مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 818|ئىنكاس: 5

تارىختىكى بۈگۈن(4-ئىيۇل) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 12:57:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2002-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلىغان. ئىش باشلاش مۇراسىمى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن. قۇرۇلۇش غەربتە شىنجاڭدىن باشلىنىپ، 10 ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەردىن ئۆتىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 4000 كىلومېتىر. 2000-يىلى 8-ئايدا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشىنى باشلىغاندىن بۇيان، تەييارلىق خىزمەتلەر ياخشى ئىشلەندى.

1987-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دېڭ شياۋپىڭ ئىككى ئاساسىي نۇقتىنى تىلغا ئالغان. ئىككى ئاساسىي نۇقتا:جۇڭگو كومپارتىيىسى 11-نۆۋەتلىك 2-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيىسى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە لۇشيەننى قۇرۇپ چىققان. بۇ لۇشيەندە ئىككى ئاساسىي نۇقتا بار. بىرى:تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، يەنە بىرى:ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋىتىشتا چىڭ تۇرۇش. تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋىتىش-سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ باش فاڭجىنى، باش سىياسىتى، ئىككى نۇقتا بىرلىككە كەلگەندىلا، بۇ ئاندىن جۇڭگو كومپارتىيىسى 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇكەممەل مەزمۇنى بولالايدۇ.

1986-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىك ئىلاھى ھەيكىلى تۇرغۇزۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان. ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىك ئىلاھى ھەيكىلى-دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر ھەيكەل ھېسابلىنىدۇ. ئەركىنلىك ئىلاھى ھەيكىلىنى 1886-يىلى فرانسىيە خەلقى ئامېرىكا مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 111 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئامېرىكا خەلقىگە سوۋغا قىلغان. ئەركىنلىك ئىلاھى ھەيكىلى نيويۇرك شەھىرىنىڭ خادسېن دەرياسىدىكى ئارالدا ئاتلانتىك ئوكيانغا قاراپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ مىس ھەيكەل گرىتسىيە رىۋايىتىدىكى ئايال ئىلاھنىڭ ئوبرازىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان. ئەركىنلىك ئىلاھ ھەيكىلى ئوڭ قولىدا مەشئەل، سول قولىدا «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» تۇتقان. ھەيكەلنىڭ ئېگىزلىكى 46.5 مېتىر، ئۇنىڭ ئاستىدىكى ئۇلىنىڭ ئۆزىلا 93 مېتىر ئېگىزلىكتە. ئۇل قىسمى مۇزىي بولۇپ، تاماشىبىنلار بۇ يەردىن ھەيكەلنىڭ تاج قىسمىغا چىقالايدۇ. تاج قىسمىغا 30 نەچچە كىشى پاتىدۇ، بۇ يەردە تۇرۇپ نيۇيوركنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسىنى كۆرەلەيسىز. 1984-يىلى دۇنياۋى مىراس تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

1986-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۈچ يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچىنىڭ بىرى پاۋاروتتى خەلق سارىيىدا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن. پاۋاروتتى 1935-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىتالىيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدا ئائىلىسىنىڭ شارائىتى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، لېكىن ئاتا-ئانىسى مۇزىكىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى. بولۇپمۇ، پاۋاروتتىنىڭ دادىسى شۇ يەرنىڭ داڭلىق ئىشتىن سىرتقى يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچىسى ئىدى. پاۋاروتتىنىڭ ئاۋازى ئىنتايىن سۈزۈك بولۇپ، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ھەر قانداق ناخشىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاش كىشىلەر ئۈچۈن بىر ھوزۇر. ئۇ 1963-يىلى ئەنگلىيە خان جەمەتى تىياتىرخانىسىدا ئويۇن كۆرسەتكەندىن باشلاپ ھەقىقىي داڭ قازىنىشقا باشلىغان. پاۋاروتتىنىڭ 40 نەچچە يىللىق سەنئەت ھاياتىدا، يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشا ساھەسىدە مۆجىزە يارىتىپ قالماستىن، كىلاسسىك مۇزىكا ۋە ئوپېرانىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشقان. مەيلى لوندوندىكى خايد باغچىسى، نيۇيۇركتىكى مەركىزى باغچىدا ئۆتكۈزگەن ناخشا كېچىلىكىدە بولسۇن ئۇنىڭ ئېيتقان ھەربىر ناخشىسى نەچچە يۈز مىڭلىغان تاماشىبىننىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتەتتى. 1990-يىلىدىن باشلاپ، پاۋاروتتى ، دومىنگ، كاررىراس ئۈچى تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشا گۇرۇپپىسىنى قۇردى. ئۇلار رىم، لوس ئانجىلىس، پارىژ، بېيجىڭ قاتارلىق دۇنيادىكى داڭلىق جايلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئېسىل ناخشىسىنى قالدۇردى. 2005-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى پاۋاروتتىنىڭ 70ياشقا كىرگەن كۈنى. ئۇ 2005-يىلىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، سەھنىدىن خوشلىشىش دۇنياۋى سەييارە ئويۇنىنى قويۇشنى باشلىغانىدى. شۇ يىلى 12-ئايدا جۇڭگوغا كېلىپ، شاڭخەي ۋە بېيجىڭدا ئايرىم ئايرىم ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزدى. ئۇ ئۆمرىدە تۆت قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ كېچىلىك ئۆتكۈزگەن. 2007-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى پاۋاروتتى ئاشقازان ئاستى بېزى راكى بىلەن تۈگەپ كەتتى. پاۋاروتتى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تورىدا «مۇزىكا بىلەن ئۆتكەن ھايات ئەڭ گۈزەل بولىدۇ، مەن پۈتۈن ئۆمرۈمنى سەنئەتكە بېغىشلىغان» دېگەن سۆزى چىقىرىلدى. پاۋاروتتى گەرچە ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئۆلمەس ناخشىلىرىنى كىشىلەر مەڭگۈ ياقتۇرۇپ ئېيتىدۇ ۋە ھوزۇرلىنىدۇ.
    
1934-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى داڭلىق ئالىم كيۇرى خانىم ئالەمدىن ئۆتكەن. 1867-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى كيۇرى خانىم پولشادا دۇنياغا كەلگەن.كيۇرى خانىم فرانسىيەنىڭ فىزىكا، خىمىيە ئالىمى، دۇنيادىكى داڭلىق ئالىم، رىئاكتىپ ھادىسىسىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، رادىي بىلەن پولونىيدىن ئىبارەت ئىككى تەبىئىي رىئاكتىپ ئېلىمىنتنى بايقىغان، ئۆمرىدە ئىككى قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 1-قېتىم نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى، 2-قېتىم نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. رادىينى تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، كيۇرى خانىم يولدىشى بىلەن ئۈچ يىل توققۇز ئاي ئىچىدە نەچچە توننىلىق كان ئەخلەتلىرى ئىچىدىن 0.1 گرام رادىينى چەككىلەپ چىققان. داڭلىق ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، كيۇرى خانىمدا باشقا ئالىملاردا بولمىغان ئىجتىمائىي تەسىرى بار. چۈنكى ئۇ غەلبە قازانغان ئاياللارنىڭ ئاۋانگارتى، ئۇ نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى. نۇرغۇنلىرىمىز كىچىك ۋاقتىمىزدىلا ئۇنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلىغان. كىشىلەرنىڭ كيۇرى خانىمغا بولغان تونۇشى-ئۇنىڭ 2-قىزىنىڭ 1937-يىلى نەشىر قىلغان «كيۇرى خانىم» دېگەن كىتابىدىن كەلگەن. ئۇنىڭ چوڭ قىزىمۇ فىزىكا ئالىمى، يولدىشى بىلەن سۈنئىي رادىئاكتىپ ماددىنى تاپقاچقا بىرلىكتە نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1984-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، كيۇرى ئەر-ئايالنىڭ تەجربە خاتىرە دەپتىرى كىم ئارتۇق قىلىنغان. فرانسىيەنىڭ پارىژدىكى كىم ئارتۇق قىلىش ئورنىدا دۇنياغا داڭلىق فىزىكا خىمىيە ئالىمى كيۇرى خانىم بىلەن ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ تەجربە خاتىرە دەپتىرى كىم ئارتۇق قىلىنغان. بۇ خاتىرە ئىككى دەپتەردىن تەركىب تاپقان، بىرى كيۇرى خانىمنىڭ بىرى يولدىشىنىڭ. تەجربە خاتىرىسىنىڭ مەزمۇنىدا رادىئاكتىپ ماددا پولونىي بىلەن رادىينى تەجرىبە قىلىش ئەھۋالى يېزىلغان. يولدىشى كېيىن بۇ خاتىرىنىڭ مەزمۇنىنى تولۇقلىغان. بۇ خاتىرە جەمئىي 130 بولۇپ، باھاسى 220 مىڭ فرانىك ئىدى. كيۇرى خانىم فرانسىيە تەۋەلىكىدىكى پولشالىق ئالىم بولۇپ، ئۇ رادىيوئاكتىپ ھادىسىلىرىنى تەتقىق قىلىپ، رادىي، پولونىيدىن ئىبارەت بىر قاتار يېڭى ئېلېمېنلارنى بايقىغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ رادىيو ئاكتىپ پرىنسىپلىرى ۋە رادىيوئاكتىپلىق ئىزوتوپنى ئايرىش ئۇسۇلىنىڭمۇ خېلى نامى بار. 1903- يىلى ئۇ يولدىشى پىئېر بىلەن بىرلىكتە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ۋاقىتلاردا رادىيوئاكتىپلىق ئېلېمېنتلارنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى تېخى بايقالمىغاچقا، كيۇرى خانىم تەجرىبە قىلغاندا ھېچقانداق قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى قوللانمىغانىدى. ئۇ بەزىدە رادىيۇئاكتىپلىق ئېلېمېنتلار قاچىلانغان پروبىركىلارنى يانچۇقىغا، بەزىدە تارتمىغا سېلىپ قوياتتى. كيۇرى خانىم ئۇزۇن مۇددەتكىچە رادىيو ئاكتىپلىق ئېلېمېنتلار بىلەن ئۇچراشقانلىقتىن، يامان سۈپەتلىك قان ئازلىق كېسىلى سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.



1776-يىلى بۈگۈنكى كۈن ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن. ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسى-1776-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى توماس جىففىرسون تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، دەسلەپتە مۇستەقىللىق جاكارلىغان ئون ئۈچ شتاتتىن كەلگەن ۋەكىللەر ئىمزا قويغان شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئون ئۈچ شتاتنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىدىن مۇستەقىللىق جاكارلىغان ھۆججەت بولۇپ، ئامېرىكا ۋە دۇنيا سىياسىي تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. 18-ئەسىرنىڭ 60-ۋە 70-يىللىرىدا شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكە رايونلار بىلەن ئەنگلىيە پادىشاھلىقى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈنسايىن جىددىيلەشتى.1775-يىلى لىكسىڭتۇن ۋە كانكىت شەھىرىدە شەھەردە ئۇرۇش پارتلىدى. بۇ ئامېرىكا ئىنقىلابىي ئۇرۇشىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى. دەسلەپتە گەرچە مەقسەت پۈتۈنلەي مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش بولمىسىمۇ، بىراق توماس پىيئىننىڭ «ئومۇمىي چۈشەنچە»ناملىق كىتابچىسى كىشىلەرگە پۈتۈنلەي مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ چىقىشلا بىردىنبىر ئاقىدىغان چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى تونۇتتى. 1776-يىلى 2-نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق قۇرۇلتىيىدا ۋىرگىنىيە شتاتىدىن كەلگەن رىچارد ھىنرى لىر مۇنداق بىر تەكلىپ بەردى:«بىز مۇستەملىكە رايونىدىكى ئاقكۆڭۈل خەلقنىڭ نامى ۋە ئىجازىتى بىلەن شۇنى تەنتەنىلىك بىلەن جاكارلايمىزكى، بارلىق مۇستەملىكە جايلار ئىسمى-جىسمىغا لايىق يوسۇندا ئەركىن ۋە مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولىدۇ، ئەنگلىيە بىلەن بولغان بارلىق بېقىنىش مۇناسىۋىتىنى ئاياغلاشتۇرىدۇ، برىتانىيە پادىشاھلىقى بىلەن بولغان بارلىق سىياسىي مۇناسىۋىتى تەلتۆكۈس بىكار قىلىنىدۇ». 6-ئاينىڭ 10-كۈنى قۇرۇلتاي «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» نى يېزىپ چىقىش ھەيئىتى بەلگىلەپ چىقتى. خىتابنامىنى ئاساسلىقى توماس جىففىرسون يېزىپ تەييارلىدى.7-ئاينىڭ 4-كۈنى «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» قۇرۇلتايدا ماقۇللىنىپ، 13شتاتلىق پالاتا ئەزالىرىنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. بۇ ئون ئۈچ شتات بولسا يېڭى ھامپىشىر، ماسساچۇستىس، رودىن ئارىلى، كونناكتىكۇت، نيۇ-يورك، يېڭى جېرسىي، پىنسىلۋانىيە، دىلاۋەير، مارىلاند، ۋىرگىنىيە، شىمالىي كارولىنا، جەنۇبىي كارولىنا، جورجىيە قاتارلىق شتاتلار ئىدى.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25477
يازما سانى: 343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6105
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 01:44:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2009- بۈگۈنكى  كۈندە  مەن، سانساكو ئاچالدىكى  پور  قوساقلارغا  يالئۇرۇپ5-  كۈنى  بولغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38661
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4167
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 752 سائەت
تىزىم: 2011-4-25
ئاخىرقى: 2012-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 04:01:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈنكى كۈن..............ئۈچ ئاي بولغان كۈن.

★ياشاش ئۈچۈن ھېچكىمگە يالۋۇرمىدۇق، ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ھېچكىمگە يالۋۇرمايمىز.!★

پۇراقسىز گۈلدىن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9690
يازما سانى: 676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12986
تۆھپە نۇمۇرى: 414
توردا: 2305 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2013-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-5 01:55:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭزغا رەھمەت

رەنابولسا،مەھبۇبەڭ بولسۇن، دانابولسا،ئۆيۇڭدە قونسۇن، بىلمگەننى سوراپ بىل،لىكىن، ئازبولسىمۇئۆزئەقلىڭ بولسۇن

قاراقۇم

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40715
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3263
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-5 11:55:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كۈن مىنىڭمۇ سەبىھىي چاغلاردىكى شېرىن كۈنلىرىم ئىدى! مەن ھەرگىزمۇ ئۇنتىيالمايمەن!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44061
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3183
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2011-6-11
ئاخىرقى: 2014-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-5 04:33:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇگۇن ھاياتىمدا نىمە ئىش  بولغاندۇ  ،ئەسلەپ باقاي   

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش