مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2354|ئىنكاس: 28

بەزمىخاندىكى ئۇسۇلچى قىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39668
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 209
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2011-5-5
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 08:39:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ-ئەلايكۇم،ھۆرمەتلىك ئەزىز دوسلار ياخشىمۇ سىلەر؟

    تېنىڭلار سالامەت، تۇرمۇشۇڭلار خاتىرجەم،ئائىلەڭلار بەخىتلىك،ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتقاندۇ؟ مەنمۇ ھەم شۇنداق بولۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلمەن.

    دوستلار بۈگۈن سىلەرگە يوللىماقچى بولغان تېمامنىڭ مەزمۇنى مەن تەكىتلەپ ئۆتكەن "رىستۇران،دېسكوخانا،قاۋاقلارنى ئاچقان"خوجايىنلارغا نەزەر دىگەنتىم يادىڭلىدىمۇ؟

    بىز تارىخى رومانلارنى ئوقۇغىنىمىزدا كىمدىن نەپرەتلىنىمىز كىمدىن پەخىرلىنىمىز نېمە ئۈچۈن؟

ئەمدى بىز ھازىرقى تۇرمۇش شارائىتىمىزدىكى،ئىسراپچىلىق،مەنمەنچىلىك،بۇزۇقچىلىقنى،ۋە ئابرويپەرەسلىكنى، ئاشۇ كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلار بىلسە بىزدىن نەپرەتلىنەمدۇ قانداق؟

    دۆلەت قۇدرەت تېپىشتىن ئىلگىرى، ئاتا-بوۋىللىرىمىز،ئانا-مومىللىرىمىز،قانچىلىك جاپا-مۇشەققەت تارتقانلىقىنى بىلمىسەكمۇ چۈشىنىمىزغۇ؟

ئۇلار ياشىغان شۇ دەۋىرلەردە. بىر-بىرگە بولغان مېھرى-مۇھەببىتىنىڭ چوڭقۇرلىقى، سەمىمىيلىكى، راستچىللىقى، كۆيۈمچانلىقى،ئىقتىساتچانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇپ تۇرىۋاتمىز توغرىمۇ؟

    ئەمدى بۈگۈنكى كۈندىكى بۇ ئىسىراپچىللىقنى، مەنمەنچىكىنى،بۇزۇقچىلىقنى،ئابرويپەرەسچىلىككە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلەر شۇ

رېستۇران،دېسكوخانا،قاۋاق دىگەندەك ئاممىۋى سورۇنلارنى ئاچقان خوجايىنلار دېسەم خاتالىشامدىم-يا؟

    ئەگەر شۇ رېستۇران بولمىسا بىزدىكى مەنمەنچىلىك، ئىسراپچىلىق بولمايتى، بۇزۇقچىلىق ئاشنا تۇتۇش بۇنچە ئەۋج ئېلىپ كەتمەيتى. دېسكوخانا،قاۋاقلار بولمىغان بولسا قىزلىرىمىز تانسىنىڭ نېمىلكىنى بىلمەيتى. قىز-يىگىت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىمۇ بىلمىگەن بولاتتى. ئوغۇللار ھاراق ئىچىشنى، تاماكا چىكىشنى بىر قەدەر تېز ئۈگىنىۋالمىغان بولاتتى.

    شۇ سورۇنلار مەيدانغا كېلىش تۈپەيلىدىن، ئىمانىمىز سۇسلىشىپ،شىرىن-شېكەر خىياللارنى قىلدىغان، شەھۋانى ھېسىياتقا بېرىلىدىغان،ئەرلەر ئاياللارنى قەدىرلىمەيدىغان،ئاياللار ئەرلەرنى ھۆرمەت قىلمايدىغان، ئائىلە ۋە بالىلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالدى. قىزلار ئوغۇللارغا ئىشەنمەيدىغان، ئوغۇللار قىزلارنى چۈشەنمەيدىغان، ئەھۋاللار يۈز بەرمەكتە. شۇ سورۇن تۈپەيلىدىن، يالغانچى مەككار، ھېيلىگەر ،ساختىپەز، نا ئىنساپ بولۇپ كەتتۇق. ئاددىيسى شۇ ھاراقنى ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسەك قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلىپ بىگۇناھ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپچى بولدۇق. شۇ ھاراق دەستىدىن ئۆي-ماكانلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق، شۇ ھاراق دەستىدىن ئۇرۇش جېدەل قىلىپ جىنايەتچى بولۇپ تۈرمىگە قامالدۇق.

شۇ ھاراق دەستىدىن كوچا -كويلاردا يېتىپ قېلىپ باشقىلار ئالدىدا پەسلەشتۇق. شۇ ئەيىش-ئىشرەتكە بېرىلىپ بىر ئوبدان ئائىلىمىزنى ۋەيران قىلدۇق.

شۇ ھەشەمەتچىلىكتىن بىز يوقسىزلار ئالدىدا گاداي بولدۇق. شۇ ھەشەمەتچىلىكتىن باشقىلارنىڭ نەزىردىن چۈشتۇق.

    تۇرمۇشمىز بىر قەدەر ياخشى ئائىللەر ئىسراپ قىلۋەتكەن يېمەك-ئىچمەكلەر بولسا، بىزنىڭ يېزىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ قان تەرى بەدىلىگە كەلگەن. ئەنە شۇ دېھقانلار بىر تامچا سۇ ئۈچۈن زار بولغان، بىر چىشلەم نان ئۈچۈن بىر ئۆمۈر دەم ئالماي تاكى  ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغىچە ئارلىقتا تېنىم تاپماي، جاپا-مۇشەققەتتە كەلگەن يېمەك-ئىچمەك ئىدى. بىز ئىسراپ قىلغان شۇ ئاش، نان، سۇ، بۈگۈن ئۆلۈم ئالدىدا جان تالشىۋاتقانلار، ئەتىدىكى شۇ نان- سۇ ئۈچۈن نالە-پەرياد ئېيقانلار ئىدى.

    سىلەر دەپ بېقىڭلار دوستلار، سىلەرنىڭ ئەسلى زاتىڭلار شەھەردىنمۇ، ئىشچى،خىزمەتچى ۋە كادىرمۇ؟ بىز شۇ كىچىككىنە مەنسەپ، پۇلمىز ئارقىلىق ئۆزىمىزگە شۇنچە تەمەننا قويۇپ كەتسەك بولماس؟ پۇل ھەر قاچان بىرلا ئادەمدە تۇرمايدۇ، ئۇ قولدىن قولغا كۆچۈپ تۇرغۇچى. سىز شۇ مەرتىۋە-مەنسىپىڭىز ئارقىلىق باشقىلارنى تۆۋەن كۆرگەن بولسىڭىز، تۆت كۈندىن كىيىن سىز شۇلارنىڭ ئالدىدا قەدىرسىز بولۇپ قالسىز.

    ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئەشۇ خوجايىنلار شۇ سورۇنلارنى قۇرۇش ئارقىلىق تاپقان مال دۇنيالىرىغا  ھەج قىلماقتا. باشتا ھارامدىن تېپىۋىلىپ،كېيىن ھالالغا ئايلاندۇرۋاتىدۇ، بۇ توغرا بولامدۇ؟ شۇ خوجايىنلارنىڭ قايسى بىرى ساق، ئۆلگەنلىرى بولسا ئۆز ئەجىلى بىلەن ئەمەس، ھەر تۈرلىك قاتناش ۋەقەلىرى بىلەن ئۆلۈپ كېتىۋاتىدغۇ؟ بەزەنلىرى پالەچ قوپالماس كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قېلۋاتىدىغۇ بۇ نېمە سەۋەپتىن؟

ئەنە شۇنداق سورۇنلارنىڭ كىلىش سەۋەبى تۈپەيلىدىن، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ساغلام تەرەققى قىلشىمىزغا،زور تەسىر كۆرسەتمەكتە.

كەيىپ-ساپا،ئەيىش-ئىشىرەتكە بىرىلىپ،ئۆزىمىزنى ئەشۇ ھاراققا قۇل قىلىپ قويدۇق.

شۇ ھەشەمەتچىلىك سەۋەبىدىن،زىھنى قۇۋتىمىز قوردى،ئەقىل-پاراسىتىمىز ئاجىزلىدى،دۇنيا كۆز قارشىمىز تۆۋەنلىدى.

بىز ئۇيغۇرلارنىڭ، بالدۇر زەيىپلىشىپ،بالدۇر چىرشىمىزغا، سەۋەپچى بولغان ئەشۇ ئۇيغۇر خوجايىنلا ئەمەسمۇ.

ئۇلار ئۆز مەنپەتىنى دەپ، نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئىنىاق ئائىلىسىگە زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى ئەمەسمۇ.

ئەگەر بىز مۇشۇ قەدەمدە ئىلگىرلەرۋەرسەك بەلكىم بىزدىن كىيىنكىلەر نەپرەتلىشى مۈمكىن. ھېلىمۇ بىز ئەشۇ پەرزەنتلىرىمىزگە نېمە قىلىپ بېرۋاتىمىز، ئۇلارغا نېمىنى قىلىشنى ئۈگىتىۋاتىمىز؟

    يۇقارقى ئىشلارغا ئەشۇ خوجايىنلار سەۋەپچى دېسەم خاتالىشامدىم؟

ئەسكەرتىش:- ئىنكاس يازغاندا خاتالىقتىن ساقلىنارسىلەر،مەندىن ئۆتكەن خاتالىق بولسا كەچۈرۈڭلار.

مەنبە: مەرگەن

نۇرلان888

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45974
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 690
تۆھپە نۇمۇرى: 196
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2011-6-28
ئاخىرقى: 2012-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 10:00:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا دەيسىز ئىسراپچىلىق ئىسلامدا قاتتىق چەكلەنگەن ئىدى بۇنى ئۇنداقلارنىڭ چۇشەنمىكى بەك تەس ئىكەن

نەگە بارىمىز

ئەي نادان !نادان

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41664
يازما سانى: 840
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4104
تۆھپە نۇمۇرى: 247
توردا: 4608 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 10:01:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى بىرەر بەزمىخاندىكى ئۇسۇلچى قىز نى يازغان مىكىن دەپتىمەن ،
بوۋام ئېتقان بايىقى...

بەزىلەر دەيدۇ، تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدەبار ؟ مەن دەيمەن ، شۇ تۇخۇمنىڭ تاشتا دەردى بار .

ياردەم مەزمۇنى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5380
يازما سانى: 426
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 44
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 2235 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2011-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 10:10:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ، بالدۇر زەيىپلىشىپ،بالدۇر چىرشىمىزغا، سەۋەپچى بولغان ئەشۇ ئۇيغۇر خوجايىنلا ئەمەسمۇ.  
__________________________
شۇ ھەشەمەتچىلىك سەۋەبىدىن،زىھنى قۇۋتىمىز قوردى،ئەقىل-پاراسىتىمىز ئاجىزلىدى،دۇنيا كۆز قارشىمىز تۆۋەنلىدى.
__________________________
1.بىز بالدۇر زەئىپلەشتۇقمۇ؟ چىرىدۇقمۇ؟ يەنە كېلىپ بۇنىڭ سەۋەبى يالغۇز جەمىيەتنىڭ ئەنە شۇ بىر قىسمىلىمۇ؟
2.بىزنىڭ زېھنىمىز قۇرىدى؟ ماتىماتىكىدا 150 نومۇر ئالغان قىز كىم؟ ئەقىل پاراسىتىمىز ئاجىزلىدى؟ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈرگەن ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل پاراسىتى بىلەن دۇنيا ئەللىرىنى تاڭ قالدۇرىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟

ئۇيغۇر جەمىيىتىدە جۈملىدىن ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتتا زور ئۆزگىرىشلەر بولىۋاتىدۇ.چىرىندى ئەخلەتلەر چوڭقۇرلاپ كىرىۋاتىدۇ. سەۋەب نەتىجە بويىچە ئويلىغاندا ئېچتىياج بولمىسا تەمىنات بولمايدۇ. ئابدۇقادىر داموللام قەشقەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپ، تېنىنى سېتىۋاتقان بىز ئايالغا، بۇزۇقچىلىققا تولغان بىر كوچىدا، يۇرت چوڭلىرىغا غەزەپ بىلەن نېمە دېگەنىدى؟ ئېسىڭلاردا بارمۇ؟ شۇ بايانلارنى ئوقۇغانمۇ سىلەر؟ شۇ زات ئۇشبۇ گۇناھلارنى كىمگە ئارتقانتى؟
جەمىيەت تەرەققىي قىلىۋاتقىنى راست، ئابروي پەرەسلىك، مودا قوغلىشىش ئۇيغۇر دېگەن قەۋمدىلا بولماستىن ھەرقانداق كىشىلەر توپىدا ساقلىنىدىغان مەسىلىلەر. بۇ خىلدىكى ئىللەت خارەكتىردىكى مەسلىلەرگە باھا بەرگەندە مىللەت ئەمەس ئادىمىيلىك، ئەخلاق ياكى گۈزەل پەزىلەتنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئاندىن پىكىر بايان قىلىش توغرا كېلىدۇ.
كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋىتىڭىز دېمەكچى ئىللەت بەك چوڭ، لېكىن سەۋەبى ياكى مەنبەسى بەك تار دائىرىدە. ھاياجان بىلەن بىر نەرسىگە ئاچچىق كەلگەندە ھەممە نەرسىنى شۇنىڭغا ئارتىپ قويۇپ، باشقىلىرىنى ساقىت قىلغۇلۇق ئەمەس.
بۇ بىر سەۋەنلىك. بۇ بىر ئىللەت. بۇ بىزدە ساقلانغان بىر پارازىت. لېكىن ئەگەر شۇ ئىشىكى ئوچۇق سورۇنلارنىڭ ھەممىسىنى سولىۋەتسەك، خوجايىنلارنى ئۆلتۈرىۋەتسەك ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتەرمۇ؟ ياق. بۇ ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداقتا بىزدە نېمىگە دىققەت قىلىش، ئالدى بىلەن نېمىنى توغرىلاش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ؟
بەزمىخانىدىكى ئۇسۇلچى قىز دېگەن تېمىڭىز ھەقىقەتەن جەلىب قىلارلىقكەن. قاراپ تۇرۇڭ، ھېلى بىر مۇنچە تالاش ئىچىدە قالىمىز. مۇشۇ ئىنكاسنى يازغاندىن كېيىن ماڭا يەنە قانچىلىك گەپ كېلىدۇ بۇنىسى ئېنىق ئەمەس. لېكىن ئۆزۈم بىلگەن ھەقنى ئازراق سۆزلەپ قويدۇم. بۇ خىلدىكى تېمىلاردا پىكىرنى سالماقلىق بىلەن قىلىڭ. بىر ئىككى جۈملىنى يېزىپ، چوڭ ئۇرۇشنىڭ پىلتىسى بولۇپ قالماڭ. گەپ سۆزگە دىققەت قىلىڭ. سەمىمي ئەسكەرتىشىم ياق تەكلىپىم بولۇپ قالسۇن.

http://maxal20.blogspot.com/

ئۈلۈمدىن باشقىس

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5791
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6287
تۆھپە نۇمۇرى: 318
توردا: 1427 سائەت
تىزىم: 2010-8-7
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 10:11:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۈگۈن ئاڭلاپتىمەن ، مەنغۇ ئۇنداق يەرلەرنى بۇ دۇنيادا تاپالماي كەتكۈدەكمەن ...

ئۆتكەن ھەر بىردە

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 1976
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 327
تۆھپە نۇمۇرى: 2846
توردا: 10195 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 10:33:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رىستۇرانلاردا ئىسراپچىلىق دىمىسىمۇ بەك ئېغىر .لېكىن بۇ ئىسراپچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار پۈتۈنلەي خۇجايىنلار ئەمەس ئىستىمال قىلغۇچى ئامما!بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ  چوڭچىلىق قىلىپ بۇيرۇتقان تاماقلار.ئاخىردا يىيىلىپ بۇلالماي تۆكۈلىۋاتقان ئىسراپچىلىقلار.ئەسلى ھەر ئادەم ئۆز ئىھتىياجىغا قاراپ بۇيرۇتۇپ ئابروي پەرەسلىك قىلمىسا مۇشۇنداق ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرغىلى بۇلاتتى.بۇ تۇغۇرلۇق بەزى قېرىنداشلىرمىز ھازىر خېلى يىڭى ئۇقۇمغا ئىگە بولدى.لېكىن بەزىلەرنىڭ ئارسىدا يەنىلا بار.
ھەر بىر كاللىسى ساق ئادەم ئۆزىنىڭ نىمە قىلۋاتقىنىنى بىلىپ ئەخلاق نىزامغا خىلاپ ئىشلارنى قىلمىسا بەزى ناچار ئىللەتتىن ساقلانغىلى تۈزەتكىلى بۇلىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئەقىللىق مىللەت .ئارمىزدىن نۇرغۇن قابىلىيەتلىك ئالىم-يازغۇچىلار چىققان.ھەم بۇنىڭدىن كىيىنمۇ چىقىدۇ.تىرىشچانلىق ئەقىل پاراسەت ھەر كىمنىڭ كاللىسدا يارتىش ياكى بەربات قىلىش ئۆزىنىڭ ئۇقۇمى.

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

كەڭ قۇرساق بولاي

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 2587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17418
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 5801 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 11:11:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىز كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ،لېكىن نوقۇل شۇ كىشىلەرنىلا خاتالىق ئۆتكەزدى دىسىڭىز بولمايدۇ،ھەرمىللەتتە بار شۇنداق ناچار كىشىلەر،ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلايلى.ئارىمىزدىكى ناچار خايىش،ناچار ئىللەتلىرىمىزنى تۈگۈتۈشكە تىرىشايلى.ياخشى ئىللەت ۋە پەزىلەتلىرىمىزنى داۋاملىق ساقلاپ قالايلى،تەرەققىي قىلدۇرايلى ۋە پەرزەنتلىرىمىزگە مىراس قالدۇرايلى!ئۇلار بىزلەردىن پەخىرلەنسۇن!

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  ئاتا  قىل  ،  لىكىن  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10225
تۆھپە نۇمۇرى: 592
توردا: 7685 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 11:41:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق يەرلەر  ھەممە  مىللەتتە  بار ... باشقىلارمۇ  باش جىنايەتچىنى  خوجايىنلاردا قويغانمىدۇ .... ياق ... بۇنى  تەھلىل قىلىشقا توغرا كەلسە  چوڭقۇر تەھلىل قىلىش كىرەك ...

تىمىڭىزنىڭ كۆرىلىشى  بىرىنچى بولىشى مۇمكىن .

ئىسلامىي رەسىملەر ئامبىرىغا مەھەممەت
بىر كىچىك تاش ئەينەكنى سۇندۇرۇشقا يىتەرلىك،
بىر ئىغىز گەپ يۈرەكنى ئاغرىتىشقا يىتەرلىك،
بىر نەچچە سىكونت ياخشى كۈرۈشكە يىتەرلىك.
بىر خاتا چۇشەنچە دوسلۇقنىڭ بۇزۇلىشىغا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14537
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5324
تۆھپە نۇمۇرى: 1492
توردا: 9012 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-5 01:01:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلار ئانداق پەسلەشتى، مانداق زەئىپلەشتى، كوچىغا چىقىۋالدى، ھاراق ئىچىۋالدى دىگۈچىلەر ناركوس ئەپەندىنىڭ مۇنۇ تېمىسىنى چۈشكەن ئىنكاسلار بىلەن قوشۇپ بىر قانچە قېتىم كۆرگەي.

https://uyghur-archive.com/misranim/read.php ... 6%D9%89%DA%AD.shtml

سەنسىز مەن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44311
يازما سانى: 341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1585
تۆھپە نۇمۇرى: 51
توردا: 1368 سائەت
تىزىم: 2011-6-14
ئاخىرقى: 2011-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-5 01:35:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىمىزنىڭ .ئاجىزلىقىنىلا كۆرىمىز،ئۇنداقلا پەقەت ئاز ساندا خالاس ،رىستۇران دىگەن يامان يەر ئەمەس ئۆزىمىز يامان يەر قىلىۋالدۇق.ئۇ پەقەت دوسلارۋە خىزمەتداشلار ئۆز ئارا يىغلىش ۋە يىمەك ئىچمەك سورىنى،

لىكىن بىزچۇ ؟ئۇ يەردىن چاي ئوينايمىز توي ئۆلۇم يىتىم خەتنە تويلارنى شۇ يەردە ئۆتكۇزمىسە چىدماي دىغان بولۇپ كەتتۇق،ھەپتىدە 2.3قىتىم يوقلاپ تۇرمىز.

باشقا كۆڭۇل ئىچىش سورۇنلىرىمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە.

ئۇ يەرگە خەرگىزمۇ قولىڭىزدىن سۆرەپ ئەكىرىپ قويمايدۇ.ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇدە،مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن خەنزۇ بولسۇن ئاچقۇچىنىڭ ئۆنىڭ ئەركىنلىكى.
پەقەت ئۆزىمىز كاللىمىزنى سىلكىۋىتىپ ماڭمايمىز بۇ يوللارنى.

مەشئەل توردىشىمىزنىڭ پىكرى بەكلا ئادىل بولۇپتۇ،

ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدپ ئىشللارغا يۇزەكى قارىمايلى.لىكىن تىمىڭىزنىڭ مەركىزىي ئددىيسىي بەكلا ياخشى بولۇپتۇ.

كۆيمەكتىمەن تىرىك پىتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 854
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7346
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 4944 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-5 01:42:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە ھەممىنى بر تاياقتا ھەيدىسەك بولماس ،رېستۇران بەزمىخانىسىز ياشايدىغان قېرىنداشلىرىمىزمۇ كۆپقۇ....

http://qintax.33591.cn

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 824
يازما سانى: 471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9798
تۆھپە نۇمۇرى: 1034
توردا: 6195 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-5 02:57:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېي ھېي ! ئۇنى بۇنى قۇيۇپ ،ھەممە ئىشنى ئۇزىمىزدىن باشلايلى!  خۇجايىنلارغا ئارىتماي! ئۇلار  بىزنى قۇڭىمىزغا تىپىپ ،ياقىمىزدىن سۆرەپ رېستۇرانىغا ئېلىپ كىرمىگەندۇ؟! شۇڭا دەيمەن ھەممە ئىشتا ئۇزىمىزدىن كۆرىلى. تېمىڭىزغا رەھمەت.

http://qintax.33591.cn

ھەي~~كۆزۈمدىن يا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20877
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3050
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2011-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-5 04:08:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا~~ئاشخانا ،رېستۇرانلار تۇرمىشىمىزدا كەم بولسا بولمايدۇ.لىكىن بىزدىكى بىر قىسىم ناچار ئىللەتلەر كۆپىيىپ قالدى~
ئۆزىمىز دىققەت قىلىدىغان ئىشلار~

ھەي~~كۆزۈمدىن ياش ئاققۇزغىچى  پىياز ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35042
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2309
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4204 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-5 11:28:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رېستۇران قاۋاق خوجايىنلىرىنى تىللىغاننىڭ نىمەپايدىسى ھەممىمىز ئۆزىمىزنى ئ
ۆزىمىز باشقۇرساق ئۇيەرلەرگە كىرمىسەك بولىدىغۇ

كىملەرنىڭ ئەزىز

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11997
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8171
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 4096 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-5 12:03:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بولسا ئۆزىمىزدىن، يامان بولسا خەقتىن كۆرۈپ يۈرسەك بولماس.
رېستۇران، قاۋاقخانا ئاچقان خوجايىنلارنى تىللىغاننىڭ پايدىسى يوق، ئۇلار شۇ يەردە ئولتۇرۇپ پۇلىنى تېپىۋېرىدۇ. بىز بولساق مۇنبەردە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ مۇنازىرە قىلىشىۋېرىمىز. كەلگۈسىدە سىلەرگىمۇ رېستۇران ئاچىدىغان پۇرسەت كېلىپ قالسا چوقۇم ئىككىنەلمەي ئېچىپ قالىسىلەر...پۇلنى تاپقانسېرى تاپقىسى كېلىدىغان نەرسە.
ئۈرۈمچىدىكى بەزىبىر ھەشەمەتلىك كۈڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا كىردىغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دېھقان، ئىشلەمچى ئەمەس بەلكى مەكتەپتە ئوقۇغان ئەڭ ئالىي مەلۇماتلىق كىشلەردۇر...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش