مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 18072|ئىنكاس: 160

ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر تۇغقىنى --- ھازارلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6665
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11701
تۆھپە نۇمۇرى: 770
توردا: 2280 سائەت
تىزىم: 2010-8-18
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-8 11:46:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى ماۋزۇ: ھازارلارنىڭ ئەجدادى راستىنلا قەدىمكى ئۇيغۇرلارمۇ؟

ھازارلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە سۆز ئېچىشتىن ئىلگىرى، ھازارلارنىڭ كىم ئىكەنلىكنى ئازراق بولسىمۇ چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە.
ھازارلار (hazar ياكى hazara) ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا ياشىغۇچى مىللەت بولۇپ، ئافغانىستاندىكى پۇشتۇ، تاجىكتىن قالسىلا 3- ئورۇندىكى چوڭ مىللەت ھېساپلىنىدۇ (4-سى ئۆزبەكلەر). ئومومىي نوپۇسى 3 مىليوندىن ئاشىدۇ. ئافغانىستان ئومومىي نوپۇسىنىڭ ٪9نى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىران، پاكىستان ۋە تاجىكىستانلاردىمۇ نەچچە يۈزمىڭلىغان ھازارلار ياشايدۇ. شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
ھازارلار ھىندى- ياۋرۇپا تىللىرى سېستىمىسى ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ شەرقىي تارمىقغا تەۋە ھازاراگى دىئالكتىدا سۆزلىشىدۇ، ھەمدە مەلۇم نىسبەتتە تۈركىي ۋە موڭغۇل سۆزلۈكلىرىنى ئارىلاشتۇرىدۇ. شەھەرلەشكەن ھازارلار بولسا ئۆلچەملىك پارس تىلىدا سۆزلىشىدۇ.

ھازارلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە بىر قانچە ئوخشىمىغان كۆز-قاراشلار بار:
بىرىنچىسى، ھازارلار چىڭگىزخان باشلاپ كەلگەن موڭغۇللارنىڭ ئەۋلادى؛ بۇ ھازارلارنىڭ ھازىرقى چىراي ئالاھىدىلىكى ۋە گېن تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ.
ئىككىچنسى، ھازارلار قەدىمكى كۇشان (سانسىكرىت تىلىدا ش بىلەن س تەلەپپۇزى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا بۇ ئىمپېرىيىنىڭ نامى كۇچا شەھىرىنىڭ قەدىمكى نامى بولغان "كوسەن"گە ئاھاڭداش كېلىدۇ- ئاپتوردىن) ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەۋلادىلىرى دەپ قارىلىدۇ؛
ئۈچىنچىسى، ھازالار ئارىلاشما قانلىق مىللەت بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر بىلەن موڭغۇل تۈركلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ (قەدىمكى ئۇيغۇرلار بولۇشى مۇمكىن - ئاپتوردىن) ئۆز-ئارا بىرىكىشىدىن، جۈملىدىن تويلىشىشىدىن شەكىللەنگەن مىللەت. بۇ كۆز-قاراش بىر قەدەر ئىشەنچلىك دەپ قارىلىدۇ.

"ھازار" سۆزىنىڭ كېلىش مەنبەسى:
"ھازار" سۆزى پارس تىلىدا "ھازارا" دەپ ئېيتىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى "مىڭ" بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى چىڭگىزخاننىڭ قوشۇنىنىڭ كۆپلىكىگە قارىتىپ ئېيتىلغان ئىكەن، كېيىنچە بۇ سۆز ئاشۇ مىللەتنىڭ نامى بولۇپ قالغان ئىكەن.
ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، موڭغۇللار پارس زېمىنلىرىغا بېسىپ كىرمەستىلا، ھازىرقى كاسپىي دېڭىزنىڭ شىمالىدا "ھازار" ناملىق بىر چوڭ خانلىق (مىلادى 6-ئەسىردىن 11-ئەسىرگىچە) قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ خانلىق قۇرۇلۇپ تاكى بەربات بولغۇچە، موڭغۇللار پارس زېمىنىغا تۈگۈل، موڭغۇلىيە يايلىقىدىنمۇ چىقىپ باقمىغان ئىدى. تارىخچىلار ئۇشبۇ "ھازار" خانلىقىنىڭ ئەسلى نامىنى "قاسار" ياكى "قازار" دەپ يازىدۇ، ھەمدە بۇنىڭ مەنىسىنى "سەرگەردان"، "مۇساپىر" ۋە "كۆچمەن" دەپ چۈشەندۈرىدۇ. بۇ سۆز تۈركچەدىكى "گەزەر"، ئۇيغۇرچەدىكى "كېزەر" يەنى "كېزىپ يۈرەر" سۆزلىرى بىلەن چىشلىشىدۇ. شۇڭا، تۈركىي تىللاردىكى "كەزەر" سۆزىنىڭ "قازار"غا ئۆزگىرىپ قېلىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلماق تەس.
كېيىنكى چاغلاردا، "قازار" سۆزىنىڭ "قازاق" قا ئۆزگىرىپ قالغاننىمۇ ئويلىشىپ كۆرۈش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، 6-ئەسىردىكى قازار خانلىقى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ بىر قىسىم زېمىنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تۈركلەر قۇرغان ھازار خانلىقىنىڭ ھېكايىسى "ھازار" سۆزىنىڭ پارسچىدىن كەلگەنلكىدىن ئىبارەت سەپسەتىنى ئىنكار قىلىۋېتىشى مۇمكىن. چۈنكى، موڭغۇللار پارس زېمىنىغا باستۇرۇپ كەلمەستىلا، "ھازار" سۆزى، شۇنداقلا ھازار مەملىكىتى مەۋجۇت.

ھازار بىلەن ئۇيغۇرنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە:
يەھياتۈرى (http://www.joshuaproject.net) تورى مەخسۇس دۇنيادىكى دۆلەت، مىللەت ۋە قەۋىملەرنى ستاتىستىكا قىلىدىغان، ھەمدە دىننى ۋە مەدەنىيەت ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىدىغان توربەت بولۇپ، ئۆزەممۇ شۇنىڭغا قىزىققاچقا، بۇ توربەتنى بەك تولا زىيارەت قىلاتتىم. مېنى ئەجەبلەندۈرگىنى شۇكى، مىللەت تۈركۈمى (people cluster) دىگەن سەھىپىسىدە، ھازارلارنى ئۇيغۇر مىللەت تۈركۈمىگە تەۋە قىلىپ، ئۇيغۇرنىڭ نوپۇسىنى 14 مىليوندىن ئاشۇرىۋېتىپتۇ. بۇنداق خاتالىققا ئەلۋەتتە سۈكۈت قىلىشقا بولمايتتى. چۈنكى، پارس تىلىدا سۆزلىشىغان بىر مىللەت قانداق بولۇپ بىز بىلەن بىر مىللەت تۈركۈمىگە تەۋە بولسۇن؟! شۇڭا، توربەت باشقۇرغۇچىسىغا خەت يازدىم، لېكىن بۇنىڭغا ئائىت ئېنىق جاۋبقا ئېرىشەلمىدىم. شۇڭا، ۋاقتىم چىقسا، ئۆزەم توربەت ئارىلاپ، ئۇيغۇر بىلەن ھازارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىزدەندىم. گەرچە بۇ بىر مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات بولمىسىمۇ، بارلىق ئىزدىنشىلىرىم پەقەت قىزىقىش ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى.
ئىزدىنىش جەريانىدا، ئۇيغۇر بىلەن ھازارنىڭ مۇناسىۋىتىگە توغرا كېلىدىغان نۇرغۇن ماقالىلەرنى ئۇچراتتىم. بەزەنلىرى شەخسىي پىكىرلەر بولسا، يەنە بەزەنلىرى ئىلمىي خاراكتىرلىك ماقالىلەر ئىدى. بۇ ماقالىلەر ئىچىدە بۇ ئىككى قەۋىمنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقنى ئىشارە قىلسىمۇ، لېكىن بۇ مۇناسىۋەتنى كەسكىن باغلايدىغان جۈملىلەر يەنىلا يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى.
تور ئارىلاۋېتىپ، "بۈيۈك كۇشان" (Great Kushan) تەخەللۇسلۇق ھازار مىللىتىدىن بولغان بىر كىشىنىڭ تېمىسى مېنى بىر قەدەر جەلىپ قىلدى. بەلكىم ئوقۇرمەنلەر بۇنىڭدىن بەزى كۆز- قاراشلارغا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. تۆۋەندىكىسى بىر ھازارنىڭ ئېيتقانلىرى:

ماۋزۇ: "بارلىق تۈرك ۋە تۈركىي موڭغۇل  قېرىنداشلارغا سالام"
(Hi to all Turk and Turko-mongol brotheres and sisters)
تېما مەنبەسى: http://www.allempires.net/hazara-and-pan-turk_topic16083.html
(ئېنگلىزچە بىلىدىغان قېرىنداشلار كۆرۈپ باقسا بولىدۇ)

مەن ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا ياشاۋاتقان ھازار مىللىتىدىن بولىمەن، ھەم ھازار بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. ھازارلار ئۇلۇغ مىللەت، ئۇلار باتۇر، كەڭ قۇرساق، ئىقتىدارلىق، سەمىمىي ۋە ئاقكۆڭۈل كېلىدۇ.
گەرچە پۇشتۇلار ۋە ئەنگلىيىلىكلەر ھازارلارنى چىڭگىزخاننىڭ پۇشتى دەپ كەڭ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن مەن ھازارلارنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايمەن (بۇ بىر ھازارنىڭ ئۆز نەسلىگە بولغان تونۇشى ئىكەن- تەرجىماندىن). ئەلۋەتتە، ھازارلاردا موڭغۇللارنىڭ تەسىرى بولغىنى راست، لېكىن بۇ ھازىرقى ھازارلار تارىخىنىڭ ئاران 13-ئەسىردىن باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ (ھازارلارنىڭ تارىخى كېلىپ چىقىشى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن دىمەكچى- تەرجىماندىن).
ھازىرقى ھازارلارنىڭ كۇشان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكى ئېھتىماللىققا ئەڭ يېقىن. كۇشان ئىمپىرىيىسى مىلادى 1-ئەسىردىن 5-ئەسىرگىچە ھازىرقى ئافغانىستان، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىر قىسىمى ۋە پاكىستان، ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسىملىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. كۇشانلىقلارنىڭ ئەسلىي يۇرتى ھازىرقى جۇڭگونىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇرلار رايونىدا (شىنجاڭنى دىمەكچى- تەرجىماندىن) بولۇپ، ئۇلار شۇ يەردىن ھازىرقى ئافغانىستانغا كۆچۈپ كەلگەن.
كۇشان ئىمپېرىيىسى غەرب تەرەپتىكى پارسلار قۇرغان ساسانىيلار ۋە شەرق تەرەپتىكى ھىندىلار قۇرغان گۇپتىلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن،  5- ۋەياكى 6-ئەسىرلەردە بەربات بولغان ئىدى.
مىلادى 5-ئەسىرلەردىن باشلاپ، ھازارلار پارسلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشقا باشلىدى. ئافغانىستاندىكى ھازارلار تاكى ئىسلامىيەت كەلگەنگە قەدەر پارسلار قۇرغان ساسانىيلار ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشىدى. (پارسلارنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى ئەرەبلەرنىڭ تاجاۋۇزى ئارقىلىق رويقاپقا چىققان –تەرجىماندىن) ئافغانىستاندىكى ئەرەب كۈچلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، غەزنەۋىلەر، غورلار قاتارلىق قۇدرەتلىك تۈرك ئىسلام خانلىقلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ھازارلارنىڭ مەركىزى رايونلىرىدا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. بۇ رايونلار بۇرۇن پارسلار ھۆكۈمرانلىق قىلغاچقا، پارس تىلى ۋە مەدەنىيەتى تۈرك خانلىقلىرىدا ئىنتايىن مۇھىم روللارنى ئوينىدى (مەسىلەن، ھىندىستانىكى موغۇل تۈرك ئىمپېرىيىسىدە). بەلكىم ھازارلار دەسلەپتە پارس تىلىنى قوشۇمچە تىل قاتارىدا ئۆگىنىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئانا تىلى بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن (پارس تىلىنىڭ تۈرك مەدەنىيىتىگە، ھەتتاكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ پارسچە شېئىر يېزىپ، پارس تىلىنى ئاناتىلىدەك بىلىدىغانلىقى ھېچكىمگە سىر ئەمەس- تەرجىماندىن).
13-ئەسىردە، چىڭگىزخان ئافغانىستانغا يېتىپ كېلىدۇ. ئافغانىستان، پارس رايونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنلىرىغا خارازم ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. بۇمۇ تۈركلەر قۇرغان ئىمپېرىيەدۇر.
چىڭگىزخان ۋە موڭغۇللار دەۋىرىدە ھازارلار ئىنتايىن مۇھىم روللارنى ئوينىغان ئىدى. چۈنكى ھازارلار سېرىق تەنلىك (موڭغۇللوئىد ئېرقى) بولۇپ، چىرايى موڭغۇللارغا ئوخشاپ كېتەتتى، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى شۇكى، ھازارلار پارسچە سۆزلىيەلەيتتى. مەسىلەن، موڭغۇللار ئىران ۋە ئافغانىستاننى كونترول قىلماقچى بولسا، پارس تىلى ئىنتايىن مۇھىم بولىدۇ، بۇ تىل ۋەزىپىسىنى ھازارلار ئورۇندىيالايدۇ. ئەگەر موڭغۇللار ھازارلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، بۇ رايونلارنى باشقۇرسا، موڭغۇللار تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشەلەيتتى. شۇنىڭغا ئوخشاش، چىڭگىزخان دەۋىرىدىن قالغان تەسىرلەرنى ھازىرقى ھازارلارنىڭ ئەھۋالاتىدىن بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ھازارلار رايونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىياگە 13- ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان، مەسىلەن، تېمۇرلەڭ ۋە بابۇر قاتارلىقلار.
يېقىنقى 200 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ 100 يىل مابەينىدە، ھازارلار تەسەۋۇر قىلغۇسىز ھالدىكى زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقلارغا ئۇچراپ كەلدى. 1880-يىللىرى، پۇشتۇ شاھى ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىسادى ۋە قۇراللىق ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، ئەينى ۋاقىتتىكى ھازارلار ئاھالىسىنىڭ ٪62نى قىرغىن قىلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ ٪60 زېمىنىنى بېسىۋالدى، بۇ زېمىنلار تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر پۇشتۇلارنىڭ قولىدا تۇرىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى تالبان پۇشتۇلارمۇ ھازارلارنىڭ كىملىكى ۋە تارىخىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. لېكىن ھازارلار ھېچكىمگە باش ئەگمەيدۇ.
تۈرك ۋە تۈركىي موڭغۇل قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئۆز قېرىندىشىڭلار بولغان ھازارلارنى تونىۋالىدىغان ۋاقتىڭلار كېلىپ قالدى. گەرچە ھازارلار ھازاراگىدىن ئىبارەت پارس دىئالكتىكىدا سۆزلەشسىمۇ، لېكىن بىز تۈرك تىلىنى ھەر قاچان ئۆگىنىشنى خالايمىز. مېنىڭ تاغام ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تاشكەنتتە تۇرىدۇ، ھازىر ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزبەكچە سۆزلىشىدۇ. مەن بارلىق ھازارلارنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھازارلارنىڭ كەلگۈسى تۈركلەرگە تەۋە، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆز تۈركدۇر! بىزنىڭ بايرىقىمىز چوقۇم تۈركىي مىللەتلەر بايرىقى قاتارىغا كىرىشى كېرەك.


مەنبە: ئۆزەم

ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
RIFAT + 100
13579081520 + 1 بىر مىللەتنى تىزلا ئېتراپ قىلىشقا يا
delkax613 + 100 قىزقىشىمىز ئوخشاش ئىكەن!  بلوگ
ئەركەم + 300 نادىر تېمىلىرىڭىزنى كۆرۈشكە تەشنا
Aytugh + 100 ئەھمىيەتلىك  تېمىڭىز ئۈچۈن سىز
bilgeyar + 16 ئەھمىيەتلىك تېما!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 617   باھا خاتىرىسى

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 3679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29022
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6345 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 01:12:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭىچە بىر ساۋاتقا ئىگە قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.

ئادەم بولماق تەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1654
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14961
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 01:46:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ، يەنە بىر قېرىنداش مىللەتنى تۇنۇۋالدۇق.

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 07:36:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆكتاش ئەپەندىمنىڭ ئىزدىنىشىگە تەشەككۇر !
يازمىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان پاكىتلار ئىنىق ئەمەس، ھازارلار بەرىبىىر ئۇيغۇر ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۇيغۇر غا ئوخشاش تۇركىي مىللەتلەتدىن بىرسى خالاس.
تېمىدا ھازارلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۇققىنى-دىيىلىپلتۇ، مۇشۇ كۆز قاراشلا توغرا . مەزمۇندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان باشقا كۆز قاراشقا قوشۇلۇشقا بولمايدۇ...

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 3438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2445
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1633 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 08:50:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىلىپ مانا ئۇرۇق - تۇققانلىرىمىزدىن بىرنى تونىۋالدۇق دىسە ...
تىما ئىگىسگە كۆپ رەھمەت .
مۇشۇ نەچچە يىل ئالي مەكتەپنى ئوقۇپ ، نۇرغۇن تارىخ دەرس ئاڭلاپمۇ بۇ مىللەتنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن ، مۇنبەر كۆرۈپ مانا بۈگۈن ھەم بۇرۇندىن خىلى جىق دەرس ئاڭلاپ كەلدىم . بولۇپمۇ تارىخ دەرسىلىرىنى . قارىغاندا مەكتەپتىن مۇنبەر ياخشىمۇ نىمە ؟

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6665
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11701
تۆھپە نۇمۇرى: 770
توردا: 2280 سائەت
تىزىم: 2010-8-18
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 09:01:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  matimatika كە 2011-07-09 07:36ئەۋەتىلدى  :
كۆكتاش ئەپەندىمنىڭ ئىزدىنىشىگە تەشەككۇر !
يازمىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان پاكىتلار ئىنىق ئەمەس، ھازارلار بەرىبىىر ئۇيغۇر ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۇيغۇر غا ئوخشاش تۇركىي مىللەتلەتدىن بىرسى خالاس.
تېمىدا ھازارلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۇققىنى-دىيىلىپلتۇ، مۇشۇ كۆز قاراشلا توغرا . مەزمۇندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان باشقا كۆز قاراشقا قوشۇلۇشقا بولمايدۇ...

بۇ سۆزلەرگە مەنمۇ  بۇرۇن ئىشەنمەيتىم، ھەتتا چۈشۈمدىمۇ كۆرمىگەن!
ھازارلارنىڭ توربەتلىرىگە كىرسىڭىز، ئۇلار ئۆزلىرىنى تۈركىي مىللەتلەرگە تەۋە قىلىدۇ (گەرچە پارس تىلىدا سۆزلەشسىمۇ). ماقالەمنىڭ ئاساسلىق قىسىمى ئېنگلىزچەدىن تەرجىمە قىلىنىغان بولۇپ، بۇ پەقەت ھازارلارنىڭ ئۆزىگە بولغان تونۇشى ئىكەن. باشقىلار ئۆزلىرىنى تۈركي- موڭغۇللارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇققىنى دەپ قارىسا، بىزگە نېمە ئامال!
سىز بىلەن بىز باشقا كۆز-قاراشلارغا قوشۇلامدۇق- قوشۇلمامدۇق، ئۇلار بەرىبىر ئاشۇنداق قارايدىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7341
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1780 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 10:04:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازارلارنى مەنمۇ موڭغۇللارنىڭ ئەۋلادى، دەپ ئاڭلىۋىدىم!

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

مىنىڭ سىردىشىم&am

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43765
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3297
تۆھپە نۇمۇرى: 188
توردا: 422 سائەت
تىزىم: 2011-6-9
ئاخىرقى: 2011-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 10:05:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  matimatika كە 2011-07-09 07:36ئەۋەتىلدى  :
كۆكتاش ئەپەندىمنىڭ ئىزدىنىشىگە تەشەككۇر !
يازمىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان پاكىتلار ئىنىق ئەمەس، ھازارلار بەرىبىىر ئۇيغۇر ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۇيغۇر غا ئوخشاش تۇركىي مىللەتلەتدىن بىرسى خالاس.
تېمىدا ھازارلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۇققىنى-دىيىلىپلتۇ، مۇشۇ كۆز قاراشلا توغرا . مەزمۇندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان باشقا كۆز قاراشقا قوشۇلۇشقا بولمايدۇ...
قوشۇلمىسىڭىز شۇ ماقالىنى يازغان كىشىگە تارىخى پاكىتلار ئارقىلىق رەددىيە بەرمەمسىز.تىما ئىگىسىمۇ بۇنى ئىنگىلىسچىدىن تەرجىمە قىلغانلىقىنى دەپتۇ.ياكى ماقالە ئاپتۇرى مەن سېنىڭ قېرىندىشىڭ ماڭا نان بەر دېمەپتۇ، پەقەت مىللى كىملىكى ھەققىدە ئىزدىنىپتۇ.

جاھان رەنا!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7341
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1780 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 10:06:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەپ كەلسەك، دۇنيادىكى ھەممىلا مىللەتلەر قېرىنداش!

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

مىنىڭ سىردىشىم&am

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43765
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3297
تۆھپە نۇمۇرى: 188
توردا: 422 سائەت
تىزىم: 2011-6-9
ئاخىرقى: 2011-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 10:10:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر، سىلەرنىڭ ئاتاڭلار بىر››
                                   __مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم.

جاھان رەنا!!!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش