مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6216|ئىنكاس: 34

ئامېرىكا ئۆسمۈرلىرى نەزىرىدىكى ئەپەندىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىز دەۋىرنىڭ  ج

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 499
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11488
تۆھپە نۇمۇرى: 851
توردا: 271 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 01:58:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز كىچىك چېغىمىزدا ئەدەبىيات دەرسىدە نەسردىن ئەپەندىم ھەققىدىكى لەتىپىلەرنى ئوقۇيتتۇق. ئۇ لەتىپىلەردە ئەپەندىمنىڭ ئەقىل – پاراسىتى، ئاجىزلارغا يۆلەك بولۇپ ، كۈچلۈكلەرگە دادىل قارشى تۇرۇشتەك قەيسەرانە روھى سۆزلىنەتتى. ئەپەندىم ئىجابىي ئوبراز ، باي بولسا ئۇچىغا چىققان ئاچكۆز، بېخىل سۈپىتىدىكى سەلبىي ئوبراز ئىدى.
ئامېرىكىدىكى بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە   ‹‹ ئەپەندىمنىڭ قازان ئۆتنە ئېلىشى ›› دېگەن دەرس ئۆتۈلۈش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكىدەك دىئالوگ بولۇپ ئۆتكەن.
مەزكۇر ئوقۇشلۇقتا ئەپەندىم ھەققىدە مۇنداق ھېكايە بايان قىلىنغان:
ئەپەندىم بىر كۈنى بىر بايدىن قازان ئۆتنە ئالغان ، بىرقانچە كۈندىن كېيىن ئۇ قازاننىڭ ئىچىگە يەنە بىر كىچىك قازاننى سېلىپ بايغا قايتۇرۇپ بەرگەن، باي بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ كىچىك قازاننىڭ قانداق قوشۇلۇپ قالغانلىقىنى سورىغان :
-سىز پەقەت بىر قازان ئۆتنە ئالغان ئىدىڭىز، ئەمدى قازان ئىككى بولۇپ قاپتىغۇ ؟
ئەپەندىم باينىڭ سوئالىغا ،- ‹‹ سىلى بەرگەن قازان بىزنىڭ ئۆيدە تۇرغان مەزگىلىدە ماۋۇ كىچىك قازاننى تۇغقان ئىدى. شۇڭا، ئىككىسىنى قوشۇپلا قايتۇرۇپ بېرەي دېدىم ››، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان باي ناھايىتى خۇشال بولۇپ، بۇ ئىككى قازاننى ئېلىپ قاپتۇ. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئەپەندىم بايدىن يەنە چوڭراق قازان بېرىپ تۇرۇشنى سوراپتۇ. بايمۇ ئىككىلەنمەي ئۆيىدىكى ئەڭ چوڭ قازاننى ئاچىقىپ بېرىپتۇ. ئەمما، بۇ قېتىم ئەپەندىم خېلى ئۇزۇنغىچە قازاننى قايتۇرۇپ بەرمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن باي تۇرالماي، ئەپەندىمدىن سوراپتۇ :
- قازاننى ئېلىپ چىقىپ كەتكىلى خېلى بولدى، ھېلىغىچە قايتۇرۇپ بەرمىدىڭىز ؟
- سىلىنىڭ قازانلىرى بۇرناكۈن ئۆلۈپ قالدى.
- نېمە ؟! قازانمۇ ئۆلۈپ قالامدۇ ؟
- قازان تۇغسا بولىدىكەنۇ ، ئۆلۈپ قالسا بولمامدۇ ؟!
بۇ گەپنى ئاڭلىغان باينىڭ ئاغزى تۇۋاقلىنىپ، جىلە بولغانچە كېتىپ قاپتۇ.

ئوقۇغۇچىلار مەزكۇر تېكىستنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن بۇ ھېكايە ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېقىشقا دەۋەت قىلىپتۇ.

ئوقۇغۇچى : قازان دېگەن نېمە؟
ئوقۇتقۇچى: قازان ئاش – تائام ئېتىدىغان قورال.
ئوقۇغۇچى : ئاش – تائام ئېتىدىغان قورال دېگەن ئائىلىلەرگە خاس بولغان بۇيۇم ، بۇنى خالىغانچە باشقىلار ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. شۇنداقكەن ئەپەندىم نېمە ئۈچۈن باشقىلاردىن يەنە قازان ئۆتنە ئالىدۇ؟
ئوقۇتقۇچى: چۈنكى ئۇ نامرات بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۆيىدە مېھمانلارغا يەتكۈدەك ئاش – تاماق تەييار قىلغۇدەك قازىنى يوق. شۇڭا، باشقىلاردىن ئۆتنە ئېلىشقا مەجبۇر بولغان.
ئوقۇغۇچى: ئۇنداقتا باي دېگەن نېمە؟
ئوقۇتقۇچى: باي دېگىنىمىز يېزىلاردىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ، يېرى كۆپ ئادەم بولۇپ، كۆپىنچە باشقىلارنى ياللاپ يېرىگە ئىشلەتكۈزىدۇ.
ئوقۇغۇچى: بىز بۇ ھېكايىنى ياقتۇرمىدۇق ۋە بۇ ھېكايىدىكى بۇ ئىككى ئادەمنىمۇ ياقتۇرمىدۇق.ھەر ئىككىلىسى ئالدامچى، ئاچكۆز ئادەملەركەن. بۇنداق تېكىستلەر ئوقۇتۇش دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلمەسلىكى كېرەك. بولمىسا بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام تەربىيىلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئوقۇغۇچى: مېنىڭچە بۇ ئەپەندىم دېگىنى قارىماققا ئەقىللىقتەك قىلغىنى بىلەن ، ئەمەلىيەتتە بىر ئەخمەق ئىكەن. شۇنىچە ئويلاپ قۇرغان قىلتىقى شۇ بىر كىچىك قازان بەدىلىگە بىر چوڭ قازانغا ئېرىشىش ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كونا قازان دەڭلار …
ئوقۇغۇچى: ئۇنىڭ باشقىلاردىن قازان ئۆتنە ئېلىپ ئىشلەتكۈدەك نامرات ئەھۋالغا قېلىشى بەرھەق ئىكەن. چۈنكى ئۇ ئەجىر قىلماي ئېرىشىشنى خىيال قىلىدىغان، باشقىلارنى ئالداپ كۈن ئېلىشنى بىلىدىغان يارىماس ئىكەن…
ئوقۇغۇچى: ئەگەر ئۇ ئۆزىدىكى كىچىك قازاننى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، يەنە ئازراق ئەمگەك قىلىپ پۇل تاپقان بولسا، ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ قازاننى ئالالايتتى. باشقىلارنى ئالداشنىڭ نېمە ھاجىتى ؟ …
ئوقۇتقۇچى : ئېيتقانلىرىڭىلار توغرا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش ، ئەمگەكنى سۆيۈش ئىنساننىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك يولى.
ئوقۇغۇچى: يەنە بار، ئۇ ئەمدى باشقىلاردىن بىرنەرسە سورىسا، چوقۇم ھېچكىم ئۇنىڭغا بەرمەيدۇ.
ئوقۇغۇچى: شۇنداق، ئۇ باشقىلاردىن ئالغاننى قايتۇرماي، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىدىن مەھرۇم قالدى.
ئوقۇتقۇچى: ئۇنداقتا سىلەر بۇ ھېكايىدىكى بايغا قانداق قارايسىلەر ؟
ئوقۇغۇچى: بۇ باي بەك ئاچكۆز ئىكەن. ئەپەندىم بىرىنچى قېتىم قازان قايتۇرغاندا ھېلىقى كىچىك قازاننىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەسلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى قوبۇل قىلماسلىقى، ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك ئىدى.
ئوقۇغۇچى: ئۇنىڭدا ئادىمىيلىك خىسلەتتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىكەن.
ئوقۇغۇچى: شۇ ئەمەسمۇ، ئۇ پۇلى كۆپ باي بولغاندىن كېيىن نامراتلارنىڭ مۈلۈكىنى ئىگىلىۋالماي ، كۆپرەك خەيرى – ساخاۋەت قىلىشى، فوند تەسىس قىلىپ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قوللىشى كېرەك ئىدى.
… … …

مەنبە: يۈكسەل بلوگى
http://www.yuksel.me

بىر مەزگىل تېڭىرقىغان خەلق ھامان ئۆزىگە قايتىدۇ

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15629
تۆھپە نۇمۇرى: 1724
توردا: 6162 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 03:38:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە  ئامىركىلىقنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىشىنىمۇ خاتا دىگىلى بولمايدۇ

دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45668
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3289
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2011-6-25
ئاخىرقى: 2011-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 03:44:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق  چۈشىنەي  بۇنى  ئەمدى ؟    تەپەككۈر  ئوخشىمامدۇ  ياكى  چۈشەنچىمۇ  ؟

ماڭا ھىجايما !

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14661
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9214
تۆھپە نۇمۇرى: 451
توردا: 1686 سائەت
تىزىم: 2010-10-20
ئاخىرقى: 2014-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 03:52:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2قەۋەتتىكى(zarhux) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

بۇنى ئەپەندىم ئوبرازىنى ئىجابىيلاشتۇرىمىزدەپ سەلبىيلەشتۇرۇپ قويۇپتۇ دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ .

مىللىتىگە ھاقارەت قىلغان كىشى مىللىتىگە خايىن بولۇر .

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15689
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 04:14:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىلى ئەپەندىم ئۇلار ئويلىغاندەك كىشى ئەمەس ،ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەپەندىم ياشىغان شۇ دەۋىرلەرنى شۇنداقلا ئەپەندىمنىڭ نىمە ئۈچۈن بايغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى تازا ياخشى چۈشەنمىسەكېرەك،ئەپەندىمنىڭ مەخسوس ئاچكۆز بايلارنى قامچىلايدىغان ئەقىللىق شەخس ئىكەنلىكىنى،شۇ زامانلاردا كۈن ئېلىشنىڭ ھازىرقىدەك ئاسان ئەمەسلىكىنى،پۇل تاپىمەن دىسىلا تاپالايدىغان زامان ئەمەسلىكىنى قەتئىي ئويلىيالمىسا كېرەك،چۈنكى ئۇلار شۇ دەۋىرلەردىن شۇقەدەر يىراقلاپ كەتتى.ئۇلار بۇ لەتىپىلەرنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى چۈشەنمىگەچكە مۇشۇنداق ئۇدۇللا تەپەككۇر قىلىدۇ دە.

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15720
يازما سانى: 1163
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14137
تۆھپە نۇمۇرى: 1227
توردا: 7277 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 04:54:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ ئوقۇتقۇچىنىڭمۇ ئەپەندىم توغرىسىكى بىلىملىرى كەمچىل ئىكەن. ئەسىلىدە ئوقۇغۇچىلارغا ئەپەندىمنىڭ ئاشۇنداق زومىگەر بايلارنى ئۆزىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ئارقىلىپ بابلايدىغان، ئۆزىنىڭ ئاچچىق گەپلىرى بىلەن  قامچىلايدىغان، ئادالەتنى ياقلايدىغان، ئەقىل پاراسەتلىك كىشى ئىكەنلىكنى توغرا چۈشەندۈرگەن بولسا بەلكىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەپەندىمگە بولغان پوزىتسىيەسى ئۆزگەرگەن بولاتتى.

ne kadar az bilirsiniz, o kadar siddetlemudafa edersiniz.

سۇيۇش ئۈچۈن ساق قالسۇن يۈرەك.

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36033
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6387
تۆھپە نۇمۇرى: 104
توردا: 728 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 05:27:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەۋىر ،چۈشىنىش ئوىشىمىغاندىن كىيىن ھەرخىل قاراشتا بولىدۇ.

كەچۈرۋىتىش مۇمكىن بولمىسىمۇ ئەمما كەچۈرۈم سورىماي كىتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس..........
9-bulak بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 05:50:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

جەننەت ۋە دوزاخ _

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25248
يازما سانى: 995
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 21908
تۆھپە نۇمۇرى: 1462
توردا: 5106 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2014-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 06:23:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا!!نېمە گەپ بۇ؟؟؟!مۇشۇنداق باش ئايىقى يوق تەلىم بەرسە بولامدۇ؟!؟ئەپەندىمنىڭ بۇنداق قىلىشى شۇ ئەلئاۋامنى بوزەك قىلىدىغان بېخىل باينىڭ ئەدىبىنى بېرىش ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ باينىڭمۇ ئاجايىپ بىر ئەسكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش كېرەك.ئەپەندىمنىڭ قىلغىنى ھەرگىزمۇ ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس.قاراپ تۇرۇپ ئەپەندىمنى قارا قازانغا ئىتتۈرۈپتۇ ما چەتئەللىك سېرىق چاچ ئوقۇتقۇچى...ما ئوقۇتقۇچى تېز ئەپەندىمنىڭ ئوبرازىنى قايتۇرۇپ بەرسۇن !!!بولمىسا بىكار چېچىغا ئوت قۇيىۋېتىمەن جۇمۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47214
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3520
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 629 سائەت
تىزىم: 2011-7-9
ئاخىرقى: 2012-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 07:09:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  يەردە  ئەپەندىم كىچىك  قازاننى  بەدەل تولەش    ھىساۋىگا   چوڭ  قازانگا  ئېرىشتى.  يانىلا  ئەپەندىم  ئۇتتى .باينىڭ  ئەدىبىنى  بېرىش  مەقسىتىگە  يەتتى .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش