|
|
|
|
مىسرانىم مۇنبىرى «تەلەي يۇلتۇزى» 16- سان
ئەقىل
1-سوئال: خېمىيەۋى ئوغۇت بىلەن ئورگانىڭ ئوغۇتنى سېلىشتۇرغاندا قايسىسىنىڭ ئۇزۇقلۇق مىقدارى يۇقىرى؟
خېمىيەۋى ئوغۇتنىڭ ئۇزۇقلۇق مىقدارى يۇقىرى
2-سوئال: ئۇنئالغۇدىن چىققان ئاۋازىڭ بەزىدە يۇقىرى بەزىدە تۆۋەن بۇلۇپ ئۆگىرىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا ئايلىنىش سۈرئىتى مۇقىم بولمىغانلىقىدا، سىزنىڭچە بۇ قاراش توغرىمۇ؟
توغرا
3-سوئال: رەسساملىق بولسا يۈز، رەڭ ۋە شەكىلنى ۋاستە قىلىدۇ، شۇنداقمۇ؟
شۇنداق
4-سوئال: ئادەم قورققاندا ۋە جىددىيلەشكەندە، ئىچكى ئەزا نېرۋىلىرىنىڭ ماسلىشىشى ئاستىدا، بۆرەك ئۈستى بېزى يىلىك ماددىسى قۇيۇپ بەرگەن ئادرېنالىننىڭ مىقدارى ئاشامدۇ ياكى تۆۋەنلەمدۇ؟
ئاشىدۇ
5-سوئال: كۈچ ئۇلاپ يۈگرەش مۇسابىقىسىدە كۈچ ئۇلاش تايىقىنى بىرىش - ئېلىش ئۇسۇلى ئىككى خىل، بۇ ھۆكۈم توغرىمۇ؟
توغرا
6-سوئال: داۋازلار پولات سىمدا ماڭغاندا قولغا ئۇزۇن خادا ئېلۋېلىشنىڭ سەۋەبى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن. سىزنىڭچە شۇنداقمۇ؟
ئۇنداق ئەمەس
7-سوئال: قىزىل ۋە سېرىق رەڭلەرنىڭ تەسىرچانلىقى يۇقىرى بولغاچقا ئىسسىق رەڭ دەپ ئايرىيمىز. بۇ قاراش توغرىمۇ؟
توغرا
8-سوئال: تارىخى ھېكايىلەر تارىخ بىلەن ئەدەبىياتنىڭ بىرلەشمىسى ، ئۇنداقتا ئۇنىڭدا چىنلىق بىلەن بەدىئىي توقۇلما ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلىدۇ دىيىش توغرىمۇ؟
توغرا
بىلىم
9-سوئال: ئالما ئۆسۈش مەزگىلىدە نەملىككە كۆپرەك ئېھتىياجلىق بۇلۇپ، ئالمىنىڭ يۇرۇقلۇققا بولغان تەلىپى:
ئا: يۇرۇقپەرەس دەرەخ
ب: سايەپەرەس دەرەخ
س: يۇرۇقلۇققا بولغان تەلىپى يوق.
(ئا) يۇرۇقپەرەس دەرەخ
10-سوئال: پويىزنىڭ تورمۇزى :
ئا: ئالدىدىكى پاراۋوز ۋاگونىدىلا بار.
ب: ھەممە چاقتا بار.
س: پەقەت ئالدىدىكى پارۋوزنىڭ چاقلىرىدا ئارقىدىكى بىر قانچە ۋاگونلىرىدىكى چاقتىلا بار.
(ب) ھەممە چاقتا بار
11-سوئال: يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئاتموسفېرا ماسسىسىنىڭ زور كۆپ قىسىمى يەر يۈزىگە يېقىن بولغان 16 كىلومتېر دائىرىدىكى ئاتموسفىرا قاتلىمىغا مەركەزلەشكەن، بۇ جايدا ھاۋانىڭ زىچلىقى:
ئا: ناھايتى يۇقىرى
ب: ناھايتى تۆۋەن
س: نورمال
(ب) ناھايتى يۇقىرى
12-سوئال: ساپال قاچا – قۇچىلار ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ بۇرۇن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ بىرى بۇلۇپ، ئۇنىڭ كەشىپ قىلىنىشى قايسى دەۋىرگىچە سۈرۈشكە بولىدۇ:
ئا: تاش قورال دەۋرىگىچە
ب: تۆمۈر قورال دەۋرىگىچە
س: مېتال قورال دەۋرىگىچە
(ئا) تاش قورال دەۋرىگىچە
13-سوئال: ھازىر ئاساسى جەھەتتىن ھەممە ئائىلىكلەر تەبئىي گاز ئىشلىتىۋاتىدۇ، ئۇنداقتا بۇ تەبئىي گازنىڭ ئاساسلىق تەركىبى نېمە؟
ئا: ھىدروگىن
ب: مېتان
س: كاربون تۆت ئوكسىد
(ب) مېتان
14-سوئال: «قۇملۇقتىكى ئۆسۈملۈك پادىشاھى» دەپ نام ئالغان ئۆسۈملۈك:
ئا: توغراق
ب: شەمشاد
س: سۆكسۆك
(س) سۆكسۆك
زىھىن سىناش سوئاللىرى
1 5-سوئال: تاللا بازىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىن باشلاپ 1- دىن 6- گىچە جەمئىي 6 رەت مال جازىسى بار. كىر يۇيۇش پاراشوكى مال جازىسى بولسا سۈت تۈرلىرى مال جازىسىغا يانداش، لېكىن كىر يۇيۇش پاراشوكى تاللا بازىرىغا كىرگەن چاغدىكى كۆزگە كۆرىنىدىغان جايدا ئەمەس. گۆش تۈرلىرى مال جازىسى بولكا مال جازىسىنىڭ ئالدىدا، كونسىرۋا مال جازىسى سۈت تۈرلىرى مال جازىسىنىڭ ئالدىدىكى 2-رەتكە تىزىلغان، گۆش تۈرلىرى مال جازىسى مىۋىلەر مال جازىسىنىڭ كەينىدىكى 4-رەتتە.
ئۇنداقتا سىز بۇل مال جازىلىرىنىڭ رەت تەرتىپىنى دەپ بىرەلەمسىز؟
مىۋا، كونسىرۋا، كىر يۇيۇش پاراشوكى، سۈت، گۆش، بولكا
16-سوئال: بىر تاللا بازىرى بىر مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىشىنىڭ ناھايتى تىزلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ باھاسىنى ئەسلىدىكىسىدىن %10 ئۆستۈرۈپتۇ. بىراق شۇ كۈندىن باشلاپ ئەتىسى ئۇ مەھسۇلات كۆڭۈلكىدەك سېتىلماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن تاللا بازىرى يەنە بىر قېتىم باھانى %10 چۈشۈرۇپتۇ. بەزى كىشىلەر ئەمدى تاللا بازىرى زىيان تارتىدىغان بولدى دىيىشىتى. سىزنىڭچە تاللا بازىرى راست زىيان تارتامدۇ؟ (پايدا ئالغان بولسا ياكى زىيان تارتقان بولسا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈڭ)
شۇنداق. ئەگەر ئۇ مەھسۇلاتنى 100 يۈەن دىسەك، ئۇنىڭغا %10 قوشساق 110 يۈەن بولىدۇ، كېيىن 110 يۈەن مەھسۇلاتنى %10 تۆۋەنلىتىپ ساتسا يەنى 110 يۈەننىڭ %90 تى بويىچە ساتسا 99 يۈەن بولىدۇ، ئەسلىدىكى باھا ئۆرلەتمەستە 100 يۈەن بويىچە ساتقان، دىمەك زىيان تارتقان.
17-سوئال: سەككىز ئوقۇغۇچى ئالى مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئۇققان، ئۇلار ئالىم، ئەمەت، سەمەت، مەمەت، توختى، قادىر، ئېلى، تۇرسۇن قاتارلىقلار.
1) ئەمەت، سەمەت، مەمەت قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدە ئەمەت ئەڭ يۇقىرى نۇمۇر ئالغان، مەمەت ئەڭ تۆۋەن نۇمۇر ئالغان، بىراق مەمەت سەككىزىنچى ئەمەس.
2) ئالىم بىلەن سەمەت ئارىسىدىكى ئوتتۇرىسىدىكى ئوقۇغۇچى بولسا قادىر.
3) قادىر بولسا توختىدىن 4 دەرىجە يۇقىرى.
4) تۇرسۇن تۆتىنچى دەرىجىگە ئىرىشكەن.
5) ئالىم بولسا سەمەتتىن يۇقىرى نۇمۇر ئالغان.
ئۇنداقتا سىز بۇلارنىڭ دەرىجە رەت تەرتىپىنى ئېيتىپ بىرەلەمسىز؟
ئالىم، ئەمەت، قادىر، تۇرسۇن، سەمەت، مەمەت، توختى، ئېلى
مۇكاپات بۇيۇمى تۆۋەندىكىچە: 1. دەرىجىلىك مۇكاپات (بىر نەپەر) elfangel13 توغرا جاۋاب سانى: 13 مۇكاپات 5000مۇنبەر پۇلى 2-دەرىجىلىك مۇكاپات (ئىككى نەپەر) توغرا جاۋاب سانى: 12 توغرا جاۋاب سانى: 11 مۇكاپات 3000 مۇنبەر پۇلى 3-دەرىجىلىك مۇكاپات (ئىككى نەپەر) tanhadilkar توغرا جاۋاب سانى: 10 توغرا جاۋاب سانى: 10 مۇكاپات 2000 مۇنبەر پۇلى رىغبەتلەندۈرۈش (ئالتە نەپەر) cayyara توغرا جاۋاب سانى: 9 توغرا جاۋاب سانى : 9 مۇكاپات: 1000 مۇنبەر پۇلى desni توغرا جاۋاب سانى: 8 YuqunAdam توغرا جاۋاب سانى: 8 taymas . ashik توغرا جاۋاب سانى: 8 kimina توغرا جاۋاب سانى: 8
يۇقۇردا ئىسمى چىقمىغان ئەمما بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان باشقا ئەزالارغىمۇ ئاز بولسىمۇ مۇۋاپىق مىقداردا مۇنبەر پۇلى مۇكاپات بىرىلىدۇ.
كېلەر قېتىملىق سانىنى ئۆتكۈزۈشنى خالىغانلار باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ سوئاللارنى سىناق شەكىلدە ئارقا بەتكە تىما قىلىپ ئەۋەتسە، كۆرۈپ مۇقۇمداپ بولغاندىن كېيىن يوللىسا بۇلىدۇ.
كۆپچىلىكنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىپ بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، ھەمدە بەزى بىر نوقسانلار بولسا كەچۈرۈم سورايمەن.
تەييارلىغۇچى: alafasy
|
|
|
|
|
|