مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4446|ئىنكاس: 12

‹‹ كىلياڭ ›› يەر نامى  ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىمىنجان ھىدايە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15099
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13695
تۆھپە نۇمۇرى: 2034
توردا: 1647 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 07:09:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆرمەتلىك تورداشلار !  يىقىندىن بىرى مىنىڭ ھەرقايسى تور مۇنبىردىكى ئىسمىمنىڭ ‹‹ كىلياڭ ›› بولغىنىدىن ئايرىم ساندىكى تورداشلىرىم  ئىسمىڭىزنى چۈشەنمىدۇق   تۈرىك ئىلىدە مۇشۇنداق خەنزۇچە ئىسىم بارمىكىن دىگەندەك پىكىر تەكلىپلەر بولغىنى ئۈچۈن سىلەر بىلەن بۇ ئەزىز يۇرتۇم كىلياڭ ھەققىدە ئورتاقلىشش ئۈچۈن بۇتىمىنى ئەلكۈيى مۇنبىردىكى مەخزۇن نىڭ كىلياڭ تور خاتىرسىدىن ئالغان تەپسىلى چۈشەندۈرىشىنى سىلەرگە سۇندۇم

align=center]‹‹كىلياڭ ›› يەر نامى ھەققىدە ئىزدىنىش


align=center]‹‹كىلياڭ ›› يەر نامى ھەققىدە ئىزدىنىش



كىلياڭ – گۇما ناھىيىسىنىڭ قارا قۇرۇم تاغ ئېتىكىدىكى جىلغىلىق بەلباغقا جايلاشقان ، قەدىمىي بوستانلىقلارنىڭ بىرى  بولۇپ ، بۇ يۇرتنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1400~2500مېتىر ئەتراپىدا ، ھاۋا كېلىماتى نىسبەتەن سوغۇق ، ھۆل – يىغىن كۆپ ، بىر قەدەر ياخشى بولغان تەبىئىې ئوتلاق بولۇپ ، ھاۋاسى ساپ .  بۇغداي ، قوناق ، پۇرچاق ، مايلىق داننى ئاساس قىلغان   دىھقانچىلىق ؛ كېچە – كۈندۈز تىمپىراتۇرا پەرقىنىڭ چوڭ بولۇشى سەۋەبلىك ئۆرۈك ، ئالما ، ياڭاقنى ئاساس قىلغان باغۋەنچىلىك ؛ چارۋىچىلىققا باپ كېلىدىغان①، تارىختىن بۇيان  ئەدەبىيات – سەنئەت ، مەدەنىيەت ، سودا سېتىق ئوچىقى بولۇپ كەلگەن . خوتەن خەلق مەشرەپلىرىنىڭ تۆت چوڭ تۈرىنىڭ بىرى بولغان ‹‹كىلياڭ مەشرىپى››نى ئۆز تۇپرىقىدا ئوغۇزلاندۇرۇشتىن  باشقا ، بۇ يۇرتتا ياشاپ ئۆتكەن شائىر قاسىمىي ، ئالىم ھۈسەيىنخان تەجەللي ، ھاپىز ئاخۇنۇم ، قۇربان ئاخۇن چوڭ  ، تۇردى مۇھەممەد كىرىم كىلياڭى...قاتارلىق ئالىم ، يازغۇچى ، شائىر ۋە سەنئەت پېشىۋالىرىنى يېتىشتۈرگەن ۋە ئۆز قۇچىقىدىن ئورۇن بەرگەن قەدىمىي مەدەنىيەتلىك يۇرت .
كىلياڭنىڭ قاچاندىن باشلاپ يۇرت بولۇپ شەكىللەنگەنلىكى توغرىسىدا قولىمىزدا قايىل قىلارلىق پاكىت بولمىسىمۇ لېكىن ئەل ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن بىر قىسىم رىۋايەتلەر ۋە يازما مەنبەلەردە غىل-پال ئۇچراپ قالىدىغان << كىلياڭ >> ھەققىدىكى مەلۇماتلار بىزنى بۇ ھەقتە يۈزەكى بولسىمۇ چۈشەنچىگە ئېگە قىلىدۇ .
بىر قىسىم يازما مەنبەلەردە ‹‹كىلياڭ خارابە ئىزى ››دەپ ئاتالغان بىر خارابىلىكتىن تېپىلغان ھاياتلىق ئىزناسى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلاردىن يىڭى تاش قوراللار دەۋرىگە تەئەللۇق جانلىقلارنىڭ قالدۇقلىرى ، كۈل ، ئوتۇن – كۆمۈر پارچىلىرى ، كۆيۈپ كەتكەن سۆڭەك پارچىسى ، يىرىك ساپال پارچىلىرى ، سۆڭەك پارچىلىرى ، تاش پارچىلىرىدا جىجاپ ئويۇلغان ئىزلار بار بولۇپ ، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئىزلىرى يوق②لۇقى قەيت قىلىنغان بولۇپ ، بۇنىڭغا ئاساسەن كىلياڭنىڭ يۇرت بولۇپ شەكىللىنىش تارىخىنى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بۇنىڭدىن 4000-6000يىللار ئىلگىرىگە سۈرۈشكە بولىدۇ .
يازما مەنبەلەردە ئۇچرايدىغان ئىككىنچى پاكىت- بۇ يۇرتنىڭ ئىككى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى چىگرىسى ھەققىدىكى مەلۇمات بولۇپ ، يۇرتنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى جەنۇبىي چىگرىسى  ھازىرقى كەشمىرنىڭ لاداخ دېگەن يېرىگە ، غەربىي قىسمى قارا قۇرۇم تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگىچە تۇتىشاتتى③،يىپەك يولى بۇ جاي ئارقىلىق ھىندىستانغا تۇتاشتۇرۇلغان بولغاچقا ،تارىختا غەربى يۇرت بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولغان④.
مويسىپىتلار كىلياڭ ھەققىدە يەنە مۇنداق رىۋايەت قىلىشىدۇ : يېراق تارىختا - يەنىي شىنجاڭدا موڭغۇللار ھاكىمىيىتى باشلانغاندىن كىيىن مىلادىيە  1210 - يىللىرى ئەتراپىدا كىلياڭغىمۇ بىر قىسىم قالماق(قەدىمقى موڭغۇللارنىڭ بىر تارمىقى )لار كېلىپ ئورۇنلاشقان ھەم ئاق كىگىز ئۆيلەرنى تىكىپ ، كىگىز ئۆيلەردە ئولتۇراقلاشقان . ئەرلەر چارۋىچىلىق بىلەن ، ئاياللار چاق ، چىلەك ( يىپ ئېگىرىش ئەسۋابى ) ئېگىرىش ، ئارىلاپ دىھقانچىلىق ( يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرىدە ) بىلەن شۇغۇللانغان . 1260-يىللىرى چىڭگىزخاننىڭ ۋارىسلىرىدىن ئوكتايخان ، مۇنكىخانلار چېچىلىپ كەتكەن موڭغۇل پۇقرالىرىنى ئۆز ئىمپىرىيىسىنىڭ تۇغى ئاستىغا توپلىنىشنى چاقىرىق قىلغاندا كىلياڭدا ياشاۋاتقان موڭغۇللاردىن بىر قىسمى  كىلياڭدىن ئايرىلغان .  كۆچۈشتىن باش تارتقان يەنە بىر قىسىم موڭغۇللار  داۋاملىق كىلياڭدا قىپ قىلىپ ، ئاشۇ يەرلىك ئۇيغۇرلارغا سىڭىشىپ كەتكەن (قىپ قالغان موڭغۇللارنىڭ يادنامىسى سۈپىتىدە كىلياڭدا ھىلىھەم  ‹‹قالماق ››لەقەملىك بىر قىسىم ئاھالە بار ) .
ئەجدادلىرىمىز يەر نامى قىلىپ قوللانغان قەشقەر ، خوتەن ، بويناق(كىلياڭدىكى جاي  نامى بولۇپ ، ‹‹دېۋانۇ لۇغەتىت تۈرك››،‹3-توم 241-بەتتە› تاغنىڭ بېلى ‹جاي ئىسمى›دەپ ئىزاھات بېرىلگەن) ،... قاتارلىق نۇرغۇن يۇرت ناملىرى ‹‹دېۋانۇ لۇغەتىت تۈرك››تە تىلغا ئېلىنىش بىلەن بىرگە تىل تەركىۋى ۋە مەنىسى ھەققىدە ئېنىق ئىزاھات بېرىلگەن ، يەنە بىر قىسىم يۇرت ناملىرى ھەققىدە مەيلى ‹‹دېۋانۇ لۇغەتىت تۈرك››تىن بولمىسۇن ۋە مەيلى باشقا مەنبەلەردىن بولمىسۇن   ئېنىق بىر ئىسپاتقا ئېرىشكىلى بولمايدۇ بۇ خىلدىكى يەر ناملىرىنى ئېنىقلاشتا يەنىلا ئۇ مەيلى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى يەر نامى بولسۇن ۋە مەيلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەر نامى بولسۇن يەر ناملىرىنىڭ – شۇ جاينىڭ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇشتىن ئېبارەت  ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ .  
ئەمدى بىز توختالماقچى بولغان ‹‹كىلياڭ››دېگەن يۇرت نامىغا كەلسەك ،  ‹‹ كىلياڭ ›› دېگەن بۇ نامنىڭ تىل تەركىبى ۋە كونكىرت مەنىسى ھەققىدە ئەل ئىچىدىكى رىۋايەتلەردىن باشقا يەنە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار كونكىرتنى تەتقىقات ئېلىپ باردى . تۆۋەندە مەن مۇشۇ رىۋايەت ۋە تەتقىقاتلار ئاساسىدا ‹‹ كىلياڭ ›› دېگەن يەر نامى ھەققىدىكى ئۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن .

1.   كىلياڭ – ‹‹گىلرەڭ›› دېگەن ئاتالغۇدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن دېگەن قاراش.

كىلياڭدا قىزىلتاغ دەپ ئاتىلىدىغان بىر تاغ بولۇپ ، قىزىلتاغ كىلياڭ زىمىنىنىڭ شەرقى شىمالىغا توغرا كېلىدۇ . قىزىلتاغدىن گەج ، سۈرمە ... قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلاردىن سىرىت گىلرەڭلىك سېغىز ئەڭ كۆپ چىقىدۇ . قىزىلتاغنىڭ پۈتۈن گەۋدىسى گىلرەڭدە بولۇپ ، قىزىلتاغ دېگەن بۇ ئىسىم ئەنە شۇ تاغ گەۋدىسىنىڭ گىلرەڭلىكىگە قارىتا قويۇلغان .
  كىلياڭ دېگەن يەر نامى ھەققىدە كىلياڭلىقلار كىلياڭنى مانا مۇشۇ قىزىلتاغ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان گىلرەڭگە باغلاپ چۈشەندۈرۈشىدۇ . كىلياڭدا ئېغىز تىلى جەھەتتە خوتەن دېئالىكىتى ، بولۇپمۇ گۇما شېۋىسىدىكى ئومۇمى كەيپىيات يەنىي ‹‹ ر ›› تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قىلىشى ياكى ‹‹ ي ›› تاۋۇشىغا ئاجىزلىشىشى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ ‹‹ گىلرەڭ ››نى ئادەتتە ‹‹گىليەڭ ›› تەلەپپۇز قىلىدۇ . كىلياڭلىق مويسىپىتلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە ئەنە شۇ ‹‹ گىليەڭ ›› تەلەپپۇز قىلىشقا قولايلىق بولۇش ...قاتارلىق تۈرلۈك تەبىئىي ، ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ، كۆپ يىللىق بوران – چاپقۇننى بېشىدىن كەچۈرۈش نەتىيجىسىدە ‹‹ گ ›› تاۋۇشى ‹‹ ك ›› تاۋۇشىغا ، ‹‹ ر ›› تاۋۇشى ‹‹ ي ›› تاۋۇشىغا ، ‹‹ ئە ›› تاۋۇشى ‹‹ ئا ›› تاۋۇشىغا ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن .
بۇ يۇرتنىڭ شەرقى شىمالى قىسمىغا جايلاشقان گىلرەڭلىك تاغ-قىزىلتاغنىڭ گىلرەڭدە بولۇشى بىلەن << كىلياڭ >> دېگەن يەر نامى بارلىققا كەلگەن دېگەن قاراش تازا ئەقىلگە سىغمايدۇ ، چۈنكى كىلياڭ زىمىنىنىڭ تۇپرىقى قۇمساڭغۇ بولۇپ ، قىزىلتاغدىن باشقا يۇرت دائىرسى ئىچىدە قىزىل توپىدىن ئىزنا يوق . بۇ ، بىزنىڭ ‹‹ ‹ گىلرەڭ › نىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ‹ كىلياڭ › دېگەن يەر نامى شەكىللەنگەن ››دېگەن قاراشنى نەزەردىن ساقىت قىلىشىمىزغا يېتەرلىك دەلىل بولالايدۇ.

2.‹‹كىلياڭ›› دېگەن يەر نامى ‹‹ كەل-يان ›› دىن ئۆزگەرگەن دېگەن  قاراش .

يەنە بىرقىسىم مويسىپىتلار كىلياڭ دېگەن يەر نامى ھەققىدە گەپنى يەنىلا كىلياڭنىڭ قەدىمدە سودا – سېتىق مەركىزى بولغانلىقىغا باغلاپ ئىزاھلىشىدۇ . كىلياڭ ئەسلىدە ‹‹كەل-يان››دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىكەن ، چۈنكى ھازىرغىچە ئورۇن نامى بولۇپ كېلىۋاتقان دۆتاپ⑤تا – كىلياڭدىكى  ئەڭ بۇرۇنقى بازار بولۇپ ، كارۋان ۋە سودا سېتىقچىلار ئۇ تەرىپى ھىندىستان ، پاكىستان ، كەشمىر ، ... تەرەپلەردىن ؛ بۇ تەرىپى قەشقەر ، يەكەن ، قاغىلىق ، خوتەن ، تەرەپلىرىدىن ئۇزۇن يول يۈرۈپ كىلياڭغا چۈشكۈن قىلغاندىن كىيىن ، دۆتاپتىكى بازاردا سودا-سېتىقنى تۈگىتىپ ، شۇ شۇ جاينىڭ ئۆزىدىنلا قايتىپ كېتىشىدىكەن . دېمەك ئۇزۇن يول يۈرۈپ ، ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەن كارۋان ، سودىگەرلەر سودا –سېتىقىنى پۈتتۈرۈپ ، كىلياڭ زىمىنىدىن چىقمايلا ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىدىغانلىقتىن ، بۇ يۇرتنىڭ نامى << كەل-يان >>دەپ ئاتالغان ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن فۇنىتېكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ ، ھازىرقى << كىلياڭ >> ھالىتىگە كەلگەن .
‹‹ كەل-يان ›› نىڭ ‹‹ كىلياڭ ›› غا ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىدىن قارىغاندا ، ‹‹ ئا ›› ، ‹‹ ئە ›› تاۋۇشلىرىنىڭ ‹‹ ئى ›› ، ‹‹ ئې ››تاۋۇشىغا ئۆزگىرىشى ياكى ئاجىزلىشىشى مۇقەررەر بولسىمۇ ، لېكىن ‹‹ ن ›› تاۋۇشىنىڭ ‹‹ ڭ ›› تاۋۇشىغا ئۆزگىرىش ئاساسەن يېزىق تىلىدا ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولۇپ،[<<ئۇدۇن رايۇنىغا ئائىت تۈبۈتچە ۋەسقىلەر >>نىڭ <<ئۇدۇن رايۇنى ۋە شەھەر – بازارلار >> قىسمى ، ( ب ) دىنىي رايۇن كوچا رايۇنى >>بۆلىكىدىكى مازار تاغ 0096-نومۇرلۇق قەغەز پۈتۈكنىڭ 1-سىدە<<...ھانگۇيا< <Hang-gu-yaدىكى ئۇدۇنلۇق ۋۇندى<vun-de>...>> دېگەن؛0010- نومۇرلۇق تارشا پۈتۈكنىڭ باسما شەكىللىك بىر قۇرىدا << ھانگىنيارويو < Han-ge-no-yo >...>>دېگەن خەتلەر بار ، بۇ ئىككى ۋەسقىدىكى << ھانگويا >> ، << ھانگىنيارويو >>سۆزلىمى بۇددىزىم دەۋرىدىكى ئىبادەتخانىنىڭ نامى بولۇپ ، << ھاڭگىيا >> (ھازىرقى لوپ ناھىيىسى ھاڭگىيا يېزىسى )دىكى << ن >> نىڭ << ڭ >> غا نۆۋەتلىشىشىدىن باشقا گىرامماتىكىلىق ئۆزگىرىش ياسىماي بىزگىچە يېتىپ كەلگەن قەدىمكى تىلدىكى ناملارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ]⑥. بۇنداق ئۆزگىرىشنى ئېغىز تىلىدا تىخىمۇ كۆپرەك ئۇچرىتىش مۇمكىن . مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بىز  << كەليان >> نىڭ << كىلياڭ >> غا ئۆزگىرىش جەھەتتىكى مۇمكىنلىك دەرىيجىسىنى كۆپرەك ئېغىز تىلىدىن ئىزدەيمىز . يەنىي  ئېغىز تىلىدا  ‹‹ كەل-يان ›› -دەسلەپ ‹‹ كىليان ›› غا ئاندىن ئۇزاق مۇددەتلىك ( ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈش جەريانىدا ) ئۆزگىرىش ئارقىلىق ‹‹ كىلياڭ ›› غا ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن . چۈنكى ئېغىز تىلىدا تەلەپپۇز قولايلىقى تۈپەيلى ‹‹ ن ››ھەرپى ‹‹ ڭ ››تەلەپپۇز قىلىنىدىغان ئەھۋاللار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ . مەسىلەن : ‹‹چاڭ – توزان ››نى ‹‹ چاڭ – توزاڭ ›› ،  ... تەلەپپۇز قىلغانغا ئوخشاش .  مېنىڭچە ئەگەر يۇقارقى ئۆزگىرىشنى توغرا دەپ قارىغاندا ‹‹ كەل-يان ›› نىڭ ‹‹ كىلياڭ ›› غا ئۆزگىرىش جەريان سىخىمىسى مۇنداق بولۇشى كىرەك :
كەليان ← كىليان ← كىلياڭ .

3.كىلياڭ - ‹‹كىليان››دىن ئۆزگىرىپ كەلگەن دېگەن قاراش .

پىروفىسسور ئابدۇللا سۇلايمان ئەپەندى تۈزگەن ‹‹ دۇنيادا بىرلا خوتەن بار ›› ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابنىڭ 10-قىسمى يەنىي يەر ناملىرى قىسمىنىڭ 198-بېتىدە : ‹ ‹‹ كىلياڭ › ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ ، گۇما شېۋىسىدە ‹ تىل ›نى ‹كىل ›دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ (م: ‹ مېنى تىللىدى ›دېگەننى ‹ مېنى كىللىدى › دېگەندەك ) . ‹ ياڭ ›مۇ ‹ يان ›نىڭ بۇزۇلغان تەلەپپۇزى . بۇ يېزا ‹ تىلدەك سوزۇلغان جاي › ، ‹ ئۇزۇنىسىغا كەتكەن يەر › بولۇپ ، بۇ نام كىلياڭنىڭ جۇغراپىيىلىك تۈزۈلۈشىگە ماس كېلىدۇ  ›› دەپ يازغان.
دەر ھەقىيقەت ، تىل ئادىتىدىكى ‹‹ تىل ››نى ‹‹ كىل ››تەلەپپۇز قىلىش گۇما شېۋىسىدىكى بىر ئالاھىدىلىك لېكىن شۇ نەرسە ئېنىق بولۇشى كىرەككى مانا مۇشۇ ‹‹ تىل – ھاقارەت ›› مەنىسىدىكى  <<  تىل  >>سۆزىدىن باشقا ھىچقانداق بىر  ‹‹ تىل  ›› ، ‹‹ كىل ››تەلەپپۇز  قىلىنمايدۇ . مەسىلەن : ‹‹ غەيۋەتخورنى ئاخىرەتتە تىلىدىن ئاسىدۇ ›› دېگەن جۈملىدىكى  << تىل >>ھىچقاچانمۇ << كىل >>تەلەپپۇز قىلىنمايدۇ .
دېمەك ، ‹‹ كىلياڭ ›› - ‹‹ كىليان ››دىن ئۆزگەرگەن دېگەن يەكۈن بىزنى قايىل قىلالمايدۇ . چۈنكى مەيلى گۇما شېۋىسىدە بولمىسۇن ۋە مەيلى كىلياڭنىڭ يەرلىك خەلق ئېغىز تىلىدا بولمىسۇن پەقەت ‹‹ تىل-ھاقارەت ››مەنىسىدىكى ‹‹ تىل ›› دىن باشقا ھىچقانداق بىر ‹‹ تىل ››نىڭ ‹‹ كىل ››تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا پاكىتقا ئېگە ئەمەسمىز . ئۇندىن باشقا جۇغراپىيىلىك تۈزۈلۈشكە كەلسەك ‹‹ كىلياڭ تىلغا ئوخشاش ئۇزۇنىسىغا  سوزۇلغان يۇرت ›› بولماستىن بەلكى بىر پۇتى ئۇزۇن ، بىر پۇتى قىسقا ئىشتانغا ئوخشايدۇ . يەنىي دۆڭكۆل كەنتى ۋە كىلياڭ كەنتىنىڭ بىرقىسىم زىمىنى ئىشتاننىڭ ئېغىنىڭ ئۈستى قىسمىنى ؛ يۇلغۇنجاي ، ئىسپاھان ، ياركېچىك ، قارىمان كەنتلىرى ئىشتاننىڭ ئۇزۇن پۇتىنى تەشكىل قىلسا ، تاختا كۆۋرۈك كەنتى زىمىنىنىڭ ئاز بىر  قىسمى  ۋە ئاقچىغ كەنتلىرى قىسقا پۇتىنى تەشكىل قىلىدۇ . تۆۋەنچاقار كەنتى دەل ئىشتاننىڭ ئېغى قىسمىغا توغرا كېلىدۇ . پاكىت شۇنداقكەن كىلياڭ زىمىنىنى ‹‹ تىلغا ئوخشاش ئۇزۇنىسىغا سوزۇلغان يۇرت ››  دىيىشكە تىلىمىز كۆيىدۇ .
يەكۈن شۇكى مەيلى تىل ئىشلىتىش ئادىتى جەھەتتىن بولمىسۇن ۋە مەيلى جۇغراپىيىلىك يەر شەكلى جەھەتتىن بولمىسۇن ‹‹ كىلياڭ ›› يەر  نامى ‹‹كىليان ››دىن ئۆزگىرىپ كەلگەن دېگەن ھۆكۈم -  ئىلمىي ھۆكۈم ئەمەس .
ئومۇملاشتۇرغاندا ‹‹ كىلياڭ ›› دېگەن يەر نامى ئابدۇللا سۇلايمان ئەپەندى ئىيتقاندەك ساپ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ بولۇپ ، ئۇ قانداقتۇر ‹‹گىلرەڭ›› ، ياكى ‹‹كىليان›› دىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولماستىن ، بەلكى ‹‹كەل-يان››نىڭ ئۇزاق تارىخىي باسقۇچلۇق ئۆزگىرىشنىڭ نەتىيجىسى.

ئىزاھلار:

①ئابدۇللا سۇلايمان تۈزگەن ‹‹دۇنيادا بىرلا خوتەن بار ››ناملىق يۈرۈشلۈك  كىتاپ 10-توم .5-، 198- بەت.
②ئادىل مۇھەممەد :‹‹قەدىمى خوتەن›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 2009-يىل نەشرى .
③ ④، ‹‹گۇما تارىخ ماتىرىياللىرى›› (2-توپلام)قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى باسمىسى(ئىچكى ماتىريال) ، تۇرسۇنمۇھەممەت ھۈسىيىننىڭ ‹‹قەدىمقى يىپەك يولىدىكى كىلياڭ بازىرى ››ناملىق ماقالىسى.
⑤كىلياڭ يېزىسىنىڭ دۆڭكۆل كەنتىدىكى ئورۇن نامى .
⑥ئابدۇللا سۇلايمان تۈزگەن ، << دۇنيادا بىرلا خوتەن بار >> ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابنىڭ 10-تومى ، 6-بەتكە قاراڭ .

پايدىلانغان ماتىرياللار:

1.مەھمۇت قەشقەرى:‹‹دېۋانۇ لۇغەتىت تۈرك ›› 1-، 2-، 3- توم .
2.سۇلتان مامۇت : ‹‹يۇرتىمىزدىكى يەر ناملىرىغا دائىر ئىزدىنىشلەر›› قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ، 1999-يىلى 6-ئاي 1-بېسىلىشى.
3.ئابدۇللا سۇلايمان تۈزگەن ‹‹دۇنيادا بىرلا خوتەن بار ››ناملىق يۈرۈشلۈك  كىتاپ 10-توم .
4.‹‹گۇما ناھىيىسىنىڭ يەر ناملىرى تەزكىرىسى ››ئىچكى ماتىرىيال  .
5.يەر ناملىرىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ماتىرىياللار .  
مەنبە : كىلياڭ تور خاتىرسى   دىن ئەلكۈيى مۇنبىرىدىكى  مەخزۇن
2011 - يىل 7 - ئاي 4 - كۈنى  گۇما - ناھىيە  كىلياڭ يىزا

ئىمىنجان ھىدايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6122
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8855
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 5564 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 07:33:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكەن يىلى5-ئايدا  كىلياڭغا كۆۋرۈك ئۆلچىگىلى بېرىپ بىرەر ھەپتىدەك تۇرۇپ كەلدۇق.  بۇ يىل 4-ئايدا كۆۋرۈك قۇرۇلۇش باشلاپتىكەن، ئۇنىڭغا بىر بېرىپتىمەن. كۆۋرۈك ئۆلچىگىلى بارغاندا دەريانىڭ نېرىقى  قېتىدىكى دېھقانلار بەك خوش بولۇپ كەتكەن. چۈنكى دەريانىڭ ئۇ قېتىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرى مەكتەپكە بېرىش ئۇچۈن ئون نەچچە كىلومېتىر يول بېسىپ مەكتەپكە باردىكەن. شۇ چاغدىكى سەپەر توغىرلىق بىر نەرسە يازاي دەپ قەلەم تەۋرىتىپ، ئازراق يېزىپ، ۋاقىت يوق تاشلىنىپ قالغانچە، مانا بىر يىل بوپتۇ. ئەمدى يازاي دىسەم ھېچ ئىلھام كېلەي دىمەيدۇ.

http://koxuk.blogbus.com/

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41664
يازما سانى: 1777
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6385
تۆھپە نۇمۇرى: 337
توردا: 5665 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 09:19:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىلياڭ مەشرىپى دەپ ئاڭلىغاندەك ئىسىمدە.

ئادەم ئۆز قىممىتىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4329
يازما سانى: 1559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42374
تۆھپە نۇمۇرى: 632
توردا: 3196 سائەت
تىزىم: 2010-7-19
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-5 09:29:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مان بۇ كىلياڭ توغۇرلۇق يىزىلغان ئەڭ ياخشى تىما  .ئۆزەمنىڭ كىلياڭلىق بولغىنىمدىن يەنە بىر قىتىم چەكسىز پەخىرلىنىۋاتىمەن

مەن ھەققىدە نىمە ئويلىغان،مەن توغراسىدا نىمە قىلغان بولساڭ ئۇلۇغ  ئاللاھ ساڭا شۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26737
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2689
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 1725 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2012-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-5 05:55:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىلياڭ دىگىنىڭلار كېرىيە شۇمۇ؟

ئاچچىقىمنى كەلتۈرمە ھە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2955
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10470
تۆھپە نۇمۇرى: 700
توردا: 3363 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2014-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-5 06:33:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  ayqiman كە 2011-07-05 17:55ئەۋەتىلدى  :
كىلياڭ دىگىنىڭلار كېرىيە شۇمۇ؟

قەلەندەرنى شاھ سەيلىسەڭ ئەگەردە، خورجۇن يۈسۈپ چىقار يەنە سەھەردە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2955
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10470
تۆھپە نۇمۇرى: 700
توردا: 3363 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2014-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-5 06:34:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىريە دىگەن ناھيە. كىلياڭ دىگەن گۇما ناھيىسىنىڭ كىلياڭ يىزىسى.

قەلەندەرنى شاھ سەيلىسەڭ ئەگەردە، خورجۇن يۈسۈپ چىقار يەنە سەھەردە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40841
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3929
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 1809 سائەت
تىزىم: 2011-5-15
ئاخىرقى: 2013-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-5 06:53:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ كىلىياڭنىڭ مەنىسى نىمە بولغىيتى دىگەن قاراشتا ئېدىم چۇشىنىۋالدىم.

‹‹ نۇر ›› ۋىجدان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46474
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5236
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 633 سائەت
تىزىم: 2011-7-3
ئاخىرقى: 2011-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 12:00:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئاڭلىماپتىكەنمەن !

‹‹ نۇر ›› ۋىجدانلىق غۇرۇرلۇق ئەركەكلەرچە ياشاپ مىللىتىمىزگە خەلقىمىزگە شان شەرەپ كەلتۇرۇش ئۇچۇن ھەممىمىز ئورتاق كۇچ چىقىرايلى !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44833
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3144
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2011-6-18
ئاخىرقى: 2011-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 11:51:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تىيما بوپتۇ مەنمۇ ھاياجان ئىچىدە كۆدۇم رەخمەت يۇرتدىشىم،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش