مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2374|ئىنكاس: 11

دوستلۇق مىزانلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9369
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 21917
تۆھپە نۇمۇرى: 1557
توردا: 4452 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 12:28:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


دوستلۇق مىزانلىرى

سائادەت ساتتار ئايتۇغ


كىشىلىك تۇرمۇش دوستلۇقتىن ئايرىلالمايدۇ. دوستلىشىشقا ماھىر بولمىسىڭىز، دوستسىز قالىسىز، دوستسىز تۇرمۇشنىڭ نېمە لەززىتى؟ بىر دوست كۆپەيسە بىر يول كېڭىيىدۇ، دەپتىكەن كونىلار. دوستىڭىزنىڭ كۆپ ياكى ئاز بولۇشى ئۆزىڭىزگە باغلىق. شۇنداق ئىكەن، دوستلۇق مۇناسىۋەتتە تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىڭ:
△ دوستىڭىزغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىڭ، سۆھبەتتە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاڭ، گېپىنى ئورۇنسىز بۆلۈۋەتمەڭ.
△ دوستىڭىز سىزگە دەردىنى ئېيتىۋاتقاندا تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى قىلماڭ، يەنى خۇشاللىقلىرىڭىزنى سۆزلىمەڭ.
△ دوستىڭىز قوبۇل قىلالمىغۇدەك ۋەز - نەسىھەتلىرىڭىزنى تەكرارلاۋەرمەڭ.
△ دوستىڭىزنىڭ سىزگە ئامانەت مەخپىيەتلىكلىرىنى باشقىلارغا ھەرگىز تىنماڭ.
△ دوستىڭىزنىڭ ئالدىدا يەنە بىر دوستىڭىزنى ھەدەپ ماختاۋەرمەڭ. دوستىڭىز ئۆزىگە بولغان يېقىنلىقىڭىزدىن شۈبھىلەنمىسۇن.
△ دوستلار ئارا ئۇقۇشماسلىق بولغاندا، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىدىن ئاغرىنغانلىقىنى يەنە بىر تەرەپكە يەتكۈزۈشكە ئالدىرىماڭ، بەلكى ئۇلارنىڭ پۇشايمان قىلغانلىقىنى، بىر-بىرىگە قىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ چىگىشىنى يېشىپ، دوستلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىڭ.
△ دوستلىرىڭىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىنى (سىز ئۆچ بولسىڭىزمۇ) ھەرگىز مەسخىرە قىلماڭ.
△ خاتىرە كۈنلىرىنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاپ، ئاددىي بولسىمۇ سوۋغات بېرىپ كۆڭلىنى ئېلىڭ.
△ دوستىڭىزنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا سېلىشتۇرۇپ خىجىل قىلماڭ.
△ دوستلار ئارا دەتالاشتا ئەزۋەيلىمەي جىم تۇرۇۋېلىش ئاقىلانىلىك. ئوبدان ئويلىنىپ ئاندىن گەپ قىلسىڭىز، ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. ئەگەر خاتالىق دوستىڭىزدىن ئۆتۈپ، كۆڭلىڭىز رەنجىسە، دەرھاللا يۈزىگە سالماي، سەل ئويلىنىشقا ۋاقىت بېرىڭ، ھەرگىز باشقا دوستلارغا دەرد تۆكمەڭ.

شىنجاڭ گېزىتى2011-يىلى2-ئاينىڭ11-كۈنى

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!.
http://saadat.blogbus.com

ئانام كۆينىگى ئاتام تونى يىپەك

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36290
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1705
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 834 سائەت
تىزىم: 2011-4-4
ئاخىرقى: 2012-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 02:21:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
بۇ دۇتتار ئۆزگەرمىگەن،ئەمما ساداسى باشقىچە،
غۇنچە گۈل ئاچىلمىغان، ھۆسنى جۇلاسى باشقىچە.
بۈلمۈدۈم ياركۆڭلىدە نە مۇددىئاس بارئىكىن؟
ئاراتۇرارقايغۇلىرمغا بۇ پىراغى باشقىچە.

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 668
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16950
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1881 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 07:20:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوستلار ئارا دەتالاشتا ئەزۋەيلىمەي جىم تۇرۇۋېلىش ئاقىلانىلىك. ئوبدان ئويلىنىپ ئاندىن گەپ قىلسىڭىز، ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. ئەگەر خاتالىق دوستىڭىزدىن ئۆتۈپ، كۆڭلىڭىز رەنجىسە، دەرھاللا يۈزىگە سالماي، سەل ئويلىنىشقا ۋاقىت بېرىڭ، ھەرگىز باشقا دوستلارغا دەرد تۆكمەڭ.

..................

دوست ھەققىدە نەسىھەتلەر كۆپ، رىياللىقتا ئەمەل قىلماق راستىنلا بەك قىىين.
ياخشى دوسلار نادىكىن ھازىر.....

يوللانمىڭىزغا تەشەككۇر!

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37520
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3223
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 300 سائەت
تىزىم: 2011-4-14
ئاخىرقى: 2011-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 07:33:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
ئەتتىگەندە مۇنبەرگە كىرىپلا بۇ تىمىنى ئۇچراتتىم. مەنمۇ بۇ دوسلۇق مۇناسىۋىتىگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كىلۋاتقان ھەم ئەتراپىمدىكى ئىنى-سىڭىل ۋە قۇرداش قېرىنداشلىرىمغا دائىم مۇشۇ دوسلۇق توغرىسىدىكى قارىشىمنى ئەسكەرتىپ تۇراتتىم. بۇ يەردىمۇ مۇنبەرداش قېرىنداشلارغا ئەسكەرتىشنى ئويلاپ قىلۋاتىمەن:

ئەمەلىيەتتە دوسلۇق ئۈچ خىل بولىدۇ. ئىبادەتكار دوست، غەپلەتكار دوست، دىن ۋە ئەخلاقتىن يىراق خىيانەتكار دوست. خىيانەتكار دوستىن چوقۇم قول ئۈزۈشىمىز كىرەك. شۇنداقتىمۇ سەن ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقتىكى مەلۇم رىشتىنى ساقلاپ قالساڭمۇ بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ قولىدىن يىتىلەپ ھەق يولىغا قايتۇرۇپ كىلىشىڭ مۇمكىن.مەسىلەن:ھىيت-بايرام ۋە چوڭ ئىشلاردا مۇناسىۋەتلىشىپ تۇرغىن.
غەپلەتكار دوستقا كەلسەك بۇنداقلار ياخشى تەربىيە كۆرگەن بولسىمۇ بىراق يا خىيانەتكار يولىدا ئەمەس، يا ئىبادەتكارلىق يولىدا ئەمەس. ئارىلىقتا قالغانلاردۇر. مانا بۇلارنى جىددى ھالدا قولىدىن يىتىلىشىڭ، كەينىدىن قالماي نەسىھەت قىلىشىڭ ۋە بارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئاللاھ يولىغا تارتىشىڭ كىرەك.
ئىبادەتكار دوستلارغا كەلسەك ھىچقاچان ئۇلاردىن ئايرىلماي قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ ئارىشىلىپ ئۆتكىن. ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ خىسلەتلىرىنى ئۈلگە تۇتقىن.ئۇلار سىنىڭ ھەقىقىي دوسلىرىڭ، مۇناسىۋەت دائىرەڭ ئىچىدە سىنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىللىرىڭ بولۇپ قالسۇن!!!

مەنمۇ بۇرۇن ئەنە شۇنداق ھەرخىل تىپتىكى دوسلار ئارىسىدا ياشاپ كەپتىكەنمەن. كىيىن يۇرۇتتىن، شۇ دوسلىرىمدىن ئايرىلىپ ئۆزگە يۇرۇتقا كەلگەندىن كىيىن مۇھىت تەسىرىگە ئۇچراپ كۆز-قاراشلىرىمدىمۇ ئۆزگىرىش ھاسىل بولۇش بىلەن بىرگە ئارلىشىدىغان دوسلىرىممۇ تەبىئيلا ئۆزگەردى. ئاللاھغا چەكسىز شۈكرى، ھازىر ئەتراپىمدا دەل ئەڭ ئاخىردا تەكىتلىگەندەك دوسلىرىم بار.(ئۇلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن)ئۇلاردىن ئېلىۋاتقان مىھرلەرنى خېلى بىر مىھىرلەرگە تەڭ قىلمايمەن لىكىن يۇرتۇمدىكى دوسلىرىم دەل ئىككىنجىسىدە تىلغا ئىلننغاندەك دوسلار كۆپ سالماقنى ئىگەللايدۇ ئاۋۇ خىيانەتكار دوسلارغۇ مەندىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەندىن كىيىن مەن ئۇلاردىن ئۆزۈمنى چەتكە ئېلىشتىن بۇرۇن ئۇلار مەندىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ بولغان شۇنداقتىمۇ ئۇچرىشىپ قالساق ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلدە بولۇپ گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەتلەردە ئازراق بولسىمۇ تەسىر كۆرسىتىشنى ئويلايمەن. ئەمدىكى گەپ دەل شۇ غەپلەتكار دوسلار؟! ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ئۇلاردىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ. كىيىنكى نەتىجىنى پەقەت رەببىمدىن تىلەيمەن. ئۇلۇغ ئاللاھ شۇ دوسلىرىمنىڭ شۇنداقلا باشقا بارلىق قېرىنداشلارنىڭ دىلىغا ئىنساپ،ھىدايەت نۇرىنى ئاتا قىلغاي.
شۇڭا بولسا بارلىق قېرىنداشلار ئەتراپىمىزدىكى دوسلىرىمىزنى بىر ئىسلاھ قىلىپ باقايلى.ئىنشائاللاھ شۇ دوسلۇق مۇناسىۋىتىنى ياخشى ھەل قىلغاندىمۇ نۇرغۇن ئىشلىرىمىز يۈرۈشۈپ كىتىدۇ.ئۇلۇغ ئاللاھ بىزلەرگە بىزگە يولىمىز، نىشانىمىز بىر بولغان دوسلارنى ئۇچراشتۇرغاي، خىيانەتكە يېقىن دوسلاردىن يىراق قىلغاي ئامىن!!!

svkvtni taj kilip takiwalay!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8300
يازما سانى: 585
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4611
تۆھپە نۇمۇرى: 651
توردا: 7223 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 07:39:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى دوسلارنى  دوس  دىگىلى بولامدا

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 668
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16950
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1881 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 07:50:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  sukvt كە 2011-07-09 07:33ئەۋەتىلدى  :
ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
ئەتتىگەندە مۇنبەرگە كىرىپلا بۇ تىمىنى ئۇچراتتىم. مەنمۇ بۇ دوسلۇق مۇناسىۋىتىگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كىلۋاتقان ھەم ئەتراپىمدىكى ئىنى-سىڭىل ۋە قۇرداش قېرىنداشلىرىمغا دائىم مۇشۇ دوسلۇق توغرىسىدىكى قارىشىمنى ئەسكەرتىپ تۇراتتىم. بۇ يەردىمۇ مۇنبەرداش قېرىنداشلارغا ئەسكەرتىشنى ئويلاپ قىلۋاتىمەن:

ئەمەلىيەتتە دوسلۇق ئۈچ خىل بولىدۇ. ئىبادەتكار دوست، غەپلەتكار دوست، دىن ۋە ئەخلاقتىن يىراق خىيانەتكار دوست. خىيانەتكار دوستىن چوقۇم قول ئۈزۈشىمىز كىرەك. شۇنداقتىمۇ سەن ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقتىكى مەلۇم رىشتىنى ساقلاپ قالساڭمۇ بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ قولىدىن يىتىلەپ ھەق يولىغا قايتۇرۇپ كىلىشىڭ مۇمكىن.مەسىلەن:ھىيت-بايرام ۋە چوڭ ئىشلاردا مۇناسىۋەتلىشىپ تۇرغىن.
غەپلەتكار دوستقا كەلسەك بۇنداقلار ياخشى تەربىيە كۆرگەن بولسىمۇ بىراق يا خىيانەتكار يولىدا ئەمەس، يا ئىبادەتكارلىق يولىدا ئەمەس. ئارىلىقتا قالغانلاردۇر. مانا بۇلارنى جىددى ھالدا قولىدىن يىتىلىشىڭ، كەينىدىن قالماي نەسىھەت قىلىشىڭ ۋە بارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئاللاھ يولىغا تارتىشىڭ كىرەك.
ئىبادەتكار دوستلارغا كەلسەك ھىچقاچان ئۇلاردىن ئايرىلماي قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ ئارىشىلىپ ئۆتكىن. ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ خىسلەتلىرىنى ئۈلگە تۇتقىن.ئۇلار سىنىڭ ھەقىقىي دوسلىرىڭ، مۇناسىۋەت دائىرەڭ ئىچىدە سىنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىللىرىڭ بولۇپ قالسۇن!!!

.......

تېمىغا كۆڭۇل بولگنىڭىزگە تەشەككۇر !
سىزنىڭ دوست ھەققىدىكى كۆز قارىشىڭىش «مەن»نى چورىدەپ قالغاندەك ھىس قىلدىم ، سىز دوسلۇقنىڭ نىمىلىكىنى ئويلاشقان چىغىڭىزدا ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ دوسلۇق مەنتىقىڭىزنىڭ توغرا-خاتالىقىغا دىققەت قىلىڭ. يەنە بىرى، دوسلۇقتىن ئىبارەت مۇشۇ ئىبارىنىمۇ دىنغا تارتىپ بايان قىلىش ماڭا ياقمىدى. ئەمەلىيەتتە ھەممىمىزنىڭ نىمىش قىلىۋاتقانلىقىمىز ئۆزىمىزگە ئايدىڭ.!

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

بوياق بىلەن بويى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29086
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6433
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 3457 سائەت
تىزىم: 2011-2-4
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 11:15:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىسىگە رەھمەت ! ھەقىقەتەن ياخشى يولاپسىز ،دېمىسىمۇ ھازىر جەمىيىتىمىزدە يۈزەكى دوسىت بۇلۇپ قويۇپ دوستىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشسە ئۆزىنى ئەپ قاچىدىغان يارماس دوستىلار كۆپلەپ كېتىۋاتماقتتا شۇڭا بۇتېمىنى ھەمىمىزنىڭ ئوقۇپ باشقىلارغا تەشۋىق قىلساق بولغىدەك يېرى بار ئىكەن.رەھمەت قولۇڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.

ئۇرۇشتتامەغلۇب بولغان مىللەت قايتىدىن ئورنىدىن تۇرالايدۇ ئەمما مائارىپتا يېقىلغان مىللەت مەڭگۈقايتىدىن باش كۆتۈرەلميدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57941
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3180
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 07:50:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوست دىگەن دوسىقا كۆيۇنۇپ ئوتسە ،
چىن دوسلۇق مىھرىدىن كويۇنۇپ ئوتسە.
رازىمەن ئاشۇنداق ۋاپاسار دوستقا ،
          ئاخرى ئىسىمدا قالماپتۇ.......................كەچۇرگەيسلەر !!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6509
يازما سانى: 1020
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14048
تۆھپە نۇمۇرى: 496
توردا: 6070 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2013-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 08:21:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

4قەۋەتتىكى(mares) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇر

قانداق دەيسىز....؟ شۇڭا قارىغاندا يىغىن ئۆتىدىغان ھەقىقىي دوستىڭىز يوقكەندە... ئادەم ئۆزىگە باغلىق  سىز باشقىلارغا ياخشى دوست بولالىسىڭىز باشقىلارمۇ سىزگە ياخشى دوست بولالايدۇ.......

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72718
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 30
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 03:57:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش