2004-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، يامازون ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالانغان. لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بىرازىلىيە، پىرۇ قاتارلىق سەككىز دۆلەت «يامازون شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، يامازون ھەمكارلىق شەرتنامىسى تەشكىلاتىنى قۇرغان. بۇ شەرتنامىدا شەرتنامە تۈزگۈچى دۆلەتلەر ئورتاق تىرىشىپ، تەجىربە ئالماشتۇرۇپ، زىچ ھەمكارلىشىپ بۇ رايوننىڭ ئېكىلوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقىنى قوغداپ، سۇ، قۇرۇقلۇق، ئاۋىئاتسىيە ۋە خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.
2004-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئالجېرىيە مۇستەقىل بولغان. يۈزمىڭلىغان ئالجېرىيەلىكلەر كوچىلاردا تەبرىكلەشتى. بۇنىڭ بىلەن فرانسىيەنىڭ ئالجېرىيەدىكى 132 يىللىق مۇستەملىكىسى ئاخىرلاشتى.
1993-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، خېنەن ئۆلكىسىدە دىنوزاۋرنىڭ تاشقا ئايلانغان توپى بايقالغان. ئالاقىدار مۇتەخەسىسلەرنىڭ بايقىشىچە، بۇ يەردىن يەتتە دىنوزاۋرنىڭ تاشقا ئايلانغان تۇخۇمى بايقالغان.
1978-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو ۋېيتنامغا ياردەم بېرىشنى توختاتقان.ئامېرىكا ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ۋېيتناملىقلار ۋاپاغا جاپا قىلىپ جۇڭگو بىلەن ۋېيتنام چېگرىسى ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق چىقارغان، جۇڭگولۇق مۇھاجىرلارنى چېگرىدىن قوغلىغان. شىمالدا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىمۇ ھەيۋە كۆرسىتىپ ۋېيتناملىقلارغا بولۇشقان، شۇڭا جۇڭگو ۋېيتنامغا ياردەم قىلىشنى توختاتقان. 1950-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە، جۇڭگو ۋېيتنامغا ئومۇمىي قىممىتى 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان ياردەم بەرگەن.
1916-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى ئەڭ باي ئايال خېرتى گىرىن 82 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئۆمرىدە بىر قىز، بىر ئوغۇللۇق پەرزەنتلىك بولغان. كىشىلەر ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشىنىدۇ. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسسىس شىتاتىدىكى بىر پاراخوت سودىگىرىنىڭ يالغۇز قىزى. ئۇ دادىسىنىڭ 9 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مىراسىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ دادىسى قازا قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ ھاممىسىمۇ قازا قىلغان، ھاممىسى ئۇنىڭغا 4 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بايلىقى تېخىمۇ كۆپەيگەن. ئۇنىڭ پىخسىقلىقى توغرىسىكى گەپلەر تولىمۇ كۆپ، ئۇ 1867-يىلى مانېلادىكى بىر ئامېرىكا ئەلچىسى بىلەن توي قىلغان، لېكىن خېرتى توي قىلىشتىن بۇرۇن كېلىشىم تۈزۈپ، بارلىق مال-مۈلكىنىڭ ئۆزىدە ساقلىنىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرغان.
مەنبە: جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى