مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 612|ئىنكاس: 7

ساراڭنىڭ خاتىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇز ئەرۋاھ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 181
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 26926
تۆھپە نۇمۇرى: 334
توردا: 1586 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-20 08:11:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(مۇز ئەرۋاھ)

بۇ يىلقى ‹‹ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى›› كۈنى مېنىڭ كۆڭلۈم تولىمۇ قالايمىقان ئۆتتى،ئۆتكەن يىلقى ‹‹ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى››ىغۇ ناھايىتى ياخشى ئۆتكۈزگەن،ئۇ ۋاقىتتا سۆيگۈنۈم شۇ كۈننى مەن بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى ‹‹ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى››كۈنى ناملىق بۇچوڭ قالپاقلىق كۈن ئارقىلىق نۇرگۈل بىلەن ئىككىمىز ئوتتۇرىدىكى تۆۋەن تىمپۇراتۇرىنى بىر ئوڭشىۋالسامچۇ دېگەن ئۈمىددە ئۇنى كەچلىك تاماققا چاقىرىپ،ئىككىمىز ئوتتۇرىدىكى چېقىلىپ كەتكەن ھېسسىياتىمىزنى ئوڭشىماقچى بولدۇم.

ئەمما ئۇ كۈنى ياخشىراق ئاشخانا، ئالاھىدە تائاملار ‹‹تېز››تاماقخانىلىرىدا ئورۇن دەيدىغان نەرسە باردەك ئەمەس، ئامال يوق، سودىسى سوغۇقراق بولىۋاتقان بىر ئاچچىق چۈچۈكخانىغا كىرىپ ئۆپكە ھېسىپ يېمەكچى بولدۇق،ھېسىپمۇ ياخشى،بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزدەك ئەگرى توقاي بولسىمۇ،ئەمما يەنىلابىر باشتىن قارىسا، ئەڭ ئاخىرىغىچە پەقەت  بىرلا.

نۇرگۈلنىڭ چىرايى يولدىن باشلاپلا مۇز بىلەن قاپلانغاندەكلا سوغۇق،ئويچان،ئەمما شۇنى ئېتراپ قىلىمەنكى ئۇنىڭ بۇ ھالىتى ھەرقانداق گۈزەلنىڭ ھەرقانداق ۋاقتىدىن گۈزەل ھەم چىرايلىق.ئاشخانىدا ئولتۇرۇپ ئۇزۇنغىچە مەنلا سۆزلىدىم،ئۆپكە ھېسىپ توغرىلىقمۇ، مۇھەببىتىمىز توغرىلىقمۇ سۆزلىدىم ،ئەمما ئۇ قاپاقنى تۈرۈپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان،ئۇزۇندىن كېيىن ئو بىر جۈملە گەپ قىلىپلا يۈرەكلىرىمنى تىتما تىتما قىلىپ قويدى، ‹‹ توۋا بۇگەپنى دېگۈچە گاچا بوپ قالساڭچۇ!››ئىچىمدە ئۇنىڭغا ئاچچىقىم كەلدى، لېكىن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى،ئۇ بۇ جۈملە سۆزنى ئۆزىنى مەجبۇرلاپ تۇرۇپ دېدى.

ئەمەلىيەتتە بۇ ئاشق مەشۇقلار بايرىمى جوڭگۇغا ،شىنجاڭغا كەلگەندە خارەكتىرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ،چۈنكى بۇ كۈندە نۇرغۇن ناچار قىلىقلىق ئوغۇل قىزلار بىر يەرگە كېلىۋىلىپ،جۈپ جۈپتىن بولۇشىدۇ، يۈزلىرى قىزىرىشىپ، كۆزلىرى خۇمارلىشىپ،قىز ئوغۇل دەپ ئولتۇرماي شاراپ ئارقىلىق بۇ بايرامنى تەبرىكلىشىدۇ، كەچ بولغاندا قاراڭغۇلۇق پەردىسىنىڭ ئارقىسغا يوشۇرۇنۇشقانچە مېھمانسارايلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس.

ئاشىق مەشۇقلار بايرىمىدا سوغۇق مۇناسىۋەتنى ئوڭشايمەن دەپ سۆيگۈنۈمدىن ئايرىلىپ قالغىنىم ئۆزۈمچە بەك ئېغىر كەلدى.شۇنىڭ بىلەن بىر قاۋاققا كىرىپ ئولتۇردۇم،بۇ يەردە تۇنۇشىدىغان بىر چوڭ خوتۇن بار ئىدى، كىرىپلا:ھە، مايسىخاچا ،بۈگۈن بايرام بولغاندىكىن ئېتىبارلار باردۇ؟دەپ سورىدىم.

-نەدىكىنى؟بايرام دەپ باھانى ئۆستۈرۋالمىغانغا خوش بولسىڭىز بولىدۇ.

شۇنداق قىلىپ بۇيەردە ئولتۇرۇپ ئايرىلىپ كەتمەيدىغان ھەمراھىمدىن بىر قانچىنى تىكلەپ قويۇپ ئىستىمال قىلىپتىمەن، بۇ يەردەقىزلارمۇ بار ئىدى.توۋا،مۇشۇ قىزلار بۇ يەردە ھەرخىل ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدۇ،چېكىدۇ،ئىچىدۇ،ھەتتا چىقىدۇ(نېمىنىڭ ئۈستىگە).بولدىلا مۇشۇنداق يالغۇز ئولتۇرغۇچە شەكىلگە بولسىمۇ بىر قىز چاقىرىپ قويايچۇ دەپ ئۇيلاپ مۇشۇ يەردىكى بىر ئېگىز ئورۇق بىر قىزنى چاقىرىپ قېشىمدا ئولتۇرغۇزۇپ قويدۇم، قىزلارئوغۇللارنى ئېگىز ئورۇق بولسا ئۇنى كېلىشكەن دېيىشىۋالىدىكەن، ئېغىزدا بولسا ئوغۇللارنىڭ سەتى يوق دېيىشىدىكەن ، قىزلارنىڭغۇ بىر گېپى يەنە بىر گېپىنىڭ كۆتىگە تېپىپلا تۇرىدۇ.

ئۇ قىز قىشىمدا ئولتۇرۇپ توختىماي قىسقا ئۇچۇر ،تېلىفۇنلارنى قۇبۇل قىلىپ قايتۇرۇپ ئۇلتۇردى،تېلىفۇندا پاراڭلاشقان مەزمۇنىغا قارىغاندىغۇ تازا بىر ئوغۇلسىراپ قالغان قىزكەن دەپ ئويلىدىم.بىر دەمدىن كېيىن ئۇ :تېزراق بولۇڭ،سىزگە ھەمراھ بوپ بولسام ئىشتىن چۈشىمەن،ئوغۇل دوستۇم مېنى ساقلاۋاتىدۇ دەيدۇ.

توۋا بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق قىزنىڭ ئاشقى بار ،ئەمما مېنىڭ مەشۇقۇم  نەق بۈگۈن مېنى تاشلاپ كەتتى.

مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ئازابى ئايرىلىشتا ئەمەس بەلكى ئەسلەش سېغىنىشتا دەپ نەدە بىر يەردە كۆرگەنىدىم،ئەمدى بۇ ئاشىق مەشۇقلار بايرىمىدا مۇھەبىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ئازابى نەدىكىن تاڭ…

سىرتقا چىقىپ ماڭدىم،بېشىمدا ئازاپ ۋە مەستچىلىكتىن ئارىلىشىپ كەتكەن چىگىش خىياللار، سىرتتا يامغۇر يېغىۋىتىپتۇ،باھار كەپتۇدە،دەپ ئويلىدىم مەن.

بىزنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى ياخشى ،يامغۇر خېلى كۆپ ياغىدۇ،ياغقان يامغۇرى تولىمۇ ئىنچىكە،ئاسان كۆرگىلىمۇ بولمايدۇ، خۇددى ھەقىقىي ئۇيغۇر قىزىنىڭ بەدىنىنى كۆرۈش تولىمۇ تەس بولغىنىدەك.



ئېھتىمان بۇرۇن بۇنداق ئەمەسمىكىن،ھازىر قى دەۋردە ئۈرۈمچىنىڭ كېلىماتى خۇددى دەۋرىمىزدىكى بىر قىسىم قىزلارغا ئوخشاش ،كۈندۈزى چىرايلىق،كېچىسى نەمخۇش بوپ قېلىۋاتىدۇ.

تۇيۇقسىز تېلىفۇن كەلدى، قارىسام مەخمۇت ئىكەن،ئۇ مېنى بۇرۇنقى كونا جايدا ساقلاۋاتقىنىنى ئېيتتى،مەن كونا جاي ئورۇنلاشقان كوچىغا باردىم، بو كوچا قاۋاق بىلەن تولغان كوچا،قارىسام نۇرغۇن قاۋاقلار توشۇپ كېتىپتۇ،قاۋاقلاردىن چىقىۋاتقان ھەرخىل مۇزىكىلار ئارىلىشىپ بىرخىل ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئاھاڭغا ئايلانغانىدى.ئەيسا ئېتوتىدىكى ‹‹ئاشخانىلاردا لىق ئادەم، كىتاپخانىدا بىرمۇ ئادەم يوق››دېگەن جۈملىسىدىكى ئاشخانىلاردا دېگەن سۆزىنى قاۋاقلاردا دېگەن سۆزگە ئايلاندۇرسا ھەرگىزمۇ مۇبالىغە بولمايدۇ.

كونا جايغا كەلدىم ،ئەلۋەتتە، بۇمۇ قاۋاق.قارىسام بۇ يەردىكى بەزىلەر ماڭا ئوخشاش ئەمدى كەپتۇ، بەزىلەر جىق ئىچىۋىلىپ قۇسۇۋىتىپتۇ،بەزىلەر جۈپتىن، بەزىلەر ماڭا ئوخشاش مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالغىلىۋاتقانلار، يەنە بەزىلەر تېنىدىن ئايرىلىپ قالغىلىۋاتقانلار.بۇ يەرنىڭ ياڭراتقۇسىدىن بولسا ناخشىچىمىز مۆمىنجاننىڭ پىلاستىكىسى ھەدەپ ۋاي باللاغا توۋلاۋېتىپتۇ،مەسچىلىكتە تۇيۇقسىز شۇنداق ئويلاپ قالدىم:ھەي مۆمىنجان، شۇنداق چىرايلىق ئاۋازىڭىز بۇنداق مەينەت يەردە چىقىۋاپتۇ.بۇ قاۋاققا قارىساققۇ خەنزۇچە ۋىۋىسكىلىق تۇرىدۇ،ئەمما سىزنىڭ ناخشىڭىزنى تاللىۋاپتۇ.لېكىن يەنىلا قاملاشمىغاندەك.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بەزى كوچىلىرىمىز كۈندۈزى چايخانا بولسا كېچىسى قاۋاق،ئەمما چايخانا بولغاندا بولسۇن،ياكى قاۋاق بولغاندا بولسۇن،يەنىلا ئوخشاش قىزىيدۇ.بۇنىڭغا قاراپ بۇ يۇرتتىكىلەر بەك بىكار ئوخشايدۇ دېمەڭ،ئۇلار ئىشلەيدۇ،ئوقۇيدۇ،مۇھەببەتلىشدۇ.تۇرلۈك روجىستاۋا دەمدۇ،ئەرلەر بايرىمى دەمدۇ ،ئاياللار بايرىمى دەمدۇ،بويتاقلار بايرىمى ،جۈپتەكلەر بايرىمى،ئالدامچىلار بايرىمى دېگەندەك بايرام تاپالىساقلا ئۆتكۈزىدۇئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە‹‹ ساراڭلار بايرىمى››دەپ بايرام پەيدا بولسائۇلار بىزمۇ ساراڭ دەپ تۇرۇۋىلىپ ئۇ بايرامنىمۇ بوش قويمايدۇ.ئەمەلىيەتتىمۇ شۇ،‹‹بىكارچىنىڭ ۋاقتى يوق››.

ماخمۇتمۇ كەپ بولغان ئىكەن.ئۇ كىرىشىمگىلا بايرام توغرىلىق كايىپ كەتتى، ئاياللارنىڭ بايراملىرى بەك جىقكەن،مۇشۇ ئاشق مەشۇقلار بايرىمىمۇ ئاساسەن ئاياللارنىڭلا بوپ قالدى دېگەندەك بىر نىمىلەرنى كايىپ ئولتۇردى،مەن بولسام ئازراق تەڭشىلىپ قالدىم بولغاي،ئۇ گەپلەرگە تازا دىققىتىمنى يىغالمىدىم.

بۇ ماخمۇت مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشىم،بىز تولۇق ئوتتۇرىدا ئاقىل،مەخمۇت،ۋە مەن تولىمۇ يېقىنلاردىن ئىدۇق، مەكتەپنى بىللە سوراپ يۈرەتتۇق.دەرسلەردە ئالدىنقى قاتاردا بولغاچقا ئوقۇتقۇچىلارمۇ كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا بىز تەرەپتە تۇراتتى.ھازىر بولساق ئوقۇشلارنى پۈتتۈرۈپ ئۈچىلىمىز خېلى ياخشى خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمز.

مەخمۇت بىلەن ئىچىۋىرىپتىمەن، قارىسام قاۋاق ئىچىدىكى قىزلار بىر بىرىدىن چىرايلىق كۆرۈنىۋاتىدۇ.ئارىدا بىرىنىڭ قاپقارا چاچلىرى لەپىلدەۋاتىدۇ،بۇ چاچلار كىمنىڭ؟ ئەجەپ تونۇش كۆرۈنۈپ كېتىۋاتىدۇيا….مېنىڭ چېچىمغۇ ئۆزۈمگە تۇنۇش،شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۇ تونۇش كۆرۈنگىنى ھەرگىز مېنىڭ چېچېم ئەمەس....... ھە!!!!بۇ قىز دوستۇم نۇرگۈلنىڭ چېچى،مەن تەرەپكە ئازراق قايرىلىپ قويۇپ كۈلۈمسىرىگەن پېتى تۇردى،ئۇ ئەزەلدىن بۇنداق جايلارغا كىرمەيتتى ،بۈگۈن نىمە بولغاندۇ؟مېنىڭ غۇچچىدە ئاچچىقىم كېلىپ ئورنۇمدىن تۇرۇشقا تەمشەلدىميۇ ئەمما تۇرالمىدىم، بېشىمنى بىر چايقىۋىتىپ ئاندىن تۇرسام چوقۇم تۇرالايمەن دېگەننى ئويلاپ بېشىمنى چايقىۋىدىم،ئۇنىڭ سىماسى غۇۋالاشتى،ئەمما ئۇنىڭ غۇۋالاشقان سىماسىمۇ بەكلا گۈزەل،مېنىڭ چۈشۈمنى تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقىتتىن باشلاپلا قامال قىلىۋالغان،مېنى ئىشقى ئوتىدا كۆيدۈرۈپ كاۋاپ قىلغان نۇرگۈل نەق شۇ…نۇرغۇن ئوغۇل ساۋاقداشلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزۈمگە ماقۇل كەلتۈرۈپ ئۆزۈمدە تولىمۇ چوڭ ئىشەنچ تۇيغۇسىنى پەيدا قىلغان نۇرگۈل نەق شۇ….شۇلارنى ئويلاپ كۆزلىرىممۇ نەملىشىپ كەتكەن ئوخشايدۇ،ئالدىمدىكى سىما يوق بوپ كەتتى،لېكىن شۇنىسى كۆڭلۈمگە ئېنىق، مەستلىكتىن يېشىلسەملا بۇ سىما كۆز ئالدىمغىلا ئەمەس بەلكى مېڭەمگە،پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدا يەنە پەيدا بولىدۇ.

تولۇق ئوتتۇرىدا بىزنىڭ سىنىپنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى پاراللېل بويىچە تولىمۇ ياخشى ئىدى ،ئۇ بولسا بىزنىڭ ئۆگىنىش باشلىقىمىز ئىدى.ئۇنىڭ ئوماقلىقى پۈتۈن مەكتەپتە نۇرغۇن ئوغۇللارنى كۆيدۈرىۋالغان ئىدى،مەن بولسام ئۇ ئوغۇللارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆگىنىشى ۋە ئۇرۇشۇشىنى ھېسابقا ئالمىسى تولىمۇ ئادەتتىكىچە ئوغۇل ئىدىم.

بىز ئۇنىڭ بىلەن يۈرىۋاتىقاندا ناھايىتى پاك يۈرگەنىدۇق،ئوغۇللار ئۇنى بەك ھۆرمەتلەيتتۇق،ئۇ باشقا ئوغۇللارنىڭ قىزلارنىڭ نەزىرىدە چوقۇنۇش ئوبىيكتى،مېنىڭ نەزىرىمدە بولسا مېنىڭ قار مەلىكەم ئىدى.نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئۇنى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ يۈرەتتى،ئۇنىڭ كەلگۈسىدىن غەم يەپ يۈرەتتى،بەزىلەر ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە كۆز تېگىپ كەتمىسۇن دەپ ئەنسىرەيتتى،شۇ تولۇق ئوتتۇرىدا ھەممىمىز نېمىدىگەن سەبىي ،نېمىدىگەن ساپ.ھازىر ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇنى ئۇنتۇپ كەتكەندۇ،پۇل ۋە باشقا قىزلارنى ئالداش بىلەن ئاۋارە يۈرىدىغاندۇ….شۇنداق ھازىر چوڭ بولدۇق، چوڭ بولۇپ بەزىلىرىمىزپۇلنى دەپ غۇرۇر سېتىۋاتىمىز،خۇددى بەيدۇدىكى ياسىن جېكسون ۋە زەكىيە جالاپ دېگەن سۈرەتلىك فىلىمدىكىدەك،يالغان سۆزلەردىن باشقا ھچنىمىگە ئىشەنمەيمىز،راست ھەق سۆزلەپ قويغانلار بىزلەرگە دۈشمەندەك كۆرۈنۈپ كېتىدۇ،پۇلدىن باشقا ھەممە نەرسىدىن ۋاز كېچەلەيمىز.ئۆزىمىزچە ھەممىگە قادىردەك باشقىلارنى سۆكۈپ كېتىمىز،ئەمما ئۆزىمىزنىڭ ھالىمۇ چاغلىق.

ئاشىق مەشۇقلار بايرىمىدىن كېيىن ساۋاقداشلار يېغىلىشى ئۆتكۈزدۇق،مەن شۇ باھانىدا نۇرگۈلنى كۆرۈۋالارمەن دېگەن ئۈمىدتە شۇ يەرگە باردىم،ئەلۋەتتە ،مۇشۇ كۈنلەردىغۇ يېغىلىشلار بەك مودا بولىۋاتىدۇ،‹‹ئالىي مەكتەپ ساۋاقداشلار يېغىلىشى››،‹‹تولۇق ئوتتۇرا ساۋاقداشلار يېغىلىشى››،‹‹تولۇقسىز ساۋاقداشلار يېغىلىشى››،‹‹باشلانغۇچ ساۋاقداشلار يېغىلىشى››،‹‹پارتىيە مەكتىپى ساۋاقداشلار يېغىلىشى›› ،‹‹ياغاچچىلار كۇرسىدىكى ساۋاقداشلار يېغىلىشى››،بىر كۈنى بەش ياشلىق ئىنىممۇ بېرىپ ‹‹يەسلى ساۋاقداشلار يېغىلىشى››غا قاتنىشىپ كەلدىم دەۋاتىدۇ، بىزنىڭ مىللىتىمىز مۇشۇنداق ئۆز ئارا ‹‹يېقىن›› ئۆتىشىدىغان مىللەت بوپ قېلىۋاتامدۇقكىن تاڭ...

ئەمما ئۇ كۈنى نۇرگۈل ئۇ يەرگە پەيدا بولمىدى.تولىمۇ ئۈمىدسىز قايتىپ كەلدىم.ۋە ئۇنىڭغا تېلىفۇن ئۇردۇم،يەنە بىر تۈركۈم سوغۇق گەپ ئاڭلىغاندىن كېيىن كارۋىتىمغا ئۆزۈمنى تاشلاپ ئۇيقۇغا كەتتىم.چۈشۈمدە كۆز ئالدىمدا بىر قاتار  ‹‹مۇ ھەببەت››دېگەن خەت پەيدا بولۇپ ئۇچۇشۇپ يۈرگۈدەك،شۇنداق ئېنىق،شۇنداق ئوچۇق.

ھەر قېتىم ئىچىۋىلىپ ئۇخلىغان ۋاقتىمدا.ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئاخشىمى قانداق ‹‹ياخشى››ئىشلارنى قىلدىمكىن دەپ ئەسلەپ باقىمەن . ئەتىگىنى ئادەت بويىچە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كېچىدە كۆرگەن چۈشۈمنى ئەسلىدىم.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا ‹‹مۇھەببەت›› ناھايىتى غۇۋا ئىدى،كىملەرنىڭمۇھەببەتلىشىۋاتقىنىنى كۆرۈپ بىلگىلى بولمايتتى، نەدىمۇھازىرقىدەك ئاددىي ۋە ئوچۇق بولسۇن،كوچىلاردا قارىسا قوللىرىنى تۇتۇشىۋالغانلارنىغۇ كۆرىمىز،بەزى ئادەم ئازراق چوڭ كوچىلاردا سۆيۈشىۋاتقان ‹‹گۈزەل››لىرىمىزنى، يەنە بەزى مېھمانسارايلاردىن چىقىپ كېلىۋاتقان ،يۈزلىرى قىزىشقان، چاچلىرى چۇۋۇلغان‹‹ئاي››لىرىمىزنىمۇ كۆرىمىز،پەن تېخنىكا دەۋرى ئەمەسمۇ،ھەممە ئىشلار شۇنداق ئېنىق ،شۇنداق ئاددىي، شۇنداق چۈشىنىشلىك.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــ

يەنە ھەپتە ئاخىرى كەلدى،يېرىم يىلچە داۋاملاشقان تەنھالىق تۇرمۇشىدا مەن بەزى ساپ خۇشاللىقلاردىن ھوزۇرلۇنىشنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم:ئەتىگەندە ئۆيگە گېزىت ئەكىلىپ كۆرۈپ ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىۋالساممۇ تولىمۇ خۇشال بولىمەن.بۈگۈنكى گېزىتتە ‹‹تۇرمۇشتىكى قايتا بىر تەرەپ قىلىش››تېمىدىكى بىر ئەسەرنى كۆردۈم، تېمىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۇرمۇشتا تاشلىنىپ كەتكەنلەر ھەرگىزمۇ ئۆزىنى تاشلىۋەتمەسلىكى، تاشلىۋەتكەنلەرگە ھەرگىز ئىككىنچى قېتىم قارىماسلىقنى، ئۆزىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ،تۇرمۇشىنى يىېڭىدىن باشلاش دېگەندەك بىر نېمىلەركەن،ئەسەر ئاخىرىدا يەنە تۇرمۇش سىزنى ئالدىسا ھەرگىز ئازابلانماڭ دەپ ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ، بۇمۇ ماڭا بىر خىل كۈلكە ۋە خۇشاللىق،كېرەكسىز تاشلىنىپ قالغان كېرەكسىز بويۇملارنى قايتا بىر تەرەپ قىلىش دەپقۇ ئاڭلىغان،ئەمدى مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالغانلارمۇ كېرەكسىزلەر قاتارىغا كىرىپ قالدۇق، بىزگە قايتا بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قۇرۇپ بەرمىسمۇ گېزىتتە بولسىمۇ ماقالە ئېلان قىلىنىپتۇ،مۇشۇ ئەسەرنى يازغان يانار دەمدۇ،ئۆچەر دەمدۇ،لەيلىگىن دەمدۇ چۆككىن دەمدۇ،شۇ ئادەممۇ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باقسا ئاندىن ھەقىقىي ياخشى كۆرسە قانچىلىك تەستە‹‹يېڭىدىن باشلاش›› بولىدىغىنىنى بىلەتتى،مەنغۇ كاللامدىن كەتكەن ئادەم،ئەسەر مەزمۇنىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيمەن،شۇنداقتىمۇ بۇ ئەسەرگە شۇنداقلا كۈلۈپ قويدۇم.

تۇيۇقسىزلا نۇرگۈلنى سېغىنىپ قالدىم،ئۇنى كۆرمىگىلىمۇ ئۇزۇن بوپ كەتتى.شۇنچە سېغىنساممۇ پەقەت مەنلا سېغىنىمەن،ئۇ سېغىنمايدۇ،بۇمۇ تەنھالىقىمنىڭ پايدىسى،نىمىلا دېگەن بىلەن ئىككىلىمىز سېغىنىپ ئىككىلىمىز ئازاپ تارتقۇچە مەنلا ئازاپ تارتىپ ئۇ خۇشال يۈرگىنى ياخشى،تەنھالىقتا يەنە ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەش يوق، مەخمۇتمۇ ئايرىلىپ كەتكەن ۋاقتىمدا ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان شۇ جۈملە بىلەن ماڭا تەسەللىي بەرگەنىدى:‹‹كېيىن ئايرىلىپ كەتكەندىن بۇرۇن ئايرىلىپ كەتكەن ياخشى››.مۇشۇ گەپ قىزىقتە،كىممۇ ئايرىلىشنى خالايدۇ؟بۇرۇن ئايرىلىپ كەتكەن ياخشىمىش تېخى.

ئىشخانامغا كېلىپ ئۈستىلىم قېشىدىكى دەرىزىدىن تۆۋەنگە قارىدىم.بىز گۈزەللەر كوچىسى دەپ ئاتىۋالغان بۇ كوچىمىز بولسا داڭلىق كىيىملەر سودا دوكانلىرى توپلاشقان كوچا،بۇ كوچىدا نۇغۇن گۈزەللەر ئايلىنىشىپ يۈرىدۇ.

‹‹گۈزەل››دېگىنىمىز بىزنىڭ بۇ يەردە ئېغىزىمىزدىن ئاسانلا چىقىدىغان سۆز،ھازىرغۇ قارشى تەرەپكە باشقىچە نىيىتىمىز بوپقالسىلا ئۇ ‹‹گۈزەل››دېيىلىۋىرىدۇ،ئەلۋەتتە،باشقىچە نىيەتنىمۇ ھەممە قىزلار قوزغاۋەرمەيدۇ.بىزنىڭ يەنە بىرمۇنچە قاتلاملارغا بۆلىۋالغان ناملىرىمىزمۇ بار،‹‹گۈزەللەر››دىنمۇ ئېشىپ چۈشكەنلەرنى‹‹ئايكەن››دەيمىز،يەنە بىر قىسىم ئۆزىنى راستلا توختىتىۋالغان ،ئادەمنى مەھلىيا قىلسىمۇ يەنە تەبىئىيلا ھۆرمەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغان قىزلارنى ‹‹ئۇز››دەيمىز،بەزى مېھمانخانىلاردا ئىشلەيدىغان گۈزەللەرنى ‹‹ياتاقتىكى گۈزەل››دەيمىز، بەزى توردا شوخلۇق قىلىپ ھەرخىل ئوغۇللارنىڭ رەسىمىنى ئۆزىنىڭ بوشلۇقىغا قاچىلىۋىلىپ چۈشىدە داڭلىق ئارتىس ناخشىچىلارنى چۈشەپ يۈرىدىغانلارنى‹‹خىيال گۈ زىلى››دەيمىز،بەزى گىرىمنى ئىككى كېلىوگىرامدىن ئاشۇرۇپ قىلىدىغانلارنى‹‹مايمۇن گۈزىلى››دەيمىز،ئەلۋەتتە ئاۋۇ كرورەن دىسكوخانىسىدا يېرىم يالىڭاچ ۋە كىيىم سېلىش ئۇسۇلىنى ئوينايدىغانلارنى‹‹كرورەن گۈزىلى››دېمەيمىز ،بەلكى ‹‹* * گۈزىلى››دەيمىز.

مۇشۇ كۈنلىرىمىزدە گۈزەللەر مۇشۇنداق ،مانا بۇنى ئورۇن ئالمىشىپ كېتىش ھادىسىسى دەيمىز، چۈنكى بۇرۇنقى گۈزەللەر ھەقىقىي گۈزەلكەنتۇق، ئەمما بۇ كۈندىكى سەتلەر ئىمپىرىيسى گىرىم قىلىۋالغان چىراي،ۋە قىچىشىۋاتقان بەدىنى ئارقىلىقلا گۈزەل بوپ قېلىۋاتىدۇ،ئۇنى دېمىسىمىغۇ ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە بۇنداق تەتۈر ئورۇنلار بەك جىق،مەسىلەن ئارتىسلار ئۆز نامىدا شىركەت قۇرۇپ تىجارەت قىلىۋاتىدۇ،تىجارەتچىلەر بولسا،ئەل قاتارى،كېنو ئىشلەۋاتىدۇ،يەنە بەزى ياشلىرىمىز ياش تۇرۇپ ئىچكى ئەزالاردىن قېرىلىشىپ،بەزى ياشانغانلىرىمىز ‹‹ساتراچخانا››ئالدىدىن كېتەلمەي ياشلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. تېنىنى سېتىپ پۇل تاپىدىغان قىزلار ناھايىتى مۇلايىم كىيىنىۋىلىپ،ھەتتا بەزىلىرى باشلانغۇچنىڭ كىتاب سالىدىغان سومكىلىرىنى ئېسىۋالىدۇ،ئوچۇقراق كىيىنىۋالغانلار بولسا كۆپ قىسىم ئەھۋالدا ئىشتان بېغىغا ناھايىتى چىڭ.

مەن شىركەتتە ئولتۇرغۇنۇم بىلەن،ئىشلىگىلى ئەمەس مەخمۇتقا ساقلاپ ئولتۇرىۋاتاتتىم.مەخمۇتنىڭ ئىش ئورنى مېنىڭ شىركىتىم بىلەن يىراق ئەمەس ئىدى،پەقەت ئون مىنۇت ماڭسىلا مېنىڭ شىركىتىم‹‹تارازا تېشى قانۇنچىلىق ئادۋوكاتلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى››گە كەلگىلى بولاتتى.ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولدى،ئەمما مەخمۇت تېخىچە كەلمەيۋاتاتتى.

بۇرۇنقى ۋاقىتلار بۇلسا بۇنداق ۋاقىتتا نۇرگۈل ئىشخانامغا كېلىپ بولاتتى،كېلىپ مېنى ساقلاپ بىللە قايتاتتۇق، راست گەپنى قىلغاندا مەن ئۇنىڭدىن بەك رازى،بەزىلىرىمىز بار تەن تېگىشمىسە رازى بولمايدىغان،يەنە بەزىلىرىمىز بارقول تېگىشمىسىمۇ رازى بولالايدىغان،مەن ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرىمىزدا يۈز بەرگەن ئىشلارغا قارىسام،مەن ئېھتىمال ئوتتۇرىدىغا تەۋە بولغۇدەكمەن.

مەخمۇت مېنى كۆپ ساقلاتقاندىن كېيىن ماڭا تېلىفۇن ئۇرۇپ كېلەلمەيدىغان بوپ قالغىنىنى ،بىر قانچە گۈزەل بىلەن ئويناپ كېلىدىغىنىنى ئېيتىپ تېلىفۇنىنى قويىۋەتتى،مەنمۇ ئوينىسام بولماسمۇ؟مېنىڭ يۈز كېلەلمەيمەن دەيدىغانغا قىز دوستۇممۇ بولمىسا ،نى-نى كىشىلەر خوتۇنى بالىلىرى تۇرۇپ ئويناپ يۈرىيدىكەن بولمىسا، مېنىڭمۇ بىرەر كېسىلىم يوق،پەقەت شۇ نۇرگۈلنى دېمىسەم....خىيالىم مۇشۇ يەرگە كىلگەندە چىپپىدە توختاپ قالدى،توغرا شۇ نۇرگۈلنى دېمىسەم باراتتىم، شۇڭلاشقا بارمىغىنىم تۈزۈك...خىيالىم بىردەمدىلا ئۆزگىرىپ ئۆيۈمگە قايتتىم.

مەن خېلىدىن بۇيان ئۆزۈمنى يېگىتلىكىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئاز ساندىكى بىر ئوغۇل دەپ ئويلاپ يۈرگەنتىم ،ئەمما بىركۈنى ئۇيقۇم كەلمەي رادىئونى ئېچىپ قويغاندا تۇيۇقسىز رادىئودا بېرىلىۋاتقان ‹‹ۋاقت ئۇزارتىش كاپسۇلى››دېگەندەك بىر نېمە توغرىلىق بېرىلىۋاتقان ‹‹قىزىق لىنىيىلىك سۆھبەت پىروگراممىسنىڭ ئوتتۇرىدا مۇنداق بىر دېئالوگنى ئاڭلاپ قالدىم.

-ۋەي،ۋەي دوختۇر ئەپەندىمما؟

-ھەئە ،ياخشىمۇسىز ،قېنى سۆزلەڭ.

-مەن بۈگۈن توي قىلغان ئىدىم،ۋەي ۋەي.

-قېنى سۆزلەۋىرىڭ ،ئاۋازىڭىز چىقىۋاتىدۇ.

-ھە شۇ،مەن بۈگۈن توي قىلغان ئىدىم،مەن ھازىرغىچە يېگىت ئىدىم،يېگىتلىكنى قانداق ئىسپاتلاش كېرەك؟

- سىزدە ئېھتىلام  بولغانمۇ؟

-بولغان.

ئەمسە سىز يېگىت ئەمەسكەنسىز،ئۇنى ئىسپاتلايمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ.ئەمسى سالامەت بولۇڭ، خەيرى خوش.

بۇ دېئالوگنى ئاڭلاپ ئۆزۈمگە بولغان كۆز قارىشىم ئۆزگەرگەن بولسىمۇ لېكىن يەنىلا ئۆزۈمنى ئۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇتىۋاتىمەن،چۈنكى بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ ھازىرقى قىز ئوغۇللىرىنىڭ پاكىزلىقىدىن جوڭگۇ بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدىغان ئەيدىز تارقىلىش رايونى، كىممۇ ئۆلۈمدىن قورقماي ئىشتان سالسۇن؟

مۇشۇنىڭدىن قورقۇپمىكىن، بەزىلەر ‹‹قىز››غا تولىمۇ ئامراق ،بەزىلەر بولسا يېگىتكە.بەزىلەر قىزلارنى ئالداپ ئايال قىلسا، بەزى قىزلار پۇل ئۈچۈنلا ئايال بولىدۇ،ھېلىقى مايسىخان مېنى بىر قانچە قېرىنداش مىللەتنىڭ ‹‹ساتراچخانا››سىغا تۇنۇشتۇرغان ،ھەمدە ‹‹يېگىتلىكىڭنى سات›› دېگەندە مەن خالىمىغان ئىدىم،ئۇ يەنە بەزىدە ،مۇشۇ يېقىندا كەلگەن بىر قانچە قىز بار ئىدى، سېتىۋالامسەن؟ دەپمۇ تېلىفۇن ئۇراتتى،ئادەتتە ئۇلارنىڭ باھاسى بىر دانە ياخشىراق تېلىفۇننىڭ باھاسى بىلەن پەرقلىنىپ كەتمەيدىكەنتۇق. مەن تېلىفۇندىلا ئۇنىڭغا ‹‹كېيىنچە ››دەپلا گەپنى ئۈزەتتىم، چۈنكى مەنمۇ بىر ئەركەك،ئۇ يەرگە بېرىپ قالسام ئۇنداق تېلىفۇنلارنى بىر قانچەقېتىم ئۇزۇن يوللۇق ئۇرۇپ سېلىشىم مۇمكىنلىقى ئېنىقتە.....

ھەي،نېمىلەرنى خىيال قىلىپ كېتىۋاتىمەن؟يەنىلا شاراب ياخشى،بۇ قېتىم ئۆيدىلا ئىچەيچۇ...شۇلارنى خىيال قىلىپ سىرتقا چىقىپ راۋاپ ماركىلىقىدىن ۋە بىر قانچە خىل يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ كىرىپ ئۆيدىكى چوڭ ئاۋاز ياڭراتقۇغا ناخشا قويغۇچنى چېتىپ قويۇپ ئىچىشنى باشلىدىم،ئىچىپ تازا قۇلاق قىزىغاندا ناخشىغا ئەگىشىپ مەنمۇ ناخشا توۋلىدىم.

خەيرى سۆيگۈنۈم،خەيېرى سۆيگۈنۈم،

سۆيگۈمىز ئەمدى تۆكۈلگەن ياپراق.

مىسران مۇزىك،ساختا سۆيگۈڭ،ئازدۇرۇپ مېنى..››

ئەجەپ كەيپىم ئۇچتى دېسە،ناخشا تۈگىگەندە تېخى ئابابەكرى مىسۋاش مۇزىك دەمدۇ بىر نىمىلەرنى دەيدۇ،مەستچىلىكتە تازا ئېنىق ئاڭلىيالماپتىمەن،بۇ باشقا مىللەت تورىدىكى بەزى چۈپرەندە تور بەتلەر ئۆزىنىڭ دېسكولىرىغا كىرگۈزۈپ قويىدىغان بىر نىمىنى بىزنىڭ مىللەت نىمانداق مىللەتنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرۈپ سەنسىز مۇزىك،ئاكار مۇزىك،تۇركۇن مۇزىك،كۇيلەر سى ئىن،دابىليۇ دابىليۇ دابىلىيۇ پالانى داۋۇتكام،مىسكىن مۇزىك ،سوۋدا مۇزىك ،جەخەت مۇزىك  دېگەندەك بىر نىمىلەرنى كىرگۈزۈپ قويىدىغاندۇ؟ ناخشا مۇزىكىسى ئۇلارغا يارىماي ئارىغا مۇزىكا  قوشىۋالغانمىكىن دېسە گەپ قىلىدىكەن، ناخشا تېكىستى قوشۇپ قويدىمىكەن دېسە تېخى جۆيلۈگەندەكلا بىر نىمىلەرنى دەپ قويىدىكەن، نىمە ئەمدى بۇ سەن مۇزىك مەن مۇزىك دېگەن،توۋا مۇشۇنداق تور بەتلەردىن ناخشا چۈشۈرگەن ئادەمغۇ ھامان مەندەك مەستچىلىك ئىچىدە ساراڭ بوپ قالىدۇ.تەشۋىقاتمىش تېخى،ناخشىلىرىغا ئۇنداق تامغا قوشمايمۇ ئۆزىنىڭ ناخشىلىرىنىڭ يېڭىلىقى،ناخشا ئاۋاز سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن داڭلىق بولۇۋاتقان ناخشا تور بەتلىرى جىققۇ.

شۇ ئاچچىقىمدا ناخشىنى ئۆچۈرۈپ ،يالغۇزلۇقتىن تازا ھوزۇرلىنىۋاتقان  تەنھا سورۇنۇمنىمۇ تۈگىتىپ ئۇخلاپ قالدىم،ئۆلگۈر‹‹ مۇزىك›› لار،خۇشال كەيپىياتنى پوق قىلدىدە....

ئەتىسى سائەت ئونبىرگىچە ئۇخلاپ ئاخشامقى ئىشلارنى ئويلىدىم،بىر ئوبدان خۇشاللىقتىن ھوزۇرلىنىۋاتسام شۇ بىر ئىككى سىكونتلۇق سۆزنىڭ كەيپىمنى يوق قىلغىنىغا ئاچچىقىم كەلدى، ئېھتىمال بۇمۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بولسا كېرەك،شۇڭا خۇشال بولالمايۋاتقان بولىشىم مۇمكىن.

نۇرگۈل بىلەن ئايرىلىپ كېتىشىمىزمۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ئوخشىمامدۇ،خەقلەرغۇ ئايال قىلىۋىتىش مەقسىتىگە يېتىپ بولۇپلا ئايرىلىپ كېتىدۇ ،ئەمما بىز ئۇنداق يامان ئىشلارنى قىلمىساقمۇ بىزنى يەنە ئايرىۋەتتى،يا بولمىسا ئۇنىڭ بىلەن ياخشى كۆرۈشۈشۈم ئەسلىدىمۇ خاتامىدۇ؟شۇڭا تەقدىر ئۆز خاتالىقىنى تۈزىتىش ئۈچۈن بىزنى ئايرىۋەتكەنمىدۇ؟

مۇھەببەت تولىمۇ مۇرەككەپ بىر نەرسە، دۇنيادا راستىنلا مۇھەببەت مەۋجۇتمىدۇ؟

بەزى دىنسىزلار:دىن ئەسلى مەۋجۇت ئەمەس،ئىشەنگەنلەر كۆپەيگەنسىرى پەيدا بوپ قالغان دىيىشىدىكەن،دۆلىتىمىزدە بولسا:يول ئەسلى مەۋجۇت ئەمەس،كىشىلەر كۆپ مېڭىپ ئاندىن پەيدا بولغان،شۇڭا تىرىشىپ يېڭى يول ئېچىش كېرەك دەيدىكەن،ئۇنداقتا مۇھەببەتچۇ؟ئەسلى مەۋجۇت ئەمەس،مۇھەببەتلىشىدىغان كىشىلەر ۋە كېنولار كۆپىيىپ ئاندىن پەيدا بولغانمىدۇ؟

كەچ بولاي دېگەندە ئاقىل تېلىفۇن قىلدى.

-ئاداش ،**داشۆگە بېرىپ كەلمەيلىمۇ؟

-نىمىشقىلىمز ئۇيەردە؟

-نىمىشقىلاتتۇق؟پاختەك سوقىمىز ئاداش.ھەر يىلى 9-ئايدا يېڭى پاختەكلەر كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئاڭلىسام بۈگۈن كەچتە ئۇ مەكتەپتە تانسا بار ئىكەن.

-بوپتۇ ئەمسە بېرىپ قاراپ باقايلى.

ماشىنىغا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا نىشانغا يېتىپ كەلدۇق،ئەمما يېتىپ كەلگەن بىلەن بۇ يەردە ماشىنىنى قويىدىغان يەر يوق ئىدى،يولنىڭ ئىككى تەرىپى ئاللىقاچان ھەرخىل داڭلىق ماشىنىلار بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى، دېمىسىمىغۇ ھەر ھەپتە ئاخىرى بۇ يەردە تۇرۇپ قىز بالا ساقلايدىغان‹‹ ئېشەك بايۋەچچە››لەر ئاز ئەمەس،ئۆزىنىڭ قىزىدەك ياشتىكى قىزلارنى يېتىلەپ يۈرۈپ بىر قانچە قۇر يېڭى كىيىم ئېلىپ بېرىش بەدىلىگە ئۇ قىزنىڭ بىر كېچىلىك بەدىنىگە ئېرىشىدۇ بەزى خەقلەر.بۇگۈنكىدەك يېڭى مەۋسۇم باشلىنىپ تۇنجى تانسا زىياپىتىدە كىممۇ بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىشنى ئويلىسۇن؟

ئەمما كىرىپلا مەغلۈلۇبىيەت تۇيغۇسى بىلەن قايتىپ چىقتۇق،چۈنكى بۇ قېتىمقى تانسا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن ،كۆپ قىسىم ئىشلارنى ئوقۇتقۇچىلىرى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن،بولدىلا، پاختەكنىمۇ سوقۇپ بولغان ئوخشايمىز دېيىشىپ قانداق خۇشال خام خىياللاردا كەلگەن بولساق شۇنداق ‹‹ سوغۇق غەلبە››بىلەن قايتتۇق.

مەن تېخى ئۇ قىزلارنىڭ ئىچىدىن جەنۇبتىن كەلگەن چىرايلىق ،ئەخلاقلىق قىزلاردىن تېپىپ مۇھەببەتلىشىۋالارمەن دېگەن ئۈمىدنىمۇ قىلغانتىم،كۆپرەك مۇھەببەتلىشىپ باقسام شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالالىسام كۈنلىرىم بۇنداق مەنىسىز ئۆتىۋەرمەس ئىدى دەپ ئويلىغانىدىم.

ئۆيگە قايتىپلا ئۆزۈمدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدىم،مەندە مۇھەببەتلەشكۈدەك ئىقتىدار بارمۇ؟ بار بولسا نۇرگۈل ئۇ نىمىشقا مەندىن ئايرىلىپ كېتىدۇ؟سافادا ئولتۇرۇپ تاماكامنى تۇتاشتۇرۇپ شورىغىنىمچە خىيال كەپتەرلىرىم يەنە نۇرگۈلنى ئىزدەپ ئۇچۇپ كەتتى.

ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ نۇرگۈلنى كەلتۈرەلىشىمدە دوستلىرىم،بولۇپمۇ ئاقىلنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستى ۋە مېنىڭ تۇتۇق سىڭلىم مىېھرىبان تولىمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينىغانىدى،مەن نۇرگۈل بىلەن يۈرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە باشقىلار‹‹چىرايلىق گۈل سەت تېزەككە چوقۇلۇپ قاپتۇ››دېيىشەتتى.ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈشتىن بۇرۇن مەن،ئاقىل ،مەخمۇت،مېھرىبان ،ۋە نۇرگۈل دائىملا بىللە يۈرەتتۇق،بەشىلىمىزلا ئۆگىنىش ئۈلگىسى ئىدۇق،ئۇندىن باشقا يەنە باشقىلارنىڭ ھەسەتخورلۇقىنى قوزغىغۇدەك دەرىجىدە يېقىن دوستلاردىن ئىدۇق،بىزلەرمۇ مۇشۇنداق دوستلۇقنى تولىمۇ قەدىرلەيتتۇق،شۇنداق يېقىن ئۆتۈشۈپ يۈرۈپ مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم،چۈنكى ئۇنىڭ ئۇزلىقى پەقەت چىراي ۋە بەدەن شەكلىدىلا ئەمەس بەلكى يەنە ئۇنىڭ ئېسىل ئەخلاقى،ئوماق ئاۋازى، ئوماق قىلىقلىرىدا ئىدى.مەن ئۇنىڭغا يۈرۈش تەلىپىنى قويغاندا ئۇ ماڭا:قاچان ئۆگىنىش نەتىجەڭ مېنىڭكىدىن ئېشىپ چۈشسە شۇ ۋاقىتتا ساڭا ماقۇل بولىمەن دېگەنىدى،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقىتلىرى سەبىي ۋاقىتلار دا مەن ئۇنى ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن كېچىلەپ ئۆگىنىش قىلىپ كېتەتتىم،كېيىن ئويلاپ قالدىم،ھازىرقى خىزمەت ئورنۇم،ۋە ئوقۇغان ئالىي مەكتىپىمنىڭ ياخشى بولۇشى شۇ ۋاقىتتىكى‹‹ نۇرگۈلنى ماقۇل كەلتۈرۈش ھەركىتى››نىڭ تۈرتكىلىك رول ئوينىشى بىلەن زور مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلەن دەسلەپتە يالغۇز ئىككىمىز ياندىشىپ ماڭغاندا مېنىڭ يۈزلىرىم قىزىشىپ دەيدىغان گەپ تاپالماي ئالدىمىزدا بىزنى يالغۇز قۇيۇپ ئارىلىق تاشلاپ مېڭىېۋاتقان ئۈچ دوستۇمنى چاقىرغىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە.

مەن گەرچە باشلانغۇچ ۋاقتىمدا مۇزىكا ئوقۇتقۇچۇمنى، تولۇقسىز ۋاقتىمدا پارتىدىشىمنى‹‹ ياخشى كۆرۈپ باققان›› بولساممۇ،لېكىن مېنىڭ ھاياتىمدىكى تۇنجى قېتىملىق مۇھەببىتتىم شۇ نۇرگۈلدىن باشلانغانىدى.ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈشتىن بۇرۇن مەن مۇھەببەتكە تولىمۇ مەغلۇبىيەت ۋە مۇھەببەتكە ئىشەنمەيدىغانلا تۇيغۇدا ئىدىم.چۈنكى تولۇقسىز ۋاقتىمدىلا قوشنىمىزنىڭ ئوغلى مەمەتجان ئاكاش ماڭا مۇنداق بىر سەرگۈزەشتىسىنى دەپ بەرگەنىدى:ئۇمۇ داشۆنى ئىچكىرىدە ئوقۇغان بولۇپ،ئۆزى لەنجۇدا ئوقۇۋىتىپ سىچۈەندە ئۇقۇيدىغان بىر قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قاپتۇ،ئۇقىز مەمەتجان ئاكاشقا قۇربان ھېيت كۈنى ئۇنىڭ مەكتىپىگە كېلىدىغانغا ۋەدە  بېرىپتۇ، مەمەتجان ئاكاشنىڭ ئۇ ۋاقىتلاردىكى ئائىلە ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەسكەنتۇق،شۇنىڭ بىلەن مەمەتجان ئاكاش ھەركۈنلۈك كەچلىك تاماقنى يېمەي شۇ قىزنىڭ كېلىشى ئۈچۈن پۇل توپلاپتۇ،تاكى ئىككى ئايغىچە كەچلىك تاماق يېمەي ئۆتۈپتۇ،ھېيت كەلگەن كۈنى توپلىغان پۇلىغا بىر ئۈستەل تاماق سەيلەرنى زاكاز قىلىپ قويۇپ ئۇنى ساقلاپتۇ،لېكىن ئۇقىزئۇ كۈنى كەلمەپتۇ،ۋە مەمەتجان ئاكىغا تېلىفۇن ئۇرۇپ مەمەتجان ئاكاشنىڭ ئۇنداق گەپلەرگە ئىشىنىپ سەبىيلىك قىلماسلىقى كېرەكلىكى،مەمەتجان ئاكىنىڭ ئۇقىزغا ماس كېلىپ بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ،ئاندىن شۇ كۈندىن باشلاپلا مەمەتجان ئاكاشنى تونىمايدىغاندەك بولىۋاپتۇ.ئىككى ئايلىق كەچلىك تاماقنىڭ نەتىجىسىنى ئۇقىز بىر كۈن ئىچىدىلا چىقىرىپ قويۇپتۇ ،كېيىن مەمەتجان ئاكاش ئوقۇش پۈتتۈرۈپ،زاۋۇت قۇرۇپ تەرەققىي قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ قىزنى ئىزدەپتۇ،ئۇقىز بۇ ۋاقىتتا مەمەتجان ئاكىغا ۋاي دېيىشكە باشلاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن مەمەتجان ئاكاش ئۇنىڭ بۇرۇنقى قىلغىنىنى ئەسلەپ بىر كۈنى ئۇنى ئۆيىگە چاقىرىپ كېلىپ ئۇ قىزنىڭ قىزلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قويۇپ ئەتىسىدىن باشلاپ  سىز ماڭا ماس كېلىپ بولالمايسىز دەپ قويۇپ  ئۇ قىزنى تونۇمايدىغان بولۇۋاپتۇ؛ بەزى ۋاقىتلاردا قىزلار ئوغۇللارنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى مۇئەللىمى.

بىر قېتىم بىر دوستۇممۇئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىدا بىر قىزغا يۈرۈش تەلىپىنى قويغاندا ئۇ قىز‹‹سىز كېيىن نىمە خىزمەت قىلىسز؟››دەپ سوراپتۇ،دوستۇم ‹‹بىلمەيمەن››دېگەندە ئۇقىز شۇ يەردىلا دوستۇمنى رەت قىلىۋىتىپتۇ،ھەمدە‹‹مېنىڭ ئوغۇل دوستۇم مۇنداق مۇنداق يۇقىرى خىزمەت ئورنىدا ئىشلىشى كېرەك،مۇنداق مۇنداق ھوقۇقى بولىشى كېرەك،سىز كېيىن نىمە خىزمەت قىلىدىنىڭىزنى بىلمىسىڭىز قىز دوست تاپىمەن دەپ ئويلىماڭ ››دەپتۇ.ھازىرقى زاماندا قايسى ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ كېيىن نېمە خىزمەت قىلىدىغىنىنى بىلەلىسۇن؟ مەسىلەن:فىزىكا كەسپىىنى ئوقۇپ پۈتتۈردى دەيلى،ھازىر ھۆكىمىتىمىز ھەرگىزمۇ ئۇنى بىرەر مەكتەپكە فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى ياكى بىرەر ئاتوم بومبىسى زاۋۇتىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويمايدۇ،ئەگەرئۆزى خىزمەت تاپالمىسا ئۆزىنىڭ ئۆگەنگەن كەسپىگە ماس كېلىدىغانراق كەسىپتىن شۇ ۋەلىسپىت رېمونتچىلىقى،ياكى توكچىلىق دېگەندەك ئىشلار بار ،ئۇقىز بولسا مۇھەببىتىنى ھوقۇققا ساتىدىغان ساتارمەنلەرنىڭ تىپىك ۋەكىلى.لېكىن نۇرگۈل ئۇنداق ئەمەستى،مەن ئائىلە ئەھۋالىم ناچار بولسىمۇ،مېنىڭ دادام يوق بولسىمۇ ،شارائىتى شۇنداق ياخشىلار ئۇنىڭ كەينىدىن چىقماي يۈرسىمۇ ئۇ يەنىلا تەۋرەپ قالماستىن مېنى تاللىغانىدى.ئۆزىنىڭ ئائىلە شارائىتىغۇ خېلى خېلى مەن مەن دەيدىغانلاردىن ئېشىپ چۈشەتتى.شۇنداقتىمۇ مېنىڭ بۇ تەرەپتىكى ئەھۋالىمنى بىرەر قېتىم ئېغىزىغا ئالماستىن،باشقا قىزلار ئالتۇن سوۋغىغا ئېرىشكەندە ئۇ تۆمۈرگىمۇئېرىشەلمىگەن ۋاقىتلىرىدىمۇ قىلچىلىك ۋايسىمىدى،تاكى مەن شىركەت قۇرۇپ تەرەققىي قىلىپ بولغان ۋاقتىمغىچە ماڭاۋاپادارلىق ۋە مەسئۇلىياتچانلقى بىلەن  يەتتە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ھەمراھ بولدى،مانا ئەمدى تەرەققىي قىلىپ ئۇنىڭغىمۇ مۇھەببەتنىڭ ياخشى كۈنلىرىنى كۆرسىتەي دېگەندە ئۇ مەندىن ئايرىلىپ كەتتى....بەزى ۋاقىتتا ئويلاپ قالىمەن،ئۇ ئادەم ئەمەس،ئۇ بىر پەرىشتە....
داۋامى  داۋاملىق يوللىنىدۇ.

ياخشىلىق قىل قول

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1574673
تۆھپە نۇمۇرى: 33044
توردا: 12094 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-20 08:36:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇز ئەرۋا... ئەسىرىڭىزنى بۇ يەردە كۆرگىنىمدىن خۇرسەنمەن.......

↓ ←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن. ‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى! ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 156
يازما سانى: 508
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8998
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-20 08:39:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەققىەتەن ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن  ئاللاھ قولىڭىزغا دەرىت  بەرمىسۇن
مۇشۇنداق ياخشى تىمىلىرىڭىز بىلەن مىسرانىم تور بىتىنى داۋاملىق بىزەپ تۇرغايسىز

مەن مىسرانىمنى مەڭگۇ قۇللايمەن

مۇھەببەتنى چۇشە

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 185
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5959
تۆھپە نۇمۇرى: 265
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-12-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-20 08:51:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەققىەتەن ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن   .

☆☆مۇھەببەتنى چۇشەنگەنلەر سۆيگۈنى مەڭگۇ قەدىرلەيدۇ☆☆

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 186
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5785
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-20 08:57:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايرىلىشنىڭ دەردى دېگەن يەتكۈچە بولىدۇدە....

تىرىشقىن، تىرىشقىن، يەنە تىرىشقىن!!!

سْــــمﷲِارَّحْم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 182
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10775
تۆھپە نۇمۇرى: 822
توردا: 1626 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-20 09:17:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muxundah yahxi asar liringiz ni kub lab turasiz aziz

تارازىغا بىر_بىرلەپ سېلىپ،ھىساپ ئالغان ئاللاھ بۇيۇكتۇر.

مۇز ئەرۋاھ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 181
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 26926
تۆھپە نۇمۇرى: 334
توردا: 1586 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-20 11:35:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1(yahxilik)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

مەنمۇ سىلىنى بۇ يەردە كۆرۈپ خۇشال بولىۋاتىمەن . [s:12]  [s:12]

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4802
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 50990
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 1991 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-21 12:12:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزدا ‹‹.سۆيگىنىدىن ئايرىلىش››نى چۆرىدىگەن  ھازىرقى جەمىيىتىمىزدىكى تۇرمۇشنىڭ خۇنۈك تەرەپلىرى ناھايتى ئۇستۇلۇق بىلەن  يورۇتۇلۇپتۇ،قەلەم قۇۋۋىتىڭز ناھايتى ياخشى ئىكەن،ئەسىرىڭزنىڭ تىلى ناھايتى جانلىق چىقىپتۇ.
‹‹ تۇرمۇشتا تاشلىنىپ كەتكەنلەر ھەرگىزمۇ ئۆزىنى تاشلىۋەتمەسلىكى، تاشلىۋەتكەنلەرگە ھەرگىز ئىككىنچى قېتىم قارىماسلىقنى، ئۆزىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ،تۇرمۇشىنى يېڭىدىن باشلاش دېگەندەك بىر نېمىلەركەن،ئەسەر ئاخىرىدا يەنە تۇرمۇش سىزنى ئالدىسا ھەرگىز ئازابلانماڭ››
بۇ جۈملىلەر بەك ياقتۇردۇم...
       شۇغىنىسى  مەمەتجان دېگەن ئاكاشنىڭ ھېلىقى قىزنىڭ ئىپپىتىنى بۇلغاش ھېسابىغا ئۆچ ئېلىشى ئەقلىمگە سىغمىدى،گەرچە بۇ بىر ھېكايە بولسىمۇ، ‹‹ئۇ مەمەتجان ئاكاش دېگەنىڭ تازا ئوغۇلبالىدارچىلىقى يوق ئىكەن ››دەپ ئويلۇدۇم ئۆزەمچە....
    قەلەم قۇۋۋىتىڭزگە قايىل بولدۇم، ئەسەرلىرىىڭز ئۈزۈلمىگەي........

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش