدۇ» دېدى. بۇ تەشكىلات ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئوباما ئەل قائىدنىڭ مەنىۋى رەھبىرى بىن لادىننىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىنكى قىسقىغىنا بىر سائەت ئىچىدە قۇرۇلغان. Facebook دىكى بۇ تەشكىلاتنىڭ تەخمىنەن 30 مىڭ «ئەگەشكۈچى» سى بار بولدى. بۇنىڭدىن سىرت، Facebook تورىدا بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان تەشكىلاتلاردىن يەنە 50 نەچچىسى بار.
قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيىسى ۋە باشقا ئەرەب ئاخباراتلىرى بىن لادىننىڭ ئۆلىمىدىن كېيىنكى ئىنكاسى مۇرەككەپ بولدى. بەزىلەر غەربلىكلەر نەزىرىدىكى جاللاتنى مەبۇد قىلدى، بىن لادىننىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قولىدا ئۆلىشى ھەمدە دېڭىزغا دەپنە قىلىنىش قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قارىشىغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى. ئەمەلىيەتتە، مىسىرنىڭ سابىق مۇفىتى شەيىخ ناسىر فارىد ۋاسلى «بىن لادىن دۈشمىنىنىڭ قولىدا ئۆلگەنلىكتىن» ئۇنىڭغا شېھىت دېگەن نام باردى. (تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى، شەيخ ۋاسلى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەل قائىد بىلەن ھەم مۇناسىۋىتى يوق ھەم ھېسداشلىق قىلمايتتى، ئۇ ۋەكىللىك قىلغىنى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىسلام تەلىماتى).
ئېنتىرنېت تورىدا مۇرەككەپ ئىنكاسلار يامرىغاندىن كېيىن، مەۋھۇم دۇنيادىكى ھەل قىلغۇچ مەسىلە بىن لادىننىڭ يوقىتىلىشى ئەل قائىد تەشكىلاتىنىڭ گۇمران بولۇشقا يۈزلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ يوق ئىدى. ئەلۋەتتە، بەزى تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى دەرىجىدىن تاشقىرى داھىيسىنىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن پەندىنپەي پارچىلاندى. بۇ ئىختىيارسىز كىشىگە (1995-يىلى توكيو مېتروسىدا سارىن گازى بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى تەشكىللىگەن ياپونىيە تەشكىلاتى) ئائۇم ھەقىقىتى دىنى (Aum Shinrikyo) نىڭ قۇرغۇچىسى شوكو ئاساخارانى ئەسكە سېلىپ قويىدۇ.      
ئەمما زوراۋان داھىينى قولغا ئېلىش ھەمدە سوتلاش تەشكىلاتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاشتىكى تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇل-ئەگەر مەزكۇر رەھبەر ئۆزىنىڭ ئېتىقادىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىسا ھەمدە ئەگەشكۈچىلىرىنى قورال تاشلاشقا چاقىرىق قىلسا، تېرورلۇق تەشكىلاتنىڭ پارچىلىنىش ئېتىماللىقى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. بۇ جەھەتتە پېرۇنىڭ ماۋچىلار (ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى) شەرەپلىك يول تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئابىمائېل گۇزمان(Abimael Guzmán) ۋە تۈركىيە كۇرد ئىشچلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئابدۇللاھ ئوكالان مىسال بولالايدۇ.

ئەكسىچە، ئىلاھلاشتۇرۇلغان داھىيسى دۈشمىنىنىڭ قولىدا ئۆلىشى قوراللىق ھەرىكەتنىڭ پارچىلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارالمايلا قالماستىن، يەنە ئۇنى قەھرىمانلىق يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ تاشلايدۇ. چې گۇئېۋېرانىڭ ئۆلىمى ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكىگە قارىغاندا سول قانات جەڭچىلەرگە نىسبەتەن قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى.   
ئەلۋەتتە، ئىسلام قوراللىق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بار، ئەمما داھىيىسىنىڭ يوقىتىلىشى ۋە تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇتلىقى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت قاتارلىق مۇھىم ئالاھىدىلىكلەر بىلەن باشقا بىر قىسىم قوراللىق تەشكىلاتلار بىلەن ئوخشاش. زوراۋانلىققا تولغان مۇھىتنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان ئالاقىدار ئېدىئولوگىيەگە ئىگە تارقاق تەشكىلات ھەمىشە داھىيسىنىڭ يوقىتىپ قويۇشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ، دەرىجە تۈزۈمى قاتتىق بولغان بىدئەت دىننىي تەشكىلاتلار بولسا ئۇنداق بولمايدۇ.
11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئەل قائىد تەشكىلاتى بىلەن دەرىجە تۈزۈمى قاتتىق بولغان بىدئەت دىننىي تەشكىلاتلار ناھايىتى ئوخشاپ قالدى. بۇ نۇقتا ئەبۇ مۇساب ئەل زەرەقاۋىنىڭ ئەل قائىد تەشكىلاتى ئىراقتىكى تارمىقى مەسىلىسىدە تولۇق ئىسپاتلاشقا ئېرىشتى: مەزكۇر تەشكىلات ئادەم توپلاش ۋە تەشۋىقاتقا قولايلىق بولىشى ئۈچۈن مېسوپوتامىيەدە ئۆزىنى ئەل قائىد تەشكىلاتى دەپ جاكارلىدى، ئەمما مەيلى قۇرۇلما جەھەتتە بولسۇن ياكى يۈرۈشۈش جەھەتتە بولسۇن خېلى مۇستەقىللىققە ئىگە ئىدى. بىن لادىننىڭ يېقىن ھەمكارلاشقۇچىسى ئەيمان زاۋاھىرى زەرەقاۋىدىن شىئە مەزھىپىدىكىلەرگە ھۇجۇم قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغاندا، زەرەقەۋى ئەكسىچە شىئە مەزھىپىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتتى.
ئەل قائىدنىڭ ھوقۇق بەرگەن ئادەم قوبۇل قىلىش ئەندىزىسى ئالجىرىيە، يەمەن، شىمالىي مالى ۋە سومالى قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ ماس كېلىدۇ. ئەل قائىد تەشكىلاتى بۇرۇنقى پارتىزانلىق ھەرىكىتىدەك ئاتالمىش «ئىدىيە ئۇرۇش سېپى» ئەندىزىسى قوللىنىپ: ئالاقىدار ئېدىئولوگىيەنى قوبۇل قىلغان شەھەردىكى كىچىك كوللىكتىپ ۋە/ ياكى ئاجىز شەخسلەرنى ئۆزلىكىدىن توپلايدۇ ياكى قاراشلىق ئورگاننى قۇرۇپ چىقىدۇ.
بارلىق تارقاقلاشقان ھەرىكەت ئەندىزىسىدە، بىن لادىن ئاساسلىقى يول باشلاش ۋە كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇشقا مەسئول بولغان ۋەكىللىك شەخس---ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قولىدا ئۆلىشى ئۇياق بۇياقتا يوشۇرۇنۇپ يۈرىشىگە قارىغاندا بۇ ۋەزىپىنى تاماملاشقا تېخىمۇ پايدىلىق.     
بىن لادىن ۋە باشقا تەسىر كۈچى بار ئىسلام زىيالىيلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن سەيىد قۇتۇبنى مىسالغا ئالساق. ئۇنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن، 1966-يىلى 8-ئايدا مىسىر ئابدۇل جامال ناسىر مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى سەيىد قۇتۇبقا ئۆلۈم جازاسى بەردى ھەمد ئىجرا قىلدى. بۇ ۋەقە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەكسىچە ئۈنۈم بەردى. 1964-يىلى سەيىد قۇتۇبنىڭ يېڭى ئىدىيىسى بىلەن مۇنازىرە قىلىشقان 98 نەپەر مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى جىنايەتچىسى ئىچىدە، 35 ئادەم كۈچلۈك قوللىدى، 23 ئادەم قەتئىي قارشى تۇردى، باشقا 50 ئادەم قارار چىقىرالمىدى. گەرچە زىيالىيلىق شۆھرىتى ۋە ئورنى بولسىمۇ، سەيىد قۇتۇب قاتتىق بېسىم ئاستىدىكى مۇھىتتا مۇتلەق كۆپ قىسىم مەسلەكداشلىرىنى يەنىلا قايىل قىلالمىدى.

ئەمما دەل سەئىد قۇتۇب ئۆلتۈرۈلگەن كۈنى، ئۇلۇغ شېھىد قۇتۇب قايتا تىرىلدى. ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ناھايىتى تېزلا نەچچىدىن نەچچە مىڭغا تەرەققىي قىلدى، ئۇنىڭ ئىلھاملاندۇرىشىغا ئۇچرىغان بىر كامىردا تۇرغان نەچچە جىنايەتچىدىن نەچچە دەۋر ئەۋلادلارغا تەرەققىي قىلدى. بۇنىڭدىن سىرت، سەئىد قۇتۇبنى ئەرەب مىللەتچىلىكنىڭ مۇسۇلمان داھىيىسى ئۆلتۈردى، بىن لادىننى بولسا ئامېرىكىنىڭ دېڭىز يىلپىزى زەربىدار قىسىمى ئۆلتۈردى. بۇ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ناھايىتى چوڭ ئوخشىماسلىققا ئىگە.
نەزەربەنت قىلىنغاندىن كېيىن زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىشنى ئاشكارا جاكارلاش بىر قانچە غازاتچىلار تەشكىلاتىنىڭ، بولۇپمۇ 20 مىڭدىن كۆپ ئادىمى بار مىسىر ئىسلام تەشكىلاتى، مىسىر غازاتچىلار تەشكىلاتىنىڭ تارمىقى ۋە لىۋىيە ئىسلام كۈرەشچى تەشكىلاتى قاتارلىق كىچىك تىپتىكى تەشكىلاتلارنىڭ بىر خىل يۈزلىنىشى بولۇپ قالدى. ئىسلام ھەرىكىتى رەھبەرلىرى سىياسىي زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىپلا قالماي، يەنە بىر مەزگىل تۈرمە ھاياتىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن زوراۋانلىق ئارقىلىق ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئىسلاھاتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكىنى ئىتېراپ قىلدى. مەسىلەن، نەچچە ئون يىل ئىچىدە ئەل قائىد تەشكىلاتىنىڭ نەزەرىيىچىسى رولىنى ئويناۋاتقان سەيىد ئىمام ئەل شېرىف نەچچە يىل قامالغاندىن كېيىن، دىننىي ۋە تېخنىكا قاتلىمىدىن ئاشقۇن قوراللىق كۈچلەرنى ئەيىبلەيدىغان نەچچە پارچە داڭلىق كىتابلارنى نەشىر قىلدى.
20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن 90-يىللىرىغىچە ئون نەچچە دۆلەتتىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە چېتىشلىق (مىسىردىكى قوراللىق توپىلاڭ، ئامېرىكا ۋە كرودىيەدىكى بومبا پارتلىتىش، ئېفىئوپىيەدىكى قەستلەش ھەرىكىتى ۋە ئافغانىستاندىكى مەشىق بازىسى قاتارلىق ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئۇرۇشقاق تەشكىلات ئىسلام گۇرۇپپىسىمۇ بۇ خىل ئەھۋالغا تەۋە. 21-ئەسىردە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ نەزەربەنت قىلىغان داھىيسى سىياسىي زوراۋانلىقنى ئىسلاھات ۋاستىسى قىلىشنى ئەيىبلەيدىغان 25 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب نەشىر قىلدۇردى.
ئۇرۇشقاق تەشكىلاتلارنىڭ «مەنىۋى داھىيسى» نى يوقىتىش (تەشكىلاتنىڭ رەھبىرىنى ئەمەس) نى ھۆكۈمەتلەر ئېھتىمال بىر خىل قىسقا مۇددەتلىك سىياسىي غەلبە دەپ قارىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ئېھتىمال ئومۇميۈزلۈك ئاشقۇنلۇقنى سۈپۈرۈپ تاشلاش مۇساپىسىنى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىشى مۇمكىن ھەمدە بۇ تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىشى ناتايىن. ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۈنۈمگە ئېرىشمەكچى بولساق، تىرىك تۇتۇش ئۆلتۈرۈپ تاشلاشتىن تېخىمۇ ئۈنۈملىكتۇر.

ئاپتورى ئۆمەر ھوشۇر سىياسىي لېكتور، ئەنگىلىيە ئېكستېر ئۇنۋېرسىتىتى ئەرەب ۋە ئىسلام تەتقىقات ئورگىنى ئوتتۇرا شەرق تۈرىنىڭ مەسئولى. ئەسەرلىدىن «غازاتچىچىلارنىڭ ئاشقۇن كەيپىياتىنى يوقىتىش: ئىسلام قوراللىق ھەرىكىتىنىڭ بۇرۇلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» قاتارلىقلار بار.
مەنبە: ئوكيان تورى (نەپرەت2009 تەرجىمىسى)
http://news.okyan.com/View.aspx?ID=2580

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
Zulpikar + 100 جاپا چىكىپسىز نەپىرەتكا..

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش