مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9569|ئىنكاس: 90

يۈكلەنگەن نىكاھ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆلۈم يېڭى بىر ھ

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13794
يازما سانى: 1026
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1114
تۆھپە نۇمۇرى: 1902
توردا: 775 سائەت
تىزىم: 2010-10-13
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 08:55:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈكلەنگەن نىكاھ

ئاپتورى :ئابلىمىت يادىگار قاۋۇل يەنى مۇنبەردىكى : شىۋاس 1-

ئۇمۇشۇ  ياشقايەتكۈچەيىگىتلىك ئىپپىتىنى بولغىماي ياشاپ كەلدى،گەرچە ئۇجەمىيەتتىكى دوسلىرى بىلەن خېلى ئارلاشقان بولسىمۇ ئۇنىڭغا بۇنداق بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان پۇرسەتلەر ئانچە ئۇدۇل كەلمىدى ،ئۇساپساق يىگىت ئىدى ئۇ قىزئوغۇللار ئوتتىرىسىدىكى ھېلىقىدەك ئىشقا ئەلبەتتە ئىنتىلەتتى لىكىن بۇئىشتا ئانچە تەشەببۇسكار بولمايتتى، مانا شۇنداق يۈرۈپ ئۇساپساق 25ياشقاكىرىپ قالدى . بۇنى بىلىدىغان بەزى ئاغىنىلىرى ئۇنى  سەن تېخىچە قىز ھە دەپ چاقچاق قىلاتتى بەزىدە تېخى ئۆزىنىڭ مۇشۇكەمگىچە نەچچى قىزلاربىلەن بىللە ياتقانلىقىنى ئاغزى ئاغزىغاتەگمەي كۆرەڭلىك بىلەن سۆزلەپ كىتەتتى ،بۇنداق چاغلاردا ئۇباشقىچە ئىنكاس قايتۇرمايتتى ھازىرقى جەمىيەتتە ئادەم بۇزامانداياشاشتا  ئۆزى تۈزگەن ياكى مەلۇم بىرمۈتەپەككۈر  كىشىلىك دۇنيا دا ياشاش مەنتىقىسىنى ئېيتقىنىدەك تۈپتۈزياشاپ كىتىمەندىيىش بىريالغان ئىش بوپقالدى ئادەم بۇتۇرمۇشتا تۈرلۈك ئۆزى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىشلارغا يۇلۇقۇپ تۇرىدۇ ۋە بۇئىشلارغا قانداق پۇزۇتسىيىدە مۇئامىلەقىلىش تاگاڭگىرايدۇۋە  تەمتىرەيدۇ ،ئىشقىلىپ ئادەم ھازىرقى جەمىيەتكە ماس ھالداسىڭىپ ياشايمەن دەيدىكەن   مۇنداق   ياكى ئۇنداق ئىشلارنى ھەرگىزقىلمايمەن  دەپ كىسىپ ئېيتالمايدۇ .
ئەلىي كۆپ ئوقىمىغان بولسىمۇ ئۇئادەتتە ئىشتىن سىرىت ۋاقىتلىرىنى ئاساسى جەھەتتىن كىتاپ ئوقۇش ئانچە مۇنچە مۇنبەرلەردە شئېر ھىكايە يېزىش ئىشلىرى بىلەن ئۆتكۈزەتتى ،ئۇ مۇشۇ كەمگىچە بىرەتال قىزبىلەن ئىچەكىشىپ ئارلىشىپ باقمىدى ،يېشىنىڭ چوڭىيىشى بىلەن چوڭلار ئۇنى ئۆيلەپ قويىدىغان بۇلۇپ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ تاپقىنى بولسا كۆرسىتىشىنى بولمىسا چوڭلار ئۆزى تېپىپ تويىنى قىلىپ قويىدىغىنىنى ئېيتتى چوڭلار ئۇنىڭغا بىرنەچچە يەردىن قىز كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئۇ ياقتۇرمىدى. ئۇئۆيىدىكىلەرگە ئۆزى  بىرقىز  تاپىدىغانلىقىنى ئېيتتى شۇنىڭ بىلەن چوڭلارمۇ ئۇياق بۇياققاقاتىراشتىن توختىدى .ئۇ كوچىلاردىكى قىزلارغا قارايتتى بىرسىدىن بىرسى چىرايلىق كۆرىنەتتى شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ئۇ كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنگەن ئىككى قىزنىڭ پېيىغا ئايرىم_ ئايرىم ھالدا  چۈشۈپ ئۇنىڭ بۇنىڭدىن ئۇقۇشۇپ ئىككىلىسىنىڭ  توي قىلىپ بولغانلىقىنى بىلىپ تولىمۇ ئۈمۈتسىزلەندى ،پىشقان ئالما شاختا تۇرماس دىگەندەك ئۇنىڭغاچىرايلىق كۆرنگەن تولغان بەستىلىك قىزلارنىڭ ھەممىسى تويقىلىپ بولغان چىقىپ قالدى ، ئۇئاخىرى ئۆيىدىكىلەر دەسلەپ تە كۆرسەتكەن بىر قىزنى ئالايمىكىن دىگەن نىيەتكە كەلدى ،لىكىن بۇنى چوڭلارغا ئالدىراپ ئېيتمىدى ،ئۆيىدىكىلەرگە ئېيتىپ قويسا ئۇنىڭ يەنە بۇنىڭدىن كىيىنكى قىز تاللاش پۇرسىتى بولمايتتى ،ئەلىي ئەنەشۇنداق خىياللاربىلەن كۈنلەرنى قىزتاللاپ ئۆتكۈزىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ غا جەمىيەتتىكى بىر ئاغىنىسىنىڭ تويىنىڭ باغىقى كەلدى ،ئىشنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ تويدىن باشلاندى ئەلىينىڭ تۇرمۇشى شۇتويدىن كىيىن تامامەن ئۆزگىرىپ ئۇ باشقا دۇنياغا كىلىپ قالغاندەك ئۆزىمۇ باشقىچە ئادەم بۇلۇپ قالدى ،كىشىلىك ھاياتتىكى ئۇ يۇلۇقمىغان ھەم قىلىپ باقمىغان ھەممە ئىشلار شۇ تويدىن باشلاندى ،ھاياتتىكى ئىككى جىنىسنىڭ قوشۇلىشىدىن كەلگەن بۇ  شىرىن لەززەت  ئەلىينى روھى جەھەتتىن ۋە ئاتا ئانىسىنىڭ ئالدىدا دوس يارەنلىرى ئالدىدا خېلى بەدەل تۈلەتكۈزدى مانا شۇ توينىڭ شاھىدى بۇلۇش ئىشى ئۇنى ھازىرقى سوت مايدانىغا سۆرەپ ئاپىرىپ قويدى . ئادەم ھايات بولىدىكەن ئۇنىڭدا گۇناھ ۋە ساۋاپ ئېڭى  تۇيغۇسى بولىشى كىرەك ھازىرقى بۇلغانغان كىشىلەر ئېڭى ۋە جەمىيەتتە كىشىلەردە گۇناھ ساۋاپ ئېڭى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس ھەتتا يوق دىيەرلىك ماناكىشىلەردىكى بۇخىل ھىسسى ھادىسە  جەمىيەتتە نۇرغۇنلىغان سەتچىلىكلەرنى كىشى ئويلاپ مۇ باقمىغان نۇمۇسسىزلىقلارنى مەيدانغاكەلتۈرىدۇ ،ئەلىينىڭ كەچۈرمىشى ئەنەشۇخىل يوقىلىۋاتقان گۇناھ ساۋاپ ئېڭىنىڭ نەتىجىسىنىڭ تىپىك مىسالى .....
بۈگۈن ئەلىينىڭ تېلىفونى تولىمۇ ئەتتىگەن سايراپ ئۇنى ئۇيقۇدىن ئويغاتتى تېلېفون قىلغان ئەلىينىڭ بۈگۈن تويى بولىدىغان دوستى تۇرسۇن ئىدى  .
تۇرسۇن ئەلىينىڭ بالدۇرراق كىلىپ ئۆزىگە بەزى ئىشلاردا ياردەم قىلىشىنى ئېيتتى ،ئەلىي پاكىز يارقىن رەڭلىك كىيىملىرىنى كىيىپ دوستىنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى بارغاچ يەنە ساقال بۇرىتىنى چاچلىرىنى مۇ ياسىتىپ خېلى سۈپەت كىرىپ قالدى ،
لىق ياش بالىلار بىلەن تولغان ئۆي چۈشۋاقتى ئىدى،  ھەممەيلەن قىز يۆتكەيدىغان چاغنى كۈتۈپ ئۇسۇل دىسكو ئويناپ دىگەن دەك ۋاقىتى ئۈتكۈزمەكتە ئىدى .بۇلۇڭلاردا كۈلكەچاخچاخ ياڭراتقۇلاردا ناخشا دىسكو ياڭرماقتا ئىدى ،شۇ پەيتتە تۇرسۇننىڭ تېلىفونى سايراپ كەتتى تۇرسۇن نۇمۇرغاقاراپلا ھوي پاتىگۈل ئىكەن راس كەپتۇدە بۇ دەپ تېلېفوننى ئالدى .پاتىگۈل ئىسىملىك بۇقىز نى  تۇرسۇن تويىغاچاقىرىپ قىز ئەلىينىڭ ئۆيىنى بىلمىگەچ تاپالماي  ئۆينى سوراپ تېلېفون قىلغان ئىكەن .تۇرسۇن قىزنىڭ ئالدىغا بىرسىنى چىقىرىپ ئۆيگە ئەكىلىدىغان بولۇپ تېلېفوننى قويدى ،تۇرسۇننىڭ بۇ پارىڭىدىن خەۋەرردار بولغان ئۇنىڭ يېنىدىكى بىرنەچچە ئاغىنىلەر قىزنىڭ ئالدىغا ئەلىي چىقسۇن دەپ ئەلىينى ئەپسانىۋىي چاخچاخلارغا كۆمىۋەتتى ،توي قىلاي دەپ قالدىڭ پاراكتىكا قىلىۋال دەيتتى بىرى . ھەي ساڭا ئىچىمىز ئاغرىپ بۇ پۇرسەتنى بېرىۋاتىمىز جۇمۇ دەيتتى يەنەبىرى ئەلىيمۇ ئانچە رەت قىلمايلا قىزنىڭ ئالدىغاچىقىدىغان بولدى تۇرسۇن ئەلىينىڭ تېلېفونىغا پاتىگۈل نىڭ تېلېفون نۇمۇرىنى كىرگۈزۈپ مۇشۇ كوچىنىڭ بېشىغاچىقىپ ئالاقىلىشىپ كۆرۈشۈپ پاتىگۈلنى ئېلىپ كىرىشنى ئەلىيگە تاپشۇردى ،ۋە ئاخىرىدا ئۆزى ياخشى قىز تۇنۇشۇپ قالساڭ قانداق قىلساڭ ئىختىيار ھە مىنىڭ مۇناسىۋىتىم يوق دەپ قوشۇپ قويدى .
ئەلىينىڭ بۇتۇنجى قېتىم بىرقىزنىڭ ئالدىغا چىقىشى ئىدى ،ئۇقىزلاربىلەن ئادەتتىكىدەك چاخچاخلارنى قىلىشىپ پاراڭ سوقۇشنى مۇ ئانچە بىلمەيتتى
ئۇ قىزغانىمەدىيىش نىمىلەر توغرىسىدا پاراڭ قىلىشنى ئويلاپ قىزنىڭ ئالدىغا يۈرۈپ كەتتى ..........
ۋەي نەگە كەلدىڭىز ؟ئەلىي قىزغاتېلېفون قىلدى
مايقاچىلاش پۇنكىتى ئالدىدا
ھە شۇ مايقاچىلاش پۇنكىتىنىڭ ئۇدۇلىدىكى كوچىغا مېڭىڭ مەن شۇكوچىدا سىز تەرەپكە كېتىۋاتىمەن .تېلېفوننى قويماڭ ھە دىدى ئەلىي
سىز يىشىل گاڭساركەيگەنمۇ ؟سورىدى قىز
ھەئە  (_ ھە مەنمۇسىزنى كۆردىم
ئىككەيلەن تېلېفوندا سۆزلىشىۋېتىپ كوچائېغىزىدا ئۇچراشتى .
يىنىك سالام لاشقان دىن كىيىن .تۇرسۇن چۇ دەپ ؟سورىدى قىز سەل قىزارغان يۈزىنى يۇشۇرالماي
ئۇ ئۆيدە قالدى بۈگۈن ئۇنىڭ پادىشا كۈنى شۇڭا سىزنى كۈتۈشكە مىنى بۇيرىدى ،دىدى ئەلىي چاقچاق تەلەپپۇزىدا كۈلۈپ
قىزمۇ زورىغاكۈلۈپ قويدى ،
ئىككەيلەن سۈكۈت ئىچىدە ماڭماقتا ئىدى ،ئەلىي بۇجىمجىملىقتى خىجىل بولۇپ بىلسىمۇ قەستەن يەنە سورىدى
ئىسمىڭىزنىمە ؟
پاتىگۈل دىدى قىز تىزلا
ئۆيىڭىز مۇشۇ ئەتراپتىمۇ ؟
ياق مۇشۇ ئەتراپتا بولسا تۇرسۇننىڭ ئۆيىنى بىلمەي قالامتىم دىدى قىز خىجىل سىرغان چىراي ئىپادىدە
تۇرسۇن بىلەن ئۇزۇندىن بىرى تۇنۇشامسىز ؟سورىدى ئەلىي يەنە
بىز ساۋاقداش باشلانغۇچتا بىللە ئوقىغان دىدى قىز
ھە كەلدۇق قېنى ئۆيگە كىرىڭ ئەلىي قىزنى چوڭلارنى ئۇزىتىدىغان ئۆيگە باشلىدى ،ھەم ئۆيلەرگە بىرقۇر قارىغاندىن كىيىن ئادەم يوق بوش ئۆيدىن بىرىگە قىزنى باشلىدى .چۈشتىن كىيىن بۇلۇپ قالغاچقا مىھمانلارنىڭ كۆپىنجىسى ئۇزاپ ئۆيلەرمۇ بوش ئىدى .قىز دەستۇرخانغا ئۇرۇنلاشتى ئەلىي بىرەيلەننى تائامغا بۇيرىدى ،شۇئارىدا ئەلىيگە تۇرسۇندىن تېلېفون كەلدى
ۋەي نەدە سەن ؟
ئۆيىڭدە مىھمىنىڭنى كۈتىۋاتىمەن دىدى ئەلىي  
چاپسان بۇياققاچىق ھازىرماڭىمىز دىدى تۇرسۇن ئەلىينى ئالدىرتىپ
پاتىگۈلنىچۇ ؟ئۇنى قانداق قىلىمىز
ۋاي ئۇنى باشقىلار كۈتۈپ ئۇزۇتۇپ قويىدۇ،چاپسان بۇلە ماشىنىدا ساڭا ساقلاۋاتىمىز
ھەمانا -9مىتىرلىق ياپۇنيەنىڭ كالابېشى ماركىلىق ماشىنىسى بۇكىچىك كوچىغاپات ماي ئاران تۇراتتى
ئەلىي ئىشىك ئالدىغاچىقىشىغا ماشىنادېرىزىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ تۇرغان بىر ئاغىنە ئەلىيگە ماشىنىغا چىقىشقا ئىشارەت قىلدى

ماشىنىدا ئۇندەك ياش ئاغىنىلەر بار ئىدى ،ھەي قانداق تۇنۇشۇپ قالغانسەن؟
دىدى بىرى ئەمدى تۇنىشاي دەپ تۇرسام ماناكىتىپ قالدۇق ،ئەتىدىن بىرى ئۈشۈپ ئولتۇردىڭما گەپ قىلماي دىدى تۇرسۇن ياقەي خەقنى ئاتايىن باشلاپ ئەكىلىپ يالغۇز قويۇپ كەتتۇق دىسە
تېلېفون قىلىپ قويە دىدى تۇرسۇن
سەل تۇرۇپ قىلاي دىدى ئەلىي
راستىنى ئېيتقاندا ئەلىي بۇنچە كۆپ ئاغىنىلەر ئالدىدا قىزبالا بىلەن پاراڭلىشىشتىن خىجىل بولاتتى
ئۇتىزراق قىزنىڭ ئۆيىگە بېرىشقا ئالدىرايتتى ،ماشىنىدىن چۈشۈپلا پاتىگۇلغاتېلېفون قىلىشنى ئويلاتتى .ئىچىدە
ۋەي نەدى سىز ؟ئەلي ماشىنىدىن چۈشۈپ خالىي جايغابېرىپ پاتىگۇلغاتېلېفون قىلدى .
ئاپتوبوستا ئۆيگە ماڭدىم دىدى قىز
سەت بولدى سىزنى يالغۇز قويۇپ خاپا بولماڭ ھە
مىنىڭ ئىسمىم ئەلىي تۇنۇشۇپ قاللايلى بولامدۇ ؟
قىز ھى  سەل ئويلانغاندەك قىلىپ بولىدۇ دىدى
ئەمىسە ئالاقىلىشىپ تۇرايلى بۈگۈنكى ئىشتىن قەتئى خاپا بوپلماڭ ھە دەپ قوشۇپ قويدى ئەلىي ئاخىرىدا
ئەلىي تېلېفوننى قويۇپ ئاغزى قولىقىغايەتتى بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم بىر قىز بىلەن تۇنۇشۇشى ئىدى
ئەمىلىيەتتە ئەلىينىڭ بۇقىز بىلەن تۇنۇشۇشتىكى قمەخسىدە دۇرۇس ئەمەس ئىدى .نىمىلەرنىدۇ قىلىپ ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ پەقەت كۆڭۈل خوشى ئۈچۈنلا ئۇنىڭغا ئىنتىلەتتى
ئەتىسى كەچ ئەلىي پاتىگۇلنىڭ تېلېفون نومىرىغا بىرھازاقاراپ يېتىپ   تېلېفون قىلايمۇ قىلمايمۇ دەپ ئىككىلىنىپ ئاخىرى  ئۇنىڭغاتېلېفون قىلدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ ئالدى قىز تېلېفوننى
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام تېشلىقمۇ  مىنى تونىغانسىز
ھە تونىدىم ئۆزىڭىزمۇ ياخشىمۇ ؟
ياخشى
كەچتە تېلېفون قىلىپسىزغۇ ؟
شۇسىزبىلەن بىردەم پاراڭلىشاي دىگەن قانداق بىئەپ بولماس
ياقەي دىدى قىز
سىز ئۆيدىما ؟سورىدى ئەلىي
بۇكەچتە ئۆيدە بولماي نەدە بولسام بولاتتى ھى ھى ھى
سىزنىمە ئىشقىلىسىز ؟سورىدى ئەلىي
بىكار شۇ ئانامغا ياردەملىشىپ ئۆيدە ئولتۇرىمەن
ئەمىسە ئەتە كۆرۈسسەك چىقالاسىزمۇ ؟
قىزيەنە سەل ئويلانغاندەك قىلىپ چىقالايمەن
ھە ئەمىسە ئەتەمەن سىزگە تېلفون قىلاي شۇۋاقىتتابىريەردە كۆرىشەيلى ھە
بولىدۇ ئەمىسە ئەتە كۆرۈشەيلى خوش
خوش
بۈگۈن كىچە ئەلىينىڭ ئۇيقۇسى كىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ،ئۇخىيال قوينىغاغەرىق ئىدى ئەتە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ تاماققا ئاپىرىپ ئۇندىن كېيى خەلىق مەيدانى ياكى باغچىغا ئاپىرىپ ياكى ئۆزى نەنى خالىساشۇيەرگە بېرىپ ئويناپ كىلىشنى ئويلىدى ئۇيەنە ئەتە كۆرۈشۈپلا ئۇنىڭغاياتاققابارايلى دىگىلى بولماس ،ھازىرچە مۇشۇنچىلىك ئارلىشىپ ئاستا ئاستا ئۇنىڭ مەيلىنى ئېلىپ ھامان بىركۈنى ئۇنىڭ جىسمىدىن ھوزىرلىنىمەن دىگەنلەرنى ھەتتا شۇۋاقىتتا قايسى ياتاققا بارىدىغانلىقىنىمۇ ئويلاپ ئۈلگۈردى ،ئۇشۇ خىياللاربىلەن قانداق ۋاقىتتا ئۇخلاپ قالغىنىنىمۇ بىلمەيتتى ،ئەتىسى ئۇبۈگۈنكى ئۇچرىشىشقا تەييارلىققىلدى ساقالبۇرۇتنى ياسىتىپ دەزماللانغان كىيىم كىچەكلىرىنى كىيىپ يانچۇقىنىمۇ خېلىلا توملىدى ئۇئەمدى پاتىگۇلغاتېلېفون قىلدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ ئالدى قىزتېلېفوننى
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ئوبدان قوپتىڭىزمۇ ؟
ھە ياخشى ئۆزىڭىزچۇ مۇجەزىڭىزياخشىدۇ ؟
ياخشى سىز ھازىر نەدە ؟
مەن تاللا بازىرىدا
قايسى تاللا بازىرىدا؟
ئاتەش تاللابازىرىدا
ئەمىسە شۇيەردە بەشمىنۇت تۇرۇپ تۇرۇڭ مەن بەشمىنۇتقىچە بارىمەن
ئەمىسە تىزراق بۇلۇڭ ھە ساقلاتماي ھى ھى
مانا ماڭدىم بەشمىنۇتقىچە بارىمەن
ئەلىي تېلېفوننى قويۇپ پاتىگۇلنىڭ بايام قىلغان مۇجەزىڭىزقانداق دەپ ئۆزىگە غەلىتە ئاڭلانغان بۇسۆزنى ئويلاپ مىيقىداكۈلۈپ قويدى ،بۇسۆز ئەلىيغا راسلا بەك غەلىتە ئاڭلاندى ،ئۇبۇسۆزدىن شەھۋەتنىڭ مۇ ھىدىنى سەزگەندەك بولدى  .

ئاتەش تاللابازىرىنىڭ ئالدىدا ئىككى قىزتۇراتتى بىرسىغۇ پاتىگۇل يەنە بىرى چوقۇم ئۇنىڭ دوستى ئۇنىمىشقا يالغۇز كەلمىگەندۇ دىگەنلەرنى ئويلاپ ئەلىي ئىختىيارسىز قىزلارنىڭ قېشىغا ماڭدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئۇلارئىگىلىپ يىنىڭ سالاملاشتى
خاپا بولماڭ ھە سىزنى ساقلىتىپ قويدۇم
ياقەي سىزنى ساقلاش بىز ئۈچۈن شەرەپ دىدى پاتىگۇل شوخلۇق قىلىپ چاخچاخ قىلىپ دوستىغاقاراپ ھى ھى ھى
بىركۈنلەردە مىنى ساقلىتىپ قىساسىڭىزنى ئېلىۋالاسىز ھا ھا ھا
بىر قۇرچاخچاخ پاراڭدىن كىيىن ئەلىي قىزلارنى تاماققا تارتتى
ئاشخانىدا ئولتۇرغاندا پاتىگۇل دوستىنى ئەلىيگە  تۇنۇشتۇردى
بۇ بىرمەھەللىدىن ئادىشىم قوشنام ھەم دوستۇم دىدى كۈلۈپ ماينۇرغاقاراپ
مىنىڭ ئىسمىم ئەلىي
ھە تېخى ئەتتىگەنلا پاتىگۇلدىن ئاڭلىدىم دىدى قىز تۈزلا
كۈتكۈچى پاراڭنى ئۈزۈپ قويدى
نىمە تاماق يەيسىلەر؟ سورىدى كۈتكىزى چىرايلىقلا
ئەلىي سۇئال نەزىرى بىلەن قىزلارغاقارىدى
نىم بولسا مەيلى قېنى دەۋىرىڭ دىدى پاتىگۇل
ئەمىسە بۇيەرنىڭ ئاچچىق لەغمىنى خېلى ئوخشايدۇ لەغمەن يەيلىمۇ ؟ئاچچىق زىيان قىلماس دىدى ئەلىي چاخچاخ قىلىپ
ۋۇيەي ئۆزىڭىزدىن بىر ئەنسىرىڭە دىدى پاتىگۇل ئەكىلىگەندەك قىلىپ ئاچچىق لەغمەندىن ئۈچنى بۇيرىدى ئەلىي ماينۇر ئىسىملىك بۇقىزغا نەزىرىنى ئاغدۇردى بۇقىز بويتۇرۇقتا پاتىگۇلدىن قېلىشمايتتى سەل ئاپپۇشماق بۇلۇپ قارىماققا پاتىگۇلدىن چىرايلىق كۆرىنەتتى
سىزنىمە ئىشقىلىسىز ؟سورىدى ئەلىي قىزدىن
ھازىرچە ئويناۋاتىمەنغۇ دىدى قىز كۆزىنى ئوينىتىپ چاخچاختەلەپپۇزىنى ئارلاشتۇرۇپ
مۇداقدەڭ تۇنۇشۇپ قالايلى دوسبولغاندىكىيىن بىللە ئوينامىزدىدى ئەلىي پىيالىدىكى چاينى ئېغىزىغا يېقىنلاپ
چاتاق يوق دىدى پاتىگۇل سۆزنى قۇۋەتلەپ
سىز تويقىلغانمۇ دەپ سوراپ قالدى قىز ئەلىيدىن بۇسۇئال ئەلىيگە باشقىچە ئاڭلاندى
ياق تېخى لىكىن توي قىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن .
ھەيتاڭەي سىزمۇ قانچىلىك ئۆيتۇتارسىز تويقىلسىڭىز دىدى ماينۇر چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ
بۇگەپچە سىز تويقىلغانما ؟سورىدى ئەلىي بىلسىمۇ ئەجەپلەنگەن دەك قىلىپ
ھەبىز توي قىلىپ ئاجراشقىلى خېلى بولدى قانداق چوڭ ئاياللاردەك كۆرىنىۋاتامدۇق كۆزىڭزگە ئەمدى
ياقەي تېخى كىچىك قىزلاردەك تۇرىدىكەنسىز بولمىسا
شۇئارىدا تاماق كەلتۈرۈلدى پاراڭمۇ توختىدى ،ئەلىي تاماق يەۋىتىپ ئاغىنىلىرىنىڭ بەزى پاراڭلىرىنى ئەسلىدى ئاغىنىلىرىنىڭ دىيىشىچە تويقىلىپ ئاجراشقان قىزلارنى ئىندەككە كەلتۈرۈش ئاسان بۇلۇپ ئۇلارنىڭ كىيىنچە چاتىقى چىقمايتتى شۇڭاخاتىرجەم ئوينىساڭ بولىۋىرەتتى ئۇشۇئويلاردا خۇشال ئىدى
تاماقتىن چىققان دىن كېيىن ئۇلارخېلىلا ئۆزلىشىپ كەتتى قىزلار ئەلىيگە لىباسقا بارايلى دەپ تۇرىۋالدى ،لىباسدگىنى مۇشۇ شەھەردىكى چوڭ دىسكوخانىنىڭ بىرسى ئىدى .
ئەلىي مۇشۇ ئۆمرىدە دىسكوخانىغا پەقەت ئىككى لاقېتىم كىرىپ باققان ئىدى يەنە كىلىپ ئۇۋاقىتتا ئەل ئاغىنىلىرى بىلەن كىرگەن ئىدى مانا ئەمدى بىراقلا ئىككى قىزبىلەن كىرىدىغىنىنى ئويلاپ سەل ئەيمىنىپ قالدى
دېسكوخانىغاكېلىپ ئىچىملىك كەلتۈرۈلدى بۇئىككى قىزنىڭ دېسكوخانىدا تۇنۇشلىرى كۆپ ئىدى بەزى دە ماينۇر بەزىدە پاتىگۇل ئۇنىڭ بۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشاتتى قارىغاندا ئۇلار بۇيەرنىڭ دائىنلىق مىھمىنىدەك قىلاتتى .
قىزلار بىر ھازادىسكو ئوينىغاندىن كىيىن ئۇرۇنغاكېلىپ ئولتۇردى
سىزنىمىشقا ئوينىمايسىز ،سورىدى ماينۇر ئەلىيدىن
مەن بىلمەيمەن دىدى ئەلىي
شۇئارىدا يېقىملىق تانسامۇزىكىسى چىقتى قۇپىڭە ئەمىسە تانسا ئوينايلى
مەن راسلا بىلمەيمەن راس
مەن ئۆگىتىپ قويىمەن دىگىنىچە ماينۇر ئەلىينىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىپ ماڭدى
پاتىگۇل كۈلگەن پېتى سوغۇق ئىچىملىك ئىچىپ ئورۇنداقالدى
ئەلىينىڭ پۇتى تانسىغا ھېچ قۇلاشماي ۋاتاتتى
ئۇقىزنىڭ بېلىدىن تۇتتى قىزمۇ چىرايلىققىنە قولىنى ئەلىينىڭ مۈرىسىگە قويدى
سىز تانسا ئويناپ باقمىغانمۇ ؟سورىدى ماينۇر
ياق بۇتۇنجى قېتىم ئوينىشىم قارىڭە پۇتىڭىزغا نەچچە رەت دەسسىۋەتتىم دىدى ئەلىي ناماقۇل بولغان چىراي ئىپادىدە
ياقەي سىزنىڭ پۇتىڭىزنى كۆتۈرگۈچىلىكىمىزبار ھىھىھى ھى ھى دىدى ماينۇرئەلىيگە مىختەك قادىلىپ
ئەلىي تۇنجى قېتىمقى قىزلارنىڭ بۇيېقىنچىلىقىدىن قىزىرىپ كەتتى
كەچ بۇلۇپ كەتتى قايتمامدۇق دىدى ئەلىي
بىز قىزبالا تۇرۇپ قايتىشتى غەم يىمىسەك سىز نىمىگە ئالدىرايسىز،مەن دىن قورقىۋاتامسىزيا
ھە سىزدىنما سىزدىن نىمىشقا قوققىدەكمەن؟
ئېلىپ قاچامدىكىن دەپچۇ
ئېلىپ قاچسىڭىزغۇ بەك خۇشال بولغان بولاتتىم دىدى ئەلىيمۇ ئېچىلىپ ئەمدى گەپ بۇيەرگە كەلگەندە ئۇمۇ ئانچە تارتىنىپ كەتمىدى .
راسمۇ ؟
راس
ماينۇرشۇنداق دىگەن ئەلىيگە تېخىمۇ چىڭ چاپلاشتى
ئەلىيمۇ بۇ يېقىملىق ھەم ئىسسىق تەننىڭ لەززىتىدىن ماينۇرنىڭ كۆسىنى باغرىغا باسماقتا ئىدى ،
ئەمىسە سىزنى نەگە ئېلىپ قاچسام بولادىدى ماينۇر ئەكىلىپ كۆزلىرىنى ئوينىتىپ
مەن قاياققادىسىڭىز شۇياققا مېڭىشقا تەييار
ئەمىسە تەشنا مىھمان سارىيىغا كىتەيلى دىدى ماينۇر كۆزلىرىنى خۇمارلاشتۇرۇپ ئىككەيلەن خۇيددى كونا ئاشىق مەشۇقلاردەك بىربىرىگە مەھكەم چاپلىشىپ كەتكەن ئىدى .
پاتىگۇلنى چۇ ،سورىدى ئەلىي
ئۇمۇ يالغۇز قالمايدۇ قاراڭ دەپ بىرسى بىلەن تانسا ئويناۋاتقان پاتىگۇلنى ئىشارەت قىلدى ئۇبېشىدا
مۇشۇنداقلا كەتسەك قانداق بولار ؟دىدى ئەلىي ئىككىلەنگەندەك
ھە نىمە ھەرقانچە بولسىمۇ ئىككىلىمىز بارمايدىغاندىمىز ياتاققا ؟دىدى ماينۇر تەنە قىلىپ
خوش مۇ دىمەي كىتىمىزمۇ ؟
كىتىۋىرەيلىچۇ بولىڭەتىز ماينۇر ئاۋازىنى بىرقىسمىلاقىلىپ ئەلىينىڭ مۈرىسىنى سىلكىشلەپ ئۇنى ئالدىراتتى .
ئۇلار تانسا ئوينىغاچ دىسكوخانىنىڭ كارىدورى تەرەپكە يېقىنلاشتى ،ھەم بېرىپلا بىربىرىدىن ئاجراپ سىرىتقا قاراپ تىز يۈرۈپ كەتتى
تاكسى شوپىرىغا تەشنامىھمان سارىيىغادەپ بۇيرىدى ئەلىي
25يىلدىن بىرى ئەلىينىڭ ۋۇجۇدىدىكى تەشنالىق ئۇنى ماينۇرنىڭ  تىنىنىڭ ۋەسلىگە تېخىمۇ ئىنتىلدۈرەتتى .
مىھمان سارايدىن ياتاق ئېچىلدى .ياتاققاكىرىپلكا تەشنالىقتىن قاغىجىرىغان بۇ ئىككى تەن بىربىرىگە قوشۇلۇپ كەتتى .

نەچچە كۈن ئىلگىرى :
پاتىگۇل تۇرسۇننىڭ تويىدىن قايتتى ئۆزىنى تونىمايدىغان ئۆزىمۇ تونىمايدىغان بىرياش چوكان ئۇنى كۈتۈپ ئۇزۇتۇپ قويدى ،ئۇتويغاكەلگىندىن پۇشايمانمۇ قىلغان ئىدى ،ئۇتۇرسۇننىڭ پوئېتىپ دەپ قويغان ياغلىماگەپلىرىگە ئىشىنىپ كەلگەن ئىدى،ماناتۇرسۇن بىلەنمۇ كۆرۈشەلمەي تۇنۇمايدىغان بىرسى بىلەن تۇنۇشۇپ قالدى .ئۇشۇ خىيالدا ئاپتوبوستا ئولتۇراتتى ئەلىي دىن تېلېفون كەلدى .ئەلىي پاتىگۇلدىن كەچۈرۈم سورىدى ۋە تۇنۇشۇپ بۇندىن كىيىنمۇ ئارلىشىپ ئۆتەيلىدىگەندەك پاراڭلارنى قىلدى .
ئەتىسى كەچ پاتىگۇل تېلېۋۇزۇر كۆرۈپ ئولتۇراتتى تېلېفونى سايراپ كەتتى ،پاتىگۇل كەلگەن نۇمۇرغاقاراپ ئۇنىڭ ئەلىي ئىكەنلىكىنى بىلدى
ئەلىي ئۇنى ئەتە ئۇچرىشىشقا چاقىردى ،پاتىگۇل ئۇچرىشىشقا قوشۇلدى ۋە تېلېفوننى قويۇپلا دوستى ماينۇرغا تېلېفون قىلدى
ئاداش نەدە سەن؟ دەپ سورىدى پاتىگۇل
ئۆيدە ئولتۇرىمەن بىكارچىلىقتىن زىركىپ  كەچتە تېلېفون قىلىپسەنغۇ ؟دىدى ماينۇر
قارا ئاداش بىرلەمزەللەبىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم ئۇ ئەتە كۆرۈشەيلى دەيدۇ
ھە ئىككى قىيىققاتەڭ دەسسەي داۋاتامسەن ھاھا ھا دىدى ماينۇر كۈلۈپ
قارىسام خېلى ساددا قۇل ئىلكىدە بارنىمىدەك قىلىدۇ ،ساڭا تۇنۇشتۇرۇپ قويسام ئارلىشىپ باقامسەن يە ؟ھېچ بولمىغاندا زىركىپ قالساڭ ئۇنىڭدىن ئىچ پۇشۇغۇڭنى چىقىرىپ پايدىلىناسەن ھى ھى ھى
ئۆتەپ بارە ئۆزى قانداقراق كەن دەپ سورىدى ماينۇر
ئۆزى خېلىكىلىشكەن گەپ سۆزىگە قارىسام بۇندىن بۇرۇن ھېچ قىزلاربىلەن ئارلىشىپ باققاندەك ئەمەس ئىشقىلىپ يۇۋاشنىمىكەن
ئەگەر ئادىل بولمىغان بولسا ساڭا تۇنۇشتۇرۇپ يۈرمەيتتىم ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن ئارلىشىۋاتقىنىمنى ئۇبىلىپ قالسا مىنى بوشقويمايدۇ بۇنى سەنمۇ بىلىسەن
قانداق ئويناپ قويامسەن؟
قېنى ئەتە بىر كۆرۈپ باقاي نەدە كۆرىشىمىز ؟
ئەتە تېلېفون قىلىدۇ شۇۋاقىتتا بىريەردە كۆرىشەرمىزمىكىن
ئەمىسە ئەتە ئۆيۈڭگە باراي شۇۋاقىتتا بىرگەپ بولسۇن خوش ئاداش
ھە خوش
ئەتىسى ماينۇر پاتىگۇلنىڭ ئۆيىگە كەلدى ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇپ زىركىپ بازار ئايلانماقچى بولۇپ سىرتقاچىقتى قىزلار تاللا بازىرىدا تۇرغاندا ئەلىي تېلېفون قىلدى  
شۇمىكەن؟ دەپ سورىدى ماينۇر پاتىگۇل تېلېفوننى قويغاندىن كىيىن
ھە ئە شۇكەن مۇشۇ يەرگە كىلىدىغان بولدى
ئۇنى چوقۇم قولۇڭغاكەلتۇرۋال چوقۇم جېنىڭغا ئەسقاتىدۇ ،كىمبىلىدۇ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ قالامسەن تېخى دېدى پاتىگۇل چاخچاخ تەلەپپۇزىدا كۈلۈپ
ۋاي بولدىقىلە ئەرسارىڭى بۇلۇپ قالمىدىم مەن تېخى سەندەك ھاھا ھا
ھەراس ئۇ تويقىلغانمىكەن
مىنىڭچە توي قىلمىغانمىكىن .ئىشقىلىپ مەنمۇ ئىنىق بىلمەيمەن كەلگەندە ئۆزۈڭ سورىۋال ...ئەرسارىڭى بولمىدىم دەيسەن تېخى ھا ھا ھا ھا قىزلار چۇقۇرۇشۇپ كۈلۈشتى ،شۇئارىدا ئەلىي كىلىپ ئۇلاربىلەن سالاملاشتى ..
************************************************************
ئەتىسى ئىللىق ھەم كۈچلۈك قۇياشنىڭ نۇرى ھاياتنىڭ ھارام لەززىتىدىن قېنىپ بەھىرلەنگەن بۇ ئىككەيلەنگە دېرىزىدىن يەنە سېخىيلىق بىلەن ئىسسىق نۇرۇنى چاچماقتا ئىدى.
ماينۇرنىڭ ئاپئاق كۆكۈش تۇمۇرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قولى ئەلىينىڭ تۈكلۈك مەيدىسىگە گىرە سالغان ھالدايېرىم يالىڭاچ ياتاتتى .ئەلىي ئۇيقۇدىن ئويغۇنۇپ ئۆزىنى قۇچاقلاپ ياتقان ماينۇرنىڭ قاپقاراچېچىنى پۇرىغاچ خىيالغا چۆكۈپ كەتتى .ئۇبۇرۇن مۇشۇنداق ئىشن قىلىپ يۈرگەن دوسلىرىنى كۆزگە ئىلمايتتى ،ئۆزى بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ باقمىغاچقامىكىن بۇنداق كىشىلىلەرنى ئىتراپ قىلمايتتى .مۇنبەرلەردىمۇ مۇشۇنىڭدەك مەزمۇندىكى تىمىلارغا زەھەردەك كەسكىن ئىنكاس قايتۇراتتى .مانا ئەمدى ئۆزى خالاپ ئۆزى ئىزدەپ يۈرۈپ مۇشۇنداق ئىشنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئويلاپمىيقىداكۈلۈپ قويدى بۇ ئويلار ئۇنىڭغا ئازراقمۇ پۇشايمان قىلىش ھىسسىي تۇيغۇسىنى بىرەلمىدى .ئەكسىچە ئۆزىنىڭ زەبەردەس كۈچ قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان نۇرغۇن ۋاقىتلىرىنى بىھۇدە ئۆتكۈزگىنىدىن تالايكىچىنى يالغۇزلۇق ۋە  تەنھالىق ئازابىدىن ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزىۋەتكەنلىكىدىن ئەپسۇسلاندى .ئۇلار چۈشبولاي دىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتاقىلىپ ئاۋال ماينۇر خوشلاشماقچى بولدى ،لىكىن ئەلىينىڭ ماينۇرنى پەقەتلا قويىۋەتكۈسى يوق ئىدى ،ماينۇ ردەرھال ئۆيگە بارمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئانىسىنى پاتىگۇلنىڭ ئالداپ تۇرۋاتقىنىنى ئانىسىنىڭ ئۆزىنى پاتىگولنىڭ ئۆيىدە دەپ بىلىدىغانلىقىنى ئەگەر ئانىسى ئىزدەپ پاتىگۇلنىڭ ئۆيىگە كىلىپ قالسا بۇندىن كىيىن ھەرگىزمۇ كۆرۈشەكمەيدىغىنىنى چۈشەندۈردى
(مانتا كۆرمىگەن قەلەندە قاسقانغا دۈم چۈشتى )دىگەندەك ئەلىي ماينۇرغا كەشتە يەنە بىللە بولايلى دەپ تۇرىۋېلىۋاتاتتى
ماينۇر بۈگۈب كەچ بولمايدۇ قاراكىچىدىنمۇ ئۆيگە كىرمىدىم يەنەكىرمىسەم ئۆيدىكىلەرمىنى بوشقويمايدۇ ئاكامنىڭ ئاچچىقى بەك يامان ئۇ ھەرگىز بولدى قىلمايدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە پاتىگۇل ئۇلارنى ئالداپ تۇرۋاتقاندۇ بەلكىم دىدى ئۆزىنى قۇچاقلاپ تۇرغان ئەلىيگە چۈشەندۈرۈپ
ئەلىي ئاخىرى ماينۇرنىڭ گەپ يىمەيدىغىنىغا كۆزى يىتىپ ماينۇرنى قېنىپ بىر ھازا سۆيدى، ھەم ئۆگۈنلۈككە كۆرۈشۈشكە ۋەدىلىشىپ كۆزى قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى.ماينۇر ئەلىي بىلەن خوشلىشپ پاتىگۇلنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى
قانداق ئۈنتۈنسىزلا يوقاپ كەتتىڭغۇ مەن تېخى كىچىدىن ئۆلدىمىكى دەپتىمەن  دىدى خوشياقمىغان تەلەپپۇزدا
تازابىر خوتۇن قارىسى كۆرمىگەن نىمىكەن خۇددى كانىدەك چاپلىشىۋالدى دىگىنە
تازا ياشاپسەندە دىدى پاتىگۇل ھەييارلىق بىلەن ھىجىيىپ
بولدىقىلە ئاداش ئانام تېلېفوم قىلغان ئىدى سىنىڭ قېشىڭدا دىگەن ئىدىم ساڭىمۇ تېلېفون قىلدىمۇ ؟
ياق
ئۇف خۇداغا شۈكرى دىدى ماينۇر كۆسىنى سىلاپ
قانداق ئۇ بولامدىكەن؟ دەپ سورىدى پاتىگۇل يەنە
مەندىگەنچۇ شۇنداق بولمىغاننى بوغۇزىمەن تازا ھا  ھا ھا ھا دىدى ماينۇر كۈلۈپ پاتىگۇلنى نۇقۇغاچ
ھەيقېلىن تۇنجى ئۇچراشقان كۈنىلا قىپ يۈرگەن ئىشىڭنى قاراسىنىڭ
قانداق چدىمايۋاتامسەن سەنمۇ ئادىل بىلەن ئوينىساڭ بولىدىغۇ چىدا چىدا ئىككەيلەن كۈلۈشۈپ كارۋاتتا بىردەم پومىداقلىشىپ ئويناشتى .
ئەلىينىڭ بىركۈنى ئۆزىچە كۈلۈپ ھىجىيىپئۆتتى ئۇ  پاتراق ئۆگۈننىڭ كىلىشىگە ئالدىرايتتى .
كەشتە ئەلىي ماينۇرغاتېلېفون قىلماقچى بولۇپ تېلېفونىدىكى پاتىگۇلنىڭ نۇمىرىغا قاراپ ئاندىن پاتىگۇل ئىسىگە كەلدى ،ئۇقانداق ئويلاپ قالغاندۇ بىزتېخى ئۇنچە ئىچەكىشىپ ئارلىشىپ كەتمىگەندىكىن كۈنلەپ مۇ يۈرمەس دەپ ئۆزىگە تەسەللىي قىلدى ئۇ تېلېفون قىلاي دىدىيۇ لىكىن نىمەدىيىشنى بىلمەي تېلېفون قىلىشتى ۋازكەشتى
ئۇماينۇرغاتېلېفون قىلدى
ھەنىمە گەپ ؟ دەپ تېلېفوننى ئالدى ماينۇر ئەكىلىگەندەك
شۇسىنى سېغىنىپ بىردەم مۇڭدىشايلىدىدىم
سېغىنىشىڭ بەك تىزغۇ
قانداق سېغىنسام بولمامدا ؟
ۋوي بولدى قىلە ئەتە كەشتە كۆرۈشەيلى ئۇيقۇم كەپكەتتى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيدە ئاپام بار گەپ قىلالماي قالدىم .
ھە ئەمىسە ئۇخلا چۈشۈڭدە مىنى كۆر جۇمۇ
ۋاي ماڭەساراڭ خوش
ھە خوش
ئەلىي تېلېفوننى قويۇپ ھىجىيىپ تۇرۇسقا قاراپ ياتتى ئۇشۇشىرىن خىياللاربىلەن قانداق ۋاقىتتا ئۇخلىغىنىنى بىلمەيتتى
ئەلىي _ھەي ئەلىي چۈش بۇلاي دەپ قالسىمۇ ئورنىدىن تۇرمىغان ئوغلىنى نۇرخان چاقىرۋاتاتتى
ھەمانا  دەپ قويۇپ يەنە ياتاتتى ئەلىي
نۇرخاننىڭ نەچچە رەت چاقىرىشى بىلەن ئەلىي ئاخىرى ئورنىدىن تۇردى
ئۇيقۇچىلىقتا قاپاقلىرى ئىششىپ كەتكەن ئەلىيگە قاراپ نۇرخان كايىپ قالدى
ھەي ئىشەك بىرۋاخ نامازغۇ ئۆتىمەيسەن كۆتۈڭگە ئاپتاپ چۈسسىمۇ ئورنىڭدىن تۇرمايسەن چوپچوڭ بوپقالغاندىمۇ شۇنداق قىلىپ يۈرسەڭ ئۆيلەپ قويىمىز دەۋاتساق نىمىنى ئويلايدىغانسەن
ئەلىي ئېرىنچەكلىك بىلەن يۈزكۆزىنى يۇيۇپ دەستىخانغاكەلدى
ھېچ گەپقىلمايسەنغۇ ھېلىمۇ 25كەكىرىپ قالدىڭ سەن خىيالىڭدا يوق يۈرگەن بىلەن ئەلەمەھەللىدىكىلەركىشىنى زاڭلىقىلىدىكەن ،دىرەسىنى تاپتىڭمۇ ؟دىدى نۇرخان قاپىقىنى تۈرۈپ جىلىچىلىكتە
ۋايىۇدايىم ئەجەپ تويدۇم مۇشۇ تولاگەپتىن بوشراق ئالدىرساڭچۇ تاپقان ۋاختىمدا سەن دېمىسەڭ مۇ ئۆزۈم دەيمەن دىدى ئەلىي چىرايىنى تۈرۈپ
رامىزان غىچە تويۇڭنى قىلىۋەتسەك بولاتتى
چىك __ئەلىي چىكىلداپ گەپ سۆزسىز دەستىخاندىن تۇرۇپ كەتتى
ئۇيەنە ماينۇرنى ئۇيلايتتى بۈگۈننىڭ پارتراق كەچ بۇلىشىنى كۈتەتتى ئاخىرى كۈتكەن كەچ بولدى ئەلىي بىلەن ماينۇر كۆرۈشۈپ تەشنامىھمان سارىيىنىڭ بىرياتىقىغا يەنە چۆكۈپ كەتتى
ئىككەيلەن كارۋاتتا قۇچاقلىشىپ ياتاتتى ماينۇرنىڭ بېشى ئەلىينىڭ تۈكلۈك كۆسىدە ئىدى ئەلىي بولساماينۇرنىڭ قاپقاراچاشلىرىنى ئوينىغاچ پۇراپ ياتاتتى .
بىزقاچانغىچە مۇشۇنداق ئۆتىمىز ؟ دەپ گەپ باشلىدى ماينۇر  
قانداق دەيسەن ؟
ئىككىمىزنىڭ تويقىلالىشىمىز مومكىنمۇ دىدى ماينۇر مەيۈس ئاۋازدا
بۇسۇئال ئەلىيغا خۇددى ئېغىريۈكتەك بىلىندى نىمەدەپ جاۋاپ قىلىشنىمۇ بىلمەي قالدى خاتىرجەم بول مەن سىن چوقۇم ئالىمەن دەپ قويۇشكىرەكمۇ ياكى نىمەدىيىشكىرەك دىگەندەك ئويلار ئەلىينىڭ مىڭىسىدىن چاقماق تىزلىكىدە ئۆتۈپكەتتى .
كۆپ ئويلىما ھازىرقى مۇناسىۋىتىمىزنىڭ نەرى بولمايدىكەن؟ دىدى ئەلىي
سەن تويقىلىسەن مەنمۇ تويقىلىشىم مومكىن ئىككىمىزبۇنداق يۈرسەك ئىككىلىمىزگە ياخشى ئەمەس
سەن مۇناسىۋىتىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن دىمەكچىمۇ ئەجەبا سىنىڭ مەن بىلەن ئارلىشىشىڭ مۇشۇ ئىش ئۈچۈنمىدى
ياق مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس قارا مەن بولسام توي قىلىپ بولغان سەن بولساڭ  ئاتاققا  تېخى يىگىت شۇڭا بىزنىڭ مۇناسىۋتىمىز ئايرىلىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ شۇ...
ئەگەر سەن بىلەن توي قىلسامچۇ ؟ ئەلىي بۇگەپنى قانداق لارچە دەپ سالغىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى بەلكىم ھازىرقىدەك كارۋات ئۈستىدىكى كەيپىياتتا بۇنداق سۆزلەرنى قىلىپ سېلىش مومكىندۇ .
ئۇنداق قىلالمايسەن ئۆيۈڭدىكىلەر ھەرگىز قوشۇلمايدۇ دىدى ماينۇر ئەلىينىڭ كۆسىنى سىلاپ تۇرۇپ
ھەي بۇ ئىشتامىنىڭ دىگىنىم ھىساپ ئۆيدىكىلەر كۆپ ئارلىشالمايدۇ
لىكىن يامان يىرى مەن تويقىلغاندە بۇنى ھەرقانچە قىپمۇ يۇشۇرغىلى بولمايدۇ
بولدى خاتىرجەم بول ھەممە ئىشنى  ئۆزۈم توغىرلايمەن ،ئەلىي شۇنداق دەپ بۇتىمىدىكى پاراڭدىن ئۆزىنى قاچۇراتتى
لىكىن ماينۇ ئەلىينىڭ بۇ ئىنكاسىدىن باشقىچە ئويلاردا بولدى ،ئۇ ئۆزىنىڭ ئەلىي بىلەن توي قىلىش مومكىنچىلىكىنىڭ ئازراق بولسىمۇ بارلىقىنى ئۇيلاپ خۇشال ئىدى .
سەن مىنى ياخشى كۆرەمسەن؟دىدى ماينۇر يەنە گەپ باشلاپ
ئەلۋەتتە ياخشى كۆرىمەن بۇنى ئۆزۈڭمۇ بىلىسەنغۇ ساڭاقانچە قېتىم دىگەندىمەن
سىنىڭ مىنى ئىزدىشىڭ پەقەت مۇشۇ ئىش ئۈچۈنمىكىن دەپ ئويلايمەن
ھەي ئەخمەق قاچاندىن بىرى ئىشلانى بۇنداق ئىنچىكە ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدىڭ مەن سىنى خاتىرجەم بولدىدىمغۇ دىگەچ ماينۇرنى قوينغا تارتتى .
شۇنداق قىلىپ شىرىن كۈنلەر داۋاملىشىۋەردى ،ئەلىي ئەمدى بۇرۇنقى ئەلىي ئەمەس ئىدى ،بۇرۇنلارداقىزلارغاتۈزۈك گەپ قىلالمايدىغان ئالدىدىن ئىككى قىزكىلىۋاتسا تۈزيولدىمۇ پۇتلىشىپ كىتىدىغان ئەلىي مانا ئەمدى يۈزى ئېچىلىپ باشقابىر ئادەم گە ئايلىنىپ قالدى ،ئۇ ئۇچرىغانلىكى چىرايلىق قىزلارغا شىلتىڭ ئاتىدىغان بولىۋالدى ،ئەمدى ئۇنىڭ كاللىسىدا خوتۇن تاللاش ئەمەس چىرايلىق قىزلارنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ ياتاق ئېچىش ئىدى ،كۈنلەر شۇنداق ئۆتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ماينۇر ئەلىيگە بويىدا قالغانلىقىنى ئېيتتى .
نىمە ؟ مىنى قانداق قىلىدىكىن دەپ چېلىۋاتامسەن دىدى ئەلىي جىددىي
ياق بۇرا س دىدى ماينۇ يەرگە قاراپ
ھەي سەن ئۈزۈك سالدۇردۇم دىگەنتىڭغۇ ؟
دوختۇرنىڭ دىيىشىچە ئۈزۈك چۈشۈپ كىتىپتۇ ..دىدى ماينۇر
ۋايخۇدايىم مائىشنى ئەمدى دەپ بېشىنى ئىككى قوللاپ قاماللىدى ئەلىي جىلە بوپ
قانداق قىلىمىز دىدى ماينۇر يىلىنگەندەك قىياپەتتە
قانداق قىلاتتۇق ئالدۇر ۋېتىمىز ئەجىبا بۇبىزنىڭ نىكەھسىز تاپقان بالىمىز دەپ تۇغامتىڭ دىگەچ يانچۇقىدىن پۇرتمالىنى ئېلىپ
پۇلنىڭ ھەممىسىنى ماينۇرغا تەڭلىدى
ياق ئالدۇرمايمەن بالىنى تۇغىمەن بىزتوي قىلساق بولىدىغۇ دىدى ماينۇر يىلىنىپ ئەلىينىڭ پۇل تەڭلەپ تۇرغان قولىنى ئىتتىرىپ
ھەي ساراڭ بولدىڭمۇ بو مومكىنمۇ ؟
ئۆزۈڭ مڭمكىن دىگەنتىڭغۇ
ھىم ...ئەلىي ئەمدى جىم بولۇپ قالدى ،دىمىسىمۇ ئۇ بىرقېتىم ئەمەس تالايقېتىم ماينۇرغا ئىككىسىنىڭ تويقىلىدىغانلىقىنى ئېيتقىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى .
ئەجەبا سەن مىنى تاشلىۋەتمەكچىمۇ ؟سەنمىنى ياخشى كۆرىمەن دىگەنتىڭغۇ ؟دىدى ماينۇر يىغىدىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ
سىنى ياخشى كۆرىمەن لېكىن بۇبالا
ھەممىسى ئۆزۈڭ قىلغان ئىشقۇ
مەن تېخى تېنىۋالمىغاندىمەن ئەلىي بوشاپ قالدى
ماقۇل دىگىن بىزتويقىلايلى دىدى ماينۇر ئەلىينىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ
چىك __ئەلىي چىكىلداپ ئويلۇنۇش تا قالدى
ئۆيدىكىلەرگە قانداقمۇ دەرمەن بۇئىشنى سەن نىمىشقا ئېھتىيات قىلمىغان بولغۇيدىڭ ئەلىي شۇنداق دەپ ئىككىقولىداپىشانىسىنى تۇتۇپ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇردى
ماينۇرسۈكۈتتە تۇرماقتا ئىدى ئۇپەقەت ئەلىينىڭ تويقىلىشقا قوشىلىشىنى ئۈمۈت قىلىپ ئۇنىڭدىن جاۋاپ كۈتۈپ ئەلىيگە قاراپ تۇراتتى .
ئىككەيلەن كۆڭلىيېرىم سۇلغۇن ھالەتتە خوشلاشتى ئەلىي ماينۇرغا توي ئىشى توغرىسىدا ھېچ قانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى .
قانداق قىلىشكىرەك بۇئىشقا ئويلا _ئويلا بالىنى ئالدۇرۇشتىن بۆلەك ياخشى ئامالنىڭ يوقلىقىنى ھىسقىلاتتى .
لىكىن ئۇنىڭ ماينۇرغاكۆڭلى بارئىدى ماينۇر ئەلىينى چۈشىنەتتى ھالىغايىتەتتى ئۇزۇن ۋاقىت بىللە بولغانلىقتىمىكىن ئىككەيلەننىڭ ئوتتىرىسىدابىرخىل ئىسسىق مىھرى مۇھەببەت ساقلانغان ئىدى ئىككىسىنىڭ بىر ئۆيدە تۇرمىغىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتى مۇشۇ كەمگىچە ئەرخوتۇنلاردەك ئۆتكەن ئىدى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ماينۇرمۇ ئەلىينى ياخشى كۆرەتتى ئەلىي بۇنى بىلەتتى .مانا ئەمدى ماينۇر ئۇنىڭغا تويقىلايلىدەپ يىلىنىۋاتسا ئەلىي نىڭ ئۇن بىراقلا رەت قىلىشقا كۆڭلى ئۇنىمايتتى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ نەچچە قېتىم ماينۇرغا تويقىلىش توغرىلىق ۋەدىلەرنى بەرگەن ئىدى .بۈگۈن كىچەئەلىي  بۇئىشنى قانداق قىلىش توغرىسىدا بىرقارارغاكىلەلمەي تولغىنىو ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزىۋەتتى .
ئەتىسى ئەتتىگەنلا ئۇنىڭ مىڭىسىگە يەنەبۇئىش كىرىۋالدى .ھېچ ئىشخوش ياقمايتتى كۆڭلى ھېشنىمىنى تارتمايتتى.ئۆزى تولىمۇ بىئارام ھەم پاراكەندە ئىدى .ئوغلىنىڭ بۇھالىنى كۆرگەن نۇرخان دەستۇرخاندا ئۇنىڭغا سۆزئاچتى
نىم بولدۇڭ شۈمشىيىپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭغۇ ؟
ئەلىي پىيالىدىكى چايغاقاراپ شۇئىشنى ئويلاپ داڭ قېتىپ قالغان ئىدى ئۇنىڭ قولىقىغا ئانىسىنىڭ گېپىمۇ كىرمەيتتى .
ھەيييي  ساڭا نىمبولدى دەپ ئۈنلۈك ۋاقىردى نۇرخان ئەلىيگە
ھە  ھىم ھېچ ھېچنىمە بولمىدى دىدى ئەلىي چۆچۈپ
كۆڭلۈڭدە بىر ئىشبار سەن مەن بىمەيدىغان بالا ئەمەس قېنى نىمە گەپ بولسادىمەمسەن
دىدىمغۇ ھېچ ئىشيوق كىچىدىن ئوبدان ئۇىلىيالماپتىمەن دىگەچ قەستەن ئەسنەپ قويدى ئەلىي
ئەمىسە بىرە قىزتاپتىڭمۇ داداڭ تويۇڭنى مۇشۇ ئاي ئىچىدە قىلىۋىتىمىز دەيدۇ ،بولساڭ چاققان بول بولمىسادىگىنىمىزگە كۆن دىدى نۇرخان كەسكىن تەلەپپۇزدا
ئانابىر ئىش بار ساڭا دىمىسەم بولمىدى  ،ئەلىي ئۆزىمۇ بىلمەي  قارارسىزلا ھېلىقى ئىشنى ئانىسىغادىمەكچى بولدى ئەليئانىسىدىن ئانچە ئەيمەنمەيتتى دەيدىغان گەپنىڭ ھەممىسىنى ئانىسىغا دەييتى ئانىسى دادىسىغا يەتكۈزەتتى پۇل لازىم بولسىمۇ ئانىسىغادەيتتى ئانىسى دادىسىدىن ئېلىپ بىرەتتى ،ئۇدادىسىدىن بەك قورقاتتى ھەم بەك ھۆرمەتلەيتتى
ھە قېنى نىمەگەپتى ؟ئالدىراتتى نۇرخان
ئانامەن بىرسى بىلەن ھىم  ئاخىرىنى دىيەلمىدى
نىمە يۈرۋاتامسەن دىدى نۇرخان ئەلىيگە تىكىلىپ
ھە --دىدى ئەلىي پەس ئاۋازدا
ھە مۇنداق دە ئۇنىڭ ئۆيىنەدە ئىكەن ئۆزى نىمىشقىلىدىكەن دىدى خۇشال بولغاندەك
ئانا لىكىن ئۇ ...ھىم
قانداقكەن تىلىڭنى چاينىمايدىمەمسەن ئادەتتە بۇنداق مىسىلدىمايتتىڭغۇ
ئۇ --- تويقىلغان ئىكەن دىدى ئەلىي پەس ئاۋازدايەردىن كۆزىنى ئۈزمەي
نىمە  --ھەي ئۆزۈڭنى تاپ دىسە ئۆتەپ تېشىپ توي قىلىپ بولغان بىرسىنى تاپتىڭمۇ سىنىڭ كۆڭلۈڭ نەكەتتى دەپ چالۋاقاپ كايىپ كەتتى
ئەلي ئانىسىنىڭ تاپاتەنىسىدىن ئاران قۇتۇلۇپ ئۆيدىن قېچىپ چىقتى
تويە خوتۇنغادەيتتى ئۇ ئۆز ئۆزىگە تېخى بۇيىدابارلىقىنى دىمىدىم ئۇنى بىلسە نىمبوپ كىتەر ھەيي قانداق قىلىشىم كىرەك ئەلىينىڭ بېشى بۇھاياتىدا مۇنچىلىك قېتىپ باقمىغان ئىدى .
ئەلىي ئاغىنىسى تۇرسۇننى ئىزلىدى ھەم بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغائېيتتى
ھە  ئۆيلىنىشتە ھەممىمىزنىڭ كەينىدە قالغان ئىدىڭ مانا ئەمدى بىردەمدە بىربالىغا دادابۇلۇپ قاپسەن دىگىنە دىدى تۇرسۇن ھىجىيىپ
ھەي مەنسىنىڭ بۇسېسىق گېپىڭنى ئاڭلىغىلى كەلمىدىم ئامال بولساكۆرسەتسەڭچۇ ؟
تۇرسۇن تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ سەل ئويلانغاندىن كىيىن مۇنداق قىلئاداش ماينۇر مەن بىلمەيدىغان قىزئەمەس ئۇبىر تولاخوتۇننىڭ قىزى ئۇنىڭ مەخسىدىمۇ يۇمشاقباشتىن بىرنى تېپىپ تىگىۋېلىشمىكىن دەيمەن تېلفونىڭنى ئەت سىرتلارغائازچىق ياكى چىقما شۇنداق قىلىپ بىرمەزگىل يوقاپ كەت راس ئۇ ئۆيۈڭنى بىمەيدىغاندۇ ؟دەپ سورىدى تۇرسۇن
ياق بىلمەيدۇ شۇنداق قىلسام بولارمۇ ؟دىدى ئەلىي ئىككىلىنىپ بىرقارارغاكىلەلمەي
نىمىس بومىغۇدەك ئەجەبا شۇبۇزۇقنى ئالاي دىگەنمىدىڭ ئۇنىڭ شۇكەمگىچە قانچىلىغان يىگىتلەرنى ئازدۇرغىنىنى كىم بىلمەيدۇ .
تۇرسۇننىڭ بۇزۇق دىگەن بۇسۆزى ئەلىيگە ئانچە خوشياقمىدى بۇيەردە بۇلۇنغان پاراڭلاردىن ئەلىينىڭ ماينۇرغا ئىچ ئاغرىپ قالدى
شۇنداق قىلمايمۇ نىمە ئامال ئۇبالىنى ئالدۇرۇشقا زادىلاقوشۇلمىدى .....
دىدىمغۇ ئۇنىڭ مەخسىدى پەقەت لاساڭاتىگىۋىلىش
ئەلىي تۇرسۇن بىلەن خوشلىشىپ ئۆيگە كىلىپ تېلېفوننى ئەتتى سىرتلارغىمۇ چىقماسلىق قارارىنى قىلدى ئۇتەشۋىشلىنەتتى كۆڭلى پاراكەندە ئىدى ھەم ئازاپلىناتتى ئۇ ئۆزىنى خۇددى جىنايەتچىدەك سىزەتتى ،شۇنداق قىلىپ ئۆيدىن تالاغاچىقماي بەشكۈن  تولىمۇ تەسلىكتە ئۆتۈپكەتتى بەشكۈن جەريانىدا ئەلىي بۇئىشنىڭ بېسىمىدىن بىر ئازيىنىكلەپ قالدى ئالتىنجى كۈنى ئۇ بىرنەچچە ئاغىنىلىرىبىلەن سىرتقاچىقىپ كىتىۋاتاتتى ،قۇلاق تۈۋىگە تەككەن مۇشتىن ئۇ يېقىلىپ چۈشكىلى تاسقالدى ئەلىي تۇيۇقسىز بولغان بۇزەربىدىن ئايلانغاندەك بۇلۇپ بېشى قېيىپ كەتتى
ئەلىيبىلەن تەڭتۇش بىرسى ئەلىيگە ئېتلىپ كەلدى بۇيەردە يەنە سېمىز پاكاركەلگەن ئوتتىراياشلىق بىر ئايال ئۇنىڭ قېشىدا ماينۇرمۇ تۇراتتى ،ماينۇر ئىككى قولىدا يۈزىنى تۇتۇپ ئاكائۇنداق قىلمادەپ ۋاقىرايتتى .
مۇشۇھەزىلەك شۇمىدى ھۇ سولامچى كىمنى بوزەك قىلماقچىدىڭ دەپ ئەلىينىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ يۈزكۆزىگە بىرنەچچە مۇش سېلىۋەتتى ،ئاغىنىلەر ئىككەيلەننى ئاجرىتىپ ھېلىقى يىگىتنى تۇتىۋالدى ھېلىقى سېمىز ئايال ماينۇرنىڭ ئانىسى ئىدى ئۇئەلىينىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ قولىنى شىلتىپ
ھەي ھەزىلەك بىزنى نىمە كۆرۈپ قالدىڭ ئۆزۈڭچە يوقاپكىتىپ بۇئىشتىن قۇتۇلماقچىمىدىڭ قاراپ تۇرسىنى قانداق تويغىزىمەنكىن ئانا بولدىقىل دىدى ماينۇر ئانىسىنىڭ قولىغا ئېسىلىپ
ئاغزىڭنى يۇم پاسكىنا ئارلاشقان نىمەڭ شۇنچىلىكمىدى دەپ ماينۇرنىمۇ ئۇرغىلى تاس قالدى ،ئەتراپقا بورتوپ كىشىلەر ئولاشتى ئەلىي بولسا ساقچىنىڭ ئالدىدىكى جىنايەتچىدەك يەردىن كۆزىنى ئۈزمەي ئايالنىڭ ئىزا ئاھانەتلىرىنى ئاڭلىماقتا ئىدى .
ھەي ھېجىقىز قىلغان ئىشىڭغا ئىگە بولمايدىغان بولساڭ ھېلىقى بىرنىمەڭنى تۈۋىدىن كىسىۋىتىمەن قاراپ تۇر .ئايال ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەربىلەن ئەلىينى تىللاتتى ھېچ توختايدىغان دەك ئەمەس ئىدى .ئاغىنىلەر چىرايلىق گەپلەربىلەن ئۇلارنى ئاجرىتىپ ئايالغاچىرايلىق سۆزلەربىلەن تەسەللىي قىلىپ جىدەلنى بېسىقتۇرۇپ بۇيەردىن ئاران كىتىۋالدى .ئەلىي ئاغىنىلىرى ئالدىدابۇسەتچىلىكتىن ئاسمان يىراق يەرقاتتىق كەلگەن ئىدى
تويەخوتۇنغادەيتتى ئۇ ئۆزئۆزىگە
ھەي باللا بىريەرگە بېرىپ ئولتۇرساقچى دىدى ئەلىي ئاچچىقىدا
ئاغىنىلەر مەسلىھەت لىشىپ ھەممىسى قاۋاققا ماڭدى
ئەلىي بۇلىشىغا ئىچىپ مەس بۇلۇپ بىركۈن بولسىمۇ ھەممىنى ئۇنتۇپ ئارامخۇدا ئۇىلىماقچى ئىدى،لىكىن خېلى ئىچىپ باقسىمۇ ھېچ مەس بولىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ،كاللىسىدىن پەقەت ھېلىقى ئىشكەتمەيتتى
ئىچىشىش يېرىم كىچىىچە داۋام قىلدى ئاغىنىلەرھەممىسى مەس ئىدى
ھېلىقى سولامچى قاراپ تۇر ھامان بىر كۈنى چالائۈلۈك بولغىچە سالمىسام خەپ دىيتتى ئەلىي كىكەچلەپ
ھە سالىمىز شۇۋاقتتامىنىمۇچاقىرۋال جۇمۇ كۆرمىدىڭمۇ ھېلىقى قېرىنىڭ ھەممىمىزنى ھەزىلەك دەپ تىللىغىنىنى دەيتتى يەنەبىرەيلەن
مەسلەر ئالا جوقى پاراڭلاربىلەن قايتىشىتى ،
ئەتىسى ئەلىينىڭ يۈكۆزىنى كۆرگەن نۇرخان  ھەي ئۆل بادىر يۈكۆزۈڭگە نىم بولدى كىمدىن تاياق يىدىڭ دەپ ئەلىينى سورققاتارتتى ،ئەلىي ئەمدى ئامالسىز ئىدى ئۇ بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئانىسقادىيىشنى ئويلىدى
بۇئىشتىن خەۋەرتاپقان قاسىماخۇن ئوغلىنىڭ بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرگىنىنى ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كەلتۈرمەيتتى .
ھەرقانچە بولسىمۇ مەن سىنى بۇنداق مەينەت ئىشلارنى قىلىپ يۈرىيدۇ دەپ ئويلىماپتىمەن ،سەندەك نىمىنى باققىچە ئىتتىن بىرنى باقسامچۇ ئەلە مەھەللە ئالدىدا يۈزنى پوق ئەتتىڭغۇ سەن دەپ ئەلىينى تىللىماقتائىدى ،چوپ چوڭ بوپقالغاندا تىللىماي دىگەن سىرى ئۆزۈڭنى بىلمىدىڭ گەپقىلە نىمەڭگە نىمەيەتمىدى شۇكەمگىچە سىنى بىر ئىشقىلدىدىممۇ پۇل دىسەڭ پۇلدىن سىنى قىستىممۇ كومپىيووتىر دىدىڭ ھەممەنىمەڭنى تەلقىلىپ بەرسەممۇ ماڭاقىلغىنىڭ مۇشۇما .....ئۆيلەپ تويۇڭنى قىلايلى دىسەك بىرنىمىلەرنى دەپ ئارقىغاسۈردۈڭ بولدى مىنىڭ سىنىڭدەك ئوغلۇم يوق چىق كۆزۈمدىن يوقال ..........قاسىماخۇن ئەلىينى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئەلىينى مۇنچىلىك قاتتىق تىللىشى ئىدى قاسىماخۇننىڭ يۈرى ئېچىشاتتى نۇرخان ئەلىينى توۋلىدى ئەلىي يۈگۈرگەن پېتى ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .
ئەلىي نىمە قىلىشنى بىلمەيتتى ئۇنىڭ كاللىسى قۇپقۇرۇق قاپاق ئىدى .ئۇئخىتىيارسىز قاۋاققا ماڭدى بۇلىشىغا ئىچتى كۈپكۈندۈزدە ئۇكوچىلاردا مەس ئەلەس يۈردى ،تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئىسىگە تۆنۈگۈن ئۇنى ئۇرغان ماينۇرنىڭ ئاكىسىكەلدى ھەم ئاچچىقىداغەزەپتىن يېرىلغۇدەك بۇلۇپ  ئۇنىڭ بىلەن دىيىشمەكچى بولۇپ دەلدەڭشىپ ماينۇرنىڭ ئۆيى تەرەپكە ماڭدى .
ئەلىي ماينۇرنىڭ ئىشكىگە كۈچەپ تەپتى  ھەم ھەي سپلامچى نوچى بولساڭ بۇياققاچىق دەپ توۋلايتتى
ئۆيدىن ماينۇرنىڭ ئانىسى ۋە ماينۇرچىقتى
ۋوي نوچىغۇ سەن تېخى مەسكىلىپ مەن بىلەن جىدەللەشمەكچىمۇ سەن ،قاراپ تۇر كەلگەنگە تويغۇزمىسام
بىرتوپ قۇلۇم قوشنىلار ئۆينىڭ ئالدىغا ئولاشتى
تازابىر تايىقى كام سولتەككەن قارا تېخى مەسكىلىپ خەقنىڭ ئۆيىگە بۆسۈپ كىرىپ ئۇرۇشماقچى بولغىنىنى دەيتتى كىشىلەر
ھەي قېرى جالاپ ماڭ نوچى بولساڭ ئوغلۇڭنى چاقىر دەپ قولىنى شىلتىپ ماينۇرنىڭ ئانىسىنى تىللاشقا باشلىدى ئەلىي
ئايال ئوغلىغاتېلېفون قىلدى ئانچە ئۇچۇن ۋاقىت ئۆتمەي ماينۇرنىڭ ئاكىسى موتوسىكىلىتنى ئوقتەك ھەيدەپ يىتىپ كەلدى
قايسى كۈنى تايىقى كام قالغان بۇسولامچىنىڭ ئەمدى ئۆينىڭ ئالدىغا ئۆزۈڭ كەپسەندە دىگىنىچە ئەلىينىڭ ياقىسىدىن ئالدى ئەلىي شۇپەيتتە ئۇنىڭ قورسىقىغاتىزلىدى قورسىقىنىڭ ئاغرىقىدىن ئىڭىشكەن چېغىدا يۈزىگىمۇ بىرنى تىزلىدى مەسچىلىكتە ئۇ تولىمۇ يىنىك ھەم كۈچ تۈڭگۈر بۇلۇپ كەتكەن ئىدى .
قايسى كۈنى گەپقىلمىسام ئەجەپ نوچىدڭغۇ سەن قېنى ئەمدى ئاتەمۇشتۇڭنى ئەلىي شۇنداق دىگىنىچە ئۇنىڭغا ئېتىلدى شۇئارىنىڭ ماينۇرنىڭ ئانىسى ئەلىنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئۇنىڭغايامىشىۋالدى ئانغىچە ئوغلى ئۆزىنى ئوڭشال بېقىنىغاقىستۇرۇلغان پىچاقنى ئېلىپ ئەلىيگە ئېتىلدى
كۆكسىگە تىقىلىشئۈچۈن كېلىۋاتقان پىچاقنى كۆرگەن ئەلىي چېچىنىڭ يۇلىنىشىغاقارىماي ئايالدىن ئاجراپ پىچاقنىڭ بىسىدىنلا تۇتىۋالدى ،پىچاق ئەلىينىڭ قولىنى كىسىۋەتكەچكە ئىككى قول ئارىسىدىن قىپقىزىل قان تانچىلىماقتا ئىدى ئايال نىمىلەرنىدۇ دەپ ۋاقىرايتتى لىكىن ئىككەيلەننىڭ قولىقىغا ھېچنىمەكىرمەيتتى ،ئىككەيلەن باركۈچى بىلەن پىچاقنى تالىشىۋاتاتتى ئەلىي پىچاقنىڭ بېسىدىن تۇتقاچقا ئۇپىچاقنى تارتىشقا ئانچە كۈچىيەلمەيتتى قارشىتەرەپمۇ تەلۋىلەشكەن ئىدى ئۇنىڭدىن پىچاقنى تارتىۋىلىشقا كۆزىيەتمىگەن ئەلىي بىرقولىداپىچاقنى تۇتۇپ تۇرۇپ قان ئېقىپ تۇرغان يەنە بىر قولىبىلەن قارشىتەرەپنىڭ كۆزىگە كۈچەپ بىرمۇش ئاتتى ئا توۋلىغان پېتى پىچاقنى قويىۋېتىپ ئىككى قولىبىلەن كۆزىنى تۇتۇپ تىزلىنىپ قالدى ،بۇئىشلارنى كۆرۈپ تۇرغان ئايال ئەلىيگە يەنە ئېتىلدى ئايالنىڭ قولى ئەلىينىڭ گېلىنى سىقماقتا ئىدى ھەدەپ ئەلىينى تىللايتتى
قۇلۇڭنى تارت قېرى جالاپ دەپ ئەلىيمۇ ئايالنىڭ گېلىنى سىقماقچى بولۇپ قولىنى ئايالنىڭ بوينىغا ئۇزاتتى لىكىن پىچاق ئەلىينىڭ قولىدىن بۇرۇن ئايالنىڭ كانىيىغاكىرىپ كەتتى...........
كوچىنى ساقچى ماشىنى ۋە ساقچىلار قاپلىدى نەخمەيدان شۇپېتى قوغدالدى ئايال قانغامىلەنگەن پېتى ئىشىك ئالدىداياتاتتى ،ماينۇرئاللاقاچان ھۇشىدىن كىتىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىتىلگەن ئىدى .......
قاسىماخۇننىڭ ئۆيىگە ئىككى ساقچى كىرىپ كەلدى ساقچىلارنى كۆرگەن نۇرخاننىڭ يۈرىكى قارت قىلىپ قالدى
قاسىماخۇن دىگەن سىلىمۇ ؟دەپ سورىدى بىر ساقچى
ھە مەن شۇ نىمە ئىش بولدى؟ دەپ سورىدى قاسىماخۇن جىددىيلىشىپ
ئوغۇللىرى ئەلىي قولغائېلىندى كىلەرھەپتىنىڭ بىرىنجى كۈنى سوت ئېچىلىدۇ چوقۇم بېرىڭ دىگەچ قاسىماخۇنغابىر ۋاراقچىنى تەڭلىدى
قاسىماخۇن جددىيلىكتىن سوقىۋاتقان يۈرىكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ سورىدى ئۇنىمە ئىشقىپتۇ ؟
ساقچىلاربىربىرىگە قاراشتى ھەم ۋاراقچىغا ھەممىسى يېزىلغان ئەمىسە دۈشەنبەكۈنى چوقۇم باراسىزدىدىدە كىتىپ قالدى
قاسىماخۇن تۇرخان جايىدا قېتىپ تۇرۇپ قالدى ھەتتا ساقچىلارنى ئۇزۇتۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان ئىدى
جىمجىتلىقنى نۇرخان بۇزدى ۋاي ئىسىت بىچارە بالا نىمە ئىشقىلىپ قويغاندۇ دەپ يىغلامسىرغان ھالدا ۋاراقچىنى قولىغائېلىپ مۇنۇخەتلەرنى ئوقىدى
جاۋاپكار ئەلىي ھاراق ئىچىپ ئادەم ئۇرۇپ قاتىللىق قىلغانلىقى ئۈچۈن 8-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 2د ە قولغائېلىندى
بۇخەتلەرنى ئوقىۋېتىپ نۇرخاننىڭ يۈرىكىگە يىڭناسانجىلغاندەك بۇلۇپ كۆزى قاراڭغۇلىشىپ يېقىلدى ....
ئەتىسى مەسچىتتە ئىككى مىيىت نامىزى ئوقۇلدى بىرى ماينۇرنىڭ ئانىسى يەنەبىرى ئەلىينىڭ ئانىسى ئىدى نۇرخان مىڭىسىگە قان چۈشۈپ ھەم يشۇرۇن يۈرەككىسىلى بىلەن ۋاپات بولغان ئىدى ..........
دۈشەنبە سوت مەيدانى ھۆكۈم ھېلان قىلىندى
جاۋاپكار ئەلىي ھاراق ئىچىپ ئادەم يارلاندۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بۆسۈپ كىرىپ قاتىللىق قىلغانلىقى ئۈچۈن جىنايىجازاقانۇنىنىڭ  (  ) ماندىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن سىياسى ھوقوقىدىن مەڭگۈ ئېلىپ تاشلىنىپ 25يىللىق قاماق جازاسى بىرىلدى
جاۋاپكارنىڭ يەنە ئادۇكات تەكلىپ قىلىش ياكى ئالى سوتقا قايتا ئەرىز قىلىش ھوقوقى يوق ھۆكۈم بۈگۈندىن تارتىپ كۈچكە ئىگە

ئاپتور : شىۋاس 1-



ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
زامانى + 222 ئېسىل ئەسەر....
ئەركەم + 300 ياخشى ئەسەر

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 522   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31008
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1486
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 437 سائەت
تىزىم: 2011-2-19
ئاخىرقى: 2011-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 09:25:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھازىرچە ئىنكاس يىزىپ تۇرۇپ كەچتە ئالدىرماي ئوقۇۋالاي!

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 654
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5458
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 4590 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 09:31:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇفففففف! تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم! ئىملا خاتالىقىنى ھېساپ قىلمىغاندا، بەك ياخشى، تەسىرلىك ئەسەر ئىكەن!
ئەگەر راس يۈز بەرگەن ئىش بولسا، بەك ئېچىنىشلىق ئىش بوپتۇ، خەپ! ئاۋۇ ماينۇر دىگەن بۇزۇققا ھەجەپمۇ ئاچچىقىم كەلدا، مۇشۇ  غىت قىسىپ يۈرمىگەن نىمىلەرنى كۆرسەم، قۇيقا چېچىم تىك تۇرىدۇ مىنىڭ!  ئەقىل ھوشى نەگە كېتىدىغاندۇ دەيمەن مۇشۇ باللارنىڭ !

تېخى توي قىلمىغان يىگىت قىزلار بولساڭلار ئىبىرەت ئىلىڭلار بۇ ھېكايدىن!

قىزلارغا نەسىھىتىم، ئەگەر ياتلىق بولۇشتىن ئىلگىرى پاكىز، ئەدەپ ئەخلاقلىق بولۇپ يۈرۈپ، ئىپپىتىڭىزنىلا ئەمەس بەلكى بارلىق روھى ۋە جىسمانى ئىززىتىڭىزنى پاك تۇتسىڭىز، سىز ياتلىق بولغان يىگىتنىڭ سىزنى قانچىلىك ئىززەتلەپ، چوڭ بىلىدىغانلىقىنى، سىزنى قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرۈپ كېتىدىغانلىقىنى شۇ چاغدا بىلىپ قالىسىز! تېخى ئېرىڭىزنىڭ ئالدىدا گېپىڭىزمۇ چوڭ بولىدۇ!    سزنىڭ پاكلىقىڭىز- سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختىڭىز!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

يۇرتۇمنى سۇيمەن.

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13631
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5146
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 6390 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2011-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 10:37:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر تۇرمۇشتا مۇنداق ئشلار بەك كۆپمۇ نېمە؟!بىلمىدىم  مۇنداق ۋەقەلەرنى تولا ئاڭلاپ كېتىۋاتىمەن ،ئىسىت ياشلىق،

مۇساپىر بولمىغىچە مۇسۇلمان بولماس

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1969
يازما سانى: 1682
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14792
تۆھپە نۇمۇرى: 478
توردا: 3886 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-2-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 10:42:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي توۋا ........جەميىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئىللەتلەر بۇ .....
ئەجەپ بىر قىسما بۇلۇپ قالدىم . غۇرۇر ، ۋىجدان نەگە كىتىۋاتقاندۇ ؟

http://blog.sina.com.cn/esma88

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40780
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 85
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2011-5-15
ئاخىرقى: 2011-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 11:08:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ. يانا شۇ ھاراقتىن ،شەھۋەتخورلۇقتىن چىققان ئاقىۋەت.

ئاللادىن قورقىم

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35032
يازما سانى: 896
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8628
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 3601 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 12:09:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەممە ئىشنى بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ باشلايمەن.

مەرەز

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45999
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 846
تۆھپە نۇمۇرى: 199
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2011-6-28
ئاخىرقى: 2011-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 12:11:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ماڭا گەپ قىلماڭلار .

مەرەز

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45999
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 846
تۆھپە نۇمۇرى: 199
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2011-6-28
ئاخىرقى: 2011-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 12:13:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ماڭا گەپ قىلماڭلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36980
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1278
تۆھپە نۇمۇرى: 117
توردا: 1261 سائەت
تىزىم: 2011-4-9
ئاخىرقى: 2012-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 01:25:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈيدۈك  پۇراپ  يۈرگىچە،ئاتا-ئانىسنىڭ  مەسلىھەتىگە  كىرسە   بولمامدۇ  ئاۋۇ  نادانمۇ؟ بىردەملىك  ھاۋايى-ھەۋەسكە 25  يىللىق  ئەركىنلىكنى  تىگىشىشكە  ئەرزىمدۇ؟
ئى  ئاللاھ  بارچە  قېرىنداشلىرىمىزغا  ئىنساپ،تەۋپىق-ھىدايەت  ئاتا  قىلغايسەن !!! ئىپپەتلىك  قىلغايسەن!!! ئامىن !!!

قەلىب قۇلىقىڭ بىلەن ئاڭلا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش