مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2288|ئىنكاس: 10

قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ زىبۇ-زىننەت تاقاش ئا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 08:26:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى زىبۇ زىننەتلىرى دۇنياغا داڭلىق . ئۇيغۇر ئاياللىرى تەبىئەتتىكى ھەر خىل ئالتۇن، كۈمۈش، قاشتېشى ۋە ياقۇتقا ئوخشاش قىممەتلىك مېتال ۋە تاشلاردىن زىننەت ئۈچۈن ئىنتايىن كۆركەم، سىپتا سەنئەت بويۇملىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، ئۇلار بىلەن ئۆزلىرىنى زىننەتلەپ، تېخىمۇ جەزبىدار ۋە گۈزەل كۆرۈنۈشكە تىرىشقان. ئاسماننىڭ بېزەكلىرى بولغان يۇلتۇزلار، كېچىنى يورۇتقۇچى ئاي ۋە تەبىئەت دۇنياسىدىكى گۈل-گىياھلار خوتۇن-قىزلارنىڭ بويۇن ۋە قۇلاقلىرىدا زىننەت بويۇمى بولۇپ ئەكس ئەتكەن. تۆۋەندە بۇ زىننەت بويۇملىرى ئىچىدىكى ئاز بىر قىسمى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز:

بىرىنچى: بارماققا ئالتۇندىن ئۈزۈك ياساپ، ئۇنىڭغا ياقۇت ۋە قاشتېشىلاردىن كۆز سالدۇرۇپ، بۇنى: «يۈزۈك» دەپ ئاتىشاتتى. كىمنىڭ يېنىدا قاشتېشى بولسا، ئۇنىڭغا چاقماق تەگمەيدۇ، دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بولغان . شۇڭا ، سۈزۈك ئاق قاشتېشىدىن كۆز قويۇلغان ئۈزۈكنى ئەرلەرمۇ بارماقلىرىغا سېلىۋالاتتى . ئەرلەرنىڭ بۇ ئۈزۈكنى تاقىشى زىننەتلەش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى چاقماق سوقۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر . قاشتېشىنى بۆزگە ئوراپ ئوتقا تاشلىغاندا بۆزمۇ، تاشمۇ كۆيمەيدۇ، ئۇسسىغان ئادەم ئۇنى ئاغزىغا سالسا ئۇسسۇزلىقنى باسىدۇ .

 

ئىككىنچى، ئەرلەر ئۈزۈكتىن باشقا زىننەت بويۇمى تاقىمايدىغان بولۇپ ، كەمەرلەرگە ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ياسالغان توقىلارنى بېكىتەتتى، خانلارنىڭ كەمەرلىرى تېخىمۇ ئېسىل بولاتتى . ھەتتا گۆھەردىن كۆز قويۇلاتتى . ئۇنىڭدىن باشقا زۇلپىقار ۋە ئېگەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ ساپلىرىمۇ ئېسىل تاشلار ۋە ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن زىننەتلىنەتتى، بۇنداق زىننەتلەش ئۇسۇلى - «ئۇستەم» دېيىلەتتى.



ئۈچىنچى، «بوز مۇنچاق» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل زىننەت بويۇمى بولۇپ، بۇ ئىپار سۆكتىن ياسىلىپ، قىز-ئاياللار تاقىشىدۇ.

تۆتىنچى، خوتۇنلار قۇلىقىغا سالىدىغان بىر خىل زىرە بولۇپ، بۇ ھالقا زەنجىرلىك بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنى «كۈپە» دەپ ئاتىشاتتى. خۇددى زەنجىرلىك ساۋۇتنى «كۈپە يارىق» دېگەنگە ئوخشاش .

بەشىنچى، نىكاھ كېچىسى كېلىنگە تاقاپ قويۇلىدىغان بىر خىل قىممەت باھالىق زىننەت بويۇمى بولۇپ ، ئۇ ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ياسىلىپ، ئۈستىگە قىممەت باھالىق تاش ۋە مەرۋايىت ئورنىتىلىدۇ. بۇ «بوغماق» دەپ ئاتالغان .

ئالتىنچى، قۇلاققا سېلىنىدىغان ھالقىنىڭ «تولغاق» سۆكە دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىرقانچە خىلى بار بولۇپ، ئۇنى «يىنچۇ تولغاق» (ئۈنچە ھالقا) دەپ ئاتاشقان.

يەتتىنچى، قىزلار دوپپىلىرىغا ئالتۇن قاداق تۇتىدۇ . بۇنى «بۆرك بورتىلاندى» دەپ ئاتىلاتتى، بۇنىڭ مەنىسى بۆككە ئالتۇن قاداق تۇتتى دېگەننى بىلدۈرەتتى .

سەككىزىنچى، يۇقۇرقىلاردىن باشقا ئۇيغۇر قىزلىرى ھەر خىل ياقۇت ۋە تاشلاردىن بوينىغا مارجان ئاسىدىغان ۋە ئالتۇندىن بۇلاپكا تاقايدىغان ئادەتلىرىمۇ بار . مەسىلەن، «باقان» دەپ ئاتىلىدىغان بىر زىننەت بويۇمى بار ئىدى. بۇ ئالتۇن ۋە ئالتۇنغا ئوخشاش نەرسىلەردىن ياسالغان بويۇن ھالقا ياكى ئالتۇن چەمبەر. بۇنى «ئالتۇن باقان» دەپ ئاتىشاتتى . مارجاننى بولسا «ساتا» دەپ، قىممەتلىك تاشلاردىن ياسالغىنىنى «مۇنچۇق» دەپ ئاتاشقان .ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى قەدىمدىن تارتىپلا گۈزەللىككە ئىنتىلىپ كەلگەن.

ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى قەدىمدىن تارتىپلا گۈزەللىككە ئىنتىلىپ كەلگەن. ېۇلارنىڭ گىرىم قىلىش ئادىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدىنىيىتىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم ئۈلگىلەرنىڭ بىرى. قەدىمقى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىشلەتكەن گىرىم بويۇملىرىدىن:

1. ئەڭلىك. بۇ ئاياللار يۈزىگە سۈرتىدىغان ئاچ قىزىل بوياق. يەنە ئۇپىمۇ بار.

ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمىدە قەدىمدىن تارتىپ ماڭىزنىڭ قىزىل بولۇشى ساغلاملىق، گۈزەللىك، نومۇسلۇق ۋە ئۇياتلىقنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىلىدۇ. يۈزىدە قېنى بولمىغان ئادەملەر يامان خاراكتېرلىك ياكى كېسەل، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا، يۈزىنى قىزارتىدىغان كۈچلۈك تاماقلارنى كۆپرەك ئېستىمال قىلاتتى .

2. ئۇلاش ۋە كۆپتۈرۈش شەكلىدىكى پەرداز .

ئۇيغۇرلار چاچنى گۈزەللىكنىڭ مۇھىم بىر ئۆلچىمى قىلغان ھەم چاچنى قەدىرلىگەن. ھەممە كىشىنىڭ چېچى كۆڭۈلدىكىدەك قويۇق ھەم ئۇزۇن بولۇشى ناتايىن. شۇڭا، بۇنداق كەملىكنى تولدۇرۇش ئۈچۈن چاچنى كۆپتۈرۈش ۋە چاچقا سۈنئىي چاچ ئۇلاش ئارقىلىق تولۇقلىغان. بۇنداق چاچ ئۇلاش ئىككى خىل بولۇپ، بىرى، چېچىغا چۇپۇردىن چاچ ياساپ ئۇلاپ ، چېچىنى ئۇزۇن ھەم توم كۆرسىتەتتى . بۇنداق يالغان چاچ "ئۆڭىك" دېيىلىدىكەن . ئاياللار ئۆزىنىڭ ئۆرۈمە چېچىنى بولسا «ئۆرگۈچ» دەپ ئاتايدىكەن. ئەگەر چېچى يوق ياكى چېچى شالاڭلار ئۆچكە چۇپۇرىدىن ماڭلاي چاچ ياساپ، ئاز چاچنى كۆپتۈرۈپ كۆپ قىلىپ كۆرسىتىدىكەن .

3. سىلىقلاش شەكلىدىكى پەرداز

ئۇيغۇر ئاياللىرى يۈزىدىكى ۋە بەدىنىدىكى تۈكلەرنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن تازىلاپ سىلىقلاشقا قەدىمدىن تارتىپ ئادەتلەنگەن. قاشلىرىنى موچىن بىلەن تېرىپ ئىنچىكلەشتۈرۈش، يۈزىدىكى تۈكلەرگە يىپ سېلىپ سىلىقلاپ تۇرۇشنى ئۇلار «مەڭدەشتى» دەپ ئاتىغان . يۈزىگە يىپ سېلىپ تازىلاش ئۇسۇلىنىڭ پايدىسى، يۈزلىرىنى سىلىق، پارقىراق قىلىش رولىغا ئىگە بولغان . بەدەندىكى مويلارنى چۈشۈرۈشكە بولسا، «ئودۇتال» دەپ ئاتىلىدىغان مەخسۇس تۈك چۈشۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان ھاك ئارلاشمىسى بولۇپ، شۇنى ئىشلەتكەن .

ئاياللار ئۇزۇن چاچ قويۇشقا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن، چاچلىرىغا جىگدە يېلىمى سۈرتۈپ چاچلىرىنى قۇۋۋەتلەپ كەلگەن. دېمەك، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قەدىمقى گىرىم قىلىش ئادەتلىرىدىن قارايدىغان بولساق، ئۇلاردىكى گۈزەللىككە بولغان قارىشى ئېنىق بولۇپ كەلگەن، بولۇپمۇ ئۆرپ - ئادەت نۇقتىسىدىن ئالغاندىمۇ ئۆزلىرىدىكى چاچنىڭ توم ۋا قارا بولىشىغا ، ئۇزۇن بولىشىغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز . ھازىرقى گرىم بويۇملىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گىرىم قىلىش سەنئىتىگە قارايدىغان بولساق ، ئۆزگىرىش ئىنتايىن چوڭ . ئۇزۇن چاچلىقلاردىن قىسقا چاچلىقلار كۆپ . قارا چاچلىقلاردىن رەڭلىك چاچلىقلار كۆپ.

مەنبە-جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

كۆكلەي دىسەڭ ئۇي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47111
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5789
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 2989 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2011-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 11:45:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ بىلىشىمچە ئەجدادلىرىمىز ئەزەلدىن قاشتىشى زىبۇ -زىننەت ئىشلەتمىگەن .
ھازىر يولداشلارنىڭ تەسىرى بىلەن بىزمۇ ئالتۇندىن تاشنى چوڭ بىلىىدىغان بولۇپ كەتتۇق .
مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چىغىمدا بىر بوۋاي يىرىم تاغار كەلگۈدەك ئاق قاشتىشنى ساتىمەن دەپ ناھىيە بازىردا ئولتۇرۇپتىكەن ،200كوي بىرەي دەيدىغان ئادەم چىقمىغانتى ،مەن شۇ بوۋاينىڭ بىچارە غەمكىن چىرايىغا قاراپ ئەگەر پۇلۇم بولغان بولسا چوقۇم سىتۋالاتتىم دەپ كۆڭلۈم شۇنداق يىرىم بولغانتى .مانا ئارىدىن 12يىل ئۆتۈپلا ئۇنچىلىك قاشتىشىسى بار ئادەم چوڭ لوبەن بولاپ كەتتى .

قىزلاردىن شەرمى ھايانىڭ ،ئوغۇللاردىن مەردانىلىقنىڭ يۇقۇلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر ....

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بۇلاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 644
يازما سانى: 743
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16334
تۆھپە نۇمۇرى: 1527
توردا: 4043 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 12:34:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسىمىسى بولسا بوپتىكەن ، بۇ پەقەت قۇرۇق گەپتەك تۇيىلىۋاتىدۇ .سۆكە ،زىرە

دىن دېمەڭ روھىيەتتۇر.
پەلسەپە دېمەك پاراسەتتۇر،
ئېلىم -پەن دېمەك ئەقىلدۇر.
ئۇلار مەنىۋى تەرەققىياتنىڭ ئۈچ شېخى،مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنىڭ ئۈچ بەلگىسى.

ئېنسان ئۇچۇن ئەڭ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35424
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4958
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 3116 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 12:58:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاچ ئۇلاش يۈزىدىكى مويلارنى تازلاش قاش تىرىش بىزنىڭ ئىشىمىز ئەمەسقۇ دەيمەن .رەسۇللادىن بىر مەزلۇم سوراپتۇ؛ پالانىمنڭ چاچ چۈشۇش كىسلى باركەن شۇڭا سىزگە مىنى سورغىلى يەنى چاچ سالدۇرسا بولامدۇ دەپ....رەسۇللا ئىيتتىكى بولمايدۇ ....

ئېنسان ئۇچۇن ئەڭ قممەتلك  نەرسە ھاياتتۇر!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22162
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6370
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3482 سائەت
تىزىم: 2010-12-13
ئاخىرقى: 2013-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 05:12:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەدە سۆزلىنىۋاتقىنى  ئۇيغۇر لار   مۇسۇلمانلار ئەمەس ،بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ئىسلام دىنى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن ،ئەمما ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشتىن بۇرۇنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى ئولغاندە ئەلۋەتتە ، بىز بۇرۇنقى دەۋىر دە ياشاپ باقمىغاندىن كىيىن ئۇنداق ئەمەس دەپ كىسىپ ئېيتماڭ ... ئەگەر تارىخى  پاكىتلار بولمىغان بولسا جوڭگو ئۇيغۇر تورىدا ئاڭلىتىپمۇ يۈرمەستى دەيمەن. ئاتىكاچىلىك قىپ قۇيدۇم.

كۆكلەم باھار

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46306
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3780
تۆھپە نۇمۇرى: 984
توردا: 551 سائەت
تىزىم: 2011-7-1
ئاخىرقى: 2012-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 08:12:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  mam-nun كە 2011-07-09 17:12ئەۋەتىلدى  :
بۇ يەدە سۆزلىنىۋاتقىنى  ئۇيغۇر لار   مۇسۇلمانلار ئەمەس ،بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ئىسلام دىنى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن ،ئەمما ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشتىن بۇرۇنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى ئولغاندە ئەلۋەتتە ، بىز بۇرۇنقى دەۋىر دە ياشاپ باقمىغاندىن كىيىن ئۇنداق ئەمەس دەپ كىسىپ ئېيتماڭ ... ئەگەر تارىخى  پاكىتلار بولمىغان بولسا جوڭگو ئۇيغۇر تورىدا ئاڭلىتىپمۇ يۈرمەستى دەيمەن. ئاتىكاچىلىك قىپ قۇيدۇم.
ناۋاتتەك گەپ  بولدى .قىشىمدابولغان بولسىڭىز ئېغىزىڭىزغا ناۋات سېلىپ قويغانبولاتتىم.

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 03:03:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  jasmine茉莉 كە 2011-07-09 12:58 PMئەۋەتىلدى  :
چاچ ئۇلاش يۈزىدىكى مويلارنى تازلاش قاش تىرىش بىزنىڭ ئىشىمىز ئەمەسقۇ دەيمەن .رەسۇللادىن بىر مەزلۇم سوراپتۇ؛ پالانىمنڭ چاچ چۈشۇش كىسلى باركەن شۇڭا سىزگە مىنى سورغىلى يەنى چاچ سالدۇرسا بولامدۇ دەپ....رەسۇللا ئىيتتىكى بولمايدۇ ....

سىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامغا كىرگىنىدىن بۇرۇن باشقا دىنغا ئىتىقات قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2764
يازما سانى: 509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7341
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 2033 سائەت
تىزىم: 2010-6-15
ئاخىرقى: 2011-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 06:07:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئادەتلەر قاچانلاردا سۇسلىشىقا باشلىغان ؟ بۇ بويۇملارتۈرمۇشىمىزدا كەم ئۇچرايدىغان ھەتتا بىز بىلمەيدىغان ھالەت قاچانلاردىن باشلاپ شەكىللەنگەن  شۇنىڭغا قىزىقىپ قالدىم

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18875
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2014-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 02:17:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

7قەۋەتتىكى(jahan) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇر

مىنىڭچە ئانچە ئۇزۇن بۇلمىدى ،چۇنكى مەن كىچىك چاغلاردا ،ئاپاممۇ ئىككى تال يالغان ئۇرۇمە چاچ سالاتتى ،مەھەلىمىزدىكى  ،قىز-چوكانلارمۇ،يۇزگە يىپ سالدۇرۇپ ،ئەڭلىكلەرنى سۇركەپ يۇردىغان . ئۇلار مىنىڭ كۇزۇمگە شۇنداق چىرايلق كۇرنۇپ كىتەتتى ، مەن تېخى  ئۇلاررغا ئۇخشاش  چىرايلىق بۇلغۇم كىلىپ ،ئۇلارنىڭ نىمە ئىشلەتكىنىنى بىلمەي ،تۇينىڭ قىزىل باغاقلىرىنى ،نەمدەپ ،مەڭزىمگە،لىۋىمگە سۇركەپ ، ئاپامدىن نەچچە رەت تاياقمۇ يىگەن ئىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66012
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3126
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2011-11-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 06:50:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Q;81345166南昌职称英语代考|东莞中级会计师代考|宁波证券从业代考

代考|替考|职称英语代考|中级会计师代考|雅思代考|托福代考|武汉代考|长沙代考|郑州代考|MBA代考|考研代考|广州代考|天津替考|英语四六级代考|温州代考|济南替考。
替考Q;81345166北京代考,上海代考,证券从业资格证代考,职称英语代考,西安代考,中级会计师代考,自考代考,石家庄替考,苏州代考,教师资格证代考,公务员代考,保定替考,南京代考,会计从业资格证代考,洛阳替考.中国代考机构第一门户,百万考生首选,选择我们定能改变您的一生!!!
网站;http://www.sidaks.com
客服Q;81345166

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش