ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىمدىكى تورداشلار!
مەن بايا ئۇيغۇر پۇتپول مۇنبىرى ھۇررا مۇنبىرىنى كۆرۋېتىپ تۆۋەنكى تېمىغا كۆزۈم چۈشۈپ، سىلەرنىمۇ بىرگە بۇ قېرىندىشىمىز دىلشات غۇپۇرغا يېقىندىن نەزەر سېلىپ قۇيىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىپ بۇيەرگە ئېلىپ كەلدىم،بىز ھازىر ھەممىمىز بىلمىز ھازىر شىنجاڭلىق بىر قانچە پۇتپولچىلىرىمىز ئىچكىردىكى داڭلىق كۇلۇپلاردا توپ ئويناۋاتىدۇ ھەم نەتىجىلىرى كۆرنەرلىك بۇلۇپ دۆلەت ئىچى ۋە دۆلەت سىرتىدا ئاز بولمىغان ئۇتۇقلارنى قازانماقتا،تۆۋەنكى بۇ ياش ئۇيغۇر يىگىتىمىز دىلشات.غۇپۇرمۇ شىنجاڭ تەنتەربىيەسىنى ھەم شىنجاڭ پۇتپولچىلىقىنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك تۇنۇتۇش ئۈچۈن ئۈزىنىكى بىركىشلىك تۆھپىسىنى قوشماقچى،بولسا كەڭ مىسرانىم ئەزالىرى بۇ ياشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرسەڭلار،دىمەكچى بولغۇنىم بۇ ئوغلانىمىز شىنجاڭنىڭ ئىچىنى بىر ئايلىنىپ چىقماقچى،بەلكىم شۇنداق بولسا ھەرقايسىمىزنىكى يۇرتىغا باردۇ دىگەن گەپ،بەلكىم بەزلىرمىزنىڭ ئىشىك ئالدىدىن ئۈتۈپ قېلىشىمۇ مۇمكىن،شۇنداق پۇرسەت بۇلۇپ قالسا بۇ ياشنى قىزغىن كۈتۋالارسىلەر،يىقىندىن قوللاپ-قۇۋەتلەپ قويارسىلەر!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۈگۈن كۆپچىلىكنى نەچچە كۈندىن بېرى خەۋەردار قىلىپ كېلىۋاتقان دىلشاد ئىنىمىزنىڭ پوتپول تېپىپ شىنجاڭنى ئايلىنىش سەپىرىدىن خەۋەردار قىلماقچىمەن .
بىز نەچچە ۋاقىتتىن بېرى دېلشاد ئىنىمىزنىڭ بۇ قۇتلۇق سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ،ئۇتۇقلۇق بولۇشى ئۈچۈن كۆپ مۇڭداشقان ۋە سەپىرىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ دىلشادنى غۇلجا شەھىرىگە تەكلىپ قىلىپ بۇ توغرۇلۇق پىكىرلىشىپ ئەتراپلىق پىلانلارنى تۈزگەن ئىدۇق ، 6- ئاينىڭ 30- كۈنى دىلشادنىڭ سەپەر تەييارلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى تۇيۇقسىز مېنىڭ تېلفونۇم سايراپ كەتتى تېلىفوندا سۆزلىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەزىبىر كۆڭۈلسزلىكلەرگە يولۇققانلىقىنى ، بولسا مېنى تېزىراق سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق ناھىيەگە كېلىشكە دەۋەت قىلغان ئىدى ،مەن خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ، ھۇررا كۇلۇبىمىزنىڭ سادىق ئەزاسى ۋە قولۇغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان مەردان مۇئەلىم بىلەن غۇلجا شەھىرىدىن 200 كېلومىتىر يىراق ئارلىقتىكى كۈنەس ناھىيسىگە جىددى يولغا چىقىپ سائەت 8 لەر بىلەن كۈنەس ناھىيىسىگە يېتىپ كەلدۇق ،بىز يېتىپ كەلگەندە دىلشاد بىزنى خۇددى ئۇزاقتىن كۈتۈۋاتقان ئۇرۇق- تۇققانلىرىدەك تەشنالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان ئىككەن ،بىز دىلشاد بىلەن تىنىچلىق _ ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن تېزدىن ياتاققا ئورۇنلۇشۇپ ئۇنىڭ سەپەر ئەھۋالى ۋە تەييارلىغى توغۇرۇلۇق توختالدۇق ،بىز دىلشاد بىلەن پىكىرلىشىش ئارقىلىق يول بويى مەردان ئىككىمىز ئويلىغاندەك ئىش يۈز بەرگەن بولۇپ دىلشاد بىلەن بىرگە سەپەرگە چىقماقچى بولغان ھەمرىيىنىڭ ئاتا - ئانىسى ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلەردە بۇ مۈشكۈل سەپەرگە بالىسىنى يولغا سېلىشتىن يالتايغانلىغىنى ئۇقتۇق ،دىلشادتا بولسا ئۇلارغا نىسبەتەب قىلچە ئاغرىنىش يوق بولۇپ پەقەت سەپەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا بۇ خىل قارانىڭ چىقىرىلىشىغا بولغان مەيۈسلىنىشىنىلا ئىپادىلىدى ، بىز بولساق دىلشادنىڭ ،كۆڭلىنى ياساپ ئۇنى ھەرگىز يالغۇز يولغا سالمايدىغانلىغىمىزنى چوقۇم بىرەر ئامال تېپىلىدىغانلىغىنى ئېيتتۇق لېكىن دىلشاد ئىنتايىن قەتئى ئىرادىگە كەلگەن بولۇپ ئۆزىنىڭ يالغۇز بۇ سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتىگە كەلگەنلىگىنى ئېيتتى ،بىز دىلشاد بىلەن يېرىم كېچىگىچە ئەتىكى سەپەر توغرۇلۇق پىلانلارنى تۈزۈپ سائەت شىنجاڭ ۋاقتى بىر بولۇپ كەتكەنلىگىنى ئۇقماي قاپتۇق ئاخىرى مەردانىڭ دەۋەت قىلىشى ۋە دىلشادنىڭ ئەتىكى سەپىرىدىكى روھى ھالىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئۇخلاشقا مەجبۇ بولدۇق ،كۈنەس ناھىيىسى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئەڭ يىراق بىر تاغلىق ناھىيىسى بولۇپ ھۆل يېغىن كۆپ جاي ئىدى شۇ كۈنىمۇ تاڭ ئاتقىچە قاتتىق يامغۇر ياغدى ،بىز بۇ ئۆزگىرىشچان تاغلىق رايۇننىڭ ھاۋا كېلىماتىغا قاراپ دىلشاتنىڭ بۇندىن كېيىنكى سەپىرىنىڭ قانچىلىك مۈشكۈلىكىنى ۋە قانچىلىك جاپا مۇشەقەتلەرنىڭ ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىغىنى تەسەۋۇر قىلىپ يەتتۇق ،تاڭمۇ ئاتتى دېلشاد يەنىلا ناھايىتى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ بولغان بولۇپ ،ئۇنىڭ تۈنۈگۈن تالدى يېزىسىدىن كۈنەس ناھىيىسىگە پىيادە كەلگەن سەپەر ھارغىنلىغىدىن قىلچىمۇ ئەسسەر يوق ئىدى ،بىز يۈز - كۆزلىرىمىزنى يۇيۇپ ئەتىگەنلىك ناشتا قىلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتۇق بۇ چاغدا دېلشادنىڭ تېلىفۇنى يەنە جىددى سايراپ كەتتى ئۇنىڭ چىرايىدىن بىز بەزى بىر خوشالىق جىلۋىسىنى سەزگەندەك بولدۇق كېيىن ئۇقساق دىلشادنىڭ تىجارەت ئىشى بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەن تاغىسى دىلشادنىڭ بۇ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن بالىسىنى دىلشادقا ھەمرا بولۇپ سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىكەن ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ناھايىتى خوشال بولدۇق ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارمۇ كەلدى بىز بىرگە ناشتا قىلغاندىن كېيىن دىلشادنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن كۈنەس خەلىق مەيدانىغا كەلدۇق ،ئەپسۇس بىزنى ئۈمۈدسىزلەندۈرگىنى بۇ يەرگە دىلشادنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن كەلگەن ئۇرۇق - تۇققانلىرىدىن باشقا ھىچكىمنى ئۇچراتمىدۇق ، بىز دىلشادنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى دىلشادقا ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدۇق ، ۋە ئۇللۇغ ئاللاھدىن دىلشادنىڭ سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلىدۇق ! دىلشادنىڭ ئاتا - ئانا ئۇرۇق تۇققانلىرى بىرەر قۇر كۆز يېشى قىلىشقاندىن كېيىن دىلشاد جىددى سەپەرگە ئاتلاندى ، مەردان ئىككىمىز قىيمىغان ھالدا دىلشادنى تاغ باغرىغىچە ئۇزۇتۇپ قويدۇق ، خەيرى - خوش يىگىت سەن مىلىتىمىزنىڭ قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن تەۋەكۈلچىلىك روھىنى ئويغۇتۇش ،مىللىتىمىزنىڭ پوتپولغا بولغان يۈكسەك قىزغىنلىغىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلىش ئۈچۈن بۇ ئېغىر يۈكنى زىمەڭگە ئېلىپ مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلاندىڭ . سېنى ھۇررا كۇلۇبىمىز قانداق ئۇزۇتۇپ قويغان ، قولىغان بولساق ئاخىرىغىچە قوللاپ يەنە شۇنداق داغ- دۇغۇلۇق كۈتۈۋېلىشقا تىرىشىمىز !
ئەمدى يەنە بۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىرنەچچە ئىشلارنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن ، بۇ قېتىم دىلشادنىڭ سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن جەمىيىتىمىزدىكى مىللەتپەرۋەر ساخاۋەتچى كىشىلىرىمىز دىلشادتا بولغان سېخى ياردىمىنى ئايىمىدى يەنى غۇلجا شەھىرى «ئانا - يۇرت »كوماندىسنىڭ قۇرغۇچىسى سىدىقجان ئەپەندىم ئۆزى غۇلجا شەھىرىدە بولمىسىمۇ دىلشادنىڭ بۇ ئىش - ئىزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىككىلەنمەي 2000 يۈئەن ياردەم قىلدى ۋە بۇندىن كېيىن يەنە ھەرقانداق قىيىنچىلىغى بولسا ياردىمىنى ئايىمايدىغانلىغىنى ئېيتتى ،شۇڭا بۇ يەردە سىدىقجان ئەپەندىگە بولغان رەھمىتىمنى ۋە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرمەي تۇرالمايمەن، رەھمەت سىدىقجان سىزنىڭ غۇلجا پوتپولچىلىقىغا قىلىۋاتقان سېخىلىقىڭىزنى خەلىق ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ ،ئۇللۇغ ئاللاھدىن تىجارىتىڭىزگە بەركەت تىللەيمىز ! ffZ~r%25{
ئۇندىن باشقا ھۇررا كۇلۇبىمىز باشتىن - ئاخىر دىلشادنىڭ ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ كەلدى ۋە غۇلجىدىكى ھۇررا تەنتەربىيە دۇكىنىمىز ھۇررا كۇلۇبىمىزغا ۋاكالەتەن 1000 يۈئەن نەق پۇل ۋە ھۇررا كىيىم كېچەكلىرى بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە دىلشادنىڭ بۇ قۇتلۇق سەپىرى ئاخىرلاشقىچە شىنجاڭنىڭ ھەر - قايسى جايلىرىدىكى ھۇررا ئەزالىرى دىلشادنى ئىزچىل قوللاپ - قۇۋەتلەيدىغانلىغىنى بىلدۈردۇق ، مەن بۇ قېتىم دىلشادنى ئۇزۇتۇش جەريانىدا ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ كەلگەن ھۇررا مۇنبىرىمىزنىڭ ساددىق ئەزاسى ۋە قوللىغۇچىسى مەردان مۇئەلىمگە كۆپتىن - كۆپ رەھمىتىمنى بىلدۈرۈمەن ! ئاخىرىدا دېلشادنى قوللاپ كەلگەن ۋە ھۇررانى قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئالى ئېھتىرام بىلدۈرۈمەن.
سىز كۆرۋاتقان بۇ تېمىنىڭ مەنبەسى★ھۇررا مۇنبىرى ★
http://urraclub.com/bbs,ئەسلى تېما ئادرىسى:
http://urraclub.com/bbs/read.php?tid=2944
ياردەم:مەن رەسىم چىقىرالمىدىم باشقۇرغۇچىلار ئەسلى ئادرىستىن رەسىمنى چىقىرىپ بەرسەڭلار،ياكى تۆۋەنكى ئېنكاسچىلار ئەسلى ئادرىستىن ئېلىپ كىلىپ چاپلاپ قويساڭلارمۇ بۇلدۇ رەھمەت!
مەنبە:ھۇررا تورى
http://urraclub.com/bbs/read.php?tid=2944