مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: hasalharisi

بۇ كەشپىياتلار كىمنىڭ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەنسىزمۇ ئۆتىدى

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11309
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7258
تۆھپە نۇمۇرى: 648
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 01:49:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

سەمىمى بۇلۇش ئەڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14017
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8474
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 3355 سائەت
تىزىم: 2010-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 01:50:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلۋەتتە تۆت چوڭ كەشپىيات بىزنىڭ.پەقەت دەپتەرگە يېزىپ قويمىغانلا يىرىمىز بار.بۇنى تارىخچىلارمۇ ناھايتى جايىغا چۈشۈرۈپ دەپ بىرەلەيدۇ.

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 2209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14029
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7877 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 02:51:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامرىلىكىق جىق  ياۋروپالىقلارمۇ جىق ...  تۇركى مىللەتلەردىنمۇ جىق ... ھازىر  مۇسۇلماننىڭ گىپى ئۆتمەيدۇ . كىم يامان بوسا ھەممە شۇنىڭ .  بۇ ئۆتكۇنچى دۇنيا . ئاللا  كاللىسىغا شۇنى  سالمىغان بولسا  قانداق ياساپ چىقاتتى ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40217
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4472
تۆھپە نۇمۇرى: 696
توردا: 1793 سائەت
تىزىم: 2011-5-9
ئاخىرقى: 2013-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 02:54:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجدادلىرىمىز ياراتقان بەش چوڭ يېڭىلىق
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا ئۆزلىرىگە خاس مەدەنىيەتنى ياراتقان . ماكانلاشقان دىيارىغا ماسلىشىپ ھەم ئۇنى ئۈزلەشتۈرۈپ - ئۆزگەرتىپ ، ماددىي - مەنىۋىي جەەەتلەردىن ئەينى ماكان ، ئەينى زاماندا ئالەمشۇمۇل يېڭىلىقلارنى ياراتقان . يەنە شۇنداق يېڭىلىقلاردىن << بەش يېڭىلىق >>نى ئالاھىدە بايان قىلىشقا ئەرزىيدۇ .
1 - كارىز
<< كارىز >> سۆزى پارسچە سۆز ، مەنىسى << يەر تېگىدە سۇ ئاقتۇرۇلىدىغان ئېرىق >> دېگەنلىكتۇر . بۇ نامنىڭ قاچان قويۇلغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق . كارىز دېيىلگەن بۇ مۆجىزىلىك سۇ ئىنشائاتى ئۇيغۇر ئەجدادلىرى ياشىغان ماكانلاردىن << تۇرپان ئويمانلىقى >> ( جۈملىدىن تۇرپان ، توقسۇن ، پىچان ۋە قۇمۇللار )غا مەركەزلەشكەن ۋە كۇچانىڭ ئايرىم رايونلىرىدا ئۇچرايدۇ . ھەتتا كېسەك قۇيۇش ئۈچۈن يەرنى تۆت چاسا ئويۇپ ، سۇ يىغىدىغان ئورەكمۇ << كارىز >> دېيىلىدۇ . تىل ماسلاشقاق ۋە ئۆتۈشكەك ھەم يەڭگىللىكنى خالايدىغان ئالاقە قورالى ئىكەن . ئۇيغۇرلار << ئەت >> ، << ئەكمەك >> ، << ئگۈز >> دېگەندەك قەدىمكى سۆزلىرىنى تاشلىۋېتىپ ، ئورنىغا << گۆش >> ، << نان >> ، << دەريا >> دېگەندەك پارسچە سۆزلەرنى ئىشلەتمەكتە . بۇ ، بىر قانچە ئەسىرلىك ئەدەبىي تىل تەرەققىياتىدا كۆرۈلگەن ھادىسە . بىرەر نەرسىنىڭ مىللىي خاسلىقىنى ئۇنىڭغا قويۇلغان نام بىلەن كەسكىن ئېنىقلىغىلى بولمايدۇ .
جۇڭگونىڭ سۇ ئىنشائاتلىرى تارىخىدا ، كىشىلەر كارىز بىلەن چاڭچېڭ ( سەددىچىن سېپىلى ) ۋە يۈنخې ( قانال )نى قەدىمكى دەۋردىكى ئۈچ چوڭ ئىنشائاتىمىز دەپ تەرىپلەيدۇ . مۇئەللىپلەردىن ئەن زوجاڭ << ئىككى خەن بىلەن غەربىي دىيارنىڭ مۇناسىۋەت تارىخى >> دېگەن كىتابىدا : << گىئولوگ خۇاڭ جىچىڭنىڭ ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا ، پەقەت تۇرپان تەرەپتىكى كارىزلارنىڭ ھەممە يېپىق ئېرىقلىرىنى تۇتاشتۇرۇدىغان بولسا 2500 كىلومېتر كېلىدىكەن . ئۇنىڭ پىكرىچە ، بۇنداق زور ئىنشائاتنى سەددىچىن سېپىلى ۋە چوڭ قانال بىلەن بىرلىكتە ئۈچ چوڭ ئىنشائات دەپ ئاتاشقا بولىدۇ >>غانلىقىنى قەيت قىلىدۇ . مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، شەرقىي شىنجاڭدا _ تۇرپان ئويمانلىقىدا جەمئىي 1160 كارىز بار ئىكەن .
تارىخىي يازما مەنبەلەردىمۇ بازى ئىشارەتلەر بار . سۇڭ خانلىقىنىڭ ئەلچىسى ۋاڭ يەندېنىڭ خاتىرىنامىسىدە : << سۇلىرىنىڭ مەنبەسى ئالتۇن ئارت ( تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي تارماقلىرىدىن بىرسى )دىن باشلىنىدىكەن . ئېرىقلار شەھەر ئەتراپىنى چۆرگىلەپ ئۆتۈپ ، ئېتىز ، باغ - ۋارانلىرىنى سۇغۇرۇدىكەن . سۇدىن تۈگمەن چۆرگىلىتىدىكەن >> دەپ يېزىلغان . تۇرپان ئويمانلىقىدىكى كارىزلار تەڭرىتاغ ئېتىكىدىن كولىنىپ ، تولىسى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئاقتۇرۇلغان .
تۇرپاننىڭ قاتتىق ئىسسىق بولىدىغان قۇرغاق كېلىماتىدا سۇنىڭ ئوچۇقچىلىقتا پارغا ئايلىنىشى تېز بولغاچقا ، ئەنە شۇنداق كارىز دېگەن يېپىق ئېرىق كەشپ قىلىنغان . چارۋا مال ئۈچۈن ئوتلاق كەم بولغاچقا ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتەكلىرىدە يايلىتىلغان . ھەتتا ئىدىقۇت خانلىرى جانبالىق ( جىمسار )نى يازلىق پايتەخت قىلغان . دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرى ( مەسىلەن ، شىئەن ۋە شەرقىي ئىران )دا كارىز چېپىلغان بولسىمۇ لېكىن تۇرپان ئويمانلىقىدىكىدەك تەرەققىي قىلمىغان ۋە بۈگۈنگىچە ساقلانمىغان .

2 - پاختا
ئەجدادلىرىمىز تۇرپان ئويمانلىقى ۋە تارىم بويلىرىدا بۇغداي ، ئارپا ، تېرىق ، شال قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەرنى ، چامغۇر ، تۇرۇپ ۋە شۇنىڭدەك كۆكتاتلارنى ، ئۆرۈك ، شاپتۇل ، ئالما - ئانار ، ئۈزۈم - ئۈجمە ، قوغۇن - تاۋۇز ۋە باشقا مېۋە - چېۋىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ - تىكىپ ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە پاختا ، چېگە - لەندىر قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ تىككەن . پاختىنى مىسال قىلساق ، ئادەتتە كىشىلەر پاختىنى غەربتىن ۋە ھىندىستاندىن كىرگەن دەپ بىر تەرەپلىمە پىكىر بايان قىلىشىۋاتىدۇ . ئېھتىمال پاختىنىڭ يېڭى سورتلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇشى مۇمكىن . بىراق تەڭرىتاغ ئورمانلىقىدا ياۋا كېۋەز ئۆسۈدىغانلىقى خېلى بۇرۇنلا مەلۇم بولغان .
جۇڭگودا پاختا توغرىسىدا ئەڭ بالدۇرقى مەلۇمات << لياڭنامە >>دە قەيت قىلىنغان . لياڭ _ شىمالىي - جەنۇبىي خانلىقلاردىن بىرى ، 502 _ 557 - يىللىرى يەنى 55 يىل ھۆكۈم سۈرگەن بۆلۈنمە خانلىق . << لياڭنامە >> ( تاڭ دەۋرىدە ، ياۋ سىليەن تۈزگەن )نىڭ << غەربىي شىمالىي رۇڭلار تەزكىرىسى >>دە مۇنداق يېزىلغان : << گاۋچاڭ ( قۇچۇ ) مەملىكىتىدە . . . دەل - دەرەخ ، ئوت - چۆپ تولا . مېۋىسى پىلە غوزىسىدەك ئۆسۈملۈك بار ، غوزىسىدىن يىپەككە ئوخشاش ئىنچىكە تالا چىقىدۇ ، بۇنى بەختەس دەيدۇ ؛ بۇ لدىكىلەر ئۇنىڭدىن رەخت توقۇيدۇ ، رەختى ئاپپاق ، بازاردا سېتىلىدۇ >> . مۇشۇ مەزمۇندىكى بايان << كونا تاڭنامە >> ، << يېڭى تاڭنامە >> ۋە << خەيلۇ زاشى >> ، << گۇاڭيۈجى >> دېگەن كىتابلاردىمۇ تەكرارلانغان . دېمەك ، پاختىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەرگە مەلۇم بولغان ۋە كىرگەن ۋاقتى 6 - ئەسىرگە توغرا كېلىدۇ .
ئەمما ، پاختا مىلادىدىن ئىلگىرىكى چاغلاردا ، قۇچۇ - ئۇدۇن قاتارلىق يەرلەردە ئالىقاچان ئۆزلەشتۈرۈلۈپ ، ئۇنىڭدىن تۈرلۈك رەختلەر توقۇلغان ۋە تۇرمۇشتا كەڭ ئىستېمال قىلىنغان . چۈنكى نىيە مەدەنىيەت ئىزىدىن ( ئارخېلوگىيىلىك ئاخىرقى ۋاقىت چېكى شەرقىي خەن دەۋرى ، يەنى مىلادى 25 _ 220 - يىللىرى ) ئەر - خوتۇن بىللە كۆمۈلگەن قەبرىدىن نۇرغۇن يىپەك ، يۇڭ - توقۇلمىلار بىلەن بىللە ئىككى پارچە كەمزەك ( كۆك باسما بۆز ) تېپىلغان . قۇچۇ - تۇرپان رايونىدىن ( جىن دەۋرىدىن شىمالىي خانلىقلار دەۋرىگىچە ، يەنى 3 _ 6 - ئەسىرلەرگىچە تەئەللۇق ) پاختا توقۇلمىلار چىققان . ئۇيغۇر تىلىدا ، ئېتىزدىكى پاختا ئۆسۈملۈكىنى << كېۋەز >> ، ئۇنىڭدىن چىققان مەھسۇلاتنى << پاختا >> دەيدۇ ، پاختىدىن توقۇلغان ئاق رەختنى << بۆز >> دەيدۇ ( بۆزنىڭ سىپتە توقۇلغىنىنى << تولىما >> ، قېلىن توقۇلغىنىنى << چەكمەن >> ، بۆزگە تۈرلۈك بوياقتا گۈل بېسىلغانلىرىنى << كەمزەك >> ، << سەرگەز >> ، << شاھ تاۋار >> دەيدۇ ) . مەھمۇد قەشقەرى << تۈركىي تىللار دىۋانى >>دا كەلتۈرگەن مىساللاردىن : << كەپەزلىك _ كېپەز تېرىلىدىغان يەر ؛ كەپەزلىك ئەر _ كېپىزى بار ئادەم >> . ئۇيغۇر تىلىدا يۇمشاقلىقنى پاختا ياكى پىلە بىلەن سۈپەتلەيدۇ . فەتﻬەلى خاننىڭ << كىتابى لۇغەتىت _ تەراكىيە >> دېگەن كىتابىدا ( 1690 - يىلى يېزىلغان ) << پختە _ پاختا، مامۇق يەنى چىگىتى تازىلانغان پاختا >> دەپ ، شۇنىڭدەك << لۇغەت چەغتايى >>دە << پختە >>غا << پامۇق يەنى مامۇق >> دەپ ئىزاھ بەرگەن . ھىندۇ تىلىدا ( سانسىكرىت تىلىدىن كەلگەن ) پاختىنى << Karas - كەرپاس >> دەيدۇ ؛ ئەرەب تىلىدا << قۇتن >> دەيدۇ ( چىگىتلىك پاختىنى << قۇتن خام >> دەيدۇ ) ؛ پارسچىدا << كرباس >> _ كەرباس دەيدۇ . ئەرەبچىدىكى << قۇتن >> ياغاچ پاختىنى بىلدۈرۈدىغان Kudunغا يېقىن كېلىدۇ . ئۇيغۇر تىلىدا كەندىر - چىگىدىن توقۇلغان رەختنى ۋە خام ئەشياسىنى << كاتان >> دەيدۇ .

3 - يىپەك
جۇڭگو دۇنيادا پىلىچىلىكنى ئەڭ ئەۋۋال ئىختىرا قىلغان مەملىكەت . شۇڭا ، غەربلىكلەر جۇڭگونى قەدىمكى زاماندا << يىپەك مەملىكىتى >> دەپ ئاتىغان . مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4 - ئەسىردە ئۆتكەن گرېك تارىخچىلىرى ئونېسكرىدوس ، نېئاركوس ، كىتىفوس ، شۇنىڭدەك ھىندىستاننىڭ گاندىراگوپتا پادىشاسى زامانىدا ياشىغان چادريە ئەسەرلىرىدە جۇڭگودىن يىپەك چىقىدىغانلىقى ۋە يىپەك ماللار كەلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرگەن .
پىلە _ يىپەك ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ، سىچۈەن ۋە غەربىي دىيار ( ھازىرقى شىنجاڭ ) رايونلىرىدا بالدۇرراق راۋاجلانغان . يىپەك ۋە يىپەك ماللار ئاۋۋال شىنجاڭ ئارقىلىق غەربىي ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىغا تارقالغان . پەقەت شىنجاڭ رايونىدىن ئارخېلوگىيىلىك قىدىرىشلاردا توقسۇن ئالغۇيدىن چىققان تۈس گۈللۈك كەشتىلەنگەن تاۋار ( توقۇلغان ۋاقتى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 8 _ 5 - ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ ) ، ئۈرۈمچى نەنسەن رايونىدىكى تىك ياغاچ لەھەتلىك قەبرىلەردىن چىققان تۈرلۈك ساپال ، مىس قاچىلار بىلەن بىللە يىپەك مال ( ۋاقتى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5 _ 3 - ئەسىرلەر يەنى ئۇرۇشقاق پادىشاھلىقلار دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ ) ، كىرورەن ، ئۇدۇن ، قۇچۇ ، ئاگنى ، كۇچا ، باي ، بارچۇقلاردىن تېپىلغان يىپەك ماللار ، بولۇپمۇ نىيە مەدەنىيەت ئىزىدىن تېپىلغان تاۋارلار تارىم - تۇرپان ئويمانلىقلىرىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ پىلىچىلىك ۋە يىپەك توقۇمىچىلىق تېخنىكىسىنىڭ خېلى يۇقىرى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . ئەجدادلىرىمىز پىلە قۇرتى بېقىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۈجمىنى ئاللىقاچان ئۆزلەشتۈرگەن ، ھەتتا سۈنئىي يول بىلەن ، مەخسۇس پىلە قۇرۇتى ئۈچۈنلا مەخسۇس ئۈجمە چاتقاللىرىنى ئۆستۈرگەنلىكى مەلۇم . شۇنداقلا ئۈجمىنىڭ خىلمۇخىل سورتلىرىنى يېتىشتۈرگەن .
بۇ دىياردىكى قەۋملەر يۇڭ توقۇمىچىلىقتا ھۈنەر - سەنئىتى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بىلەن بىللە ، يۇقىرى سەۋىيىگە يۈكسەلگەن . يىپەك توقۇمىچىلىققا يۇڭ توقۇمىچىلىقتىكى ھۈنەرنى تەدبىق قىلىپ ، يىپەك رەختلەرنى رەڭدار ، ئۆزگىچە گۈللۈك ۋە ناھايىتى سىپتە توقۇش بىلەن ئىچكىي - تاشقىي بازارلاردا خېرىدارلىق بولغان . بۇنىڭدىن باشقا پاختا بىلەن يىپەكنى ئارىلاشتۇرۇپ توقۇش تېخنىكىسى بىلەن زىلچا - گىلەم توقۇغان . غەرب سودىگەرلىرى تارىم بويىدىكى ئەللەر ئارقىلىق ، بارا - بارا سىچۈەن ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن سودا ئالاقىسى قىلغان . غەربلىكلەر ئاۋۋال سۇغراق ( قەشقەر )نى << سىرىس >> ( شايى ئېلى ) دەپ ئاتىغان ، << سېرى & سېريا >> قەشقەرنىڭ ئەڭ بالدۇرقى نامىغا يېقىن كېلىدۇ . كېيىن جۇڭگونىڭ ئىچكىي رايونلىرىنى << سېرىس >> دەپ ئاتايدىغان بولغان .ئىران - خوراسانلىقلارنىڭ خوتەننى << چىن ماچىن >> دەپ ئاتىسىمۇ ، ئۇلار ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن خوتەن ئارقىلىق ئالاقە قىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ پەرەز قىلىش مۇمكىن . خوتەننىڭ يىپەك ماللىرى غەربىي ئەللەرگە سېتىلغاندىن تاشقىرى ، ئىچكى ئۆلكىلەرگىمۇ توشۇلغان . مەسىلەن ، بەن چاۋ ئاكىسى بەن گوغا ئاق شايى سوغا قىلىپ ئەۋەتكەندە ، بەن گو مۇنداق جاۋاب خەت يازغان : << ئەۋەتكەن 300 توپ ئاق شايى ، بازارلىق كۇشان ئېتى ، خۇشبۇي دەرمەك ، چەم قوياقنى تاپشۇرۇپ ئالدىم >> .
دېمەك ، ئارخېلوگىيىلىك تېپىندىلەر ۋە تارىخىي ۋەسىقىلەرگە ئاساسەن ، تارىم - تۇرپان ئويمانلىقىدىكى پىلە - يىپەكچىلىكنىڭ تارىخى ئىككى يېرىم مىڭ يىلدىن كەم ئەمەس ، دېسەك مۇبالىغە بولماس .

4 - قەغەز
قەغەز جۇڭگونىڭ تۆت چوڭ كەشپىياتىدىن بىرى . تارىخىي يازما مەنبەلەردە يېزىلىشىچە ، مىلادى 105 - يىلى سەي لۇن ئۆتكەنكى ئادەملەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ ، قوۋزاق ، كەندىر تالاسى ، ئەسكى - تۈسكى لاتا ، كونا بېلىق تورى دېگەندەك نەرسىلەرنى خام ئەشيا قىلىپ ، ناياپ ( قەغەز سۇيۇقلۇقى ) تەييارلاپ ، بۇنىڭدىن قەغەز ئىشلىگەن . ئەمما خەلق ئارىسىدا قەغەز ياشاش تېخنىكىسى سەي لۇندىن ئىلگىرى كەشىپ قىلىنغانلىقى ئېنىق . قەغەزچىلىك ھۈنىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن تارقالغان دېگەن پىكىرگە ئاساسەن ، بۇ ھۈنەر ئالدى بىلەن تۇرپان ئويمانلىقىغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن . چۈنكى شەرقىي خەن دەۋرى ( مىلادى 25 _ 220 - يىللار )دىن ئىلگىرى تۇرپان - تارىم ئويمانلىقلىرىدا قەۋملەر قەغەزچىلىك ھۈنىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ بولغان . 1901 - يىلى ئاۋرىل ستېيىن لوپنۇردىن قەغەز پارچىلىرىنى تاپقان ( ئارخېلوگىيىلىك ئاخىرقى ۋاقىت چېكى ۋېي - جىن دەۋرلىرى يەنى مىلادى 220 _ 420 - يىللار ) . 1910 - يىلى ۋىنادىكى بوتانىك - فىزولوگ ۋېسنېرنىڭ خىمىيىۋى ئانالىز قىلىشىچە ، بۇ قەغەزلەر لاتا قېتىلغان ئۈجمە قوۋزىقىدىن ئىشلەنگەنلىكى مەلۇم . يەنە شۇ دەۋرگە تەئەللۇق دەپ ھېسابلانغان تېپىندىلەردىن تۇرپان رايونىدىكى قەبرىلەردىن قەغەز كەش ۋە قەغەز ئادەم چىققان . شاڭخەي شەھەرلىك قەغەز تەتقىقات ئورنىنىڭ خىمىيىۋى ئانالىز قىلىشىچە ، بۇ قەغەزلەرنىڭ بىر قىسمى پاختىدىن ئىشلەنگەن ؛ كۆپ قىسمى كەندىردىن ئىشلەنگەن ۋە كەندىر تىپىدىكى تالالاردىن ھەم براك توقۇلمىلاردىن پايدىلانغان . تالالىق خام ئەشيانى تاللاش ۋە ئىشلەش جەھەتتە غەربىي خەن دەۋرى ( مىلادىدىن ئىلگىرىكى 206 _ 25 - يىللار )دىكىدىن خېلىلا يۈكسەلگەن : ماي ماددىسىدىن ئېرىغداش ئۇسۇلى ئىسلاھ قىلىنغان ؛ ناياپنىڭ سۈپىتىمۇ روشەن دەرىجىدە ياخشىلانغان ؛ تالالىرىنىڭ تەكشى - سىپتىلىكىمۇ يۇقىرى بولغان ؛ ئۆسۈملۈك يىلىمى قوشۇلغان ياخشى سۈپەتلىك پەردە گۈللۈك قەغەز ۋە ئەتىقە قەغەز دېيىلىدىغان ئاقارتىلغان ( سۈت ) قەغەز دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن ئىشلەنگەن ئېسىل قەغەزلەر ھېسابلىنىدۇ . بۇلاردىن باشقا ، شىنجاڭ رايونىدىن تېپىلغان قەغەزلەر ئىچىدە كراخمال ۋە ھايۋان سۆڭىكىنىڭ يىلىمى قوشۇلغان رەڭلىك رەسىم قەغىزىمۇ بار . بۇنداق قەغەز دىنىي ئەقىدە مۇناسىۋىتى بىلەن ياكى كۈيىدىن ساقلاش ئۈچۈن سېرىق بويالغان .
دېمەك ، تۇرپان - تارىم ئويمانلىقىدىكى قەۋملەر مىلادىدىن ئىلگىرىلا قەغەزچىلىك ھۈنىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ، قەغەزنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرگەن ھەم يېڭى سورتلىرىنى ياراتقان . قەغەزچىلىك ھۈنىرى بۇ يەر ئارقىلىق خوراسان - ئىرانغا تارقالغان بولۇشى مۇمكىن .

5 - مىخ مەتبەئە
مەتبەئە _ جۇڭگونىڭ تۆت چوڭ كەشپىياتىدىن بىرى . مەتبەئە كەشىپ قىلىنغىنىغا 2000 يىلدىن ئاشتى . ئەمما ئىلگىرىكى مەتبەئەلەر ئويما مەتبەئە ئىدى . تولىسى كاتىپ ۋە ئويمىكارلارنىڭ قولىدىن چىقاتتى . شىرىفتلىك ( دانە - دانە ھەرپلىك ) مەتبەئەنى ئادەتتە سۇڭ سۇلالىسىدىن رىنزۇڭ خاننىڭ چىڭلى يىللىرى ( مىلادى 1041 _ 1048 - يىللىرى )دا بى شېڭ كەشىپ قىلغان دېگەن پىكىر ئومۇملىشىپ كەتكەن . بى شېڭ يىلىم بىلەن يۇغۇرۇلغان لايغا خەت ئۇيۇپ ، ھتتا كۆيدۈرۈپ چىڭىتقان ، ئاندىن ئۇ خەتلەرنى تېرىپ بەت ياسىغان . ئەمما ، دۈنخۇاڭدىكى موگاۋ گارلىرىدىن خەت - شىرىفتلىرى تېرىلىپ بېسىلغان بۇددا نومى _ << لانكا ئاۋاتارا - سۇترا >> تېپىلغان بولسىمۇ ، بۇ قىممەتلىك يادىكارلىق ياۋروپاغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن ، يورۇقلۇققا چىقماي قالغان . ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە ، بۇ نوم تاڭ سۇلالىسىدىن تەيزۇڭ خاننىڭ جىڭگۇەن يىللىرى ( مىلادى ( 627 _ 650 - يىللىرى )دا بېسىلغان دەپ تەتقىقلەنگەن . مۇنداق بولغاندا شىرىفتلىق مەتبەئەنىڭ كەشىپ قىلىنغان ۋاقتى 500 يىل ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ . ياۋروپادا ، گېرمانىيىلىك يوﻫان گېنسفلىش زۇم گۇتېنبېرگ 1450 - يىلى مېتال شىرىفتلەر بىلەن بەت ياساش ھۈنىرىنى ئىختىرا قىلغانىدى . جۇڭگودا بى شېڭنىڭ كەشىپ قىلغان ۋاقتى گۇتېنبېرگدىن 400 يىل ئىلگىرى دەپ ھېسابلانغان بولسا ، تاڭ دەۋرىدە بېسىلغان نومنىڭ شىرىفتلىق مەتبەئە نۇسخىسىنىڭ ۋاقتى بويىچە 900 يىل ئىلگىرى كەشىپ قىلىنغان بولىدۇ .
تۇرپاندىن تېپىلغان شىرىفتلەر ئېلىپبە ھەربلىرى بويىچە ئىشلەنگەن . بۇنىڭ ۋاقتىمۇ 11 - ئەسىردىن ئىلگىرىكى دەۋرگە تەئەللۇق . ئۇيغۇر مەتبەئە تېخنىكىلىرى قەدىمكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ئاساسىدا ھەربلەرنى ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئەڭ كۆپ ئىشلىنىدىغان بوغۇملارنى تۈرلۈك نۇسخىلاردا شىرىفت قىلىپ ئىشلىگەن ؛ بۇ شىرىفتلەر بىلەن تېرىپ بەت ياساپ كىتاب باسقان . ئەجدادلىرىمىز مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسىنى بىر بالداق كۆتۈرۈپ ، ئېلىپبەلىك يېزىق ئىشلەتكۈچى خەلقلەر ئىچىدە شىرىفتلىك مەتبەئەچىلىك ھۈنىرىنى ئەڭ بالدۇر ئىختىرا قىلغان .

ئالاھىدە ئىزاھات : مەزكۇر يازما ئىمىن تۇرسۇن ئاكىمىزنىڭ << قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخىدىن قىسقىچە بايان >> ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىنغان

دۇنيا ناھايتى ئاددى، مۇرەككەپ بۇلغنى ئادەم...

پەقەت ئاللاھ قا ئىگىلىمەن.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22893
يازما سانى: 1032
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15560
تۆھپە نۇمۇرى: 312
توردا: 7223 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 03:19:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست كارىز بار،قايسى بىر ئالىم ئۇيغۇرلارنىڭ كارىزى مىسىرلىقلارنىڭ پىراممىداسىدىنمۇ قالتىس دىگەنىكەن.....
كارىز ھازىر بىيجىڭ خاڭجۇ قانىلى بىلەن قوشۇلۇپ جوڭگۇدىكى ئۇچ چوڭ قەدىمى قۇرلۇشنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ.كارىزنىڭ تۇرپاندىكى ئەڭ قەدىمكىلىرىنىڭ 2000نەچچە يۇزلۇك تارىخقا ئىگە....كارىزنىڭ قۇرۇلمىسى قارىماققا ناھايىتى ئاددى كۆرىنىدۇ،يۇقىرىدىن تۆۋەنگە مەلۇم يانتۇلۇق بويىچە نەچچە يۇز قۇدۇق چىپىلىدۇ،قۇدۇقلار تەشمە ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلۇپ،يەرشەكلى ئەڭ پەس يەرىگە كەلگەندە ئېرىق ئارقىلىق يەر ئۇستىگە چىقىرىلىدۇ،ئۇ سۇلار سۇغىرىشقا باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ،سۇيى ئۇلۇغ كارىزلار 400،500مو يەرنى كىچىكلىرىمۇ40،50مو يەرنى سۇغىرالايدۇ....كارىزنىڭ ئۇزۇنلىرى20_30كىلومىتىر قىسقىلىرى بىرنەچچە كىلومىتىر كىلىدۇ.ھەربىر قۇدۇقنىڭ ئارلىقى 20،30مېتىر ئەتراپىدائادەتتە ئۇچ كىلومىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كارىزدا 120گە يىقىن قۇدۇق بولىدۇ....قۇدۇقلارنىڭ چوڭقۇرلىرى100مىتىرغا قىسقىلىرىمۇ5،6مىتىرغا يىتىدۇ...
ئەينى ۋاقىتتىكى تەرەقىيات مەدەنىيەت سەۋيىسىدىن ئىلىپ ئىيتقاندىمۇ بۇ چوڭ مۆجىزە......

غۇپۇر نۇرىدىن تولمبۆك نىڭ شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى سۇ قۇرلۇشى_كارىز ناملىق ئەسىرىدىن بىزنىڭ دەرىسلىك كىتابىمىزدا بار ئىكەنتۇق پايدىلىنىش قىممىتى بارمىدۇ دەپ يوللاپ قويدۇم.....

تۈلكىنىڭ قولىغا چۈشكەندىن،يولۋاسنىڭ قولىغا چۈشكەن ئەلا.
خۇدانى ھەقىقى بىلگەن كىشى ھەرقانداق ۋاقىتتا،خەق كۆرمىدى دەپ ئۆزنەپسىگە چوغ تارتالمايدۇ.
شۇنداق بىر كۇنلەر كىلىدۇ.(مىللىتىم)ھەمىمىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان، ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ خالاس!

مەن ،  بۇرۇنقى م

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31368
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4191
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2012-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 03:27:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولدىلا يازماي .........!

تىرىشقان ئۇزار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46257
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3679
تۆھپە نۇمۇرى: 188
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2011-6-30
ئاخىرقى: 2014-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 03:38:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2-3يىللار ئىلگىرى ناھىيەلىك بىر قىرىندىشىمىز ھاۋادىن پايدىلنىپ ئوت ئالدىغان ماتورنى كەشىپ قىپتىكەن توردا  كۆرگەن ئىدىم يوق بولۇپ كەتتى بىلدىغانلار بولسا خەۋەرىنى بەرسەڭلا

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 2206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22081
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 10084 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 05:43:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چامغۇرنىمۇ ئۇيغۇرلار يېتىشتۇردىمىكىن دەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41062
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3370
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2011-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 06:25:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا بۇ كەشپىياتلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋى كەشپىياتلىرى

ئۇيغۇرلار نەچچە ئەسىرلەردىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ياشاپ كېلىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا،موڭغۇلىيە يايلاقلىرى ۋە شىنجاڭ رايونىدا شانلىق ھايات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ،ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپىلەرنى قالدۇردى.بۇ تۆھپىلەر ھازىرمۇ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە مەنبەلىك ئورنى بىلەن راۋاجلىنىپ مۇكەممەللەشمەكتە.ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ئالەمگە مەشھۇر ئەجداد ئالىملىرىمىز كۆز يۇمۇپ بولمايدىغان ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋى ئورنىنى تونۇتقان بولسا،تەبىئىي پەن ساھەسىدىمۇ نامسىز ئالىملار تەرىپىدىن يارىتىلغان كەشپىياتلار دۇنيانىڭ ئۇيغۇرنى تونۇشىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈردى.بۇنىڭدا گەۋدىلىك بولغانلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.
       1. مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى
ئىنسانىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىكى ئىپتىدائىي تۇرمۇش ئۇسۇلىدا ئاغزاكى مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولغان بولسا ، شۇخىل ئاغزاكى نەرسىلەرنى يازما ھالەتكە كەلتۈرۈپ ئىپادىلەشنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىق ھادىسە بولۇپ قالدى.بۇ ھادىسە دەل مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ئىدى.ئۇنداقتا بۇ يەردە بۇ كەشپىياتنى دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن قايسى مىللەت ياراتقان،دىگەن مەسىلە كىلىپ چىقىدۇ.بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئارخىئولوگى قۇربان ۋەلى مۇنداق يازىدۇ:«دۇنيادا مەتبەئەنىڭ باشلىنىشى توغرىسىدا سۆزلىگەندە،سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بى شىڭ دىگەن كىشىنىڭ 1041-1048-يىللىرى تىزما خەت(مىخ مەتبەئەنىڭ باشلىنىشى)تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.شۇنداقلا ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياغاچقا ئويۇپ قەغەزگە بىسىلغان(خوتۇن قىزلار رىسالىسى)دىگەن كىتابمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ.ئويما مەتبەئە ئوتتۇرا جۇڭگۇ رايۇنىدا مىلادى 7-ئەسىردە قوللىنىلغان بولسا ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى مىلادى 5-ئەسىردە تۇرپاندا ئويما ۋە تامغا مەتبەئەدە بىسىلغان بۇددىزىم رەسىملىرىمۇ بار ئىدى»(«بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز» ئۇيغۇرچە نەشىرى،201،202-بەتلەر)بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى،دۇنيادا مەتبەئە تېخنىكىسى ئەسلىدىكى 7-ئەسىردىن ئىككى ئەسىر ئىلگىرىكى مەزگىلدە،يەنى 5-ئەسىردە تۇرپاندا قەدىمكى ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان.ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە پەقەت ئويما مەتبەئە بار ،دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا،تۇرپاندا ئويما مەتبەئەنىڭلا ئەمەس يەنە تامغا مەتبەئەنىڭمۇ بولغانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.بىز يەنە مەتبەئە تېخنىكىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كەشىپ قىلغانلىق توغرىلىق تۆۋەندىكىلەرگە قاراپ باقايلى:ئابلىز مۇھەممەت سايرامى «ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنخۇاڭدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى»دىگەن ماقالىسىدا «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1990-يىللىق12-ئاۋغۇست سانىدىكى مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق يازىدۇ:«1990-يىلى دۇنخۇاڭدا چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا،دۇنخۇاڭ مۇزىيى تاپقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئالتە دانە ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرىپى دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرىپى.ئۇ،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيتىگەقوشقان زور تارىخىي تۆھپىسى» («شىنجاڭ كۈتۈپخانىچىلىقى »1993-يىللىق 3-،4-سان،43-بەت). بۇخىل ئارخىئولوگىيىلىك ئىسپاتلار يۇقارقى قاراشلىرىمىزنى تېخىمۇ تىپىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ،دۇنيادا تۇنجى بولۇپ مەتبەئە تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغۇچىلار ئۇيغۇرلار،دىگەن كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان خۇلاسىنى چىقىرىشىمىزغا ياردەم بىرىدۇ.

       2. زەمبىرەكنىڭ كەشىپ قىلىنىشى
بىز ئەمدى زەمبىرەكنى ئۇيغۇرلار ياساپ چىققان دىگەن مەسىلە ئۈستىدە تۆۋەندىكىلەرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
ئارخىئولوگ قۇربان ۋەلى «تارىختىكى ئۇيغۇر زەمبىرىكى»دىگەن ماقالىسىدا مۇنداق يازىدۇ:«ئەينى زاماندا يىڭىدىن كەشىپ قىلىنغان ھەربىي ياراقنىڭ نامى>ئۇيغۇر زەمبىرىكى<ئىدى.ئۇيغۇر زەمبىرىكى بىر يىڭى كەشپىيات ۋە ئەڭ قۇدرەتلىك قورال بولۇپ قالغان.جۇڭگۇ تارىخىي مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان دۇنيا بويىچە دەۋرى ئەڭ ئۇزۇن بولغان زەمبىرەكمۇ ئەنە شۇ ئۇيغۇر زەمبىرىكىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغانىدى.>ئۇيغۇر زەمبىرىكى< دىگەن بۇ نام مىلادى 1182-يىلى بارلىققا كەلگەن».
دىمەك،يۇقارقى مەلۇماتلاردىن بىز شۇنداق خۇلاسىگە كىلىمىزكى-دۇنيا ئۇرۇشلىرىنىڭ تېخىمۇ زامانىۋى تۈستە ئىلىپ بىرىلىشى ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى ئاتۇم دۇنياسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئۇيغۇرلار كەشىپ قىلغان پارتلاتقۇچ زەمبىرەك مۇئەييەن رول ئوينىغان.شۇڭا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ زەمبىرەك ياسىغان دەۋرىنى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ يادرولىشىش باسقۇچىنىڭ بىر ئۈندۈرمىسى دەپ قارىيالايمىز.

         3. راك كېسىلىگە شىپالىق رېتسىپنىڭ ياسىلىشى
ئۇيغۇرلارنىڭ تېببىي ساھەدىكى تۆھپىسىمۇ زور بولۇپ،قايتا ئىزدىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.بۇنىڭدا ئەڭ تىپىك بولغىنى راك كېسىلىگە شىپالىق دورىنىڭ كەشىپ قىلىنىپ،رەسمىي داۋالاشنىڭ رېتسېپىغا ئايلانغانلىقىدۇر.بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ئىسپات بار:«قاغىلىق ناھىيىلىك مىللىي تېبابەت شىپاخانىسىدا ئىشلىگەن داڭلىق تېۋىپ مەمتىلى ئاخۇن خەلپىتىمنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە،ئۇيغۇر ئالىمى،ئاستىرونۇم ھۈسەيىنخان تەجەللى (1848-1927)نىڭ بىردىنبىر تېبابەتچىلىك رېتسېپلىرى توپلىمى <مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى>دا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.ئۇنىڭدىن <سەراتان>نى داۋالاش،يەرلىك ئۇسۇل بىلەن ئادەم بىھوش قىلىش، ۋە ھوشسىزلاندۇرۇش دورىلىرىنى ياساشقا ئائىت رېتسىپلارمۇ بار ئىكەن. مەرھۇم خەلپىتىم ئەينى ۋاقىتتا <سەراتان>دەپ ئاتالغان كېسەلنىڭ ھازىرقى راك ئىكەنلىكىنى ئۇقماي قالغانلىقى سەۋەبلىك ،ئالىمنىڭ بۇ ھەقتىكى رېتسېپىغا دىققەتسىزلىك قىلغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى».(«مىللەتلەر ئىتتىپاقى»)ژۇرنىلى 1994-يىللىق 1-سان،22-بەت)
دېمەك دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق كىسەل-راك كېسىلىنىڭ شىپالىق رېتسېپى ئۇيغۇر تېببىي ئالىمى ھۈسەيىنخان تەجەللى تەرىپىدىن ياسالغان بولسىمۇ،ئاپەتلىك يىللاردا كۆيدۈرۋىتىلىپ،پۈتۈن ئىنسانىيەت كۆڭۈل بۆلگەن راك كېسىلىنىڭ يەر شارى يۈزىدىن يوقىلىشىغا زور توسقۇنلۇق بولغان.گەرچە مەزكۇر رېتسېپ تېببىي ساھەدە ئىشلىتىلىش ئورنىدىن قالغان بولسىمۇ ،لېكىن ئۇنىڭ مەلۇم مەزگىل (1927-يىلىدىن بۇرۇن )كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلىۋېلىش ئانچە تەس ئەمەس.بۇ يەردە ھازىر مۇنۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ؛تەجەللى ئۆز ئەسەرلىرىنى دېگۈدەك ئەرەپ-پارس تىللىرىدا يازغاچقا،بۇ ئەسەرلەر خەلققە تارقىلىش داۋامىدا ھازىرمۇ ئەرەپ-پارس تىللىرىنى بىلمەسلىك سەۋەبلىك ئاشۇ رېتسىپمۇ خەلق قولىدا ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ياكى 1958-يىلى بېيجىڭدىن كەلگەن ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنىڭ ئالىمنىڭ ئاسترونومىيىگە ئائىت بىر پارچە ئەسىرىنى ئېلىپ كەتكەن قاتاردا ئېھتىمال مۇشۇ رېتسېپقا ئائىت مەلۇماتلارنىڭمۇ بولۇشى ئالاھىدە نەزىرىمىزگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8579
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8506
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1018 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 07:49:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمادىن ئىنكاسلار ھوسۇللۇق بولدىمۇ نىمە. ھەممەيلەنگە رەھمەت.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش