ئەگەر ئۆزىڭىزنى مۇسۇلمان دەپ ئىتراپ قىلسىڭىز ...تەقدىرگە شەكسىز ئىشىنىڭ ... ناۋادا تەقدىر توغرىسىدا شەك قىلىپ قالسىڭىز ئىمانىڭىزغا چوڭ نۇقسان يىتىدۇ ھەتتا ئىماندىن چىقىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن ...
سوئالىڭىزغا جاۋاب بەرسەم ...
ھەم ئۈمۈدۋار بولۇش كېرەك شۇنىڭدەك تەقدىرگە شەكسىز ئىشىنىش كېرەك ...
ئۈمۈد دېگەن نىمە ؟
تەقدىر دېگەنچۇ ؟
ئۈمۈد دېگىنىمىز ... ئىشلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولىشىنى تەمەننا قىلىش .
تەقدىر دېگىنىمىز ... كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلار .
ھەر ئىككىلىسى كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ، ئىنسان بىلمەيدىغان ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئەلۋەتتە ئىنسان كەلگۈسىدە قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . لېكىن ھەممىنى ياراتقان زات ئاللاھ بىلىدۇ ...
ئۇنداقتا تەقدىرگە قانداق ئىشىنىمىز ؟
ئاللاھ تائالا كەلگۈسىدە قانداق ئىشلارنىڭ يۈزبېرىدىغانلىقىنى ، ھەر بىر ئىنساننىڭ قانداق ئىشلارغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ ... دەپ تەقدىرىمىزنى ئاللاھ تائالانىڭ ئوبدان بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز .
ئۈمۈد قانداق بولىدۇ ؟
ئاللاھ تائالا مۇنداق -مۇنداق ئىشلارنى قىلغان كىشىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان ، بىز شۇئىشلارنى ئاللاھ تائالانىڭ مۇكاپاتىنى ئۈمۈد قىلىپ تۇرۇپ قىلىمىز ، يەنى مەن مۇشۇ ئىشلارنى قىلسام ئاللاھ چوقۇم مېنى مۇكاپاتلايدۇ دەپ ئۈمۈد قىلىپ تۇرۇپ قىلىمىز ... مانا بۇ ئۈمۈد ...
ئەمەلىيەتتە تەقدىر بىلەن ئۈمۈد ھېچ قاچان زىت مەسىلە ئەمەس ... بۇ پەقەت ئۇقۇمدىكى زىدىيەت ... ئۇقۇم ئايدىڭ بولغاندا زىديەت ئۆزلىكىدىن ھەل بولىدۇ ... بولسا ئىسلام ھەققىدىكى چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇڭلا ... ئەلۋەتتە ئۇ كۆپرەك شۇ ھەقتە يېزىلغان كىتابلارنى كۆرۈش ئارقىلىق چوڭقۇرلىشىدۇ ... توردا بۇ ھەقتىكى ماتىرياللار ساماندەك تۇرۇپتۇ ...
تۆۋەندىكى يازمىدا تەقدىر توغرىسىدا خېلى ئەتراپلىق مەلۇمات بار ... خالىساڭلا كۆرۈپ بېقىڭلا ، تەقدىرگە بولغان چۈشەنچەڭلا ئايدىڭلىشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ...
http://bbs.bilik.biz/viewthread. ... e&tid=10899