|
|
|
|
بىزنىڭ مەھەللىدە بىر بوش يەر بولىدىغان ، مەھەللىدىكى كىچىك بالىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك شۇ يەرگە يىغىلىپ ئويۇن ئوينايتتۇق ، قانداق ئويۇنلارنى ئوينايتتۇقكىن ئېسىمدە قالماپتۇ . ئېسىمدە قالغىنى بەزى چاغلاردا بالىلارنىڭ مىنى ئارىغا ئالماي بىر چەتتە بويۇن قېسىپ قالغىنىم .
يىقىندىن ياقى تورنىڭ بۇلۇڭ -پۇچقاقلىرىنى ئاختۇرۇپ ماڭا تەسىر قىلغانلىكى يازمىنى ئوقۇيدىغان بولىۋالدىم . بەزىسىنى تولۇق ئوقۇپ بەزىسىنى قۇر ئاتلاپ يەنە بەزىسىنى بەت تاشلاپ.... نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا ئۇلىنىش بېتىدىن ئۇنى -بۇنى ئېچىپ ساپلا نەسرى يازمىلار توپلانغان بىر بەتكە كىرىپ قالدىم ، يېزىلغان يازمىلارنىڭ 90 پېرسەنىتىدە ‹ پاھىشە › ، ‹ قىزلىق › . ‹ ئاشنا › دىگەندەك سۆزلەر تىما قىلىنغان ھىكايە ، پوۋېسىتلاركەن ، ئۇيغۇر تورچىلىقىدا تىمىغا يالاڭاچ ئېسىم قويمىسا ئوقۇرمەن جەلىپ قىلالمايدىغان بولۇپ قالغان چېغى بار ، بەلكىم .. ھە بەلكىم 20 يىللار ئالدىدا ئامېرىكا ، ياۋروپالاردا مۇشۇ ئۇسلۇبتا ھىكايە رومانلار كۆپلەپ يېزىلغاچقا ھازىرقى كۈندە ئېكران يۈزىگە ئەيمەنمەي چىقىۋاتقاندۇ ، ھەر قانداق بىر مىللەت مەدەنيەت يارىتىدۇ ، ئەمما ئۆزلۈك ئاساس قىلىنغان مەدەنيەت ياراتماق ئۇ ئالەمچە مۈشكۈلدۇر . بولۇپمۇ ئۆزلۈك ئەتىراپىنى قاپلاپ تۇرسىمۇ شۇنىڭدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ ‹ نەپەسلەنگىسى› كىلىدىغانلار كۆپىيىۋاتقان مۇشۇ زاماندا .
شۇنداق بىر دۇنيا بويچە ئەڭ قىسقا بىمەنە ھىكايە بولىدىغان ،
- بىر بولكا كوچىدا كىتىپ بىرىپ قورسىقى ئېچىپ كىتىپ ئۆزىنى يەۋىتىپتۇ !
بەزى چاغلاردا مەنمۇ كىتىپ بىرىپ ئۆزۈمنى يەۋەتكىم كىلىدۇ ، قورسىقىم ئېچىپ كەتتىمۇ ياكى قايتىدىن ‹ تۇغۇلاي › دىدىممۇ بۇنىسى ماڭا نا ئېنىق . پەقەت شۇنداق بىر چايناپ تۇرۇپ يىگۈم كىلىدۇ ، تىخى 26 ياشقا كىرمىدىمغۇ مەن ، 40 ياشتىن ھالقىغانلار ئۆزىگە ئائىلىسىنىڭ بەختىنى قېتىپ يەۋىتىپ بارىدۇ ئۇنىڭغا قارىغاندا مەن يىسەم نىمە بولاتتى ، باشقىلار ئاڭلىسىمۇ كىچىك نادان بالىكەن ئۇقۇشماي يەپ قويۇپتۇ دەر ، چوڭلارنى توغرا چۈشىنىۋاتىدۇ ئۇنىڭغا قارىغاندا ..... ئىچىڭىز پۇشسا سىزمۇ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ ، ئادەم دىگەندە تەۋەككۈلچىلىك بولمىسا رامكا ئېچىدە تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالىدۇ .
بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدىغۇ دەيمەن ، مۇشۇ مۇنبەردە سىگانلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر تىما بولىدىغان ، ئون نەچچە پارچىدەك سىگانلارنىڭ سۈرىتى بار ، شۇ سۈرەتلەرگە قاراپ شۇ سىگانلارنىڭ تەققى -تۇرقى ، كىيىنىشىنىڭ بىزگە نەقەدەر ئوخشايدىغانلىقىنى ئىتىراپ قىلماي تۇرالمىغان ئىدىم . ناخشا- ئۇسسۇلغا قۇل بولغان شۇ مىللەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى شۇنچىلىك قېيىن ، ئىھ! ئاللا ، ئۆزىمىزنىڭ ئېزىدىن ئازدۇرمىغايسەن ، نەچچە ئەسىردىن كىيىنكى سىگانلار بىز بولۇپ قالمىغايمىز . ئارتۇقچە ئەنسىرەش ھە بۇ ، ياغلىق چەگگەن مومايلارنىڭ چىھرىدە نە كۈلكە ، توي لىباسىغا ئورالغان قىزنىڭ يۈزىدە نە بەخىت تۇيغۇسى ، ئالدىغا ھاراق تىكلەنگەن يىگىتلەرنىڭ كۆزلىرىدە نە ئىشەنىچ بولسۇن . بەلكىم .. ھە بەلكىم ، شۇلار تارىخنى يەۋەتتى ، ئاندىن تارىخ ئۇلارنى يەۋەتتى ، ئەمما ئۆزىنى ئۆزىنى يىگۈسى كەلمىدى.....
- توي دەيمىزكەن ، ئۇنىڭغا سۆزلەۋاتاتتىم ، ھارغىچە كىيىم - كىچەكنى ئاۋال ئېلىۋالىمىزكەن ، يازدا توي قىلىپ قىشلىق كىيىملەرنى ئېلىشنىڭ ھاجىتى بارمىدۇ سەنچە ؟
- ئۇنداق دىگىنىڭىز بىلەن تاي ، بىزمۇ شۇنداق دەرمىز ، ئەمما چوڭلار ساندۇق ئاچقاندا ئىچىدىن ھىچنىمە چىقمىسە سەت بولمامدا ؟
- باشقىلارغا كۆرسەتمەي ئۆزلىرى جىممىدە ئېچىۋالسىمۇ بولىدىغۇ شۇ ساندۇقنى ، قوشنىلار ، دوسىت -بۇرادەرلىرى كۆرسەتمىسەڭ ئۆلتۈرۋىتىمىز دىمىگەندىكىن ،
- نەچچە يىل بېقىپ قاتارغا قېتىپ تويىنى قىلغاندىكىن خەلقى-ئالەمنىڭ ئالدىدا يۈزلۈك بولايلى دەيدۇدە ،
- بىلسەڭ ، چوڭلارنىڭ يۈزىنى بىز ئېناق ئۆتەلىسەك يۈز قىلىمىز ، بولمىسا ،،،
- بولدى قىلىڭە ، بىلىپ تۇرۇپ گەپكە سالماي ، كىيىن يىگىت ئۆيلەپ قىز چىقارغاندا سىزمۇ شۇنداق قىلىسىز .
- ھىم ، تارىخ بېتىگە يېزىلىپ بولۇپتۇدە ، ئاللاھ بۇيرىغان نەچچە ئون قائىدىنىڭ ئىچىدە ياشىيالمىزيۇ ، ئۆزىمىز بەرپا قىلغان نەچچە مىڭ قائىدىدىن چىقىپ كەتمەيمىز ھە ،
- سىزگە گەپتە تەڭ بولالمايمەن دەڭە ، كىيىن بېشىمىزغا شۇ كۈنلەر كەلگەندە بىر نىمە دەيلى ......
- شۇ كۈنلەرگىچە يەنە قانداق قائىدىلەر پەيدا بولار ......... ( بۇ گەپنى ئىچىمدە دىدىم ).
بۇرۇندىن كوچىغا چىقسام ئالدىرماي ماڭىدىغان خۇيۇم بار ئىدى ، ئەسلى قەدەم دىگەننى ئىتتىك - ئىتتىك ئالغۇلۇق ، مۇشۇ تەرەپتە سەل بوشاڭ چىقىپ قالدىممۇ نىمە ؟ ئەمما مىنىڭمۇ سەۋەبىم باردە ، ئىتتىك ماڭسام خىياللىرىم ، پىكىرلىرىم چېچىلىپ كىتىدۇ ، بەلكىم يوقاپ كىتىشىمۇ مۈنكىن ، تەپەككۇر قىلمىغان ئادەم ئۇ ناچار ئادەم ، ئەمما تەپەككۇرنى جىق قىلغان ئادەممىنىمۇ مۇقىملا نادىر دىگىلى بولمايدۇ ، خىيالىمدا شەھەر ئالغىنىم بىلەن كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىققۇدەك پۇل بولمىسا بىكار ، سىزنىڭمۇ ھەم شۇنداق . بىر شېئىر يازغىم كىلىۋاتىدۇ .
قوياش،
كۆيدۈرمەكتە كەمبەغەلنىڭ گەجگىسىنى ،
كۆپەيتمەكتە سۇ ساتقۇچى موماينىڭ تەڭگىسىنى.
يامغۇر ،
لەيلەتمەكتە قوشنىمىزنىڭ ھويلىسىنى ،
كۈلدۈرمەكتە يەنە بىر قوشنىمىزنىڭ نەۋرىسىنى.
يار-يار ئىيتىپ قوشاق قاتقان چاغ ،
ئۇ سۆيگۈگە قۇل بولغان دەۋىر.
سۆيگۈ ئۈچۈن قەسىر قۇرماڭلا ،
سۆيگۈنىڭ ئۆزى بىر قەسىر.
بۇ دۇنيادىن رەنجىپ قاپتۇدەك ،
ۋايساش بىلەن دوست بولغان بەندە .
ئاچچىق يۇتتۇم دەيدىكەن ، توۋا!
ئەسلى ئاچچىق ئۆزۈڭدە ، تەندە .
شېئىر يازاي دىگەنتىم ئەسلى،
شېئىر يەنە بىر شېئىرنى تۇغىۋاتىدۇ،
ياق ! شېئىر مىنى يېزىۋاتىدۇ ..... تىما بىلەن مەزمۇن ماسلاشماپتۇغۇ دىمەڭلا ، شۇ ماسلاشتۇرالمىدىم ، ماسلاشتۇرغۇممۇ كەلمىدى . نىمە قىلىمىز زورلاپ ماس كەلتۈرۈپ ، كۆڭۈل نىمىنى تارتسا شۇنى تۆكسۈن ، بولمىسا ئۆزىمىنى ئۆزىمىز يىيەلمەي قىينىلىپ كەتكەندەك قىينىلىپ كىتىمىز . ئاشكار
|
|
|
|
|
|