مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1811|ئىنكاس: 17

ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى : ئەبۇ ھەنىپە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 688
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17238
تۆھپە نۇمۇرى: 2055
توردا: 1219 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 11:54:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى : شەيخۇلئىسلام ئەبۇ ھەنىفە ( ئىمام ئەززەم)



ئا. قۇتۇبى





ئىسلام قامۇسى ۋە  ئىسلامى تارىخى ماتېرىياللاردىن تاللاپ رەتلەندى.  

ئۆزگەرتىپ رەتلىگۈچى: ئا. ئۇيغۇرى







توللۇق ئىسمى:  نۇئمان ئىبنى سابىت زۇتى . ئىمام ئەززەم ( ئاللاھ ئىمام ئەھمەدكە رەھمەت قىلسۇن)




نوئمان ئىبنى سابىت ئىبنى زۇتى ئەل فارىسى ھىجرىيەنىڭ 80  (مىلادىيەنىڭ 699 ) - يىلى(ئىراقنىڭ) كۇفە شەھىرىدە پارس ئىرقىدىن بولغان ئافغانىستانلىق سۆدىگەر ئائىلىسدە تۇغۇلغان بۇلۇپ ئىسلام تارىخچىلىرنىڭ قارشىچە ئەبۇ ھەنىفەنىڭ دادىسى سابىتنىڭ نەسەبى ساھابىلەردىن سالمان ئەل فارىسقا تۇتىشىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىندۇ. ئەبۇ ھەنىپەنىڭ دادىسى سابىت كۇفە شەھىرىدىكى بىر ئىسلام ئۆگنىش مەركىزىدە ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ بىلەن كۆرۈشكەن. ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ سابىتقا دۇئا قىلغان ئىدى. ئەبۇ ھەنىفە ئىلىمنىڭ كامالىتى بىلەن ئىسلام دۇنياسىدا ئىمام ئەززەم ( قالتس ئىمام) دەپ ئاتالغاندۇر.


ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى كۇفىدە ئوقۇش ـ ئوقۇتۇش ۋە ئىجتىھاد ئىشلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ ئائىلىسى ھاللىق تىجارەتچى ئىدى.كۇفە شەھىرى ئەينى زاماندا ئىراقنىڭ بارلىق فىقھى (قانۇنشۇناسلىق) ئالىملىرى  توپلاشقان جاي بولۇپ، بۇ خىل مۇھىت ئۇنىڭ بۇ ساھەدە پىشىپ يېتىلىشىگە ناھايىتى زور قولايلىقلارنى يارىتىپ بەرگەن. ئەبۇ ھەنىفە شۇ دەۋىرىدىكى 4000 دىن ئارتۇق ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن بىۋاستە مەنپەئەتلىنەلىگەن ئالىم بۇلۇپ قالماستىن بەلكى ساھابىلەردىن بىۋاستە بىلىم ئالالىغان تابىئىندۇر. ( ھىجىرىيە 120 - يىلى ئۆلۈپ كەتكەن ساھابە ئىمام ھاممىد ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئۇستازىدۇر).

.

ئۇ ئىلىم- ئىجتىھات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە تىجارەت قىلىشنىمۇ تاشلىمىغان. ئۇ ئىلىمدا ئۆلىمالارغا ئۈلگە بولغىنىدەك، تىجارەتتىمۇ تىجارەتچىلەرگە ئۈلگە ئىدى. ئۇ تىجارەتتە تۆۋەندىكى تۆت خىل سۈپەت بىلەن سۈپەتلىنەتتى.



1 ـ ئۇنىڭ كۆزى توق ، تاماخورلۇقتىن يىراق ئىدى .



2 ـ ناھايىتى ئامانەتدار ئىدى.



3 ـ ئەپۇچان ئىدى. ئاللاھ  تائالا ئۇنى ئىچى تارلىقتىن ساقلىغان ئىدى.



4 ـ ئۇ دىنىنى ناھايىتى چىڭ ساقلايتتى ھەم قاتتىق ئىبادەتگوي ئىدى. ئۇ كۈندۈزى روزا تۇتاتتى، كېچىسى ناماز ئوقۇيتتى.



كۆپىنچە كىشىلەر تىجارەتتىكى سۈپەتلىرىدە، ئۇنى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشىتاتتى.  



بىر كۈنى بىر ئايال ئىمام ئەبۇھەنىفىگە بىر يىپەك كىيىم ئېلىپ كەلدى. ئىمام ئەبۇھەنىفە:



بۇنى قانچىگە ساتىسىز؟ دېدى. ئۇ خوتۇن:



يۈز دەرھەمگە، دېدى. ئىمام ئەبۇھەنىفە:



بۇ يۈزدىن جىق پۇلغا يارايدۇ، قانچىگە ساتىسىز؟ دېدى. ئۇ ئايال يەنە يۈزنى قوشتى، ئىمام ئەبۇھەنىفە:



يەنىلا ئەرزان بولۇپ قالدى، دەۋەردى ھەتتا ئۇ كېيىمنىڭ باھاسى  تۆت يۈزگە چىقىۋېدى، ھېلىقى ئايال:



مېنى مازاق قىلىۋاتامسىز؟ دەپ خاپا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىمام ئەبۇھەنىفە:



سىز بىر ئادەم ئېلىپ كېلىڭ، باھا قويۇپ بەرسۇن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم كېلىپ باھا قويۇپ بەردى.



ئىمام ئەبۇھەنىفە ئۇ كىيمنى بەش يۈزگە ئالدى. ئىمام ئەبۇھەنىفە مانا مۇشۇنداق ئېسىل ئەخلاقلىق بولۇپ، ھەرگىزمۇ  باشقىلارنىڭ بىخوتلىقىدىن پايدىلىنىۋالمايتتى. يەنە كېلىپ ئەگەر خېرىدار ئاجىز ياكى دوستى بولسا پايدا ئالمايتتى، بەزىدە تېخى ئالغان پايدىسىنىمۇ قوشۇپ بېرەتتى.



بىر قېتىم بىر ئايال ئىمام ئەبۇھەنىفەنىڭ قېشىغا كېلىپ:



مەن بىر ئاجىز خوتۇن، سەن بولساڭ بىر ئىشەنچلىك ئادەمسەن، ماڭا بۇ كىيىمنى ئىزىغا بەرگىن ـ دېدى.



بۇنى تۆت دەرھەمگە ئېلىڭ ـ  دېدى ئىمام ئەبۇھەنىفە.



مەن بىر قېرى ئايالمەن، مېنى مازاق قىلماڭ، دېدى ئۇ ئايال.



مەن ئەسلىدە ئىككى كىيىم ئالغان ئىدىم، بىرىنى ئىككىسىنىڭ پۇلىدىن تۆت دەرھەملا كېمىغا ساتقان ئىدىم، بۇ كىيىم ماڭا تۆت دەرھەمگە قالغان، دېدى ئىمام ئەبۇھەنىفە.



ئۇ يەنە ھەرقانداق شەكلىك نەرسىدىن ناھايىتى ھەزەر ئەيلەيتتى.



بىر قېتىم ئىمام ئەبۇھەنىفە بىر مالنىڭ ئەيىبىنىڭ بارلىقىنى، ساتقىچە چوقۇم خېرىدارغا بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى شېرىكىگە ئېيتىپتۇ، شېرىكى مالنى ساتقىچە ئۇنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئەيىبىنى دىمەستىنلا سېتىۋىتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مالنى ئالغان ئادەمنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن، ئىمام ئەبۇھەنىفە بۇ ئەھۋالنى بىلىپ شۇ مالنىڭ پۇلىنىڭ ھەممىسىنى سەدىقە قىلىۋېتىپتۇ.



شۇنداق بولسىمۇ، ئىمام ئەبۇھەنىفە ئاللاھنىڭ بەرىكەت بېرىشى بىلەن ناھايىتى كۆپ پايدا ئالاتتى. ئۇ مال- دۇنياسىنى ئۇستازلىرىغا، شاگىرتلىرىغا ۋە ھەدىسشۇناسلارغا بېرىپ: "ئۆز ھاجەتلىرىڭلارغا ئىشلىتىڭلار،ئاللاھ تائالادىن باشقىغا رەھمەت ئېيتماڭلار. چۈنكى، مەن ئۆزۈمنىڭ مېلىمنى بەرمىدىم، پەقەت، بۇ ئاللاھ  تائالانىڭ سىلەرگە قىلغان پەزلى ـ مەرھەمىتىدۇر" دەيتتى.



ئىمام ئەبۇھەنىفە ناھايىتى ئېسىل كىيىنىپ، پاكىزە ۋە رەتلىك ياسىنىپ يۈرەتتى.



ئىمام ئەبۇھەنىفەنىڭ زامانداشلىرىدىن فۇزەيل ئىبنى ئىياد مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام ئەبۇھەنىفە فىقىھ ساھەسىدە تونۇلغان كاتتا فىقھىشۇناس ئىدى، شۇنداقلا كاتتا بايلاردىن ئىدى. ئۇنىڭ قېشىغا بىر نەرسە ئۈمىد قىلىپ كەلسە، ئۇ ئۈمىد قىلىنغىنىدىن ئارتۇق ياخشىلىق قىلاتتى. كېچىلىرىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى، ئېغىر بېسىق ئىدى، ھەتتا مەسىلىلەرگە ھالال ياكى ھارام دەپلا جاۋاپ بېرەتتى، ھەقنى كۆرسىتىپ بېرىشتە ئۈلگە ئىدى".



ئىمام ئەبۇھەنىفە ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان كاتتا ئالىملاردىن ئىلىم ئالغان ۋە ئۇ بەزى ئۇزۇن ياشىغان ساھابىلارنى كۆرگەن تابىئىدۇر. ئۇ كۇفەدىكى ئالىملاردىن ئىلىم ئىگەللەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، مەككىدە ئەتا ئىبنى ئەبى رەباھتىن، مەدىنىدە ئىمام مالىك قاتارلىق ئالىملار بىلەن ئىلمى سۆھبەتلەردە بولغان. ئۇ ناھايىتى ئۆتكۈر پىكىرلىك بولۇپ مۇنازىرىلىشىشتە يېتىلگەن ناتىقلاردىن ئىدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ ھاياتىدا 22 باتىل پىرقە بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئىسلامنى قوغدىغان.



ئىمام ئەبۇھەنىفەنىڭ فىقھى ھەققىدە ئۆزى يېزىپ قالدۇرغان كىتابى يوق. چۈنكى، ئۇنىڭ زامانىدا كىتاب يېزىش ئىشلىرى تېخى ئومۇملاشمىغان ئىدى. بەزىلەر "ئەلفىقھۇل ئەكبەر" دىگەن كىتابنى ئىمام ئەبۇھەنىفىگە مەنسۇب قىلغان بولسىمۇ، ئەمىلىيەتتە بۇ كىتابنى ئۇنىڭ يازغانلىقى ئېنىق ئىسپاتلانمىغان. لېكىن ئۇنىڭ قاراشلىرى شاگىرتلىرى تەرەپىدىن خاتىرىلەنگەن ياكى ئىمام ئەبۇھەنىفە ئۆزى ئېيتىپ بېرىپ خاتىرىلەتكۈزگەن، ئاندىن شاگىرتلىرى شۇ پىكىرلەرنى ئۆز كىتابلىرىدا رىۋايەت قىلغان.



چوڭ شاگرتلىرىدىن ئەبۇيۈسۈف ۋە مۇھەممەد(ئىمام شافىئىنىڭ ئۇستازى) ئىككىسى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئەبۇ ھەنىفە رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنى توپلاپ كىتاب قىلىپ ئىككىسىگىلا "ئاسار" دەپ نام بەرگەن. كىيىنكىلەر ئىمام ئەبۇھەنىفە رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنى بىر كىتاب قىلىپ توپلىغان، كىيىنچە بۇ كىتاب "مۇسنەدۇ ئەبى ھەنىفە"  دىگەن نام بىلەن نەشىر قىلىنغان.



ئىمام ئەبۇھەنىفىنىڭ فىقھى ھۆكۈم چىقىرىشتىكى پىرىنسىپى:



"تارىخى باغداد"تا ئىمام ئەبۇھەنىفەنىڭ سۆزى ئۆز تېكىستى بويىچە مۇنداق كەلتۈرۈلگەن: "مەن فىقھى ھۆكۈم چىقىرىشتا ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ كىتابىنى تۇتىمەن. ئەگەر ئۇنىڭدا بولمىسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى تۇتىمەن. ئەگەر ئۇ ئىككىسىدىلا بولمىسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ئىچىدە قايسىسىنىڭ قارىشىنى خالىسام، شۇنىڭكىنى ئالىمەن. ئۇلارنىڭ قاراشلىرى بار يەردە باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئالمايمەن. ئەمما ئىبراھىم نەخەئى، شەئبى، ئىبنى سىيرىن، ھەسەن، ئەتا ۋە سەئىد ئىبنى مۇسەييىب قاتارلىقلار (بۇلار ئەبۇ ھەنىفىگە زامانداش تابىئى ئالىملاردۇر)غا كەلسەك، ئۇلارمۇ ئىجتىھاد قىلغان كىشىلەردۇر، مەنمۇ ئۇلاردەك ئىجتىھاد قىلىمەن."



ئۇ فىقھى ھۆكۈم چىقىرىشتا تۆۋەندىكى يەتتە نەرسىگە تايىنىدۇ:



1 ـ قۇرئان كەرىم:  ئىسلام شەرىئىتىدە قۇرئان كەرىم بارلىق مەنبەلەرنىڭ مەنبەسىدۇر.



2 ـ سۈننەت:  سۈننەت رىۋايەت قىلغانلارنىڭ سانىغا قاراپ: مۇتەۋاتىر، مەشھۇر ۋە ئاھاد دەپ ئۆچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.



مۇتەۋاتىر دىگىنىمىز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر مۇنچە كىشىلەر ئاڭلىغان، ئۇنى يەنە بىرمۇنچە كىشىلەر رىۋايەت قىلغان، رىۋايەن قىلغۇچىلارنىڭ يالغانغا بىرلىككە كېلىۋېلىش ئېھتىمالى بولمىغان ھەدىستۇر. بۇ ھەدىسلەر ئىمام ئەبۇھەنىفىنىڭ نەزىرىدە ھۆججەتتۇر.



مەشھۇر ھەدىس بولسا، مۇتەۋاتىردىن تۆۋەنرەك ھەدىستۇر، ئەمما شۇ دەۋىردە(ھىجرىيە 3 ـ ئەسىرلەردە) مەشھۇر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇش زۆرۈر. ئەمما شەكسىز دەپ قاراشقا بولمايدۇ.



ئەمما ئاھاد بولسا، بىر ياكى ئىككى ئادەم ئارقىلىقلا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس بولۇپ، بۇنى ئەمەل ـ ئىبادەتلەردە دەلىل قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئېتىقادىي مەسىلىلەردە قوبۇل قىلىنمايدۇ.



3 ـ ساھابىلارنىڭ پەتىۋاسى:  ساھابىلارنىڭ پەتىۋاسىنى تۇتۇش كېرەك دەپ قاراپ ساھابىلارنىڭ سۆزى بار يەردە باشقىسىنىڭ سۆزىنى ئالمايدۇ.



4 ـ ئىجمائ. بۇ، مەلۇم بىر ئەسىرنىڭ مۇجتەھىد ئۆلىمالىرىنىڭ ھەممىسى بىرەر ھۆكۈمدە بىرلىككە كېلىشى دېگەنلىكتۇر.



5 ـ قىياس:  بۇ ھەرگىزمۇ دەلىل بار تۇرۇقلۇق قىياس قىلىش بولماستىن، بەلكى دەلىل بولمىغان ياكى ھەدىسنىڭ سەھىھلىك دەرىجىسى قوبۇل قىلىنىش دەرىجىسىگە يەتمىگەندە ئاندىن شەرىئەتنىڭ ئەسلى مۇددىئاسىغا ئاساسەن قىياس قىلىش بولۇپ، قىياس قىلغاندىن كېيىن سەھىھ ھەدىس تېپىلسا ۋە ھۆكۈم ھەدىسكە مۇۋاپىق كەلسە، ئۇ ھەدىس ھۆكۈمنى كۈچلەندۈرگەن بولىدۇ، ئەمما ھۆكۈم  ھەدىسكە زىت كېلىپ قالسا، ئۇ ھۆكۈمدىن دەرھال يېنىۋېلىش كېرەك.



6 ـ ئىستىھسان: كۈچلۈك دەلىل ياكى بىرەر كۈچلۈك سەۋەبكە ئاساسلىنىپ قىياسقا خىلاپ ھالەتتە چقىرىلغان ھۆكۈمدۇر.



7 ـ ئۆرپ ـ ئادەت: ئەگەر قۇرئان، ھەدىس ۋە ساھابىلارنىڭ پەتىۋاسى بولمىغاندا ۋە ھۆكۈم چىقىرىلىۋاتقان جاينىڭ ئۆرپ ـ ئادىتى شەرىئەتكە خىلاپ بولمىسا، شۇ ئۆرپ ـ ئادەت شەرىئەتكە دەلىل بولالايدۇ.



ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەۋىردە ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ خەلىپىسى ئەبۇ جەئفەر ئەلمەنسۇر ئۇنى قازىلىققا تەيىنلەيدۇ. ئەمما ئەبۇ ھەنىفە مەن بۇ ئۇرۇنغا لايىق ئەمەس دەپ رەت قىلىدۇ. خەلىپە ئەل مەنسۇر ئەبۇ يۈسۈپنى قازىلىققا تەيىنلەيدۇ.ئىككىنچى قېتىم خەلىپە ئەل مەنسۇر ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنى شەكلىنىپ قالغان مەسىلىلەردە قازىلىق قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغاندا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە مەن بۇ ئورۇنغا مۇۋاپىق ئەمەس دەپ رەت قىلىدۇ.



ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مەن بۇ ئورۇنغا مۇۋاپىق ئەمەس دېگەن سۆزنى ئاڭلىغان خەلىپە ئەل مەنسۇر سەن يالغان گەپ قىلما يالغانچى دەيدۇ.



ئىمام ئەبۇ ھەنىفە خەلپىگە ھۆرمەتلىك خەلىپە سىلە مەندەك يالغانچىنى نېمە دەپ قازىلىققا تەيىنلەيلا دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ جاۋابىغا ئاچچىقى كەلگەن خەلىپە ئەل مەنسۇر  ئۇنى زىندانغا  سولاپ ئۇرۇپ قىيناشقا بۇيرۇيدۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە زىنداندا تۇرۇپ ئۇنى يوقلاپ كەلگەنلەرگە مۇددەرسلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەبۇ ھەنىفەنىڭ سالامەتلىكى ناچار تاماق ۋە ياخشى كۈتۈلمەسلىك سەۋەبىدىن كۈنسىرى ناچارلىشىپ  ھىجىرىيە 150 (مىلادىيەنىڭ 767 ) - يىلى 68 يېشىدا باغداتتا ۋاپات بولىدۇ. ( ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن. ئاميىن).



ئەمما ئىسلام تارىخى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە خەلىپە ئەل مەنسۇر تەرىپىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن دەپ قەيت قىلىنىدۇ. ئەبۇ ھەنىفەنىڭ جىنازا نامىزى ئوقۇلغان كۈنى باغداد شەھىرىگە ئادەملەر سەللىدەك ئاقىدۇ. جىنازا نامىزى 6 قېتىم ئوقۇلىدۇ. جىنازا نامىزىغا 50 مىڭدىن كۆپ ئادەمنىڭ قاتناشقانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

__________

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
asrari + 50 ياخشى تېما!!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 50   باھا خاتىرىسى

كۆكلەي دىسەڭ ئۇي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47111
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5789
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 2989 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2011-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 03:39:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇمكىن بولسا ھەنەفىيە مەزھىپى توغۇرسىدا بىلىدىغانلار بولسا سۆزلەپ بەرگەن بولساڭلار .
مىنىڭ   ئىسلام دىنىدىكى ئىككى چوڭ مەزھەپتىن باشقىلار توغۇرسىدا پەقەتلا چۈشەنچەم يوقكەن

قىزلاردىن شەرمى ھايانىڭ ،ئوغۇللاردىن مەردانىلىقنىڭ يۇقۇلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35342
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13724
تۆھپە نۇمۇرى: 959
توردا: 2040 سائەت
تىزىم: 2011-3-26
ئاخىرقى: 2013-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 05:09:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋزۇ: يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى
تىل: ئۇيغۇرچە
يازما : شەيخ ئابدۇلھەمىد مەھمۇد تاھماز
تەرجىمە قىلغۈچى : مۇھەممەد ئابدۇللاھ قارى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ئا.قارلۇقى - ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
قىسقىچە چۈشەنچە: «يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفى فىقھىسى» ناملىق بۇ كىتاب، دىنىي ھاياتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ دىنىي چۈشەنچە ۋە مېتودلىرىغا كۆرە ئورۇندايدىغان خەلقىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر مەنبە ھېسابلىنىدۇ. گەرچە خەلقىمىز ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ كۆرسەتملىرىگە ئاساسەن دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرغىچە نىسبەتەن تولۇق شەكىلدە يېزىلغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر پارچە فىقھى كىتابى يوق ئىدى. جانابى ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە خەلقىمىزنىڭ دۇئاسى سايىسىدا ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى بۇ كىتابنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە كۈچ چىقاردى. بۇ ئەسەر 4000 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 5 توم، كىتابنىڭ 1- قىسمى: ئىبادەتكە دائىر مەسىلىلەر. 2-قىسمى: كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئالاقىدار ھۆكۈملەر. 3-قىسمى: قانۇن ۋە ئىجرا قىلىشقا ئالاقىدار ھۆكۈملەر. 4-قىسمى: مۇئامىلە ۋە ئېلىم-بېرىمگە ئائىت مەسىلىلەر. 5-قىسمى: تۇرمۇشتا كۆپ ئۈچرايدىغان ھەر-تۇرلىك فىقھى مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ


ئىزاھات:

خەلقىمىز ئىسلامنى قوبۇل قىلغان دەسلەپكى چاغلاردىن تارتىپلا ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ فىقھى ساھەسىدىكى كۆرسەتمىلىرىگە رىئايە قىلغان ھالدا ئىبادەت، مۇئامىلە، ئىش - ھەرىكەت... ۋاھاكازالارنى ئىجرا قىلىپ كەلگەن بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەنەفىي مەزھىبى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەت، پىكىر - تەپەككۇر، ھەتتا ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن بۇيانقى تارىخىنىڭ بىر - بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھەممە بىلىدۇ. ھالبۇكى، مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بويان خەلقىمىزنىڭ دىنىي ئېڭى ۋە سەۋىيىسىگە ماس بىرەر فىقھى كىتابىنىڭ، خۇسۇسەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئەگىشىپ كېلىۋاتقان ھەنەفىي مەزھىبىگە ئائىت ساغلام ۋە توغرا شەكىلدە يېزىلغان بىرەر كىتابنىڭ ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن يېزىلمىغانلىقى، ھېچبولمىغاندىمۇ تەرجىمە قىلىنمىغانلىقىنى نادانلىق ئىبارىسى بىلەنمۇ، چارىسىزلىك دېيىش بىلەنمۇ ئىزاھلاپ بەرگىلى بولمىسا كېرەك. مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بويان سۇ ۋە ھاۋاغا ئوخشاش ئېھتىياجلىق بولۇپ كېلىۋاتقان، بىراق ھېچبىر شەكىلدە روياپقا چىقىرىلمىغان بۇ خىل بوشلۇقلارنى «يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى» ناملىق بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق بولسىمۇ تولدۇرۇشقا تىرىشىشنى ئەڭ جىددىي ۋەزىپە، دەپ قارىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغان ھالدا «بىسمىللاھ» دېدۇق، نەتىجىدە جانابى ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن كىتاب تەرجىمە قىلىندى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن! كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئىزاھات ۋە ئەسكەرتىشلەرنى ئەستىن چىقارمىغايسىز...

بىرىنچى: چۈشۈنۈشلۈك بولسۇن ئۈچۈن ئەرەب تىلى گرامماتىكىسىغا دائىر بەزى مەزمۇنلارنى بىرمۇ بىر ئەمەس، بەلكى مەزمۇن بويىچە تەرجىمە قىلىندى. زۆرۈر بولمىغان ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم تەپسىلاتلار چىقىرىپ تاشلاندى.

ئىككىنچى: تەرجىمە جەريانىدا، ئۇيغۇر تىلىغا ماس كەلمەيدىغان بەزى نۇقتىلارنى ئۆزگەرتكەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئامال بار كىتابنىڭ ئەسلى ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشتۇق.

ئۈچىنچى: ئاپتور «يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى» ناملىق بۇ ئەسىرىنىڭ ئەتراپلىق ۋە بارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پارچە ئەسەر بولۇشىنى مەقسەت قىلغان بولسا كېرەك، مەسىلىلەر ئۈستىدە ناھايىتى ئەتراپلىق توختالغان؛ ئوخشاش بىر مەسىلە ئۈچۈن تارىختا ئۆتكەن ناھايىتى كۆپ ساندىكى مەشھۇر ھەنەفىي ئۆلىمالىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان، ھەتتا بىر - بىرىگە زىت قاراشلىرىنىمۇ ئۆز پېتى نەقىل كەلتۈرگەن. شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنىغا ئوخشاش قارىمۇ قارشى مەزمۇندىكى پىكىرلەرنى ئۇچراتقىنىدا، بىرىنى توغرا، يەنە بىرىنى خاتا، دەپ يەكۈن چىقارماستىن، بۇلارنىڭ ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ پىكىر بايلىقى دەپ چۈشىنىشىنى، نەقىللەرنىڭ بۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلىپ قېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

كىتابنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا سەۋەنلىك ۋە خاتالىقلاردىن خالىي بولالمىغان بولۇشىمىز مۇمكىن. شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەيلى تەرجىماننىڭ خاتالىقى ياكى تەھرىرنىڭ سەۋەنلىكى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان خاتالىقلار ياكى كەمچىلىكلەر بولسا، قەتئىي ئىككىلەنمەستىن ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كىشىلىرىنىڭ بىرىگە يەتكۈزۈپ قويۇشۇڭلارنى، شۇنداقلا دوستانە پىكىر، تەلەپ ۋە تەۋسىيەڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئاخىرىدا بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشىغا بىۋاسىتە كۈچ چىقارغان، رىياسەتچىلىك قىلغان، تەھرىرلىك خىزمەتلىرىنى ئۈستىگە ئالغان، شۇنىڭدەك كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن كۈچ چىقارغان بارلىق كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ئۈچۈن ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ دۇئالىرىنى ئايىماسلىقىنى سورايمىز.


بۇ يەرگە كىرىپ بەش قىسىمنىڭ ھەممىسىنى چۈشۈرۈڭ

‹روھىنى پاكلىغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يىتىدۇ ›___   سۈرە شەمسى 9_ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35342
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13724
تۆھپە نۇمۇرى: 959
توردا: 2040 سائەت
تىزىم: 2011-3-26
ئاخىرقى: 2013-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 05:14:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللا
ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى تەۋھىد قىرىندىشىمىز

بۇ بالىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز
بۇرۇنقى زامانلاردا ،ئىسلامغا ناھايىتى دۈشمەنلىك قىلىدىغان بىر كىشى بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈچ چوڭ سۇئالى بار بۇلۇپ ،باغداتتىكى ھىچقانداق كىشى  ھەتتا ئۆلىمالارمۇ ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بىرەلمەپتۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كۆپچىلىك ئالدىدىلا ئىسلامنى مەسخىرە قىلىشقا باشلاپتۇ.ئۇ دائىم ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى  ھاقارەت قىلىدىكەن.بىر كۈنى ئەمدىلا ئون ياشقا كىرگەن بىر ئوغۇل بالا ئۇنىڭ كوچىلاردا مۇسۇلمانلارغا ھۆكىرەپ ۋاقىراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپتۇ.ئۇ ئۇچۇق ئاشكارە ھالدا باشقىلارنىڭ ئۆز سۇئالىغا جاۋاپ بىرىشىگە چاقىرىپتۇ.
بۇ بالا جىمجىت تۇرغىنىچە قاراپ تۇرۇپتۇ،ئاندىن ئۇنىڭغا جەڭ ئىلان قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ،ئۇ ئادەمنىڭ قېشىغا كەپتۇ :"مەن سېنىڭ سۇئالىڭغا جاۋاپ بەرمەكچى."
ئۇ بۇ بالىنى كۆرۈپ قاقاقلاپ كۈلۈپتۇ ئاندىن يەنە مۇسۇلمانلارغا بولغان مەسخىرىلىرىنى باشلاپتۇ :"ئون ياشلىق بالا مىنىڭ سۇئالىمغا جاۋاپ  بەرمەكچى،سىلەر ھەممىڭلار يۆلەپ ئاران مۇشۇ بالىنى چىقىرالىدىڭلارمۇ؟!".
ئەمما بۇبالا سەۋىرچانلىق بىلەن ئۆز كۆز قارىشىنى قايتىلاپتۇ.ئۇ ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە يىتەكلىشى بىلەن ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بىردىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.ھېلىقى كىشى ئاخىرى قۇشۇلۇپتۇ.
پۈتۈن شەھەر خەلقى دائىم مۇشۇنداق يىغىلىش نۇتۇقلار بۇلۇپ تۇرىدىغان كىچىك تۆپىلىكنىڭ يېنىغا توپلىشىپتۇ.ئۇ كىشى تۆپىلىكنىڭ چوققىسىغا يامىشىپ چىقىپ ۋاقىراپ تۇرۇپ بىرىنجى سۇئالىنى سوراپتۇ.
"سېىنىڭ رەببىڭ مۇشۇ ۋاقىتتنىڭ ئۆزىدە نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟"
بۇ كىچىك بالا بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن ،ئۇنىڭ تۆپىلىكتىن چۈشۈشىنى ۋە ئۆزىنىڭ سۇئالغا جاۋاپ بىرىش ئۈچۈن يۇقىرىغا چىقىشقا رۇخسەت قىلىشنى  سوراپتۇ.
بۇ ئادەم دەپتۇ:"نىمىشقا؟سەن مېىنى پەسكە چۈش دىمەكچىمۇ؟!".
بۇ بالا :"ھەئە،مەن سېنىڭ سۇئالىڭغا جاۋاپ بىرىشىم كېىرەك."
ھېلىقى كىشى تۆپىلىكتىن چۈشۈپتۇ،ئون ياشلىق بۇ بالا كىچىك قەدەملىرى بىلەن يۇقىرىغا قاراپ مېڭىپتۇ.
بۇ بالا ئۇنىڭ سۇئالىغا مۇنداق جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ:"ئەي قۇدرەتلىك ئاللاھ!سەن مۇشۇ كىشلەر ئالدىدا مېىنىڭ قىلغىنىمنى كۆرۈپ تۇرۇپسەن .سەن پەقەت مۇشۇ كاپىرنىڭ تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈشىنى ،مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت ئىكراملىق يۇقىرى ئورۇنغا چىقىشىنى خالاۋاتقانسەن !!"
كۆپچىلىك خۇشاللىقىدىن تەكبىر ئېتىشىپتۇ......."ئاللاھۇ ئەكبەر!!!!!"
بۇ ئادەم نۇمۇستىن رەسۋا بوپتۇ،شۇنداقتىمۇ چاندۇرماستىن ئىككىنجى سۇئالىنى سوراپتۇ:"بۇ ئالەمدە پەرۋەردىگارىڭنىڭمۇ ئالدىدا زادى نىمە مەۋجۇت ئىدى؟؟؟"
بۇ بالا ئۇ كىشىنى ئارقىدىن باشلاپ ساناق ساناشقا بۇيرۇپتۇ:"10دىن باشلاپ ئالدىغا ساناپ باق".
بۇ كىشى ساناپتۇ....  "0،1،2،3،4،5،6،7،8،9،10"
بالا سوراپتۇ:" نۆلنىڭ ئالدىدا نىمە بار؟"
ئۇ كىشى جاۋاپ بىرىپتۇ:"بىلمەيمەن......ھىچنىمە يوق."
بالا دەپتۇ:"پۈتۈنلەي  مۇشۇنداق.ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھىچنەرسە مەۋجۇت ئەمەس ئىدى،چۈنكى ئۇ ئەل ھەييۇ (مەڭگۈ ھايات ئاللاھ) ۋە ئەل باقىيۇ (مەڭگۈ باقى ئاللاھ.) "
جامائەت يەنە خۇشاللىقتىن قىقاس چۈقان سېلىشىپ تەكبىر ئېيتىشىپتۇ......"ئاللاھۇ ئەكبەر!!!!!!"
ھېلىقى ئادەم ئۈمىدسىزلىنىپ ،ئاخىرقى سۇئالىنى سوراپتۇ:"رببىڭنىڭ يۈزى قايسى تەرەپكە قاراقلىق؟؟؟"
بۇ بالا بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپتۇ، ئاندىن شام تېپىپ كىلىشكە بۇيرۇپتۇ.ئۇنىڭغا شام كەلتۈرلۈپتۇ، ئۇ شامنى ھېلىقى كىشىگە بىرىپ ئۇنى ياندۇرۇشنى بۇيرۇپتۇ.
بۇ ئادەم بالىنىڭ دىگىنىدەك قىلىپ سوراپتۇ:"سەن بۇنىڭ بىلەن نىمىنى ئىسپاتلىماقچى؟"
بالا سوراپتۇ:"شامنىڭ نۇرى قايسى تەرەپكە كىتىپ بارىدۇ؟"
بۇ ئادەم جاۋاپ بىرىپ دەپتۇ:"ھەممە تەرەپلەرگە".
بالا دەپتۇ:"سەن ئۆزۈڭنىڭ سۇئالىغا ئۆزۈڭ جاۋاپ بەردىڭ ،ئاللاھنىڭ نۇرى ھەممە تەرەپلەرگە بارىدۇ،ئۇ ھەممە يەردە بار".
جامائەت خۇشاللىقتىن چۈقان سېلىشىپ تەكبىر ئېيتىپتۇ......"ئاللاھ ئەكبەر".
بۇ ئادەم بالىنىڭ بىلىمىدىن ۋە روھىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپتۇ،ئاندىن  مۇسۇلمان بۇلۇپ بۇ كىچىك بالىنىڭ تالىپى بوپتۇ.
بۇ بالا زادى كىم؟


بۇ بولسا بىزنىڭ داڭلىق فىقھى ئالىملىرىمىز ۋە مەشھۇر ئۆلىمالىرىمىزنىڭ بىرى بولغان ئىمام ئەبۇ ھەنىفە(ئاللا ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن.)

‹روھىنى پاكلىغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يىتىدۇ ›___   سۈرە شەمسى 9_ئايەت

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 06:18:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

كۆكلەي دىسەڭ ئۇي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47111
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5789
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 2989 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2011-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 06:26:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت  
تورداشلارنىڭ بىردەمنىڭ ئىچىدە ماڭا لازىملىق ماتىرياللارنى يوللاپ بەرگىنىگە رەخمەت .
خۇدايىم قولۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن ،مىسرانىم تورى مەڭگۈ تەرەققى قىلسۇن

قىزلاردىن شەرمى ھايانىڭ ،ئوغۇللاردىن مەردانىلىقنىڭ يۇقۇلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر ....

يىگىتنىڭ سۆزى قە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17718
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11143
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 5037 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 10:05:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ئاللاھ ئەبۇ ھەنىفىگە رەھمەت ئاتا قىلسۇن . بەك كاتتا كشى ، فىقھى مەسىللەرگە توتقان پۇستىيەلىرىنى ئوقۇغانلىرىمدا بۇ كىشىگە تېخىمۇ ھۆرمىتىم ئاشىدۇ ..

يىگىت قەسەم ئىچمەيدۇ، يىگىتنىڭ سۆزى قەسەم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 16400
تۆھپە نۇمۇرى: 1618
توردا: 3652 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 11:22:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
موشۇنداق ماز تېمىلار بىلەن مەزھەپ دىگەنلەر تەڭ يوقالسۇن !باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇندىن كېيىن مەزھەپ دىگەنلەرگە ئائىت تېمىلارنى تەستىقلىماسلىقىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.قۇرۇپ كەتسۇن ئەشۇ مەزھەپ دىگەنلەر  ...شۇ تۈپەيلى  مۇسۇلمانلار ئارىسىدا جەڭگخى -جېدەل تۈگىمەستىن باشقىلارغا قۇل بولۇپ كېتىۋاتىدۇ ،يوقالسۇن مەزھەپ!يوقالسۇن شۇنى تەرغىپ قىلغۇچىلار!

دۇنيادا ئەۋلادلارنىڭ مۇھتاجلىققا قېلىشىدىن قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق،شۇ سەۋەبلىك پەرزەنتلەرنى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24278
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6156
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 972 سائەت
تىزىم: 2010-12-29
ئاخىرقى: 2011-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 12:16:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت  پادىشاھ كە 2011-07-09 11:22 PMئەۋەتىلدى  :
موشۇنداق ماز تېمىلار بىلەن مەزھەپ دىگەنلەر تەڭ يوقالسۇن !باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇندىن كېيىن مەزھەپ دىگەنلەرگە ئائىت تېمىلارنى تەستىقلىماسلىقىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.قۇرۇپ كەتسۇن ئەشۇ مەزھەپ دىگەنلەر  ...شۇ تۈپەيلى  مۇسۇلمانلار ئارىسىدا جەڭگخى -جېدەل تۈگىمەستىن باشقىلارغا قۇل بولۇپ كېتىۋاتىدۇ ،يوقالسۇن مەزھەپ!يوقالسۇن شۇنى تەرغىپ قىلغۇچىلار!  
سزنىڭچە بىلىم يەتكۇزگەن يىرى مازمىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 16400
تۆھپە نۇمۇرى: 1618
توردا: 3652 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 12:22:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچە ئۇ بىلىم بولماستىن بەلكى كىشىلەر ئارىسىغا زىدىيەت سالىدىغان ،ياشلارنى-ئۆسمۈرلەرنى يامان يولغا باشلايدىغان ئەپۈيۈن.چۈنكى مەزھەپ دىگەنلەر مۇسۇلمانلارغا پايدا ئېلىپ كەلگىنى يوق بەلكى ئۆچمەنلىك ئۇرۇقىنى چېچېپ مەزھەپ تالىشىپ بىر-بىرىنى كەمسىتىپ قىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ شۇ تۈپەيلى ئۇنداق نەرسىلەرنى تەرغىپ قىلمايلى مەنچە ئۇ بىد ئەتلىك .بىز ھەقىقىي مۇسۇلمان بولساق بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىپ مۇھەممەت ئەلەھىسالامغا ئىمان كەلتۈرگىنىمىز تۈزۈك پالانى مەزھەپ،پۇكۇنى مەزھەپ دەپ تەرغىپ قىلمايلى دەيمەن دوستۇم.

دۇنيادا ئەۋلادلارنىڭ مۇھتاجلىققا قېلىشىدىن قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق،شۇ سەۋەبلىك پەرزەنتلەرنى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش