مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1780|ئىنكاس: 20

ئۇيغۇر نەسرچىلىكىدىكى بىر يوقىتىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 2858
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5768
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9897 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 12:58:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


بىر ئۆمۈر ھاياتىنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە ئۆتكۈزۈپ، مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن ياراملىق شاگىرتلارنى تەربىيەلىگەن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نەسر ژانىرىنى راۋاج تاپقۇزۇش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ئىزچىل ئىجاد قىلىپ كەلگەن ئۇستازلىرىمىزنىڭ بىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ئەنەيتۇللا قۇربان مۇئەللىم مېڭىگە قان چۈشۈش سەۋەبى بىلەن 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى (جۈمە) ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 9:00 غا يېقىن ئۈرۈمچىدە 53 يېشىدا ۋاپات بولدى. مەن مەرھۇمنىڭ 1-قارارلىق سىنىپ مەسئۇللۇقىدا تەلىم ئالغان شاگىرتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ مۇسىبەت خەۋىرىنى مۇشۇ مۇنبەر ئارقىلىق كەڭ ئەدەبىيات ئاشىنالىرىغا يەتكۈزۈشنى بۇرچۇم ھېسابلىدىم.



ئەنەيتۇللا قۇربان  1958-يىلى 1-ئايدا توقسۇن ناھىيسىنىڭ ئىلانلىق يېزىسىدا ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1966 -يىلى 9-ئايغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان. 1966-يىلى 9-ئايدىن 1971-يىلى 7-ئايغىچە ئىلانلىق يېزا گۈلباغ باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1973-يىلى 7-ئايغىچە ئىلانلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1973-يىلى 9-ئايدىن 1976-يىلى 4-ئايغىچە توقسۇن ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1976-يىلى 4-ئايدا توقسۇن ناھىيىلىك رادىئو ئۇزىلىغا ئىمتىھان بېرىپ دىكتور ھەم مۇخبىر بولغان. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ئاخبارات ژانىرلىرى بويىچە ئاشۇ چاغدا باشلانغان. كېيىن ئىلانلىق يېزىلىق رادىئو ئۇزىلىغا يۆتكىلىپ، 1978-يىلى 3-ئايغىچە ئىلانلىق يېزىلىق رادىئو ئۇزىلىدا ئىشلىگەن. 1977 -يىلى 3-ئايدا ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتاھانى ئەسلىگە كەلگەندە ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ  1978-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئونۋىرسىتېتى ئەدەبىيات فاكولتېتىغا ئوقۇشقا كەلگەن.

ئەنەيتۇللا قۇربان 1983-يىلى 2-ئايدا ئالى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزى ئوقۇغان شىنجاڭ ئونۋىرسىتېتى ئەدەبىيات فاكولتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قىلىنغان. ئۇ ئۇنۋىرسىتېتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، باشتىن-ئاخىر ئوقۇتۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ مۇنبەردىن ئايرىلماي كەلدى. بۇ جەرياندا ئۇ تولۇق كۇرس ۋە مەخسوس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «يېزىقچىلىق ئاساسلىرى»، «يېزىقچىلىق ئىلمى»، «ئەمىلى يېزىقچىلىق»، «ئىقتىساد يىزىقچىلىقى»، «ئەدەبى يېزىقچىلىق»، «مەمورى خەت-ئالاقە يېزىقچىلىقى»، «كاتىپلىق ئىلمى»، «كاتىبات يىزىقچىلىقى»، «ئۇيغۇر نەسىرچىلىكى تەتقىقاتى»، «سۆز قابىليىتى ۋە ناتىقلىق»، «ئاممىۋى مۇناسىۋەت ۋە قائىدە يوسۇن ئىلمى»، «پىلانلاش ئىلمى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈپ كەلدى. بەزى دەرسلەرنى ئۆزى يېڭىدىن ئاچتى. ئۇ يەنە «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى»، «يېزىقچىلىق كونسىلتاتسىيە كىتابى»، «ئالىي مەكتەپ تىل ئەدەبىياتى» قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈشكە قاتناشتى.

ئۇ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش بىلەن بىرگە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەنمۇ ئىزچىل شوغۇللىنىپ «يىللارغا جاۋاپنىڭ ئىلمىي ۋە بەدىئىي قىممىتى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر ھىكايىچىلىقىنىڭ دەسلەپكى نامايەندىسى»، «تارىخى چىنلىقنىڭ بەدىئىي ئىنكاسى»، «ئەقلىيە سۆزلەر ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلارنى يېزىپ ئىلان قىلدى. بىر قىسىم ماقالىلىرى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن مۇكاپاتلاندى.

ئۇنىڭ ئەدەبى ئىجادىيىتى 1980-يىللارنىڭ دەسلىپىدە رەسمى باشلاندى. ئۇنىڭ ئىجادىيەت يولى ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە مەتبۇئاتلاردا 350 پارچىدىن ئارتۇق نەسر، شېئىر، ھېكايە بالىلار ئەسەرلىرى، تىپىشماق، چۆچەك، ئەقلىيە سۆز قاتارلىقلارنى، شۇنداقلا مەلۇم ساندا تەرجىمە ئەسەرلىرىنى ئىلان قىلدى: «ھايات بەيگىسىدە»، «بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى»، «تاللانغان ماقالىلار»، «ئۇيغۇر نەسىرلىرىدىن تاللانما»، «جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىكى داڭلىق نەسىرلەردىن تاللانما» قاتارلىق توپلاملارغا ۋە دەرسلىك كىتاپلارغا ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى كىرگۈزىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ «ئىككى تامچە ياش»، «ئۇ، ئۇخلىغانمىكىن»، «ئويغانغان چۈش» قاتارلىق نەسر توپلاملىرى نەشىر قىلىندى.

ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن شان-شەرەپلىرى شىنجاڭ ئونۋىرسىتى «211 قۇرۇلىشى» نى ئۆتكۈزىۋېلىش خىزمىتىدە ئىلغار شەخس بولۇپ مۇكاپاتلاندى، شىنجاڭ ئونۋىرسىتېتى پارتىكومى تەرىپىدىن «ئىلغار يازغۇچى» بولۇپ مۇكاپاتلاندى. ئاپتۇنۇم رايونلۇق كىنو-فىلىم تارقىتىش قويۇش شىركىتى تەرىپىدىن ئىلغار كىنو ئوبزورچىسى بولۇپ مۇكاپاتلاندى. «تارىخى چىنلىقنىڭ بەدىئى ئىنكاسى» ناملىق ماقالىسى مەملىكەت دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، «قېنىمىز ئوخشاشلا قىزىل، ئوخشاشلا قىزىق» ناملىق ئەسىرى ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق ئۈچ ئورۇن تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا، «نۆل» ناملىق نەسىرى ئاپتونوم رايون بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشتى.1996 -يىلى «شىنجاڭ ئونۋىرسىتېتى شىچۈەن لياڭيى ئىلغار ياش ئوقۇتقۇچى» مۇكاپاتىغا، «لىرىك سۇژىت ھەققىدە»  ناملىق ئىلمى ماقالىسى جۇڭگو يېزىقچىلىق ئىلمىي جەمىيىتى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئىلمى ماقالە» مۇكاپاتىغا، «قۇياشقا تۇتاشقان ئويلار» ناملىق ئەسىرى «خانتەڭرى ئەدەبىياتى» مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.

ئەنەيتۇللا قۇربان ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو تۇرپانشۇناسلىق ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو يېزىقچىلىق ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.




قالۇ ئىننا لىللاھى ۋەئىننا ئىلەيھى راجىئۇن!

  ئۇلۇغ ئاللاھ   مەرھۇم ئۇستازىمىزنىڭ ياتقان جايىنى جەننەت ھىدى قىلىشىنى  ،   ئاخىرەتتە جەننەت ئاتا قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . ئامىن.


مەنبە:  نۇر تورى  
مەنبە ئادىرىسى : http://www.nur.cn/html/news/24856.shtml

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6709
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7026 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 01:32:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇستازنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ..

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43245
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7992
تۆھپە نۇمۇرى: 1890
توردا: 2919 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 01:41:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇمنىڭ ياتقان جايى جەننۇتۇل فىردەۋىستە بولغاي !!!

بىردەملىك تاقەت ئون يىللىق راھەتنىڭ مەنبەسى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13240
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8088 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 01:53:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بەك قايغۇلۇق خەۋەركەن.بىز ئۈچۈن بىر چوڭ يوقۇتۇش بولۇپتۇ.ئاللا قىرىندىشىمىزنىڭ  بۇندۇنيادا قىلغان بارلىق ياخشىلىقلىرىغا چۈشلۈق  ئورۇن مەرتىۋىلەرنى بىرىشكە قادىردۇر.

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

گەپ ئېغىزدىن چىق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3629
يازما سانى: 1874
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 76205
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 02:07:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، چۇقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز، ئاللاھ ئۆزى بىرىدۇ، ئاللاھ ئۆزى ئالىدۇ، ھەممە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا پۈتۈلگەن مۇددەت بۇيىچە ياشايدۇ، بىزگە ئاللاھ كۇپايە.

ئى ئاللاھ ! ئۇنى مەغپىرەت قىلغايسەن، ئۇنى ئىمانىدا مۇستەھكەم قىلغايسەن(ئامىن)

گەپ ئېغىزدىن چىققۇچە ئادەم باشقۇرىدۇ، ئېغىزدىن چىققان گەپ ئادەمنى باشقۇرىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8283
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8811
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2011-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 02:12:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇم ئۇستازنىڭ ۋاپات بولغىنىغا قەتئي ئىشەنگىم كەلمەيۋاتىدۇ!...

ئەي يارەنلەر، بىز كېتۇرمىز يادىكار قالدى كالام، ھەر كىشىدىن قالغاي جاھاندا بىر نىشانە ياخشى نام.

مەيلىمۇ يا!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 550
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 212089
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 1416 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 02:28:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ اللاھ...ياتقان يېرىنى جەننەتتىن قىلسۇن!
ئۆلۈپ كىتىمىز...ئۆتكەن كۈنلەرگە،اللاھ بەرگەن كۈنىمىزگە مىڭ شۈكرى.

بەلكىم شۇنداق يارالغاندىمەن!                                                                                                سايىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46258
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3091
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 212 سائەت
تىزىم: 2011-6-30
ئاخىرقى: 2011-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 06:11:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بەك قايغۇلۇق خەۋەركەن.ئۇلۇغ اللاھ...ياتقان يېرىنى جەننەتتىن قىلسۇن.(ئامىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 2245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31325
تۆھپە نۇمۇرى: 2856
توردا: 4242 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 09:01:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئللاھ، ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي!

پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40217
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4472
تۆھپە نۇمۇرى: 696
توردا: 1793 سائەت
تىزىم: 2011-5-9
ئاخىرقى: 2013-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 10:18:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىخى ياش ئىكەندۇق رەھمەتلىك.ئۇلۇغ اللاھ...ياتقان يېرىنى جەننەتتىن قىلسۇن .

دۇنيا ناھايتى ئاددى، مۇرەككەپ بۇلغنى ئادەم...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش