ئىمام ئەھمەدنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
نەسەبى ۋە سۈپەتلىرى:
ئىمام ئەھمەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھىجىرىيە 164-يىلى (مىلادى 780-يىلى) رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىدا باغدات شەھرىدە بىر ساپ ئەرەب ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى شەيبان قەبىلىسىدىن بولۇپ نەسەبى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نەسەبى بىلەن تۇتىشىدۇ.
ئىمام ئەھمەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېلىپ چىققان شەيبان قەبىلىسى قەدىمدىن بۇيان قەيسەرلىك، ھىممەت ۋە غەيرەت بىلەن داڭ چىقارغان قەبىلە بولۇپ ئىسلامىيەتتىن كېيىن كۆپ مەيدانلاردا غەيرەت كۆرسەتكەن.
ئىمام ئەھمەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاتىسى مۇھەممەد ئەسكەر ئىدى، چوڭ دادىسى ھەنبەل سەرەخس شەھرىگە ۋالىي بولغان، كىشىلەر ئىمام ئەھمەدنى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل دەپ ئاتىسىغا ئەمەس چوڭ دادىسىغا مەنسۇب قىلىپ كەلگەچكە شۇنداق تونۇلغان، ئىمام ئەھمەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئائىلىسى باغدادتا ئابباسىيە خىلاپىتىدىكى دۆلەتتە خىزمەت قىلاتتى.
ئىمام ئەھمەد ئائىلىسىدىن ئىززەت، قەيسەر ئىرادە، مۇستەھكەم ئىمان، سەۋرچانلىق ۋە چىداملىق بولۇش قاتارلىق سۈپەتلەرنى مىراس ئالغان، ئۇ ئۆسۈپ چوڭ بولغانسېرى بۇ سۈپەتلەر ئۇنىڭدا تېخىمۇ تولۇقلىنىشقا باشلىدى، ھەرتۈرلۈك ۋەقە-ھادىسىلەرگە يولۇققانسىرى تەجرىبىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ بۇ سۈپەتلەر تېخىمۇ ئېنىق گەۋدىلىنىشكە باشلىدى، ئۇ ئاتىسىدىن كىچىك قالغاچقا، ئۇنى ئانىسى بىلەن قالغان تۇغقانلىرى تەربىيىلەپ ئۆستۈردى.
ئاتىسى ئۇنىڭغا ئولتۇرۇشقا بىر ئۆي، بىر پارچە تېرىيدىغان يەر مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يەردىن ھاياتىنى قامداشقا ئارانلا يەتكۈدەك ھوسۇل چىقاتتى، بۇ ئاز مەھسۇل بىلەن ئىمام ئەھمەد باشقىلارغا ھاجەتمەن بولماي ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.
جانابى ئاللاھ ئىمام ئەھمەدكە بۇ ئېسىل نەسەب بىلەن بىرگە بەش خىسلەت ئاتا قىلغان، بۇ بەش خىسلەت قانداق بىر كىشىدە بولىدىكەن ئۇ كىشى كىچىك ۋە بىمەنە ئىشلاردىن يىراقلىشىپ ئۈستۈنلۈككە ۋە چوڭ ئىشلارغا قاراپ يۈزلىنىدۇ، بۇ بەش خىسلەت تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1- شەرەپلىك ئېسىل نەسەب.
2- كىچىكىدىن تارتىپ ئۆزىگە تايىنىپ ياشاشقا كۆندۈرگەن يىتىملىق.
3- نورمال كەمبەغەللىك. شۇڭا ئۇ بايلارنىڭ ھاكاۋۇرلىقىدىن، كەمبەغەل - نامراتلارنىڭ خارلىقىدىن خالىي بولغان.
4- قانائەت. پەقەت بىر ئاللاھتىنلا قورقۇپ، باشقا ھېچقانداق كۈچكە پەرۋا قىلماسلىق، ئىلمىي ئۈستۈنلۈككە ئىنتىلىش.
5- زىرەك ئەقىل ۋە ئىلغار ھوشيارلىق.
ئىمام ئەھمەد يۇقىرىقى سۈپەتلەردە ئۇستازى ئىمام شافىئىيغا ئوخشايتتى، ئەمما ئىمام ئەھمەدنىڭ ئەرەب نەسەبى بىلەن پەخىرلەنگەنلىكى كۆرۈلمىگەن.
تەربىيىسى:
ئىمام ئەھمەد باغدادتا تەربىيىلەنگەن، ئانىسى ئۇنى كىچىكىدىن تارتىپلا قۇرئان كەرىمگە يۈزلەندۈرگەن، ئۇ كىچىك چېغىدىلا قۇرئان كەرىمنى يادلاپ بولغان، ئۇنىڭدا كىچىكىدىنلا زېرەكلىك ۋە تەقۋادارلىق سۈپەتلىرى كۆرۈنگەن، ئۇ ئۆز دېمەتلىكلىرى ئىچىدە ئۆرنەك قىلىنىدىغان بالا ئىدى، قۇرئان كەرىمنى يادا ئېلىپ تىل بىلىملىرىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئۇ يېزىقچىلىق ۋە تەھرىرلەش بىلىملىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن دىۋانغا كىرگەن. ئۇ دىۋاندا ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلىسىگە ئەۋەتىدىغان خەتلىرىنى يېزىپ بەرگەن، ئۇنىڭ دۇرۇستلىقى ۋە ئەدەب - ئەخلاقىنىڭ ئۈستۈن بولغانلىقى ئۈچۈن ئاتا - ئانىلار ئىمام ئەھمەدتەك بىر بالىسى بولىشىنى ئۈمىد قىلىشاتتى.
ئەگەر ئۆسمۈر بالا چوڭ ئادەمنىڭ ئۇرۇغى دەپ قارالسا، ئىمام ئەھمەدنىڭ كىچىك چاغلىرىدىكى سۈپەتلىرى ئۆلىمالارنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
ئەينى زامانلاردا باغدادتا شۇ ئەسىردىكى بارلىق ئىلىم - پەنلەر بار ئىدى، ئىمام ئەھمەدنىڭ مايىللىقى دىنىي بىلىملەرگە بولغاچقا ئالدى بىلەن تىل ۋە لۇغەت بىلىملىرىنى ئۆگەندى، چۈنكى بۇ بىلىملەر دىنىي بىلىملەرنىڭ قورالى. تىل بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن ئىمام ئەھمەدنىڭ ئالدىدا ئىككى يولدىن بىرىنى تاللاش بار ئىدى، بۇ ئىككى يول فەقىھلەر يولى بىلەن ھەدىسچىلەر يولى ئىدى.
دەسلەپتە ئىمام ئەھمەد ھەدىسچىلەرنىڭ يولىنى تاللىغان، ئۆزىنىڭ ئېيتىشىچە ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە رەھمۇتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ شاگىرتى ئىمام ئەبۇ يۈسۈف رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن ھەدىس ئۈگەنگەن، كېيىن باشقا ھەدىسچىلەرگە يۈزلەنگەن، ئۇ باغدادتا ھەدىس ئوقۇپ يەتتە يىل(179-186- ھـ) نى ئۆتكۈزگەن.
ئىلىم يولىدىكى رىيازەتلىرى:
ئىمام ئەھمەد ھىجىرىيە 186-يىلىدىن تارتىپ ھەدىس ئۆگىنىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلانغان، ئۇ بەسرە، كۇفە، ھىجاز ۋە يەمەن قاتارلىق يۇرتلارغا سەپەر قىلىپ ھەدىس ئالىملىرىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن دەرس ئاڭلاپ ھەدىس ئۆگەنگەن، بەسرىگە بەش قېتىم، ھىجازغىمۇ بەش قېتىم سەپەر قىلغان، ھىجازدا ئىمام شافىئىي بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن باغدادتا ئىككىنچى قېتىم ئۇچرىشىپ ئىمام شافىئىيدىن فىقھى ئۇسۇللىرىنى ئۆگەنگەن، ئۇندىن كېيىن ئىمام شافىئىي بىلەن مىسىردا كۆرۈشۈشكە ۋەدىلەشكەن بولسىمۇ ماددىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن مىسىرغا سەپەر قىلالمىغان.
ئىمام ئەھمەد ھىجازغا ئۈچ قېتىم پىيادە مېڭىپ بارغان، ئۇ ئىلىم تەلەپ قىلىشتا جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرىشنى مۇھىم دەپ قارايتتى، چۈنكى ئاسانلا قولغا كېلىپ قالغان نەرسە ئاسانلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھەدىس ئىلمىنى ئۆگنىش يولىدا ھىجرەت نىيىتى بىلەن سەپەرگە چىقاتتى.
ئىمام ئەھمەد ئىلمىي تەرەپتىن يېتىشىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئىلىم يولىدا سەپەرگە چىقىشنى توختىتىپ قويمىغان، ئۇ ھەدىس ئىزدەپ كىتابلىرىنى دۈمبىسىگە يۈدۈپ ئىسلام ئەللىرىنى كېزىپ يۈرگەن، كۆپ ئىلمى بىلەن كۇپايە قىلىپ توختاپ قالمىغان، ھەتتاكى ئۇ ئىماملىق مەرتىۋىسىگە يەتكەندىن كېيىنمۇ ھەدىس ئىزدەشكە بولغان جىددىي تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرغان، بىر كۈنى ئۇنىڭ دەرس ئاڭلاپ يېزىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەن بىرسى ئۇنىڭغا: " سىز بۇ مەرتىۋىگە يەتكەن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمامى تۇرۇقلۇق دەرس ئاڭلاپ يېزىپ ئولتۇرامسىز؟" دەپ سورىغاندا ئۇ : "قەلەم بىلەن قەبرىگە" دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ مۇنداق دەيتتى: "مەن قەبرىگە كىرگۈچە ئىلىم تەلەپ قىلىمەن". ئۇ ئىلىپ ئوقۇشتا يادلاشقىلا تايانمايتتى، بەلكى ئاڭلىغان ھەرقانداق دەرسنى يېزىپ ساقلايتتى.
ئىمام ئەھمەد فىقھىنىڭ ھەدىسكە تايىنىدىغانلىقى:
ئىمام ئەھمەد ئوقۇشتا ھەدىس رىۋايەت قىلىش ئىلمى بىلەن بىرگە فىقھى ۋە ھۆكۈم چىقىرىش ئىلمىنى ئوقۇغان.
ئۇ ئىراق فەقىھلىرىنىڭ كىتابلىرىدا ئىلمىي ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرالمىغان بولسىمۇ، ياكى بەزى فەقىھلەرنىڭ تۇتقان يولىنى ياقتۇرمىسىمۇ يەنىلا فىقھى ئىلمىنى ئوقۇشقا كۆڭۈل بۆلگەن.
ئۇ ھەدىس ئوقۇشتا يادلاش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ھەدىسنىڭ غايىلىرىنى ۋە فىقھى مەنىلىرىنى چۈشۈنۈپ ئوقۇغان، ئۇ ساھابىلەرنىڭ پەتىۋالىرىنى ۋە فىقھىنى تەتقىق قىلغان، شۇنداق قىلىپ ھەدىس بىلەن فىقھى ئىمام ئەھمەدتە جەم بولغان، بۇنىڭغا ئاساسەن ئىمام ئەھمەدنى خۇددى ئىمام مالىك رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىگە ئوخشاشلا بىرلا ۋاقىتتا ھەم مۇھەددىس ھەم فەقىھ دېيىشكە بولىدۇ، لېكىن ئىمام مالىك فىقھى تەرەپتىن تېخىمۇ ئوچۇقراق ئىدى.
دېمەك ئىمام ئەھمەد ھەدىس، فىقھى ۋە ئەرەب تىلى بىلىملىرىدىن باشقا ئىلىم ئوقۇشقا يۈزلەنمىگەن.
ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى خاۋارىج، شىئە، جەھمىييە ۋە موئتەزىلە قاتارلىق ھەرخىل پىرقە-ئېقىملارنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ۋە پرىنسىپلىرىدىن خەۋەردار بولغان.
ئىمام ئەھمەد ھەدىس ئىلمىنى ئۆز ئەسرىدىكى بارلىق مەنبەلەردىن ئۆگەنگەن، ئۆز ئەسرى بىلەن پىكرىي جەھەتتىن تۇتاشقان، دىنغا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل بىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ بەزى بىلىملەردە چوڭقۇرلاپ مۇتەخەسسىس بولغاندىن كېيىن مېۋە بېرىش پەيتى كەلگەن، ئۇ قىرىق ياشقا كىرگەندىن كېيىن دەرس ئوقۇتۇش ۋە پەتىۋا بېرىشكە ئولتۇرغان، كىشىلەرگە كەمتەرلىكى، زۇھدى-سالاھى ۋە شۆھرەتتىن قېچىش رىغبىتىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن تونۇلۇپ مەشھۇر بولۇپ كەتكەن، ئۇ شەرەپ ۋە شۆھرەتتىن قاچسىمۇ شەرەپ بىلەن شۆھرەت ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ ماڭغان.
بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئىمام ئەھمەد ساپ سەلەفىي ھايات كەچۈرەتتى، ئۇ شۇ دەۋرنىڭ جېدەل-ماجىرالىرىدىن يىراقلىشىپ ھەرتۈرلۈك سىياسىي، ئىجتىمائىي، پىكرىي ۋە ھەربىي تالاش - تارتىشلاردىن يىراق تۇرۇپ ئۆز روھى ۋە پىكرى بىلەن ساھابىلەرنىڭ ساماسىدا پەرۋاز قىلىشنى تاللىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىلمى ھەدىس ۋە ھەدىس فىقھىدىن ئىبارەت ئىدى، ھەرقانداق بىر مەسىلىدە ساھابىلەرنىڭ ئىزدەنگەنلىكىنى ئاڭلىغان بولسا ئاندىن ئىزدىنەتتى، ئەقلىي مەسىلىلەردە چوڭقۇرلاپ كىرىشكە كۈچىمايتتى.
ئىمام ئەھمەد ياشىغان ئەسىردە ئىسلامىي ئەقىلگە يات بولغان پىكىر ۋە كۆزقاراشلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى، سەلەفىيلار بۇنىڭغا قارىتا ئىككى خىل پوزىتسىيىدە بولدى: بىرىنچىسى تاقابىل تۇرۇش ۋە ئېلىشىش ئۇسۇلى، ئىمام ئەھمەد ئىككىنچى تەرەپتە تۇرۇپ بۇ ئېقىملار قاينىمى ئىچىدە غېرىپ بولۇپ ياشاشنى تاللىدى، ئۇ روھى ۋە پىكرى بىلەن بىرىنچى دەۋردىكىلەرنىڭ دۇنياسىدا ياشىدى، ھەتتاكى ئۇنى كۆرگەن بەزى كىشىلەر: "زاماندا كېچىكىپ كەلگەن چوڭ تابىئىي" دەپ سۈپەتلىگەن.
ئىمام ئەھمەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇرۇنقىلار ئىزدەنمىگەن مەسىلىلەرنى پەيدا قىلغانلار بىلەن مۇناسىۋەتنى پۈتۈنلەي ئۈزگەن، ھەتتاكى ئۇ ۋاپات قىلغانغا ئۇلارغا رەددىيە بېرىشنى ئۆزىگە راۋا كۆرمىگەن، ئۇ بۇ يولدا (قۇرئان مەخلۇقمۇ ئەمەسمۇ؟) دېگەندەك پىكرىي غەلۋىلەردە قىيىن-قىستاق، ئىشكەنجىلەرگە ئېلىنىپ تۈرلۈك ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئىمانى، قەيسەر ئىرادىسى ۋە بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئارتۇقلىقىدىن ھەممە سىناق ۋە ئىبتىلالاردىن سالامەت ئۆتۈپ ئىسلام تارىخىدىكى داڭلىق قەھرىمانلارنىڭ بىرى بولغان.
مەشھۇر تۆت مەزھەبنىڭ بىرىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ئىمام ئەھمەد ھىجرىيە 241-يىلى باھار ئايلىرىدا باغدادتا ۋاپات بولغان، جىنازىسىغا سەككىز يۈز مىڭ كىشى قاتناشقان، ئاللاھ ئۇ زاتقا كەڭ رەھمەت قىلغاي.
(ئىمام ئەبۇ زۇھرەنىڭ (ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل) ناملىق ئەسىرىدىن سۈزۈپ ئېلىندى)
تەييارلىغۇچى: ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ
http://sajiye.net/viewarticle.php?id=20