http://www.sina.com.cn 2011年07月04日09:14 مەنبەسى:
ياۋروپا ئىتپاقى كومىتېتىنىڭ 2-ئىيۇل جاكارلىشىچە، سېربىيە بىلەن كوسوۋۇ تۇنجى قېتىم بىرنەچچە جەھەتتە كېلىشىم ئىمزالىغان .بۇ كوسوۋۇ 2008-يىلى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن بۇيان ئىككى تەرەپنىڭ تۇنجى قېتىم بۆسۈش خارەكتىرلىك كېلىشىم ھاسىل قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ يىل 3-ئايدىن ئېتىۋارەن ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېلىشتۇرۇشى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان.5-قېتىملىق سۆھبەت ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگىنى تۇرۇشلۇق بېلگىيە پايتەختى بېريۇسسېلدا 2-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا ،كېلىشىم كوسوۋۇلۇقلارنىڭ كىملىك بىلەنلا سېربىيەگە كىرىشى ۋە كوسوۋۇ ئاپتوموبىللىرىنىڭ كوسوۋۇ نومۇر تاختىسى بىلەن سېربىيەگە كىرسە بولىدىغانلىقىدەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن .ئىلگىرى،سېربىيە كوسوۋۇنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمىغاچقا ،كوسوۋۇ دائىرلىرى تارقاتقان كىملىك ۋە ئاپتوموبىل نومۇر تاختىلىرىنىمۇ ئىناۋەتكە ئالمىغان .
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياناتىدا ئېيتىلىشىچە ،ئىككى تەرەپ يەنە خەلق ئىشلىرى ئۇچۇرلىرىنىمۇ ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇشقا قوشۇلغان .ئىلگىرى ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنى گراژدانلىرىنىڭ تۇغۇلغانلىق ،توي قىلغانلىق ،ئۆلگەنلىك ئىسپات ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىمەيتتى .
كوسوۋۇ سابىق يۇگۇسلاۋىيە ئىتتىپاقى سېربىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاپتونوم ئۆلكىسى بولۇپ ،1999-يىلىدىكى كوسوۋۇ ئۇرۇشىدىن كېيىن ب د ت ۋاكالىتەن باشقۇرغان.2008-يىلى 2-ئايدا كوسوۋۇ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلىغان ھەمدە ئامېرېكا ۋە بىرقىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن .سېربىيە ئىزچىل كوسوۋۇنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىپ كەلگەن .
‹سىنا تورى ›خەۋىرى.