مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2342|ئىنكاس: 24

سەككىز بۈرجەكلىك ساياھەت شەھىرى-تېكەس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7041
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11150
تۆھپە نۇمۇرى: 730
توردا: 1981 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 12:50:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەككىز تەرەپلىك شەھىرى تېكەس – موڭغۇلكۈرە ئويمانلىقىغا توغرا كېلىدۇ، ئۇ جۇڭگو قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ئەڭ غەربىدىكى ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى ئۇيسۇن يايلىقىغا جايلاشقان. موڭغۇلكۈرەدىكى «تەڭرىتاغ ئاتا» دەپ ئاتالغان خانتەڭرى چوققىسىدىن باشلانغان تېكەس دەرياسى شەھەرنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، سەككىز تەرەپلىك شەھەرگە زېمىنى مۇنبەت، سۈيى ئەلۋەك ماكان، دېگۈدەك سىرلىق تۈس ئاتا قىلغان.

«تېكەس ناھىيىسىنىڭ تەزكىرىسى»دە خاتىرىلىنىشىچە، تېكەس سەككىز تەرەپلىك شەھىرى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ شەكىللىنىشكە باشلىغان.

تېكەس ناھىيىسىگە قەدەم قويسىڭىز، ئالدى بىلەن، سەككىز تەرەپلىك شەھەرنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ: غايەت زور ساپان چىشى شەكىللىك رەڭسىز سىمۋوللۇق شەھەر بەلگىسىگە مۇئەننەس ۋە مۇزەككەرگە سىمۋول قىلىنغان قارا ۋە ئاق يۇمىلاق توچكا ئورنىتىلغان، ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى گرانىت تاشتىن قوپۇرۇلغان، ئۈستىگە «ئاسمان، يەر، گۈلدۈرماما، چاقماق، سۇ، ئوت، تاغ، سازلىق»قا سىمۋول قىلىنغان «كۆك، زېمىن، گۈلدۈرماما، سۇ، شامال، تاغ، سازلىق» قاتارلىق سەككىز ئوخشاشمايدىغان ئۈچ خەتلىك تەرەپ بەلگىسى ئويۇلغان. شەھەر بەلگىسىنىڭ ئەتراپى 64 تۆمۈر تۈۋرۈكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، «پالنامە»دىكى 64 پال بەلگىسىگە سىمۋول قىلىنىدىكەن. دېمەك، شەھەر بەلگىسىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىغا «پالنامە» مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنلىرى مۇجەسسەملەنگەن.

تېكەس ناھىيە بازىرى «سەككىز تەرەپ مەدەنىيەت مەيدانى»نى مەركەز قىلىپ ئوخشاش ئارىلىق، ئوخشاش گرادۇس بويىچە خۇددى تارىلىۋاتقان نۇرغا ئوخشاش ئىچىدىن سىرتقا سەككىز ئاساسىي كوچىغا بۆلۈنگەن، ھەربىر كوچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1200 مېتىر بولۇپ، ھەر 360 مېتىرلىق جايدا سەككىز ئاساسىي كوچىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئايلانما يول، مەركەزدىن سىرتقا تۆت ئايلانما يول بار ئىكەن. بىرىنچى ئايلانما يول «سەككىز تەرەپ مەدەنىيەت مەيدانى»نى چۆرىدىگەن بولۇپ، يول قاسناقلىرىدا سودا دۇكانلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە ئىمارەتلەر بار ئىكەن. ئىككىنچى ئايلانما يولنىڭ ئىككى قاسنىقىغا مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلار بىنالىرى ئورۇنلاشقان. ئۈچىنچى ئايلانما يول ۋە تۆتىنچى ئايلانما يول ئارىسىدا ناھىيە ئاھالىلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەر بار ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بىرىنچى ئايلانما يول سەككىز كوچا، ئىككىنچى ئايلانما يول 16 كوچا، ئۈچىنچى ئايلانما يول 32 كوچا، تۆتىنچى ئايلانما يول 64 كوچىدىن تەركىب تاپقان. بۇ كوچىلار پالنامىدىكى 64 پال 386 بەلگىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپتۇ.

مەيداننىڭ ئۇدۇل تەرىپىدە ئەجدىھا ۋە سۇمۇرغ شەكىللىرى ئويۇلغان راۋاق بولۇپ، 1939 – يىلى سېلىنغان ئىكەن، راۋاقتا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي ئەزاسى، جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ بىڭسىن يېزىپ بەرگەن «سەككىز تەرەپلىك شەھەر» دېگەن خەت بار ئىكەن.

تاماشا مۇنارى 1968 – يىلى سېلىنغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا مۇنارنىڭ تۆت تەرىپىگە رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۈزۈندىلىرى ئويۇلغان بولغاچقا، «ئۈزۈندە مۇنارى» دەپ ئاتالغان. ئەينى چاغدىكى مۇنار ئېگىزلىكى 22.5 مېتىر، ئۈچ قەۋەتلىك، سەككىز تەرەپلىك خىش – بېتون قۇرۇلمىلىق ئىمارەت بولۇپ، 1993 – يىلى يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىش ئۈچۈن ئۆزگەرتىپ مۇستەھكەملەنگەندىن كېيىن «تاماشا مۇنارى» دەپ ئاتالغان. قايتا ياسالغاندىن كېيىنكى مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 50 مېتىر بولۇپ، ئىچىدە 18 پەلەمپەي بۆلىكى، 140 تۆمۈر پەلەمپەي بار ئىكەن، تاماشا قىلىش سۇپىسىنىڭ ئېگىزلىكى 32 مېتىر كېلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەككىز تەرەپكە دېرىزە ئېچىلغاچقا، ناھىيە بازىرىنىڭ پۈتكۈل قىياپىتىنى تاماشا قىلغىلى بولىدىكەن.

تېكەس سەككىز تەرەپلىك شەھىرى جۇڭگوغا، شەرققە شۇنداقلا دۇنياغا مەنسۇپ. تېكەس سەككىز تەرەپلىك شەھىرى قەدىمكى زامانغا، ھازىرقى زامانغا، شۇنداقلا كەلگۈسىگە مەنسۇپ. سەككىز تەرەپلىك شەھەر پالچىلىق مەدەنىيىتى ۋە سەككىز رەم سىرى يوشۇرۇنغان مەدەنىيەتنىڭ مۇقەددەس جايى، سەككىز رەم تەلىماتى بىلەن شەھەر قۇرۇلۇشى ئەپچىللىك بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن كلاسسىك ئەسەر بولۇپ، تولىمۇ قىممەتلىك قۇرۇلۇش تەتقىقاتى، تارىخىي ئىسپات ۋە ساياھەت قىممىتىگە ئىگە. تېكەس 2001 – يىلى «شاڭخەي بۈيۈك دۇنيا جىننىس قامۇسى»غا كىرگۈزۈلۈپ، «شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەشھۇر شەھىرى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن، 2007 – يىلى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن «دۆلەت بويىچە تارىخ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى داڭلىق شەھەر» دەپ نام بېرىلگەن.(رەسىمنى پەقەت يوللاش ئىمكانىيىتى بولمىدى،رەسىم يوللاش مۇرەككەپلىشىپ كەتتىمۇ قانداق؟)

مەنبە:قەلەم




كۆكلەي دىسەڭ ئۇي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47111
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5789
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 2989 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2011-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 12:58:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز تىكەس ناھىيسىدكى بىرەر ساياھەت كوپراتىپىنىڭ خادىمى ئوخشىمامسىز ؟
(چاقچاق)
دىمىسىمۇ دىيارىمىزنىڭ ھەر بىر چىمدىم توپىسى ،ھەر سۇڭ تۇپرىقى بىز ئۈچۈن تۇتىيا

قىزلاردىن شەرمى ھايانىڭ ،ئوغۇللاردىن مەردانىلىقنىڭ يۇقۇلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29071
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6057
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 3772 سائەت
تىزىم: 2011-2-4
ئاخىرقى: 2013-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 01:00:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تىكەسنىڭ قۇۋ دىگەن يىرىگە چىققان ،مەنزىرىسى بەك گۈزەل ئىدى،لىكىن كىچىك ۋاقلىرىم بولغاچقا،‹سەھراغا چىقىمىزكەن ›دەپلا ماڭغاندە،باشقا يەرلىرىگە دىققەت قىلماپتىمەن،
ئۆزيۇرتۇمنىڭ بىر يىرى بولمىسا،ئىنىق چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەخمەت!

ياردەم مەزمۇنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16211
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7922
تۆھپە نۇمۇرى: 493
توردا: 5832 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 01:01:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسىمى بولسا ئېۋەتىۋەتمەمسىز

ەاقدقدەىقسشاندشىندىقنشدەبنشۈبندەىنشبن

بىز دەۋىرنىڭ  ج

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 499
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11488
تۆھپە نۇمۇرى: 851
توردا: 271 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 01:02:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەنچە ئىسمى ۋە رەسىم...باشقىلارنى كىرگۈزۈپ قويساڭلار،خەرتىدىن كۆرۈپ باقسام

بىر مەزگىل تېڭىرقىغان خەلق ھامان ئۆزىگە قايتىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7041
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11150
تۆھپە نۇمۇرى: 730
توردا: 1981 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 01:09:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسىم بار ئىدى ئەمما پەقەت يوللاشنى بىلمىدىم

(ئارمانغا چۇشلۇق

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3580
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11035
تۆھپە نۇمۇرى: 548
توردا: 3163 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2014-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 01:26:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇرەتكە قارىسام چىرايلىق يەردەك قىلىدۇ

ب
1.2.3 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 01:30:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

بىز دەۋىرنىڭ  ج

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 499
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11488
تۆھپە نۇمۇرى: 851
توردا: 271 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 01:31:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسمىۇ خەنچە  提可色 ,提开色قايسى توغرا

بىر مەزگىل تېڭىرقىغان خەلق ھامان ئۆزىگە قايتىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1311
يازما سانى: 2538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17594
تۆھپە نۇمۇرى: 1167
توردا: 14790 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 01:37:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېكەس ناھيىسىمۇ دىيارىمىزدىكى گۈزەل ماكانلارنىڭ بىرى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش