مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3156|ئىنكاس: 30

لىياڭشەندىكى 109-پالۋان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41152
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3451
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2013-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-8 01:12:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  

تەرجىمە ئەسەر
ۋۇدالاڭ ياڭگۇ ناھىيىسىدە قۇيماق سېتىش بىلەن ئىگىلىك تىكلەپ،  ئۆيىنىڭ ئالدىغا «جىنلىيەن» تېز تاماقخانىسىنى ئاچتى، كىيىن پەن جىنلىيەن ئۆزىنىڭ گۈزەل ھۆسۈن-جامالى ۋە گەپدانلىقى بىلەن بانكىدىن 300 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ ناھىيە بازىرىنىڭ ئاۋات رەستىسىدە «ئالەم سىرتىدىكى ئالەم» مىھمانخانىسىنى ئاچىتى. ئۇنىڭ 1- قەۋىتى رىستۇران، 2-قەۋىتى مۇنچا، 3-قەۋىتى تانسىخانا، 4-قەۋىتى ياتاق بولوپ،  يەپ ئىچىپ، ئويناپ، كۆڭۆل ئېچىش بىر گەۋدىلەشكەن ئورون بولدى. ۋۇدالاڭ باش مۇدىر، پەن جىنلىيەن باش دىرىكتۇر بولدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە دىڭىز بويىدىكى شەھەرلەردىن ياش، گۈزەل خىنىملاردىن 20نەچچىنى كەلتۈرۈپ يۇقىرى قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.  «ئالەم سىرتىدىكى ئالەم» مىھمانخانىسىنىىڭ ياڭگۇ ناھىيىسىدە نامى چىقىپ، ھەر كۈنى كىلىپ، يەپ ئىچىپ ئويناپ كىتىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.  كەچلىكى توختىتىلغان تاكسىلا بىر چاقىرىمدىن ئارتۇق ئوروننى ئىگىلەيىتتى . بىراق يىل ئاخىرىدا ھىساپ بوغقاندا ھىچقانچە پۇل چىقمىدى. پەن جىنلىيەننىڭ ئاچچىقى كىلىپ، ۋۇدالاڭنى تىللاشقا باشلىدى:  سەن يارىماس، قاراپ باقە ھازىر نەق پۇل تۆلەپ تاماق يەيدىغاندىن قانچىسى بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يازغۇزۇپ قويوپ كىتىۋىرىدۇ، يا يىغىۋالغىلى بولمىسا، ھىلىقى لۆكچەك شىمىنچىڭ دىگەن داپيۈزمۇ ھايات ۋاقتىمدا قەرىز قىلىپ ئۆلگەندە بېرىمەن دەۋاتىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى سىنىڭ يارىماسلىقىڭ، ھوقوقۇڭ ياكى كۈچۈڭنىڭ يوقلىقىدىن خەق بىزنى بوزەك قىلىۋاتمامدۇ؟
   ۋۇدالاڭ بىشىنى تۆۋەن قىلىپ، تىرنىقىنى تاتلىغىنىچە پەنجىنلىيەننىڭ ئالدىدا تۇراتتى، قورىققىنىدىن چوڭراق تىنىشقىمۇ پىتىنالمايىتتى، ناھايىتى تەستە : ئەمىسە قانداق قىلساق بولار - دىيەلىدى ئارانلا . پەن جىنلىيەن كۆزىنى چەكچەيتىپ تۇرۇپ: قارىغاندا ئازراق كۈچىمىز بولمىسا ياڭگۇ ناھىيىسىدە پۇت دەسسەپ تۇرلمىغۇدەكمىز، ئەتە ئىشقا كەلمە، مەن ساڭا 100 مىڭ يۈەن بىرەي، سەن لىياڭشەن كۆلىدە ئەمەل تۇتىۋاتقان ئېنىڭ ۋۇسۇڭنى تېپىپ، ئۇنى يۇقىرى تۆۋەن ماڭدۇرۇپ، بىرەر ئەمەلنى قولغا كەلتۈر، پەقەت سىنىڭ دەرىجەڭ بولسىلا بىز كىمدىن قورقاتتۇق. -دىدى.
  ئەتىسى سەھەردىلا ۋۇدالاڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ لىياڭشەن تامان يۈرۈپ كەتتى.
لىياڭشەننىڭ دەرۋازىسىغا كەلگەندە بىرقانچە كۆپ شەپكىلىك ئۇنى توسوۋىلىپ، لىياڭشەننىڭ داڭلىق مەنزىرە رايۇنى ئىكەنلىكىنى كىرگۈچىلەرنىڭ بىلەت ئېلىپ كىرىشى كىرەكلىكىنى بىر ئادەمدىن 100 يۈەن ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. ۋۇدالاڭ: مەن دىگەن ۋۇسۇڭنىڭ ئاكىسى بولىمەن، تۇغقان يوقلىغىلى كەلسىمۇ بىلەت ئالىدىغان ئىش بارمىكەن؟ - دىدى. ھىلىقىلار كۈلۈپ كىتىپ، قاراپ باقە، سىنىڭ بويۇڭ قانچىلىك، ۋۇسۇڭ يۈز بىشىىنىڭ بويى قانچىلىك؟ كىمىڭنى ئالدىماقچىدىڭ؟ پۇلۇڭ بولمىسا كىرمە. -دىدى. ۋۇدالاڭ نوكىيا تىلفۇنىنى چىقىرىپ بىر نومۇرغا ئۇرۇپ، بىر نەچچە ئىغىز سۆزلەشكەندىن كىيىن بىر كۆپ شەپكىلىككە سۇنۇپ دىدى: ۋۇسۇڭ يۈز بىشى سىنى تىلفۇننى ئالسۇن دەيدۇ. ھىلىقى كۆك شەپكىلىك سۆزلىشىپ بولغاندىن كىيىن چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ: كۆزۆم ئوچوق كوركەنمەن، ۋۇخوجايىن قىنى مەرسەمەت، قىنى مەرھەمەت ........ -دىدى.  ۋۇدالاڭ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ بىر دەمدىلا ۋۇسۇڭ تۇرۇشلۇق كادىرلار بىناسىغا كىلىپ، ۋۇسۇڭغا كىلىش مۇددىئاسىنى ئېيىتتى. ۋۇسۇڭ: ئاكا، باشقا ئىش بولسا مەن قىلىپ بىرەي، لىكىن بۇئىشىڭدا مەن ياردەم قىلالمايمەن، مەن قانداقلا بولمىسۇن بىر رەھبىرى كادىر، ھەممىدە ئۆزۆم ئۈلگە بولوشۇم كىرەك، ئۆزۆمگە ۋە ئاممىغا يۈز كىلەلمەيدىغان ئىشنى قىلسام ھەرگىز بولمايدۇ، سەن يەنىلا بۇيەردە بىر قانچە كۈن تۇرۇپ ئويناپ كەتكىن- دىدى. ۋۇدالاڭ بۇنى ئاڭلاپ:  ئۇكام، ئاتا-ئانىمىز بۇرۇنلا ئۆلۆپ كىتىپ، سىنىڭ پوق-سۈيدۈكىڭنى ئادالاپ ئۆزۆم بىر قوللوق بىقىپ چوڭ قىلىپ قويسام، ئەمەلدار بولۇۋىلىپلا مىنى تونىماس بولوپ قالدىڭمۇ-دىدى. ۋۇسۇڭنىڭ ئاچچىقى كىلىپ: ئاكا، سەن خاتا چۈشىنىپ قالدىڭ.-دىگىنىچە پىشىنى قىقىپ كىتىپ قالدى. ۋۇدالاڭ ۋۇسۇڭنىڭ جاھىل مىجەزىنى بىلگەچكە مىھمانخانىدا ئولتۇرۇپ خىيالغا پاتتى: ئەجەبا، مۇشۇنداقلا قايتىپ كىتەرمەنمۇ؟ ئۆيگە بىرىپ ئىشنى بىجىرەلمىدىم دىسە ھىلىقى ھازازۇل خوتون يەنە ئارامىمدا قويمىسا. خەپ سەن بىجىرىپ بەرمىسەڭ مەن سىنىڭ باشلىقىڭ سوڭ جىياڭنى ئىزدەپ باقمامدىم، پۇل بولسا جىننىمۇ ئۇسۇلغا سالغىلى بولىدىغۇ.  
ئۇ بىر قارارغا كەلدىدە ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ، سوڭ جىياڭنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كىلىپ، ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باستى. ئۆي ئىچىدىن بىر قىز چىقىپ:  كىمنى ئىزدەيسىز؟  -دەپ سورىدى.   ۋۇدالاڭ: سوڭ ئاتامان ئۆيدە بارمۇ؟    ھىلىقى قىز : سوڭ ئاتامان يىغىن ئاچقىلى كەتكەن. مەن ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولىمەن، قىنى كىرىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ- دىدى.
بىر ئازدىن كىيىن سوڭ جىياڭ قايتىپ كەلدى. ۋۇدالاڭ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ بىر تال تاماكا چىقىرىپ سوڭ جىياڭغا تۇتۇپ: سوڭ ئاتامان، نامىڭىزنى ئۇزۇندىن بۇيان ئاڭلاپ كىلىۋاتىمەن، مەن ۋۇسۇڭنىڭ ئاكىسى بولىمەن، شەندوڭنىڭ ياڭگۇ ناھىيىسىدىن ئالاھىتەن سىزنى يوقلاپ كەلدىم-دىدى.  سوڭجىياڭ شۇئان چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ، ۋۇدالاڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ۋۇدالاڭ: سوڭ ئاتامان، سىلى ئەينى يىلى ئاچچىقلىرىدا يەن پوشىنى ئۆلتۆرۈپ، لىياڭشەنگە چىقىپ، قوزغىلاڭ تۇغىنى كۆتۆرۈپ، ئاچكۆز، خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى ئۆلتۆرۈپ، تەڭرى يولىنى تۇتقانتىلا، مەن ئۆزلىرىگە بەك چوقونىمەن، مەن دالاڭ ئۇزۇندىن بۇيان لىياڭشەن ئەزىمەتلىرىگە ئاپىرىن ئوقوپ كەلدىم، مىنىمۇ ئارىلىرىغا قوشوۋالغان بولسىلا-  دىگەچ، تومپىيىپ تۇرغان بىر خۇرۇم سومكىنى سوڭ جىياڭغا سۇندى ۋە : سوڭ ئاتامان، ئاتىدارچىلىق قىلغايلا، بۇ مىنىڭ كىچىككىنە كۆڭلۈم -دىدى.
سوڭ جىياڭ: دالاڭ، قارىڭە، بۇ نىە قىلغىنىڭىز، سىزنىزە....... ئوبدان ئويلاپسىز، مەن چوقوم قوللايمەن، چوقوم قوللايمەن-دىدى.
ئۇزۇن ئۆتمەي لىياڭشەن كۆلىدە داغدۇغىلىق ھالدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنى ئېچىلىپ، ۋۇدالاڭنىڭ ئالاھىدە ماھارىتى بولغاچقا، ئۇنىڭ لىياڭشەننىڭ  بىر ئەزاسى بولوپ قۇبۇل قىلىنغانلىقى، 109-ئورونغا تىزىلغانلىقى تەنتەنىلىك ھالدا جاكارلاندى. شۇنداق قىلىپ ۋۇدالاڭنىڭ نامى يىراق-يىقىنغا تارقالدى.
شۇنىڭدىن بۇيان، ۋۇدالاڭنىڭ «ئالەم سىرتىدىكى ئالەم» مىھمانخانىسىنىڭ تىجارىتى كۈندىن-كۈنگە روناق تاپتى، پۇلمۇ كىرىۋەردى. ھىساپلىشىش شەكلى پۈتۈنلەي نەق بىلەن بولىدىغان، تىخى بەزىلەر ئالدىن پۇل تۆلەيدىغان بولدى. بۇرۇنقى قەرىز قىلىدىغانلار بۇرۇنلا يوقالدى. كىممۇ قەرىز قىلىشقا پىتىنالىسۇن، ۋۇدالاڭ دىگەن لىياڭشەن ئەزىمىتى تۇرسا، ئۇ ئىگە بولىۋاتسا. ھەتتا ياڭگۇ ناھىيىسىنىڭ ئامبىلىمۇ ئۇنىڭدىن ھىيىقىدىغان تۇرسا.    

                                                       مەنبە: خەنزۇچە تور بەتلەر  

ئۇيغۇر بۆرىسى،ب

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9922
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13022
تۆھپە نۇمۇرى: 404
توردا: 5741 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-8 01:36:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن قاملىشىپتۇ،ياخشى تەرجىمە قىپسىز

بارلىغىم مىللىتىم ئۇچۇن..ۋەتەن،مىللەت،دىن

ئەركەك !

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 3046
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22917
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6867 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-8 01:39:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەنزۇچە تور بەتنىڭ ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويماپسىز .

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

ئادەمگە بىلىم كى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 5676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165153
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-8 01:49:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرجىمسى ياخشى چىقىپتۇ.تىما ئىگسىگە رەخمەت.

كۆزۈڭنى ئاچ ،ئۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19684
يازما سانى: 593
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8509
تۆھپە نۇمۇرى: 613
توردا: 6915 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-8 02:28:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشش ئىشلىرىغا دەل ماس كەپتۇ،

دۇست كۇلدۇرۇپ ئېيتار.دۈشمەن يىغلىتىپ ئېيتار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1487
يازما سانى: 827
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10910
تۆھپە نۇمۇرى: 478
توردا: 3827 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-8 04:15:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز.
ئىككى بىسلىق ھىكايىكەن.
بىزنىڭ بۈيۈك دۆلىتىمىزدىكى‹خەلىقنىڭ چاكىرى›لىرىنىڭ ئوبرازى ياخشى چىقىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6122
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8930
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 5580 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-8 10:26:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇدالاڭ لىياڭشەندىن ئىبارەت قارا تەشكىلاتقا قاتنىشىپلا ھەممە ئىشلىرىنى يۈرۈشتۇرۋاپتۇ مانا.

http://koxuk.blogbus.com/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1713
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15151
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2811 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-8 10:43:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇل  +ھوقۇق =  قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق!

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36679
يازما سانى: 1041
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6898
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 4391 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-8 10:57:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      توۋا

تاغ سۈپەت قەددى بار ئىگىلمەيدىغان،
شىرسۈپەت روھى بار يىڭىلمەيدىغان .
ھەق ئۈچۈن ئۆلگەن بار تىرىلمەيدىغان.
شۇنداق بىر ۋەتەننىڭ ئوغلى ئىدىم مەن.

ئۇيغۇر ئوغلانى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11677
يازما سانى: 984
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13061
تۆھپە نۇمۇرى: 492
توردا: 6475 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2013-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-8 11:16:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى ھىكايە دىمەي ساتىرا دىسەك مۇۋاپىق بولغۇدەك...ياخشى تەرجىمە قىپسىز

ياشاش ھەر بىر نەپەس بەدىلىگە ھىساب بىرىشتۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش