مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 725|ئىنكاس: 4

تارىختىكى بۈگۈن (9-ئىيۇل) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 07:12:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2002-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى تۇنجى نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى ئېچىلغان. ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنىغا 52 ئەزا دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ئىككى كۈنلۈك يىغىن ئىچىدە ئافرىقا دۇچ كەلگەن خىرىسلار قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم ئىشلار مۇزاكىرە قىلىنغان. بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشى ئافرىقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي، مەدەنىيەت قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتتە يېڭى بىر دەۋرگە كىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ باش تېمىسى:«تىنچلىق، تەرەققىيات، گۈللىنىش:جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يېڭى ئەسىرىدە گەۋدىلىنىدۇ».

1986-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو تۇنجى قېتىم شىمالىي قۇتۇپقا تەكشۈرۈشكە بارغان. جۇڭگو-كانادا دىنوزاۋر ھەمكارلىق تەكشۈرۈش پىلانى بويىچە، ئېلىمىز تەتقىقاتچىلىرى كانادانىڭ شىمالىي قۇتۇپتىكى رايونىدا 25 كۈن تەكشۈرۈشتە بولغان. بۇ ئېلىمىز تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم شىمالىي قۇتۇپ رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولۇشى.

1971-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كېسسىنگىر جۇڭگودا مەخپىي زىيارەتتە بولغان. كېسسىنگىر 8-ئىيۇل پاكىستاندا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، مەخپىي ھالدا بېيجىڭغا ئۇچۇپ كەلگەن ھەمدە جۇ ئېنلەي بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ تەيۋەن مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقان. جۇ ئېنلەي ئامېرىكا: تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس ئۆلكىسى ئىكەنلىكىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلىشى كېرەك.تەيۋەن مەسىلىسى ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشى، شۇڭا باشقىلارنىڭ ئارىلاشماسلىقى كېرەك دېدى. كېسسىنگىر مۇنداق دېدى:1.تەيۋەننىڭ جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمىز 2.ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن قارشىلاشمايدۇ، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئورنىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

1956-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ھوللىۋۇدنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى تام خەنكىس ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ يېقىنقى 60 يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم ئوسكار مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىككى فىلىمنىڭ بىرسى «فىلادىلفىيەدىكى ئىشلار» يەنە بىرى «فوررېست گامپ»فىلىمى. ئۇنىڭ فىلىمدە رول ئېلىش ھاياتى ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقتىدىن باشلانغان. ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن كىنو ساھەسىگە پۈتۈن زېھنى بىلەن كىرگەن.




1816-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئارگېنتىنا مۇستەقىل بولغان. ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتى جەنۇبىي ئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. ئىسپانىيە تىلى دۆلەت تىلى قىلىنغان. پايتەختى بۇئېنوس ئايرېس. 16-ئەسىردىن بۇرۇن بۇ جايدا ھىندىئانلار تۇراتتى، 16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. ھەر يىلى 25-ماي دۆلەت بايرىمى قىلىپ بېكىتىلگەن.

مەنبە-جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

كۆكلەي دىسەڭ ئۇي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47111
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5789
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 2989 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2011-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 10:58:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىختىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەخمەت .
بۇنىڭ ئىچىدە كىسنىگىرنىڭ جۇڭگۇغا زىيارەتكە كىلىشى ئەڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك تارىخى ۋەقە ھىسابلىنىدۇ .

قىزلاردىن شەرمى ھايانىڭ ،ئوغۇللاردىن مەردانىلىقنىڭ يۇقۇلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر ....

لا الەالا اللە محِمدرسول اللە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12198
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9224
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 9818 سائەت
تىزىم: 2010-9-30
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 01:21:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى خەۋەرلەركەن ، كۆپ رەھمەت.
ئارگىنتىنا جەنۇبى ئافرىقىدا ئەمەس، جەنۇبى ئامرىكىدا.تۈزۈتۈپ قويغان بولسىڭىز.

ئۆزۈڭنى تونۇساڭ،ئىگەڭنى تونۇيسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36679
يازما سانى: 1041
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6896
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 4391 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2013-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 01:53:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تارختىكى بۈگۈنكى كۈندە   

تاغ سۈپەت قەددى بار ئىگىلمەيدىغان،
شىرسۈپەت روھى بار يىڭىلمەيدىغان .
ھەق ئۈچۈن ئۆلگەن بار تىرىلمەيدىغان.
شۇنداق بىر ۋەتەننىڭ ئوغلى ئىدىم مەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47209
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3062
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2011-7-9
ئاخىرقى: 2011-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 03:08:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2009-يىلى9-ئىيۇل مەن تور يوق كومپىيوتىرىمغا  قاراپ ئولتۇرغان ئىدىم.‹بەزى ئىشلار تۇپەيلى يۇرۇكۇم قان-زەرداپ بۇلۇپ ئولتۇرغان ئىدىم.›
2010-يىلى9-ئىيۇل چەتئەلدىكى ئوقۇش ھاياتىمنى باشلاپ تۇنجى ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتاھانىمغا تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم.
2011-يىلى 9-ئىيۇل مانا مىسرانىم تور بىتىدە ۋەتەنگە بولغان سېغىنىشنى بېسىپ تۇرۇپ  ئىنكاس يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش