مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2199|ئىنكاس: 25

شائىر روزى سايىت بىلەن تۇنۇشۇڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41067
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8209
تۆھپە نۇمۇرى: 1188
توردا: 1612 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-5 11:29:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


                                 شائىر روزى سايىت بىلەن تۇنۇشۇڭ

شائىر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما ناھىيسىنىڭ شەيدۇللا دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان.1951-يىلى ئاتا -ئانىسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە چايخانا (ھازىرقى خوتەن ناھىيىلىك ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتىۋىدە، ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپىدا ئوقۇغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئون نەچچە يىل دېھقانچىلىق ئەمگىگى بىلەن شۇغۇللانغان. 1973-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل -ئەدەبىيات فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن ۋە لاڭرو يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچسى بولۇپ ئىشلىگەن .1980-يىلدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە يېڭى قاشتېشى ژورنىلدا مۇھەررىر بولغان .
  روزى سايىت 1973-يىلدىكى قەشقەر گېزىتىدە ئېلان قىلغان «دېھقانمۇ داشۆسىڭ بولدى» ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. ھازىرغىچە ھەرقايسى گېزىت -ژورناللاردا «چۈشنامە» قاتارلىق 12 پارچە داستان ۋە باللادىسى، 1000پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ۋە رۇبائىسى، «بارات يازغان ھېكايە» قاتارلىق بىرقانچە پارچە ھېكايىسى، «ئەتەبەتۇل ھەققايىقنىڭ شېئىرى يەشمىسى» ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيىتىدىكى شەكىللەر توغرىسدا قاتارلىق ئىلمى ماقالىللىرى ئېلان قىلىنىپ، جامائەت ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى.«قاش تېشىنىڭ رىۋايىتى»، «بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن»، «مەرھابا»، «ئاھ ،ئۇزاققا سوزۇلغان چۈش»، «كۆڭۈلدىكى گەپلەر»، «مۇھەببەتتىن پۈتكەن ناخشىلار»، «روبائىيلار»، «تۇيۇقلار»، «خىيالدىن تۆرەلگەن خىياللار»، «دېھقان كۈلكىسى»، «پاھ،دېھقاننىڭ ھەيكىلى» قاتارلىق داستان ۋە شېئىرلار توپلاملىرى ئېلان قىلىندى . روزى سايىتنىڭ يەنە «ئاھ، سېنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىڭ»، «كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە»، «بۇ خوتەن، مەن خوتەن قىزى» قاتارلىق يۈزلىگەن ناخشا تېكىستى ئاھاڭغا سېلىنىپ ۋەتەننىڭ يىزا-سەھرالىرىدا ياڭرىماقتا .بىر قىسىم شېئىر،ھېكايىلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىندى ۋە دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈلدى .شائىرنىڭ «دېھقان يىغلايدۇ» «چۈشنامە»، «بالىلار پۇلغا زار»، «چىرىكلەر»، «بەدخەج بارات يازغان ھېكايە»، «يىپەك يۇرتىدا نورۇز» قاتارلىق داستان، شېئىر ،ھېكايە ۋە تېلېۋىزىيە بەدئىي سەنئەت دىراممىلىرى ،«بۇ جاھان جاھان كەڭرى، يول كەڭرى» ناملىق ناخشا تېكىستلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلىرى مەملىكەت، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن «دېھقان بولماق تەس» ناملىق قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى نەشر قىلىنىپ نەچچە ئون مىڭ نۇسخا تارقىتىلدى .
  خەلق شائىرى روزى سايىت 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن خوتەن شەھرىدە ۋاپات بولدى . مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىللىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخ ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق تىل يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق 12 مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى . خەلق شائىرى روزى سايىتنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەنئىتى ئۈچۈن زور يوقۇتۇش، شائىر مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى بىلەن ئەل قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ .
مەنبە: كۇچا مۇنبىرى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
parwin + 111 ياخشى تىما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 111   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8579
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8506
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1018 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 01:33:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شائىر روزى سايىت __ دىھقالارنىڭ پاسىبانى خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ھايات. جەنۇبى شىنجاڭ خەلقى يەنە داۋاملىق مەرھۇمنىڭ شېئىرلىرىغا تىۋىنماڭتا. مەرھومدەك شائىرلارنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1347
تۆھپە نۇمۇرى: 1064
توردا: 7259 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 01:34:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇشائىرمىز بىلەنمۇ تۇنىشىۋالدۇق  لىكىن  ئەپسۇس  ۋاپات بوپكېتىپتىكەن ئەمەسمۇ    بولسا بىرنەچچە پارچە   شېئىرى لىرىدىن يوللاپ قويسىڭىز بەكمۇ خوشال بولاتتىم
ياتقان يىرى  جەننەت تە بولغاي  ئامىن

ئىنسان چىرايلىق گېپى بىلەن ئىككىلى دۇنيالىق ئەزىز ...
تىلىمىز ئەقلىمىزنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالمىسۇن . ھەر ۋاقىت ئەقلىمىز تىلىمىزنىڭ ئۈستىدە تۇرسۇن .
بولمىسا ئەخلاقىمىزنى يوقۇتۇپ قويىمىز .

ئەركەك !

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 3048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22911
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6865 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 02:03:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەمەتجانغا ئوخشايدىكىن .

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9117
يازما سانى: 1426
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13901
تۆھپە نۇمۇرى: 802
توردا: 4372 سائەت
تىزىم: 2010-9-4
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 02:24:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[mp3=1]http://www.qimbulak.com/naxsha/uqkun/Rozi sayit.mp3[/mp3]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46783
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3839
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 1159 سائەت
تىزىم: 2011-7-5
ئاخىرقى: 2011-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 07:31:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ خەلىقپەرۋەر  شائېرىمىز  قەلبىمىزدە  مەڭگۈ  ياشىغۇسى

ئاللاھ &nbs

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37445
يازما سانى: 1536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2999
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 09:06:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھەر قېتىم سىڭلىمنىڭ ئۆيىگە ماڭغاندا ، شائىرنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتىمەن . ( قەبرىسى يول بويىدىلا )

قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.

كىملەرنىڭ ئەزىز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11997
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12660
تۆھپە نۇمۇرى: 548
توردا: 4442 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 10:51:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەمەتجان ئوخشايدىكەن. مەن تېخى ھايات دەپ ئويلايتىم. ئەپسۇس...

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4608
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44665
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15807 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 11:15:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
« شائىر  ئىنىم ، بۇ  شېئىرلار  قېپقالىدۇ ،
مەن يوللىسام باش مۇھەررىر ئېپقالىدۇ.
ئۇنىڭغىمۇ ئامال قىلىپ  ئېلان  قىلساق ،
ئوقۇغانلار  ئىسىت شائىر  ، دەپ قالىدۇ .

كالېندارغا  قاراپ  ئەسەر  يازغانلاردىن ،
شېئىر  ئەمەس ، بىر  تاغاردا  گەپ قالىدۇ .
بىزگە ئوخشاش  قېرىلارنى  سىز دورىماڭ  ،
ئۇنداقلاردىن ئىچىنىشلىق «خەپ!» قالىدۇ.

شېئىر يېزىڭ، باستۇرۇشقا  باش  قاتۇرماڭ ،
شۇندا خەلقىم ئارمىنىڭىزنى يەپ قالىدۇ .»

ئاپتۇر: روزى سايىت

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئىمىنجان ھىدايە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15099
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13701
تۆھپە نۇمۇرى: 2034
توردا: 1650 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 11:27:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دېھقان بولماقلا تەس ئەمەس، روزى سايىت بولماقمۇ تەس (ئەدەبىي خاتىرە)



ئەختەم ئۆمەر


ئېھ ! روزاخۇناكا، ئاغزىڭىزدا چاقچاق، چېھرىڭىزدە بايرام، قەلبىڭىزدە تەكلىماكاندەك دەرد-پىغانلىرىڭىزنى ئېلىپ، سىز غېمىنى يەپ تۈگىتەلمىگەن، دەردىگە تولا يىغلاپ يېتەلمىگەن، بۇغداي نېنىڭىز بولمىسىمۇ، بۇغداي سۆزىڭىز بىلەن تەسەللى بېرىپ ھالىغا يەتكەن دېھقانلىرىڭىزنى تاشلىغۇڭىز بولمىسىمۇ، ئەمما تەقدىر قىسمەت بىلەن ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدىڭىز. سەپىرىڭىز ئاق يول، ماكانىڭىز جەننەتتە بولغاي! ۋاقىتلىق ئالەمدە يۇتقان ئوغا-پىغانلىرىڭىز بەدىلىگە باغى-ئېرەمنىڭ ياپيېشىل باغلىرىنىڭ ئېرىقلىرىدا ئېقىپ تۇرغان ئابى شارابلارنى يۇتقايسىز. شائىرلارنىڭ ھەممىسى جەننەتكە ئۇدۇل كىرىۋەرمەس، ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا بىرمۇنچە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكىنى بىلەن ئۇ ئالەمدە ئۆزىنىڭ جازاسىنىمۇ ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ گۇناھى ئۈچۈن مۇنكىر-نەكىر تەرىپىدىن ھەسسىلەپ جازاغا تارتىلىشى تۇرغان گەپ. ئادەتتە، كۆپىنچە ئادەملەر بىرەر ئىشقا يولۇققاندا كۆڭلىدىكىنى سۆزلەش ئارقىلىق ئىچىنى بوشىتىدۇ. ئەمما ئىچى كۈچلۈك، ھەق-ناھەق ئېڭى سۈزۈك ئاسماندەك ئوچۇق، مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق، ئاق-قارىنى زىر-زەۋىرىگىچە ئېنىق پەرق ئەتكۈچى ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرغان شائىرلار ئۈچۈن ئىچىنى ئۇۋاپ، يۈرىكىگە ئېكەك، ئۆپكىسىگە لاي-لاتقا زەرداپ سالماقتىن باشقا ئوبدانراق چارە تېپىلمىدى. ئۇيغۇر دېھقانلىرى كۆتۈرگەن ئېغىرچىلىقلارنى دەسسەپ تۇرغان يەر بىلەن ئۆزلىرى كۆتۈرمىسە، بىزنىڭ شائىرلىرىمىز ئەمەس، ھەرقانداق بىر ھاتەملىرىمىزمۇ كۆتۈرۈپ بولالمايدۇ. دەرد يۈرەككە تەگكەن بىلەن يۈرەكتىن ئۆتۈپ يۈرەكنىڭ ھەربىر پىغانىنى يۇتىدىغان ئۆپكىگە بېرىپ قاچىلىنىدىكەن. يۈرەكنىڭ بېغىشىغا تەگدى دېگەن بېغىش-دەل ئۆپكىسىنىڭ ئاغزى بولىدىكەن، يۈرەككە تەگكەن ھەربىر نەرسە ئۆپكىگە قاچىلىنىپ ئاخىر ئۆپكىنى دەرد-ئەلەمنىڭ ياغلىققاپىقى قىلىپ سېسىتىپ تۈگىتىدىغان گەپكەن. ھەر تىنىقتىن كىرگەن دەرد-ئەلەم، ھەربىر كۆرگەندە يۇتقان دەرد-ئەلەم، ھەربىر ئاڭلىغاندا قۇيۇلغان دەرد-ئەلەملەر خۇددى تاغ سۇلىرىدەك ئاخىر بېرىپ كۆللەرگە يىغىلغاندەك، تەرەپ-تەرەپتىن تارام-تارام زەرداپ بولۇپ ئۆپكىگە يىغىلىدىكەن. مانا شۇنداق بولغاچقا بىزنىڭ ئاچچىق يۇتقان بارلىق شائىرلىرىمىز مېڭىسىدىن قېرىماي ئۆپكىسىدىن قېرىپ، بۇ ئالەمدىن بالدۇر كەتتى. مەرھۇم ئەھمەت زىيائى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تېيىپجان ئېلىيوپ، ئابدۇكېرىم خوجا، روزى سايىت ھەممىسى دېگۈدەك دەرد -ئەلەملەرنى ئىچىگە سىغدۇرالماي ئۆپكىسىدىن ئايرىلىپ، بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى.

روزاخۇناكا، سىز بىلەن مۇڭدىشىشقا ئامراق ئىدىم، بۇ مۇڭدىشىشتا دائىم مەن سىزنىڭ چاقچاق، يۇمۇر، شېئىر تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان پاراڭلىرىڭىزنى ئاڭلاپ پەقەت كۈلۈشكىلا يارايتتىم. سىز بىلەن تەڭ جاۋابلىشىپ سۆزىڭىزگە سۆز قايتۇرۇپ، سىز بىلەن تەڭ بولالمايتتىم. مەن ئانچە -مۇنچە سۆزلىيەلىگەن، ئاندا-ساندا چاقچاق قىلالىغان بىلەن مۇڭدىشالمايمەن، سىز بىلەنلا ئەمەس، ھەرقانداق بىر كىشى بىلەن مۇڭدىشىشقا يارىماي كەلدىم. پەقەت ماڭا گەپ قىلىپ بەرگەن ئادەمنىڭ گېپى ماڭا تېتىسا ئاڭلىيالايمەن، بولمىسا ئىختىيارسىز ئېڭىكىم ئاجراپ كەتكۈدەك تولا ئەسنەپ كۆزۈمدىن ياش قۇيۇلۇپ ئاڭلىيالمايلا قالىمەن. ئەمما سىز بىلەن ھەر قېتىم مۇڭداشقان چېغىمدا تەسىرلەنگىنىمدىن كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كېتەتتى. سىز بىلەن كۆپ قېتىم كۈنلەپ ھەپتىلەپ پاراڭلىرىڭىزغا داخىل بولغان بولساممۇ، ئەمما ئەسلا زېرىكىش ھېس قىلغان ئەمەسمەن، ئەكسىچە پاراڭلىرىڭىزغا قانماي كەلدىم. بەلكىم ئايلاپ-يىللاپ پاراڭلاشقان بولساممۇ گېپىمىز تۈگىمىگەن، پاراڭلىرىڭىزغا قانمىغان بولار ئىدىم. مانا ئەمدى مەيۈسلۈك ئىچىدە قەغەز يۈزىدە سىزگە گەپ قىلىۋاتىمەن. سىزدىن سادا يوق. مەندەك ئۇكا دوستىڭىز غېرىبلىق ئىچىدە قالدى. مەنلا ئەمەس، سىز سۆيگەن خوتەن، سىز ئوتىدا كۆيگەن، سۈيىدە ئاققان دېھقانلىرىڭىز، سىز دەردىدە پۇچۇلانغان ئۇيغۇر خەلقىڭىزنى غېرىبلىق باستى. سىز خەلقىڭىزنى سۆيگەچكە ئامراق قىزىڭىزنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرنىساخان قويغانىدىڭىز. ئۇنى جېنىڭىزدىن چارە قەدىرلەيتتىڭىز. قىزىڭىز خاپا قىلسا «ئاپلا، ئىسمىڭىزنى ئۇيغۇرنىساخان قويغاچقا تىللىيالمايمەن، تىلىم بارمايدۇ، ئۇرالمايمەن، قولۇم بارمايدۇ، خاپا بولسام پەقەت سىزنى باغرىمغا بېسىپ سۆيەلەيمەن، قىزىم» دەيتتىڭىز. ئۇيغۇرنىساخان قىزىڭىزنى يېتىم قىلغىنىڭىز بىزنى يېتىم قىلغىنىڭىز بولماي نېمە؟ بىز شۇنداق يېتىم قالدۇقكى، بىزنىڭ ئۆزىمىزدىن باشقا كۆيۈنىدىغان ئىچ كۆيەرىمىز قالمىدى. سىز دېھقان بولماق تەس دەپ يېزىپ، روزى سايىت بولماق تەس دەپ يازمىغانىدىڭىز. تەقلىدچىلەر يازمىشلىرىڭىزغا تەقلىد قىلىپ نۇرغۇن «تەس» لەرنى يازغان بولسىمۇ، يەنىلا سىزنىڭ تەس كۈنگە قالغىنىڭىزنى يېزىشمىدى. مانا شۇ بىر تەستىن كېيىن سۈرلۈك، سىرلىق سۈكۈت ئىچىدىكى تەس كۈن ئاخىر سىزنى ئىچىڭىزدىن قۇرتتەك غاجىلاپ يەپ تۈگىتىپ، جېنىڭىزنى ئېلىپ جاڭگالدا قويدى. سىز بۇرۇن ئاچ-يالىڭاچلىق، باغلاپ ئاسماقچىلاپ ئۇرۇش، قىيناشلار، ئېغىر ھاشار، قاچقۇنلۇق، يوقسۇزچىلىقنىڭ دەردلىرىنى تارتىپ، نۇرغۇن ھەرەج كۆرگەنىدىڭىز ھەم بۇ جەبرى-جاپالار ئۈستىدىن غالىب كەلگەنىدىڭىز. ئەمما بۇ قېتىمقى بۇرۇقتۇرمىلىقنى يەڭمەك سىزگە تەس بولدى. سىزنى بىركىم ئۇرمىدى، تىللىمىدى، خورلىمىدى، سوراققا تارتمىدى، بەلكى ھۆرمەت، ياخشى كۆرۈش، كۆيۈنۈش، مەدھىيە ئىچىدە ھۆرمەت سەھنىسى تۆرىدىن ئورۇن ئالدىڭىز. بۇ ئىززەت- ھۆرمىتىڭىز ئۆز ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ كامالەتكە يەتكەن ئالتۇن دەۋرىڭىز بولدى. شاھزادىلەردەك ياشىدىڭىز، ئەمما مانا شۇنداق ئالىي ھۆرمەت ئىچىدە تۇرۇپ تۈگىشىپ كەتتىڭىز، قانچىكى كاتتا مەئىشەتتە بولغانچە يۈرىكىڭىز شۇنچە ئۆتمىتۆشۈك بولۇپ ئۆپكىڭىز قۇرۇپ چەكسىز ئازابلىق، بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە پۇچۇلاندىڭىز. چۈنكى نىجىس كېسەللىك ئاشۇ قاملاشقان گەۋدىڭىزنى قۇرۇتۇپ قاقشالغا ئايلاندۇرۇۋەتكىچە بولغان ئارىلىقتا جىسمانىيىتىڭىز راھەت دېڭىزى ئىچىدە بولغىنى بىلەن ئادىمىيلىك روھىڭىز شائىرلىق روھىڭىز، ئېتىزدا، مەكتەپتە، تۈرمىدە، خەلق ئىچىدە پۇچۇلۇنۇپ يۈرگەن بولغاچقا قەلب ھېسسىياتىڭىز ۋولقاندەك ئۇرغۇپ تۇردى.

ئۇ ئالەمدە ھەر ئادەم ئۆز غېمى بىلەنلا، ياق ! غەم بولمىغاندىكىن يەنە ئاغزى پالۋانلىق بىلەن شېئىر ئوقۇپ، شائىرلىق قىلىمەن دەپ دەردمەن بولۇپ يۈرۈشىڭىز بىھاجەت. بولدى، يېتەر. بۇ دۇنيادا قىلغان شائىرلىقىڭىز بەش يۈز يىل ئىلگىرىكى ناۋائىي ھەزرەتلىرىنىڭ شېئىرلىرى ھازىرغىچە يادلانغاندەك يادلىنىدۇ. بۇ دۇنيادا مىجەزى كېلىشىدىغانلار ۋە كېلىشمەيدىغانلار، ياخشىلار ۋە يامانلار بىر زالغا يىغىلغان بىلەن، ئۇ دۇنيادا دوزاختىكىلەر دوزاخ زالىغا، جەننەتتىكىلەر جەننەت زالىغا يىغىلىسىلەرغۇ دەيمەن. ھەرقاچان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، قۇتلۇق شەۋقى، مەمتىلى ئەپەندى، نېمشېھىت، زۇنۇن قادىرى، ئەھمەت زىيائى، ئۆتكۈر ئەپەندىم، تېيىپجان ئېلىيوپ، ئابدۇكېرىم خوجا، زوردۇنكاملار جەننەت يوللىرىدا «ۋاي كەلدىڭمۇ روزى گاداي، ئۇ دۇنيا ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ساڭا بېرىپ ئۇزىتىشقا ئۇلارنىڭ قارنى ئاغرىغان بىلەن، بىز ساڭا مەڭگۈلۈك دۇنيانىڭ ناۋائىي ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ساقلاپ ئولتۇردۇق. قارا، بىزنىڭ جەننەت يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ناۋائىي ھەزرەتلىرى -2001 يىللىق مۇكاپاتنى ساڭا ئۆز قولى بىلەن بەرمەكچى» دەپ ئالدىڭىزغا چىققاندۇ. سىز يەنىلا «مەن مەشھۇر روزى سايىت كەلدىم، ناۋائىي ھەزرەتلىرىدىن باشلاپ ھەممىڭلار مېنىڭ قوبۇل قىلىشىمنى كۈتۈپ قاتارى سەپ بولۇپ تىزىلىپ تۇرۇڭلار» دېگەنسىز. ئۇلار «ھە گاداي، بىزنى قوبۇل قىلغىنا، قوبۇلىڭغا ئېرىشىۋالايلى» دەپ پاراقلاپ كۈلۈشكەندۇر ھەرقاچان. بوپتۇ، روزاخۇناكا، بىز سىزنىڭ چوقۇم ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئاتىسى ناۋائىي ھەزرەتلىرىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز ھەم شۇنى تىلەيمىز. بىز سىزنىڭ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىش ئالدىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ زور شان-شەرەپ مۇكاپاتىنى بېرىپ ئالىي ئېھتىرام بىلەن ئۇزاتقۇمىز بولسىمۇ، بۇنىڭغا ئاجىز كەلدۇق. دىلىڭىز رەنجىدى، ئازار يېدىڭىز. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، سىز شۇغۇللانغان ئەدەبىيات پەقەت ئەنە شۇ ناۋائىي ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ لايىق نامزاتى.

قەدىرلىك روزاخۇناكا، سىز كەتتىڭىز، بىز قالدۇق. ئەمما ئارقىڭىزدىن بىزمۇ بارىمىز. سىز مەڭگۈلۈك سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا خوتەنگە بېرىشقا يول بولغان بولسىمۇ، سىزگە دېيىشكە ئۈلگۈرەلمىگەن سەۋەب يولۇمنى چىڭ توسۇۋالغانلىقتىن سىزنى ئەل قاتارى ئۇزىتالمىدىم. يول يىراق، پاچىقىم ئىنچىكە بولغانلىقتىن جىنازىڭىزنى كۆتۈرۈپ ئەل قاتارى ماڭالمىدىم. قايتىش ئالدىدا «ئەختەمگە مەندىن سالام دەڭلار» دەپ كۆز يېشى بىلەن قىينىلىپ ئەۋەتكەن سالىمىڭىزدىن خىجىللىق ئىچىدە بوغۇزۇم ئاچچىق بولۇپ، ئاللاھتىن ياتقان جايىڭىزنى جەننەت تىلىدىم. مەن ھەم ئەل-جامائەت ئەلگەكتىن ئۆتۈپ ئاشكارا ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرىڭىز بىلەن سىزنى بىر ياخشى كۆرگەن بولسام، ئەلگەكتىن ئۆتمەيدىغان، قۇلاقنى-قۇلاققا يېقىپ ئۆز ئاۋازىڭىز بىلەن يادلاپ بېرىدىغان ئاجايىپ نادىر شېئىرلىرىڭىز، نەزمە، داستانلىرىڭىز بار ئىدى. ئۇنى ھەر ئاڭلىساق تېلىقىپ كۈلەتتۇق ياكى ھۆڭرەپ يىغلايتتۇق، ياكى ئۈستەلگە مۇشتلاپ قوپاتتۇق. مانا سىز شۇنداق شائىر ئىدىڭىز، شۇ ئىشلار بولغاندا بۇنداق سادا بولمىغان بىلەن سىزنىڭ شائىرانە روھىڭىزدىن پارتلاپ چىققاندا ئەنە شۇنداق بولاتتۇق. مانا بۇ سىزنىڭ راست تەبىئىي شائىرلىقىڭىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىدى. سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىز بىرلا پاقلىنى بار دېھقاننى ئاشۇ پاقلىنىنى سويدۇرۇپ ئالدىڭىزغا قويدۇرالىغانىدى. سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىز ئۆز قورسىقىغا يېگەنگە، خەقنىڭ ھاجەتخانىسىغا ھاجەت قىلغانغىمۇ قورسىقى ئاغرىيدىغان پىخسىق سودىگەرلەرنى ئالتۇندىن ئوردېن ياساپ، ئىلى-تارىم ۋادىسىدىن يۇلتۇزدەك ئېقىپ بېرىپ مۇكاپاتلاتقۇزغانىدى. سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىز ئۆمرىدە شېئىر ئوقۇمىغانلارنى شېئىرغا خۇمار قىلغان. سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىز شېئىرنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيدىغانلارغا شېئىرنى چۈشەندۈرۈپ، قانچىلارنى كۈلدۈرۈپ دەردىنى چىقارسا، قانچىلارنى يىغلىتىپ پۇخادىن چىقارغۇزغان، يەنە قانچىلارنى ئىچىدىن قان كەتكۈزگەنىدى. سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىز ئۆزىڭىزدەك راستچىل، سەمىمىي، خۇشخۇي مەردانە ئىدى. سىزنىڭ پۈتۈن كىتابلىرىڭىز تويماي ئوقۇش، بەزىبىر خۇنۈك، جانسىز شېئىرلارنىڭ بىر مىسراسىنى ئوقۇشقا كەتكەن بىر تىنىق ۋاقىتتىنمۇ قىسقا بىلىنەر ئىدى. ئۇزۇن يازاتتىڭىز، قانمايتتۇق، راست يازاتتىڭىز، ئازمايتتۇق. ئۆزىڭىزگە ئوخشاشلا پەردازسىز يازاتتىڭىز، گۈزەللىك ھۇزۇرىغا چۆمەتتۇق. توم-توم لۇغەتلەردە ئىسىم، تەرجىمىھاللىرى قىستىلىشىپ تۇرغان، پاتمانلىغان شائىرلار ئىچىدە بىزنىڭ دېھقانلىرىمىز پەقەت سىزنىلا بىلەتتى، سىز بىلەن تونۇش ئىدى. چۈنكى سىز ئالدى بىلەن دېھقانلارنى تونۇغان، ئۇلارنىڭ ھالىغا يەتكەن، دەردىنى چۈشەنگەن، چۈشىنىپلا ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ بولدى قىلماستىن، بەلكى دېھقان ئۈچۈن ياقا يىرتىپ، يالىڭاچ بولۇپ مەيدانغا چۈشۈپ، يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم دەپ دېھقانلارنىڭ ھەق مەنپەئىتى ئۈچۈن جان تىكىپ دەۋاغا چۈشكەن. دەۋايىڭىزنى پۈتۈن ئەل-جامائەتكە جاكارلاپ تۇرۇپ بار ئاۋازىڭىز، زېھنى قۇۋۋىتىڭىز بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ تۇرۇپ ئاڭلاتقان، ئاڭلاتقاندىمۇ بۆشۈكتىن-تۆشۈككىچە بولغان جىمى ئادەمنى قىلىۋاتقان ئىشىنى قويۇپ تۇرۇپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلاشقا، قۇلاق قېقىپ ئاڭلاشقا ماگنىتتەك تارتىپ ئەكېلەلىگەنىدىڭىز. بېشىغا ئالۋاڭ-سېلىق چۈشكەندە غىڭ قىلماستىن موزاي-توپاقلىرىنى سېتىپ ئالۋاڭ تۆلىگەن دېھقانلار، ئۇ چاغدا بارلىق دەرد-پىغانىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ، پەقەت ئۇلۇغ-كىچىك تىنىش ئارقىلىق بولدى قىلغان بولسا، سىزنىڭ مىسرالىرىڭىزنى ئاڭلاپ ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى تونۇپ ئاندىن ھۆڭرەپ يىغلاشقانىدى.

ئېھ، قەدىرلىك روزاخۇناكا، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز باياشات، تۇرمۇشىڭىز توق كۈنلەردە ۋىجدان ئازابى، دېھقان ئازابى ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆپكىڭىزنى، ئاندىن ئۆزىڭىزنى قۇربان قىلدىڭىز. سىز بىلەن بىزنىڭ قورسىقىمىز توق، ماددىي جەھەتتىن ئەڭ سېمىز بۇقىنىڭ يەمگە تويۇنۇپ، چىۋىن بېسىپ كۆشەپ ياتقان ھالىغا ئوخشىغىنىمىز بىلەن سىزدىكى روھ، ئىنسانىي تەپەككۇر، ئادەملىك پەزىلەت سىزنى ئۆزىڭىزنىلا ئويلىمايدىغان، لېيىڭىز پىششىق ئادەم بولۇشقا تەقدىر قىلدى.

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بەزى يېزا-بازارلىرىدا كۈندۈزى مال-چارۋا بازىرى بولغانغا ئوخشاش، كېچىلىرى بالا بازىرى بولۇۋاتقىلى ئون يىللاردىن ئاشتى. ئىچكى جۇڭگودىكى بىرمۇنچە شەھەرلەردە بالا ئوغرىلار يامراپ يۈرۈشىدۇ. سەككىز-توققۇز ياشلاردىكى بالا ئوغرىلار كىشىلەرنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاختۇرىدۇ. ئوغرىلىق قىلىدۇ. زەھەر ساتىدۇ، تۇتۇلىدۇ، سولىنىدۇ. يەنە چىقىدۇ، يەنە شۇنداق قىلىدۇ. دېھقانلار ئامالسىزلىقتىن يوشۇرۇن ھالدا بالىلىرىنى ئوغرىلارنىڭ كاتتىۋاشلىرىغا سېتىۋاتىدۇ. ئۇلار بالىلىرىنىڭ ئوغرى، قاراقچى بولۇشىنى خالىمايتتىغۇ؟! سىزنىڭ جېنىڭىزنى ئېلىپ جاڭگالدا قويغىنى دەل مانا مۇشۇنداق رەھىمسىز تەقدىر ئوتىنىڭ تېشىدا كۆيگەن كۆيۈك بولدى. دېمەككى، روزاخۇناكا، دېھقان بولماقتىن روزى سايىت ئاتلىق شائىر بولماق قىيىن بولدى. دېھقان ئۆلمەي، روزى سايىت ئۆلدى، روزى سايىتنىڭ تەنلىرى ئۆلگەن بىلەن ئۇنىڭ شېئىرى دېھقانلارغا بايراق بولدى. سىزنىڭ روھىڭىز بۈيۈك مەڭگۈلۈك جەۋلانكار شېھىت شائىرلىرىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپلەرنىڭ شېھىتلىق مۇقامىدىكى جەننەت باغلىرىدا بولسا، تېنىڭىز سىز سۆيگەن ھەم كۆيگەن خوتەن تۇپرىقىدا. روزى سايىتنىڭ تەنلىرى تۇپراققا ئايلىنىپ شۇ تۇپراقنىڭ لېيىدا خوتەن خەلقى تام سالسا، بۇ تام خوتەن خەلقىگە ئەمەس، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىگە دالدا تام بولىدۇ. بۇ تۇپراقتا ئۈجمە دەرىخى ئۈنسە، بۇ ئۈجمىدىن پۈتكەن خوتەن شايىسى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىگە يېپىنچا بولىدۇ.

خەير خوش، روزاخۇن ئاكا، خاتىرجەم يېتىڭ، ئارقىڭىزدىن بىزمۇ بارىمىز، ھەممە گەپلەرنى خەت يۈزىدە دېيىشىپ بولالمىغاندىكىن، بارغاندا مۇڭدىشارمىز.
                                                ئاپتۇرى : ئەختەم ئۆمەر
                                                                               قەلەمدە :  ئىمىنجان ھىدايەت پاسىبانى
                                                 چ چ 1395898567

                                                         9218  129677

[align=center]
ھۆرمەتلىك مەرھۇم  روزا سايىت ئاكىمىزنى مەڭگۈ  ئەسلەيمىز   ياتقان يىرى جەننەت بولغاي !  ئامىن
ئاخىردا  مۇھەممەتجان روزى سايىتنىنىڭمۇ  ھازىرقى نەتىجىللىرىدىن پەخىرلىنىپ قالماي  خەلىق قەلبىدىن ئورۇن ئىلىشنى  ئۈمۈد قىلىمىز ھەم خەلىقنىڭ پىكىرنى قوللىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز

ئالمىشىپتۇ مەمەتجان ، تۆمۈرخاننىڭ ئورنىغا
يىشى كىچىك بولغاچقا ، سۇ كىرمەمدۇ بۇرنىغا .


دورىغانتىڭ بىر مەھەل ، نا مەرىت دىگەن بەڭگىنى
كۆرۈپ بولغان جامائەت ، ھۈنىرىڭنىڭ ھەممىنى

    

سىنىڭ ئىشىڭ بۇ ئەمەس ، دىمىسەك يا تۇيمىساڭ ،
دىمىغىڭدا سۆزلىمەي ، سىرىكىڭنى ئوينىساڭ .





خوتەن ۋىلايىتى گۇما  - ناھىيە كىلياڭ يىزا
     2011 - يىل 7 - ئاي 6 - كۈنى


ئىمىنجان ھىدايەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش