مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 822|ئىنكاس: 5

تارىختىكى بۈگۈن(2-ئىيۇل) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 09:50:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1994-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 36 نەپەر جۇڭگولۇق پاراخوت خادىمىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان. قاتناش مىنىستىرلىكى پانامانىڭ «ئاپولو» ناملىق پاراخوتىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان، بۇ پاراخوتتا خىزمەت قىلىدىغان 36 نەپەر جۇڭگولۇقنىڭمۇ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. «ئاپولو» ناملىق پاراخوت جەنۇبىي ئافرىقىدىن يولغا چىقىپ، ئېلىمىزغا قاراپ يول ئالغان. لېكىن سەپەردە ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان.

1990-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مەككىدە قۇربان ھېيت مەزگىلىدە پاجىئە يۈز بەرگەن. شۇ كۈنى قۇربان ھېيتنىڭ 1-كۈنى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىككى مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان مەككىگە ھەج قىلغۇلى بارغان، كىشىلەر توپى تولىمۇ قىستا-قىستاڭ بولغاچقا، يەتتە كىشى تونېلنىڭ چىقىش ئېغىزىدە يىقىلىپ قازا قىلغان، تەرتىپ قالايمىقانلاشقان، ئۇ ۋاقىتتا تونېلدا 50 مىڭ ئادەم بار بولۇپ، تېمپېراتورىسى 43 سېلسىيە گىرادۇس كېلەتتى. نۇرغۇن ياشانغانلار ۋە تېنى ئاجىزلار دەسسىلىپ ئۆلگەن، بەزى كىشىلەر نەپەس ئالالماي ئۆلگەن، جەمئىي 1426 كىشى قازا قىلغان.

1990-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سوۋىت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى 28-قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنى 13-ئىيۇلغىچە موسكۋادا ئېچىلغان. ئەسلى بۇ يىغىن 1991-يىلى ئەتىيازدا ئېچىلماقچى ئىدى، لېكىن دۆلەت ئىچى ئىقتىسادى ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن يىغىن كەينىگە سۈرۈلگەن. يىغىندا ئىقتىسادىي ئىسلاھات، مىللەتلەر سىياسىتى، ھەربىي سىياسەت قاتارلىق 10 نەچچە تۈرلۈك قارار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يىغىندا روسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ رەئىسى ھېلىتسىن ۋە بىر قىسىم كىشىلەر سوۋىت ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىققان.

1961-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ھېمىڭۋاي ئالەمدىن ئۆتكەن. ئېرنېست ھېمىڭۋاي 1899-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى چىكاگو شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى بىر كاۋچوكزارلىقتا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى كلارون ھېمىڭۋاي دوختۇر بولۇپ، ئوۋچىلىق ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئامراق ئىدى؛ ئاپىسى سەنئەتكە ھەۋەس قىلاتتى. ئائىلىسىنىڭ تەسىرى بىلەن ھېمىڭۋايدا كىچىكىدىنلا ئوۋ ئوۋلاش، بېلىق تۇتۇش، بوكسىيورلۇق، مۇزىكا ۋە رەسىمگە كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا بولدى. 1917-يىلى ھېمىڭۋاي كاۋچۇكزارلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈردى؛ ھەربىي سەپكە ئۆتۈپ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، كۆزى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئارزۇيىغا يېتەلمىدى ۋە نائىلاج كانزاس شەھرىدە چىقىدىغان «يۇلتۇز» گېزىتىدە پراكتىكانت مۇخبىر بولۇپ ئىشلىدى. 1918-يىلى 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئىتالىيە ئۇرۇش مەيدانىدا ئېغىر يارىلاندى. تاشقى ئۇنىڭ بەدىنىدىن 237 تال ئوق پارچىسى چىققان. ئۇنىڭ «قۇياش يەنە چىقىدۇ» دېگەن رومانى شۇ دەۋردىكى «گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد» ئەدەبىي ئېقىمدىكىلەرنىڭ ئىجادىيەت مايىللىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مەشھۇر ئەسەر. بۇ ئەسىرى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ھېمىڭۋاي «ئۈچ ھېكايە ۋە ئون شېئىر» دېگەن توپلىمىنى ئېلان قىلدۇرغان. 1936-يىلى ئىسپانىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىدى. بۇ جەرياندا ھېمىڭۋاي ئىسپانىيەگە ئىككى قېتىم باردى ۋە مۇخبىر بولۇپ ھۆججەتلىك فىلىم «ئىسپانىيە تۇپرىقى» نىڭ سىنارىيەسىنى يېزىشقا قاتناشتى ھەم فىلىمدا رول ئوينىدى. يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ چوققىسى ھېسابلىنىدىغان «ئەجەل سىگنالى كىم ئۈچۈن چېلىندى؟» دېگەن نادىر رومانىدا دەل مۇشۇ قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇش ئەكس ئەتكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھېمىڭۋاي باشتىن–ئاخىر ۋاقتىنى ئۇرۇش قاينىمىدا ئۆتكۈزدى. 1942-يىلى مەردانىلىك بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىگە ئۆزىنىڭ بېلىق تۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان قولۋىقىدا فلورىدا دېڭىز بوغۇزىدىكى ئەھۋاللارنى چارلاش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى ھەم بۇ پائالىيەتنى ئىككى يىلغىچە داۋاملاشتۇردى. 1944-يىلى ئۇ مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئەنگىلىيىگە باردى. لوندوندا ئېغىر يارىلاندى، دوختۇرلار ئۇنىڭ بېشىنى 57يىپلىق تىكتى. ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاجايىپ سەرگۈزەشتلەرنى باشتىن كەچۈرگەچكە، ئوبزورچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇنىڭ مۇشۇ قېتىملىق ئۇرۇش توغرىسىدا بىرەر ئەسەرنى روياپقا چىقىرىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەنىدى. 1952-يىلى يازغۇچىنىڭ «بوۋاي ۋە دېڭىز» دېگەن مەشھۇر پوۋېستىنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى ئۇنىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈردى. 1954-يىلى ھېمىڭۋاي ئافرىقىدا ئىككى قېتىم ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچرىدى. بېشى قاتتىق سىلكىنگەچكە، شۇنىڭدىن كېيىن سالامەتلىكى ۋە زېھنىي كۈچى بارغانسېرى ناچارلاشتى، ئەڭ ئاخىرىدا ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى. 1961-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى دېئابىت، يۇقىرى قان بېسىمى، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ۋە ئېغىر روھىي ئازابنىڭ قىيىنىشىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن، ئەمدى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنالمايدىغانلىقىنى ئۆكۈنۈش ئىچىدە ھېس قىلغان بۇ قەيسەر يازغۇچى ئىداخو شىتاتىدىكى ئۆيىدە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئوې مىلتىقى بىلەن ئۆلۈۋالدى. «دۇنيا ئوغلى» دېگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشكەن، فرانسىيە، ئىتالىيە، كۇبا، ئىسپانىيە، ئەنگىلىيە، كانادا، جوڭگو قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرگىچە قەدىمي يەتكەن بۇ مەشھۇر يازغۇچىنىڭ مول سەرگۈزەشتىلەرگە تولغان ھاياتى ئەنە شۇنداق ئاياغلاشتى.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45034
يازما سانى: 451
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4770
تۆھپە نۇمۇرى: 238
توردا: 3635 سائەت
تىزىم: 2011-6-20
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 10:59:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىۋالدىم    رەھمەت

روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.(سۈرە شەمىس 9-ئايەت).

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36679
يازما سانى: 1041
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6896
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 4391 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2013-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 11:23:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                           تەشەكۈر........

تاغ سۈپەت قەددى بار ئىگىلمەيدىغان،
شىرسۈپەت روھى بار يىڭىلمەيدىغان .
ھەق ئۈچۈن ئۆلگەن بار تىرىلمەيدىغان.
شۇنداق بىر ۋەتەننىڭ ئوغلى ئىدىم مەن.

ئاللاھ &nbs

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37445
يازما سانى: 1536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2999
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 11:28:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەۋەر يەتكۈزگىنىڭىزگە رەھمەت .

قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.

ئنشائاللاھ!

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46027
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3673
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 331 سائەت
تىزىم: 2011-6-28
ئاخىرقى: 2011-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 11:52:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنداقما ئىش باركەن ھە...........

ئنشائاللاھ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10158
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 63974
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7998 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 12:04:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتە يەنى 3- چىسلادىكى ئىشلارنىمۇ يوللاپ قويۇڭە.  بىلگۈم بار.

ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش